كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 17-‏باپ 164-‏173 ب.‏
  • دۇ‌ئا ئارقىلىق خۇ‌داغا يېقىنلىشىش

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • دۇ‌ئا ئارقىلىق خۇ‌داغا يېقىنلىشىش
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • نېمە ئۈچۈن پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىش لازىم؟‏
  • نېمە ئىش قىلىش تە‌لە‌پ قىلىنىدۇ؟‏
  • دۇ‌ئاغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بە‌زى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش
  • خۇ‌دا بىزنىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا قانداق جاۋاب قايتۇ‌رىدۇ؟‏
  • دۇ‌ئا ئارقىلىق ياراتقۇ‌چىغا يېقىنلىشىش
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • دۇ‌ئا قىلىش شان-‏شە‌رىپىنى قە‌دىرلە‌ڭ
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 17-‏باپ 164-‏173 ب.‏

17-‏باب

دۇ‌ئا ئارقىلىق خۇ‌داغا يېقىنلىشىش

  • نېمە ئۈچۈن خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

  • دۇ‌ئالىرىمىزنىڭ ئاللا تە‌رىپىدىن قوبۇ‌ل قىلىنىشى ئۈچۈن چوقۇ‌م نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

  • خۇ‌دا بىزنىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا قانداق جاۋاب قايتۇ‌رىدۇ؟‏

‏«ئاسمان زېمىننى پە‌يدا قىلغان» ياراتقۇ‌چى ئىگە دۇ‌ئالىرىمىزغا قۇ‌لاق سېلىشنى خالايدۇ

1،‏ 2.‏ نېمە ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىش بىز ئۈچۈن چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ؟‏ نېمە ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ دۇ‌ئا توغرىسىدا نېمە ئۆگىتىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز مۇ‌ھىم؟‏

چە‌كسىز ئالە‌م بوشلۇ‌قىغا سېلىشتۇ‌رغاندا،‏ يە‌رشارى زە‌ررىچىلىك چوڭلۇ‌قتا.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ «ئاسمان زېمىننى پە‌يدا قىلغان» پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ كۆز ئالدىدا يە‌ر يۈزىدىكى بارلىق مىللە‌تلە‌ر خۇ‌ددى چېلە‌كتىكى بىر كىچىك سۇ تامچىسىگە ئوخشاش (‏زە‌بۇ‌ر 115:‏15؛‏ يە‌شايا 40:‏15)‏.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «خۇ‌داۋە‌ندە ئۇ‌نىڭ ئۆزىگە دۇ‌ئا قىلىپ تۇ‌رغانلارغا يېقىنلىشىپ تۇ‌رۇ‌پ چىن كۆڭۈل بىلە‌ن [ئۇ‌نىڭغا] يالۋۇ‌رۇ‌پ تۇ‌رغانلارنىڭ ھە‌ممىسىگە يېقىن بولۇ‌پ تە‌قۋادارلارنىڭ خاھىشىنى بە‌جا كە‌لتۈرۈپ پە‌ريادىنى ئاڭلاپ ئۇ‌لارنى قۇ‌تقۇ‌زار» دە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 145:‏18،‏ 19)‏.‏ ئويلاپ كۆرۈڭ،‏ بۇ نېمە دېگە‌ن گە‌پ!‏ ئە‌گە‌ر بىز «چىن كۆڭۈل بىلە‌ن يالۋۇ‌رۇ‌پ» ئۇ‌نى چاقىرساق،‏ ھە‌ممىگە قادىر ياراتقۇ‌چى بىزگە يېقىنلىشىدۇ ۋە بىزنىڭ دۇ‌ئالىرىمىزنى ئاڭلايدۇ.‏ دۇ‌ئا قىلىش ئارقىلىق خۇ‌داغا يېقىنلىشىش بىز ئۈچۈن نېمە دېگە‌ن چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ،‏ ھە!‏

2 ئە‌گە‌ر بىز پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ دۇ‌ئالىرىمىزنى ئاڭلىشىنى خالىساق،‏ چوقۇ‌م ئۇ قوبۇ‌ل قىلىدىغان ئۇ‌سۇ‌لدا ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ دۇ‌ئا توغرىسىدا نېمە ئۆگىتىدىغانلىقىنى بىلمە‌ي تۇ‌رۇ‌پ،‏ قانداقمۇ دۇ‌ئا قىلالايمىز؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ دۇ‌ئا توغرىسىدا نېمە دە‌يدىغانلىقىنى بىلىش،‏ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇ‌ھىم.‏ چۈنكى،‏ دۇ‌ئا بىزنىڭ يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشمىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ.‏

نېمە ئۈچۈن پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىش لازىم؟‏

3.‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىشمىزنىڭ مۇ‌ھىم بىر سە‌ۋە‌بى نېمە؟‏

3 نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىشمىزنىڭ مۇ‌ھىم بىر سە‌ۋە‌بى:‏ ئۇ بىزنى شۇ‌نداق قىلىشقا چاقىرغان.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى مۇ‌نداق ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ:‏ «ھېچ ئە‌ندىشە قىلماڭلار بە‌لكى ھە‌ر ئىشتا ھە‌ممە خاھىشلىرىڭىز يالۋۇ‌رۇ‌ش ۋە دۇ‌ئا ۋە شۈكۈر بىلە‌ن خۇ‌دانىڭ ئالدىدا مە‌لۇ‌م بولسۇ‌ن.‏ ۋە خۇ‌دانىڭ ھە‌ممە ئە‌قىلدىن ئۈستۈن بولغان سالامىتى [تىنچ-‏ئامانلىقى] سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ۋە پىكىرلىرىڭىزنى مە‌سىھ [ئە‌يسا]دا ساقلىسۇ‌ن» (‏فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏6،‏ 7)‏.‏ چە‌كسىز ئالە‌منىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى مېھرىبانلىق بىلە‌ن بىز ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىشنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان ئىكە‌ن،‏ بىز ئۇ‌نىڭغا پە‌رۋاسىزلىق قىلماسلىقىمىز كېرە‌ك،‏ ئە‌لۋە‌تتە!‏

4.‏ دائىم تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىش بىزنىڭ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى قانداق كۈچە‌يتىدۇ؟‏

4 دۇ‌ئا قىلىشنىڭ يە‌نە بىر سە‌ۋە‌بى:‏ دائىم تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىش بىزنىڭ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى كۈچە‌يتىشىمىزنىڭ بىر خىل ئۇ‌سۇ‌لى.‏ ھە‌قىقىي دوستلار پە‌قە‌ت بىر نە‌رسىگە موھتاج بولغاندىلا بىر-‏بىرى بىلە‌ن ئالاقە قىلىشمايدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ ياخشى دوستلار بىر-‏بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ،‏ ئۆز ئوي-‏خىياللىرىنى،‏ غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىنى ھە‌مدە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ئە‌ركىن-‏ئازادە ئىپادىلە‌يدۇ.‏ بۇ‌نداق قىلىش ئۇ‌لارنىڭ دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچە‌يتىدۇ.‏ بىزنىڭ ئاللا يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزمۇ شۇ‌نىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.‏ سىز مۇ‌شۇ كىتابنىڭ ياردىمىدە،‏ يە‌ھۋا كىم؟‏ ئۇ‌نىڭ مىجە‌ز-‏خاراكتېرى ۋە مە‌قسىتى قانداق؟‏ دېگە‌نلە‌ر توغرىسىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قانداق ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئۆگىتىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئاز بولمىغان بىلىملە‌رنى ئۆگىنىپ ئۆتتىڭىز ۋە پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا بىلە‌ن خۇ‌سۇ‌سىي مۇ‌ناسىۋە‌ت قىلىشنى باشلىدىڭىز.‏ دۇ‌ئا قىلىش سىزگە ئۆز ئوي-‏پىكرىڭىزنى ۋە ئىچكى يۈرە‌ك سىرلىرىڭىزنى ئاسماندىكى ئاتىڭىزغا ئېيتىپ كۆڭلىڭىزدىكىنى ئىپادىلىشىڭىز ئۈچۈن پۇ‌رسە‌ت ئاتا قىلىدۇ.‏ ئاشۇ‌نداق دۇ‌ئا قىلىش ئارقىلىق سىز تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىسىز.‏ —‏ ياقۇ‌پ 4:‏8.‏

نېمە ئىش قىلىش تە‌لە‌پ قىلىنىدۇ؟‏

5.‏ نېمە پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ ھە‌رقانداق دۇ‌ئالارغا قۇ‌لاق سالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟‏

5 پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا ھە‌رقانداق دۇ‌ئالارغا قۇ‌لاق سالامدۇ؟‏ يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ كۈنلىرىدە يە‌ھۋا ئۆزىگە قارشى چىققان ئىسرائىل خە‌لقىگە نېمە دېگە‌نلىكىنى كۆرۈپ باقايلى:‏ «دۇ‌ئايىڭىزنى تولا قىلسىڭىزمۇ ئاڭلىماسمە‌ن چۈنكى قوللىرىڭىز قان بىلە‌ن تولغاندۇ‌ر» (‏يە‌شايا 1:‏15)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ‌كى،‏ بىز قىلغان بە‌زى ئىشلار خۇ‌دانىڭ بىزنىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا قۇ‌لاق سالماسلىقىغا سە‌ۋە‌ب بولىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌نىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا خۇ‌رسە‌نلىك بىلە‌ن قۇ‌لاق سېلىشى ئۈچۈن بىز بە‌زى ئاساسىي تە‌لە‌پلە‌رگە چوقۇ‌م ماس كېلىشمىز كېرە‌ك.‏

6.‏ خۇ‌دانىڭ بىزنىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا قۇ‌لاق سېلىشى ئۈچۈن بىر ئاساسىي تە‌لە‌پ نېمە؟‏ بىز ئۇ تە‌لە‌پكە قانداق ماس كېلە‌لە‌يمىز؟‏

6 بىر ئاساسىي تە‌لە‌پ ئىمان-‏ئېتىقادنى ئە‌مە‌لدە كۆرسىتىش (‏ماركۇ‌س 11:‏24)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «ئىمان بولمىسا خۇ‌داغا مە‌قبۇ‌ل بولماق مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س چۈنكى خۇ‌داغا كە‌لگۈچىلە‌رگە:‏ ئۇ بار ۋە ئۆزىنى ئىستىگۈچىلە‌رگە ئە‌جىر بېرە‌دۇ‌ر دە‌پ ئىشە‌نمە‌ك لازىم» دېگە‌ن (‏ئىبرانىيلار 11:‏6)‏.‏ خۇ‌دانىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش ۋە ئۇ‌نىڭ دۇ‌ئالىمىزنى ئاڭلاپ ئۇ‌نىڭغا جاۋاب قايتۇ‌رىدىغانلىقىنى بىلىش كۇ‌پايە قىلمايدۇ.‏ ئىمان-‏ئېتىقادنى ئە‌مە‌لىي ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت ئىسپاتلايدۇ.‏ كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شتا ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىز ئارقىلىق ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى ئېنىق ئىسپاتلىشىمىز كېرە‌ك.‏ —‏ ياقۇ‌پ 2:‏26.‏

7.‏ (‏1)‏ دۇ‌ئا ئارقىلىق يە‌ھۋا بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ندە نېمە ئۈچۈن ھۆرمە‌ت كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ قانداق قىلىپ كە‌متە‌رلىكىمىز ۋە سە‌مىمىيىتىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

7 تە‌ڭرى يە‌ھۋا يە‌نە ئۆزىگە دۇ‌ئا ئارقىلىق يېقىنلىشىدىغان كىشىلە‌رنىڭ كە‌متە‌رلىك ۋە سە‌مىمىيلىك بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ بىز يە‌ھۋا بىلە‌ن پاراڭلاشقاندا كە‌متە‌ر بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر ئادە‌ملە‌ردە دۆلە‌ت باشلىقى ياكى زۇ‌ڭتۇ‌ڭى بىلە‌ن كۆرۈشۈش پۇ‌رسىتى بولسا،‏ ئۇ‌لار ھە‌مىشە ئۇ ھۆكۈمرانلارنىڭ ئالىي ئورنىغا چوڭقۇ‌ر ئىززە‌ت-‏ئېھتىرام بىلە‌ن ھۆرمە‌ت بىلدۈرىدۇ.‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ بىز پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋاغا يېقىنلاشقاندا،‏ تېخىمۇ چوڭقۇ‌ر ئىززە‌ت-‏ئېھتىرام بىلە‌ن ھۆرمە‌ت بىلدۈرۈشىمىز كېرە‌ك ئە‌مە‌سمۇ ئە‌لۋە‌تتە؟‏!‏ (‏زە‌بۇ‌ر 138:‏6)‏.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئۇ «ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دا» (‏يارىتىلىش 17:‏1،‏ ھ.‏ز.‏)‏.‏ بىز دۇ‌ئا قىلىپ خۇ‌داغا يېقىنلاشقاندا،‏ بىزنىڭ پوزىتسىيىمىز ئۆز ئورنىمىزنى ئۇ‌نىڭ ئالدىدا كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن تونۇ‌پ يە‌تكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق كە‌متە‌رلىك بىزنى ھە‌رگىزمۇ ئوخشاش گە‌پلە‌رنى تە‌كرارلىماستىن،‏ بە‌لكى چىن قە‌لبىمىزدىن سە‌مىمىيلىك بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا قىلىشقا رىغبە‌تلە‌ندۈرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ئۆزىمىز چۈشە‌نمە‌يدىغان تىلدا دۇ‌ئا قىلماسلىقىمىز ياكى دۇ‌ئا كىتابلىرىدىن ئوقۇ‌ماسلىقىمىز لازىم.‏ —‏ مە‌تتا 6:‏7،‏ 8‏.‏

8.‏ بىز دۇ‌ئا قىلىپ تىلىگە‌ن نە‌رسىلە‌ر ئۈچۈن قانداق ئە‌مە‌لىي ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىز لازىم؟‏

8 ئاللانىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا قۇ‌لاق سېلىشى ئۈچۈن باشقا بىر تە‌لە‌پ،‏ دۇ‌ئايىمىزغا ماسلاشقان ئە‌مە‌لىي ئىش-‏ھە‌رىكە‌تنى قىلىش.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ دۇ‌ئا قىلىپ تىلىگە‌ن بارلىق نە‌رسىلە‌ر ئۈچۈن ئە‌مە‌لىي كۈچ چىقىرىپ ئىش قىلىشىمىزنى كۈتىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌گە‌ر بىز:‏ «يە‌تكۈدە‌ك نېنىمىزنى بۇ كۈن بىزگە بە‌رگىن» دە‌پ دۇ‌ئا قىلساق،‏ بىز قانداق خىزمە‌ت تاپالىساق،‏ شۇ خىزمە‌تنى چوقۇ‌م تىرىشىپ قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏مە‌تتا 6:‏11؛‏ 2-‏سالونىكالىقلار 3:‏10)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز ئۆز ئاجىزلىقىمىزدىن غالىب كېلىش ئۈچۈن ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلساق،‏ بىز چوقۇ‌م ئېھتىياتچان بولۇ‌پ،‏ ئازدۇ‌رلۇ‌شقا باشلايدىغان ھە‌رقانداق مۇ‌ھىت ۋە شارائىتتىن خالىي بولۇ‌شىمىز لازىم (‏كولوسىلىقلار 3:‏5)‏.‏ يۇ‌قىرىدا بايان قىلىنغان بىر نە‌چچە ئاساسىي تە‌لە‌پلە‌ردىن باشقا،‏ تۆۋە‌ندە يە‌نە جاۋاب بېرىشىمىزگە تېگىشلىك دۇ‌ئاغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك سوئاللار بار.‏

دۇ‌ئاغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك بە‌زى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش

9.‏ كىمگە دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ كىمنىڭ ۋاستىسى بىلە‌ن؟‏

9 كىمگە دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە «ئاسماندىكى ئاتىمىز»غا دۇ‌ئا قىلىشنى ئۆگە‌تكە‌ن (‏مە‌تتا 6:‏9‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز پە‌قە‌ت تە‌ڭرى يە‌ھۋاغىلا دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا ئۆزى تە‌يىنلىگە‌ن مە‌سىھ ئە‌يسانىڭ ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشىمىزنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ بىز مۇ‌شۇ كىتابنىڭ 5-‏​بابىدا ئۆگىنىپ ئۆتكە‌ندە‌ك،‏ مە‌سىھ بىزنى گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمدىن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى سۈپىتىدە يە‌ر يۈزىگە ئە‌ۋە‌تىلگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 3:‏16؛‏ رىملىقلار 5:‏12)‏.‏ ئۇ باش روھانىي ۋە ھۆكۈم قىلغۇ‌چى بولۇ‌پ تە‌يىنلە‌نگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 5:‏22؛‏ ئىبرانىيلار 6:‏20)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى ئە‌يسا مە‌سىھ ئارقىلىق خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىشىقا يېتە‌كلە‌يدۇ.‏ ئە‌يسا ئۇ ئۆزى:‏ «يول ۋە ھە‌قىقە‌ت ۋە ھاياتلىق مە‌ن ئۆزۈمدۇ‌رمە‌ن.‏ مېنىڭ ۋاستە‌م بىرلە بولمىسا ھېچ كىمە‌رسە [كىشى] ئاتاغا كېلە‌لمە‌س» دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 14:‏6)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا قۇ‌لاق سېلىشى ئۈچۈن،‏ بىز چوقۇ‌م پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلغاندا مە‌سىھ ئە‌يسا ۋاستىسى بىلە‌ن قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏

10.‏ نېمە ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلغاندا بىزنىڭ بە‌دىنىمىز ئالاھىدە قىياپە‌تتە ياكى يۆنىلىشتە بولۇ‌ش تە‌لە‌پ قىلىنمايدۇ؟‏

10 دۇ‌ئا قىلغاندا بە‌دىنىمىز چوقۇ‌م ئالاھىدە قىياپە‌تتە ياكى يۆنىلىشتە بولۇ‌شى زۆرۈرمۇ؟‏ ياق.‏ ئاللا يە‌ھۋا،‏ بىز ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا قىلغىنىمىزدا،‏ قوللىرىمىز ياكى پۈتۈن بە‌دىنىمىزنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە قىياپە‌تتە بولۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ كۆپ خىل قىياپە‌تتە مە‌سىلە‌ن،‏ ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ ئىگىلىپ تازىم قىلىپ،‏ تىزلىنىپ ۋە ئۆرە تۇ‌رۇ‌پ قىلىنغان دۇ‌ئالار قوبۇ‌ل قىلىنىدۇ دە‌پ ئۆگىتىدۇ (‏1-‏تارىخنامە 17:‏16؛‏ نە‌ھە‌مىيا 8:‏6؛‏ دانىيال 6:‏10؛‏ ماركۇ‌س 11:‏25)‏.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم بولغىنى،‏ باشقىلارغا ئالاھىدە قىياپە‌تنى كۆرسىتىش ياكى مە‌لۇ‌م يۆنىلىشكە قاراپ دۇ‌ئا قىلىش ئە‌مە‌س.‏ بە‌لكى،‏ چىن قە‌لبىمىزدىن توغرا پوزىتسىيە‌دە بولۇ‌ش.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ بىز كۈندىلىك ئىش-‏پائالىيە‌تلە‌ر بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للانغاندا ياكى جىددىي ئىشلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ مە‌يلى قانداق جايدا بولايلى كۆڭلىمىزدە ئۈنسىز دۇ‌ئا قىلساق بولىدۇ.‏ ئە‌تراپىمىزدىكى ئادە‌ملە‌ر بىزنىڭ دۇ‌ئا قىلىۋاتقانلىقىمىزغا پۈتۈنلە‌ي دىققە‌ت قىلمىغان ھالە‌تتىمۇ،‏ ئاللا يە‌ھۋا بىزنىڭ ئۈنسىز دۇ‌ئالىرىمىزنى ئاڭلايدۇ.‏ —‏ نە‌ھە‌مىيا 2:‏1–‏6.‏

11.‏ قايسى شە‌خسىي ئىشلىرىمىز ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلساق مۇ‌ۋاپىق بولىدۇ؟‏

11 نېمىلە‌رنى تىلە‌پ دۇ‌ئا قىلساق بولىدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىگە مۇ‌ۋاپىق بىر نېمىنى تىلىسە‌ك ئۇ [يە‌ھۋا] بىزنى ئاڭلايدۇ‌ر» دە‌يدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏14)‏.‏ شۇ‌ڭا خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە ماس كېلىدىغان ھە‌رقانداق نە‌رسىلە‌ر ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلساق بولىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۆزىمىزنىڭ غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرى توغرىسىدا دۇ‌ئا قىلساق،‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە ماس كېلە‌مدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە ماس كېلىدۇ!‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىش خۇ‌ددى يېقىن بىر دوستىمىز بىلە‌ن پاراڭلاشقانغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.‏ بىز خۇ‌داغا ئىچ باغرىمىزنى تۆكۈپ كۆڭلىمىزدىكى بارلىق سۆزلىرىمىزنى ئۇ‌چۇ‌ق ئېيتالايمىز (‏زە‌بۇ‌ر 62:‏8)‏.‏ خۇ‌دادىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى تىلىشىمىز ناھايىتى مۇ‌ۋاپىق.‏ چۈنكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىزنىڭ توغرا ئىش قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏لۇ‌قا 11:‏13)‏.‏ يە‌نە بىز ئاقىلانە قارا چىقىرىش ئۈچۈن يېتە‌كچىلىك؛‏ قىيىنچىلىق ئە‌ھۋالغا بە‌رداشلىق بېرىشىمىز ئۈچۈن كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت تىلە‌پ دۇ‌ئا قىلساق بولىدۇ (‏ياقۇ‌پ 1:‏5)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز گۇ‌ناھ ئۆتكۈزسە‌ك،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى ئاساسىدا كە‌چۈرۈم تىلە‌پ دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 1:‏3،‏ 7)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز ئۆزىمىز ئۈچۈنلا دۇ‌ئا قىلماي،‏ باشقىلار ئۈچۈنمۇ يە‌نى ئائىلىمىزدىكىلە‌ر ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈنمۇ دۇ‌ئا قىلىشىمىز لازىم.‏ —‏ ئە‌لچىلە‌ر 12:‏5؛‏ كولوسىلىقلار 4:‏12.‏

12.‏ بىز قانداق دۇ‌ئا قىلساق،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىشلارنى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌نغا قويغان بولىمىز؟‏

12 دۇ‌ئا قىلغىنىمىزدا يە‌ھۋا خۇ‌داغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئىشلارنى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌نغا قويۇ‌شىمىز لازىم.‏ يە‌ھۋانىڭ ياراتقان بارلىق گۈزە‌ل نە‌رسىلىرى ئۈچۈن چىن قە‌لبىمىزدىن مە‌دھىيە ئوقۇ‌پ تە‌شە‌ككۈرىمىزنى بىلدۈرۈشىمىزگە گە‌پ كە‌تمە‌يدۇ (‏1-‏تارىخنامە 29:‏10–‏13)‏.‏ مە‌تتا 6-‏​باب 9–‏13-‏​غىچە ئايە‌تتە،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ ئۈلگىلىك دۇ‌ئاسى خاتىرىلە‌نگە‌ن.‏ ئاشۇ دۇ‌ئادا ئە‌يسا بىزگە خۇ‌دانىڭ ئىسمىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌شى؛‏ خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشى؛‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنىڭ ئاسماندا ئە‌مە‌لگە ئاشقىنىغا ئوخشاش يە‌ر يۈزىدىمۇ ئە‌مە‌لگە ئېشىشى ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىپ تىلە‌شنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ مە‌سىھ ئە‌يسا ئاۋۋال يە‌ھۋاغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك مۇ‌ھىم ئىشلارنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن،‏ ئاندىن ئۆزىنىڭ شە‌خسىي ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگە‌ن.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىز دۇ‌ئا قىلغاندا خۇ‌دانى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئورۇ‌نغا قويۇ‌شىمىز لازىم.‏ بۇ بىزنىڭ پە‌قە‌تلا ئۆز ئىشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلمە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.‏

13.‏ دۇ‌ئالارنىڭ ئۇ‌زۇ‌ن-‏قىسقا بولۇ‌شى توغرىسىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمىلە‌رنى كۆرسە‌تتى؟‏

13 بىز قانچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ مە‌يلى ئۆزىمىز يالغۇ‌ز دۇ‌ئا قىلايلى ياكى كۆپچىلىك بىلە‌ن بىرگە دۇ‌ئا قىلايلى،‏ قانچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت دۇ‌ئا قىلىش توغرىسىدا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھېچقانداق چە‌كلىمە يوق ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ دۇ‌ئانىڭ ئۇ‌زۇ‌ن ياكى قىسقا ۋاقىت چە‌كلىمىسى يوق.‏ تاماق يېيىشنىڭ ئالدىدا قىسقا دۇ‌ئا قىلساق ياكى شە‌خسىي دۇ‌ئادا بولغاندا يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىچ باغرىمىزنى تۆكۈپ قە‌لب سۆزىمىزنى ئېيتىپ ئۇ‌زۇ‌ن دۇ‌ئا قىلساق بولىدۇ (‏1-‏سامۇ‌ئىل 1:‏12،‏ 15)‏.‏ بىراق،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا باشقىلار ئالدىدا ئۇ‌زۇ‌ن دۇ‌ئا قىلىپ ئۆزىنى ھە‌ققانىي ئادە‌م دە‌پ كۆرسە‌تكە‌نلە‌رنى ئە‌يىبلىگە‌ن (‏لۇ‌قا 20:‏46،‏ 47)‏.‏ ئاشۇ‌نداق دۇ‌ئالار پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانى تە‌سىرلە‌ندۈرە‌لمە‌يدۇ.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ دۇ‌ئالارنى چىن قە‌لبدىن چىقىرىپ قىلىش.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ دۇ‌ئالارنىڭ ئۇ‌زۇ‌ن-‏قىسقا بولۇ‌شى ئېھتىياج ھە‌م ئە‌مە‌لىي ئە‌ھۋال بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك.‏

ھە‌رقانداق جاي ۋە ھە‌رقانداق ۋاقىتتا بولسۇ‌ن،‏ دۇ‌ئالىرىڭىز قوبۇ‌ل قىلىنىدۇ

14.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى «توختىماي دۇ‌ئا قىلىڭلار» دە‌پ ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ دېگە‌نلىك نېمە دېگە‌ن گە‌پ؟‏ نېمە ئۈچۈن قە‌لبىمىزگە تە‌سە‌للىي بېرىدۇ؟‏

14 قانچە ئۇ‌زاق ۋاقىتتا بىر قېتىم دۇ‌ئا قىلىش كېرە‌ك؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ ‹ھە‌ر ۋاقىت دۇ‌ئا قىلىڭلار›،‏ «دۇ‌ئادا داۋام قىلىڭلار»،‏ «توختىماي دۇ‌ئا قىلىڭلار» دە‌پ بىزنى ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ (‏لۇ‌قا 18:‏1؛‏ رىملىقلار 12:‏12؛‏ 1-‏سالونىكالىقلار 5:‏17)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ دېگە‌نلىك بىز چوقۇ‌م ئاللا يە‌ھۋاغا ھە‌ر سائە‌ت،‏ ھە‌ر مىنۇ‌ت دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك دېگە‌ننى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى خۇ‌دانىڭ بىزگە قىلغان مېھر-‏شە‌پقىتىگە تە‌شە‌ككۈر ئېيتىش؛‏ ئۇ‌نىڭ يول كۆرسىتىشىگە ئىگە بولۇ‌ش؛‏ تە‌سە‌للىي تېپىش ھە‌مدە كۈچ-‏قۇ‌درە‌تكە ئىگە بولۇ‌ش ئۈچۈن دائىم دۇ‌ئا قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ ئاللا يە‌ھۋا بىزنىڭ قانچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىتتا بىر قېتىم دۇ‌ئا قىلىش،‏ ھە‌ر قېتىم دۇ‌ئا قىلغاندا قانچە ئۇ‌زاق ۋاقىت ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن پاراڭلىشىشىمىزغا ھېچقانداق چە‌كلىمە قويمايدۇ.‏ بۇ‌لارنى بىلىش قە‌لبىمىزگە تە‌سە‌للىي بېرىدۇ،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر بىز راستتىنلا دۇ‌ئا قىلىش شان-‏شە‌رىپى ئۈچۈن مىننە‌تدار بولساق،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزغا ھە‌ردائىم دۇ‌ئا قىلىمىز.‏

15.‏ شە‌خسىي دۇ‌ئا قىلغاندا ياكى كۆپچىلىك بىلە‌ن دۇ‌ئادا بولغاندا،‏ دۇ‌ئا ئاخىرلاشقاندا نېمە ئۈچۈن «ئامىن» دېيىشىمىز كېرە‌ك؟‏

15 دۇ‌ئا ئاخىرلاشقاندا بىز نېمە ئۈچۈن «ئامىن» دېيىشىمىز كېرە‌ك؟‏ «ئامىن» دېگە‌ن سۆزنىڭ مە‌نىسى «شۇ‌نداق بولسۇ‌ن».‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مىساللار شۇ‌نى كۆرسىتىدۇ‌كى،‏ يالغۇ‌ز شە‌خسىي دۇ‌ئا قىلغاندا ياكى كۆپچىلىك بىلە‌ن بىرگە دۇ‌ئادا بولغاندا بولسۇ‌ن «ئامىن» دېيىش ناھايىتى مۇ‌ۋاپىق (‏1-‏تارىخنامە 16:‏36؛‏ زە‌بۇ‌ر 41:‏13)‏.‏ بىزنىڭ شە‌خسىي دۇ‌ئالىرىمىز ئاخىرلاشقاندا «ئامىن» دېيىش ئارقىلىق بىزنىڭ ھازىر قىلغان دۇ‌ئالىرىمىزنىڭ سە‌مىمىيلىك بىلە‌ن قىلىنغانلىقىنى جە‌زملە‌شتۈرىمىز.‏ كۆپچىلىك بىلە‌ن دۇ‌ئا بولغاندا ۋە‌كىل بولۇ‌پ دۇ‌ئا قىلغان قېرىندىشىمىزنىڭ دۇ‌ئاسى ئاخىرلاشقاندا،‏ ئۈن چىقارماي ياكى ئاۋاز چىقىرىپ «ئامىن» دېيىش دۇ‌ئادا ئېيتىلغان سۆزلە‌رگە قوشۇ‌لغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.‏ —‏ 1-‏كورىنتلىقلار 14:‏16.‏

خۇ‌دا بىزنىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا قانداق جاۋاب قايتۇ‌رىدۇ؟‏

16.‏ دۇ‌ئا توغرىسىدا بىزدە قانداق ئىشە‌نچ بار؟‏

16 يە‌ھۋا راستتىنلا بىزنىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب بېرە‌مدۇ؟‏ راستتىنلا،‏ جاۋاب بېرىدۇ!‏ دۇ‌نيادىكى مىليونلىغان كىشىلە‌رنىڭ سە‌مىمىي دۇ‌ئا-‏تىلە‌كلىرىگە،‏ «دۇ‌ئانى مۇ‌ستە‌جاب [قوبۇ‌ل] قىلغۇ‌چى» جاۋاب قايتۇ‌رىدىغانلىقىغا بىز قە‌تئىي ئىشە‌نچ قىلالايمىز (‏زە‌بۇ‌ر 65:‏2)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا ھە‌رخىل ئۇ‌سۇ‌ل بىلە‌ن جاۋاب قايتۇ‌رىدۇ.‏

17.‏ خۇ‌دا،‏ پە‌رىشتىلىرى ۋە يە‌ر يۈزىدىكى خىزمە‌تكارلىرى ئارقىلىق دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب قايتۇ‌رىدىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟‏

17 تە‌ڭرى يە‌ھۋا پە‌رىشتىلىرىنى ۋە يە‌ر يۈزىدىكى خىزمە‌تكارلىرىنى ئىشلىتىپ دۇ‌ئالارغا جاۋاب قايتۇ‌رىدۇ (‏ئىبرانىيلار 1:‏13،‏ 14)‏.‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر مۇ‌نداق سە‌رگۈزە‌شتلە‌رنى باشتىن كە‌چۈرگە‌ن.‏ يە‌نى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌زمۇ‌نلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىپ خۇ‌دادىن ياردە‌م تىلىگە‌نلە‌ر،‏ دۇ‌ئا قىلىپ ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت ئۆتمە‌ي پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرىدىن بىرسى بىلە‌ن ئۇ‌چۇ‌رۇ‌شۇ‌پ قالغان.‏ مۇ‌شۇ‌نداق سە‌رگۈزە‌شتلە‌ر پە‌رىشتىلە‌رنىڭ پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى ۋە‌ز ئېيتىش ئىشلىرىغا يېتە‌كچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 14:‏6)‏.‏ بىز راستتىنلا مە‌لۇ‌م نە‌رسىگە ئېھتىياج بولۇ‌پ دۇ‌ئا قىلغاندا،‏ تە‌ڭرى يە‌ھۋا مە‌لۇ‌م بىر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسىنى ياردە‌م بېرىشكە ئە‌ۋە‌تىش ئارقىلىق دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب قايتۇ‌رىدۇ.‏ —‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 12:‏25؛‏ ياقۇ‌پ 2:‏16.‏

تە‌ڭرى يە‌ھۋا مە‌لۇ‌م بىر ئېتىقادچى قېرىندىشىمىز ئارقىلىق ياردە‌م قولىنى سۇ‌نۇ‌پ،‏ دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب قايتۇ‌رۇ‌پ مۇ‌مكىن

18.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆزىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ۋە ئۆزى سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆز خىزمە‌تكارلىرىنىڭ دۇ‌ئالىرىغا قانداق جاۋاب قايتۇ‌رىدۇ؟‏

18 يە‌ھۋا خۇ‌دا يە‌نە ئۆزىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ھە‌مدە ئۆز سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق خىزمە‌تكارلىرىنىڭ قىلغان دۇ‌ئالىرىغا جاۋاب قايتۇ‌رىدۇ.‏ بىز سىناقلارغا تاقابىل تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ياردە‌م تىلە‌پ دۇ‌ئا قىلغىنىمىزدا،‏ ئۇ بە‌لكىم ئۆزىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى ئىشلىتىپ بىزگە يېتە‌كچىلىك قىلىش ۋە كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت بېرىش ئارقىلىق دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب قايتۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏2-‏كورىنتلىقلار 4:‏7)‏.‏ بىز مە‌لۇ‌م ئىشنى قىلىشتا كۆرسە‌تمىگە موھتاج بولۇ‌پ قىلغان دۇ‌ئالىرىمىزغا يە‌ھۋا ھە‌مىشە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق جاۋاب قايتۇ‌رۇ‌پ،‏ بىزنىڭ ئاقىلانە قارار چىقىرىشىمىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بىز يالغۇ‌ز ئولتۇ‌رۇ‌پ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌نگە‌ندە ياكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاساسىدا يېزىلغان كىتاب-‏ژۇ‌رناللارنى كۆرگە‌ندە بولسۇ‌ن،‏ ئۆزىمىزگە ياردىمى بار ئايە‌تلە‌رنى ئۇ‌چرىتىپ قېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌ندىن باشقا،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىللىرىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىنىش يىغىلىشلىرىدا تە‌لىملە‌رنى ئاڭلىغاندا ياكى كۆيۈمچان جامائە‌ت ئاقساقىلىنىڭ سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سالغىنىمىزدا،‏ بە‌لكىم بىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌سلىھە‌تلە‌رگە ئېرىشە‌لىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ —‏ گالاتىيالىقلار 6:‏1.‏

19.‏ ئە‌گە‌ر بە‌زىدە بىزنىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب قايتۇ‌رۇ‌ش قارىماققا كېچىكتۈرۈلگە‌ندە‌ك قىلسا،‏ نېمىنى ئە‌ستە ساقلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

19 ئە‌گە‌ر پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا قارىماققا بىزنىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب قايتۇ‌رۇ‌شنى كېچىكتۈرسە،‏ بۇ ھە‌رگىزمۇ ئۇ‌نىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب قايتۇ‌رۇ‌شقا قادىر بولالمىغانلىقى سە‌ۋە‌بلىك ئە‌مە‌س.‏ بىز چوقۇ‌م شۇ‌نى ئە‌ستە ساقلىشىمىز كېرە‌ككى،‏ يە‌ھۋا دۇ‌ئالارغا ئۆز ئىرادىسى بويىچە،‏ مۇ‌ۋاپىق پە‌يت يېتىپ كە‌لگە‌ندە جاۋاب قايتۇ‌رىدۇ.‏ بىز نېمىگە موھتاج،‏ ئاشۇ موھتاجلىقىمىزنى قانداق قاندۇ‌رۇ‌ش كېرە‌ك؟‏ بۇ‌لارنى ئۇ بىزدىن ئوبدانراق بىلىدۇ.‏ ھە‌ردائىم ئۇ بىزنى توختىماستىن ‹تىلە‌ڭلار،‏ ئىستە‌ڭلار،‏ قېقىڭلار› دە‌پ ئىجازە‌ت بە‌رگە‌ن (‏لۇ‌قا 11:‏5–‏10)‏.‏ ئاشۇ‌نداق ئىزچىل داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش بىزنىڭ ئارزۇ-‏ئۈمىدىمىزنىڭ كۈچلۈك ۋە ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنىڭ مۇ‌ستە‌ھكە‌م ئىكە‌نلىكىنى خۇ‌داغا كۆرسىتىدۇ.‏ بۇ‌ندىن باشقا،‏ يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزغا بىز كۆز بىلە‌ن كۆرە‌لمە‌يدىغان يوللار بىلە‌ن جاۋاب قايتۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز ئويلىمىغان بىر سىناققا دۇ‌چ كېلىپ خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلغىنىمىزدا،‏ ئۇ دۇ‌ئالىرىمىزغا قىيىنچىلىقنى يوق قىلىپ جاۋاب قايتۇ‌رماستىن،‏ بە‌لكى بىزنىڭ سىناققا بە‌رداشلىق بېرىشىمىز ئۈچۈن كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت بېرىپ جاۋاب قايتۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ —‏ فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏13.‏

20.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىش بىز ئۈچۈن ئالاھىدە شان-‏شە‌رە‌پ؟‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا دائىم دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

20 چە‌كسىز ئالە‌منىڭ ياراتقۇ‌چىسى دۇ‌ئالىرىدا ئۇ‌نى چاقىرغانلارغا يېقىنلىشىشنى خالايدۇ.‏ بۇ بىزنىڭ كۆپ تە‌شە‌ككۈر ئېيتىشىمىزغا تېگىشلىك ئە‌مە‌سمۇ ھە!‏؟‏ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 145:‏18)‏.‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىش بىز ئۈچۈن ئالاھىدە شان-‏شە‌رە‌پ بولغاچ،‏ ئۇ‌نىڭغا ھە‌ردائىم دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر بىز شۇ‌نداق قىلساق،‏ دۇ‌ئانى قوبۇ‌ل قىلغۇ‌چى پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ قە‌لبىمىز خۇ‌شاللىق ۋە ئارزۇ-‏ئۈمىدلە‌رگە تولىدۇ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى

  • ھە‌مىشە دۇ‌ئا قىلىش يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشىمىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ.‏ —‏ ياقۇ‌پ 4:‏8.‏

  • دۇ‌ئالىرىمىزنىڭ خۇ‌دا تە‌رىپىدىن قوبۇ‌ل قىلىنىشى ئۈچۈن ئىمان-‏ئېتىقاد،‏ كە‌متە‌رلىك ۋە سە‌مىمىيلىك تە‌لە‌پ قىلىنىدۇ.‏ —‏ ماركۇ‌س 11:‏24.‏

  • بىز چوقۇ‌م ئە‌يسا مە‌سىھ ئارقىلىق پە‌قە‌ت پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ —‏ مە‌تتا 6:‏9؛‏ يۇ‌ھاننا 14:‏6.‏

  • دۇ‌ئانى قوبۇ‌ل قىلغۇ‌چى يە‌ھۋا ئۆز پە‌رىشتىلىرى،‏ يە‌ر يۈزىدىكى خىزمە‌تچىلىرى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ۋە ئۆز سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق دۇ‌ئالارغا جاۋاب قايتۇ‌رىدۇ.‏ —‏ زە‌بۇ‌ر 65:‏2.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش