كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م22 ئاپرېل 15-‏ب.‏
  • ئىتلىرىمغا ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلدى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئىتلىرىمغا ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلدى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ك‌م22 ئاپرېل 15-‏ب.‏
ئە‌ر كىشى ئىككى كىچىك ئىتى بىلە‌ن سە‌يلە قىلىپ يۈرىدۇ.‏ ئۇ ماتېرىيال ھارۋۇ‌سى يېنىدا تۇ‌رغان بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايال گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ يېنىغا كېلىۋاتىدۇ.‏

ئىتلىرىمغا ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلدى

ئامېرىكا،‏ ئورېگان شتاتىدا ياشايدىغان نىك ئىسىملىك ئە‌ر كىشى مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «2014-‏يىلى ئە‌تىياز پە‌سلىدە،‏ مە‌ن ياشىغان مە‌ھە‌للە مە‌ركىزىدە ئىككى ئە‌رمە‌ك ئىتىم بىلە‌ن سە‌يلە قىلىشقا چىقتىم.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئادە‌تتە مە‌ھە‌للە مە‌ركىزىدە ماتېرىيال ھارۋۇ‌سى يېنىدا تۇ‌راتتى.‏ ئۇ‌لار رە‌تلىك-‏پاكىزە كىيىنگە‌ن،‏ دائىم تە‌بە‌سسۇ‌م بىلە‌ن،‏ يېنىدىن ئۆتكە‌ن ھە‌ربىر كىشىگە سالام بېرىپ تۇ‌راتتى.‏

گۇ‌ۋاھچىلار پە‌قە‌ت كىشىلە‌رگىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئىتلىرىمغىمۇ ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلاتتى.‏ بىر كۈنى ماتېرىيال ھارۋۇ‌سى يېنىدا تۇ‌رغان ئىلېن ئە‌رمە‌ك ئىتلىرىمغا تاتلىق پىرە‌نىك بە‌ردى.‏ شۇ كۈندىن باشلاپ،‏ ھە‌ر قېتىم ئاشۇ كوچىدا ماڭغاندا،‏ ماتېرىيال ھارۋۇ‌سى يېنىدا تۇ‌رغان گۇ‌ۋاھچىلاردىن تاتلىق پىرە‌نىككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىتلىرىم مېنى شۇ ياققا تارتاتتى.‏

ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ ئىتلىرىمغا تاتلىق پىرە‌نىك،‏ ماڭا بولسا،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن بولغان قىسقىچە سۆھبە‌تلىشىش يېقىپ قالدى.‏ بىراق،‏ مە‌ن ئۇ‌لار بىلە‌ن بە‌ك كۆپ پاراڭلىشىشنى خالىمايتتىم.‏ يېشىم 70-‏تىن ئاشقان ئىدى.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلمە‌يتتىم.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مېنىڭ چىركاۋدىن كۆڭلۈم قالغان ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆزۈم ئۆگە‌نسە‌م ياخشىراق دە‌پ ئويلايتتىم.‏

شۇ جە‌رياندا،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ شە‌ھە‌رنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ماتېرىيال ھارۋىلىرى بىلە‌ن تۇ‌رغانلىقىنى كۆردۈم.‏ ئۇ‌لار دائىم دوستانە مۇ‌ئامىلە قىلاتتى.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى سوئاللىرىمغا دائىم مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلىنىپ جاۋاب بېرە‌تتى.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ‌لارغا بولغان ئىشە‌نچىم بارغانسېرى ئاشتى.‏

بىر كۈنى ئىلېن مە‌ندىن:‏ ھايۋانلار خۇ‌دا ھە‌دىيە قىلغان سوۋغات ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنە‌مسىز؟‏›—‏ دە‌پ سورىدى.‏ مە‌ن بولسام:‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئىشىنىمە‌ن!‏›—‏ دە‌پ جاۋاب بە‌ردىم.‏ ئىلېن يە‌شايا 11:‏6–‏9-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌پ بە‌ردى.‏ بۇ مېنىڭ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىغا بولغان كۆزقارىشىمنى ئۆزگە‌رتىشكە ياردە‌م بە‌ردى.‏ ئە‌مما،‏ گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ كىتاب-‏ژۇ‌رناللىرىنى ئېلىشنى يە‌نىلا خالىمىدىم.‏

كۈنلە‌ر ئۆتكە‌نسېرى،‏ ئىلېن ۋە ئۇ‌نىڭ ئېرى بىرېنت بىلە‌ن قىسقا،‏ ئە‌مما قىزىقارلىق سۆھبە‌تلە‌رنى ئۆتكۈزىدىغان بولدۇ‌ق.‏ ئۇ‌لار ماڭا ھە‌قىقىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى قانداق بولۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ مە‌تتا كىتابىدىن ئە‌لچىلە‌ر كىتابىغىچە ئوقۇ‌پ چىقىشمنى تە‌ۋسىيە قىلدى.‏ مە‌ن دە‌ل شۇ‌نداق قىلدىم.‏ كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ 2016-‏يىلى ياز پە‌سلىدە،‏ بىرېنت ۋە ئىلېن بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلىدىم.‏

ھە‌ر ھە‌پتىدىكى تە‌تقىق ئۆگۈنۈشۈمنى ۋە يىغىلىش زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىغا بېرىشنى ئىنتىزارلىق بىلە‌ن كۈتە‌تتىم.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۆگىنىپ،‏ شاد-‏خۇ‌راملىققا چۆمدۈم.‏ بىر يىلدىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى سۈپىتىدە سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم.‏ ھازىر،‏ 79 ياشقا يە‌تكە‌ندە،‏ مە‌ن ئۆزۈمنىڭ ھە‌قىقە‌ت يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىمنى بىلىمە‌ن.‏ يە‌ھۋا مېنى خە‌لقئارا چوڭ ئائىلىسىگە قوبۇ‌ل قىلىپ بە‌رىكە‌تلىدى».‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش