كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م21 دېكابىر 14-‏ب.‏
  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • لاۋىيلار كىتابىدىن باشقىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
  • ‏«مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ڭلار!‏»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
  • ‏«ئىسىمىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س بولسۇ‌ن»‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
ك‌م21 دېكابىر 14-‏ب.‏
بىر قېرىنداش يە‌نە بىر قېرىنداشقا جامائە‌تتىكى بىرى توغرىسىدا قە‌ستە‌ن غە‌يۋە‌ت-‏شىكايە‌ت قىلىۋاتىدۇ.‏

ئوقۇ‌ملە‌رنىڭ سوئاللىرى

لاۋىيلار 19:‏16-‏ئايە‌تتىكى:‏ «قوشناڭنىڭ جېنىغا قە‌ست قىلمىغىن»،‏—‏ دېگە‌ن بۇ‌يرۇ‌ق نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ بۇ‌نىڭدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

يە‌ھۋا ئىسرائىللارغا مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ڭلار دېگە‌ن.‏ «ئۆز خە‌لقىڭنىڭ ئارىسىدا تۆھمە‌ت قىلىپ سۆز-‏چۆچە‌ك تارقاتمىغىن.‏ قوشناڭنىڭ جېنىغا قە‌ست قىلمىغىن‏.‏ مە‌ن يە‌ھۋا».‏—‏لاۋى.‏ 19:‏16.‏

‏«قە‌ست قىلمىغىن» دېگە‌ن ئىبارە،‏ ئە‌سلى ئىبرانىي تىلىدا بىر ئىدىئوم بولغان.‏ بۇ ئىدىئومنىڭ مە‌نىسى ھە‌ققىدە،‏ بىر يە‌ھۇ‌دىي لاۋىيلار كىتابى ھە‌ققىدە يازغان پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىدا شۇ‌نداق دېيىلگە‌ن:‏ «مۇ‌شۇ ئايە‌تنىڭ بۇ بۆلىكىنى تە‌رجىمە قىلىش قىيىن،‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئىدىئومنىڭ مە‌نىسىنى چۈشىنىش قىيىن.‏ بۇ يە‌ردە ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدە بىرگە زىيان-‏زە‌خمە‌ت يە‌تسە،‏ ئۇ‌نىڭ ئۈستىدە،‏ يېنىدا ياكى يېقىن قاراپ تۇ‌رما».‏

بە‌زى ئالىملار،‏ بۇ ئىبارە بىلە‌ن 15-‏ئايە‌تنىڭ مە‌زمۇ‌نى باغلىنىشلىق دە‌پ ئويلايدۇ.‏ 15-‏ئايە‌تتە شۇ‌نداق يېزىلغان:‏ «ھۆكۈم قىلغىنىڭلاردا ئادالە‌تسىزلىك قىلماڭلار.‏ نامراتقا يۈز خاتىرە قىلمىغىن،‏ بايغا يان باسمىغىن.‏ قوشناڭغا ئادىل ھۆكۈم قىلغىن» (‏لاۋى.‏ 19:‏15)‏.‏ ئە‌گە‌ر بۇ ئىبارىنىڭ مە‌نىسى توغرا بولسا،‏ ئۇ‌نداقتا 16-‏ئايە‌تتىكى بۇ بۇ‌يرۇ‌ق ئىسرائىللارنىڭ دە‌ۋا،‏ سودا-‏تىجارە‌ت ياكى ئائىلىدىكى ئىشلاردا باشقىلارغا زىيان يە‌تكۈزمە‌سلىكى ۋە ئۆز مە‌نپە‌ئىتى ئۈچۈن سە‌مىمىيە‌تسىزلىك قىلماسلىقى كېرە‌كلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ دە‌رھە‌قىقە‌ت،‏ بىز چوقۇ‌م شۇ‌نداق ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرە‌ك.‏ ئە‌مما،‏ 16-‏ئايە‌تتىكى ئىبارىنى تېخىمۇ مە‌نتىقىگە ئۇ‌يغۇ‌ن ھالدا چۈشىنىش ئۈچۈن كۆپرە‌ك ئىزدىنىشىمىز كېرە‌ك.‏

ئايە‌تنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە،‏ خۇ‌دا ئۆز خە‌لقىنىڭ گە‌پ توشۇ‌غۇ‌چى بولۇ‌پ يۈرمە‌سلىكى ھە‌ققىدە بۇ‌يرۇ‌ق بە‌رگە‌ن.‏ تۆھمە‌ت قىلىش پە‌قە‌ت غە‌يۋە‌ت-‏شىكايە‌ت ياكى پىتنە-‏ ئېغۋالارنى تارقىتىشتىن باشقا،‏ يە‌نە قىيىنچىلىقلارنىڭ تۇ‌غۇ‌لۇ‌شىغا سە‌ۋە‌ب بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏پە‌ند.‏ نە 10:‏19؛‏ ۋە‌ز 10:‏12—‏14؛‏ 1-‏تىموت.‏ 5:‏11—‏15؛‏ ياقۇ‌پ 3:‏6)‏.‏ تۆھمە‌ت دائىم باشقىلارنىڭ نام-‏ئابرويىغا زىيان يە‌تكۈزۈشنى مە‌قسە‌ت قىلغان گە‌پ-‏سۆزلە‌ردۇ‌ر.‏ تۆھمە‌ت قىلغۇ‌چى،‏ بە‌لكىم باشقا كىشىگە قارشى يالغان گۇ‌ۋاھلىق بېرىپ،‏ ھە‌تتا شۇ كىشىنىڭ ھاياتىغا خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌ر تۇ‌غدۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ نابوت تۆھمە‌ت چاپلانغانلىقى ئۈچۈن چالما كېسە‌ك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگە‌ن (‏1-‏پادىشاھ.‏ 21:‏8—‏13)‏.‏ لاۋىيلار 19:‏16-‏ئايە‌تنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە،‏ تۆھمە‌ت قىلغۇ‌چىنىڭ باشقىلارنىڭ ھاياتىغا زىيان-‏زە‌خمە‌ت يە‌تكۈزمە‌سلىكى تىلغا ئېلىنغان.‏

ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ غە‌رە‌زلىك تۆھمە‌ت قىلىش ئۆچمە‌نلىكنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏15-‏ئايە‌تتە مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ ««ئۆز قېرىندىشىغا ئۆچمە‌نلىك قىلغان كىشى قاتىلدۇ‌ر.‏ ھېچقانداق بىر قاتىل مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشە‌لمە‌يدىغانىلىقىنى بىلىسىلە‌ر».‏ دىققە‌ت قىلساق،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا لاۋىيلار 19:‏16-‏ئايە‌تتىكى بۇ‌يرۇ‌قلاردىن كېيىن،‏ ئىسرائىل خە‌لقىگە يە‌نە شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سە‌ن كۆڭلۈڭدە ئۆز قېرىندىشىڭغا ئۆچمە‌نلىك قىلمىغىن».‏—‏لاۋى.‏ 19:‏17.‏

شۇ‌ڭلاشقا،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى ئۈچۈن،‏ لاۋىيلار 19:‏16-‏ئايە‌ت كۈچلۈك بىر ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش.‏ ئە‌گە‌ر بىز باشقىلارغا ئۆچمە‌نلىك ياكى ھە‌سە‌تخورلۇ‌ق قىلساق،‏ ئۇ‌لارغا زىيان-‏زە‌خمە‌ت يە‌تكۈزۈمىز،‏ يە‌نى ئۇ‌لارغا تۆھمە‌ت قىلىپ،‏ قە‌لبىمىزدە ئۆچ-‏ئاداۋە‌ت ساقلىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بۇ‌نداق ئىشلاردىن قە‌تئىي يىراق تۇ‌رۇ‌شى كېرە‌ك.‏—‏مە‌تتا 12:‏36،‏ 37‏.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش