كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م20 فېۋرال 31-‏ب.‏
  • سىز بىلە‌مسىز؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • سىز بىلە‌مسىز؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
ك‌م20 فېۋرال 31-‏ب.‏
بە‌لشازارنىڭ ئىسمى يېزىلغان سېغىز توپا سېلىندىر.‏

بە‌لشازارنىڭ ئىسىمى يېزىلغان سېغىز توپا سېلىندىر

سىز بىلە‌مسىز؟‏

ئارخېئولوگلار بە‌لشازارنىڭ ياشىغانلىقىنى ۋە بابىلنىڭ پادىشاھى بولغانلىقىنى قانداق دە‌لىللىگە‌ن؟‏

كۆپ يىللار داۋامىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌نقىد قىلغۇ‌چىلار دانىيال كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان بە‌لشازار دېگە‌ن پادىشاھ تارىختا بولمىغان،‏ دە‌پ قاراپ (‏دانىيال 5:‏1)‏.‏ چۈنكى،‏ ئارخېئولوگلار شۇ پادىشاھنىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن ياشىغانلىقىغا ھېچ ئىسپات تاپالمىغان ئىدى.‏ لېكىن،‏ 1854-‏يىلى ئۇ‌لارنىڭ كۆز قارىشى ئۆزگە‌رگە‌ن.‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن؟‏

شۇ يىلى برىتانىيىلىك كونسۇ‌ل جون جورج تېيلور بۈگۈنكى كۈندىكى ئىراقنىڭ جە‌نۇ‌بىغا جايلاشقان قە‌دىمىي ئۇ‌ر شە‌ھىرىنىڭ خارابلىرىنى تە‌تقىق قىلغان.‏ ئۇ بە‌ك يوغان بىر مۇ‌نارنىڭ ئىچىدە سېغىز لايدىن ياسالغان بىرنە‌چچە سېلىندىرنى تېپىۋالغان.‏ ھە‌ربىر سېلىندىرنىڭ ئۇ‌زۇ‌نلىقى تە‌خمىنە‌ن 10 سانتىمېتىر بولغان.‏ بۇ سېلىندىرلاردا ئۇ‌يۇ‌پ يېزىلغان سۆزلە‌ر بولغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرىدە بابىل پادىشاھى نابونىدۇ‌س بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ تۇ‌نجى ئوغلى بە‌لشازارغا ئۇ‌زۇ‌ن ئۆمۈر تىلىگە‌ن دۇ‌ئا يېزىلغان ئىدى.‏ بۇ بە‌لشازارنىڭ راستىنلا ھايات كە‌چۈرگە‌نلىكىنى دە‌لىللە‌يدۇ.‏ بۇ‌نى ھە‌تتا تە‌نقىد قىلغۇ‌چىلارغىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا توغرا كە‌لگە‌ن.‏

ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بە‌لشازارنىڭ پە‌قە‌ت مە‌ۋجۇ‌ت شە‌خىسلا ئە‌مە‌س،‏ پادىشاھ بولغانلىقىمۇ يېزىلغان.‏ تە‌نقىد قىلغۇ‌چىلار بۇ‌نىڭغىمۇ گۇ‌مان بىلە‌ن قارىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 19-‏ئە‌سىردە ئىنگلىز ئالىم ۋىليام تالبوت مۇ‌نداق يازغان:‏ «بە‌لشازار بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ دادىسى نابونىدۇ‌س بىر ۋاقىتتا ھۆكۈمرانلىق قىلغان.‏ لېكىن،‏ بۇ‌نىڭغا ھېچقانداق دە‌لىل-‏ئىسپات يوق».‏

ئە‌مما،‏ بە‌لشازارنىڭ دادىسى نابونىدۇ‌س پادىشاھ بىرنە‌چچە يىل پايتە‌ختتىن يىراق ياشىغانلىقى يېزىلغان.‏ باشقا بىر سېغىز توپا سېلىندىر تېپىلغاندا،‏ بۇ تالاش-‏تارتىش ھە‌ل قىلىنغان.‏ نابونىدۇ‌س پادىشاھنىڭ ئورنىغا كىم ھۆكۈمرانلىق قىلغان؟‏ برىتانىيە قامۇ‌سىدا يېزىلغاندە‌ك،‏ نابونىدۇ‌س پادىشاھ دۆلە‌تتىن كېتىپ قالغاندا،‏ ئۇ تە‌ختىنى ۋە قوشۇ‌نلىرىنىڭ تە‌ڭدىن تولىسىنى ئوغلى بە‌لشازارنىڭ قولىغا تاپشۇ‌رۇ‌پ كە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ شۇ چاغدا بە‌لشازار دادىسىنىڭ ئورنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دە‌پ ئېيتىشقا بولىدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئارخېئولوگ ۋە تىلشۇ‌ناس ئالان مىللاردنىڭ ئېيتىشىچە،‏ بە‌لشازارنىڭ دانىيال كىتابىدا «پادىشاھ» دە‌پ ئاتالغانلىقى ئورۇ‌نلۇ‌ق بولغان.‏

ئە‌لۋە‌تتە،‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ئۈچۈن دانىيال كىتابىنىڭ ئىشە‌نچىلىك ئىكە‌نلىكىگە ۋە خۇ‌دا تە‌رىپىدىن روھلاندۇ‌رۇ‌لغانلىقىغا ئاساسىي دە‌لىل-‏ئىسپات —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئۆزى.‏—‏2-‏تىموت.‏ 3:‏16.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش