كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • خ‌خ 14-‏دە‌رس 1-‏4 سۇ‌ئال.‏
  • نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا تە‌شكىللە‌ش ئېلىپ بارىدۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا تە‌شكىللە‌ش ئېلىپ بارىدۇ؟‏
  • خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌لنىڭ رولى
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
خ‌خ 14-‏دە‌رس 1-‏4 سۇ‌ئال.‏

14-‏دە‌رس

نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا تە‌شكىللە‌ش ئېلىپ بارىدۇ؟‏

1.‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا قە‌دىمقى زاماندا ئىسرائىللارنى تە‌شكىللىگە‌ن؟‏

1.‏ قېدىمىي ئىسرائىلدىكی خوُدانىڭ خه‌لقی؛‏ 2.‏ بىرىنچی ئه‌سىردىكی مه‌سىهىيله‌رته‌شكىلله‌نگه‌ن ۋه‌زه ئىشىنی يوٰرگوٰزوٰۋاتىدوُ

خۇ‌دا ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئە‌ۋلادلىرىنى بىر خە‌لق قىلىپ تە‌شكىللە‌پ،‏ ئۇ‌لارغا بىر قاتار قانۇ‌نلارنى چۈشۈرگە‌ن.‏ ئۇ شۇ خە‌لقنى «ئىسرائىل»،‏ دە‌پ ئاتىغان.‏ پە‌قە‌ت شۇ خە‌لقلا ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت يولىدا مېڭىپ،‏ خۇ‌دا سۆزىنى ھىمايە قىلغۇ‌چىلار بولغان (‏زە‌بۇ‌ر 147:‏19،‏ 20)‏.‏ شۇ‌ڭا پۈتكۈل ئە‌ل خە‌لقىنىڭ ئىسرائىل خە‌لقى ئارقىلىق بە‌ختكە ئېرىشە‌لىشى مۇ‌مكىن بولغان.‏​‏—‏​يارىتىلىش 22:‏18-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

خۇ‌دا ئۆزىنىڭ گۇ‌ۋاھچىلىرى بولۇ‌شقا ئىسرائىللارنى تاللىغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ قە‌دىمقى تارىخى،‏ ئىنسانلار خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نلىرىغا بويسۇ‌نۇ‌ش ئارقىلىق قانداق پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌ت تاپالايدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌نىدى (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 4:‏6)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ باشقا خە‌لقلە‌ر ئىسرائىل خە‌لقى ئارقىلىق ھە‌ق خۇ‌دانى تونۇ‌يالايتتى.‏​‏—‏​يە‌شايا 43:‏10،‏ 12-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

2.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى تە‌شكىللە‌نگە‌ن؟‏

ئىسرائىل خە‌لقى كېيىنچە خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌تنى يوقاتقان،‏ شۇ‌ڭا يە‌ھۋا شۇ خە‌لقىنىڭ ئورنىغا ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى جامائىتىنى تاللىغانىدى (‏مە‌تتا 21:‏43؛‏ 23:‏37،‏ 38‏)‏.‏ ھازىر بولسا،‏ ئىسرائىللار ئورنىغا تاللانغان شۇ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى يە‌ھۋا ھە‌ققىدە باشقىلارغا گۇ‌ۋاھلىق بە‌رمە‌كتە.‏​‏—‏​ئە‌لچىلە‌ر 15:‏14،‏ 17-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى بارلىق مىللە‌ت خە‌لقىگە خۇ‌شخە‌ۋە‌ر ئېيتىپ،‏ شاگىرتلار يېتىشتۈرۈشكە تە‌شكىللىگە‌ن (‏مە‌تتا 10:‏7،‏ 11؛‏ 24:‏14؛‏ 28:‏19،‏ 20‏)‏.‏ مانا ھازىر،‏ بۇ رە‌زىل زاماننىڭ ئاخىرلىشىش پە‌يتىدە،‏ خۇ‌شخە‌ۋە‌ر ئېيتىش ئە‌ڭ يۇ‌قىرى پە‌للىگە چىقىۋاتىدۇ.‏ ئىنسانىيە‌ت تارىخىدا تۇ‌نجى قېتىم،‏ يە‌ھۋا ھە‌ر مىللە‌ت خە‌لقى كىشىلىرىدىن بولغان مىليونلىغان ئېتىقادچىلارنى توغرا ئىبادە‌ت ئارقىلىق ئىتتىپاقلاشتۇ‌رماقتا (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 7:‏9،‏ 10)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بىر-‏بىرىگە ئىلھام ۋە ياردە‌م بېرىشكە تە‌شكىللە‌نگە‌ن.‏ دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدا،‏ ئۇ‌لار ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىغا جە‌م بولغاندا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئوخشاش مە‌زمۇ‌ننى ئۆگىنىدۇ.‏ ‏—‏​ ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

3.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بۈگۈنكى كۈندە تە‌شكىللىنىشنى قانداق باشلىغان؟‏

يه‌هۋا   گوُۋاهچىلىری 1990-‏جىلرنىڭ بېشىدا هه‌م بوٰگوٰنموُ ۋه‌زه قىلىۋاتقان لىقىنىڭ كوروٰنوٰشلىری؛‏ موُقه‌دده‌س كىتابنی ئوقوُپ-‏ئوگىنىش ئوٰچوٰن نوُرغوُن تىلردا نه‌شىر قىلىنغان ماتېرىيالر.‏

كىچىك بىر گۇ‌رۇ‌پپا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغۇ‌چىلار 1870-‏يىللىرىدا،‏ ئۇ‌زۇ‌ن مە‌زگىل يوقالغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رنى قايتا ئىزدە‌پ تېپىشنى باشلىغان.‏ ئۇ‌لار ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ جامائە‌تنى خۇ‌شخە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز ئېيتىشقا تە‌شكىللىگە‌نلىكىنى بىلگە‌ن،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لار خە‌لقئارا پادىشاھلىق خۇ‌شخە‌ۋىرىنى يە‌تكۈزۈش پائالىيىتىنى باشلىغان.‏ 1931-‏يىلىدا،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرى ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى،‏ دېگە‌ن ئىسىمنى قوللانغان.‏ ​‏—‏​ ئە‌لچىلە‌ر 1:‏8؛‏ 2:‏1،‏ 4؛‏ 5:‏42-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

4.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى قانداق تە‌شكىللە‌نگە‌ن؟‏

بىرىنچى ئە‌سىردە،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنى جامائە‌تنىڭ بېشى،‏ دە‌پ ئېتىراپ قىلىدىغان مە‌ركىزى يېتە‌كچى كېڭە‌ش نۇ‌رغۇ‌ن ئە‌ل يۇ‌رتلاردىكى ئېتىقادچىلار جامائە‌تچىلىكلىرىدىن خە‌ۋە‌ر ئالغان (‏ئە‌لچىلە‌ر 16:‏4،‏ 5)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بۈگۈنكى كۈندە ھە‌م تە‌جرىبىلىك ئاقساقاللاردىن تە‌شكىل تاپقان يېتە‌كچى كېڭە‌ش دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى جامائە‌تچىلىكلىرىدىن خە‌ۋە‌ر ئالىدۇ.‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى 600 دىن ئارتۇ‌ق تىلدا تە‌رجىمە قىلىش،‏ بېسىپ چىقىرىش ۋە تارقىتىشقا مە‌سئۇ‌ل تارماق ئىش بېجىرىش ئورۇ‌نلىرىغا يېتە‌كچىلىك قىلىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىپ يېتە‌كچى كېڭە‌ش مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسە‌ن،‏ دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىدىكى 100000 دىن كۆپرە‌ك جامائە‌تچىلىكلە‌رگە ئىلھام ۋە كۆرسە‌تمە بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ھە‌ربىر جامائە‌تتە،‏ لاياقە‌تلىك ئە‌ر ئېتىقادچى ئاقساقاللار يە‌نى مە‌سئۇ‌ل يېتە‌كچىلە‌ر بار.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ پادىلىرىدىن مېھرىبانلىق بىلە‌ن خە‌ۋە‌ر ئالىدۇ.‏​‏—‏​1-‏پېترۇ‌س 5:‏2،‏ 3-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى خۇ‌شخە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز ئېيتىش ۋە شاگىرتلارنى يېتىشتۈرۈشكە تە‌شكىللە‌نگە‌ن.‏ قە‌دىمقى زاماندىكى ئە‌لچىلە‌رگە ئوخشاش،‏ بىزمۇ ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز ئېيتىمىز (‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏20)‏.‏ ھە‌مدە ھە‌قىقە‌تنى سۆيىدىغان ئىخلاسمە‌ن كىشىلە‌رنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشكە تە‌كلىپ قىلىمىز.‏ ئە‌مما،‏ بىز يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى پە‌قە‌تلا بىر توپ تە‌شكىللە‌نگە‌ن ئېتىقادچىلار ئە‌مە‌س.‏ بىز مېھرى-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك خۇ‌دانىڭ چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئە‌زالىرىدۇ‌رمىز.‏ بىزلە‌ر بىر-‏بىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاكا-‏ئۇ‌كا،‏ ئاچا-‏سىڭىللار (‏2-‏سالونىكالىقلار 1:‏3)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ۋە باشقىلارغا ياردە‌م بېرىشكە تە‌شكىللە‌نگە‌چ،‏ ئۇ‌لار يە‌ر يۈزىدىكى ئە‌ڭ بە‌خت-‏سائادە‌تلىك ئائىلىدۇ‌ر.‏​‏—‏ زە‌بۇ‌ر 33:‏12؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 20:‏35-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏ دېگە‌ن كىتابنىڭ 19-‏بابىغا قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش