كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 221-‏ب.‏-‏222-‏ب.‏ 2-‏ئابز.‏
  • ھە‌زرىتى ئە‌يسا دېكابىردا تۇ‌غۇ‌لغانمۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ھە‌زرىتى ئە‌يسا دېكابىردا تۇ‌غۇ‌لغانمۇ؟‏
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 221-‏ب.‏-‏222-‏ب.‏ 2-‏ئابز.‏

قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھات

ھە‌زرىتى ئە‌يسا دېكابىردا تۇ‌غۇ‌لغانمۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئە‌يسانىڭ قاچان تۇ‌غۇ‌لغانلىقىنى بىزگە ئېيتىپ بە‌رمە‌يدۇ.‏ بىراق،‏ ئە‌يسانى دېكابىردا تۇ‌غۇ‌لمىغان دە‌پ خۇ‌لاسە قىلىشىمىز ئۈچۈن يېتە‌رلىك مە‌لۇ‌مات بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ.‏

ئە‌يسا تۇ‌غۇ‌لغان جاي بە‌يتلە‌ھە‌منىڭ دېكابىردىكى ھاۋا-‏كىلىمات ئە‌ھۋالى توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلىپ باقايلى.‏ يە‌ھۇ‌دىي كالېندارى كىسلېۋ (‏نويابىر/‏ دېكابىر ئايلىرىغا توغرا كېلىدۇ)‏ ئېيىدا ھاۋا سوغۇ‌ق ۋە يامغۇ‌رلۇ‌ق بولىدۇ،‏ ئاندىن كېيىن تېبېس (‏دېكابىر/‏ يانۋار)‏ ئېيى كېلىدۇ.‏ بۇ ئايدا بىر يىل ئىچىدىكى ئە‌ڭ تۆۋە‌ن تېمپېراتۇ‌را بولىدۇ.‏ ھە‌تتا تاغلىق رايونلاردا ئاندا-‏ساندا قار ياغىدۇ.‏ قېنى بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئاشۇ رايوننىڭ ھاۋا-‏كىلىماتى توغرىسىدا نېمە دە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌زرا پە‌يغە‌مبە‌ر كىسلېۋ ئېيىنىڭ ھاۋاسىنىڭ راستتىنلا سوغۇ‌ق ۋە يامغۇ‌رلۇ‌ق بولىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئە‌زرا پە‌يغە‌مبە‌ر:‏ توپ-‏توپ كىشىلە‌ر «توققۇ‌زىنچى [كىسلېۋ] ئاينىڭ يىگىرمىنچى كۈنى» يېرۇ‌سالېمغا جە‌م بولغاندا،‏ «خە‌لقنىڭ ھە‌ممىسى .‏.‏.‏ يامغۇ‌ر سە‌ۋە‌بىدىن تىترە‌ر ئىدى» دە‌پ بايان قىلغان.‏ جامائە‌تنىڭ ھە‌ممىسى مۇ‌شۇ پە‌سىلنىڭ ھاۋارايى توغرىسىدا سۆزلىشىپ:‏ «قاتتىق يامغۇ‌ر ياغقاچ تالادا تۇ‌رالمايمىز» دېيىشكە‌ن (‏ئە‌زرا 10:‏9،‏ 13؛‏ يە‌رە‌مىيا 36:‏22)‏.‏ دېكابىر يېتىپ كە‌لگە‌ندە،‏ بە‌يتلە‌ھە‌منىڭ ئە‌تراپىدىكى جايلاردا پادىچىلارنىڭ كېچىدە دالىدا تۈنىمە‌ي،‏ پادىلىرىنى ھە‌م سىرتتا قالدۇ‌رمايدىغانلىقى ئە‌جە‌بلىنە‌رلىك ئە‌مە‌س!‏

بىراق،‏ ئە‌يسا تۇ‌غۇ‌لغان ئاشۇ كېچە پادىچىلار دالىدا تۈنە‌پ پادىلىرىدىن خە‌ۋە‌ر ئالغان.‏ ئاشۇ ۋاقىتتا بە‌يتلە‌ھە‌مگە يېقىن «يۇ‌رتتا كېچىسى سە‌ھرادا يېتىپ ئۆز پادىسىنى ساقلاپ تۇ‌رغان پادىچىلار بار ئىدى» دە‌پ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان (‏لۇ‌قا 2:‏8–‏12)‏.‏ دىققە‌ت قىلساق،‏ ئاشۇ ۋاقىتتا پادىچىلار پە‌قە‌ت كۈندۈزىلا سىرتقا چىقىپ مېڭىپ يۈرگە‌ن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى دالىدا تۈنىگە‌ن يە‌نى ئۇ‌لار كېچىدە پادىلىرىنى دالىدا ساقلاپ خە‌ۋە‌ر ئالغان.‏ ئاشۇ تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن دالىدا تۈنە‌ش بە‌يتلە‌ھە‌منىڭ دېكابىردىكى سوغۇ‌ق ۋە يامغۇ‌رلۇ‌ق ھاۋا كىلىمات ئە‌ھۋالىغا ماس كېلە‌مدۇ؟‏ ياق،‏ ئە‌سلا ماس كە‌لمە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسا تۇ‌غۇ‌لغاندىكى مۇ‌ھىت،‏ شە‌رت-‏شارائىت ئامىلى ئۇ‌نىڭ دېكابىردا تۇ‌غۇ‌لمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏a

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئە‌يسانىڭ قايسى ۋاقىتتا ئۆلگە‌نلىكىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرىدۇ.‏ بىراق،‏ ئۇ‌نىڭ قاچان تۇ‌غۇ‌لغانلىقى توغرىسىدا ناھايىتى ئاز بىۋاسىتە كۆرسە‌تمە بېرىدۇ.‏ بۇ سۇ‌لايمان پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ مۇ‌نۇ سۆزلىرىنى ئە‌سكە سالىدۇ:‏ «ياخشى نام بىر ئە‌ۋزە‌ل بىلسان [خۇ‌شپۇ‌راق ماي]دىن ياخشىدۇ‌ر.‏ ئۆلىدىغان كۈن تۇ‌غۇ‌لغان كۈندىن ياخشىدۇ‌ر» (‏ۋە‌ز 7:‏1)‏.‏ شۇ‌ڭا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر تارقىتىشى ۋە ئۆلۈمى توغرىسىدا كۆپ تە‌پسىلاتلار بىلە‌ن تە‌مىنلە‌پ،‏ بىراق ئۇ‌نىڭ تۇ‌غۇ‌لغان ۋاقتى توغرىسىدا ناھايىتى ئاز تە‌پسىلات بىلە‌ن تە‌مىنلىشى ئە‌جە‌بلىنە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏

ئە‌يسا تۇ‌غۇ‌لغان كېچىسى،‏ پادىچىلار ئۆز پادىلىرى بىلە‌ن دالىدا تۈنىگە‌ن

a كۆپرە‌ك تە‌پسىلاتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نە‌شىر قىلغان «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسە‌ن ئە‌قلىي خۇ‌لاسە قىلىش» دېگە‌ن كىتابنىڭ 176–‏179-‏بە‌تكىچە قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش