سىز بىلەمسىز؟
قەدىمقى زاماندا مۇزىكا ئىسرائىللارنىڭ ھاياتىدا قانچىلىك مۇھىم بولغان؟
قەدىمقى زاماندا مۇزىكا ئىسرائىللارنىڭ مەدەنىيىتىدە بەك مۇھىم ئورۇننى ئالغان. مۇقەددەس كىتابتا ئىسرائىللارنىڭ مۇزىكىلىق چالغۇ ئەسۋابلارنى تەڭكەش قىلىپ، ناخشىلارنى ئېيتقانلىقىنى كۆپ قېتىم تىلغان ئېلىنغان. ئەمەلىيەتتە، مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ئوندىن بىر قىسىمى، شېئىر-قوشاق ۋە ناخشىلار بولۇپ، مەسىلەن زەبۇر، شېئىرلارنىڭ شېئىرى ۋە يەرەمىيانىڭ يىغىسى دېگەنلەر ناخشا شەكلىدە يېزىلغان. بىر كىتابتا مۇنداق سۆزلەر يېزىلغان: «مۇقەددەس كىتابتىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىسرائىللارنىڭ تۇرمۇشىدا مۇزىكا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگەللىگەن. ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ئىش-پائالىيەتلىرى ناخشا-مۇزىكىسىز ئۆتمىگەن» (Music in Biblical Life).
مۇزىكا ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش. ئىسرائىللار ناخشا-مۇزىكا ئارقىلىق كۆڭلىدىكى ھېس-تۇيغۇلارنى ئىپادە قىلغان ئىدى (يەشايا 30:29). مەسىلەن، پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغاندا، بايرام ياكى زىياپەتلەردە ۋە جەڭلەردە غەلىبە قازانغاندا، شاد-خۇرام داپلارنى چېلىپ، ناخشىلارنى ئېيتىپ، ئۇسۇللارنى ئوينىغان (ھاكىم. 11:34؛ 1-سام. 18:6، 7؛ 1-پادىشاھ. 1:39، 40). ئۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىللار يېقىن كىشىلىرى ئۆلۈپ كەتكەندە قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ئىپادىلەپ، ناخشا-قوشاقلارنى ئېيتىشقان (2-تارىخ. 35:25). بىر ئېنسىكلوپېدىيە (McClintock and Strong’s Cyclopedia) ئېيتىلغاندەك، «ئىبرانىيلار ناخشا-مۇزىكىغا ئىنتايىن ئامراق بىر خەلق بولغان».
مۇزىكا ۋە پادىشاھلىق سارىيى. ئىسرائىل پادىشاھلىرى ناخشا-مۇزىكىلاردىن ھۇزۇر ئېلىپ، كۆڭلىنى كۆتۈرگەن. مەسىلەن، پادىشاھ سائۇل مۇزىكا چېلىپ بېرىشكە داۋۇتنى ئۆزىنىڭ ئوردىسىغا چاقىرغان (1-سام. 16:18، 23). كېيىن، داۋۇت ئۆزى پادىشاھ بولغاندا، مۇزىكىلىق چالغۇ ئەسۋابلىرىنى كەشىپ قىلغان، ناخشا-مۇزىكىلارنى يازغان ۋە ئوركېستىر قۇرغان. بۇ ئوركېستىر يەھۋانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ھەرخىل چالغۇ ئەسۋابلارنى چېلىپ ناخشا ئېيتقان (2-تارىخ. 7:6؛ ئاموس 6:5). ئۇنىڭدىن باشقا، سۇلايماننىڭ پادىشاھلىق سارىيىدا ئەر ۋە ئايال ناخشىچىلار بولغان.—ۋەز 2:8.
مۇزىكا ۋە ئىبادەت. ئەڭ مۇھىمى، ئىسرائىللار يەھۋاغا ئىبادەت قىلغاندا، مۇزىكىلىق ئەسۋابلارنى چېلىپ، ناخشىلارنى ئېيتقان. ئەمەلىيەتتە، يېرۇسالىمدىكى ئىبادەتخانىدا چالغۇ ئەسۋابلارنى چېلىپ، ناخشىلارنى ئېيتىدىغان 4000 ئەتراپىدا ئادەم بولغان (1-تارىخ. 23:5). ئۇلار جاللا (جاڭ-جاڭ)، تارلىق چالغۇ ئەسۋابلار، چېلتارلار ۋە كارنايلارنى چالغان (2-تارىخ. 5:12). ئاشۇ ماھىر مۇزىكانتلار يەھۋاغا ئىبادەت قىلغاندا مۇزىكىلارنى چېلىپ قالماي، يەنە نۇرغۇن ئىسرائىللار يېرۇسالىمغا ھەر يىلى بايراملارنى ئۆتكۈزۈشكە ماڭغاندا، سەپەر ئۈستىدە ناخشىلارنى ئېيتقان (زەبۇر 120–134). ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى يەھۇدىيلارنىڭ قەدىمقى يازمىلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىللار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى مەزگىلىدە ھاللەلa زەبۇر كۈيلىرىنى ئېيتقان.
بۈگۈن كۈندە، خۇدانىڭ خەلقى ئۈچۈن ناخشا-مۇزىكا بەك مۇھىم (ياقۇپ 5:13). ناخشا ئېيتىش خۇدانى مەدھىيىلەش — ئىبادىتىمىزنىڭ بىر قىسىمى (ئەفەس. 5:19). مەدھىيە ناخشا-مۇزىكىسى ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەيدۇ (كولوسى. 3:16). بىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، ناخشا-مۇزىكا بىزگە كۈچ-مەدەت بېرىدۇ (ئەلچى. 16:25). ناخشا-مۇزىكا ھەقىقەتەن يەھۋا خۇداغا بولغان ئىمان-ئېتىقادىمىز ۋە سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلەشنىڭ ئاجايىپ بىر يولىدۇر.
a يەھۇدىيلار زەبۇر 113–118-بابلاردىكى «ھاللەل كۈيلىرىنى» دەپ ئېيتقان. يەھۇدىيلار زەبۇرنىڭ بۇ كۈيلىرىنى ئېيتىپ يەھۋاغا ھەمدۇسانا مەدھىيىلەرنى ئوقۇشقان.