تەرجىمىھال
مەن ھېچقاچان ئۆگىنىشنى توختاتمىدىم
ئۇلۇغ ئۇستازىم يەھۋادىن ئۆگىنىش شان-شەرىپىگە ئىگە بولغىنىم ئۈچۈن ناھايىتى مىننەتدارمەن (يەشايا 30:20). ئۇ ئۆز سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتاب ، گۈزەل ياراتمىلىرى ۋە تەشكىلاتى ئارقىلىق ئۆز خەلقىنى ئۆگىتىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنى ئىشلىتىپ، بىزنى ئۆگىتىدۇ. گەرچە 100 ياشقا يېقىنلاپ قالغان بولساممۇ، مەن ھەر كۈنى يەھۋا خۇدادىن ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمەن. ھازىر سىلەرگە بۇ توغرىلىق ئېيتىپ بېرەي
1948-يىلى، ئائىلەم بىلەن بىللە
مەن 1927-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئېلىنوي شتاتى چىكاگوغا يېقىن كىچىك بىر شەھەر بازىرىدا تۇغۇلدۇم. ئاتا-ئانام بەش پەرزەنتلىك بولغان ئىدى. ھەدەم جېتا، ئاكام دون، مەن، ئۇكام كارىل ۋە سىڭلىم جوي. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا بەل باغلىغان ئىدۇق. ھەدەم جېتا 1943-يىلى گىلىئاد مەكتىپىنىڭ 2-قارارلىق سىنىپىدا ئوقۇدى. قېرىنداشلىرىم دون، كارىل ۋە جوي كەينى-كەينىدىن 1944، 1947 ۋە 1951-يىللىرى برۇكلىندىكى بەيتەلدە خىزمەت قىلىشقا چاقىرىلدى. ئۇلار ۋە ئاتا-ئانام كۆرسەتكەن ئۈلگە مېنى يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلدى
ئائىلىمىزنىڭ ھەقىقەتنى تونۇشى
مېنىڭ ئاتا-ئانام مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇيدىغان ۋە خۇدانى سۆيىدىغان ئادەملەر ئىدى. ئۇلار بىزگە خۇدانى سۆيۈشنى ئۆگەتتى. لېكىن، دادام ياۋرۇپادىكى 1- دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ كەلگەندىن كېيىن، چېركاۋغا بولغان ھۆرمىتىنى يوقاتقان ئىدى. ئاپام دادامنىڭ ئۇرۇشتىن ھايات قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، خۇداغا ئىنتايىن مىننەتدار بولدى. ئۇ دادامغا: «كارىل، بۇرۇنقىدەك چېركاۋغا بارايلى»،— دېدى. دادام: «مەن سىز بىلەن باراي، ئەمما ئىچىگە كىرمەيمەن»،— دېدى. ئاپام: «نېمە ئۈچۈن؟»،— دەپ سورىدى. دادام: «ئۇرۇش مەزگىلدە، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دىنى رەھبەرلىرى ئوخشاش بىر دىنىي ئېتىقادتا بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئەسكەرلىرى غەلىبە قازىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلاتتى. ئۇنداقتا، خۇدا ھەر ئىككى تەرەپنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەمدۇ؟»،— دېدى.
كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ئاپام چېركاۋغا كەتكەندە، ئىككى يەھۋا گۇۋاھچىسى ئۆيىمىزگە كەلگەن. ئۇلار دادامغا ۋەھىي كىتابىنى چۈشەندۈرىدىغان «يورۇق» ناملىق ئىككى قىسىملىق كىتابنى تونۇشتۇرۇپ تەۋسىيە قىلغان. دادام بۇ كىتابقا قىزىقىپ، ئۇلارنى سېتىۋالغان. كېيىن، ئاپام بۇ ئىككى كىتابنى كۆرۈپ، ئۇنى ئوقۇشقا باشلىغان ئىدى. بىر كۈنى ئاپام گېزىتتىن، بىر توپ كىشىلەرنىڭ «يورۇق» ناملىق كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىدىغانلىقى ۋە باشقىلارنى مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئوقۇغان. شۇنىڭ بىلەن، ئاپام بېرىپ، قاتنىشىپ كۆرۈشنى قارار قىلغان. ئۇ شۇ يەرگە كەلگەندە، بىر ياشانغان ئايال ئىشىكنى ئاچقان. ئاپام قولىدىكى كىتابنى كۆرسىتىپ: «بۇ يەردە مۇنۇ كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنەمسىلەر؟»،— دەپ سورىغان. ياشانغان ئايال: «ھەئە، قىزىم ئىچىگە كىرىڭ»،— دېگەن. كېيىنكى ھەپتىسى ئاپام بىزنى ئۆگىنىشكە بىللە ئېلىپ باردى. شۇنىڭدىن كېيىن، بىز ھەر ھەپتىسى ئۆگىنىشكە بارىدىغان بولدۇق..
بىر قېتىم يىغىلىشتا ئوقۇلغان بىرنەچچە ئايەت ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. مەسىلەن، زەبۇر 144:15-ئايەت، يەھۋاغا ئىبادەت قىلغانلار بەختلىك دەپ ئوقۇدى. تىموتىيغا 1-خەت 1:11-ئايەتتە، يەھۋا «شاد-خۇرام خۇدا» ۋە ئەفەسلىكلەرگە 5:1-ئايەتتە، «خۇدادىن ئۈلگە ئېلىڭلار» دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈم سۆيۈندى. ئۇ ئايەتلەردىن شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى، ياراتقۇچى ئىگىمىزگە ئىبادەت قىلالىغىنىم ئۈچۈن خۇشال بولۇشۇم ۋە شۇ شان-شەرەپ ئۈچۈن مىننەتدار بولۇشۇم كېرەك. بىر ئۆمۈر ھاياتىمنى ئۆزگەرتكەن بۇ ئىككى نۇقتىنى ئەستىن چىقارمىدىم.
ئۆيىمىزگە ئەڭ يېقىن جامائەت چىكاگودا بولۇپ، 32 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، بىز دائىم جامائەتكە باراتتۇق. مېنىڭ مۇقەددەس كىتاب توغرىسىدىكى بىلىم بارغانسېرى ئاشتى. بىر قېتىم جېتانىڭ قولىنى كۆتۈرۈپ بەرگەن جاۋابى ھېلىمۇ ئېسىمدە بار. ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈمدە مۇنداق ئويلىغان ئىدىم: «مەنمۇ جاۋابنى بىلەتتىمغۇ، قولۇمنى كۆتۈرۈپ جاۋاب بەرسەم بوپتىكەن». شۇنىڭ بىلەن، مەن جامائەتكە ئالدىن تەييارلىق قىلىپ كېلىپ، جاۋابلارنى بېرىشكە باشلىدىم. ئەڭ مۇھىمى، بىز ئاكا-ئۇكا ۋە ھەدە-سىڭىللار بىرلىكتە ئىمان-ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتىلىشكە باشلىدۇق. مەن 1941-يىلى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتۈم.
چوڭ يىغىلىشلاردا يەھۋادىن ئۆگەندىم
1942-يىلى ئوخايو شتاتىنىڭ لىۋلېند شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىلىش مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە قالدۇرغان. ئامېرىكىدىكى 50-تىن ئارتۇق شەھەرلەردىكى قېرىنداشلار تېلېفون ئارقىلىق چوڭ يىغىلىشنىڭ مەزمۇنىنى ئاڭلىغان. چوڭ يىغىلىش مەزگىلىدە، بىزنىڭ ئائىلىمىز ۋە باشقا قېرىنداشلار بىلەن يىغىلىش مەيدانىغا يېقىن جايدا چېدىر تىكىپ تۇردۇق. شۇ ۋاقىتتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتاتتى. شۇڭا، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دۇچ كېلىدىغان زىيانكەشلىك بارغانسېرى كۈچەيگەن ئىدى. مەن كەچقۇرۇنلىقى بۇرادەرلەر بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزنى ئويلاپ، ماشىنىلىرىنى چېدىرلارنى تىككەن جاينى چۆرىدەپ توختىتىپ، ماشىنىلارنىڭ ئالدى چوڭ چىراغلىرىنى چېدىرلار تىكىلگەن تەرەپكە ئەمەس، قارشى تەرەپكە قارىتىپ قويغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار ھەربىر ماشىنىدا بىر بۇرادەر قېلىپ، كېچىدە كۈزەتچىلىك قىلىشقا كېلىشىۋالغان ئىدى. ئەگەر بىرلىرى ھۇجۇم قىلىپ كەلسە، بۇرادەرلەر ماشىنىلارنىڭ چوڭ چىرىغىنى كۈچلۈك يورۇتۇپ، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچالماس قىلىپ قويۇپ، سىگنال ئاۋازىنى قاتتىق چىقىراتتى. شۇنىڭ بىلەن، باشقا بۇرادەرلەر ياردەمگە كېلەلەيتتى. شۇ چاغدا، مەن مۇنداق ئويلىغان: «يەھۋانىڭ خەلقى ھەممە نەرسىگە ياخشى تەييارلىق قىلىپ قويغان!». شۇڭلاشقا، مەن ئاشۇ بىرقانچە كۈن ھېچنېمىدىن غەم-ئەندىشە قىلماي، تىنچ-خاتىرجەم ئۇخلىدىم.
شۇ چوڭ يىغىلىش توغرۇلۇق ئويلىسام، ھېچنېمىدىن غەم-ئەندىشە قىلماي ياكى قورقماي، كۆڭلى تىنچ-خاتىرجەم يىغىلىشقا قاتناشقان ئاپام كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. ئۇ يەھۋا خۇدانىڭ تەشكىلاتىغا چىن كۆڭلىدىن ئىشەنچ باغلىغان ئىدى. ئاپامنىڭ شۇ قالدۇرغان ئۈلگىسى قەلبىمدە ئۆچمەس بىر ئەسلىمە قالدۇرغان.
شۇ چوڭ يىغىلىشنىڭ ئالدىدا ئاپام پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىغان. شۇڭا، چوڭ يىغىلىش مەزگىلىدە تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت ھەققىدە ئېيتىلغان نۇتۇقلارنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن تىڭشىغان ئىدى. ئۆيىمىزگە قايتىش يولىدا، ئاپام بىزگە مۇنداق دېدى: «مەن داۋاملىق پىدائىي ۋەز ئېيتىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايمەن، بىراق مەن ئۆي ئىشلىرىغا يالغۇز ئۈلگۈرۈپ بولالمايمەنمكىن دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن. سىلەر ماڭا ياردەم بېرەلەمسىلەر؟»،— دەپ سورىدى. بىز: «ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز».- دېدۇق. شۇڭا، ئاپام ئەتىگەندە ناشتا قىلىشتىن بۇرۇن ھەربىرىمىزگە بىر ياكى ئىككى بۆلۈمنى رەتلىك، پاكىزە بېسىقتۇرۇشنى تاپشۇراتتى. بىز مەكتەپكە كەتكەندىن كېيىن، ئۇ ھەر بىر بۆلۈمگە قاراپ چىققاندىن كېيىن، ۋەز خىزمەتكە باراتتى. ئاپام ھەر كۈنى ئالدىراش ئۆتسىمۇ، ئۇ بىزگە ھەردائىم كۆڭۈل بۆلەتتى. بىز مەكتەپتىن چۈشلۈك تاماققا قايتىپ كەلگەندە ياكى مەكتەپتىن ئوقۇشنى تۈگۈتۈپ كەلگەندە، ئۇ ھەمىشە ئۆيدە بىزنى كۈتۈپ تۇراتتى. بەزىدە بىز مەكتەپتىن كەلگەندە، ئاپام بىلەن ۋەز خىزمەتكە چىقاتتۇق. ئاپام بىزنىڭ پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بەرگەن.
تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتنى باشلىدىم
مەن 16 يېشىمدا پىدائىي ۋەز بولۇشنى باشلىدىم. شۇ چاغدا، دادام تېخى يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس ئىدى، شۇنداقتىمۇ مېنىڭ ۋەز خىزمىتىمگە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇراتتى. بىر كۈنى كەچتە، مەن دادامغا شۇنچە تىرىشىپ ۋەز قىلساممۇ، مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان بىرىنى تاپالمايۋاتقانلىقىمنى ئېيتتىم. بىر ئازدىن كېيىن، دادامدىن: «سىز مېنىڭ بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشنى خالامسىز؟»،— دەپ سورىدىم. ئۇ كىچىككىنە ئويلانغاندىن كېيىن، «ياق، دېيىشكە ھېچبىر بانا-سەۋەب تاپالمىدىم»،— دېدى. شۇنىڭ بىلەن، مېنىڭ بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگەن بىرىنچى كىشى ئۆز دادام بولغان. بۇ مەن ئۈچۈن ئاجايىپ زور شان-شەرەپ بولغان ئىدى!
بىز «ھەقىقەت سىزنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ» ناملىق كىتاب ئاساسىدا مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەندۇق. بىر مەزگىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، دادامنىڭ ماڭا ياخشى ئوقۇغۇچى ۋە ماھىر تەلىم بەرگۈچى بولۇشقا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. مەسىلەن، بىر كۈنى كەچتە، مەن بىر ئابزاسنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ مېنىڭدىن مۇنداق سورىدى: «كىتابتا يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى چۈشەندىم، بىراق ئۇنىڭ راستلىقىنى قەيەردىن بىلىمەن؟». مەن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشكە تەييار ئەمەس ئىدىم. شۇڭا، دادامغا مۇنداق دېدىم: «ھازىر مەن كىتابتا يېزىلغانلارنىڭ توغرىلىقىنى سىزگە دەلىللەپ بېرەلمەيمەن. بىراق، كېيىنكى تەتقىق ئۆگىنىشىدە، سىزگە چوقۇم جاۋاب بېرىمەن». مەن كىتابتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى چۈشەندۈرىدىغان بىرنەچچە ئايەتلەرنى تېپىپ، شۇ ئاساستا دادامغا دەلىللەرنى كۆرسەتتىم. شۇنىڭدىن باشلاپ، پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى قانداق ئىزدەپ تېپىشنى ئۆگىنىپ، تەتقىق ئۆگىنىشىگە تولۇق تەييارلىق قىلىدىغان بولدۇم. مېنىڭ ۋە دادامنىڭ ئىمان-ئېتىقادى بارغانسېرى كۈچەيدى. دادام ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشقا باشلاپ، ئاخىرىدا 1952-يىلى سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى.
بەيتەلدە داۋاملىق ئۆگەندىم
مەن 17 يېشىمدا ئۆيدىن ئايرىلدىم. ھەدەم جېتاa ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى (مىسسىئونېر) بولدى. دون بەيتەلدە خىزمەت قىلىشقا باشلىدى. ئىككىلىسى ئۆز خىزمەتلىرىدىن ئىنتايىن مەمنۇن ئىدى. بۇ ماڭا كۆپ ئىلھام-مەدەت بەردى. شۇنىڭ بىلەن، مەن بەيتەلدە خىزمەت قىلىش ۋە گىلىئاد مەكتىپىدە ئوقۇش ئىلتىماسىنى تولدۇرۇپ، ھەممىنى يەھۋانىڭ قولىغا تاپشۇردۇم. بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولدى؟ 1946-يىلى مەن بەيتەلگە تەكلىپ قىلىندىم.
بەيتەلدە خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا 75 يىل بولدى. بۇ مەزگىلدە ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلدىم، شۇڭا نۇرغۇنلىغان يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشىمگە پۇرسەتلەر بولدى. كىتاب-ژۇرناللارنى بېسىپ چىقىرىش، بۇغالتىرلىق كەسىپلىرىنى ئۆگەندىم. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىمپورت-ئېكىسپورت كەسپىنى ئۆگەندىم. ئەڭ مۇھىم، مەن بەيتەلدىكى ئەتىگەنلىك ئىبادەت ۋە نۇتۇقلارنى بەك ياخشى كۆرىمەن. بۇ مېنىڭ داۋاملىق يەھۋا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشۇمغا ياردەم بېرىدۇ.
ئاقساقاللارنى تەربىيىلەش مەكتىپىدە تەلىم بېرىۋاتىمەن
ئىنىم كارىل 1947-يىلى بەيتەلگە كېلىپ خىزمەت قىلغان. مەن ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. ئۇ دائىم مۇقەددەس كىتابنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئۆگىنەتتى ۋە تەلىم بېرىشكە ماھىر ئىدى. بىر قېتىم، مەن نۇتۇق تەييارلىغاندا ئۇنىڭدىن ياردەم سورىدىم. نۇرغۇن ماتېرىياللارنى توپلىغان ئىدىم، ئەمما ئۇلارنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەيتتىم. كارىل ماڭا بىر قاتار سوئاللارنى قويۇپ، نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىمگە ياردەم بېرىپ، ئۇ مەندىن مۇنداق سورىغان: «يوئېل، سەن ئېيتماقچى بولغان نۇتۇقنىڭ ماۋزۇسى قانداق؟» مەن ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى دەرھال چۈشەندىم. مەن پەقەت ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى قوللىنىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم. ئۇنىڭ شۇ ياردىمى ماڭا بىر ئۆمۈر ياردەم بېرىپ كەلمەكتە.
بەيتەلدە خۇشاللىق بىلەن خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، قىزغىنلىق بىلەن قولىمىزدىن كېلىشىچە ۋەز خىزمىتىگە قاتنىشىش بەك زۆرۈر. شۇنداق قىلغىنىمىزدا، بىزگە ئىلھام-مەدەت بېرىدىغان ئىش-ۋەقەلەرنى باشتىن ئۆتكۈزىمىز. بىر كۈنى كەچتە، بىر بۇرادەر بىلەن نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ برونكېس رايونىغا ۋەز قىلىشقا بارغانلىقىم ھېلىھەم ئېسىمدە بار. بىز ئىلگىرى «كۈزىتىش مۇنارى» ۋە «ئويغىنىش» ژۇرناللىرىنى قوبۇل قىلغان بىر ئايالنىڭ ئىشىكىنى قاققان ئىدۇق. بىز ئۇنىڭغا: «بۈگۈن بىز مۇقەددەس كىتابتىكى كىشىگە ئىلھام-مەدەت بېرىدىغان ئايەتلەرنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ سۆھبەتلىشىشكە كەلدۇق»،— دېدۇق. ئۇ بىزگە: «ئەگەر مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق پاراڭلىشىشقا كەلگەن بولساڭلار، مەرھەمەت، ئۆيگە كىرىڭلار»،— دېدى. بىز مۇقەددەس كىتابتىن خۇدا پادىشاھلىقى ۋە يەر يۈزىدىكى جەننەت توغرۇلۇق بىرنەچچە ئايەتلەرنى ئوقۇپ بەردۇق. بۇ ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلدى ۋە كېيىنكى ھەپتىسى بىز قايتا يولۇقۇشقا كەلگەندە، ئۇ بىز بىلەن سۆھبەتلىشىشكە بىر قانچە دوستلىرىنى چاقىرغان ئىدى. كېيىنچە، شۇ ئايال ۋە يولدىشى ئىككىسى يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بولدى.
ئايالىمدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم
مەن توي قىلىشنى ئويلاپ يۈرگىنىمگە 10 يىلچە بولغان ئىدى. ئاخىرى، ئۆزۈمنىڭ جۈپتىنى تاپتىم. ئۇنداقتا، ياخشى بىر ئايالنى تېپىشىڭىزغا نېمە ياردەم بەرگەن؟ يەھۋاغا دۇئا قىلدىم ۋە شۇ سوئال ھەققىدە كۆپ ئويلاندىم: «ئۆيلەنگەندىن كېيىن، ئايالىم بىلەن بىرلىكتە نېمە ئىش قىلىشنى خالايمەن؟».
مارىي ئىككىمىز جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىۋاتىمىز
1953-يىلى يانكى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىلىشتىن كېيىن، مارىي ئانىئول ئىسىملىك قېرىنداش بىلەن تونۇشتۇم. ئۇ ھەدەم جېتا بىلەن گىلىئاد مەكتىپىدە ئوقۇغان ۋە بىرلىكتە ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقان ئىدى. مارىي ھاياجان ئىلىكىدە ماڭا كارىب ئاراللىرىدىكى قىلغان ۋەز خىزمەتلىرى ۋە ئۆزى بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگەنگەن كىشىلەر ھەققىدە ئېيتىپ بېرەتتى. بىز بىر-بىرىمىز بىلەن يېقىنراق تونۇشقانسېرى، ئوخشاش مەقسەتلىرىمىز بارلىقىنى بايقىدۇق. ئارىمىزدىكى ئىشقى-مۇھەببەت كۈچىيىپ، 1955-يىلى ئاپرېل ئېيىدا توي قىلدۇق. مارىي يەھۋادىن كەلگەن ئاجايىپ سوۋغات ئىدى. مەن نۇرغۇن ئىشلاردا ئۇنى ئۈلگە قىلدىم. ئۇنىڭغا قانداق ۋەزىپە تاپشۇرۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، دائىم خۇشاللىق بىلەن قىلاتتى. ئۇ ئىشچان، باشقىلارنىڭ غېمىنى يەيدىغان ۋە دائىم خۇدا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان ئايال ئىدى (مەت. 6:33). بىز ئۈچ يىل جامائەتلەرنى زىيارەت قىلىش خىزمىتىنى قىلدۇق ۋە 1958-يىلى بەيتەلگە تەكلىپ قىلىندۇق.
مەن ئايالىم مارىيدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. مەسىلەن، بىز يېڭىلا توي قىلغاندا ھەر كۈنى مۇقەددەس كىتابتىن تەخمىنەن 15 ئايەتنى بىللە ئوقۇشنى قارار قىلدۇق. ئوقۇغاندىن كېيىن، شۇ ئايەتلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ، ھاياتىمىزدا قانداق قوللىنىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئوي-پىكىرىمىزنى بايان قىلاتتۇق. مارىي پات-پات گىلىئاد مەكتىپىدە ياكى ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى بولغاندا ئۆگەنگەنلىرى توغرۇلۇق ئېيتىپ بېرەتتى. شۇنداق سۆھبەتلەرنىڭ ياردىمىدە، بارا-بارا چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان بولدۇم ۋە نۇتۇق ئېيتىش ماھارىتىم ئۆستى. باشقا ئايال قېرىنداشلارغا ئىلھام -مەدەت بېرىشنى ئۆگەندى.— پەند ن. 25:11.
سۆيۈملۈك ئايالىم مارىي 2013-يىلى ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ بىلەن يېڭى دۇنيادا قايتا كۆرۈشۈشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىۋاتىمەن. شۇ ۋاقىت كەلگۈچە، مەن داۋاملىق يەھۋادىن ئۆگىنىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۇنىڭغا تايىنىشقا بەل باغلىدىم (پەند ن. 3:5، 6). يەھۋانىڭ خەلقىنىڭ يېڭى دۇنيادىكى ھاياتى ھەققىدە ئويلانغىنىمدا، كۆڭلۈم تەسەللى تېپىپ، ئىچ-ئىچىمدىن خوشال بولۇپ كېتىمەن. يېڭى دۇنيادا ئۇلۇغ ئۇستاز يەھۋا خۇدادىن كۆپلىگەن يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىمىز. شۇنچە يىللاردىن بۇيان، ماڭا ئۆگەتكەنلىرى ۋە كۆرسەتكەن سادىق سۆيگۈ-مۇھەببىتى ئۈچۈن يەھۋاغا قانچىلىك مىننەتدار بولسام ھەم ئازلىق قىلىدۇ.
a جېتا سۇنالنىڭ تەرجىمىھالىنى، «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىلدا) 2003-يىل، 1-مارت سانى 23–29-بەتلەردىن ئوقۇڭ.