ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەر ۋە ئابىدىلەر بىلەن تولغان نىنەۋى شەھىرى
سىز بىلەمسىز؟
يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ كۈنلىرىدىن كېيىن نىنەۋى شەھىرىگە نېمە بولغان؟
برىتانىيە مۇزېيىنىڭ بىر تور بېكىتىدە چۈشەندۈرۈلىشىچە، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 670-يىللار ئاسسۇرىيە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. زېمىنى غەرىپتە سپرۇستىن شەرىقتە ئىرانغا، ھەتتا بىر ۋاقىتقا كەلگەندە، مىسىرغىچە كېڭەيگەن. ئاسسۇرىيەنىڭ پايتەختى نىنەۋى دۇنيادىكى چوڭ بىر شەھەر بولغان. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تاش ئابىدىلەر، گۈزەل باغچىلار، ھەشەمەتلىك ئوردا-سارايلىرى ۋە چوڭ كۇتۇپخانىلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان. قەدىمكى نىنەۋى شەھىرىنىڭ تاملىرىغا ئويۇلغان يېزىقلاردا كۆرسىتىلىشىچە، پادىشاھ ئاششۇربانىپال باشقا ئاسسۇرىيە پادىشاھلىرىغا ئوخشاش ئۆزىنى دۇنيانىڭ پادىشاھى دەپ ئاتىغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان زاماندا، ھېچكىم ئاسسۇرىيە ۋە نىنەۋىنى ئىشغال قىلالمايدۇ دەپ قارالغان.
ئاشۇ زاماندا ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىمپېرىيە بولغان
ئەمما ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسى ئەڭ كۈچلەنگەن مەزگىلدە، يەھۋا خۇدانىڭ پەيغەمبىرى سەفانىيا شۇنداق بېشارەت ئېيتقان: «ئۇ قولىنى شىمال تەرەپكە سوزۇپ، ئاسسۇرىيەنى يوقىتىدۇ، نىنەۋىنى ۋەيران قىلىپ، قاقاس چۆل-باياۋانغا ئايلاندۇرىدۇ». يەھۋانىڭ يەنە بىر پەيغەمبىرى ناھۇم ھەم شۇنداق بېشارەت ئېيتقان: «كۈمۈشنى بۇلاڭلار، ئالتۇننى بۇلاڭلار! . . . شەھەر قۇپقۇرۇق، چۆل-قاقاس، ۋەيرانە خارابىلىككە ئايلىنىدۇ!. . . . كىمكى سېنى كۆرسە، سەندىن قېچىپ شۇنداق دەيدۇ: «نىنەۋى خاراب بولدى!»» (سەفنىيا 2:13؛ ناھۇم 2:9، 10؛ 3:7). ئاشۇ بېشارەت سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، ئادەملەر: «بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ كۈچلۈك ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنى كىممۇ ئىشغال قىلالىسۇن؟»— دەپ ئويلىغاندۇ. قارىماققا، كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنگۈسى كەلمىگەن.
قاقاس-چۆلگە ئايلانغان نىنەۋى!
گەرچە ئادەملەر شۇنىڭغا ئىشەنمىگەن بولسىمۇ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 600-يىللارنىڭ ئالدىدا بابىللىقلار بىلەن مىدىيالىقلار ئاسسۇرىيەنى ئىشغال قىلىۋالغان. ئاخىرىدا نىنەۋى شەھىرى خانىۋەيران قىلىنىپ تاشلىۋېتىلگەن ۋە كىشىلەر ئۇ شەھەرنى ئۇنتۇپ كەتكەن. نيۇ-يوركنىڭ مېتروپولىتېن (چوڭ شەھەر) گۈزەل سەنئەت مۇزېيى نەشىر قىلغان «ئوتتۇرا ئەسىردە» ناملىق كىتابتا ئاسسۇرىيە تىلغا ئېلىنغان: «شەھەر يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتكەن، نىنەۋى دېگەن ئىسىمنى پەقەت مۇقەددەس كىتابتىنلا تېپىشقا بولىدۇ». مۇقەددەس كىتابنى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ توردىكى ئارخىپىدا كۆرسىتىلگەندەك، 1800-يىللارنىڭ باشلىرىدا، ھېچكىم ھەتتا ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنىمۇ بىلمىگەن. بىراق، 1845-يىلغا كەلگەندە، ئارخېئولوگ ئاستېن ھېنرى لايارد نىنەۋى شەھىرىنىڭ خارابىسىنى قېزىپ چىقىرىشقا باشلىغان. شۇ خارابىدىن نىنەۋىنىڭ بەكمۇ ھەيۋەت، ھەشەمەتلىك بىر شەھەر بولغانلىقىنى بايقىغان.
نىنەۋى ھەققىدىكى بېشارەتلەرنىڭ توغرا ئەمەلگە ئېشىشى بۈگۈنكى كۈندىكى سىياسىي كۈچلەرنىڭ يوق قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى بېشارەتلەرنىڭمۇ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىدۇ.—دانىيال 2:44؛ ۋەھىي. 19:15، 19—21.