146-ناخشا
ماڭا قىلدىڭلار
(مەتتا 25:34—40)
ئەيسانىڭ قويلىرى بار باشقا پادىنىڭ
ھەم مايلانغانلارنىڭ خىزمەتداشلىرى.
كۆرسەتكەن ياردىمى ھەم ئىزگۈ ئىشلىرى
مۇكاپاتقا ئېرىشتۈرەر كەلگۈسى.
(قايتۇرما)
«ئۇلارنى قوللىغان — مېنى قوللىغان،
ئۇلارغا مېھرىبان — ماڭا مېھرىبان.
ئۇلار ئۈچۈن قىلغان بار ئەمگىگىڭلار
ماڭا قىلىنغان ئەمگەكتەك بولار.
ئۇلارغا قىلغاننى، ماڭا قىلدىڭلار».
«مەن ئاچ قالغىنىمدا، تاماقلاندۇردىڭلار،
ئۇسساپ كەتكىنىمدە، ئۇسلۇق بەردىڭلار».
«قاچان قىلدۇق بۇلارنى؟»— دەپ سورىغانغا
پادىشاھىمىز ئەيسا دەر جاۋابەن:
(قايتۇرما)
«ئۇلارنى قوللىغان — مېنى قوللىغان،
ئۇلارغا مېھرىبان — ماڭا مېھرىبان.
ئۇلار ئۈچۈن قىلغان بار ئەمگىگىڭلار
ماڭا قىلىنغان ئەمگەكتەك بولار.
ئۇلارغا قىلغاننى، ماڭا قىلدىڭلار».
«سادىق بولۇپ ماڭا، دائىم ۋەز قىلدىڭلار،
بۇرادەرلىرىمنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ».
مەسىھ دەر ئوڭ تەرىپىدىكى قويلارغا:
«كېلىپ يەر-زېمىننى مىراس قىلىڭلار!»
(قايتۇرما)
«ئۇلارنى قوللىغان — مېنى قوللىغان،
ئۇلارغا مېھرىبان — ماڭا مېھرىبان.
ئۇلار ئۈچۈن قىلغان بار ئەمگىگىڭلار
ماڭا قىلىنغان ئەمگەكتەك بولار.
ئۇلارغا قىلغاننى، ماڭا قىلدىڭلار».
(شۇنداقلا پەند ن. 19:17؛ مەت. 10:40—42؛ تىم. 2-خ. 1:16، 17نى قاراڭ.)