تەتقىق قىلىش ئۇسۇللىرى
مۇھىم نۇقتىلارنى تەكرارلاش
بەزىدە تېخى ھېلىلا تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن مەزمۇنلارنى قايتا ئەسكە ئېلىش قىيىن بولامدۇ؟ شۇنداق، ئارىلاپ-ئارىلاپ ھەممىمىزنىڭ چاغلىرى بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئەستە تۇتۇشقا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ مۇھىم نۇقتىلار قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش تەكرارلاش.
تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن ۋاقىتتا، بىراز توختاپ، مۇھىم نۇقتىلار ئۈستىدە ئويلىنىشقا تىرىشىڭ. ئەلچى پاۋلۇس ئۆزى يازغان خەتلەرنى ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلىرىنى شۇنداق قىلىشقا دەۋەت قىلغان: «ئەمدى ئېيتقانلىرىمىزنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى شۇكى: …» (ئىبرانىي. 8:1). مۇشۇ سۆزلەر ئارقىلىق، پاۋلۇس ئۆزىنىڭ يازغان خەتلىرىنى ئوقۇغانلارنىڭ مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئوي-پىكىر يۈرگۈزۈپ، ھەربىر مۇھىم نۇقتا بىلەن ئاساسىي ماۋزۇ ئارىسىدا قانداق باغلىنىش بارلىقىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بەرگەن.
بەلكىم، تەتقىق ئۆگىنىشىنى تۈگىتىش ئالدىدا، مۇھىم نۇقتىلار ئۈستىدە ئويلىنىشقا 10 مىنۇتچە ۋاقىت ئايرىڭ. ئەگەر مۇھىم نۇقتىلارنى ئەستە تۇتۇشتا قىينالسىڭىز، قايتا ھەربىر كىچىك ماۋزۇ ياكى ھەربىر ئابزاسنىڭ بىرىنچى جۈملىسىنى ئوقۇش ئەستە ساقلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئەگەر يېڭى بىر ئوي-پىكىرنى ئۆگەنسىڭىز، ئۇنى ئۆز سۆزىڭىز بىلەن چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىڭ. مۇھىم نۇقتىلارنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ تەكرارلاش ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ئەستە تۇتۇشىڭىزغا ياردەم بېرىپ قالماي، شۇلارنى كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدا قانداق ئەمەلىي قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىقراق كۆرۈپ يېتىشىڭىزگە ھەم ياردەم بېرىدۇ.