9-دەرس
يىغىلىشلارغا قانداق تەييارلىق قىلىمىز؟
كامبودژا
ئۇكرائىنا
ئەگەر سىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىۋاتقان بولسىڭىز، ھەر قېتىملىق ئۆگىنىشتىن ئاۋۋال ماتېرىياللارنى ئالدىن كۆرۈپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ بېقىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن. جامائەت يىغىلىشىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن ھەم ماتېرىياللارنى ئالدىن كۆرۈش ياخشى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ھەقىقەتەن بەكمۇ پايدىلىق.
قاچان ۋە قەيەردە ئۆگىنىشنى قارار قىلىش. قاچان زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرەلەيسىز؟ تاڭ سەھەردە كۈندىلىك خىزمەتلەرنى باشلاشتىن بۇرۇنمۇ ياكى كەچتە بالىلار ئۇخلاپ كەتكەندىن كېيىنمۇ؟ ئەگەر ئۇزۇنراق ۋاقىت ئۆگىنىش قىلالمىسىڭىز، ئىمكانىيىتىڭىزگە يارىشا ۋاقىت بەلگىلەپ، شۇ ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن سىزگە دەخلى قىلىدىغان ھەرقانداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىڭ. زېھنىڭىزنى چاچىدىغان رادىئو، تېلېۋىزور ياكى تېلېفونلارنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، جىمجىت جاينى تېپىڭ. ئۆگىنىش باشلاشتىن ئاۋۋال كۈندىلىك غەم-ئەندىشىلىرىڭىزنى چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن دۇئا قىلىڭ. شۇندىلا خۇدانىڭ سۆزىگە زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرەلەيسىز. — فىلىپىلىكلەر 4:6، 7.
ماتېرىياللارغا بەلگە سېلىپ، ئوي-پىكىر بايان قىلىشقا تەييارلىق قىلىش. ئاساسىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش بىلەن باشلاش — ماقالە ياكى بابنىڭ ماۋزۇسى ھەققىدە ئويلىنىپ، ھەربىر كىچىك ماۋزۇ بىلەن باش تېمىنىڭ قانداق باغلىنىش بارلىقىنى مۇلاھىزە قىلىپ بېقىڭ. يەنە مۇھىم نۇقتىنى تەكىتلەيدىغان بارلىق رەسىملەر ۋە تەكرارلاش سوئاللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاندىن كېيىن، ھەربىر ئابزاسنى ئوقۇپ، سورالغان سوئالغا جاۋاب ئىزدەڭ. ئىشلىتىلگەن ئايەتلەرنى مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇپ، مەزمۇننى تەستىقلايدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ (ئەلچىلەر 17:11). سوئالغا جاۋاب تاپقاندا، شۇ ئابزاستىكى بىر قانچە ئاچقۇچلۇق سۆز-ئىبارىلەرنى سېزىپ قويۇڭ. يىغىلىشتا جاۋابنى ئېسىڭىزگە سالىدۇ. جامائەت يىغىلىشىدا خالىسىڭىز قول كۆتۈرۈپ، ئوي-پىكرىڭىزنى قىسقىچە بايان قىلسىڭىز بولىدۇ.
ھەر ھەپتىسى يىغىلىشلاردا مۇلاھىزە قىلىنىدىغان ئوخشاش بولمىغان مەزمۇنلارغا تەييارلىق قىلىپ، مۇقەددەس كىتاب ھەققىدىكى ئىلىم خەزىنىڭىزگە يېڭى بىلىملەرنى قوشالايسىز. — مەتتا 13:51، 52.
يىغىلىشلارغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن قانداق ئادەتنى يېتىلدۈرەلەيسىز؟
يىغىلىشلاردا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن قانداق تەييارلىق قىلالايسىز؟