كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 2-‏باپ 18-‏26 ب.‏
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن كىتاب

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن كىتاب
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ماس كېلىش ۋە توغرىلىق
  • كىشىلىك تۇ‌رمۇ‌شتا ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىلىدىغان ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت كىتابى
  • ئالدىن ئېيتىلغان بېشارە‌تلە‌ر كىتابى
  • ‏«خۇ‌دانىڭ سۆزى تىرىك»‏
  • مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا ئىشىنىشكە بولامدۇ؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا ئىشىنىشكە بولامدۇ؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 2-‏باپ 18-‏26 ب.‏

2-‏باب

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن كىتاب

  • قايسى جە‌ھە‌تتىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب باشقا ھە‌رقانداق كىتابلاردىن پە‌رقلىنىدۇ؟‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇ‌رۇ‌شىڭىزغا قانداق ياردە‌م قىلالايدۇ؟‏

  • نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغان بېشارە‌تلە‌رگە ئىشىنە‌لە‌يسىز؟‏

1،‏ 2.‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن كىشىنى ھاياجانلاندۇ‌رىدىغان سوۋغات دە‌يمىز؟‏

سىز ئىلگىرى ناھايىتى يېقىن دوستىڭىزدىن بىر سوۋغات تاپشۇ‌رۋالغان ۋاقىتتىكى تە‌سىراتىڭىزنى ئە‌سلىيە‌لە‌مسىز؟‏ ئۇ كە‌چۈرمىش ھېلىھە‌م سىزنى ھاياجانغا سېلىپ قە‌لبىڭىزنى شادلاندۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئاشۇ سوۋغات سىزگە سوۋغات بە‌رگۈچى توغرىسىدا بە‌زى نە‌رسىلە‌رنى ئېيتىپ بېرىدۇ —‏ يە‌نى،‏ ئۇ سىلە‌رنىڭ دوستلۇ‌قىڭلارنى ناھايىتى قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ ئاشۇ ۋاقىتتا دوستىڭىزنىڭ چوڭقۇ‌ر مە‌نىلىك سوۋغىتى ئۈچۈن كۆپ رە‌ھمە‌ت ئېيتقانلىقىڭىز شە‌ك-‏شۈبھىسىزدۇ‌ر.‏

2 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن بىر سوۋغاتتۇ‌ر.‏ ئۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن بىزنىڭ مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈشمىزگە تېگىشلىك سوۋغات.‏ ئۇ نۇ‌رغۇ‌ن ئىشلار توغرىسىدا بىلىم بېرىدىغان تە‌ڭداشسىز كىتاب،‏ ئۇ بولمىسا بىز مۇ‌شۇ بىلىملە‌رنى بىلە‌لمە‌يتۇ‌ق.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ بىزگە ئاسماندىكى پىلانېتلار،‏ يۇ‌لتۇ‌زلار،‏ يە‌رشارى ۋە تۇ‌نجى ئە‌ر بىلە‌ن ئايالنىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا ئېيتىپ بېرىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئىشە‌نچىلىك قائىدە-‏قانۇ‌نىيە‌تلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇ‌پ،‏ بىزگە كىشىلىك تۇ‌رمۇ‌شتىكى قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇ‌رۇ‌پ،‏ غە‌م-‏ئە‌ندىشىلە‌رنى يېڭىشىمىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يە‌نە كە‌لگۈسىدە خۇ‌دا ئۆز مە‌قسىتىنى قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رماقچى بولغانلىقى ۋە يە‌رشارىغا بە‌خت-‏سائادە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌ش شارائىتىنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشە‌ندۈرىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دېگە‌ن كىشىنى ھاياجانلاندۇ‌رىدىغان سوۋغات،‏ ھە!‏

3.‏ بىزگە سوۋغات سۈپىتىدە بېرىلگە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌ڭرى يە‌ھۋا توغرىسىدا نېمە ئېيتىپ بېرىدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ قە‌لبنى شادلاندۇ‌رىدۇ؟‏

3 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌م كىشىنىڭ قە‌لبىنى شادلاندۇ‌رىدىغان قىممە‌تلىك سوۋغات.‏ ئۇ سوۋغات بە‌رگۈچى ئاللا يە‌ھۋا توغرىسىدا بىزگە كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئېيتىپ بېرىدۇ.‏ يە‌ھۋا سوۋغا قىلغان بۇ كىتاب،‏ ئۇ بىزنىڭ ئۇ‌نى تونۇ‌شىمىزنى خالايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقە‌تە‌ن سىزنىڭ يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشىڭىزغا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

4.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ تارقىتىلىشى سىزنى قانداق ھېسسىياتقا كە‌لتۈرىدۇ؟‏

4 سىزدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بارمۇ؟‏ دۇ‌نيادا نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ردە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بار.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ھە‌ممە بۆلىكى ياكى مە‌لۇ‌م بىر بۆلىكى بولسۇ‌ن،‏ 2300 دىن ئارتۇ‌ق تىلدا نە‌شىر قىلىنغان بولۇ‌پ،‏ دۇ‌نيا نوپۇ‌سىنىڭ 90 پىرسە‌نتى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئوقۇ‌ش ئىمكانىيىتىگە ئىگە.‏ ئوتتۇ‌رىچە ھېساب بىلە‌ن ھە‌ر ھە‌پتىسى بىر مىليون پارچىدىن كۆپرە‌ك مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تارقىتىلىدۇ.‏ مە‌يلى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ھە‌ممە بۆلىكى ياكى مە‌لۇ‌م بۆلىكى بولسۇ‌ن،‏ ھازىرغىچە نە‌چچە مىليارد پارچە بېسىپ چىقىلغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئوخشاش كىتابدىن يە‌نە بىرى يوق.‏

‏«مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى» نۇ‌رغۇ‌ن تىللارغا تە‌رجىمە قىلىنغان

5.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا ‹خۇ‌دا تە‌رىپىدىن ئىلھاملاندۇ‌رلۇ‌پ› يېزىلغان؟‏

5 ئۇ‌نىڭ ئۈستىگە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب «خۇ‌دانىڭ ئىلھامى بىلە‌ن بولغان» (‏2-‏تىموتىي 3:‏16)‏.‏ ئۇ قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌لغان؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆزى:‏ «ئادە‌ملە‌ر قۇ‌ددۇ‌س [مۇ‌قە‌ددە‌س] روھتىن باشلىنىپ،‏ خۇ‌دا تە‌رىپىدىن ئىلھام تېپىپ سۆز قىلدىلە‌ر» دە‌پ جاۋاب بېرىدۇ (‏2-‏پېترۇ‌س 1:‏21)‏.‏ مۇ‌نداق مىسال قىلايلى:‏ بىر دىرېكتورنىڭ خاتىرە يازىدىغان بىر كاتىپى بار بولۇ‌پ،‏ ھە‌ردائىم خە‌ت يازغاندا دىرېكتورنىڭ ئوي-‏پىكىرىنى ۋە كۆرسە‌تمىسىنى يازىدىكە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئە‌مە‌لىيە‌تتە كاتىپنىڭ خېتى ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى دىرېكتورنىڭ خېتىدۇ‌ر.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ‌نى يېزىپ قالدۇ‌رغان پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ ئوي-‏پىكىرى بولماستىن بە‌لكى خۇ‌دانىڭكى ئوي-‏پىكىرىدۇ‌ر.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقە‌تە‌ن «خۇ‌دانىڭ سۆزى» دۇ‌ر.‏ —‏ 1-‏سالونىكالىقلار 2:‏13.‏a

ماس كېلىش ۋە توغرىلىق

6،‏ 7.‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌لۇ‌ماتلارنىڭ ئۆزئارا ماس كېلىشى كىشىنىڭ ئالاھىدە دىققە‌ت ئېتىبارىنى تارتىدۇ؟‏

6 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب 1600 يىل جە‌ريانىدا يېزىپ خاتىرىلە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ يازغۇ‌چىلىرى ئوخشاش بولمىغان دە‌ۋرلە‌ردە ياشىغان،‏ ھە‌رخىل قاتلام كىشىلىرى بولۇ‌پ،‏ پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ بە‌زىلىرى دېھقانلار،‏ بېلىقچىلار،‏ پادىچىلار،‏ يە‌نە بە‌زىلىرى ھاكىملار ۋە پادىشاھلار ئىدى.‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر يازغۇ‌چى لۇ‌قا كېسە‌ل كۆرىدىغان تېۋىپ ئىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ يازغۇ‌چىلىرى گە‌رچە ھە‌رخىل ئوخشاش بولمىغان قاتلام كىشىلىرى بولسىمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب باشتىن-‏ئاخىرغىچە ئۆزئارا ماسلاشقان.‏b

7 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئە‌ڭ بېشىدىكى ئالە‌منىڭ يارىتىلىش قىسمى ئىنسانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.‏ ئە‌ڭ ئاخىرقى ۋە‌ھىيلە‌ر قىسمى پۈتكۈل يە‌رشارىنىڭ كە‌لگۈسىدە گۈزە‌ل باغۇ-‏بوستان يە‌نى جە‌ننە‌ت بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نە‌چچە مىڭ يىللىق تارىخنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇ‌پ،‏ كىتابنىڭ ھە‌رقايسى قىسمى خۇ‌دانىڭ مە‌قسىتى قانداق ۋە ئۇ قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ؟‏ دېگە‌نلە‌رنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ماس كېلىشچانلىقى بىزنى ھە‌يران قالدۇ‌رىدۇ.‏ پە‌قە‌ت شۇ‌لا بىز ئاللادىن كېلىشنى ئۈمىد قىلغان كىتابتۇ‌ر.‏

8.‏ مىسال ئارقىلىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌لۇ‌ماتلارنىڭ ئىلىم-‏پە‌ن نۇ‌قتىئىنە‌زىرىدىن قارىغاندا توغرا ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىڭ.‏

8 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌لۇ‌ماتلار ئىلىم-‏پە‌ن نۇ‌قتىئىنە‌زىرى بويىچە قارىغاندا توغرا.‏ ھە‌تتا ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مە‌لۇ‌ماتلارنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب دە‌ۋرىدە ياشىغان كىشىلە‌رمۇ بىلمە‌يتتى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ لاۋىيلار دېگە‌ن قىسمىدا بە‌زى قانۇ‌نلار قە‌دىمكى ئىسرائىل خە‌لقىگە كېسە‌للە‌رنى باشقا ساغلام كىشىلە‌ردىن ئايرىپ خە‌ۋە‌ر ئېلىش ۋە تازلىق ئىشلىرى توغرىسىدا بېرىلگە‌ن.‏ شۇ ۋاقىتتا ئە‌تراپتىكى قوشنا مىللە‌تلە‌ر مۇ‌شۇ‌نداق ئىشلار توغرىسىدا ھېچ نېمە بىلمە‌يتتى.‏ قە‌دىمدە يە‌رشارىنىڭ شە‌كلى توغرىسىدا خاتا كۆز قاراشلار بولغاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ بىر چە‌مبە‌ردە‌ك ياكى شاردە‌ك دە‌پ تىلغا ئالغان (‏يە‌شايا 40:‏22)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ناھايىتى ئېنىق قىلىپ:‏ يە‌رشارىنى «مۇ‌ئە‌للە‌ققە [بوشلۇ‌ققا] ئېسپ قويۇ‌پتۇ‌ر» دېگە‌ن (‏ئايۇ‌پ 26:‏7)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئىلىم-‏پە‌ن دە‌رسلىك كىتابى ئە‌مە‌س.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ ئىلىم-‏پە‌نگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بە‌س-‏مۇ‌نازىرە بولغاندا،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تكە ئۇ‌يغۇ‌ن توغرا جاۋاب بېرىدۇ.‏ بىز خۇ‌دادىن كېلىشنى ئۈمىد قىلغان كىتاب،‏ مۇ‌شۇ ئە‌مە‌سمۇ؟‏!‏

9.‏ (‏1)‏ قايسى جە‌ھە‌تتىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌لۇ‌ماتلار ئۆزىنىڭ تارىخ نۇ‌قتىئىنە‌زىرى بويىچە قارىغاندا توغرا ۋە ئىشە‌نچىلىك ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ؟‏ (‏2)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يازغۇ‌چىلىرىنىڭ سە‌مىمىيىتى بىزگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب توغرىسىدا نېمە ئېيتىپ بېرىدۇ؟‏

9 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌لۇ‌ماتلار تارىخ نۇ‌قتىئىنە‌زىرىدىن قارىغاندىمۇ توغرا ۋە ئىشە‌نچىلىك.‏ ئۇ‌نىڭ مە‌زمۇ‌نى تە‌پسىلىي ۋە ئېنىق.‏ مە‌زمۇ‌نلار پە‌قە‌ت كىشى ئىسىملىرىنى تىلغا ئىلىپ قالماي،‏ يە‌نە بە‌زى كىشىلە‌رنىڭ ئە‌جدادلىرىنىڭ كىملىكى توغرىسىدا ئېيتىپ بېرىدۇ.‏c قە‌دىمكى نۇ‌رغۇ‌ن تارىخشۇ‌ناسلار بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يازغۇ‌چىلىرىنى سېلىشتۇ‌رىدىغان بولساق،‏ تارىخشۇ‌ناسلار ئۆز مىللىتىنىڭ جە‌ڭ مە‌غلۇ‌بىيە‌تلىرىنى ھە‌رگىز تىلغا ئالمايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يازغۇ‌چىلىرى ناھايىتى سە‌مىمىي،‏ ئۇ‌لار ھە‌تتا ئۆزىنىڭ ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ مە‌غلۇ‌بىيە‌تلىرىنى خاتىرىلىگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن ئالايلۇ‌ق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ سانلار قىسمىدا،‏ ئۇ‌نىڭ يازغۇ‌چىسى مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر ئۆزىنىڭ ئېغىر خاتالىقى ئۈچۈن خۇ‌دا ئۇ‌نى قاتتىق ئە‌يىبلىگە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلغان (‏سانلار 20:‏2–‏12)‏.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك سە‌مىمىيلىك تارىخى خاتىرىلە‌ردە كە‌م ئۇ‌چرايدۇ.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن تېپىلىدۇ،‏ چۈنكى ئۇ ئاللادىن كە‌لگە‌ن كىتاب.‏

كىشىلىك تۇ‌رمۇ‌شتا ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىلىدىغان ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت كىتابى

10.‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ كىشىلىك تۇ‌رمۇ‌شتا ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىشچان كىتاب ئىكە‌نلىكى ھە‌يران قالارلىق ئە‌مە‌س؟‏

10 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ ئىلھامى بىلە‌ن يېزىلغاچقا،‏ ئۇ «تە‌لىم بە‌رگىلى،‏ مالامە‌ت قىلغىلى [ئە‌يىبلىگىلى]،‏ تۈزە‌تكىلى .‏.‏.‏ پايدىلىقتۇ‌ر» (‏2-‏تىموتىي 3:‏16)‏.‏ شۇ‌نداق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب كىشىلىك تۇ‌رمۇ‌شتا ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىلىدىغان كىتاب.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئىنسان تە‌بىئىتىگە نىسبە‌تە‌ن چوڭقۇ‌ر چۈشە‌نچىگە ئىگە ئىكە‌نلىكى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇ‌رىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىلىشچان كىتاب ئىكە‌نلىكى ھە‌يران قالارلىق ئە‌مە‌س،‏ چۈنكى ئۇ‌نىڭ مۇ‌ئە‌للىپى ياراتقۇ‌چى ئاللا يە‌ھۋا!‏ ئۇ بىزنىڭ ئوي-‏خىياللىرىمىز ۋە ھېسسىياتلىرىمىزنى ئۆزىمىزگە قارىغاندا ياخشىراق چۈشىنىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا،‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا خۇ‌شال بولۇ‌شىمىز ئۈچۈن نېمىگە موھتاج ئىكە‌نلىكىمىزنى ۋە يە‌نە قايسى ئە‌گرى-‏توقاي يولدىن يىراق ياشىشىمىز كېرە‌كلىكىنى بىلىدۇ.‏

11،‏ 12.‏ (‏1)‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا تاغدا ۋە‌ز ئېيتقاندا قايسى تېمىلاردا سۆزلىگە‌ن؟‏ (‏2)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا قايسى باشقا ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىلىدىغان مە‌سلىھە‌تلە‌ر بار؟‏ نېمە ئۈچۈن ئاشۇ مە‌سلىھە‌تلە‌ر دائىم پايدىلىق؟‏

11 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مە‌تتا بايان قىلغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر قىسمىدا 5-‏​بابدىن 7-‏​بابىغىچە خاتىرىلە‌نگە‌ن،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ تاغدىكى ۋە‌ز ئېيتىش دە‌پ ئاتالغان نۇ‌تقىنى مۇ‌لاھىزە قىلىپ باقايلى.‏ ئۇ‌نىڭ مۇ‌شۇ مە‌شھۇ‌ر نۇ‌تقىدا،‏ ئە‌يسا بىر قانچە مۇ‌ھىم تېما توغرىسىدا سۆزلىگە‌ن.‏ ئۇ‌لار —‏ ھە‌قىقىي خۇ‌شاللىق تېپىشنىڭ يولى؛‏ تالاش-‏تارتىشلارنى قانداق ھە‌ل قىلىش؛‏ قانداق دۇ‌ئا-‏تىلاۋە‌ت قىلىش؛‏ تۇ‌رمۇ‌شتا كېرە‌كلىك ماددىي نە‌رسىلە‌رگە قانداق كۆز قاراشتا بولۇ‌ش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ مە‌سىھ ئە‌يسانىڭ سۆزلىرى ئىلگىرى نۇ‌تۇ‌ق سۆزلە‌نگە‌ن ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش بۈگۈنكى كۈندە ھە‌م كۈچكە ئىگە ۋە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.‏

12 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى قائىدە-‏قانۇ‌نلار ئائىلە تۇ‌رمۇ‌شى،‏ خىزمە‌ت ۋە كىشىلىك ئالاقىلە‌ر بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏قانۇ‌نلىرى پۈتكۈل ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن بېرىلگە‌ن بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭدا بېرىلگە‌ن مە‌سلىھە‌تلە‌ر ھە‌ردائىم پايدىلىقتۇ‌ر.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلە‌رنى،‏ خۇ‌دا يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق مۇ‌نداق خۇ‌لاسىلىگە‌ن:‏ «مە‌نپە‌ئە‌تلىك بولىدىغاننى ساڭا ئۆگىتىپ .‏.‏.‏ قويغۇ‌چى بولغان تە‌ڭرىڭ خۇ‌داۋە‌ندە مە‌ندۇ‌رمە‌ن».‏ —‏ يە‌شايا 48:‏17.‏

ئالدىن ئېيتىلغان بېشارە‌تلە‌ر كىتابى

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ يازغۇ‌چىلىرىدىن بىرى بولغان يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر بابىلوننىڭ ۋە‌يران بولىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان

13.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ ئىلھامى بىلە‌ن يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر بابىلون شە‌ھىرى توغرىسىدا قانداق تە‌پسىلاتلارنى ئالدىن بېشارە‌ت بە‌رگە‌ن؟‏

13 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نۇ‌رغۇ‌ن ئالدىن ئېيتىلغان بېشارە‌تلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇ‌پ،‏ كۆپىنچىلىرى ئاللىقاچان ئە‌مە‌لگە ئېشىپ بولدى.‏ بىر مىسالنى مۇ‌لاھىزە قىلىپ باقايلى،‏ مىلادىدىن ئىلگىرى 8-‏ئە‌سىردە ياشىغان يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا بابىلون شە‌ھىرىنىڭ ۋە‌يران قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالدىن بېشارە‌ت بە‌رگە‌ن (‏يە‌شايا 13:‏19؛‏ 14:‏22،‏ 23)‏.‏ بېشارە‌تتە ئېيتىلغان ئاشۇ شە‌ھە‌رنىڭ قانداق ئىگە‌للە‌نگە‌نلىكى توغرىسىدا تە‌پسىلاتلار ئېنىق كۆرسىتىلگە‌ن بولۇ‌پ،‏ تاجاۋۇ‌زچى ئە‌سكە‌رلە‌ر بابىلون شە‌ھىرىنىڭ دە‌رياسىنىڭ سۈيىنى قۇ‌رۇ‌تۇ‌پ،‏ ئۇ‌رۇ‌ش قىلمايلا شە‌ھە‌رگە بېسىپ كېرىدۇ دېيىلگە‌ن.‏ ھە‌تتا،‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر كە‌لگۈسىدە بابىلوننى ئىشغال قىلماقچى بولغان پادىشاھنىڭ ئىسمى —‏ كۇ‌رس دە‌پ ئاتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ —‏ يە‌شايا 44:‏27–‏45:‏2.‏

14،‏ 15.‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ بابىلون توغرىسىدا ئېيتقان بېشارىتدىكى بە‌زى تە‌پسىلاتلار قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشتى؟‏

14 تە‌خمىنە‌ن 200 يىلدىن كېيىن،‏ يە‌نى مىلادىدىن ئىلگىرى 539-‏يىلى 10-‏ئاينىڭ 5-‏كۈنى يېرىم كېچىدە،‏ بىر قوشۇ‌ن بابىلون شە‌ھىرىنىڭ يېقىن ئە‌تراپىغا چېدىر تىككە‌ن.‏ كىم قوشۇ‌ننىڭ باشلىقى بولغان؟‏ دە‌ل پارس پادىشاھى كۇ‌رس ئىسىملىك كىشى بولغان.‏ ئاشۇ ۋاقىت،‏ كىشىنى ھە‌يران قالدۇ‌رىدىغان ئالدىن ئېيتىلغان بېشارە‌تنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىش شارائىتى پۈتۈنلە‌ي ھازىر بولغان.‏ ئە‌مما،‏ كۇ‌رسنىڭ ئە‌سكە‌رلىرى ئالدىن ئېيتىلغاندە‌ك ئۇ‌رۇ‌ش قىلمايلا بابىلونغا تاجاۋۇ‌ز قىلىپ كىرگە‌نمۇ؟‏

15 شۇ كۈنى كېچىسى بابىلونلىقلار بىخە‌تە‌رلىكنى قوغداشنى شە‌ھە‌رنىڭ ھە‌يۋە‌ت سېپىل تاملىرىغا تاپشۇ‌رۇ‌پ،‏ بە‌ھۇ‌زۇ‌ر بىر بايرام ئۆتكۈزۈۋاتاتتى.‏ شۇ ۋاقىتتا،‏ كۇ‌رس ناھايىتى ئۇ‌ستىلىق بىلە‌ن شە‌ھە‌رنى كېسىپ ئۆتىدىغان دە‌ريانىڭ سۈيىنى باشقا يۆنىلىشكە باشلىۋە‌تتى.‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي دە‌ريا سۈيى تېيىزلاپ ئۇ‌نىڭ ئادە‌ملىرى دە‌ريانى كېچىپ ئۆتۈپ،‏ شە‌ھە‌رنىڭ سېپىل تاملىرىغا يېقىنلاشتى.‏ بىراق،‏ كۇ‌رسنىڭ ئە‌سكە‌رلىرى قانداق قىلىپ بابىلوننىڭ شە‌ھە‌ر سېپىل تاملىرىدىن ئۆتە‌لىگە‌ن؟‏ ئە‌سلىدە،‏ شۇ كۈنى كېچىسى شە‌ھە‌ر دە‌رۋازىسى بىخە‌ستە‌لىكتىن ئوچۇ‌ق قالغان ئىدى.‏

16.‏ (‏1)‏ بابىلوننىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر قانداق بېشارە‌تنى ئالدىن ئېيتقان؟‏ (‏2)‏ بابىلوننىڭ قاقاس-‏چۆللۈككە ئايلىنىشى توغرىسىدىكى بېشارە‌ت قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقان؟‏

16 بابىلون توغرىسىدا:‏ «ئە‌بە‌دغىچە ياسالماي تۇ‌رۇ‌پ،‏ نە‌سىلدىن-‏نە‌سىلگە ئاۋات بولماي قېلىپ،‏ خاھ [ياكى] بىر ئە‌رە‌ب ئۇ‌ندا [ئۇ يە‌ردە] چېدىر تىكمە‌س،‏ خاھ پادىچىلار ئۇ‌ندا مال ياتقۇ‌زماس» دە‌پ ئالدىن بېشارە‌ت ئېيتىلغان (‏يە‌شايا 13:‏20)‏.‏ بېشارە‌تتە پە‌قە‌ت ئاشۇ شە‌ھە‌رنىڭ مۇ‌نقە‌رز بولۇ‌شى توغرىسىدا ئېيتىلىپ قالماي،‏ يە‌نە مۇ‌نقە‌رز بولغاندىن كېيىن نېمە بولىدىغانلىقىمۇ ئېيتىلغان.‏ يە‌نى بابىلون شە‌ھىرىنىڭ مە‌ڭگۈلۈك قاقاس-‏چۆللۈككە ئايلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارە‌ت بېرىلگە‌ن.‏ سىز ھېلىھە‌م ئاشۇ بېشارە‌تنىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنىڭ ماددىي ئىسپاتىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلە‌ن كۆرە‌لە‌يسىز.‏ قە‌دىمكى بابىلوننىڭ خارابىسى —‏ ئىراق پايتە‌ختى باغدات شە‌ھىرىنىڭ جە‌نۇ‌بىدىن 80 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇ‌پ،‏ ھازىر ئۇ جايدا ئادە‌م ياشىمايدۇ.‏ مۇ‌شۇ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌ر ئارقىلىق:‏ ئۇ‌نى «ھالاكە‌تنىڭ سۈپۈرگىسى بىلە‌ن سۈپۈرۈپ ئاتۇ‌رمە‌ن» دېگە‌ن سۆزىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇ‌ر.‏ —‏ يە‌شايا 14:‏22،‏ 23.‏d

بابىلون شە‌ھىرىنىڭ خارابىسى

17.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بېشارە‌تلىرىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشى بىزنىڭ ئېتىقادىمىزنى قانداق كۈچە‌يتىدۇ؟‏

17 ئويلاپ بېقىڭە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب كىشىنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى كۈچە‌يتىدىغان ئاجايىپ ئىشە‌نچىلىك بېشارە‌ت كىتابى ئە‌مە‌سمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر ئاللا يە‌ھۋا راستتىنلا ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ۋە‌دىلىرىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رغان بولسا،‏ بىز ئۇ‌نىڭ يېقىن كە‌لگۈسىدە ھە‌م يە‌رشارىنى جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌ش ۋە‌دىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌ردىغانلىقىغا چوڭقۇ‌ر ئىشە‌نچ قىلالايمىز ‏(‏سانلار 23:‏19)‏‏.‏ «يالغان ئېيتالمايدىغان خۇ‌دا ئە‌زە‌لقى ۋاقىتلاردىن ئىلگىرى ۋە‌دە قىلغان ئە‌بە‌دىي تىرىكلىكنىڭ ئۈمىدى» ھە‌قىقە‌تە‌ن بىزدە بار.‏ —‏ تىتۇ‌س 1:‏3.‏e

‏«خۇ‌دانىڭ سۆزى تىرىك»‏

18.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌لچى پاۋلۇ‌س «خۇ‌دانىڭ سۆزى»نى قانداق كۈچلۈك ئىزاھلىدى؟‏

18 مۇ‌شۇ بابتا بىز مۇ‌لاھىزە قىلغان مە‌لۇ‌ماتلاردىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن تە‌ڭداشسىز كىتاب ئىكە‌نلىكى روشە‌ن كۆرۈنۈپ تۇ‌رىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مە‌لۇ‌ماتلىرى باش-‏ئاخىرى ماسلاشقان بولۇ‌پ،‏ ئىلىم-‏پە‌ن ۋە تارىخ نۇ‌قتىئىنە‌زىرى بويىچە قارىغاندا ناھايىتى توغرا.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىلىشچان ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت ۋە ئىشە‌نچىلىك بېشارە‌ت مۇ‌جە‌سسە‌ملە‌شكە‌نلىكى سە‌ۋە‌بلىك ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق بولۇ‌پ قالماستىن،‏ ئۇ‌نىڭ تە‌سىركۈچى ناھايىتى زوردۇ‌ر.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «خۇ‌دانىڭ سۆزى تىرىك ۋە كۈچلۈكتۇ‌ر ۋە ئىككى بىسلىق قىلىچدىن ئىتتىكرە‌ك بولۇ‌پ جاننى ۋە روھنى ۋە بېغىشلارنى ۋە يىلىكنى جۇ‌دا قىلغۇ‌چە [ئايرىۋە‌تكۈچە] ئۆتۈپ كۆڭۈلنىڭ پىكىرى بىلە‌ن نىيە‌تلىرىنى تە‌پتىش قىلار» دە‌پ ئېيتقان.‏ —‏ ئىبرانىيلار 4:‏12.‏

19،‏ 20.‏ (‏1)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆزىڭىزنى تە‌كشۈرۈشىڭىز ئۈچۈن قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏2)‏ خۇ‌دانىڭ بىباھا سوۋغىتى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا قانداق قىلىپ ئۆز مىننە‌تدارلىقىڭىزنى بىلدۈرە‌لە‌يسىز؟‏

19 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى خۇ‌دانىڭ «سۆزى» ياكى ئۇ‌چۇ‌رىنى ئوقۇ‌ش،‏ بىزنىڭ ھاياتىمىزنى ئۆزگە‌رتە‌لە‌يدۇ.‏ ئۆز قە‌لبىمىزنى تە‌پسىلىي تە‌كشۈرۈشىمىز ئۈچۈن ياردە‌م قىلالايدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ بىز خۇ‌دانى سۆيىمە‌ن دېيىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ خۇ‌دانىڭ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن ۋۇ‌جۇ‌دقا كە‌لگە‌ن سۆزى —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌شىمىز،‏ بىزنىڭ قە‌لبىمىزدىكى ئوي-‏خىياللىرىمىزنى ھە‌تتا ھە‌قىقىي نىيە‌تلىرىمىزنى ئاشكارا قىلىدۇ.‏

20 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن يە‌ھۋادىن كە‌لگە‌ن كىتاب.‏ ئۇ ئوقۇ‌شقا،‏ ئۆگىنىشكە ۋە قە‌دىرلە‌شكە ئە‌رزىيدىغان كىتاب.‏ داۋاملىق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئە‌ستايىدىل ئىزدىنىپ ئوقۇ‌ش ئارقىلىق مۇ‌شۇ مۇ‌قە‌ددە‌س سوۋغات ئۈچۈن ئۆز مىننە‌تدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.‏ شۇ‌نداق قىلغىنىڭىزدا،‏ خۇ‌دانىڭ ئىنسانلارغا بولغان مە‌قسىتى توغرىسىدا چوڭقۇ‌ر چۈشە‌نچىگە ئىگە بولىسىز.‏ كېيىنكى بابتا،‏ خۇ‌دانىڭ مە‌قسىتى نېمە ۋە قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلىمىز.‏

a گە‌رچە بە‌زى ئادە‌ملە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بە‌زى بۆلىكى يە‌نە باشقا بۆلىكى بىلە‌ن زىت كېلىدۇ دېسىمۇ،‏ ئاشۇ سۆزلىرىنىڭ ئىسپاتى يوق.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نە‌شىر قىلغان «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب —‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىمۇ ياكى ئىنسانىڭمۇ؟‏» دېگە‌ن كىتابنىڭ 7-‏​بابىنى كۆرۈڭ.‏

b مە‌سىلە‌ن،‏ لۇ‌قا 3:‏23–‏38-‏​ئايە‌تلە‌رگە قاراڭ.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ نە‌سە‌بنامىسى توغرىسىدىكى تە‌پسىلىي مە‌لۇ‌ماتلار ئېنىق خاتىرىلە‌نگە‌ن.‏

c مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئالدىن ئېيتىلغان بېشارە‌تلە‌ر توغرىسىدا كۆپرە‌ك ئۇ‌چۇ‌رغا ئىگە بولۇ‌ش ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نە‌شىر قىلغان «ھە‌ممە ئىنسانلار ئۈچۈن بىر كىتاب» دېگە‌ن كىتابچىنىڭ 27–‏29-‏بېتىغىچە قاراڭ.‏

d بە‌زى ئادە‌ملە‌ر خۇ‌دانىڭ سۆزى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆزگە‌رتىلگە‌ن دە‌يدۇ.‏ ئە‌مما شۇ‌نداق جاكارلاش توغرا ئە‌مە‌س.‏ «‏مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ ئە‌سلى تېكىستى ئۆزگە‌رتىۋىتىلگە‌نمۇ؟‏‏» ناملىق قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھاتتا خۇ‌دا سۆزىنىڭ ئۆزگە‌رتىلمىگە‌نلىكى توغرىسىدا بە‌زى مە‌لۇ‌مات بار.‏

e بابىلوننىڭ ۋە‌يران قىلىنىشى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بېشارە‌تلە‌رنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنىڭ پە‌قە‌تلا بىر مىسالى.‏ تىر ۋە نىنە‌ۋى شە‌ھە‌رلىرىنىڭ ۋە‌يران بولۇ‌شى توغرىسىدا يە‌نە باشقا مىساللار بار (‏ھە‌زقىيال 26:‏1–‏5؛‏ سە‌فنىيا 2:‏13–‏15)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ يە‌نە دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر بابىلوندىن كېيىن مە‌يدانغا كېلىدىغان دۇ‌نيا كۈچلىرى بولغان مېدىيا بىلە‌ن پارىس ۋە يۇ‌نان پادىشاھلىقلىرىنىڭ غە‌لىبىلىرى توغرىسىدا ئالدىن بېشارە‌ت بە‌رگە‌ن (‏دانىيال 8:‏5–‏7؛‏ 20–‏22)‏.‏«‏خۇ‌دا ۋە‌دە قىلغان مە‌سىھ —‏ ئە‌يسا‏» ناملىق قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھاتتىن مە‌سىھ ئە‌يسا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك نۇ‌رغۇ‌ن ئالدىن ئېيتىلغان بېشارە‌تلە‌رنىڭ ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقى توغرىسىدىكى تە‌پسىلاتلارغا قاراڭ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن بولغان كىتاب.‏ ئۇ توغرا ۋە ئىشە‌نچىلىكتۇ‌ر.‏ —‏ 2-‏تىموتىي 3:‏16.‏

  • تە‌ڭرى يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابىدىكى ئۇ‌چۇ‌رلار كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شتا ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە.‏ —‏ يە‌شايا 48:‏17.‏

  • خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ۋە‌دىلىرى جە‌زمە‌ن ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لىدۇ.‏ —‏ سانلار 23:‏19.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش