كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م19 فېۋرال 31-‏ب.‏
  • سىز بىلە‌مسىز؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • سىز بىلە‌مسىز؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
ك‌م19 فېۋرال 31-‏ب.‏

سىز بىلە‌مسىز؟‏

گاملا شە‌ھىرىدە تېپىلغان بىرىنچى ئە‌سىردىكى يە‌ھۇ‌دىي ئىبادە‌تخانا

بىرىنچى ئە‌سىردىكى سىناگوگ بۇ سۈرە‌تتە،‏ جە‌لىلىيە دېڭىزىنىڭ غە‌ربىي شىمالىدىن 10 كىلومېتر يىراقلىققا جايلاشقان گاملا شە‌ھىرىدىن تېپىلغان سىناگوگ كۆرسىتىلگە‌ن.‏ بۇ قە‌دىمقى يە‌ھۇ‌دىي ئىبادە‌تخانىسىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

سىناگوگىنىڭ پە‌يدا بولۇ‌ش تارىخى

‏«سىناگوگ» دېگە‌ن گرېك سۆزى «جامائە‌ت» ياكى «بىللە جە‌م بولۇ‌ش» دېگە‌ن مە‌نىگە ئىگە.‏ سىناگوگنىڭ شۇ‌نداق ئاتىلىشى ئورۇ‌نلۇ‌ق،‏ چۈنكى قە‌دىمقى زاماندا،‏ يە‌ھۇ‌دىيلار جامائىتى،‏ يە‌نى خە‌لقى تە‌لىم ئېلىش ۋە دۇ‌ئا-‏ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن جە‌م بولۇ‌پ بىر جايلارغا يىغىلىشقانىدى.‏ ئىبرانىي يازمىلاردا سىناگوگ سۆزى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ،‏ گرېك يازمىلاردىن مىلادى بىرىنچى ئە‌سىرىدە شۇ‌نداق جايلارنىڭ بولغانلىقى ئېنىق كۆرۈۋېلىشىقا بولىدۇ.‏

كۆپ تە‌تقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە،‏ سىناگوگلار يە‌ھۇ‌دىيلار بابىل قۇ‌للۇ‌غىدا بولغاندا پە‌يدا بولغان.‏ «يە‌ھۇ‌دىي قامۇ‌سىدا» مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «مە‌ركىزىي ئىبادە‌تخانىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قۇ‌للۇ‌قتا بولغان يە‌ھۇ‌دىيلار ياتئە‌لدە تە‌سە‌للىيگە موھتاج بولغانلىقتىن،‏ ئاندا-‏ساندا جە‌م بولۇ‌پ تۇ‌رغان.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار شە‌نبە كۈنلىرى يىغىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئوقانىدى».‏ ئازاد بولغاندىن كېيىنمۇ،‏ ئۇ‌لار بارغان جايلىرىدا سىناگوگلارنى سېلىپ،‏ شۇ يە‌رلە‌ردە دۇ‌ئا قىلىش ۋە يازمىلارنى ئوقۇ‌ش ئۈچۈن جە‌م بولۇ‌شنى داۋاملاشتۇ‌رغان.‏

بىرىنچى ئە‌سىردە،‏ يە‌ھۇ‌دىيلار ئىسرائىلدا،‏ ئوتتۇ‌را يە‌ر دېڭىز رايونىدا ۋە ئوتتۇ‌را شە‌رىقتە ياشىغان.‏ شۇ ۋاقىتلاردا سىناگوگلار ئىبادە‌ت قىلىدىغان ۋە جە‌مئىيە‌تتىكى مە‌سىلىلە‌رنى ھە‌ل قىلىدىغان مە‌ركە‌زگە ئايلانغان.‏ يېرۇ‌سالىم ئىبرانىي ئۇ‌نىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لى لېۋىن مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «[سىناگوگ] تە‌لىم ئالىدىغان،‏ بايراملاردا مۇ‌قە‌ددە‌س تاماقلىرىنى يە‌يدىغان،‏ يۇ‌رتنىڭ پۇ‌لىنى يىغىپ ساقلايدىغان،‏ سوت ئىشلىرى يۈرگۈزۈلىدىغان ۋە ئىجتىمائىي-‏سىياسىي مە‌سىلىلە‌رنى ھە‌ل قىلىدىغان جاي بولغان.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ شۇ يە‌ردە دىنىي خىزمە‌ت ئېلىپ بېرىلغانىدى».‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىنمۇ،‏ ئە‌يسا دائىم سىناگوگلارغا ياكى يە‌ھۇ‌دىي ئىبادە‌تخانىللىرىغا بېرىپ تۇ‌راتتى (‏ماركۇ‌س 1:‏21؛‏ 6:‏2؛‏ لۇ‌قا 4:‏16)‏.‏ شۇ يە‌ردە ئۇ ئادە‌ملە‌رگە تە‌لىم بە‌رگە‌ن ۋە ئۇ‌لارنى ئىلھاملاندۇ‌رغان.‏ مە‌سىھىيلە‌ر جامائىتى تە‌شكىل بولغاندىن كېيىن،‏ پاۋلۇ‌سمۇ يە‌ھۇ‌دىي ئىبادە‌تخانىلىرىدا كۆپ ۋە‌ز قىلغان.‏ ئادە‌تتە شۇ‌نداق ئىبادە‌ت جايلىرىغا خۇ‌داغا يېقىنلىشىشنى خالىغان كىشىلە‌ر باراتتى.‏ شۇ‌ڭا ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بىرە‌ر شە‌ھە‌رگە كىرگە‌ندە،‏ ئە‌ڭ ئاۋۋال سىناگوگغا بېرىپ ۋە‌ز قىلاتتى.‏—‏ئە‌لچى.‏ 17:‏1،‏ 2؛‏ 18:‏4.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش