33-ناخشا
ئۇلاردىن قورقماڭلار!
(مەتتا 10:28)
1. ئالغا باس! ئەي خەلقىم ۋەز ئېيت، تارقات شاھلىق خەۋىرى.
دۈشمەندىن قورقما قەتئىي، بىلدۈر كەمتەرگە ھەقنى؛
مەسىھ تەختتە ئولتۇرغاندا دۈشمەن يەرگە تاشلاندى،
شەيتان باغلىنىپ كەلگۈسى، تاپار ئىنسان ھۆرلۈكنى.
(قايتۇرما)
ئەي ئامراقلىرىم قورقماڭلار!
ھۇۋلىسا دۈشمەن شىردەك.
سادىق خەلقىمنى ئاسرايمەن
كۆزۈمنىڭ گۆھىرىدەك.
2. مەيلى دۈشمەنلەر كۆپ بولسۇن، قورقۇتۇپ قىلسۇن تۆھمەت،
ياكى كۈلۈپ خۇشامەت، ئالدانما! بەرمە پۇرسەت.
ئەي جەڭچىلىرىم قورقماڭلار! ئۇلار قىلسىمۇ سۈيقەست،
سادىق بول! بېرىمەن مەدەت قازانغىچە غالبىيەت.
(قايتۇرما)
ئەي ئامراقلىرىم قورقماڭلار!
ھۇۋلىسا دۈشمەن شىردەك.
سادىق خەلقىمنى ئاسرايمەن
كۆزۈمنىڭ گۆھىرىدەك.
3. ئۇنتۇلۇپ كېتىلدىم دېمە؛ مەن كۈچ ۋە قالقان ساڭا.
جەڭدە قىلساڭ جان پىدا ھايات بېرەرمەن قايتا.
قورقماڭلار! ئالسىمۇ تەننى، دۈشمەن ئالالماس جاننى.
ئاخىرغىچە بولغىن سادىق؛ بېرەي مەڭگۈ ھاياتلىق.
(قايتۇرما)
ئەي ئامراقلىرىم قورقماڭلار!
ھۇۋلىسا دۈشمەن شىردەك.
سادىق خەلقىمنى ئاسرايمەن
كۆزۈمنىڭ گۆھىرىدەك.
(تەكرار قانۇن 32:10؛ نەھەمىيا 4:14؛ زەبۇر 59:1؛ 83:2، 3-ئايەتلەرگە ھەم قاراڭ).