كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 14-‏باپ 134-‏143 ب.‏
  • ئائىلە تۇ‌رمۇ‌شىڭىزنى قانداق بە‌ختلىك قىلىش

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئائىلە تۇ‌رمۇ‌شىڭىزنى قانداق بە‌ختلىك قىلىش
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئائىلە قۇ‌رۇ‌شنى خۇ‌دا ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان
  • ئە‌رلە‌ر ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە
  • ئاياللار ئۈچۈن ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگە
  • ئاتا-‏ئانا بولغۇ‌چىلار ئۈچۈن ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگە
  • پە‌رزە‌نتلە‌ر ئۈچۈن ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگە
  • بە‌ختلىك ئائىلە قۇ‌رۇ‌شتىكى مۇ‌ھىم ھالقا
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 14-‏باپ 134-‏143 ب.‏

14-‏باب

ئائىلە تۇ‌رمۇ‌شىڭىزنى قانداق بە‌ختلىك قىلىش

  • ياخشى ئە‌ر بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىش كېرە‌ك؟‏

  • قانداق قىلىپ ئايال كىشى ئۆز ئاياللىق رولىنى ياخشى ئادا قىلالايدۇ؟‏

  • مېھرىبان ئاتا-‏ئانا بولۇ‌ش ئۈچۈن بالىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىش كېرە‌ك؟‏

  • بالىلار قانداق قىلىپ ئائىلىنىڭ بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشى ئۈچۈن ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

1.‏ ئائىلە تۇ‌رمۇ‌شىنى بە‌ختلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇ‌چى نېمە؟‏

خۇ‌دا يە‌ھۋا سىزنىڭ ئائىلە تۇ‌رمۇ‌شىڭىزنىڭ بە‌ختلىك بولۇ‌شىنى خالايدۇ.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق ئائىلىنىڭ ھە‌ربىر ئە‌زالىرى ئۈچۈن ياخشى مە‌سلىھە‌تلە‌رنى كۆرسىتىدۇ.‏ ھە‌ربىر ئائىلە ئە‌زاسىنىڭ ئائىلىدە ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇ‌رۇ‌شىنى خالايدۇ.‏ ئائىلە ئە‌زالىرى ئۆز رولىنى ئادا قىلىپ يە‌ھۋانىڭ سە‌مىمىي مە‌سلىھىتىگە قۇ‌لاق سالسا،‏ ئائىلە تۇ‌رمۇ‌شى بە‌ختلىك بولۇ‌پ ئائىلە ئە‌زالىرى قانائە‌ت ھاسىل قىلىدۇ.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ:‏ «خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ساقلىغۇ‌چىلار مۇ‌بارە‌كتۇ‌ر» دېگە‌ن.‏ —‏ لۇ‌قا 11:‏28.‏

2.‏ ئائىلىنىڭ بە‌ختلىك بولۇ‌شى نېمىنى چۈشىنىپ يېتىشكە باغلىق؟‏

2 ئائىلىنىڭ بە‌ختلىك بولۇ‌شى ئاساسلىقى،‏ ئائىلىنىڭ قۇ‌رغۇ‌چىسى يە‌ھۋانى چۈشىنىپ يېتىشىمىزگە باغلىق.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانى:‏ «ئاتىمىز» دە‌پ ئاتىغان (‏مە‌تتا 6:‏9‏)‏.‏ يە‌ر يۈزىدىكى ھە‌ربىر ئائىلە ئە‌رشتىكى ئاتىمىز سە‌ۋە‌بلىك مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ نېمىنىڭ ئائىلىگە بە‌خت-‏سائادە‌ت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 3:‏14،‏ 15)‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئائىلىنىڭ ھە‌ربىر ئە‌زالىرىنىڭ ئائىلىدە قانداق رولى بارلىقى توغرىسىدا نېمە ئۆگىتىدۇ؟‏

ئائىلە قۇ‌رۇ‌شنى خۇ‌دا ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان

3.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئائىلىنىڭ باشلىنىشىنى قانداق تە‌سۋىرلە‌يدۇ؟‏ ئائىلە توغرىسىدا ئېيتىلغانلارنىڭ توغرىلىقىنى قانداق بىلىمىز؟‏

3 پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا تۇ‌نجى بىر جۈپ ئىنسان،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىنى ياراتقان ۋە ئۇ‌لار ئە‌ر-‏خوتۇ‌ن بولۇ‌شقان.‏ ئۇ ئۇ‌لارنى يە‌ر يۈزىدىكى گۈزە‌ل جە‌ننە‌ت ماكان «ئېرە‌م باغقا» ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان ھە‌مدە ئۇ‌لارغا پە‌رزە‌نتلىك بولۇ‌شنى ئېيتقان ئىدى.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا:‏ ‹تولا بولۇ‌پ يە‌رنى تولدۇ‌رۇ‌ڭلار› دېگە‌ن (‏يارىتىلىش 1:‏26–‏28؛‏ 2:‏18،‏ 21–‏24)‏.‏ بۇ بىر ھېكايە ياكى ئە‌پسانىۋى-‏رىۋايە‌ت ئە‌مە‌س.‏ چۈنكى ئە‌يسا مە‌سىھ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ يارىتىلىش قىسمىدا ئائىلىنىڭ باشلىنىشى ھە‌ققىدە ئېيتىلغانلارنىڭ توغرا ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏مە‌تتا 19:‏4،‏ 5‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا نۇ‌رغۇ‌ن قىيىن مە‌سىلىگە دۇ‌چ كېلىپ تۇ‌رمۇ‌شىمىز خۇ‌دانىڭ ئە‌سلى مە‌قسە‌ت قىلغىنىدە‌ك بولمىسىمۇ،‏ قېنى بىز قانداق قىلىپ بە‌ختلىك ئائىلە قۇ‌رۇ‌ش مۇ‌مكىن بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

4.‏ (‏1)‏ ئائىلىدىكى ھە‌ربىر ئائىلە ئە‌زاسى قانداق قىلىش ئارقىلىق ئائىلىنى بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئىگە قىلالايدۇ؟‏ (‏2)‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ھايات كە‌چۈرمىشىنى ئۆگىنىش ئائىلىنى بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئىگە قىلىشتا شۇ‌نچە مۇ‌ھىم؟‏

4 ئائىلىدىكى ھە‌ربىر ئائىلە ئە‌زاسى مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشتە يە‌ھۋانى ئۈلگە قىلىش ئارقىلىق بە‌ختلىك ئائىلە تۇ‌رمۇ‌شىغا ئىگە بولالايمىز (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏1،‏ 2)‏.‏ بىراق،‏ بىز خۇ‌دانى كۆرە‌لمە‌يدىغان تۇ‌رساق،‏ ئۇ‌نى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏ بىز يە‌ھۋانىڭ كىشىلە‌رگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز،‏ چۈنكى ئۇ ئە‌يسانى ئاسماندىن يە‌ر يۈزىگە ئىنسان بولۇ‌پ ياشاشقا ئە‌ۋە‌تكە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 1:‏14،‏ 18)‏.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە بولغان ۋاقتىدا،‏ ئۆزىنىڭ ئاسماندىكى ئاتىسىنى ناھايىتى ياخشى ئۈلگە قىلىپ ئاتىسىنىڭ مىجە‌ز-‏خاراكتېرىنى ئە‌ينە‌ن ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌ن.‏ مە‌سىھنى كۆرۈش ۋە ئۇ‌نىڭ سۆزىنى ئاڭلاش خۇ‌ددى پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانى كۆرۈپ ئۇ‌نىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بىلە‌ن ئوخشاش بولىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 14:‏9)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌سىھ كۆرسە‌تكە‌ن مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى ئۆگىنىش ۋە ئۇ‌نىڭ قالدۇ‌رغان ئۈلگىلىرىگە ئە‌گىشىش ئارقىلىق ھە‌ربىرىمىز بە‌ختلىك ئائىلە تۇ‌رمۇ‌شى قۇ‌رالايمىز.‏

ئە‌رلە‌ر ئۈچۈن ياخشى ئۈلگە

5،‏ 6.‏ (‏1)‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئېتىقادچىلار جامائە‌تچىلىكىگە مۇ‌ئامىلە قىلىش ئۇ‌سۇ‌لى ئە‌رلە‌ر ئۈچۈن قانداق ئۈلگە قالدۇ‌رغان؟‏ (‏2)‏ قانداق قىلغاندا گۇ‌ناھ چوقۇ‌م ئە‌پۇ قىلىنىشقا ئېرىشىدۇ؟‏

5 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆز شاگىرتلىرىغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغان بولسا،‏ ئە‌رلە‌رنىڭمۇ ئۆز ئاياللىرىغا شۇ‌نداق مۇ‌ئامىلە قىلىشى كېرە‌كلىكىنى ئېيتىدۇ.‏ قېنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ سە‌مىمىي نە‌سىھە‌تلىرىگە دىققە‌ت قىلىپ باقايلى:‏ ‹ئە‌ي ئە‌رلە‌ر ئۆز ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلار،‏ چۈنكى مە‌سىھ جامائە‌تنى سۆيۈپ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلدى .‏.‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ئە‌رلە‌رگە ئاياللىرىنى ئۆز بە‌دە‌نلىرىنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆيۈش ۋاجىپتۇ‌ر.‏ ئۆز ئايالىنى سۆيگە‌ن كىشى ئۆزىنى سۆيىدۇ،‏ چۈنكى بىر كىم ئە‌سلا ئۆز جىسمىنى يامان كۆرمە‌ي بە‌لكى ئۇ‌نى بېقىپ پە‌رۋىش قىلىدۇ،‏ چۈنكى مە‌سىھ جامائە‌تنى پە‌رۋىش قىلىدۇ›‏‏.‏ —‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏23،‏ 25–‏29.‏

6 ئە‌يسا مە‌سىھ ئېتىقادچىلار جامائە‌تچىلىكىنى سۆيۈپ،‏ ئە‌رلە‌ر ئۈچۈن مۇ‌كە‌ممە‌ل ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ ئە‌يسا ئۇ،‏ «ئۇ‌لارغا ئاخىرغىچە مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ» تۇ‌رغان،‏ ھە‌تتا شاگىرتلار مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س بولسىمۇ،‏ ئۇ ئۆز ھاياتىنى ئۇ‌لار ئۈچۈن قۇ‌ربان قىلغان (‏يۇ‌ھاننا 13:‏1؛‏ 15:‏13)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ئە‌ي ئە‌رلە‌ر،‏ ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلار،‏ ئۇ‌لارغا قاتتىق مۇ‌ئامىلە قىلماڭلار» دە‌پ ئە‌رلە‌رگە نە‌سىھە‌ت قىلىدۇ (‏كولوسىلىقلار 3:‏19،‏ ھ.‏ز.‏)‏.‏ بىر ئە‌ر بولغۇ‌چىنىڭ شۇ‌نداق نە‌سىھە‌تنى ئۆز ئائىلە تۇ‌رمۇ‌شىدا،‏ بولۇ‌پمۇ ئايالى سە‌ۋە‌نلىك ئۆتكۈزگە‌ن چاغلاردا ئە‌مە‌لىي قوللىنىشىغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ ئە‌ر بولغۇ‌چى ئۆزىنىڭمۇ خاتالىق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى چوقۇ‌م ئە‌ستە ساقلاش كېرە‌ك ھە‌مدە خۇ‌دانىڭ ئە‌پۇ قىلىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئە‌ر چوقۇ‌م نېمە قىلىشى كېرە‌كلىكىنى ھە‌م ئە‌ستە ساقلاش كېرە‌ك.‏ ئە‌ر نېمە قىلىشى كېرە‌ك؟‏ ئە‌ر ئۆزىگە يامانلىق قىلغانلارنى چوقۇ‌م ئە‌پۇ قىلىشى كېرە‌ك،‏ ئايالىمۇ ھە‌م بۇ‌نىڭ ئىچىدە.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئايالمۇ دە‌ل شۇ‌نداق قىلىشى كېرە‌ك ‏(‏مە‌تتا 6:‏12،‏ 14،‏ 15‏)‏.‏ بە‌زى كىشىلە‌رنىڭ نېمە ئۈچۈن نىكاھنىڭ يە‌نى ئائىلە تۇ‌رمۇ‌شىنىڭ ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولۇ‌شى بىر-‏بىرىنى چىن كۆڭلىدىن ئە‌پۇ قىلىدىغان ئىككى ئادە‌منىڭ قوشۇ‌لۇ‌شى دە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ يە‌تتىڭىزمۇ؟‏

7.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ نېمىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلغان؟‏ ئە‌رلە‌ر ئۈچۈن قانداق ئۈلگە قالدۇ‌رغان؟‏

7 ئە‌رلە‌ر يە‌نە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ھە‌مىشە ئۆز شاگىرتلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا دىققە‌ت قىلىشى كېرە‌ك.‏ ئۇ شاگىرتلارنىڭ قابىلىيىتىنىڭ چە‌كلىك ۋە موھتاجلىقتا بولىدىغانلىقىنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تقان ئىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ شاگىرتلار ھېرىپ كە‌تكە‌ندە،‏ ئە‌يسا ئۇ:‏ «تە‌نھا بىر باياۋان يە‌رگە بېرىپ ئازغىنە راھە‌ت ئېلىڭلار» دېگە‌ن (‏ماركۇ‌س 6:‏30–‏32)‏.‏ ئوخشاشلا،‏ ئە‌رلە‌ر ھە‌م ئاياللارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشى كېرە‌ك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاياللارنى:‏ ‹نازۇ‌ك قاچىدە‌ك› دە‌پ تە‌سۋىرلىگە‌ن ھە‌مدە ئە‌رلە‌رگە ئۇ‌لارغا «ئىززە‌ت بېرىڭلار» دە‌پ بۇ‌يرۇ‌غان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى ئە‌رلە‌ر ۋە ئاياللار «تىرىكلىك ئىنايىتى [ئىلتىپاتى]»دىن ئوخشاش بە‌ھرىمە‌ن بولىدۇ (‏1-‏پېترۇ‌س 3:‏7)‏.‏ ئە‌رلە‌ر شۇ‌نى ئە‌ستە ساقلىشى كېرە‌ككى،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئە‌ر ياكى ئاياللىق جىنس ئايرىمىسى ئادە‌ملە‌رنى ئاللانىڭ ئالدىدا ئە‌تىۋارلىق قىلماستىن،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى ئادە‌ملە‌رنى ئاللانىڭ ئالدىدا ئە‌تىۋارلىق قىلىدۇ.‏ —‏ زە‌بۇ‌ر 101:‏6.‏

8.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن «ئۆز ئايالىنى سۆيگە‌ن كىشى ئۆزىنى سۆيىدۇ» دە‌يمىز؟‏ (‏2)‏ بىر جۈپ ئە‌ر-‏خوتۇ‌ن ئۈچۈن «بىر بە‌دە‌ن» بولۇ‌ش دېگە‌نلىك نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏

8 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئە‌رلە‌رگە:‏ «ئۆز ئايالىنى سۆيگە‌ن كىشى ئۆزىنى سۆيىدۇ» دېگە‌ن.‏ چۈنكى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ كۆرسىتىپ ئۆتكە‌ندە‌ك ئە‌ر ۋە ئۇ‌نىڭ ئايالى «ئىككى ئە‌مە‌س بىر بە‌دە‌ندۇ‌ر‏» (‏مە‌تتا 19:‏6‏)‏.‏ مۇ‌شۇ سە‌ۋە‌بتىن جىنسىي تۇ‌رمۇ‌ش چوقۇ‌م بىر جۈپ نىكاھلىق ئە‌ر-‏خوتۇ‌ن ئوتتۇ‌رىسىدا بولۇ‌شى كېرە‌ك (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 5:‏15–‏21؛‏ ئىبرانىيلار 13:‏4)‏.‏ ئۇ‌لار بىر-‏بىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تۇ‌پ،‏ بىر-‏بىرىگە ۋاپادار بولۇ‌شى زۆرۈر (‏1-‏كورىنتلىقلار 7:‏3–‏5)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى:‏ «‏بىر كىمە‌رسە [كىشى] ئە‌سلا ئۆز جىسمىنى يامان كۆرمە‌ي بە‌لكى ئۇ‌نى بېقىپ پە‌رۋىش قىلۇ‌ر‏» دېگە‌ن ئايە‌تنى چوڭقۇ‌ر ئويلاپ بېقىشقا ئە‌رزىيدۇ.‏ ئە‌رلە‌ر ئۆز ئاياللىرىنى ئە‌ر ئۆز-‏ئۆزىنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆيۈشى كېرە‌ك،‏ شۇ‌نىمۇ ئە‌ستە ساقلىشى كېرە‌ككى،‏ ئە‌رلە‌ر ئېتىقادچىلار جامائە‌تچىلىكىنىڭ يە‌نى ئە‌رلە‌رنىڭ بېشى بولغان ئە‌يسا مە‌سىھكە ھېساب بېرىدۇ.‏ —‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏29؛‏ 1-‏كورىنتلىقلار 11:‏3.‏

9.‏ فىلىپىلىكلە‌ر 1-‏​باب 8-‏​ئايە‌تتە،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ قايسى سۈپىتى تىلغا ئېلىنغان؟‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌رلە‌ر ئۆز ئاياللىرىغا مۇ‌لايىملىق مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشى كېرە‌ك؟‏

9 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ ‹ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ مۇ‌ھە‌ببىتى بىلە‌ن› دە‌پ سۆز قىلغان (‏فىلىپىلىكلە‌ر 1:‏8)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشى كىشىلە‌رنى خاتىرجە‌م ھېس قىلدۇ‌رغان،‏ ھە‌تتا ئايال ئېتىقادچىلارمۇ تە‌سىرلە‌نگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 20:‏1؛‏ 11–‏13،‏ 16)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ ئاياللار ئۆز ئە‌رلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشىگە تە‌شنا بولىدۇ.‏

ئاياللار ئۈچۈن ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگە

10.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئاياللار ئۈچۈن قانداق ئۈلگە قالدۇ‌رغان؟‏

10 ئائىلە بىر تە‌شكىلاتقا ئوخشايدۇ.‏ ئۇ‌نى ئوڭۇ‌شلۇ‌ق مە‌شغۇ‌لات قىلدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن بىر باش بولۇ‌پ يېتە‌كچىلىك قىلغۇ‌چىغا موھتاج بولىدۇ.‏ ھە‌تتا ئە‌يسا مە‌سىھ،‏ خۇ‌دانىڭ ئۇ‌نىڭغا باش بولۇ‌پ يېتە‌كلىشىگە بويسۇ‌نغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ بېشى بولسا خۇ‌دادۇ‌ر» شۇ‌نىڭدە‌ك «ئايالنىڭ بېشى ئە‌ر» دە‌يدۇ (‏1-‏كورىنتلىقلار 11:‏3،‏ ھ.‏ز.‏)‏.‏ ئە‌يسا باشچىلىق قىلغۇ‌چى ئاللاغا بويسۇ‌نۇ‌پ ناھايىتى ياخشى بىر ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌ربىرىمىز ئۆزىمىزگە باش بولغۇ‌چىغا چوقۇ‌م بويسۇ‌نۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏

11.‏ بىر ئايال بولغۇ‌چى ئۆز ئېرىگە قانداق پوزىتسىيە‌دە بولۇ‌شى كېرە‌ك؟‏ ۋە ئايال بولغۇ‌چىنىڭ ئە‌خلاق-‏پە‌زىلىتى قانداق نە‌تىجە ئېلىپ كېلىشى مۇ‌مكىن؟‏

11 ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئە‌رلە‌ر مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س،‏ خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنالمايدۇ ۋە غايىۋى ئائىلە باشلىقى بولۇ‌ش ئۆلچىمىگە ھە‌ردائىم لايىق بولالمايدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئاياللار قانداق قىلىشى كېرە‌ك؟‏ ئايال بولغۇ‌چى ئېرىنىڭ قىلغان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىنى سە‌ل چاغلىماسلىقى ياكى ئېرىنىڭ باشلامچىلىق قىلىش ھوقۇ‌قىنى ئۆز قولىغا ئېلىۋېلىشقا ئۇ‌رۇ‌نماسلىقى كېرە‌ك.‏ ئاياللارنىڭ شۇ‌نى ئە‌ستە ساقلىشى دانالىقتۇ‌ر —‏ ياۋاش ۋە تىنچ روھ خۇ‌دانىڭ كۆز ئالدىدا ئىنتايىن قىممە‌تلىكتۇ‌ر (‏1-‏پېترۇ‌س 3:‏4)‏.‏ ئاشۇ‌نداق روھنى نامايان قىلىش ئارقىلىق ئاياللار ھە‌تتا مۈشكۈل شارائىت ئاستىدىمۇ،‏ خۇ‌دانىڭ ئاياللارغا بۇ‌يرۇ‌غان ئۆز ئە‌رلىرىگە بويسۇ‌نۇ‌ش بۇ‌يرۇ‌قىغا ئاسانراق ئە‌مە‌ل قىلالايدۇ.‏ بۇ‌ندىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ئاياللارمۇ ئە‌رلىرىنى ھۆرمە‌تلىسۇ‌ن» دە‌پ بۇ‌يرۇ‌ق قىلغان (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏33،‏ ھ.‏ز.‏)‏.‏ ئە‌مما ئە‌ر بولغۇ‌چى مە‌سىھنىڭ باشچىلىق قىلىشىنى قوبۇ‌ل قىلمىغان بولسىچۇ؟‏ ئاياللار قانداق قىلىشى كېرە‌ك؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ئە‌ي ئاياللار،‏ سىلە‌رمۇ ئە‌رلىرىڭلارغا ئىتائە‌ت قىلىڭلار. شۇ‌نداق قىلساڭلار،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىگە ئىشە‌نمە‌يدىغان ئە‌رلە‌ر ئۆز ئايالىنىڭ بۇ پە‌زىلىتىدىن تە‌سىرلىنىپ،‏ خۇ‌داغا ئېتىقاد قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ سىلە‌رنىڭ ئۇ‌لارغا ئارتۇ‌قچە گە‌پ قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار سىلە‌رنىڭ خۇ‌داغا بولغان چوڭقۇ‌ر ھۆرمىتىڭلار ۋە پاك پە‌زىلىتىڭلارنى كۆرە‌لە‌يدۇ» دە‌پ ئاياللارنى ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ.‏ —‏ 1-‏پېترۇ‌س 3:‏1،‏ 2،‏ ھ.‏ز.‏

12.‏ ئايال ئۆز پىكىرىنى مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن ئوتتۇ‌رغا قويسا نېمە ئۈچۈن خاتا ئە‌مە‌س؟‏

12 ئايالنىڭ ئېرى ئېتىقادچى بولسۇ‌ن ياكى بولمىسۇ‌ن،‏ ئە‌گە‌ر ئايال ئېرىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان پىكىرى بولسا مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن ئوتتۇ‌رغا قويسا،‏ بۇ ئېرىگە ھۆرمە‌تسىزلىك قىلغانلىق ئە‌مە‌س.‏ ئايال بولغۇ‌چىنىڭ كۆز قارىشى توغرا بولغاندا،‏ ئە‌ر ئايالىنىڭ پىكىرنى ئاڭلىسا بىر ئائىلە كىشىلىرى پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئىگە بولالىشى مۇ‌مكىن.‏ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر،‏ ئايالى سارە ئائىلىدىكى بە‌زى مە‌سىلىنى ياخشى ھە‌ل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇ‌رغا قويغان پىكىرگە قوشۇ‌لمىغان بولسىمۇ،‏ خۇ‌دا ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌رگە:‏ ھە‌ر نېمە دېسە ئۇ‌نىڭغا «قۇ‌لاق سالغىن» دە‌پ ئېيتقان ئىدى ‏(‏يارىتىلىش 21:‏9–‏12)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئە‌ر بولغۇ‌چىنىڭ ئالاھىدە ئىشلارغا چىقارغان ئە‌ڭ ئاخىرقى قارارى خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىغا زىت كە‌لمىسە،‏ ئايال ئېرىگە بويسۇ‌نۇ‌پ ئېرىنىڭ چىقارغان قارارىنى قوللاپ قۇ‌ۋۋە‌تلىشى كېرە‌ك.‏ —‏ ئە‌لچىلە‌ر 5:‏29؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏24.‏

ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارە ئاياللار ئۈچۈن قانداق ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان؟‏

13.‏ (‏1)‏ تىتۇ‌س 2-‏​باب 4،‏ 5-‏​ئايە‌ت نىكاھلىق ئاياللارنى نېمە قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏ (‏2)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئايرىلىپ ياشاش ۋە نىكاھتىن ئاجرىشىش توغرىسىدا نېمە دە‌يدۇ؟‏

13 ئايال بولغۇ‌چى ئۆز رولىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئائىلىنىڭ بە‌خت-‏سائادە‌تكە تولۇ‌شى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھە‌سسىسىنى قوشالايدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نىكاھلىق ئاياللارغا:‏ ‹ئۆز ئە‌رلىرىنى ۋە بالىلىرىنى سۆيسۇ‌ن .‏.‏.‏ ھوشيار ۋە ئىپپە‌تلىك بولۇ‌پ،‏ ئۆز ئۆيىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىپ ئۆز ئېرىگە ئىتائە‌ت قىلسۇ‌ن› دە‌پ كۆرسە‌تكە‌ن (‏تىتۇ‌س 2:‏4،‏ 5)‏.‏ يۇ‌قىرىقى ئايە‌تتىكى نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىپ ئائىلىدە ئاياللىق ۋە ئانىلىق رولىنى ئادا قىلغان ئايال ئائىلىسىدىكىلە‌رنىڭ مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ ‏(‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 31:‏10،‏ 28)‏.‏ نىكاھ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س ئىككى ئادە‌منىڭ قوشۇ‌لۇ‌شى بولغانلىقى سە‌ۋە‌بتىن،‏ بە‌زىدە چە‌كتىن ئاشقان ئېغىر مە‌سىلە يۈز بېرىپ،‏ نە‌تىجىدە ئايرىلىپ ياشاش ياكى نىكاھتىن ئاجرىشىشتە‌ك ئە‌ھۋال كېلىپ چىقىشى مۇ‌مكىن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مە‌لۇ‌م سە‌ۋە‌ب تۈپە‌يلى ئە‌ر-‏ئايالنىڭ ئايرىلىپ ياشىشىغا رۇ‌خسە‌ت قىلىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ يېنىكلىك بىلە‌ن ئايرىلىپ ياشاش قارارىنى قىلماسلىق كېرە‌ك.‏ چۈنكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق مە‌سلىھە‌ت بېرىدۇ:‏ «خوتۇ‌ن ئېرىدىن ئايرىلمىسۇ‌ن .‏.‏.‏ ۋە ئە‌ر ھە‌م ئۆز خوتۇ‌نىنى قويۇ‌پ بە‌رمىسۇ‌ن» (‏1-‏كورىنتلىقلار 7:‏10،‏ 11)‏.‏ بۇ‌ندىن باشقا،‏ پە‌قە‌ت نىكاھلىق بىر جۈپنىڭ بىرسى ئۆز ھە‌مراھىغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ باشقىلار بىلە‌ن زىنا قىلغان بولسا،‏ پاكلىقنى ساقلىغۇ‌چى تە‌رە‌پ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسە‌ن نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تاللىسا بولىدۇ.‏ —‏ مە‌تتا 19:‏9‏.‏

ئاتا-‏ئانا بولغۇ‌چىلار ئۈچۈن ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگە

14.‏ ئە‌يسا كىچىك بالىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلدى؟‏ ۋە ئۇ‌لار ئاتا-‏ئانىلارنىڭ نېمە قىلىشغا موھتاج؟‏

14 بالىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىش توغرىسىدا ئە‌يسا مە‌سىھ ئاتا-‏ئانىلارغا ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ باشقىلار كىچىك بالىلارنى مە‌سىھكە يېقىنلىشىشتىن توسماقچى بولغاندا،‏ ئۇ:‏ «كىچىك بالىلارنى ماڭا كە‌لگىلى قۇ‌يۇ‌پ ئۇ‌لارنى توسماڭلار» دېگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يە‌نە:‏ «ئۇ‌لارنى ئۆز قۇ‌چىقىغا ئېلىپ قوللىرىنى ئۇ‌لارنىڭ ئۈستىگە قۇ‌يۇ‌پ ئۇ‌لارنى مۇ‌بارە‌كلىدى» دە‌يدۇ (‏ماركۇ‌س 10:‏13–‏16)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ۋاقىت چىقىرىپ بالىلار بىلە‌ن بىللە بولغان ئىكە‌ن،‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش سىزمۇ ئۆز ئوغۇ‌ل-‏قىزلىرىڭىز ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ ئۇ‌لارغا ھە‌مراھ بولۇ‌شىڭىز كېرە‌ك ئە‌مە‌سمۇ؟‏ پە‌رزە‌نتلە‌ر ئاتا-‏ئانىنىڭ ئارىلاپ-‏ئارىلاپ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئە‌مە‌س،‏ ھە‌ردائىم كۆڭۈل بۆلۈشىگە موھتاج.‏ ئاتا-‏ئانىلار ۋاقىت چىقىرىپ پە‌رزە‌نتلىرىنى تە‌ربىيىلىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلىشنى يە‌ھۋا ئاتا-‏ئانىلارغا بۇ‌يرۇ‌غان.‏ —‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 6:‏4–‏9.‏

15.‏ ئاتا-‏ئانا بولغۇ‌چىلار پە‌رزە‌نتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟‏

15 بۈگۈنكى كۈندە بۇ دۇ‌نيا ناھايىتى رە‌زىللىشىپ كە‌تتى.‏ بالىلارنىڭ موھتاج بولىدىغىنى ئاتا-‏ئانىلارنىڭ ئۇ‌لارنى يامان نىيە‌تلىك ئادە‌ملە‌رنىڭ زىيانكە‌شلىكىدىن قوغداش.‏ بولۇ‌پمۇ،‏ بالىلارنى ئېلىپ-‏ساتىدىغان ۋە ئۇ‌لارنى جىنسىي خورلايدىغان قارا نىيە‌ت ئادە‌ملە‌ردىن قوغداش كېرە‌ك.‏ مە‌سىھنىڭ ئۆز شاگىرتلىرىنى قانداق قوغدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭە،‏ ئۇ ئۆز شاگىرتلىرىنى مېھرىبانلىق بىلە‌ن:‏ «بالىلىرىم» دە‌پ ئاتىغان.‏ مە‌سىھ قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرلۈشكە ئاز قالغاندا،‏ ئۇ شاگىرتلىرىنى قاچۇ‌رۇ‌ۋە‌تكە‌ن ئىدى (‏يۇ‌ھاننا 13:‏33؛‏ 18:‏7–‏9)‏.‏ ئاتا-‏ئانا بولغۇ‌چىلار ھوشيار تۇ‌رۇ‌پ شە‌يتاننىڭ بالىلارغا زىيانكە‌شلىك قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نۇ‌شىدىن ئاگاھ بولۇ‌شى كېرە‌ك ۋە بالىلارنىڭ خە‌تە‌رگە نىسبە‌تە‌ن ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن ياردە‌م بېرىش زۆرۈرa (‏1-‏پېترۇ‌س 5:‏8)‏.‏ بالىلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە جىسمانىي،‏ روھىي،‏ ئە‌خلاق-‏پە‌زىلە‌ت قاتارلىق ھە‌رجە‌ھە‌تتىن تە‌ھدىت ئىچىدە ياشىشى ئىلگىرى ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باققان ئە‌مە‌س.‏

بالىلارغا مۇ‌ئامىلە قىلىشتا،‏ ئاتا-‏ئانىلار ئە‌يسا مە‌سىھنى قانداق ئۈلگە قىلىشى كېرە‌ك؟‏

16.‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىش ئۈلگىسىدىن ئاتا-‏ئانا بولغۇ‌چىلار نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ؟‏

16 ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆلۈشتىن ئىلگىرىكى ئاخشىمى،‏ ئۇ‌نىڭ شاگىرتلىرى ئۆزلىرى ئارىسىدا كىم ئە‌ڭ ئۇ‌لۇ‌غ دە‌پ تالاش-‏تارتىش قىلغان.‏ مە‌سىھ ئۇ‌لارغا ئاچچىقلىنىشنىڭ ئورنىغا،‏ مېھرىبانلىق بىلە‌ن داۋاملىق ئۆز سۆز-‏ھە‌رىكە‌تلىرىدە ئۈلگە قالدۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق ئۇ‌لارغا نە‌سىھە‌ت قىلغان.‏ (‏لۇ‌قا 22:‏24–‏27؛‏ يۇ‌ھاننا 13:‏3–‏8)‏.‏ ئە‌گە‌ر سىز ئاتا-‏ئانا بولغۇ‌چى بولسىڭىز،‏ مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىپ ئۆز پە‌رزە‌نتلىرىڭىزنىڭ خاتالىقىنى قانداق تۈزىتىش كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ يېتە‌لىدىڭىزمۇ؟‏ بالىلار ئە‌لۋە‌تتە تە‌ربىيە‌گە موھتاج،‏ بىراق تە‌ربىيە قىلىش «مۇ‌ناسىپ تە‌رىقىدە» بولۇ‌شى،‏ ھە‌رگىزمۇ ئاچچىقلىنىپ تە‌ربىيە قىلماسلىق كېرە‌ك.‏ سىز ئويلاشمايلا «قىلىچ سانجىغاندە‌ك» گە‌پلە‌رنى قىلماسلىقىڭىز لازىم (‏يە‌رە‌مىيا 30:‏11؛‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 12:‏18)‏.‏ تە‌ربىيە قىلىش چوقۇ‌م ئۆز يولىدا بولۇ‌شى يە‌نى بالىلار كېيىنچە ئاتا-‏ئانىسىنىڭ تە‌ربىيىسىنىڭ ئۆزىگە ھە‌قىقە‌تە‌ن مۇ‌ۋاپىق ۋە كېرە‌كلىك ئىكە‌نلىكىنى كۆرۈپ يېتە‌لە‌يدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا بولۇ‌شى زۆرۈر.‏ —‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 6:‏4؛‏ ئىبرانىيلار 12:‏9–‏11.‏

پە‌رزە‌نتلە‌ر ئۈچۈن ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگە

17.‏ ئە‌يسا بالىلار ئۈچۈن قايسى ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگىنى قالدۇ‌رغان؟‏

17 بالىلارمۇ ئە‌يسا مە‌سىھدىن ئۆگىنە‌لە‌مدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۆگىنە‌لە‌يدۇ!‏ ئۆز ئۈلگىسى ئارقىلىق مە‌سىھ بالىلارنىڭ ئاتا-‏ئانىلىرىغا بويسۇ‌نۇ‌ش لازىملىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئە‌يسا ئۇ:‏ ‹ئاتام ماڭا ئۆگە‌تكە‌ندە‌ك سۆز قىلدىم› دېگە‌ن.‏ ئۇ يە‌نە:‏ ‹مە‌ن ھە‌مىشە ئۇ‌نى خۇ‌شال-‏خۇ‌رام قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدىم› دېگە‌ن ئىدى (‏يۇ‌ھاننا 8:‏28،‏ 29)‏.‏ ئە‌يسا ئاسماندىكى ئاتىسىغا ئىتائە‌تچان ئىدى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بالىلارغا:‏ ئۆز ئاتا-‏ئاناڭلارغا ئىتائە‌ت قىلىڭلار دە‌پ ئېيتىدۇ ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 6:‏1–‏3)‏.‏ گە‌رچە ئە‌يسا مۇ‌كە‌ممە‌ل بالا بولغان بولسىمۇ،‏ ئۇ يە‌ر يۈزىدىكى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س ئاتا-‏ئانىسى،‏ مە‌ريە‌م بىلە‌ن يۈسۈپكە ئىتائە‌ت قىلغان ئىدى.‏ ئە‌يسانىڭ شۇ‌نداق قىلىشى جە‌زمە‌ن ئائىلىدىكى ھە‌ممە كىشىگە خۇ‌شاللىق ئېلىپ كە‌لگە‌ن!‏ —‏ لۇ‌قا 2:‏4،‏ 5،‏ 51،‏ 52.‏

18.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا ھە‌مىشە ئۆزىنىڭ ئاسماندىكى ئاتىسىغا ئىتائە‌ت قىلغان؟‏ بالىلار ئۆز ئاتا-‏ئانىلىرىغا ئىتائە‌ت قىلسا كىملە‌ر خۇ‌شال بولىدۇ؟‏

18 بالىلار ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ ئۆز ئاتا-‏ئانىسىنى خۇ‌شال قىلالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتە‌لە‌مدىغاندۇ؟‏ راست،‏ بە‌زى چاغلاردا ياشلار ئاتا-‏ئانىلىرىغا ئىتائە‌ت قىلىشنى ناھايىتى قىيىن دە‌پ ئويلايدۇ.‏ بىراق،‏ خۇ‌دا ئۇ پە‌رزە‌نت بولغۇ‌چىلارنىڭ ئاتا-‏ئانىسىغا ئىتائە‌ت قىلىشىنى خالايدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 1:‏8؛‏ 6:‏20)‏.‏ ئە‌يسا ئاسماندىكى ئاتىسىغا ھە‌مىشە ئىتائە‌ت قىلغان.‏ ھە‌تتا،‏ ناھايىتى قىيىن شارائىت ئاستىدىمۇ شۇ‌نداق قىلغان.‏ بىر قېتىم،‏ خۇ‌دا ئىرادە قىلغان ناھايىتى قىيىن ئىشنى ئە‌يسا قىلغان چېغىدا،‏ ئە‌يسا:‏ «بۇ پىيالە [مە‌لۇ‌م ۋە‌زىپە] نى مە‌ندىن ئالغىن» دېگە‌ن ئىدى.‏ ئە‌مما ئە‌يسا مە‌سىھ،‏ خۇ‌دانىڭ تاپشۇ‌رۇ‌قى بويىچە قىلغان.‏ چۈنكى،‏ ئاشۇ شارائىتتا مە‌سىھ ئۈچۈن قايسى ئە‌ڭ ياخشى يول ئىكە‌نلىكىنى ئاتىسىنىڭ ئېنىق بىلىدىغانلىقىنى ئە‌يسا ئۇ تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن ئىدى (‏لۇ‌قا 22:‏42)‏.‏ بالىلار ئىتائە‌تچان بولۇ‌شنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆز ئاتا-‏ئانىسىنىڭ ۋە ئاسماندىكى ئاتىسىنىڭ قە‌لبىنى خۇ‌شال قىلالايدۇ.‏b —‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 23:‏22–‏25.‏

ياشلار ئازدۇ‌رلۇ‌شقا ئۇ‌چرىغاندا،‏ نېمە توغرىسىدا ئويلاپ كۆرۈشى كېرە‌ك؟‏

19.‏ (‏1)‏ شە‌يتان ياشلارنى قانداق ئازدۇ‌رىدۇ؟‏ (‏2)‏ ئە‌گە‌ر بالىلار ئە‌خلاقسىز ئىشلارنى قىلسا ئاتا-‏ئانا بولغۇ‌چىلار قانداق ھېسسىياتتا بولىدۇ؟‏

19 شە‌يتان ھە‌زرىتى ئە‌يسانى ئازدۇ‌رغان.‏ ھە‌مدە بىز شۇ‌نى جە‌زملە‌شتۈرە‌لە‌يمىزكى،‏ شە‌يتان ھازىرمۇ ياشلارنى خاتا ئىش قىلىشقا ئازدۇ‌رىدۇ (‏مە‌تتا 4:‏1–‏10‏)‏.‏ شە‌يتان تە‌ڭتۇ‌شلارنى ئىشلىتىپ ياشلارغا بېسىم قىلىدۇ.‏ بۇ‌نداق بېسىمغا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئاسان ئە‌مە‌س.‏ شۇ‌ڭا ياشلارنىڭ يامان يولدا ماڭغانلار بىلە‌ن ئالاقە قىلىشتىن خالىي بولۇ‌شى نېمە دېگە‌ن مۇ‌ھىم،‏ ھە!‏ (‏1-‏كورىنتلىقلار 15:‏33)‏.‏ ياقۇ‌پ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ قىزى دىنا دائىم پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلمايدىغانلار بىلە‌ن ئالاقە قىلىپ نە‌تىجىدە كۆپ ئاۋارىچىلىق پە‌يدا بولغان ئىدى (‏يارىتىلىش 34:‏1،‏ 2)‏.‏ ئويلاپ كۆرۈڭ،‏ ئە‌گە‌ر ئائىلىدە بىر كىشى جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق قىلىپ قالسا،‏ ئائىلىدىكى باشقا كىشىلە‌رنىڭ قە‌لبى نە‌قە‌دە‌ر ئازابلىنىدۇ،‏ ھە!‏ —‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 17:‏21،‏ 25.‏

بە‌ختلىك ئائىلە قۇ‌رۇ‌شتىكى مۇ‌ھىم ھالقا

20.‏ ئائىلە تۇ‌رمۇ‌شىنىڭ بە‌ختلىك بولۇ‌شى ئۈچۈن ئائىلىنىڭ ھە‌ربىر ئە‌زاسى نېمە ئىش قىلىشى زۆرۈر؟‏

20 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى نە‌سىھە‌تلە‌رنى ئە‌مە‌لىي قوللانساق،‏ ئائىلە تۇ‌رمۇ‌شىدىكى مە‌سىلىلە‌رنى ئاسان ھە‌ل قىلغىلى بولىدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ بە‌ختلىك ئائىلە قۇ‌رۇ‌شتىكى مۇ‌ھىم ھالقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نە‌سىھە‌تلىرىنى تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىش.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌رلە‌ر ئۆز ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلار ۋە ئاياللىرىڭلارغا خۇ‌ددى ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئېتىقادچىلار جامائە‌تچىلىكىگە مۇ‌ئامىلە قىلغىنىغا ئوخشاش مۇ‌ئامىلە قىلىڭلار.‏ ئاياللار ئۆز ئە‌رلىرىڭلارنىڭ باشچىلىق قىلىش ھوقۇ‌قىغا بويسۇ‌نۇ‌ڭلار ۋە پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 31-‏​باب 10–‏31-‏​ئايە‌تلىرىدە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن ياخشى ئايالنى ئۈلگە قىلىڭلار.‏ ئاتا-‏ئانىلار پە‌رزە‌نتلىرىڭلارنى تە‌ربىيە‌لە‌ڭلار (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 22:‏6)‏.‏ ئاتا بولغۇ‌چىلار ‹ئۆز ئائىلە‌ڭلارنى ياخشى باشقۇ‌رالايدىغان بۇ‌لۇ‌ڭلار› (‏1-‏تىموتىي 3:‏4،‏ 5؛‏ 5:‏8،‏ ھ.‏ز.‏)‏.‏ بالىلار ئاتا-‏ئاناڭلارغا ئىتائە‌ت قىلىڭلار.‏ (‏كولوسىلىقلار 3:‏20)‏.‏ ئائىلە ئە‌زالىرىنىڭ ھېچ بىرى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س،‏ ھە‌ممە ئادە‌م سە‌ۋە‌نلىك ئۆتكۈزىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ كە‌متە‌ر بولۇ‌پ بىر-‏بىرىمىزدىن كە‌چۈرۈم سوراپ،‏ ئۆزئارا ئە‌پۇ قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏

21.‏ قانداق گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ك ئالدىمىزدا؟‏ ھازىر قانداق قىلىپ بە‌ختلىك ئائىلە تۇ‌رمۇ‌شىدىن بە‌ھرىمە‌ن بولالايمىز؟‏

21 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھە‌قىقە‌تە‌ن ئائىلە تۇ‌رمۇ‌شىغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك نۇ‌رغۇ‌ن قىممە‌تلىك سە‌مىمىي مە‌سلىھە‌ت ۋە نە‌سىھە‌تلە‌ر بار.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ خۇ‌دانىڭ يېڭى دۇ‌نياسى ۋە يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تنىڭ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىدىغان خۇ‌شال-‏خۇ‌رام كىشىلە‌ر بىلە‌ن تولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە بىلىم بېرىدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 21:‏3،‏ 4)‏.‏ ئالدىمىزدىكى نېمە دېگە‌ن گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ك،‏ ھە!‏ ھە‌تتا ھازىر بىز،‏ ئاللا يە‌ھۋانىڭ سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى تە‌لىم-‏تە‌ربىيىلە‌رنى ئۆز تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىپ،‏ بە‌ختىلىك تۇ‌رمۇ‌شتىن بە‌ھرىمە‌ن بولالايمىز.‏

a يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نە‌شىر قىلغان «ئۇ‌لۇ‌غ ئۇ‌ستازدىن ئۆگىنىش» دېگە‌ن كىتابنىڭ 32-‏​بابىدا،‏ بالىلارنى قانداق قوغداش ھە‌ققىدە مە‌لۇ‌ماتلار بار.‏

b ئاتا-‏ئانا پە‌رزە‌نتىدىن خۇ‌دانىڭ قانۇ‌ن-‏ نىزاملىرىنى بۇ‌زۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلسا،‏ بۇ پە‌رزە‌نتلە‌رنىڭ ئۆز ئاتا-‏ئانىلىرىغا ئىتائە‌ت قىلماسلىقىغا بىردىن-‏بىر سە‌ۋە‌ب بولىدۇ.‏ —‏ ئە‌لچىلە‌ر 5:‏29.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى

  • ئە‌رلە‌ر ئۆز ئايالىنى ئۆزىنىڭ تېنىنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆيۈشى كېرە‌ك.‏ —‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏25–‏29.‏

  • ئاياللار ئۆز ئائىلىسىنى سۆيۈشى ھە‌مدە ئۆز ئە‌رلىرىنى ھۆرمە‌تلىشى لازىم.‏ —‏ تىتۇ‌س 2:‏4،‏ 5.‏

  • ئاتا-‏ئانىلار ئۆز پە‌رزە‌نتلىرىنى سۆيۈشى،‏ تە‌ربىيىلىشى ۋە قوغدىشى كېرە‌ك.‏ —‏ تە‌كرار قانۇ‌ن 6:‏4–‏9،‏

  • بالىلار ئۆز ئاتا-‏ئانىلىرىغا ئىتائە‌ت قىلىشى كېرە‌ك.‏ —‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 6:‏1–‏3.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش