كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م‌ئان16 4 №
  • چىرىش خە‌ۋپ-‏خە‌تىرى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • چىرىش خە‌ۋپ-‏خە‌تىرى
  • كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2016
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ مە‌زمۇ‌نى ئۆزگە‌رتىشلە‌ردىن ئامان قالغان
    كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2016
كۈزىتىش مۇ‌نارى يە‌ھۋانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلايدۇ (‏ئاممىۋى)‏—‏2016
ك‌م‌ئان16 4 №

مۇ‌قاۋىدىكى ماۋزۇ | مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە قانداق يېتىپ كە‌لگە‌ن؟‏

چىرىش خە‌ۋپ-‏خە‌تىرى

خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ر:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يازغۇ‌چىلىرى ۋە قولدا نۇ‌سخا كۆچۈرگۈچىلە‌ر پاپىرۇ‌س ۋە پېرگامېنتنى ئاساسىي يېزىش ماتېرىياللىرى سۈپىتىدە ئىشلە‌تكە‌نa (‏تىموتىيغا 2-‏خە‌ت 4:‏13)‏.‏ بۇ ماتېرىياللارغا يېزىش مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا قانداق خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ر تۇ‌غدۇ‌رغان؟‏

پاپىرۇ‌س ئاسان يىرتىلىدۇ،‏ رە‌ڭگى ئۆڭىدۇ ۋە تېزلا چىرىپ كېتىدۇ.‏ مىسىرشۇ‌ناسلاردىن رىچارد پاركېنسېن ۋە ستىۋېن كۋېرك مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئە‌گىشىپ،‏ پاپىرۇ‌س قە‌غىزى چىرىپ،‏ تالا-‏تالا يىپچىلارغا ۋە بىر سىقىم چاڭ-‏توزانغا ئايلىنىپ قالىدۇ.‏ ئورام يازمىلارنى ساقلىغاندا،‏ پاپىرۇ‌س كۆكىرىپ پاختىلىشىپ قالىدۇ ياكى نە‌ملىشىپ چىرىپ كېتىدۇ ياكى قۇ‌رۇ‌ت-‏قۇ‌ڭغۇ‌زلار،‏ بولۇ‌پمۇ ئاق چۈمۈلىلە‌ر يە‌ۋىتىشى مۇ‌مكىن».‏ بە‌زى پاپىروسلار تېپىلغاندىن كېيىن،‏ ھە‌ددىدىن زىيادە كۈچلۈك نۇ‌ر ياكى نە‌ملىك تە‌سىرىدە،‏ دە‌رھاللا چىرىپ كېتە‌تتى.‏

پېرگامېنت پاپىروستىن چىداملىقراق ماتېرىيال بولۇ‌پ ھېسابلىنىدۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌مۇ خاتا ئۇ‌سۇ‌لدا ساقلانمىسا،‏ تېمپېراتۇ‌را پە‌رقى،‏ نە‌ملىك ياكى يورۇ‌قلۇ‌ق تە‌سىرىدە چىرىشكە باشلايدۇ ھە‌م ھاشارە‌تلە‌رمۇ ئۇ‌نىڭغا زىيان يە‌تكۈزىدۇ.‏b بىر كىتابتا قە‌دىمىي قوليازمىلار توغرىسىدا مۇ‌نداق دېيىلگە‌ن:‏ «قوليازمىلار كە‌مدىن-‏كە‌م ساقلىنىپ قالغان» (‏«‏Everyday Writing in the Graeco-Roman East‏»)‏.‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ قە‌دىمىي قوليازمىلىرى ساقلىنىپ قالمىغان بولسا،‏ ئۇ‌نىڭدىكى خە‌ۋە‌رمۇ يوقىلىپ كە‌تكە‌ن بولاتتى.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قانداق ئامان قالغان:‏ يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ قانۇ‌نى بويىچە،‏ ھە‌ر بىر پادىشاھلار «قانۇ‌ندىن [تە‌ۋراتتىن] ئۆزى ئۈچۈن نۇ‌سخا كۆچۈرۈپ» يازدۇ‌رۇ‌ۋېلىشى كېرە‌ك ئىدى (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 17:‏18،‏ ي.‏د‏)‏.‏ ماھىر كۆچۈرگۈچىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ شۇ‌نچە كۆپ نۇ‌سخىلىرىنى كۆپە‌يتكە‌نكى،‏ ھە‌تتا مىلادى بىرىنچى ئە‌سىرگە كېلىپ،‏ ئۇ‌لار پە‌قە‌ت ئىسرائىل زېمىنىدىكى ئىبادە‌تخانىلاردىن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يىراق ماكېدونىيە زېمىنىدىنمۇ تېپىلغان (‏لۇ‌قا 4:‏16،‏ 17؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 17:‏11)‏.‏ بە‌زى ئە‌ڭ قە‌دىمىي ئورام قوليازمىلار قانداق قىلىپ بىزگە يېتىپ كە‌لگە‌ن؟‏

1.‏ ساپال كومزە‌ك؛‏ 2.‏ ئۆلۈك دېڭىز ئورام يازمىلىرىنىڭ بىر ئۈزۈندىسى

ئۆلۈك دېڭىز ئورام يازمىلىرى دە‌پ ئاتالغان قوليازمىلار ئە‌سىرلە‌ر بويى ساپال كومزە‌كلە‌ر،‏ قۇ‌رغاق جايلار ۋە ئۆڭكۈرلە‌ردە ساقلىنىپ قالغان

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بە‌زى قوليازمىلىرى تېپىلغان ئۆڭكۈر

‏«يېڭى ئە‌ھدە»نى تە‌تقىق قىلدىغان مۇ‌تە‌خە‌سسىس فىلىپ كومفورت مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌لۇ‌مكى،‏ يە‌ھۇ‌دىيلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئورام قوليازمىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇ‌لارنى كومزە‌ك ياكى باشقا قاچا-‏قۇ‌چىلارنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويغان».‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىمۇ شۇ ئە‌نئە‌نىگە ئە‌مە‌ل قىلغان.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بە‌زى قوليازمىلىرى ساپال كومزە‌كلە‌ر،‏ قاراڭغۇ ئامبارلار ۋە ئۆڭكۈرلە‌ر ھە‌م قۇ‌رغاق جايلاردىن تېپىلغان.‏

خۇ‌لاسە:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قوليازمىلىرىنىڭ مىڭلىغان ئۈزۈندىلىرى تېپىلغان بولۇ‌پ،‏ بە‌زىلىرىنىڭ يېشى 2000 يىلدىن كۆپرە‌ك،‏ تا بۈگۈنكى كۈنگىچە ساقلىنىپ قالغان.‏ باشقا ھېچبىر كىتابنىڭ بىزگە يېتىپ كە‌لگە‌ن قە‌دىمىي تېكىستلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭكىدە‌ك شۇ‌نداق ئۇ‌زۇ‌ن تارىخى ۋە شۇ‌نچە كۆپ قوليازما نۇ‌سخىلىرى يوق.‏

a پاپىرۇ‌س ماتېرىيالى شۇ نام بىلە‌ن ئاتالغان سۇ‌دا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكتىن تە‌ييارلانغان.‏ پېرگامېنت بولسا،‏ ھايۋانات تېرىسىدىن ياسالغان.‏

b مە‌سىلە‌ن،‏ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئىمزالىغان «مۇ‌ستە‌قىللىك خىتابنامىسى» پېرگامېنتقا يېزىلغان.‏ 250 يىل ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ تېكىستى ئۆڭۈپ كە‌تكە‌ن ۋە بە‌ك سۇ‌س ھالە‌تتە كۆرۈنىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش