مەتتا كىتابى
5 ئەيسا پەيغەمبەر بىر توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ تاققا چىقتى ۋە شۇ يەردە ئولتۇردى. شاگىرتلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. 2 ئۇ ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى:
3 «ئۆزىنىڭ خۇداغا بولغان موھتاجلىقىنى تونۇپ يەتكەنلەر نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا پادىشاھلىقى* ئۇلارنىڭدۇر.
4 غەم-قايغۇغا پاتقانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، ئۇلار تەسەللىگە ئېرىشىدۇ.
5 مۇلايىم بولغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، ئۇلار يەر يۈزىنى مىراس ئالىدۇ.
6 ئادالەتكە تەشنا بولغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا ئۇلارنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرىدۇ.
7 كەچۈرۈمچان* بولغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، ئۇلارمۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
8 قەلبى پاك بولغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، ئۇلار خۇدانى كۆرىدۇ.
9 تىنچلىقپەرۋەرلەر نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، ئۇلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى* دەپ ئاتىلىدۇ.
10 ئادالەت ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا پادىشاھلىقى ئۇلارنىڭدۇر.
11 مەن ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ھاقارىتى، زىيانكەشلىكى ۋە تۈرلۈك يالغان-ياۋىداق تۆھمەتلىرىگە ئۇچرىساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! 12 خۇشال بولۇپ، شاد-خۇراملىققا چۆمۈڭلار، چۈنكى ئاسماندا سىلەرنى زور مۇكاپات كۈتىۋاتىدۇ. ئۇلار سىلەردىن ئىلگىرى كەلگەن پەيغەمبەرلەرگىمۇ شۇنداق زىيانكەشلىك قىلغان.
13 سىلەر يەرنىڭ تۇزىسىلەر. ئەمما، تۇز ئۆز تەمىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا تەم كىرگۈزۈش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا بولىدۇ؟ ئۇ پەقەت سىرتقا تاشلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا قېلىشتىن باشقا ھېچنەرسىگە يارىمايدۇ.
14 سىلەر دۇنيانىڭ نۇرىسىلەر. تاغ ئۈستىگە سېلىنغان شەھەرنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدۇ. 15 چىراغنى يېقىپ، بىر قاچىنىڭ ئاستىغا قويمايدۇ، بەلكى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ ۋە چىراغ ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى يورۇتىدۇ. 16 خۇددى شۇنىڭدەك، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلار ئىنسانلار ئالدىدا چاقنىسۇنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرىڭلارنى كۆرۈپ، ئاسماندىكى ئاتاڭلارنى ئۇلۇغلىسۇن.
17 مېنى تەۋرات قانۇنىنى ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىنى بىكار قىلغىلى كەلدى دەپ ئويلىماڭلار. مەن ئۇلارنى بىكار قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى كەلدىم. 18 سىلەرگە ھەقنى ئېيتىپ قويايكى، ئاسمان بىلەن زېمىن يوق بولۇپ كەتسىمۇ، تەۋرات قانۇنىنىڭ بىر كىچىك ھەرىپى، ھەتتا بىرەر چېكىتى يوقالمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇنىڭدا يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 19 شۇڭا، كىمكى بۇ بۇيرۇقلارنىڭ ئەڭ كىچىك بىرىنى بۇزسا ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتسە، خۇدا پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ. لېكىن، كىمكى بۇ بۇيرۇقلارغا بويسۇنسا ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتسە، خۇدا پادىشاھلىقىغا كىرەلەيدۇ. 20 شۇڭا سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر سىلەرنىڭ ئىشەنچىڭلار تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك بولمىسا، سىلەر خۇدا پادىشاھلىقىغا ھەرگىز كىرەلمەيسىلەر.
21 ئۆتمۈشتە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ‹قاتىللىق قىلما، كىمكى ئادەم ئۆلتۈرسە، سوتقا تاپشۇرۇلۇپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ› دېيىلگەنلىكىنى ئاڭلىغانسىلەر. 22 لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، كىمكى قېرىندىشىغا ئاچچىقلىنىپ يۈرسە، سوتقا تاپشۇرۇلۇپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. كىمكى قېرىندىشىنى يامان گەپ-سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىسە، سوتقا تاپشۇرۇلۇپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. كىمكى قېرىندىشىغا ‹دۆت ئەخمەق› دېسە، كۆيۈپ تۇرغان گەھەنناغا* تاشلىنىدۇ.
23 ئەگەر سەن قۇربانلىقىڭنى قۇربانگاھ سۇپىسىغا* ئېلىپ كەلگەندە، بىر قېرىندىشىڭنىڭ سەندىن خاپا ئىكەنلىكى يادىڭغا كەلسە، 24 قۇربانلىقىڭنى قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدا قويۇپ، بېرىپ ئاۋۋال قېرىندىشىڭ بىلەن يارىشىۋالغىن. ئاندىن كېلىپ قۇربانلىقىڭنى سۇنغىن.
25 ئەگەر بىرى سېنىڭ ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلماقچى بولسا، دەرھال سوتقا ماڭغان يولدىلا ئۇنىڭ بىلەن كېلىشمەسلىكنى ھەل قىلغىن. بولمىسا، ئۇ سېنى سوتچىغا، سوتچى ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغۇچىغا تاپشۇرۇپ، شۇنىڭ بىلەن زىندانغا تاشلىنىسەن. 26 شۇنى بىلىپ قويغىنكى، ئاخىرقى بىر تىيىننى تۆلەپ تۈگەتمىگۈچە، زىنداندىن ھەرگىزمۇ چىقالمايسەن.
27 سىلەر ‹زىنا قىلما› دېگەن ئەمرنى ئاڭلىغان. 28 لېكىن، مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، كىمكى بىر ئايالغا كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ، شەھۋانىي ئوي-خىيالدا بولسا، ئاللىقاچان كۆڭلىدە زىنا قىلغان بولىدۇ. 29 شۇڭا، ئوڭ كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلاۋەت. چۈنكى، بىر ئەزايىڭدىن ئايرىلىش پۈتۈن بەدىنىڭ گەھەنناغا تاشلانغاندىن ياخشىراقتۇر. 30 خۇددى شۇنىڭدەك، ئوڭ قولۇڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلاۋەت. چۈنكى، بىر ئەزايىڭدىن ئايرىلىش پۈتۈن بەدىنىڭ گەھەنناغا تاشلانغاندىن ياخشىراقتۇر.
31 بۇنىڭدىن باشقا، ‹كىمكى ئايالىدىن ئاجراشسا، ئۇنىڭغا ئاجرىشىش خېتىنى بەرسۇن› دېيىلگەنلىكىنى ئاڭلىغانسىلەر. 32 بىراق سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، كىمكى جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن* باشقا ئىشنى سەۋەب قىلىپ، ئايالىدىن ئاجراشسا، ئايالىنىڭ زىنا قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. كىمكى بۇ ئاجراشقان ئايالنى نىكاھىغا ئالسا، زىنا قىلغان بولىدۇ.
33 سىلەر يەنە ئۆتمۈشتە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ‹قەسەمنى بۇزما، يەھۋاغا بەرگەن قەسىمىڭنى چوقۇم ئورۇندىغىن› دېيىلگەنلىكىنى ئاڭلىغانسىلەر. 34 لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ھەرگىزمۇ قەسەم قىلماڭلار. ئاسماننى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ تەختىدۇر. 35 ياكى يەر-زېمىننى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ پۇت قويىدىغان جايىدۇر. يېرۇسالېمنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئۇ ئۇلۇغ پادىشاھ خۇدانىڭ شەھىرىدۇر. 36 ئۆز بېشىڭنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلمىغىن، چۈنكى سەن بىر تال چېچىڭنى ئاق ياكى قارا قىلالمايسەن. 37 ‹ھەئە› دېگەن سۆزۈڭلار ‹ھەئە› بولسۇن، ‹ياق› دېگەن سۆزۈڭلار ‹ياق› بولسۇن، بۇنىڭدىن ئارتۇقى شەيتاندىندۇر.
38 سىلەر ‹كۆزگە كۆز، چىشقا چىش› دېيىلگەنلىكىنى ئاڭلىغانسىلەر. 39 لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، يامانلىق قىلغۇچىلارغا قارشى تۇرمىغىن. بىر كىشى ئوڭ مەڭزىڭگە ئۇرسا، ئۇنىڭغا سول مەڭزىڭنىمۇ تۇتۇپ بەرگىن. 40 بىرى ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلىپ، كۆينىكىڭنى تارتىۋالماقچى بولسا، ئۇنىڭغا چاپىنىڭنىمۇ قوشۇپ بەرگىن. 41 ئەگەر ھوقۇقدار كىشى سېنى ئۆزى بىلەن بىر چاقىرىم يول يۈرۈشكە مەجبۇرلىسا، ئۇنىڭ بىلەن ئىككى چاقىرىم يول يۈرۈپ بەرگىن. 42 بىرى سەندىن بىر نەرسە سورىسا، ئۇنىڭغا بەرگىن. بىرى سېنىڭدىن پۇل قەرز* سورىسا، ئۇنىڭغا ‹ياق› دېمىگىن.
43 سىلەر ‹چوقۇم باشقىلارنى سۆيگىن ۋە دۈشمىنىڭنى ئۆچ كۆرگىن› دېيىلگەنلىكىنى ئاڭلىغانسىلەر. 44 لېكىن، سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، داۋاملىق دۈشمەنلىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. 45 شۇنداق قىلغىنىڭلاردا، سىلەر ئاسماندىكى ئاتاڭلارنى ئۈلگە قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى كۆرسىتەلەيسىلەر. چۈنكى، خۇدا قۇياشنى ياخشىلارنىڭ ۋە يامانلارنىڭ ئۈستىگە ئوخشاشلا نۇر چاچقۇزىدۇ، يامغۇرنىمۇ ياخشىلارنىڭ ۋە يامانلارنىڭ ئۈستىگە ئوخشاشلا ياغدۇرىدۇ. 46 ئەگەر سىلەر پەقەت ئۆزۈڭلارنى سۆيگەنلەرنى سۆيسەڭلار، قانداق مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر؟ باجگىرلارمۇ شۇنداق قىلىۋاتىدىغۇ؟ 47 خۇددى شۇنىڭدەك، پەقەت ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار بىلەن سالاملاشساڭلار، قانداقتۇ بىر ئالاھىدە ئىش قىلغان بولامسىلەر؟ يات مىللەت كىشىلىرىمۇ شۇنداق قىلىۋاتىدىغۇ؟ 48 شۇنداق ئىكەن، سىلەرنىڭ ئاسماندىكى ئاتاڭلار مۇكەممەل* بولغاندەك، سىلەرمۇ چوقۇم مۇكەممەل بولۇڭلار».