كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 5-‏باپ 47-‏56 ب.‏
  • تۆلە‌م —‏ خۇ‌دانىڭ ئە‌ڭ قىممە‌ت باھالىق سوۋغىسى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • تۆلە‌م —‏ خۇ‌دانىڭ ئە‌ڭ قىممە‌ت باھالىق سوۋغىسى
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • تۆلە‌م دېگە‌ن نېمە؟‏
  • پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا تۆلە‌م ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌پ بە‌ردى
  • تۆلە‌م سىز ئۈچۈن قانداق مۇ‌ھىم ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە
  • سىز ئۆز مىننە‌تدارلىقىڭىزنى قانداق ئىپادىلىيە‌لە‌يسىز؟‏
  • داۋاملىق تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا مىننە‌تدارلىق كۆرسىتىڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 5-‏باپ 47-‏56 ب.‏

5-‏باب

تۆلە‌م —‏ خۇ‌دانىڭ ئە‌ڭ قىممە‌ت باھالىق سوۋغىسى

  • تۆلە‌م دېگە‌ن نېمە؟‏

  • خۇ‌دا تۆلە‌منى قانداق ئورۇ‌نلاشتۇ‌ردى؟‏

  • بىز ئۈچۈن تۆلە‌م قانداق ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە؟‏

  • تۆلە‌م ئۈچۈن ئۆز مىننە‌تدارلىقىڭىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يسىز؟‏

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ قانداق سوۋغات سىز ئۈچۈن ئە‌ڭ قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك ھېسابلىنىدۇ؟‏ (‏2)‏ نېمە ئۈچۈن سىز ئېرىشە‌لە‌يدىغان سوۋغاتلار ئارىسىدا تۆلە‌م ئە‌ڭ قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك سوۋغات بولۇ‌پ ھېسابلىنىدۇ دېيىشكە بولىدۇ؟‏

سىز قوبۇ‌ل قىلغان سوۋغاتلار ئارىسىدا قايسى سوۋغات سىزگە نىسبە‌تە‌ن ئە‌ڭ قىممە‌ت باھالىق بولۇ‌پ ھېسابلىنىدۇ؟‏ بىر ئە‌ھمىيە‌تلىك سوۋغاتنىڭ باھاسىنىڭ يۇ‌قىرى بولۇ‌شى ناتايىن.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ سوۋغاتنىڭ قە‌دىر-‏قىممىتىنىڭ پۇ‌ل بىلە‌ن ئۆلچىنىشى زۆرۈر ئە‌مە‌س.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئە‌ڭ قىممە‌ت باھالىق سوۋغات سىزگە خۇ‌شاللىق ئېلىپ كېلە‌لە‌يدىغان ياكى سىزنىڭ تۇ‌رمۇ‌شىڭىزدىكى موھتاجلىقىڭىزنى قانائە‌تلە‌ندۈرە‌لە‌يدىغان سوۋغاتتۇ‌ر.‏ دە‌ل مۇ‌شۇ‌نداق سوۋغات سىز ئۈچۈن ئە‌ڭ قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك!‏

2 سىز ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان سوۋغاتلار ئارىسىدا ئە‌ڭ قىممە‌تلىك بىر سوۋغات باركى،‏ ئۇ‌نىڭ قە‌دىر-‏قىممىتىنى ھېچ نە‌رسە بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغىلى بولمايدۇ.‏ بۇ،‏ خۇ‌دانىڭ ئىنسانىيە‌تكە بە‌رگە‌ن سوۋغىتى.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ پە‌رۋە‌ردىگارىمىز يە‌ھۋا بىزگە كۆپ سوۋغاتلارنى بە‌رگە‌ن.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار ئارىسىدىكى ئە‌ڭ قىممە‌تلىكى ئۆز ئوغلى ئە‌يسانى بىز ئۈچۈن تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى سۈپىتىدە بە‌رگە‌نلىكىدۇ‌ر ‏(‏مە‌تتا 20:‏28‏)‏.‏ مۇ‌شۇ بابتا،‏ تۆلە‌م —‏ ئە‌ڭ قىممە‌ت باھالىق سوۋغات ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈمىز،‏ چۈنكى ئۇ سوۋغاتلار ئارىسىدىكى ئە‌ڭ قىممە‌تلىكى بولۇ‌پ سىزگە خۇ‌شاللىق ئېلىپ كېلە‌لە‌يدۇ ھە‌مدە سىزنىڭ تۇ‌رمۇ‌شىڭىزدىكى ئە‌ڭ چوڭ موھتاجلىقىڭىزنى قانائە‌تلە‌ندۈرە‌لە‌يدۇ.‏ تۆلە‌م —‏ ياراتقۇ‌چى ئىگىمىز يە‌ھۋانىڭ سىزگە بولغان مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ ئە‌ڭ چوڭقۇ‌ر ئىپادىلىنىشدۇ‌ر.‏

تۆلە‌م دېگە‌ن نېمە؟‏

3.‏ تۆلە‌م دېگە‌ن نېمە؟‏ نېمە تە‌لىمنى چۈشە‌نسە‌ك،‏ تۆلە‌منىڭ قىممە‌ت باھالىق سوۋغات ئىكە‌نلىكىدىن مىننە‌تدار بولىمىز؟‏

3 ئاددىي قىلىپ ئېيتساق،‏ تۆلە‌م —‏ ئۇ،‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋانىڭ ئىنسانىيە‌تنى گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمدىن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن قوللانغان بىر ئۇ‌سۇ‌لىدۇ‌ر (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 1:‏7)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ تۆلە‌م ھە‌ققىدىكى تە‌لىمىنى چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ جە‌ننە‌تتە نېمە ئىش يۈز بە‌رگە‌نلىكىنى ئە‌سلە‌پ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ.‏ پە‌قە‌ت ئادە‌م-‏ئاتا گۇ‌ناھ قىلىپ نېمىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنى چۈشە‌نسە‌ك،‏ تۆلە‌منىڭ بىز ئۈچۈن قىممە‌ت باھالىق سوۋغات ئىكە‌نلىكىدىن مىننە‌تدار بولىمىز.‏

4.‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان ھاياتى ئادە‌م-‏ئاتىغا نىسبە‌تە‌ن نېمە ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە؟‏

4 پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ئادە‌م-‏ئاتىنى ياراتقان چاغدا،‏ ئۇ‌نىڭغا ھە‌قىقە‌تە‌ن قىممە‌تلىك مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان ھاياتىنى بە‌رگە‌ن.‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان ھاياتى ئادە‌م-‏ئاتا ئۈچۈن نېمە ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە؟‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان ھاياتى —‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل تە‌ن ۋە ئاڭ-‏سېزىمى بولۇ‌ش،‏ ھە‌رگىزمۇ كېسە‌لگە گىرىپتار بولماسلىق،‏ قېرىپ كە‌تمە‌سلىك ۋە ئۆلمە‌ي ياشاش دېگە‌ندىن ئىبارە‌تتۇ‌ر.‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن خۇ‌دا ئۆزگىچە ئالاھىدە مۇ‌ناسىۋە‌تتە ئىدى.‏ ئۇ‌لارنىڭ مۇ‌ناسىۋىتى خۇ‌ددى مېھرىبان ئاتا بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ئوغلى ئوتتۇ‌رىسىدا بولىدىغان مۇ‌ناسىۋە‌تكە ئوخشاپ كە‌تكە‌نلىكى سە‌ۋە‌بلىك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بىر ئايىتىدە ئادە‌م-‏ئاتا «خۇ‌دانىڭ ئوغلى» دە‌پ ئاتالغان (‏لۇ‌قا 3:‏38،‏ ھ.‏ز.‏)‏.‏ ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا خۇ‌دا،‏ يە‌ر يۈزىدىكى ئوغلى ئادە‌م-‏ئاتىغا سۆز قىلىپ،‏ خۇ‌دا ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى مە‌منۇ‌ن قىلىدىغان بىر ۋە‌زىپىنى ئۇ‌نىڭغا تاپشۇ‌رغان ۋە ئۆزىنىڭ ئادە‌م-‏ئاتىدىن نېمىلە‌رنى كۈتىدىغانلىقىنى ئادە‌م-‏ئاتىغا بىلدۈرگە‌ن.‏ —‏ يارىتىلىش 1:‏28–‏30؛‏ 2:‏16،‏ 17.‏

5.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئادە‌م-‏ئاتا «خۇ‌دانىڭ سۈرىتى»دە يارىتىلغان دېگە‌نلىك زادى نېمە دېگە‌ن گە‌پ؟‏

5 ئادە‌م-‏ئاتا،‏ «خۇ‌دانىڭ سۈرىتىدە» يارىتىلغان (‏يارىتىلىش 1:‏27)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ‌نداق دېگە‌نلىك ئادە‌م-‏ئاتا قادىر خۇ‌دانىڭ سىياقىدا بولغان دېگە‌نلىك ئە‌مە‌س.‏ چۈنكى بىز 1-‏​بابتا ئۆگىنىپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا كۆزگە كۆرۈنمە‌س روھى زات (‏يۇ‌ھاننا 4:‏24)‏.‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ گۆش ۋە قاندىن تۈزۈلگە‌ن تېنى يوق.‏ ئادە‌م-‏ئاتا خۇ‌دانىڭ سۈرىتىدە يارىتىلغان دېگە‌نلىك،‏ خۇ‌دانىڭ ئالاھىدە پە‌زىلە‌تلىرى،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت،‏ ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت،‏ ئادالە‌ت ۋە كۈچ-‏قۇ‌درىتى ئادە‌م-‏ئاتىدا ئە‌كس ئە‌تتۈرۈلدى دېگە‌ندىن ئىبارە‌ت.‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ئاتىسى خۇ‌دانىڭ يە‌نە بىر مۇ‌ھىم ئوخشاشلىق تە‌رىپى بار،‏ ئۇ بولسىمۇ تاللاش ئە‌ركىنلىكىگە ئىگە.‏ دېمە‌ك،‏ ئادە‌م-‏ئاتا،‏ ئۇ ئالاھىدە لاھىيە‌لە‌نگە‌ن بۇ‌يرۇ‌ق ئارقىلىقلا ئىشلە‌يدىغان ماشىنا ئادە‌مگە ئوخشىمايدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ توغرا ۋە خاتانى تاللاشتا ئۆزىنىڭ شە‌خسى قارار قىلىش ئە‌ركىنلىكى بار.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ خۇ‌داغا ئىتائە‌ت قىلىشنى تاللىغان بولسا،‏ يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ھايات كە‌چۈرگە‌ن بولاتتى.‏

6.‏ ئادە‌م-‏ئاتا خۇ‌داغا ئىتائە‌تسىزلىك قىلغاندا ئۇ نېمىنى يوقاتتى ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌ۋلادلىرى قانداق تە‌سىرگە ئۇ‌چرىدى؟‏

6 ئادە‌م-‏ئاتا خۇ‌داغا ئىتائە‌تسىزلىك قىلغانلىقتىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ،‏ ئاشۇ ئىتائە‌تسىزلىكى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بە‌دە‌ل تۆلىدى.‏ ئاشۇ بە‌دە‌لنى تۆلە‌ش،‏ ئۆزىگە بېرىلگە‌ن مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان ھاياتى بىلە‌ن بارلىق بە‌خت-‏سائادە‌تنىڭ يوق بولۇ‌شىغا سە‌ۋە‌ب بولدى (‏يارىتىلىش 3:‏17–‏19)‏.‏ ناھايىتى ئە‌پسۇ‌سلىنارلىق يېرى شۇ‌كى،‏ ئادە‌م-‏ئاتا پە‌قە‌ت ئۆزىنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ھاياتىنى يوقىتىپ قالماستىن،‏ بە‌لكى يە‌نە كېلە‌چە‌كتىكى پە‌رزە‌نتلىرىنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ھاياتىنى نابۇ‌ت قىلدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «يالغۇ‌ز بىر ئادە‌م [ئادە‌م-‏ئاتا] نىڭ ۋاستىسى بىرلە دۇ‌نياغا گۇ‌ناھ كىردى ۋە گۇ‌ناھنىڭ ۋاستىسى بىرلە ئۆلۈم كە‌لدى ۋە ھە‌ممىسى گۇ‌ناھ قىلغىنى ئۈچۈن ئۆلۈم ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رگە يېتىپتۇ‌ر» دە‌يدۇ (‏رىملىقلار 5:‏12)‏.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ بىز ھە‌ممىمىز ئادە‌م-‏ئاتىدىن گۇ‌ناھنى مىراس ئالدۇ‌ق.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ ئۇ ئۆزىنى ۋە ئۆز ئە‌ۋلادلىرىنى گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمگە قۇ‌ل قىلىپ «ساتقان» دە‌پ ئېيتىلغان (‏رىملىقلار 7:‏14)‏.‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا ئۈچۈن ئۈمىد قالمىدى.‏ چۈنكى ئۇ‌لار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلە‌ن خۇ‌داغا ئىتائە‌تسىزلىك قىلىشنى تاللىغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لارنىڭ كېيىنكى ئە‌ۋلادلىرى بولغان بىزلە‌ر ئۈچۈن ئۈمىد يوقمۇ؟‏

7،‏ 8.‏ تۆلە‌م ئاساسلىقى قايسى ئىككى ئۇ‌قۇ‌منى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟‏

7 ئاللا يە‌ھۋا ئىنسانلارنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن تۆلە‌م ئورۇ‌نلاشتۇ‌ردى.‏ تۆلە‌م دېگە‌ن نېمە؟‏ بۇ سۆزنىڭ مە‌نىسى ئاساسلىقى تۆۋە‌ندىكى ئىككى ئوخشىمايدىغان ئۇ‌قۇ‌منى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ بىرىنچى،‏ تۆلە‌م —‏ ئۇ بېرە‌ر كىمنى،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌سىرنى ياكى قۇ‌لنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن تۆلىنىدىغان ھە‌ق.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ گۆرۈگە قويۇ‌لغان بۇ‌يۇ‌ملارنى قايتۇ‌رۇ‌ۋېلىش ئۈچۈن بېرىشكە تېگىشلىك پۇ‌ل.‏ ئىككىنچى،‏ تۆلە‌م —‏ ئۇ،‏ مە‌لۇ‌م نە‌رسىنى ئۆز تە‌ننە‌رخى بويىچە قايتۇ‌رۇ‌ش ياكى ھە‌ق بېرىش بولۇ‌پ،‏ باشقىلارغا زىيان سالغاندا ياكى بىرە‌ر نە‌رسىنى بۇ‌زۇ‌پ قويغاندا تۆلە‌شكە تېگىشلىكتۇ‌ر.‏ ئالايلۇ‌ق،‏ ئە‌گە‌ر بىر كىشى ۋە‌قە سادىر قىلىپ باشقا بىر كىشىنى يارىلاندۇ‌رسا ياكى بىر نە‌رسىنى بۇ‌زۇ‌پ قويسا،‏ يارىلانغان كىشىنىڭ داۋالىنىش ۋە باشقا چىقىملىرىنى تۆلىشى ۋە ياكى ئاشۇ بۇ‌زۇ‌لغان نە‌رسە ئۈچۈن ئە‌سلى باھاسىغا تە‌ڭ مىقداردا تۆلە‌م بېرىشى كېرە‌ك.‏

8 ئۇ‌نداقتا،‏ ئادە‌م-‏ئاتا كە‌لتۈرۈپ چىقارغان ئاشۇ چوڭ زىياننى تۆلە‌پ،‏ ئىنسانىيە‌تنى گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇ‌للىقىدىن ئازاد قىلىشقا قانداق مۇ‌مكىن بولىدۇ؟‏ تۆۋە‌ندە پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا بىز ئۈچۈن ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان بىر تۆلە‌م ۋە ئۇ‌نىڭ بىز ئۈچۈن قانداق ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە ئىكە‌نلىكى توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلىمىز.‏

پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا تۆلە‌م ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌پ بە‌ردى

9.‏ قانداق تۆلە‌م تە‌لە‌پ قىلىنغان؟‏

9 ئادە‌م-‏ئاتا مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان ھاياتىنى يوقاتقانلىق سە‌ۋە‌بىدىن،‏ ھېچ بىر مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س ئىنسان ئۇ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان ھاياتىنى قايتۇ‌رۇ‌پ كېلىش ئۈچۈن تۆلە‌م بېرە‌لمە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 49:‏7،‏ 8)‏.‏ چۈنكى،‏ تۆلە‌شكە تېگىشلىك تۆلە‌م ھە‌ققى چوقۇ‌م ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ يوقاتقىنى بىلە‌ن تە‌ڭ قىممە‌تكە ئىگە بولىشى شە‌رت.‏ بۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏قانۇ‌نىدىكى،‏ مۇ‌نۇ «جان ئورنىغا جان» دېگە‌ن مۇ‌كە‌ممە‌ل ئادىللىق پرىنسىپىغا ناھايىتى ماس كە‌لگە‌ن (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 19:‏21)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ قانداق ئىنسان جېنى ياكى ھاياتى،‏ ئادە‌م-‏ئاتا يوقاتقان مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان ھاياتى بىلە‌ن تە‌ڭ قىممە‌تلىك ھە‌ق تۆلە‌ش بولالىغان؟‏ باشقا بىر مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان ھاياتى ئارقىلىق مۇ‌ناسىپ ‹تۆلە‌م تۆلە‌ش› تە‌لە‌پ قىلىنغان.‏ —‏ 1-‏تىموتىي 2:‏6.‏

10.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا تۆلە‌منى قانداق ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان؟‏

10 پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا تۆلە‌منى قانداق ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان؟‏ خۇ‌دا مۇ‌كە‌ممە‌ل روھى ئوغۇ‌للىرى ئارىسىدىن بىرنى يە‌ر يۈزىگە ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ تاللىغىنى ئۆزىنىڭ ئە‌ڭ ئە‌تىۋارلىق يالغۇ‌ز ئوغلى ئە‌يسا ‏(‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏9،‏ 10)‏.‏ بۇ ئوغۇ‌ل ئۆز ئىختىيارلىقى بىلە‌ن ئاسماندىكى ماكانىدىن ئايرىلىپ،‏ يە‌ر يۈزىگە كە‌لگە‌ن (‏فىلىپىلىكلە‌ر 2:‏7)‏.‏ بىز ئالدىنقى بابتا ئۆگىنىپ ئۆتكىنىمىزدە‌ك،‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا مۆجىزە كۆرسىتىپ ئۆز ئوغلىنىڭ ھاياتىنى پاك قىز مە‌ريە‌منىڭ قورسىقىغا كۆچۈردى.‏ بۇ‌نىڭ بىلە‌ن خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ ھىمايىسىدە ئە‌يسا گۇ‌ناھدىن خالىي مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان بولۇ‌پ تۇ‌غۇ‌لدى.‏ —‏ لۇ‌قا 1:‏35.‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا يالغۇ‌ز ئوغلىنى بىز ئۈچۈن تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا بە‌ردى

11.‏ قانداق قىلىپ بىر ئىنسان مىليونلىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ گۇ‌ناھى ئۈچۈن تۆلە‌م تۆلىيە‌لىشى مۇ‌مكىن؟‏

11 بىراق،‏ قانداق قىلىپ بىر كىشىنىڭ ھاياتى ئارقىلىق مىليونلىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ گۇ‌ناھى ئۈچۈن تۆلە‌م بە‌رگىلى بولسۇ‌ن؟‏ دە‌سلە‌پتە،‏ قانداق قىلىپ مىليونلىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ گۇ‌ناھكار بولۇ‌پ قالغانلىقى يادىڭىزدىمۇ؟‏ ئە‌سلە‌پ باقسىڭىز،‏ ئادە‌م-‏ئاتا گۇ‌ناھ قىلىپ،‏ ئۇ ئىگە بولغان مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان ھاياتىنى يوقاتقان.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۇ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س ئىنسان بولغان.‏ ئۇ ئە‌ۋلادلىرىغا مۇ‌كە‌ممە‌ل ھاياتنى مىراس قالدۇ‌رالمىغان،‏ بە‌لكى گۇ‌ناھ بىلە‌ن ئۆلۈمنى ئۇ‌لارغا مىراس قالدۇ‌رغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا «ئاخىرقى ئادە‌م» دە‌پ ئاتالغان ئە‌يسا مە‌سىھ گۇ‌ناھدىن خالىي مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان بولغان (‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏45)‏.‏ شۇ‌نداق ئېيتىشقا بولىدۇ‌كى،‏ مە‌سىھ ئە‌يسا بىزنى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ ئورنىنى ئالغان،‏ ئاللا يە‌ھۋاغا پۈتۈنلە‌ي ئىتائە‌تچان بولۇ‌پ ئۆز مۇ‌كە‌ممە‌ل ھاياتىنى قۇ‌ربانلىققا بېرىش ئارقىلىق ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ گۇ‌ناھى ئۈچۈن بە‌دە‌ل تۆلىگە‌ن.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ ئە‌ۋلادلىرىغا ئۈمىد ئېلىپ كە‌لدى.‏ —‏ رىملىقلار 5:‏19؛‏ 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏21،‏ 22.‏

12.‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە بە‌رداشلىق بېرىشى نېمىنى ئىسپاتلىدى؟‏

12 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى تارتقان ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرى توغرىسىدا تە‌پسىلىي بايان قىلىدۇ.‏ ئۇ شە‌پقە‌تسىزلە‌رچە قامچىلانغان ۋە تۈۋرۈك ياغاچقا مىخلانغان،‏ ئاخىردا ئۇ ناھايىتى قىينىلىپ جان بە‌رگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 19:‏1،‏ 16–‏18،‏ 30؛‏ «‏ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئىبادە‌ت قىلغاندا كرېست ئىشلە‌تمە‌يدۇ‏» ناملىق قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏ نېمە ئۈچۈن ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ مۇ‌شۇ‌نداق كۆپ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى باشتىن كە‌چۈرۈشى كېرە‌ك بولغان؟‏ مۇ‌شۇ كىتابنىڭ كېيىنكى بابلىرىدا كۆرۈپ ئۆتىمىزكى،‏ شە‌يتان،‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋانىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھېچبىر خىزمە‌تچىسى سىناقلاردا ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلىمايدۇ دە‌پ داۋراڭ سالغان.‏ لېكىن،‏ مە‌سىھ ئە‌يسا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىك سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىپ شە‌يتاننىڭ گۇ‌مانىغا مۇ‌ۋاپىق ئە‌ڭ ياخشى جاۋابنى بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌يسا شۇ‌نى ئىسپاتلىدىكى،‏ ئىبلىس شە‌يتان مە‌يلى قانداق ۋاسىتىلە‌رنى قوللانسۇ‌ن،‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان ئۆزى ئىگە بولىدىغان تاللاش ئە‌ركىنلىكى ئارقىلىق خۇ‌داغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكنى پۈتۈنلە‌ي ساقلىيالايدۇ.‏ ئۆزىنىڭ ئامراق ئوغلىنىڭ ساداقە‌تمە‌نلىكىنى كۆرۈش تە‌ڭرى يە‌ھۋانى نە‌قە‌دە‌ر خۇ‌شال قىلىدۇ،‏ ھە!‏ —‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏11.‏

13.‏ تۆلە‌م قانداق تۆلە‌پ بېرىلگە‌ن؟‏

13 تۆلە‌م قانداق تۆلە‌پ بېرىلگە‌ن؟‏ مىلادى 33-‏يىلى يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ نىسان ئېيىنىڭ 14-‏كۈنى خۇ‌دا ئاشۇ ئۆزىنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل،‏ گۇ‌ناھسىز ئوغلىنىڭ ئۆلتۈرلۈشىگە يول قويغان.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ ئە‌يسا ئۆز مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان ھاياتىنى «بىر مە‌رتىۋە» مە‌ڭگۈلۈككە قۇ‌ربانلىققا بە‌رگە‌ن (‏ئىبرانىيلار 10:‏10)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى ئۈچىنچى كۈنى يە‌ھۋا ئۇ‌نى روھى زات سۈپىتىدە تىرىلدۈرگە‌ن.‏ ئۇ ئاسمانغا قايتقىنىدا،‏ ئادە‌م-‏ئاتىنىڭ ئە‌ۋلادلىرى يوقاتقان مۇ‌كە‌ممە‌ل ھاياتنى قايتۇ‌رۇ‌ۋېلىش ئۈچۈن ئە‌يسا قۇ‌ربان قىلغان مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان ھاياتىنى قىممە‌ت-‏باھالىق تۆلە‌م سۈپىتىدە يە‌ھۋاغا تە‌قدىم قىلغان (‏ئىبرانىيلار 9:‏24)‏.‏ ئىنسانلارنى گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇ‌للۇ‌قىدىن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن تاپشۇ‌رۇ‌ش زۆرۈر بولغان تۆلە‌م ئۈچۈن مە‌سىھ ئۆزىنى قۇ‌ربان قىلغان.‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا بۇ تە‌ڭ قىممە‌تلىك تۆلە‌منى قوبۇ‌ل قىلغان.‏ —‏ رىملىقلار 3:‏23،‏ 24.‏

تۆلە‌م سىز ئۈچۈن قانداق مۇ‌ھىم ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە

14،‏ 15.‏ «گۇ‌ناھلىرىمىز كە‌چۈرۈم قىلىنىش» ئۈچۈن چوقۇ‌م نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

14 بىز ئىنسانلار گە‌رچە گۇ‌ناھكار بولغان بولساقمۇ،‏ ئاشۇ تۆلە‌م سە‌ۋە‌بلىك بە‌خت-‏سائادە‌تتىن بە‌ھرىمە‌ن بولالايمىز.‏ ھازىر ۋە كە‌لگۈسىدە ئاللا بىزگە ئاتا قىلىدىغان قانداق بە‌خت-‏سائادە‌تتىن بە‌ھرىمە‌ن بولالايمىز؟‏ تۆۋە‌ندىكى بىرقانچىسىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

15 گۇ‌ناھلارنىڭ كە‌چۈرۈم قىلىنىشى.‏ بىز مۇ‌كە‌ممە‌لسىزلىككە مىراس بولغانلىقىمىز سە‌ۋە‌بلىك،‏ ھە‌ربىر توغرا ئىشنى قىلىش قە‌لبىمىزدە نۇ‌رغۇ‌ن تالاش-‏تارتىش پە‌يدا قىلىدۇ.‏ ھە‌ممىمىز سۆزىمىزدە ياكى بولمىسۇ‌ن ھە‌رىكىتىمىزدە خاتالىق سادىر قىلىمىز.‏ ئە‌مما،‏ مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئارقىلىق «گۇ‌ناھلىرىمىز كە‌چۈرۈم قىلىندى» (‏كولوسىلىقلار 1:‏13،‏ 14،‏ ھ.‏ز.‏)‏.‏ لېكىن،‏ مۇ‌شۇ كە‌چۈرۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ بىز چوقۇ‌م چىن قە‌لبىمىزدىن توۋا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ يە‌نە چوقۇ‌م يە‌ھۋا خۇ‌دادىن كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ئوغلىنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزنى كە‌چۈرۈم قىلىشىنى ئۆتۈنۈپ سورىشىمىز لازىم.‏ —‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 1:‏8،‏ 9.‏

16.‏ نېمە بىزنى پاك ۋىجدان بىلە‌ن پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ؟‏ ئاشۇ‌نداق پاك ۋىجداننىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟‏

16 ئاللانىڭ ئالدىدا پاك ۋىجدانلىق بولۇ‌ش.‏ ئە‌گە‌ر ۋىجدانىمىز ناپاك بولسا،‏ ناھايىتى ئوڭايلا ئۆزىمىزنى ئۈمىدسىز ۋە ھېچ نە‌رسىگە يارىماس ھېس قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ گە‌رچە ھە‌ممىمىز مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س بولساقمۇ،‏ لېكىن مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك تە‌ڭرى يە‌ھۋا تۆلە‌م سە‌ۋە‌بلىك بىزنىڭ گۇ‌ناھلىرىمىزنى كە‌چۈرۈم قىلغان ھە‌مدە بىزنىڭ پاك ۋىجدان بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشىمىزغا رۇ‌خسە‌ت قىلغان (‏ئىبرانىيلار 9:‏13،‏ 14)‏.‏ شۇ‌ڭا بىز دۇ‌ئا ئارقىلىق يۈرە‌ك توق ھالدا پە‌رۋە‌ردىگارىمىز يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئالاقە قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇ‌ق (‏ئىبرانىيلار 4:‏14–‏16)‏.‏ پاك ۋىجدانىمىزنى ساقلاش بىزگە روھى خاتىرجە‌ملىك بېرىپ،‏ ئۆز-‏ئۆزىمىزنى ھۆرمە‌تلە‌شنى ئۆگىتىدۇ ۋە تۇ‌رمۇ‌شىمىزغا خۇ‌شاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.‏

17.‏ مە‌سىھنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆزىنى قۇ‌ربان قىلىشى بىزنى قانداق بە‌خت-‏سائادە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىش ئىمكانىيە‌تكە ئىگە قىلدى؟‏

17 يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتىكى مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا بولغان ئۈمىد.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ رىملىقلارغا يېزىلغان خە‌ت 6-‏​باب 23-‏​ئايىتىدە (‏ھ.‏ز.‏)‏:‏ «چۈنكى،‏ گۇ‌ناھنىڭ بە‌دىلى ئۆلۈم» دېگە‌نلىكىنى كۆرىمىز.‏ بىراق،‏ ئاشۇ ئايە‌تنىڭ داۋامىدا خۇ‌دانىڭ «ئە‌يسا مە‌سىھ ئارقىلىق ئاتا قىلغان سوۋغىتى مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇ‌ر» دە‌پ يېزىلغان.‏ مۇ‌شۇ كىتابنىڭ 3-‏​بابىدا كېلە‌چە‌كتىكى يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتە بولىدىغان بە‌خت-‏سائادە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌ش توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلغان ئىدۇ‌ق (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 21:‏3،‏ 4)‏.‏ بىز ئاشۇ ھە‌ممە نە‌رسە تە‌ل بولغان كە‌لگۈسى بە‌خت-‏سائادە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىپ،‏ پۈتۈنلە‌ي ساغلام مە‌ڭگۈ ھايات ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇ‌ق.‏ چۈنكى،‏ مە‌سىھ بىزنى ئاشۇ ئىمكانىيە‌تكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇ‌ربان قىلدى.‏ ئاشۇ گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللا سوۋغات سۈپىتىدە بىزگە بە‌رگە‌ن تۆلە‌م ئۈچۈن ئۆز مىننە‌تدارلىقىمىزنى ئىپادىلىشىمىز كېرە‌ك.‏

سىز ئۆز مىننە‌تدارلىقىڭىزنى قانداق ئىپادىلىيە‌لە‌يسىز؟‏

18.‏ تۆلە‌م سوۋغىتى ئۈچۈن نېمىشقا يە‌ھۋاغا مىننە‌تدار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

18 نېمىشقا بىز ئاشۇ تۆلە‌م ئۈچۈن تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا چوڭقۇ‌ر مىننە‌تدار بولىشىمىز كېرە‌ك؟‏ ئە‌گە‌ر بىر كىشى ۋاقتى،‏ زېھنى-‏كۈچى ۋە پۇ‌لنى سە‌رپ قىلىپ سىز ئۈچۈن ئالاھىدە ئە‌ھمىيە‌تلىك سوۋغات تە‌ييارلىسا،‏ سىزنىڭ قە‌لبىڭىزدە قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ پە‌يدا بولىدۇ؟‏ ئۇ دە‌ل سوۋغات بە‌رگۈچىنىڭ سىزگە بولغان سە‌مىمىي سۆيگۈسىنىڭ ئىزھارى ئە‌مە‌سمۇ؟‏ تۆلە‌م بولسا سوۋغاتلارنىڭ ئارىسىدىكى ئە‌ڭ قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك سوۋغاتتۇ‌ر.‏ چۈنكى،‏ مۇ‌شۇ سوۋغاتنى بىزگە بېرىش ئۈچۈن خۇ‌دا ئە‌ڭ چوڭ قۇ‌ربانلىق ئورۇ‌نلاشتۇ‌ردى.‏ يۇ‌ھاننا3-‏​باب16-‏​ئايە‌تتە:‏ «خۇ‌دا دۇ‌نيانى شۇ‌نداق دوست تۇ‌تتىكى [سۆيدىكى،‏ ھ.‏ز.‏] ئۆز يالغۇ‌ز ئوغلىنى بە‌ردى» دېيىلگە‌ن.‏ تۆلە‌م —‏ يە‌ھۋانىڭ بىزگە بولغان مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ ئە‌ڭ روشە‌ن ئىسپاتى.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ ئۆز ئىختىيارى بىلە‌ن ھاياتىنى بىز ئۈچۈن قۇ‌ربان قىلغان مە‌سىھنىڭ بىزگە بولغان مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ ئىسپاتىدۇ‌ر (‏يۇ‌ھاننا 15:‏13)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ئالاھىدە سوۋغات تۆلە‌م —‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ۋە مە‌سىھ ئە‌يسا ھە‌ر ئىككىسىنىڭ ھە‌ربىرىمىزنى ناھايىتى سۆيىدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏ —‏ گالاتىيالىقلار 2:‏20.‏

تە‌ڭرى يە‌ھۋا توغرىسىدا كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىش ئاشۇ قىممە‌تلىك سوۋغات تۆلە‌م ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقنى ئىپادىلە‌شنىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى

19،‏ 20.‏ خۇ‌دانىڭ سوۋغىتى بولغان تۆلە‌م ئۈچۈن ئۆز مىننە‌تدارلىقىڭىزنى قايسى ئۇ‌سۇ‌ل ئارقىلىق ئىپادىلىيە‌لە‌يسىز؟‏

19 ئۇ‌نداقتا سىز قانداق قىلىپ خۇ‌دانىڭ سوۋغىتى بولغان تۆلە‌م ئۈچۈن ئۆز مىننە‌تدارلىقىڭىزنى ئىپادىلىيە‌لە‌يسىز؟‏ ئاۋۋال،‏ ئاشۇ تۆلە‌م سوۋغىتىنى بە‌رگۈچى يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرىسىدا كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىڭ (‏يۇ‌ھاننا 17:‏3)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىپ يە‌ھۋا توغرىسىدا بىلىم ئېلىشىڭىزغا قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ياردە‌م بېرىدۇ.‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا توغرىسىدىكى بىلىمىڭىز كۆپە‌يگە‌نسېرى،‏ سىزنىڭ ئۇ‌نىڭغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏ ئاشۇ مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز سىزنى خۇ‌دانى خۇ‌شال قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ.‏ —‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏3.‏

20 ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىش.‏ ئە‌يسا توغرىسىدا:‏ «كىمكى ئوغۇ‌لغا ئىشە‌نسە ئۇ‌نىڭ ئە‌بە‌دىي تىرىكلىكى بار» دېيىلگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 3:‏36)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ مە‌سىھكە ئىشە‌نگە‌نلىكىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ ئىشە‌نچنى پە‌قە‌ت ئېغىزدىكى سۆز ئارقىلىق كۆرسە‌تكىلى بولمايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «ئىمان .‏.‏.‏ ئە‌مە‌لسىز بولسا ئۆلۈكتۇ‌ر» دە‌پ يېزىلغان (‏ياقۇ‌پ 2:‏26)‏.‏ ھە‌قىقىي ئىشە‌نچ «ئە‌مە‌ل» يە‌نى ئىش-‏ھە‌رىكىتىمىز ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ.‏ مە‌سىھكە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى ئۇ‌نىڭ بىز ئۈچۈن قالدۇ‌رغان ئۈلگىسىگە پە‌قە‌ت ئېغىزدىكى سۆزىمىز ئارقىلىق ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۆز ئە‌مە‌لىي ئىش-‏ھە‌رىكىتىمىز ئارقىلىق ئە‌گىشىشتۇ‌ر.‏ —‏ يۇ‌ھاننا 13:‏15.‏

21،‏ 22.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن ھە‌ريىلى مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىغا قاتنىشىشىمىز لازىم؟‏ (‏2)‏ ئالتىنچى،‏ يە‌تتىنچى بابلاردا نېمە توغرىسىدا چۈشە‌ندۈرۈلىدۇ؟‏

21 ھە‌ر يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش كە‌چلىك داستىخان مۇ‌راسىمىغا قاتنىشىش.‏ مىلادى 33-‏يىلى نىسان ئېيىنىڭ 14-‏كۈنى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئالاھىدە خاتىرىلە‌ش كە‌چلىك داستىخان مۇ‌راسىمنى ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رغان (‏1-‏كورىنتلىقلار 11:‏20؛‏ مە‌تتا 26:‏26–‏28‏)‏.‏ بۇ مۇ‌راسىم يە‌نە مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمى دە‌پمۇ ئاتىلىدۇ.‏ ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرى ۋە ئۇ‌لاردىن كېيىنكى خۇ‌داغا ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارغا ئۆزىنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان ھاياتىنى تۆلە‌م ئۈچۈن قۇ‌ربانلىققا بە‌رگە‌نلىكىنى ھە‌ردائىم ئە‌ستە ساقلاش كېرە‌كلىكى توغرىسىدا تە‌لىم بە‌رگە‌ن.‏ مۇ‌شۇ مۇ‌راسىم توغرىسىدا ئە‌يسا:‏ «مېنى ياد قىلماق ئۈچۈن مۇ‌نى قىلىڭلار» دە‌پ بۇ‌يرۇ‌ق قىلغان (‏لۇ‌قا 22:‏19)‏.‏ بىزمۇ ھە‌ريىلى ئۆتكۈزىلىدىغان خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىغا قاتنىشىش ئارقىلىق پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ بىز ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن مېھرى-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئە‌ستە ساقلاپ ئۆزىمىزنىڭ ئاشۇ تۆلە‌م ئۈچۈن مىننە‌تدار ئىكە‌نلىكىمىزنى ئىپادىلىيە‌لە‌يمىز.‏a

22 يە‌ھۋا خۇ‌دا ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان تۆلە‌م ھە‌قىقە‌تە‌ن قىممە‌ت-‏باھالىق سوۋغاتتۇ‌ر (‏2-‏كورىنتلىقلار 9:‏14،‏ 15)‏.‏ بۇ ئە‌ڭ قە‌دىر-‏قىممە‌تلىك سوۋغات،‏ ھە‌تتا ئۆلگە‌نلە‌ر ئۈچۈن پايدا ئېلىپ كېلە‌لە‌يدۇ.‏ بۇ نېمە دېگە‌ن گە‌پ؟‏ تۆۋە‌ندە 6،‏ 7-‏​بابلاردا مۇ‌شۇ چۈشە‌ندۈرۈلىدۇ.‏

a مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش داستىخىنى توغرىسىدا كۆپرە‌ك چۈشە‌نچىگە ئىگە بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ «‏ئە‌يسانى خاتىرىلە‌ش كە‌چلىك داستىخىنى —‏ خۇ‌داغا شان-‏شە‌رە‌پ ئېيتىدىغان مۇ‌راسىم‏» ناملىق قوشۇ‌مچە ئىزاھاتقا قاراڭ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى

  • تۆلە‌م —‏ ئاللا يە‌ھۋانىڭ ئىنسانلارنى گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇ‌للۇ‌قىدىن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن قوللانغان ئۇ‌سۇ‌لى.‏ —‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 1:‏7.‏

  • تە‌ڭرى يە‌ھۋا يالغۇ‌ز ئوغلىنى يە‌ر يۈزىگە بىز ئۈچۈن قۇ‌ربانلىق بېرىپ تۆلە‌م تۆلە‌شكە ئە‌ۋە‌تتى.‏ —‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏9،‏ 10.‏

  • تۆلە‌م ئارقىلىق بىز كە‌چۈرۈمگە،‏ پاك ۋىجدانغا ۋە مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىق ئۈمىدىگە ئىگە بولدۇ‌ق.‏ —‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 1:‏8،‏ 9.‏

  • پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا توغرىسىدا كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىش،‏ مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا ئىشە‌نگە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىش ۋە مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش داستىخىنىغا قاتنىشىش ئارقىلىق ئاشۇ تۆلە‌م ئۈچۈن ئۆز مىننە‌تدارلىقىمىزنى ئىپادىلىيە‌لە‌يمىز.‏ —‏ يۇ‌ھاننا 3:‏16.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش