كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م24 يانۋار 19-‏ب.‏
  • سىز بىلە‌مسىز؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • سىز بىلە‌مسىز؟‏
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • سۆھبە‌تنى تە‌بىئىي داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش
    ئىنسانلارنى سۆيۈپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
ك‌م24 يانۋار 19-‏ب.‏
ھارۋىكە‌ش ھە‌يدە‌پ كېتىۋاتقان تۆت چاقلىق ھارۋىدا،‏ فىلىپ ئېفىئوپىيىلىك ئە‌مە‌لدارنىڭ قېشىدا ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا يازمىلاردىكى ئايە‌تلە‌رنى چۈشە‌ندۈرىۋاتىدۇ.‏

سىز بىلە‌مسىز؟‏

فىلىپ ئېفىئوپىيىلىك ئە‌مە‌لدارنى ئۇ‌چراتقاندا،‏ ئۇ قانداق ھارۋىدا ئولتۇ‌رغانىدى؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسىدە،‏ «ھارۋا» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان گرېكچە سۆز ھە‌رخىل پە‌رقلىق ھارۋىلارغا قارىتا قوللىنىلىدۇ (‏ئە‌لچى.‏ 8:‏28،‏ 29،‏ 38)‏.‏ بىراق،‏ ئېفىئوپىيىلىك ئە‌مە‌لدار قارىماققا جە‌ڭدە ياكى مۇ‌سابىقىدە قوللىنىدىغان ھارۋىلاردىن يوغانراق ھارۋىدا سە‌پە‌ر قىلغان.‏ بۇ‌نداق خۇ‌لاسە قىلىشنىڭ بىرنە‌چچە سە‌ۋە‌بىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

ئۇ يۇ‌قىرى دە‌رىجىلىك ئە‌مە‌لدار بولغان ۋە يىراق جايغا سە‌پە‌ر قىلغان.‏ «بۇ كىشى كانداس ئىسىملىك ئېفىئوپىيە ئايال پادىشاھىنىڭ قول ئاستىدىكى ھوقۇ‌قلۇ‌ق كىشى بولۇ‌پ،‏ ئايال پادىشاھنىڭ بارلىق خە‌زىنىسىنى باشقۇ‌راتتى» (‏ئە‌لچى.‏ 8:‏27)‏.‏ قە‌دىمقى ئېفىئوپىيە دۆلىتى بۈگۈنكى كۈندىكى سۇ‌دان ۋە مىسىرنىڭ جە‌نۇ‌بىدىكى كۆپ قىسىم يە‌رلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.‏ بۇ ئۇ‌زۇ‌ن سە‌پە‌ر بولغاچ،‏ ئېفىئوپىيىلىك ئە‌مە‌لدار بە‌لكىم باشتىن-‏ئاخىرى بىر ھارۋىدا سە‌پە‌ر قىلمىغان،‏ ھە‌تتا ئۇ سە‌پە‌ردە ئۆزى بىلە‌ن ئاز بولمىغان يۈك-‏تاقنى ھە‌م ئېلىۋالغان.‏ بىرىنچى ئە‌سىردە ئادە‌ملە‌ر سە‌پە‌ر قىلغاندا،‏ قاتناش قوراللىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئۈستى يېپىق،‏ تۆت چاقلىق ھارۋىنى ئىشلە‌تكە‌ن.‏ ئە‌لچىلە‌ر كىتابىنى چۈشە‌ندۈرىدىغان بىر كىتابتا شۇ‌نداق دېيىلگە‌ن:‏ «بۇ‌نداق ئات ھارۋىسىغا كۆپرە‌ك يۈك بېسىشقا بولغاندىن سىرت،‏ ئۇ‌نىڭدا سە‌پە‌ر قىلىش راھە‌ت ۋە ئۇ‌زاق جايلارغا بېرىشقا بولاتتى».‏

فىلىپ ئېفىئوپىيىلىك ئە‌مە‌لدارنى ئۇ‌چراتقاندا،‏ ئۇ يازمىلارنى ئوقۇ‌ۋاتقان ئىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «فىلىپ ھارۋىنىڭ يېنىدا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقاندا،‏ ھارۋىدا ئولتۇ‌رغان كىشىنىڭ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ كىتابىنى ئۈنلۈك ئوقۇ‌ۋاتقانلىقىنى» ئاڭلىغانىدى (‏ئە‌لچى.‏ 8:‏30)‏.‏ ئۇ‌زۇ‌ن سە‌پە‌ردە ئىشلىتىدىغان ئات ھارۋىلىرى ئادە‌تتە بە‌ك تېز ماڭمايتتى.‏ ھاۋا ئاستا ماڭغاچ،‏ بۇ ئە‌مە‌لدار يازمىلارنى ئوقۇ‌يالىغان ۋە فىلىپ ھە‌م پىيادە ھارۋىنى قوغلاپ يېتىشە‌لىگە‌ن.‏

ئېفىئوپىيىلىك «ئە‌مە‌لدار فىلىپنى ھارۋىغا چىقىپ،‏ يېنىدا ئولتۇ‌رۇ‌شقا تە‌كلىپ قىلدى»‏ (‏ئە‌لچى.‏ 8:‏31)‏.‏ ئە‌گە‌ر مۇ‌سابىقە ھارۋىسى بولغان بولسا،‏ ھارۋىدىكى كىشىلە‌ر ئۆرە تۇ‌رغان بولاتتى.‏ ئە‌مما،‏ سە‌پە‌ردە ئىشلىتىدىغان ھارۋا بولسا،‏ ئە‌مە‌لدار ۋە فىلىپ،‏ ھە‌ر ئىككىلىسى ئۈچۈن ئولتۇ‌رۇ‌شقا ئورۇ‌ن بولاتتى.‏

ئە‌لچىلە‌رنىڭ پائالىيە‌تلىرى كىتابىنىڭ 8-‏بابىدا يېزىلغانلارغا ۋە تارىخىي دە‌لىل-‏ئىسپاتلارغا ئاساسلىنىپ،‏ ئە‌مدى نە‌شىرى قىلىنىدىغان ماتېرىياللىرىمىزدا،‏ ئېفىئوپىيىلىك ئە‌مە‌لدار ئولتۇ‌رغان ھارۋىنىڭ كۆرۈنۈشى بولسا كىچىك جە‌ڭ ھارۋىسى ياكى مۇ‌سابىقە ھارۋىسى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى چوڭراق ئات ھارۋىسى سۈپىتىدە تە‌سۋىرلىنىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش