سىز يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداشنى خالامسىز؟
سىزنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ھەققىدە تونۇشقا ئىگە بولۇش، ئىش-پائالىيەتلىرىمىز توغرۇلۇق بىلىپ بېقىش ۋە تەشكىلاتىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ بۇ كىتابچىنى كۆرۈپ چىققانلىقىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز. بۇ كىتابچە ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ يەھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىمىز. بىز سىزنى داۋاملىق خۇدا ھەققىدە بىلىم ئېلىشقا ۋە ئۆگىنىۋاتقانلىرىڭىزنى دوست-بۇرادەر ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ئېيتىپ بېرىشكە ھەمدە يىغىلىشلىرىمىزغا قاتنىشىپ دائىم بىز بىلەن باردى-كەلدى قىلىشقا ئۈندەيمىز. — ئىبرانىيلار 10:23–25.
يەھۋا ھەققىدە كۆپرەك ئۆگەنگەنسېرى، ئۇنىڭ سىزنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈپ يېتەلەيسىز. ھەمدە سىزنىڭمۇ ئۇنى سۆيىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىشكە كۈچىڭىزنىڭ بارچە ئىنتىلىسىز (1-يۇھاننا 4:8–10، 19). ئۇنداقتا، كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدا يەھۋاغا بولغان شۇ مۇھەببىتىڭىزنى قانداق ئىپادىلىيەلەيسىز؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە بويسۇنۇش سىز ئۈچۈن بەكمۇ پايدىلىق؟ بىز بىلەن بىرگە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇندىشىڭىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟ سىز بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىۋاتقان گۇۋاھچى بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىشىڭىزغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم بېرىدۇ. شۇنداق بولغاندا، سىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەر ‹مەڭگۈلۈك ھاياتنى كۈتۈپ، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشىيالايسىلەر›. — يەھۇدا 21.
بىز چىن كۆڭلىمىزدىن سىزنى تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن كىتابنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ھەقىقەت يولىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە دەۋەت قىلىمىز . . .