كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 10-‏باپ 96-‏105 ب.‏
  • ياخشى ۋە ئە‌سكى پە‌رىشتىلە‌ر بىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ياخشى ۋە ئە‌سكى پە‌رىشتىلە‌ر بىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • پە‌رىشتىلە‌رنىڭ قوللىشى ۋە قوغدىشى
  • ئىنسانلارغا دۈشمە‌نلىك قىلىدىغان ئە‌سكى پە‌رىشتىلە‌ر
  • جىنلار ئادە‌ملە‌رنى قانداق ئازدۇ‌رىدۇ
  • جىنلارغا قانداق قارشى تۇ‌رۇ‌ش كېرە‌ك
  • پە‌رىشتىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌ت
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن رە‌زىل روھلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌ڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2019
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 10-‏باپ 96-‏105 ب.‏

10-‏باب

ياخشى ۋە ئە‌سكى پە‌رىشتىلە‌ر بىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

  • ياخشى پە‌رىشتىلە‌ر ئىنسانلارغا ياردە‌م بېرە‌مدۇ؟‏

  • جىنلار دە‌پ ئاتالغان ئە‌سكى پە‌رىشتىلە‌ر ئىنسانلارغا قانداق تە‌سىر قىلغان؟‏

  • بىز جىنلاردىن قورقۇ‌شىمىز كېرە‌كمۇ؟‏

1.‏ نېمە ئۈچۈن بىز پە‌رىشتىلە‌ر توغرىسىدا ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

بىر ئادە‌منى چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ ئادە‌تتە ئاشۇ ئادە‌منىڭ ئائىلىسىدىكى باشقا ئائىلە ئە‌زالىرى توغرىسىدا چۈشە‌نچىگە ئىگە بولۇ‌شقا توغرا كېلىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئاللا يە‌ھۋانى ياخشىراق چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭ ئاسماندىكى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئە‌زالىرى بولغان پە‌رىشتىلە‌ر توغرىسىدا چۈشە‌نچىگە ئىگە بولۇ‌ش زۆرۈر.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ پە‌رىشتىلە‌رنى ‹خۇ‌دانىڭ ئوغۇ‌للىرى› دە‌پ ئاتىغان (‏ئايۇ‌پ 38:‏7)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ خۇ‌دانىڭ مە‌قسىتىنىڭ ئورۇ‌ندىلىشىدا ئۇ‌لارنىڭ قانداق ۋە‌زىپىسى بار؟‏ ئۆتمۈشتە پە‌رىشتىلە‌ر ئىنسانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشقانمۇ؟‏ پە‌رىشتىلە‌ر سىزنىڭ تۇ‌رمۇ‌شىڭىزغا تە‌سىر كۆرسىتە‌مدۇ؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ ئۇ‌لار قانداق تە‌سىر كۆرسىتىدۇ؟‏

2.‏ پە‌رىشتىلە‌رنى كىم ياراتقان؟‏ ئۇ‌لارنىڭ سانى قانچە؟‏

2 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا پە‌رىشتىلە‌ر نە‌چچە يۈز قېتىملاپ تىلغا ئېلىنغان.‏ قېنى بىز پە‌رىشتىلە‌ر ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بىر قانچە ئايە‌تنى مۇ‌لاھىزە قىلىپ باقايلى.‏ پە‌رىشتىلە‌رنى كىم ياراتقان؟‏ كولوسىلىقلار 1-‏​باب 16-‏​ئايە‌ت:‏ «ئاسمانلاردىكى ۋە يە‌ردىكىنىڭ ھە‌ممىسى ئۇ [مە‌سىھ ئە‌يسا] نىڭ ۋاستىسى بىرلە يارىتىلدى» دە‌يدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ پە‌رىشتىلە‌ر دە‌پ ئاتالغان بارلىق روھى مە‌خلۇ‌قاتلار ئۆز تۇ‌نجى ئوغلىنىڭ ۋاستىسى بىلە‌ن بىر-‏بىرلە‌پ يە‌ھۋا تە‌رىپىدىن يارىتىلغان.‏ پە‌رىشتىلە‌رنىڭ سانى قانچە؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مىليونلىغان پە‌رىشتىلە‌رنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ۋە ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ربىرىنىڭ كۈچ-‏قۇ‌درە‌تكە ئىگە ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ —‏ زە‌بۇ‌ر 103:‏20.‏a

3.‏ ئايۇ‌پ 38-‏​باب 4–‏7-‏​ئايە‌تلە‌ر پە‌رىشتىلە‌ر ھە‌ققىدە بىزگە نېمە ئېيتىپ بېرىدۇ؟‏

3 خۇ‌دانىڭ سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە:‏ خۇ‌دا يە‌رنىڭ ئۇ‌لىنى قويغاندا،‏ «خۇ‌دانىڭ ھە‌ممە ئوغۇ‌للىرى خۇ‌شاللىقىدىن قىچقىرىشىپ تۇ‌رغانىدى» دە‌يدۇ (‏ئايۇ‌پ 38:‏4–‏7)‏.‏ مۇ‌شۇ‌نىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ‌كى،‏ پە‌رىشتىلە‌ر ئىنسانلار يارىتىلىشتىن،‏ ھە‌تتا يە‌رشارى يارىتىلىشتىن ئۇ‌زۇ‌ن زامانلار ئىلگىرى مە‌ۋجۇ‌ت بولغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئايۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌ر پە‌رىشتىلە‌ر:‏ «‏شادلىق قىلىشىپ‏» مە‌دىيە‌ھ ئوقۇ‌شقان دە‌پ يازغان.‏ بۇ‌لار ھە‌م پە‌رىشتىلە‌ردە ھېسسىيات بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ چۈنكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا سۆزلە‌نگە‌ندە‌ك،‏ «خۇ‌دانىڭ ھە‌ممە ئوغۇ‌للىرى»نىڭ خۇ‌شاللىقتا تە‌نتە‌نە قىلغانلىقىغا قارىغاندا،‏ ئاشۇ ۋاقىتتا بارلىق پە‌رىشتىلە‌ر چوڭ بىر ئائىلىنىڭ ئە‌زالىرى بولۇ‌پ ئۇ‌يۇ‌شۇ‌پ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغان.‏

پە‌رىشتىلە‌رنىڭ قوللىشى ۋە قوغدىشى

4.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ساداقە‌تمە‌ن پە‌رىشتىلە‌رنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىگە قىزىقىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

4 ساداقە‌تمە‌ن پە‌رىشتىلە‌ر تۇ‌نجى ئىنسانلارنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرگە‌ندىن كېيىن،‏ ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ،‏ خۇ‌دانىڭ ئۆز مە‌قسىتىنى قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌ردىغانلىقىغا ناھايىتى قىزىققان (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 8:‏30،‏ 31؛‏ 1-‏پېترۇ‌س 1:‏11،‏ 12)‏.‏ ئە‌مما،‏ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئە‌گىشىپ پە‌رىشتىلە‌رنىڭ كۆرگىنى،‏ كۆپلىگە‌ن ئىنسانلارنىڭ مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك ياراتقۇ‌چىسىنى تاشلاپ ئۆز ياراتقۇ‌چىسىغا خىزمە‌ت قىلىشتىن ۋاز كە‌چكە‌نلىكى بولغان ئىدى.‏ ساداقە‌تمە‌ن پە‌رىشتىلە‌رنىڭ بۇ‌نى كۆرۈپ كۆڭلىنىڭ ناھايىتى ئازابلانغانلىقى شە‌ك-‏شۈبھىسىزدۇ‌ر.‏ شۇ‌نداقلا،‏ بىر ئىنسان خۇ‌دانىڭ يولىغا قايتسا،‏ «خۇ‌دانىڭ پە‌رىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا .‏.‏.‏ خۇ‌رسە‌نلىك بولادۇ‌ر» (‏لۇ‌قا 15:‏10)‏.‏ پە‌رىشتىلە‌ر پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ بە‌خت-‏سائادە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشى ئۈچۈن ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى سە‌ۋە‌بلىك،‏ يە‌ھۋانىڭ دائىم ئۆزىنىڭ يە‌ر يۈزىدىكى ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىلىرىنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ش ۋە قوغداش ئۈچۈن پە‌رىشتىلە‌رنى ئە‌ۋە‌تىدىغانلىقى ھە‌يران قالارلىق ئە‌مە‌س ‏(‏ئىبرانىيلار 1:‏7،‏ 14)‏.‏ تۆۋە‌ندىكى بىر نە‌چچە مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى.‏

‏«مېنىڭ خۇ‌دايىم ئۆز پە‌رىشتىسىنى ئە‌ۋە‌تىپ .‏.‏.‏ ئۇ‌لار [شىرلار] نىڭ ئېغىزىنى بە‌ند قىلىپ [باغلاپ] قويدى».‏ —‏ دانىيال 6:‏22

5.‏ پە‌رىشتىلە‌رنىڭ ئىلھام بېرىشى ھە‌مدە ياردە‌ملىرى توغرىسىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن قايسى مىساللارنى تاپالايمىز؟‏

5 ئۆتمۈشتە خۇ‌دا رە‌زىللىككە تولغان سودوم ۋە گومورا شە‌ھە‌رلىرىنى ۋە‌يران قىلغاندا،‏ ئىككى پە‌رىشتە ھە‌ققانىي كىشى لۇ‌ت ۋە ئۇ‌نىڭ ئىككى قىزىنى باشلاپ ئۇ‌لارنىڭ شە‌ھە‌ردىن قېچىپ چىقىپ ھايات قېلىشى ئۈچۈن ياردە‌م قىلغان (‏يارىتىلىش 19:‏15،‏ 16)‏.‏ ئە‌سىرلە‌ردىن كېيىن،‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر شىر ئۆڭكۈرىگە تاشلانغاندا،‏ ئۇ ھېچقانداق زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىمىغان،‏ ھە‌مدە ئۇ:‏ «مېنىڭ خۇ‌دايىم ئۆز پە‌رىشتىسىنى ئە‌ۋە‌تىپ .‏.‏.‏ ئۇ‌لار [شىرلار] نىڭ ئېغىزىنى بە‌ند قىلىپ [باغلاپ] قويدى» دېگە‌ن (‏دانىيال 6:‏22)‏.‏ مىلادى بىرىنچى ئە‌سىردە،‏ بىر پە‌رىشتە ئە‌يسانىڭ شاگىرتى پېترۇ‌سنىڭ زىنداندىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌پ ئە‌ركىن بولۇ‌شىغا ياردە‌م قىلغان (‏ئە‌لچىلە‌ر 12:‏6–‏11)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر تارقىتىش خىزمىتىنى باشلىغاندا،‏ پە‌رىشتىلە‌ر ئۇ‌نىڭغا ئىلھام بېرىپ ئۇ‌نىڭ خىزمىتىنى قوللىغان (‏ماركۇ‌س 1:‏13)‏.‏ يە‌نە مە‌سىھ ئە‌يسا ئۆلۈشتىن ئازراق ئىلگىرى بىر پە‌رىشتە ئۇ‌نىڭغا كۆرۈنۈپ «ئۇ‌نى قوۋۋە‌تلە‌ندۈرگە‌ن» (‏لۇ‌قا 22:‏43)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ھاياتىدىكى ئاشۇ ئە‌ڭ ھالقىلىق پە‌يتلە‌ردە،‏ پە‌رىشتىنىڭ ئۇ‌نى كۈچ قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ندۈرۈپ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن نېمە دېگە‌ن چوڭ تە‌سە‌للىي،‏ ھە!‏

6.‏ (‏1)‏ بۈگۈنكى كۈندە پە‌رىشتىلە‌ر خۇ‌دانىڭ خە‌لقىنى قانداق قوغدايدۇ؟‏ (‏2)‏ بىز ھازىر قايسى سوئاللار توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلماقچى؟‏

6 بۈگۈنكى كۈندە،‏ پە‌رىشتىلە‌ر تە‌ڭرى يە‌ھۋانىڭ يە‌ر يۈزىدىكى خە‌لقىگە كۆرۈنمە‌يدۇ.‏ گە‌رچە ئىنسانلار پە‌رىشتىلە‌رنى كۆرە‌لمىسىمۇ،‏ خۇ‌دانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درە‌تلىك پە‌رىشتىلىرى خۇ‌دانىڭ خە‌لقىنى روھىي جە‌ھە‌تتىكى زىيانكە‌شلىكتىن قوغدايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «خۇ‌داۋە‌ندىدىن قورققۇ‌چىلارنىڭ چۆرىسىگە ئۇ‌نىڭ پە‌رىشتىسى چۈشۈپ ئۇ‌لارنى قۇ‌تقۇ‌زادۇ‌ر» دە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 34:‏7)‏.‏ نېمە ئۈچۈن ئاشۇ سۆزلە‌ر بىز ئۈچۈن ئە‌ڭ چوڭ تە‌سە‌للىي؟‏ چۈنكى،‏ ناھايىتى خە‌تە‌رلىك ئە‌سكى پە‌رىشتىلە‌ر بار بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لار بىزنى ھالاك قىلىشنى خالايدۇ.‏ ئۇ‌لار كىملە‌ر؟‏ ئۇ‌لار قانداق پە‌يدا بولدى؟‏ ئۇ‌لار بىزگە زىيانكە‌شلىك قىلىشقا قانداق ئۇ‌رۇ‌نىدۇ؟‏ بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن،‏ قېنى بىز ئىنسانلار تارىخى باشلانغاندا نېمە ئىش يۈز بە‌رگە‌نلىكى ھە‌ققىدە قىسقىچە مۇ‌لاھىزە قىلىپ باقايلى.‏

ئىنسانلارغا دۈشمە‌نلىك قىلىدىغان ئە‌سكى پە‌رىشتىلە‌ر

7.‏ شە‌يتان ئىنسانلارنى ئاللادىن يىراقلاشتۇ‌رۇ‌پ كېتىشتە قانداق زور مۇ‌ۋاپىقيە‌تكە ئېرىشتى؟‏

7 بىز مۇ‌شۇ كىتابنىڭ 3-‏​بابىدا ئۆگىنىپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ پە‌رىشتىلە‌ردىن بىرى باشقىلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئارزۇ‌سىنى ئۆز قە‌لبىدە تە‌رە‌ققىي قىلدۇ‌رۇ‌پ ئاللاغا قارشى چىققان.‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ بۇ پە‌رىشتە ئىبلىس شە‌يتانغا ئايلانغان (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏9)‏.‏ شە‌يتان ھاۋا-‏ئانىنى ئازدۇ‌رغاندىن كېيىنكى 1600 يىل جە‌ريانىدا يە‌نە ئىنسانلارنى ئازدۇ‌رۇ‌پ،‏ ئاللاغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلىغان ناھايىتى ئاز ساندىكى ئادە‌ملە‌ردىن باشقا نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌رنى ئاللادىن يىراقلاشتۇ‌رۇ‌پ كېتىشتە زور مۇ‌ۋاپىقيە‌تكە ئېرىشكە‌ن.‏ ئاشۇ ئاز ساندىكى ساداقە‌تمە‌ن كىشىلە‌ر ھابىل،‏ ھانۇ‌خ ۋە نۇ‌ھ قاتارلىقلاردۇ‌ر.‏ —‏ ئىبرانىيلار 11:‏4،‏ 5،‏ 7.‏

8.‏ (‏1)‏ بە‌زى پە‌رىشتىلە‌ر قانداق قىلىپ جىنلارغا ئايلانغان؟‏ (‏2)‏ نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌ر زامانىدا يە‌ر يۈزىگە كە‌لكۈن سۈيى كە‌لگە‌ندە،‏ جىنلار ھايات قىلىش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىشقا مە‌جبۇ‌ر بولدى؟‏

8 نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ زامانىدا،‏ باشقا پە‌رىشتىلە‌رمۇ ئاللا يە‌ھۋاغا قارشى چىققان.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ ئاسماندىكى چوڭ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ئىنسان سىياقىغا كىرىپ يە‌ر يۈزىگە چۈشكە‌ن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ يارىتىلىش 6-‏​باب 2-‏​ئايىتىنى كۆرۈپ باقايلى:‏ «خۇ‌دانىڭ ئوغۇ‌للىرى ئادە‌ملە‌رنىڭ قىزلىرىنىڭ چىرايلىق ئىكە‌نىنى كۆرۈپ ئۇ‌لاردىن ئۆزى خالىغانچە خوتۇ‌نلار ئالدى».‏ ئە‌مما،‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا ئاشۇ پە‌رىشتىلە‌رنىڭ ھە‌رىكە‌تلىرى ئارقىلىق ئىنسانلار جە‌مئىيىتى ۋە‌زىيىتىنىڭ داۋاملىق چىرىكلىشىپ كېتىشىگە يول قويمىغان.‏ يە‌ھۋا يە‌رشارىدىكى رە‌زىللىكلە‌رنى كە‌لكۈن سۈيى ئارقىلىق سۈپۈرۈپ تاشلىغان ۋە پە‌قە‌ت ئۆزىگە سادىق بولغان خىزمە‌تچىلىرىنىلا ساقلاپ قالغان (‏يارىتىلىش 7:‏17،‏ 23)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ قارشى چىققۇ‌چى پە‌رىشتىلە‌ر يە‌نى جىنلار دە‌پ ئاتالغان ئە‌سكى پە‌رىشتىلە‌ر ئىنسان سىياقىدىكى تېنىنى تاشلاپ روھى جانلىق ھالىتىدە ئاسمانغا قايتىشقا مە‌جبۇ‌ر بولغان.‏ ئۇ‌لار ئىبلىس تە‌رە‌پتە تۇ‌رغاچقا،‏ ئىبلىس شە‌يتان ‹جىنلارنىڭ باشلىقى› بولغان.‏ —‏ مە‌تتا 9:‏34‏،‏ ھ.‏ز.‏

9.‏ (‏1)‏ جىنلار دە‌پ ئاتالغان ئە‌سكى پە‌رىشتىلە‌ر ئاسمانغا قايتقاندا،‏ ئۇ‌لارغا نېمە بولدى؟‏ (‏2)‏ جىنلارغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك قايسى ئىشلار توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلىمىز؟‏

9 خۇ‌داغا بويسۇ‌نمىغان ئە‌سكى پە‌رىشتىلە‌ر ئاسمانغا قايتقاندا،‏ باشلىقى شە‌يتانغا ئوخشاش خۇ‌دانىڭ ئاسماندىكى چوڭ ئائىلىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى (‏2-‏پېترۇ‌س 2:‏4)‏.‏ ھازىر ئۇ‌لار ئىنسان سىياقىدىكى تە‌ننى كىيە‌لمىسىمۇ،‏ ئۇ‌لار داۋاملىق ئىنسانلارغا يامان تە‌سىر قىلماقتا.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئاشۇ جىنلار دە‌پ ئاتالغان ئە‌سكى پە‌رىشتىلە‌رنىڭ ياردىمىدە شە‌يتان «بارچە دۇ‌نيانى ئازدۇ‌رغۇ‌چى» بولۇ‌پ ئىنسانلارنى ئازدۇ‌رۇ‌ۋاتىدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏9؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏19)‏.‏ جىنلار ئادە‌ملە‌رنى قانداق ئازدۇ‌رىدۇ؟‏ جىنلار ئادە‌ملە‌رنى ئازدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئالاھىدە ئۇ‌سۇ‌للارنى قوللىنىدۇ ‏(‏2-‏كورىنتلىقلار 2:‏11)‏.‏ قېنى بىز جىنلارنىڭ ئادە‌ملە‌رنى ئازدۇ‌رىدىغان بە‌زى ئۇ‌سۇ‌للىرى توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلىپ باقايلى.‏

جىنلار ئادە‌ملە‌رنى قانداق ئازدۇ‌رىدۇ

10.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە جىنكە‌شلىك،‏ جادۇ‌گە‌رلىك،‏ سېھىرگە‌رلىك،‏ داخانلىق دېگە‌نلە‌ر نېمە؟‏

10 جىنلار دە‌پ ئاتالغان ئە‌سكى پە‌رىشتىلە‌ر كىشىلە‌رنى ئازدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ھە‌رخىل ئۇ‌سۇ‌للارنى قوللىنىدۇ.‏ جىنكە‌شلىك،‏ جادۇ‌گە‌رلىك،‏ سېھىرگە‌رلىك،‏ داخانلىق،‏ پالچىلىق قىلىش ئە‌مە‌لىيە‌تتە جىنلار بىلە‌ن بىۋاسىتە ياكى باشقا كىشىلە‌رنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئالاقە قىلىش ئۇ‌سۇ‌للىرىدۇ‌ر.‏ جادۇ‌گە‌رلىككە ئوخشاش جىنكە‌شلىك بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىشلار بىلە‌ن مە‌شغۇ‌ل بولۇ‌ش مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئە‌يىبلە‌نگە‌ن بولۇ‌پ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنىڭ ھە‌رقانداق تۈردىكى سېھىرگە‌رلىك بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىشلاردىن يىراق تۇ‌رۇ‌شىمىزنى ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ (‏گالاتىيالىقلار 5:‏19–‏21)‏.‏ جىنلارنىڭ جىنكە‌شلىك قىلىش ئارقىلىق ئادە‌ملە‌رنى ئازدۇ‌رۇ‌شى خۇ‌ددى بېلىقچىلارنىڭ يە‌مچۈك ئارقىلىق بېلىقلارنى قارمىقىغا چۈشۈرگىنىگە ئوخشاش.‏ بېلىقچىلار ھە‌رخىل يە‌مچۈك ئىشلىتىش ئارقىلىق ھە‌رخىل تۈردىكى بېلىقلارنى تۇ‌تقىنىغا ئوخشاش،‏ جىنلار جىنكە‌شلىك بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ھە‌رخىل ھىيلە-‏نە‌يرە‌ڭلىك ئۇ‌سۇ‌للىرى ئارقىلىق ھە‌رقانداق ئادە‌منى ئۆز ئالىقىنىغا ئېلىپ ئۇ‌لارنى ئۆز كونتروللۇ‌قى ئاستىغا ئالىدۇ.‏

11.‏ پال ئېچىش دېگە‌ن نېمە؟‏ نېمە ئۈچۈن پال ئېچىشتىن ئۆزىمىزنى خالىي تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

11 پال ئېچىش جىنلارنىڭ ئىشلىتىدىغان بىرخىل يە‌مچۈكى.‏ پال ئېچىش دېگە‌ن نېمە؟‏ پال ئېچىش كىشىلە‌رنىڭ بە‌زى نە‌رسىلە‌رنى ئىشلىتىپ كە‌لگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى بىلىش ئۈچۈن ئۇ‌رۇ‌نۇ‌پ قىلغان ھە‌رىكە‌تلىرىدۇ‌ر.‏ پال ئېچىشنىڭ شە‌كىللىرى كۆپ بولۇ‌پ،‏ يۇ‌لتۇ‌زلارغا قاراش،‏ قارت ئېچىش،‏ تاشلارنى چېچىش،‏ خرۇ‌ستال شارچىلارغا قاراش،‏ قول سىزىقىنى ئوقۇ‌ش،‏ چۈشلە‌رنى ئۆرۈش قاتارلىقلار.‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر پال ئېچىشنىڭ ھېچقانداق زىيانلىق تە‌رىپى يوق،‏ سىناپ باقسا ھېچنېمە بولمايدۇ دە‌پ ئويلايدۇ.‏ لېكىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پالچىلارنىڭ جىنلار بىلە‌ن ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى يە‌نى ئۇ‌لار بىرلىكتە ئىشلە‌يدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئە‌لچىلە‌ر 16-‏​باب 16–‏18-‏​ئايە‌تتە:‏ «پالچىلىق روھ» ئۆز ئىلكىگە ئالغان يە‌نى جىن چاپلىشىۋالغان بىر قىزنىڭ پالچىلىق قىلىپ كە‌لگۈسى ئىشلارنى ئالدىن ئېيتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.‏ ئە‌مما،‏ جىنلار ئۇ قىزدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندا،‏ ئۇ قىزنىڭ كە‌لگۈسىنى ئېيتىپ بېرىش قابىلىيىتى يوقالغان.‏

جىنلار دە‌پ ئاتالغان يامان روھلار ئىنسانلارنى ئازدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ھە‌رخىل ئۇ‌سۇ‌للارنى قوللىنىدۇ

12.‏ نېمە ئۈچۈن ئۆلۈكلە‌ر بىلە‌ن ئالاقە قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نۇ‌ش ناھايىتى خە‌تە‌رلىك؟‏

12 جىنلارنىڭ ئادە‌ملە‌رنى ئازدۇ‌رۇ‌شىنىڭ يە‌نە بىر ئۇ‌سۇ‌لى،‏ ئادە‌ملە‌رنى ئۆلۈكلە‌رنىڭ ئە‌ھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشكە قۇ‌تۇ‌رتۇ‌ش.‏ ئۆز يېقىن كىشىسى ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن كۆڭلى ئازاب چېكىۋاتقان كىشىلە‌ر ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىن كىشىسى توغرىسىدىكى خاتا ئىدىيە‌لە‌ر تە‌رىپىدىن دائىم ئازدۇ‌رۇ‌لىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ پە‌قە‌ت ئۆلۈپ كە‌تكە‌نلە‌رلا ئېيتىپ بېرە‌لە‌يدۇ دە‌پ قارالغان مە‌لۇ‌م ئىشلارنى،‏ جىنلار بىلە‌ن ئالاقە قىلىدىغان ۋاستىچىلە‌ر كىشىلە‌رگە ئېيتىپ بېرىشى مۇ‌مكىن ياكى ئۇ‌لار ئاڭلىماققا ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن ئادە‌منىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋازدا سۆزلىشى مۇ‌مكىن.‏ نە‌تىجىدە،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئۆلۈكلە‌رنىڭ روھلىرى راستتىنلا ھايات،‏ بىز ئۆز قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تلىرىمىزگە ئاشۇ ئۆلۈكلە‌رنىڭ روھلىرى بىلە‌ن ئالاقە قىلىش ئارقىلىق تە‌سە‌للىي تاپالايمىز دە‌پ ئىشىنىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق تە‌سە‌للىي تېپىش ھە‌قىقە‌تە‌ن خاتا ۋە خە‌تە‌رلىك.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ جىنلار ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن كىشىلە‌رنىڭ ئاۋازىنى دورىيالايدۇ ۋە جىنلار بىلە‌ن ئالاقە قىلىدىغان ۋاستىچىلە‌ر ئۆلۈكلە‌ر توغرىسىدىكى بە‌زى ئىشلارنى ئېيتىپ بېرە‌لە‌يدۇ (‏1-‏سامۇ‌ئىل 28:‏3–‏19)‏.‏ بىز مۇ‌شۇ كىتابنىڭ 6-‏​بابىدا ئۆگىنىپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ ئادە‌م ئۆلگە‌ندىن كېيىن ئۇ‌نىڭ روھى باشقا جايلاردا يە‌نە مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ ياشىمايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 115:‏17)‏.‏ شۇ‌ڭا «ئۆلۈكلە‌ردىن مە‌سلىھە‌ت سورايدىغان كىشىلە‌ر» جىنلار تە‌رىپىدىن ئازدۇ‌رۇ‌لىدۇ ھە‌مدە شۇ‌نداق قىلىش خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە قارشى قىلىنغان ھە‌رىكە‌تتۇ‌ر ‏(‏تە‌كرار قانۇ‌ن 18:‏10،‏ 11؛‏ يە‌شايا 8:‏19)‏.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ جىنلار ئىشلىتىدىغان خە‌تە‌رلىك يە‌مچۈككە ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھە‌ردائىم ھوشيار بولۇ‌ش كېرە‌ك.‏

13.‏ ئىلگىرى جىنلارنىڭ قورقۇ‌تۇ‌شى ئاستىدا ياشىغان كىشىلە‌ر قانداق قىلغان؟‏

13 يامان روھلار يە‌نى جىنلار كىشىلە‌رنى ئازدۇ‌رۇ‌پلا قالماي يە‌نە كىشىلە‌رنى قورقىتىدۇ.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭغا ئە‌گىشىدىغان جىنلار ئۆزلىرىنىڭ «ۋاقتىنىڭ ئاز» قالغانلىقىنى ۋە پات-‏ئارىدا ھېچ ئىش قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌لار ئىلگىرى ھېچقاچان قىلىپ باقمىغان ھە‌رخىل يامانلىقلارنى بارلىق كۈچى بىلە‌ن قىلماقتا (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏12،‏ 17)‏.‏ گە‌رچە شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئىلگىرى يامان روھلارنىڭ يە‌نى جىنلارنىڭ قورقۇ‌تۇ‌شى ئاستىدا كېچە-‏كۈندۈز قورقۇ‌نچ ئىچىدە ياشىغان نۇ‌رغۇ‌نلىغان كىشىلە‌ر ئاشۇ قورقۇ‌نچدىن ئاللىقاچان ئازاد بولالىغان.‏ قانداق قىلىپ ئاشۇ قورقۇ‌نچدىن ئازاد بولالىغان؟‏ ئە‌گە‌ر بىر كىشى ئاللىقاچان جىنكە‌شلىك بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىشلار بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للانغان بولسا،‏ يامان روھلار يە‌نى جىنلارنىڭ قولىدىن قانداق قىلىپ قۇ‌تۇ‌لالايدۇ؟‏

جىنلارغا قانداق قارشى تۇ‌رۇ‌ش كېرە‌ك

14.‏ مىلادى 1-‏ئە‌سىردىكى ئە‌فە‌س شە‌ھرىدىكى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىدە‌ك،‏ بىز جىنلارنىڭ قولىدىن ئازاد بولۇ‌ش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

14 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە قانداق قىلىپ جىنلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ۋە قانداق قىلىپ جىنلارنىڭ قولىدىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌ش توغرىسىدا ئېيتىپ بېرىدۇ.‏ مىلادى 1-‏ئە‌سىردىكى ئە‌فە‌س شە‌ھرىدىكى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ كۆرسە‌تكە‌ن ئۈلگىسىگە قاراپ باقايلى.‏ ئۇ‌لارنىڭ بە‌زىلىرى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولۇ‌شتىن ئاۋۋال جىنكە‌شلىك بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىشلار بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للانغان.‏ ئۇ‌لار جىنكە‌شلىك بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بولغان سېھىرگە‌رلىك قىلىشنى تاشلاپ جىنلارنىڭ قولىدىن ئازاد بولۇ‌شنى قارار قىلغاندا،‏ ئۇ‌لار نېمە ئىش قىلغان؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «سېھىرۋازلىق قىلغۇ‌چىلاردىن تولا كىشىلە‌ر كىتابلىرىنى ئېلىپ كېلىپ يىغىپ ھە‌ممە خە‌لقنىڭ ئالدىدا ئوتقا سېلىپ كۆيدۈردىلە‌ر» دە‌يدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 19:‏19)‏.‏ ئاشۇ قە‌دىمكى ئە‌فە‌س شە‌ھىرىدىكى يېڭى ئېتىقادچىلارنىڭ سېھرىگە‌رلىككە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك كىتابلىرىنى كۆيدۈرىۋىتىشى،‏ بۈگۈنكى كۈندە شە‌يتانغا قارشى تۇ‌رۇ‌شنى ئۈمىد قىلىدىغان كىشىلە‌ر ئۈچۈن ياخشى ئۈلگىدۇ‌ر.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى خالىغۇ‌چىلار جىنكە‌شلىك بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ھە‌رقانداق نە‌رسىلە‌رنى تاشلىۋېتىشى كېرە‌ك.‏ جىنكە‌شلىك بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك نە‌رسىلە‌ر تۆۋە‌ندىكىلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇ‌پ،‏ كىتاب-‏ژۇ‌رناللار،‏ تە‌شۋىقات ۋە كىنو-‏فىلىملە‌ر،‏ ناخشا-‏مۇ‌زىكىلار ۋە مۇ‌شۇ‌لاردىن باشقا يە‌نە يامانلىقلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تۇ‌مارلار ۋە باشقا نە‌رسىلە‌ر،‏ كىشىلە‌رنى جىنكە‌شلىك ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بولغان باشقا جادۇ‌گە‌رلىك،‏ داخانلىق،‏ سېھىرگە‌رلىك قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ ۋە قىزىقتۇ‌رىدۇ.‏ —‏ 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏21.‏

15.‏ جىنلارنىڭ ھۇ‌جۇ‌مىغا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

15 ئە‌فە‌س شە‌ھرىدىكى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى سېھىرگە‌رلىككە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك كىتابلىرىنى كۆيدۈرۈۋە‌تكە‌ندىن بىر نە‌چچە يىل كېيىن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارغا خە‌ت يېزىپ:‏ «يامانلىقنىڭ روھ قوشۇ‌نلىرى بىلە‌ن جە‌ڭ قىلارمىز» دېگە‌ن (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 6:‏12)‏.‏ مۇ‌شۇ‌نىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ‌كى،‏ جىنلار يە‌نىلا ۋاز كە‌چمىگە‌ن.‏ ئۇ‌لار داۋاملىق كىشىلە‌رنى ئۆز كونتروللىقىغا ئېلىۋېلىشقا تىرىشقان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌فە‌س شە‌ھرىدىكى ئاشۇ ئېتىقادچىلار يە‌نە قانداق قىلىشى زۆرۈر بولغان؟‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارغا:‏ «ھە‌ممىسىنىڭ ئۈستىگە ئىماننىڭ سىپارى [قالقان] نى كۆتۈرۈڭلار چۈنكى ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن يامان [شە‌يتان] نىڭ ھە‌ممە ئوتلۇ‌ق ئوقلىرىنى ئۆچۈرە‌لۇ‌ر سىزلە‌ر» دېگە‌ن (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 6:‏16)‏.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئىمان-‏ئېتىقادىمىز كۈچلۈك ۋە مۇ‌ستە‌ھكە‌م بولغانسېرى،‏ بىزنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىمىز جىنلارنىڭ ھۇ‌جۇ‌مىغا قارشى تۇ‌رىدىغان ئە‌ڭ مۇ‌ستە‌ھكە‌م قالقان بولىدۇ.‏ —‏ مە‌تتا 17:‏20‏.‏

16.‏ بىز قانداق قىلىپ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچلۈك ۋە مۇ‌ستە‌ھكە‌م قىلالايمىز؟‏

16 ئۇ‌نداقتا،‏ بىز قانداق قىلىپ ئۆز ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى كۈچلۈك ھە‌م مۇ‌ستە‌ھكە‌م قىلالايمىز؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىش ئارقىلىق.‏ ئە‌گە‌ر سېپىل تېمىنىڭ ئۇ‌لى مە‌زمۇ‌ت بولسا،‏ ئاسان ئۆرۈلۈپ چۈشمە‌يدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنىڭ مۇ‌ستە‌ھكە‌م ئۇ‌لى بولسا،‏ بىز ئىمان-‏ئېتىقادتا تە‌ۋرە‌نمە‌ي مۇ‌ستە‌ھكە‌م ۋە مە‌زمۇ‌ت تۇ‌رىمىز.‏ ئىمان-‏ئېتىقادنىڭ مۇ‌ستە‌ھكە‌م ئۇ‌لى خۇ‌دانىڭ سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى توغرا بىلىمدۇ‌ر.‏ ئە‌گە‌ر بىز ھە‌ركۈنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پ ئۆگە‌نسە‌ك،‏ بىزنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىمىز بارغانسېرى مۇ‌ستە‌ھكە‌م ۋە مە‌زمۇ‌ت بولىدۇ.‏ مە‌زمۇ‌ت سېپىل تېمىغا ئوخشاش ئىمان-‏ئېتىقادىمىز جىنلارنىڭ ھۇ‌جۇ‌مدىن ۋە تە‌سىرىدىن ساقلىنىشتا،‏ بىز ئۈچۈن مۇ‌ستە‌ھكە‌م قالقان بولىدۇ.‏ —‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏5.‏

17.‏ جىنلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قايسى ئىشنى قىلىش زۆرۈر؟‏

17 ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئە‌فە‌س شە‌ھرىدىكى ئە‌يساغا ئە‌گە‌شكۈچىلە‌رنىڭ يە‌نە قايسى ئىشنى قىلىشى زۆرۈر بولغان؟‏ ئە‌فە‌س شە‌ھىرىدە جىنلارغا چوقۇ‌نۇ‌ش ناھايىتى ئە‌ۋج ئالغاچقا،‏ مۇ‌شۇ شە‌ھە‌ردىكى ئېتىقادچىلار قوغدىنىشقا موھتاج بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارغا:‏ «ھە‌ر ۋاقىت دۇ‌ئادا ۋە تە‌لە‌پ [تىلاۋە‌ت] تە تۇ‌رۇ‌پ ھە‌مىشە روھتا .‏.‏.‏ غە‌يرە‌ت بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلىڭلار» دېگە‌ن (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 6:‏18)‏.‏ بىزمۇ ھازىر جىنلارغا چوقۇ‌نىدىغانلار بىلە‌ن تولۇ‌پ كە‌تكە‌ن دۇ‌نيادا ياشاۋاتىمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ جىنلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋاغا ئىخلاس بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلىپ ئۇ‌نىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىشىمىز زۆرۈر.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ئىسمنى ئىشلىتىپ دۇ‌ئا قىلىشىمىز لازىم ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 18:‏10)‏.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ بىز ھە‌مىشە «بىزنى ياماندىن قۇ‌تقۇ‌زغىن» يە‌نى ئىبلىس شە‌يتاندىن قۇ‌تقۇ‌زغىن دە‌پ دۇ‌ئالىرىمىزدا يە‌ھۋادادىن تىلىشىمىز كېرە‌ك (‏مە‌تتا 6:‏13‏)‏.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ئىخلاس بىلە‌ن قىلىنغان دۇ‌ئالارغا جە‌زمە‌ن جاۋاب قايتۇ‌رىدۇ.‏ —‏ زە‌بۇ‌ر 145:‏19.‏

18،‏ 19.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن بىز جىنلارغا قارشى جە‌ڭدە غە‌لبە قىلالايدىغانلىقىمىزنى جە‌زملە‌شتۈرە‌لە‌يمىز؟‏ (‏2)‏ كېيىنكى باب قايسى سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ؟‏

18 جىنلار ناھايىتى خە‌تە‌رلىك.‏ ئە‌مما،‏ بىز جىنلاردىن قورقماي ياشىشىمىز ئۈچۈن شە‌يتانغا قارشى تۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا يېقىنلىشىپ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنىڭ ئورۇ‌ندىلىشى ئۈچۈن خىزمە‌ت قىلىشىمىز زۆرۈر ‏(‏ياقۇ‌پ 4:‏7،‏ 8)‏.‏ جىنلارنىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى چە‌كلىك.‏ ئۇ‌لار نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ زامانىدا جازالانغان ھە‌مدە كە‌لگۈسىدە خۇ‌دا تە‌رىپىدىن ئە‌ڭ ئاخىرقى ھۆكۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ (‏يە‌ھۇ‌دا 6)‏.‏ شۇ‌نىمۇ ھە‌م ئېسىڭىزدە ساقلاڭ،‏ يە‌ھۋانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درە‌تلىك پە‌رىشتىلىرى بىزنى قوغدايدۇ (‏2-‏پادىشاھلار 6:‏15–‏17)‏.‏ ئاشۇ پە‌رىشتىلە‌ر بىزگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ ھە‌مدە بىزنىڭ جىنلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌شتا غە‌لبە قىلغانلىقىمىزنى كۆرۈشنى بە‌كمۇ خالايدۇ.‏ بىزمۇ شۇ‌نى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالايمىزكى،‏ ساداقە‌تمە‌ن پە‌رىشتىلە‌ر بىز ئۈچۈن ئالقىشلارنى ياغدۇ‌رۇ‌پ غە‌لبە قىلىشىمىزغا ئىلھام بېرىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ ئاسماندىكى چوڭ ئائىلىسىدىكى ساداقە‌تمە‌ن پە‌رىشتىلە‌ر بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورنىتىشىمىز كېرە‌ك ھە‌مدە خۇ‌دانىڭ سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ نە‌سىھە‌تلىرىگە كۆڭۈل قويساق،‏ ھە‌رقانداق جىنكە‌شلىك بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بولغان نە‌رسىلە‌ردىن ۋە ھە‌رىكە‌تلە‌ردىن خالىي بولغىلى بولىدۇ (‏1-‏پېترۇ‌س 5:‏6،‏ 7؛‏ 2-‏پېترۇ‌س 2:‏9)‏.‏ شۇ‌ندىلا،‏ بىز جىنلار دە‌پ ئاتالغان ئە‌سكى پە‌رىشتىلە‌رگە قارشى جە‌ڭدە جە‌زمە‌ن غە‌لبە قىلالايمىز.‏

19 بىراق،‏ يامان روھلار يە‌نى جىنلارنىڭ ۋە رە‌زىل ئىشلارنىڭ ئىنسانلارغا نۇ‌رغۇ‌ن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى پە‌يدا قىلىشىغا نېمە ئۈچۈن خۇ‌دا رۇ‌خسە‌ت قىلىدۇ؟‏ بۇ سوئالغا كېيىنكى باب جاۋاب بېرىدۇ.‏

جىنلار يە‌نى يامان روھلارغا قانداق قارشى تۇ‌رۇ‌ش

  • جىنكە‌شلىك بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ھە‌رقانداق نە‌رسىلە‌رنى تاشلىۋېتىش

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىش

  • خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىش

a ھە‌ققانىي پە‌رىشتىلە‌ر توغرىسىدا،‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 5-‏​باب 11-‏​ئايە‌ت:‏ «ئۇ‌لارنىڭ ئە‌دە‌دى [سانى] تۈمە‌نلە‌رنىڭ تۈمە‌نلىرىچە ۋە مىڭلارنىڭ مىڭلىرىچە ئىدى» دە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مىليونلىغان پە‌رىشتىلە‌رنىڭ يارىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى

  • ساداقە‌تمە‌ن پە‌رىشتىلە‌ر تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغۇ‌چىلارغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ —‏ ئىبرانىيلار 1:‏7،‏ 14.‏

  • شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى جىنلار،‏ ئىنسانلارنى ئازدۇ‌رۇ‌پ ئۇ‌لارنى خۇ‌دادىن يىراقلاشتۇ‌رىدۇ.‏ —‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏9.‏

  • ئە‌گە‌ر سىز خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشى ئۈچۈن خىزمە‌ت قىلىپ شە‌يتانغا قارشى تۇ‌رسىڭىز،‏ شە‌يتان سىزدىن قاچىدۇ.‏ —‏ ياقۇ‌پ 4:‏7،‏ 8.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش