كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ك‌م24 ئاۋغۇ‌ست 7-‏ب.‏
  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى
  • ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • نە‌سىھىتىڭىز كۆڭۈلنى خۇ‌شال قىلامدۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
  • ئاقساقاللار،‏ داۋاملىق ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنى ئۈلگە قىلىڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2024
ك‌م24 ئاۋغۇ‌ست 7-‏ب.‏

ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى

سالونىكالىقلارغا 2-‏خە‌ت 3-‏باب 14-‏ئايە‌تتە كىمدۇ‌ر بىرىگە «دىققە‌ت قىلىپ يۈرۈڭلار» دېگە‌ن سۆزلە‌ر يېزىلغان.‏ بۇ جامائە‌تتىكى ئاقساقاللارغا ياكى ئېتىقادچىلارغا قارىتا ئېيتىلغان سۆزلە‌رمۇ؟‏

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س سالونىكا شە‌ھىرىدىكى جامائە‌تكە خە‌ت يازغاندا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئە‌گە‌ر كىمدۇ‌ر بىرى ئۇ‌شبۇ خە‌تتىكى سۆزىمىزگە بويسۇ‌نمىسا،‏ ئۇ‌نىڭغا دىققە‌ت قىلىپ يۈرۈڭلار» (‏2-‏سالونىكا.‏ 3:‏14)‏.‏ بۇ‌رۇ‌ن بىز بۇ كۆرسە‌تمە ئاقساقاللارغا قارىتىپ ئېيتىلغان دېگە‌ن ئىدۇ‌ق.‏ ئۆتمۈشتە جامائە‌تتە ئە‌گە‌ر كىمدۇ‌ر بىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى نە‌سىھە‌ت سۆزلىرىگە داۋاملىق سە‌ل قارىغان بولسا،‏ ئاقساقاللار بىر نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىپ،‏ جامائە‌تتىكى قېرىنداشلارنى ھوشيار بولۇ‌شقا ئۈندە‌يتتى.‏ ئاندىن كېيىن،‏ قېرىنداشلار شۇ كىشى بىلە‌ن باردى-‏كە‌لدى قىلىشنى توختىتاتتى.‏

ئە‌مما،‏ چۈشە‌نچىمىزنى ئۆزگە‌رتىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تتۇ‌ق.‏ ھازىر شۇ‌نى چۈشىنىپ يە‌تتۇ‌قكى،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ كىمدۇ‌ر بىرىگە «دىققە‌ت قىلىپ يۈرۈڭلار» دېگە‌ن نە‌سىھە‌ت سۆزى مە‌لۇ‌م ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە قانداق قىلىشنى ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ ھە‌ربىرى شە‌خسە‌ن ئۆزى قارار قىلىشى كېرە‌كلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئاقساقاللارنىڭ مە‌لۇ‌م بىرىگە دىققە‌ت قىلىپ يۈرۈڭلار دە‌پ نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى.‏ سالونىكالىقلار 2-‏خە‌ت 3-‏باب 14-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رگە بولغان چۈشە‌نچىمىزنى نېمە ئۈچۈن ئۆزگە‌رتتۇ‌ق؟‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س قانداق ۋە‌زىيە‌تتە بۇ نە‌سىھە‌ت سۆزىنى يازغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س جامائە‌تتە بە‌زى ئېتىقادچىلارنىڭ تە‌رتىپنى بۇ‌زۇ‌پ يۈرگە‌نلىكىنى بايقىغان.‏ ئۇ‌لار پاۋلۇ‌سنىڭ خۇ‌دا سۆزىگە ئاساسلىنىپ بە‌رگە‌ن نە‌سىھىتىگە قۇ‌لاق سالمىغان.‏ پاۋلۇ‌س ئىلگىرى بۇ جامائە‌تنى زىيارە‌ت قىلىپ كە‌لگە‌ن ۋاقىتتا،‏ ئۇ‌لارغا مۇ‌نداق نە‌سىھە‌ت بە‌رگە‌ن:‏ «ئە‌گە‌ر كىمكى ئىشلە‌شنى خالىمىسا،‏ تاماق ھە‌م يېمىسۇ‌ن».‏ لېكىن،‏ بە‌زىلە‌ر ھە‌تتا ئىشلە‌پ جان بېقىش قولىدىن كە‌لسىمۇ،‏ يە‌نىلا ئىشلە‌شنى رە‌ت قىلغان.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ‌لار باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرگە‌ن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى شۇ‌نداق تە‌رتىپنى بۇ‌زغان ئېتىقادچىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشى كېرە‌ك؟‏—‏2-‏سالونىكا.‏ 3:‏6،‏ 10–‏12.‏

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «ئۇ‌نىڭغا دىققە‌ت قىلىپ يۈرۈڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ گرېك تىلىدا قوللىنىلغان ئىبارە،‏ شۇ‌نداق ئادە‌مگە ئالاھىدە دىققە‌ت قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ يامان تە‌سىرىدىن پە‌خە‌س بولۇ‌ش كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرىدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ بۇ كۆرسە‌تمىسى پە‌قە‌ت جامائە‌ت ئاقساقاللىرىغا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى جامائە‌تنىڭ ھە‌ربىر ئە‌زاسىغا قارىتىلغان (‏2-‏سالونىكا.‏ 1:‏1؛‏ 3:‏6)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى كىمدۇ‌ر بىرىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى نە‌سىھە‌ت سۆزىگە قۇ‌لاق سالمىغانلىقىنى بايقىغان بولسا،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ‹ئارىلىشىش ياكى ئارىلاشماسلىقنى› ھە‌ركىم ئۆزى شە‌خسە‌ن قارار قىلىدۇ.‏

بۇ شۇ‌نداق كىشىگە خۇ‌ددى جامائە‌تتىن چىقىرىلغان بىرىگە مۇ‌ئامىلە قىلغاندە‌ك مۇ‌ئامىلە قىلىش كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ياق،‏ چۈنكى ئە‌لچى پاۋلۇ‌س سۆزىنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌پ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «قېرىنداش سۈپىتىدە نە‌سىھە‌ت قىلىڭلار».‏ دېمە‌ك،‏ جامائە‌تتە قېرىنداشلار شۇ‌نداق بىرى بىلە‌ن بىرلىكتە ئىبادە‌ت يىغىلىشى ۋە ۋە‌ز خىزمە‌تكە قاتنىشىدۇ،‏ لېكىن ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئارىلىشىپ باردى-‏كە‌لدى قىلىش ياكى كۆڭۈل كۆتۈرىدىغان ئولتۇ‌رۇ‌شلاردا جە‌م بولۇ‌شتىن ئۆزىنى تارتىشنى قارار قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئارىلاشماڭلار،‏ ئۇ نومۇ‌ستا قالسۇ‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئە‌گە‌ر قېرىنداشلار تە‌رتىپنى بۇ‌زغان كىشى باردى-‏كە‌لدى قىلماسلىقنى قارار قىلسا،‏ بە‌لكىم ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىدىن نومۇ‌س ھېس قىلىپ،‏ ئۆز يولىدىن يېنىپ ئۆزگە‌رتىشى مۇ‌مكىن.‏—‏2-‏سالونىكا.‏ 3:‏14،‏ 15.‏

بۈگۈنكى كۈندە مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى پاۋلۇ‌سنىڭ نە‌سىھە‌ت سۆزىگە قانداق قۇ‌لاق سالالايدۇ؟‏ بىرىنچى،‏ ئە‌گە‌ر بىز كىمدۇ‌ر بىرىگە «دىققە‌ت قىلىپ» يۈرۈش كېرە‌كلىكىنى ھېس قىلساق،‏ ئۇ‌نىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئېيتقاندە‌ك «تە‌رتىپنى بۇ‌زۇ‌ۋاتقان» بىرى ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزۈشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بۇ يە‌ردە ۋىجدانى ياكى شە‌خسە‌ن بىرىنى ياقتۇ‌رماسلىق سە‌ۋە‌بىدىن پە‌رقلىق قارار چىقىرىدىغان كىشىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق سۆز قىلمىغان‏.‏ ئۇ كۆڭلىمىزنى ئاغرىتقان ياكى بىزنى خاپا قىلغان كىشىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌م سۆز قىلمىغان‏.‏ ئۇ ئە‌مە‌لىيە‌تتە خۇ‌دانىڭ سۆزىدىكى كۆرسە‌تمىلە‌رنى ئېنىق بىلىپ تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا قۇ‌لاق سالمىغان كىشىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق سۆز قىلغان.‏

بۈگۈنكى كۈندە ئە‌گە‌ر بىر قېرىنداشنىڭ داۋاملىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى نە‌سىھە‌ت سۆزىگە بويسۇ‌نمايۋاتقانلىقىنى بايقىساقa‏،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئارىلىشىپ باردى-‏كە‌لدى قىلىش-‏قىلماسلىقنى ياكى كۆڭۈل كۆتۈرىدىغان ئولتۇ‌رۇ‌شلاردا جە‌م بولۇ‌ش-‏بولماسلىقنى ھە‌ربىرىمىز شە‌خسە‌ن ئۆزىمىز قارار قىلىمىز.‏ بىز قارارنى ئۆزىمىز شە‌خسە‌ن چىقارغاچقا،‏ ئۆز ئۆيىمىزدىكى ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىمىزدىن سىرت،‏ باشقىلار كىشىلە‌ر بىلە‌ن بۇ ئىشنى مۇ‌ھاكىمە قىلمايمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز شۇ‌نداق كىشى بىلە‌ن جامائە‌ت ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرى ۋە ۋە‌ز خىزمە‌تتە داۋاملىق بىللە بولىمىز.‏ ئە‌گە‌ر ئۆز كۆز قارىشى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكىتىنى ئۆزگە‌رتكە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن قايتا باردى-‏كە‌لدى قىلىپ ئارىلىشىپ ئۆتىمىز.‏

a  مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىسى جېنىنى بېقىش ئۆزىنىڭ قولىدىن كە‌لسىمۇ،‏ ئىشلە‌شنى رە‌ت قىلىشى،‏ ئېتىقادچى بولمىغان بىرى بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىشقا چىقىپ مۇ‌ھە‌ببە‌تلىشىپ يۈرۈشى،‏ جامائە‌تتە بۆلۈنۈش پە‌يدا قىلىدىغان گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى ياكى غە‌يۋە‌ت-‏شىكايە‌تلە‌رنى تارقىتىشى مۇ‌مكىن (‏1-‏كورىنت.‏ 7:‏39؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 6:‏14؛‏ 2-‏سالونىكا.‏ 3:‏11،‏ 12؛‏ 1-‏تىموت.‏ 5:‏13)‏.‏ داۋاملىق شۇ‌نداق ئىشلارنى قىلغۇ‌چىلارنىڭ ھە‌ممىسى «تە‌رتىپنى بۇ‌زۇ‌ۋاتقان» كىشىلە‌ردۇ‌ر.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش