تەتقىق قىلىش ئۇسۇللىرى
رەسىملەردىن ئۆگىنىڭ
نەشرى ماتېرىياللىرىمىزدا مۇھىم ئوي-پىكىرلەرنى ئېچىپ بېرىدىغان نۇرغۇن رەسىملەر بار. بۇ رەسىملەردىن ياخشىراق پايدىلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
ماقالىنى ئوقۇشتىن ئاۋۋال، قىستۇرما رەسىملەرنى كۆرۈپ چىقىڭ. مەززىلىك تاماقنى كۆرگەندە، ئاغزىمىزغا سۇ يىغىلىپ، يېيىشكە ئالدىراپ كېتىمىز. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، رەسىملەر بىزدە قىزىقىشنى قوزغاپ، ماقالىنى ئوقۇشقا دەۋەت قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ماقالىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن، ئۆز-ئۆزىڭىزدىن: «مەن رەسىمدە نېمىلەرنى كۆردۈم؟» دەپ سوراپ كۆرۈڭ.—ئاموس 7:7، 8.
ماقالىنى ئوقۇۋاتقاندا، نېمە ئۈچۈن شۇ رەسىملەر تاللانغانلىقى توغرۇلۇق ئويلىنىپ كۆرۈڭ. ئەگەر رەسىملەرنىڭ ئاستىدا ئىزاھات ياكى چۈشەندۈرۈشلەر يېزىلغان بولسا، ئۇلارنى ئوقۇڭ. رەسىملەر بىلەن ماقالىنىڭ قانداق باغلىنىشى بارلىقى ۋە بۇ رەسىملەردىن ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ھاياتىڭىزدا قانداق قوللىنالايدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ كۆرۈڭ.
ماقالىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، رەسىملەرنى قايتا كۆرۈپ چىقىپ، ماقالىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى ئەسكە ئېلىشقا تىرىشىڭ. ئاندىن كۆزىڭىزنى يۇمۇپ، ماقالىدىكى رەسىملەرنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ، نېمىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىڭىزنى ئەسلەپ بېقىڭ.
بۇ ژۇرنالدىكى رەسىملەرنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىپ، ئۇلاردا ئېچىپ بېرىلگەن مۇھىم نۇقتىلارنى تەكرار يادىڭىزغا ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىپ بېقىڭ.