كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م22 ئىيۇ‌ن 29-‏ب.‏
  • سىز بىلە‌مسىز؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • سىز بىلە‌مسىز؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ك‌م22 ئىيۇ‌ن 29-‏ب.‏

سىز بىلە‌مسىز؟‏

رىملىقلار،‏ ئە‌يساغا ئوخشاش تۈۋرۈككە مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگە‌نلە‌رنىڭ ئادە‌تتىكىدە‌ك دە‌پنە قىلىنىشىغا رۇ‌خسە‌ت بە‌رگە‌نمۇ؟‏

شاگىرتلىرى ئە‌يسانىڭ جە‌سىتىنى تۈۋرۈك ياغاچتىن چۈشۈرۈپ،‏ ئۇ‌نى رە‌خت بىلە‌ن يۆگە‌ۋاتىدۇ.‏

كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر ئە‌يسانىڭ ئىككى جىنايە‌تچى ئوتتۇ‌رىسىدا تۈۋرۈككە مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئاڭلىغان (‏مە‌تتا 27:‏35–‏38‏)‏.‏ لېكىن،‏ بە‌زىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌يسانىڭ جە‌سىتى دە‌پنە قىلىشقا تە‌ييارلىنىپ،‏ قە‌برىگە قويۇ‌لغانلىقى ھە‌ققىدە بايانلارنىڭ توغرىلىقىغا ئىشە‌نمە‌يدۇ.‏—‏ماركۇ‌س 15:‏42–‏46.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌نقىد قىلغۇ‌چىلاردىن بە‌زىلىرى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان كىشىلە‌رنى ئادە‌تتىكىدە‌ك دە‌پنە قىلىشقا،‏ مە‌سىلە‌ن قە‌برىگە يە‌رلە‌شكە رۇ‌خسە‌ت قىلىنغانلىقىدىن گۇ‌مانلىنىدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ‌لار جىنايە‌تچى سۈپىتىدە ئۆلتۈرۈلگە‌نلە‌رنىڭ جە‌سىتى باشقىچە بىر تە‌رە‌پ قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىشىدۇ.‏ ئارىئېل سابار ئىسىملىك ژۇ‌رنالىست «سىمىسسون» تە‌تقىقات ئورنىنىڭ ژۇ‌رنىلىدا بە‌زىلە‌رنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق بىر كۆز قاراشتا ئىكە‌نلىكىنى مۇ‌نداق دە‌پ چۈشە‌ندۈرگە‌ن:‏ «تۈۋرۈككە مىخلاش جە‌مئىيە‌تتىكى ئە‌ڭ ۋە‌ھشىي جىنايە‌تچىلە‌رگە بېرىلگە‌ن جازا ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ بە‌زى مۇ‌تە‌خە‌سسىسلە‌ر رىملىقلارنىڭ تۈۋرۈككە مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگە‌نلە‌رنىڭ جە‌سىتىنى ئادە‌تتىكىدە‌ك دە‌پنە قىلىشقا رۇ‌خسە‌ت قىلىشى ھە‌رگىزمۇ مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س دە‌پ قارايدۇ».‏ رىملىقلار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايە‌تچىلە‌رنى ئە‌ڭ كۈچلۈك نومۇ‌س ھېس قىلدۇ‌رىدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ھاقارە‌تلىك مۇ‌ئامىلە قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار جىنايە‌تچىلە‌رنىڭ جە‌سە‌تلىرىنى يىرتقۇ‌چ ھايۋاناتلارغا يە‌م قىلىش ئۈچۈن تۈۋرۈكتە قالدۇ‌رغان.‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ جە‌سە‌تلىرىنىڭ قالدۇ‌قلىرىنى جە‌سە‌تلە‌ر دۆۋىلە‌نگە‌ن ئورتاق بىر قە‌برىگە تاشلىغان.‏

لېكىن،‏ ئارخېئولوگلار شۇ‌نى بايقىغانكى،‏ ئۆلتۈرۈلگە‌ن بە‌زى يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ جە‌سە‌تلىرى شۇ‌نداق بىر تە‌رە‌پ قىلىنمىغان.‏ 1968-‏يىلى،‏ بىرىنچى ئە‌سىردە ئۆلتۈرۈلگە‌ن بىر كىشىنىڭ جە‌سىتىنىڭ قالدۇ‌ق سۆڭە‌كلىرى تېپىلغان.‏ ئۇ‌لار يېرۇ‌سالىمغا يېقىن جايدىكى بىر يە‌ھۇ‌دىي ئائىلىسىگە تە‌ۋە بولغان قە‌برىدىن تېپىلغان.‏ ئاشۇ قالدۇ‌ق سۆڭە‌كلە‌ر مە‌خسۇ‌س جە‌سە‌ت سۆڭە‌كلىرى ساقلىنىدىغان ساندۇ‌قتا ئىدى.‏ شۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا بىر تاپان سۆڭىكى بار بولۇ‌پ،‏ بۇ سۆڭە‌ك 5.‏11 سانتىمېتىر ئۇ‌زۇ‌نلۇ‌قتىكى تۆمۈر مىخ بىلە‌ن ياغاچ تاختايغا مىخلانغان ھالە‌تتە ئىدى.‏ ئارىئېل سابار مۇ‌نداق يازغان:‏ «يە‌ھوخانان ئىسىملىك كىشىگە تە‌ۋە تاپان سۆڭىكى،‏ ئە‌يسانىڭ جە‌سىتى قە‌برىگە دە‌پنە قىلىنغانلىقى ھە‌ققىدە ئۇ‌زۇ‌ندىن-‏ئۇ‌زۇ‌نغا سوزۇ‌لغان تاللاش-‏تارتىشلارنى ھە‌ل قىلىشقا ياردە‌م بە‌ردى.‏ .‏.‏.‏ بۇ يە‌ھوخاناننىڭ تاپان سۆڭىكى ئە‌يسانىڭ زامانىدا رىملىقلارنىڭ تۈۋرۈككە مىخلانغان بىر يە‌ھۇ‌دىينى ئادە‌تتىكىدە‌ك قە‌برىگە يە‌رلە‌شكە رۇ‌خسە‌ت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ».‏

بۇ تېپىلغان تاپان سۆڭە‌ككە ئاساسلىنىپ،‏ كىشىلە‌ر ھازىرغىچە ئە‌يسانىڭ تۈۋرۈككە قانداق ھالە‌تتە مىخلانغانلىقى ھە‌ققىدە ھە‌ر تۈرلۈك كۆز قاراشتا بولۇ‌شماقتا.‏ لېكىن،‏ شۇ‌نى ئىشە‌نچ بىلە‌ن ئېيتىشقا بولىدۇ‌كى،‏ بە‌زى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايە‌تچىلە‌رنىڭ جە‌سە‌تلىرى جە‌سە‌تلە‌ر دۆۋىلە‌نگە‌ن ئورتاق بىر قە‌برىگە تاشلانماي،‏ ئادە‌تتىكىدە‌ك قە‌برىگە دە‌پنە قىلىنغان.‏ دېمە‌ك،‏ ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ‌كى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌يسانىڭ جە‌سىتى قە‌برىگە قويۇ‌لۇ‌پ،‏ ئادە‌تتىكىدە‌ك دە‌پنە قىلىنغانلىقى ھە‌ققىدىكى بايانلار ئىشە‌نچلىكتۇ‌ر ۋە تېپىلغان دە‌لىل-‏ئىسپاتلارمۇ بۇ‌نى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏

ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ باي كىشىنىڭ قە‌برىسىگە دە‌پنە قىلىنىدىغانلىقى ئالدىن بېشارە‌ت قىلىنغان.‏ ھە‌مدە خۇ‌دانىڭ سۆزلىرىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىغا ھېچ نە‌رسە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلالمايدۇ.‏—‏يە‌شايا 53:‏9؛‏ 55:‏11.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش