تەرجىمىھال
مەن يەھۋانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى كۆردۈم
بەلكىم، باشقىلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىڭىز ئارىسىدا، ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغانلىرىنى ھازىرمۇ ئەسلىيەلەيدىغانسىز. تەخمىنەن 50 يىل ئىلگىرى، بىر دوستۇم بىلەن كېنىيىدە شۇنداق بىر سۆھبەتتە بولغان ئىدىم. شۇ چاغدا، بىز بىرنەچچە ئاي سەپەر قىلغان ۋە ئاپتاپتا كۆيۈپ، قارىداپ كەتكەن ئىدۇق. دوستۇم بىلەن ئىككىمىز گۈلخان يېقىپ، ئوتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، دىنغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئىشلار توغرىسىدىكى بىر فىلىم ئۈستىدە پاراڭلىشىشقا باشلىدۇق. دوستۇم: «ئۇ مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغانلارغا ماس كەلمەيدۇ»،— دېدى.
مەن كۈلۈپ كەتتىم، چۈنكى دوستۇمنىڭ دىنىي ئېتىقادى بار دەپ قارىمايتتىم. «مۇقەددەس كىتاب ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسەن؟»— دەپ سورىدىم. ئۇ دەرھاللا جاۋاب بېرىشكە ئالدىراپ كەتمىدى. ئاخىرىدا، ئۇ ماڭا ئاپىسىنىڭ بىر يەھۋا گۇۋاھچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئاپىسىدىن بەزى نەرسىلەرنى ئۆگەنگەن ئىكەن. مەن قىزىقىپ: «ماڭا تېخىمۇ كۆپرەك نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەرگىنە»،— دېدىم.
سۆھبىتىمىز كېچىچە داۋاملاشتى. دوستۇم ماڭا مۇقەددەس كىتابتا شەيتان بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى دەپ ئاتالغانلىقىنى ئېيتتى (يۇھاننا 14:30). بەلكىم، سىز ئىلگىرى بۇنى بىلگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، بۇ مەن ئۈچۈن يېڭى بىر كۆزقاراش ۋە ماڭا ئىنتايىن قىزىقارلىق تۇيۇلدى. مەن ئىزچىل، مېھىر-شەپقەتلىك، ئادالەتلىك بىر خۇدانىڭ بۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما، ھاياتىمدا كۆرگەنلىرىم بىلەن ئاشۇ ئاڭلىغانلىرىم بىر-بىرىگە ماس كەلمەيتتى. گەرچە ئەمدىلا 26 ياشتا بولساممۇ، كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرگەن ئىدىم.
دادام ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئۇچقۇچىسى بولغان. شۇڭا، بالىلىق چېغىمدا يادرو قوراللىرى ئۇرۇشىنىڭ ھەقىقەتەن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئېنىق بىلەتتىم. چۈنكى، ئارمىيە يادرو قورالىنى ئىشلىتىشكە ھەرقاچان ھازىر بولۇپ تۇرغان ئىدى. مەن كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ۋېتنام ئۇرۇشى باشلاندى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارشىلىق نامايىشىغا قاتناشتىم. كالتەكلەرنى كۆتۈرۈۋالغان ساقچىلار كوچىلاردا بىزنى قوغلىدى ۋە بىز قاچتۇق. ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقاندا، كۆزلىرىمىزنى ئاچالماي قالدۇق. ئاشۇ قالايمىقانچىلىق يىللىرى ھەممە يەردە سىياسىي سۈيقەستلەر، نامايىشلار ۋە توپىلاڭلار يۈز بەردى. ھەر تۈرلۈك ئىدىيە ۋە ئوي-پىكىرلەر بوران-چاپقۇندا چېچىلىپ كەتكەن ساماندەك ھەممىلا يەرگە كەڭ تارقالغاچ، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى گاڭگىراپ، كىمگە ئىشىنىشىنى بىلەلمەي قالغانىدى.
لوندوندىن ئوتتۇرا ئافرىقىغىچە
1970-يىلى، مەن ئالياسكا شتاتىنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز قىرغىقىغا بېرىپ ئىشلەپ، نۇرغۇن پۇل تاپتىم. ئاندىن، لوندونغا ئۇچۇپ، ئۇ يەردە بىر موتسىكلىت سېتىۋېلىپ، ھېچبىر نىشانسىزلا جەنۇپقا قاراپ ماڭدىم. بىر نەچچە ئايلاردىن كېيىن، ئافرىقىغا يېتىپ باردىم. سەپەر ئۈستىدە، ماڭا ئوخشاش ئەركىن ياشاشقا ئىنتىلىدىغان ۋە قىيىنچىلىقلاردىن قېچىپ قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان كىشىلەرنى ئۇچراتتىم.
شۇڭا، مەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسەن، مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغان بۇ دۇنيا شەيتاننىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا دېگەن تەلىمنى ئەقىلگە مۇۋاپىق كۆردۈم. بۇ دۇنياغا خۇدا ھۆكۈمرانلىق قىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇ نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ بۇنى بىلمەكچى بولدۇم.
بىرنەچچە ئايدىن كېيىن سوئالىمغا جاۋاب تاپتىم. كېيىنرەك، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مەن ھەرخىل ۋەزىيەتلەردە ئۆزىنىڭ بىردىن-بىر ھەق خۇداغا بولغان سادىقلىقىنى ئىسپاتلىغان نۇرغۇن ئەر-ئاياللار بىلەن تونۇشتۇم.
شىمالىي ئىرلاندىيە «بومبىلار پارتىلاپ، ئوقلار ئۇچۇپ يۈرىدىغان زېمىن»
مەن لوندونغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دوستۇمنىڭ ئاپىسى بىلەن ئالاقىلاشتىم. ئۇ ماڭا بىر مۇقەددەس كىتابنى بەردى. كېيىن، مەن گوللاندىيىنىڭ ئامستېردام شەھىرىگە باردىم. بىر گۇۋاھچى كوچا چىرىغى ئاستىدا مۇقەددەس كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، مېنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك بىلىم ئاشۇرۇشۇمغا ياردەم قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىرلاندىيىنىڭ دۇبلىن شەھىرىگە بېرىپ، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يەرلىك بەيتەل ئائىلىسىنى تاپتىم. مەن چوڭ ئىشىكنى چەكتىم. ئۇ يەردە ئارتۇر ماتېيۇس ئىسىملىك دانا، تەجرىبىلىك بۇرادەر بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇنىڭغا مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنمەكچى ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم. ئۇ مەن بىلەن تەتقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى.
مەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشقا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن كىرىشىپ كەتتىم. گۇۋاھچىلار نەشىر قىلغان كۆپلىگەن كىتاب-ژۇرناللارنى ئىشتىياق بىلەن بېرىلىپ ئوقۇدۇم. ئەلۋەتتە، مەن مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۆزىنىمۇ ئوقۇدۇم. شۇ چاغدا، خۇددى مەن خەزىنە تېپىۋالغاندەك ھېس-تۇيغۇغا چۆمگەن ئىدىم! جامائەت يىغىلىشلىرىدا ھەتتا بالىلار بىلىملىك كىشىلەر نۇرغۇن ئەسىرلەردىن بۇيان ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلىدىغانلىقىنى كۆردۈم. «نېمىشقا دۇنيادا رەزىل ئىشلار بار؟ خۇدا كىم؟ ئىنسان ئۆلگەندە نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟» مەن پەقەت گۇۋاھچىلار بىلەن باردى-كەلدى قىلدىم. بۇنداق قىلىش ئاسان ئىدى، چۈنكى، بۇ دۆلەتتە ئۇلاردىن باشقا كىشىلەرنى تونۇمايتتىم. ئۇلار بارغانسېرى مېنىڭ يەھۋانى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇندىشىمغا ياردەم بەردى.
نىگېل، دېنىس ۋە مەن
1972-يىلى، مەن سۇغا چۆمۈلدۈرۈلدۈم. بىر يىلدىن كېيىن، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇشنى باشلىدىم ۋە شىمالىي ئىرلاندىيىنىڭ نيۇرى دېگەن شەھىرىدە كىچىك بىر جامائەتكە قوشۇلدۇم. مەن تاغ باغرىدىكى كىچىك بىر ئېغىز تاش ئۆينى ئىجارىگە ئالدىم. يېقىن ئەتراپتىكى ئېتىزلاردا كالىلار ئوتلاپ يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا نۇتۇق سۆزلەشنى مەشىق قىلدىم. ئۇلار ئوت-چۆپنى چايناپ، دىققەت بىلەن تىڭشاۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇلار ھېچقانداق مەسلىھەت بېرەلمەيتتى، ئەمما ئۇلار نۇتۇق سۆزلىگەندە، تىڭشىغۇچىلارغا قانداق نەزەر سېلىشنى ئۆگىنىشىمگە ياردەم قىلغانىدى. 1974-يىلى، مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ تەيىنلەندىم ۋە نىگېل پىت بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆمۈرلۈك دوست بولدۇم.
ئەينى ۋاقىتتا، شىمالىي ئىرلاندىيىنى قوراللىق زىددىيەت توقۇنۇشلىرى قاپلىغان ئىدى. بەزىلەر شىمالىي ئىرلاندىيىگە «بومبىلار پارتىلاپ، ئوقلار ئۇچۇپ يۈرىدىغان زېمىن» دەپ ئىنتايىن مۇۋاپىق بىر لەقەم قويغان. ھەردائىم كوچىلاردا توپلىشىپ ئۇرۇپ-سوقۇش، مەرگەنلەرنىڭ يوشۇرۇن ھۇجۇمى، قوراللىق ئېتىشىش ۋە ماشىنا بومبىلارنى پارتىلىتىش يۈز بېرىپ تۇراتتى. سىياسىي ۋە دىنىي مەسىلىلەر بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەنىدى. شۇنداقتىمۇ، پروتېستانتلار ۋە كاتولىكلار يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ سىياسەتكە ئارىلاشماي، بىتەرەپلىكنى ساقلايدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا، بىز ئەركىن ۋە بىخەتەر ۋەز ئېيتالايدىغان بولدۇق. ئۆي ئىگىلىرى دائىم قاچان ۋە قەيەردە زوراۋانلىق يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇلار بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ قۇياتتى. شۇنىڭ بىلەن، بىز خەتەردىن ئۆزىمىزنى ئېلىپ قاچالايتتۇق.
شۇنداقتىمۇ، بەزى خەتەرلىك ئەھۋاللارغا يولۇققان ئىدۇق. بىر كۈنى مەن باشقا بىر پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بۇرادەر دېنىس كارىگېن بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى كىچىك مەھەللىگە باردۇق. ئۇ يەردە يەھۋا گۇۋاھچىلىرى يوق ئىدى. ئىلگىرى پەقەتلا بىر قېتىم ئۇ يەرگە ۋەز ئېيتىشقا بارغان. كىچىك قەھۋەخانىدا، بىر ئايال بىزنى پۇقراچە كىيىنگەن ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى دەپ ئەيىبلىدى. بەلكىم، بىز ھېچقايسىمىز ئىرلاندىيە تەلەپپۇزىدا سۆزلىمىگەندىمىز. ئۇ ئايالنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتتۇق. چۈنكى، ئەگەر بىر كىشى ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىگە مۇنداقلا دوستانە مۇئامىلە قىلسا، باشقىلار ئۇ كىشىگە ئوق چىقىرىپ ئۆلتۈرۈۋېتەتتى ياكى تىزىدىن تۆشۈك ئېچىۋېتەتتى. بىز ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، سىرتتا سوغۇق ھاۋادا ئاپتوبۇسنى ساقلاپ تۇراتتۇق. شۇ چاغدا، بىر كىچىك ماشىنا قەھۋەخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. بىزنى ئەيىبلىگەن ھېلىقى ئايال چىقىپ، ماشىنىدىكى ئىككى ئەر كىشىگە ھاياجان بىلەن سۆزلەپ، قولى بىلەن بىزنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئەرلەر ماشىنىنى ئاستا ھەيدەپ، يېنىمىزغا كېلىپ بىزدىن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىش ۋاقتى توغرىسىدا بىر قانچە سوئال سورىدى. ئاپتوبۇس كەلگەندە، ئۇلار شوپۇر بىلەن پاراڭلاشتى. ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىيالمىدۇق. باشقا يولۇچىلار يوق ئىدى، شۇڭا ئۇلار شەھەر سىرتىدا بىزگە زىيانكەشلىك قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ دەپ ئىشەندۇق. ئەمما، ئۇنداق ئىش يۈز بەرمىدى. ئاپتوبۇستىن چۈشكەندە، مەن شوپۇردىن: «بايا، ئىككى كىشى سىزدىن بىز ھەققىدە بىر نەرسىلەرنى سورىدىمۇ؟»— دەپ سورىدىم. ئۇ جاۋاب بېرىپ: «مەن سىلەرنى بىلىمەن ۋە كىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئۇلارغا ئېيتتىم. شۇڭا، ئەنسىرىمەڭلار، سىلەر بىخەتەر»،— دېدى.
1977-يىل، مارت ئېيى، توي كۈنىمىز
1976-يىلى، دۇبلىندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر چوڭ يىغىلىشتا، مەن ئەنگلىيىدىن مېھمان بولۇپ كەلگەن مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى پاۋلىن لوماكىس ئىسىملىك قېرىنداش بىلەن تونۇشتۇم. ئۇ سادىق، كەمتەر ۋە مېھرىبان ئىدى. ئۇ ۋە ئىنىسى رېي كىچىكىدىن ھەقىقەتنى تونۇغان ئىدى. بىر يىلدىن كېيىن، پاۋلىن ئىككىمىز توي قىلىپ، شىمالىي ئىرلاندىيىنىڭ باللىمېنا شەھىرىدە داۋاملىق مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلدۇق.
بىز بىر مەزگىل بەلفەست، لوندوندەرىي ۋە باشقا خەتەرلىك رايونلاردىكى جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، قېرىنداشلارغا خىزمەت قىلدۇق. يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دىنىي ئېتىقادى، بىر تەرەپلىمە قارىشى ۋە ئۆچمەنلىكىنى تاشلىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشەنچىسىنى كۆرۈپ، قاتتىق تەسىرلەندۇق. ھەقىقەتەن، يەھۋا ئۇلارنى بەرىكەتلىگەن ۋە قوغدىغان.
مەن ئىرلاندىيىدە ئون يىل ياشىغان ئىدىم. 1981-يىلى، بىز گىلىئاد مەكتىپىنىڭ 72-قارارلىق سىنىپىغا ئوقۇشقا تەكلىپ قىلىندۇق. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، غەربىي ئافرىقىدىكى سېررالېئون دېگەن دۆلەتكە ئەۋەتىلدۇق.
سېررالېئوندىكى قېرىنداشلار كەمبەغەل، ئەمما ساداقەتمەن
بىز 11 ئېسىل كىشى بىلەن ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچىلار (مىسسىئونېرلار) ئۈچۈن ھازىرلانغان ئۆيدە تۇردۇق. بىر ئاشخانا، ئۈچ ھاجەتخانا، ئىككى مۇنچا، بىر تېلېفون، بىر كىرالغۇ ۋە بىر قۇرۇتقۇچىنى ئورتاق ئىشلىتەتتۇق. توك ئۈزۈلۈپ قالىدىغان ئەھۋال دائىم بولۇپ تۇراتتى. ئۆگزىنى چاشقانلار قالايمىقان قىلاتتى، يەر ئاستى ئۆيىگە كۆز ئەينەكلىك يىلانلار كىرىۋالاتتى.
قوشنا دۆلەت گۋىنىيىدىكى چوڭ يىغىلىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن دەريادىن ئۆتكەندە
گەرچە تۇرمۇش شارائىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ، ۋەز خىزمىتىمىز كۆڭلىمىزنى خۇشال قىلاتتى. ئۇ يەردىكى كىشىلەر مۇقەددەس كىتابقا ھۆرمەت كۆرسىتەتتى ۋە بىزنى دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىپ تىڭشايتتى. نۇرغۇن كىشىلەر مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەندى ۋە ھەقىقەتنى قوبۇل قىلدى. يەرلىك كىشىلەر مېنى «روبېرت ئەپەندىم»، پاۋلىننى «روبېرت خانىم» دەپ چاقىراتتى. بىراز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يەرلىك بەيتەلدە قىلىدىغان ئىشلىرىم بارغانسېرى كۆپ بولغاچ، ۋەز خىزمىتىگە چىقىدىغان ۋاقتىم ئازلاپ كەتتى. كىشىلەر پاۋلىننى «پاۋلىن خانىم» دەپ چاقىرىشقا باشلىدى. مەن بولسام، «پاۋلىن ئەپەندىمگە» ئايلىنىپ قالدىم. پاۋلىن باشقىلارنىڭ بىزنى بۇنداق چاقىرىشىنى ياقتۇراتتى.
سېررالېئوندىكى ۋەز ئېيتىش سەپىرىدە
ئۇ يەردىكى نۇرغۇن قېرىنداشلار كەمبەغەل ئىدى. ئەمما، يەھۋا ھەمىشە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى. بەزىدە ھەتتا بىز ئويلاپ باقمىغان ئۇسۇلدا شۇنداق قىلدى (مەتتا 6:33). ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر قېرىنداشنىڭ شۇ كۈنى ئۆزى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن يېمەكلىك سېتىۋېلىشقا يەتكۈدەكلا پۇلى بار ئىدى، ئەمما ئۇ بار پۇلىنىڭ ھەممىسىنى بەزگەك كېسىلى ئۈچۈن دورا سېتىۋېلىشقا پۇلى يوق كېسەل بۇرادەرگە بەردى. دەل شۇ كۈنى، بۇ قېرىنداشنى تۇيۇقسىز بىر ئايال ئىزدەپ كېلىپ، چېچىنى كەستۈرۈپ، ھەق تۆلىدى. بۇنىڭغا ئوخشاش ھېكايىلەر بەك كۆپ.
نىگېرىيە — يېڭى مەدەنىيەت بىلەن تونۇشۇش
بىز سېررالېئوندا توققۇز يىل تۇرغاندىن كېيىن، نىگېرىيىدىكى بەيتەلگە ئەۋەتىلدۇق. بۇ يەردىكى بەيتەلنىڭ كۆلىمى چوڭراق ئىدى، مەن سېررالېئوندا قىلغان ئىشخانا خىزمىتىنى قىلاتتىم. ئەمما، پاۋلىنغا نىسبەتەن بۇ بىر چوڭ ۋە قىيىن ئۆزگىرىش بولدى. ئۇ ھەر ئايدا 130 سائەت ۋەز خىزمەتتە بولۇپ، نۇرغۇن ئالغا ئىلگىرىلىگەن تەتقىق ئۆگىنىشلىرى بار ئىدى. ھازىر ئۇ كىيىم تىكىش ئۆيىدىكى خىزمەتكە تەيىنلەندى. ھەر كۈنى يىرتىلغان كىيىم-كېچەكلەرنى يامايتتى. ئۇنىڭ بۇ ئۆزگىرىشكە كۆنۈشىگە بىراز ۋاقىت كەتتى. كېيىنرەك، ئۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان خىزمىتى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئىنتايىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى ۋە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ قولدىن كېلىشىچە بەيتەلدىكى قېرىنداشلارغا ئىلھام-مەدەت بېرىشكە تىرىشتى.
نىگېرىيە مەدەنىيىتى بىز ئۈچۈن يېڭى بولغاچ، ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەر بار ئىدى. بىر قېتىم، بىر بۇرادەر ئىشخانامغا كېلىپ، بەيتەلگە يېڭىلا قوبۇل قىلىنغان قېرىنداشنى تونۇشتۇردى. مەن ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىش ئۈچۈن قول ئۇزاتقىنىمدا، ئۇ تىزلىنىپ، ئالدىمدا سەجدە قىلدى. مەن ھەيران قالدىم! مۇقەددەس كىتابتىكى ئەلچىلەر 10:25، 26 ۋە ۋەھىيلەر 19:10-ئايەتلەر، چاقماق چاققاندەك ئەقلىمگە كەلدى. «ئۇنىڭغا بۇنداق قىلماسلىقنى ئېيتىشىم كېرەكمۇ؟» دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ بەيتەلگە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئويلاپ، كۆڭلۈمدە: ئۇ مۇقەددەس كىتابتا نېمە دېيىلگەنلىكىنى چوقۇم بىلىدۇ،— دېدىم.
سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، ئۆزۈمنى ئىنتايىن ئوڭايسىز ھېس قىلدىم. كېيىن، مەن ئىزدىنىپ تەتقىق قىلدىم. قېرىنداشنىڭ يەرلىك ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت بويىچە ئىش قىلغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا نىگېرىيىدىكى بەزى جايلاردا كىشىلەرنىڭ يەنىلا شۇنداق سالاملىشىش ئۆرپ-ئادىتىنى ساقلىغانلىقىنى بىلدىم. ئەرلەرمۇ ئوخشاشلا سەجدە قىلىدۇ. بۇ ھۆرمەتنى ئىپادىلەشنىڭ بىر ئۇسۇلى ئىدى. ئۇ ئىبادەت ئەمەس. مۇقەددەس كىتابتا شۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار بار (1-سام. 24:8). ئۆزۈمنىڭ نادانلىقى سەۋەبلىك، قېرىنداشنى خىجىل قىلىدىغان گەپلەرنى قىلىپ قويمىغىنىمغا خۇشال بولدۇم.
بىز نىگېرىيىدە نۇرغۇن قېرىنداشلار بىلەن تونۇشتۇق، ئۇلار نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان يەھۋاغا ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى. يەشايا ئاداگبوناa ئىسىملىك بىر بۇرادەر بار بولۇپ، ئۇ ياش ۋاقتىدا ھەقىقەتنى تونۇغان ئىدى. ئەمما، كېيىن ئۇنىڭغا ماخاۋ كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلۇپ، مەخسۇس ماخاۋ كېسىلى بار كىشىلەرنى يىغىۋېلىش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن. شۇ يەردە ئۇ يالغۇز گۇۋاھچى ئىدى. نۇرغۇن قارشىلىقلارغا قارىماي، ئۇ 30دىن ئارتۇق ماخاۋ كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن ۋە ئۇ يەردە بىر جامائەت قۇرغان.
كېنىيە — بۇرادەرلەر ماڭا سەۋرچان بولدى
كېنىيىدىكى يېتىم كەركىدان بىلەن كۆرۈشۈش
1996-يىلى، بىز كېنىيىدىكى بەيتەلگە ئەۋەتىلدۇق. ئىلگىرى سۆزۈمنى باشلىغاندا، بۇ دۆلەتكە بارغانلىقىمنى تىلغا ئالغانىدىم. ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، مەن تۇنجى قېتىم بۇ دۆلەتكە قايتا كەلدىم. بىز بەيتەلدە تۇردۇق. بۇ يەرنى زىيارەت قىلىشقا كېلىدىغانلار نۇرغۇنلىغان مېھمانلارنىڭ ئارىسىدا ئۇزۇن قۇيرۇق مايمۇنلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار قېرىنداشلار كۆتۈرۈپ ماڭغان مېۋە-چېۋىلەرنى بۇلاپ كېتەتتى. بىر كۈنى، بەيتەلدە بىر قېرىنداش دېرىزىسىنى ئوچۇق قويۇپ قويغان. ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، بۆلمىنى بىر توپ مايمۇنلار قالايمىقان قىلىپ، تاپقان يېمەكلىكنى يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ۋارقىراپ ئىشىكتىن سىرتقا يۈگۈرگەن. مايمۇنلار ۋارقىرىشىپ، دېرىزىدىن سىرتقا سەكرىگەن ئىدى.
پاۋلىن ئىككىمىز سۇۋاخىلى تىلى جامائىتىگە قاتناشتۇق. بىراز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى جامائەت كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىگە (ھازىر جامائەت مۇقەددەس كىتاب تەتقىقى دەپ ئاتىلىدۇ) رىياسەتچىلىك قىلىشقا بەلگىلىدى. بىراق، مەن بۇ تىلنى ئەمدىلا تىلى چىقىۋاتقان بوۋاقلاردەك سۆزلەيتتىم. مەن ئۆگىنىدىغان ماتېرىيالغا ئالدىن تەييارلىق قىلاتتىم، شۇڭا پەقەت سوئاللارنى ئوقۇيالايتتىم. ئەمما، قېرىنداشلارنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى ئابزاسلاردا يېزىلغانلاردىن پەرقلىق بولسا، ئۇلارنى چۈشەنمىگەن ئىدىم. بۇ بەكمۇ ئوڭايسىز ئەھۋال ئىدى! قېرىنداشلارنى ھەقىقەتەن قىيىنىغان ئىدىم. ئۇلارنىڭ سەۋرچانلىق ۋە كەمتەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىدىن بەك تەسىرلەندىم.
ئامېرىكا — باياشات، ئەمما ساداقەتمەن
بىز كېنىيىگە كېلىپ، تېخى بىر يىل بولمىغان ئىدى. 1997-يىلى بىزنى نيۇ-يورك برۇكلىندىكى بەيتەلگە تەكلىپ قىلدى. ھازىر ماددىي جەھەتتىن باياشات، گۈللەنگەن دۆلەتكە كەلدۇق. ئەمما، بۇنداق شارائىتمۇ ئۆزىگە يارىشا قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ (پەند. نە 30:8، 9). شۇنداقتىمۇ، بۇ دۆلەتتە قېرىنداشلار مۇستەھكەم ئىمان-ئېتىقادىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ. قېرىنداشلار ۋاقتى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى تېخىمۇ كۆپ بايلىق توپلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشىراق قوللاش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، بىز قېرىنداشلارنىڭ تۈرلۈك ۋەزىيەتلەردە نامايان قىلغان ئىشەنچىسىنى كۆردۇق. ئېرلاندىيىدە قېرىنداشلار سىياسىي قالايمىقانچىلىققا دۇچ كەلدى. ئافرىقىدا قېرىنداشلار نامراتلىق ۋە چەتكە قېقىلىپ يەكلەشكە دۇچ كەلدى، ئامېرىكىدا بايلىقنىڭ ئازدۇرۇشىغا دۇچ كەلدى. بىراق مەيلى قەيەردە بولسۇن، قېرىنداشلار كۈچلۈك ئىمان-ئېتىقادىنى نامايان قىلىپ، ھەر تۈرلۈك ئەھۋالدا ئۆزلىرىنىڭ يەھۋانى چىن قەلبىدىن سۆيىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. يەھۋا ھەقىقەتەن بۇنىڭدىن بەكمۇ سۆيۈندى!
پاۋلىن بىلەن ۋورۋىكتىكى بەيتەلدە
يىللار «توقۇمىچىنىڭ ماشىنىسىدىن تېزراق» ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ (ئايۇپ 7:6). ھازىر نيۇ-يوركنىڭ ۋورۋىكتىكى مەركىزى باش ئىدارىدە باشقىلار بىلەن خىزمەت قىلىۋاتىمىز. بىر-بىرىگە ھەقىقىي سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغان كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇشالمىز. پات-يېقىندا ئۆزىنىڭ سان-ساناقسىز سادىق خىزمەتچىلىرىنى مۇكاپاتلايدىغان پادىشاھىمىز ئەيسا مەسىھنى قوللاش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگىنىنى قىلىپ قانائەت تاپتۇق، مەمنۇن بولدۇق!—مەتتا 25:34.
a «كۈزىتىش مۇنارى»، 1998-يىل، 1-ئاپرېل سانى، 22–27-بەتلىرىدە، يەشايا ئاداگبونانىڭ تەرجىمىھالى بار. ئۇ 2010-يىلى ۋاپات بولغان.