كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 18-‏باپ 174-‏183 ب.‏
  • چۆمۈلدۈرلۈش ۋە خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىز

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • چۆمۈلدۈرلۈش ۋە خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىز
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • بىلىم ۋە ئىمان-‏ئېتىقاد بولۇ‌ش كېرە‌ك
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى باشقىلارغا يە‌تكۈزۈڭ
  • توۋا قىلىش ۋە ئۆزگە‌رتىش
  • ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش
  • مە‌غلۇ‌پ بولۇ‌ش قورقۇ‌نچىسى ئۈستىدىن غالىب كېلىش
  • ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغانلىقىڭىزنى چۆمۈلدۈرلۈش ئارقىلىق ئىپادىلە‌ڭ
  • چۆمۈلدۈرلۈشنىڭ مە‌نىسى
  • چۆمۈلدۈرۈلۈش گۈزە‌ل ھاياتقا يول ئاچىدۇ!‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • سىز چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تە‌ييارمۇ؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 18-‏باپ 174-‏183 ب.‏

18-‏باب

چۆمۈلدۈرلۈش ۋە خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىز

  • چۆمۈلدۈرلۈش مۇ‌راسىمى قانداق ئۆتكۈزۈلىدۇ؟‏

  • سۇ‌غا چۆمۈلدۈرلۈش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌ك؟‏

  • خۇ‌داغا ئۆزىمىزنى قانداق بېغىشلايمىز؟‏

  • سۇ‌غا چۆمۈلدۈرلۈش نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە مۇ‌ھىم؟‏

1.‏ نېمە ئۈچۈن ئېفىئوپىيە‌لىك بىر ئوردا ئە‌مە‌لدارى چۆمۈلدۈرۈشنى تە‌لە‌پ قىلدى؟‏

بىرىنچى ئە‌سىردە فىلىپ ئىسىملىك بىر ئېتىقادچى،‏ ئېفىئوپىيە‌لىك بىر ئوردا ئە‌مە‌لدارنى ئۇ‌چرىتىپ،‏ ئە‌يسانىڭ خۇ‌دا ۋە‌دە قىلغان مە‌سىھ ئىكە‌نلىكى توغرىسىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌سىھ توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌تنى ئاڭلاپ تە‌سىرلىنىپ،‏ ناھايىتى تېزلىكتە ھە‌رىكە‌تكە كېلىپ «مانا سۇ!‏ مېنى تە‌مىد ئېلىش [چۆمۈلدۈرلۈش] تىن نېمە توسالايدۇ‌ر؟‏» دە‌پ ئۆزىنىڭ چۆمۈلدۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگە‌ن.‏ —‏ ئە‌لچىلە‌ر 8:‏26–‏36.‏

2.‏ نېمە ئۈچۈن سۇ‌غا چۆمۈلدۈرلۈش توغرىسىدا ئە‌ستايىدىل ئويلىنىپ كۆرىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

2 ئە‌گە‌ر سىز يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌شۇ كىتابنىڭ ئالدىنقى بابلىرىدىكى مە‌زمۇ‌نلارنى تە‌پسىلىي ئۆگە‌نگە‌ن بولسىڭىز،‏ سىزمۇ ھە‌م:‏ ‹نېمە مېنى چۆمۈلدۈرلۈشتىن توسالايدۇ؟‏› دە‌پ سورىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق ھازىر سىز جە‌ننە‌تتىكى مە‌ڭگۈلۈك ھاياتلىق ھە‌ققىدىكى ۋە‌دىنى چۈشىنىپ يە‌تتىڭىز (‏لۇ‌قا 23:‏43؛‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 21:‏3،‏ 4)‏.‏ ئۆلۈكلە‌رنىڭ ھە‌قىقىي ئە‌ھۋالى ۋە تىرىلىش ئۈمىدى ھە‌ققىدە بىلىمگە ئىگە بولدىڭىز (‏ۋە‌ز 9:‏5؛‏ يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29)‏.‏ سىز بە‌لكىم ھە‌ردائىم يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يىغىلىشىدا،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌ت قىلىپ ئۆز كۆزىڭىز بىلە‌ن ئۇ‌لارنىڭ توغرا دىنغا قانداق ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى كۆردىڭىز (‏يۇ‌ھاننا 13:‏35)‏.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ سىز تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىپ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى راۋاجلاندۇ‌ردىڭىز.‏

3.‏ (‏1)‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە نېمە دە‌پ بۇ‌يرۇ‌ق قىلغان؟‏ (‏2)‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرلۈش قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا ئېلىپ بېرىلىدۇ؟‏

3 سىز خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يسىز؟‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە:‏ ھە‌ممە مىللە‌ت كىشىلىرىدىن ‹مېنىڭ شاگىرتلىرىم قىلىپ .‏.‏.‏ چۆمۈلدۈرۈڭلار‏› دە‌پ بۇ‌يرۇ‌ق قىلغان (‏مە‌تتا 28:‏19‏،‏ ھ.‏ز.‏)‏.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئۆزى سۇ‌دا چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇ‌ل قىلىپ ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ ئۇ‌نىڭغا سۇ سە‌پمىگە‌ن ياكى بېشىغا سۇ تۆكمىگە‌ن (‏مە‌تتا 3:‏16‏)‏.‏ ئە‌كسىچە،‏ پۈتۈن بە‌دىنى سۇ‌غا چۆمدۈرۈلگە‌ن.‏

4.‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرلۈش نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟‏

4 يە‌ھۋا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورنىتىشنى خالايدىغان بارلىق كىشىلە‌رنىڭ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرلۈشنى قوبۇ‌ل قىلىشى تە‌لە‌پ قىلىنىدۇ.‏ چۆمۈلدۈرلۈش كۆپچىلىك ئالدىدا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىش ئارزۇ-‏ئىستىكىڭىزنى ئاشكارا ئېلان قىلىش بولۇ‌پ،‏ ئۇ سىزنىڭ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئورۇ‌ندايدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 40:‏7،‏ 8)‏.‏ ئە‌مما،‏ چۆمۈلدۈرلۈش لاياقىتىگە ئىگە بولۇ‌ش ئۈچۈن چوقۇ‌م بە‌زى قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چلارنى بېسىشىڭىز كېرە‌ك.‏

بىلىم ۋە ئىمان-‏ئېتىقاد بولۇ‌ش كېرە‌ك

5.‏ (‏1)‏ چۆمۈلدۈرلۈش لاياقىتىگە ئىگە بولۇ‌شنىڭ بىرىنچى قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چى نېمە؟‏ (‏2)‏ نېمە ئۈچۈن جامائە‌تچىلىك يىغىلىشى بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏

5 سىز ئاللىقاچان بىرىنچى قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چنى بېسىپ بولدىڭىز.‏ بىرىنچى قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چ نېمە؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى دائىم تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە مە‌سىھ ئە‌يسا توغرىسىدا بىلىم ئېلىش (‏يۇ‌ھاننا 17:‏3)‏.‏ يە‌نە ئۆگىنىدىغان كۆپ نە‌رسىلە‌ر بار.‏ ئە‌يسانىڭ بارلىق ئە‌گە‌شكۈچىلىرى «خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنىڭ مە‌رىپىتىدىن تولغايسىزلە‌ر» دە‌پ بىر-‏بىرىنى ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ (‏كولوسىلىقلار 1:‏9)‏.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ جامائە‌تچىلىك يىغىلىشى سىزنىڭ ئاشۇ تە‌رە‌پتىن بىلىم ئېلىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئاشۇ‌نداق يىغىلىشلارغا قاتنىشىش بە‌ك مۇ‌ھىم (‏ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25)‏.‏ داۋاملىق يىغىلىشلارغا قاتنىشىش سىزنىڭ يە‌ھۋا ھە‌ققىدىكى بىلىملىرىڭىزنى ئاشۇ‌رۇ‌شىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

چۆمۈلدۈرلۈش لاياقىتىگە ئىگە بولۇ‌ش ئۈچۈن خۇ‌دا سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن بىلىم ئېلىش بىر مۇ‌ھىم قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چ

6.‏ چۆمۈلدۈرلۈش لاياقىتىگە ئىگە بولۇ‌ش ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىلىمىگە ئىگە بولۇ‌ش كېرە‌ك؟‏

6 ئە‌لۋە‌تتە،‏ چۆمۈلدۈرلۈش لاياقىتىگە ئىگە بولۇ‌ش ئۈچۈن سىزنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بارلىق بىلىملە‌رنى بىلىشىڭىز ھاجە‌ت ئە‌مە‌س.‏ ئېفىئوپىيە‌لىك ئوردا ئە‌مە‌لدارىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئاز-‏تولا بىلىمى بار ئىدى.‏ بىراق،‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى مە‌زمۇ‌نلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن ياردە‌مگە موھتاج بولغان (‏ئە‌لچىلە‌ر 8:‏30،‏ 31)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ سىز يە‌نە ئۆگىنىدىغان كۆپ بىلىملە‌ر بار.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ خۇ‌دا توغرىسىدىكى بىلىمنى مە‌ڭگۈ ئۆگىنىپ تۈگە‌تكىلى بولمايدۇ (‏ۋە‌ز 3:‏11)‏.‏ ئە‌مما،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرلۈشتىن ئىلگىرى،‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئاساسىي تە‌لىملىرىنى بىلىپ يېتىشىڭىز ۋە ئۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلىشىڭىز زۆرۈر (‏ئىبرانىيلار 5:‏12)‏.‏ ئاشۇ سىزنىڭ بىلىشىڭىز ۋە قوبۇ‌ل قىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان تە‌لىملە‌ر —‏ ئۆلۈكلە‌رنىڭ ئە‌ھۋالى ھە‌ققىدىكى ھە‌قىقە‌ت؛‏ خۇ‌دانىڭ ئىسمى ۋە خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ مۇ‌ھىملىقى توغرىسىدىكى بىلىملە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏

7.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش سىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

7 يالغۇ‌ز بىلىم بولۇ‌شلا كۇ‌پايە قىلمايدۇ،‏ چۈنكى «ئىمان بولمىسا خۇ‌داغا مە‌قبۇ‌ل بولماق مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س» (‏ئىبرانىيلار 11:‏6)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى تارقاتقان خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئاڭلىغان قە‌دىمكى كورىنت شە‌ھىرىدىكى كىشىلە‌ر «ئىشىنىپ تە‌مىد ئالدىلار [چۆمۈلدۈرلۈشنى قوبۇ‌ل قىلدى]» دە‌يدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 18:‏8)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش،‏ خۇ‌دانىڭ ئىلھاملاندۇ‌رغان سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى ئاشۇ‌رىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش يە‌نە خۇ‌دانىڭ ۋە‌دىلىرىگە ۋە ئە‌يسانىڭ قۇ‌ربانلىقىنىڭ ئىنسانلارنى قۇ‌تقۇ‌زالايدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلىشىڭىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ.‏ —‏ يە‌شۇ 23:‏14؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 4:‏12؛‏ 2-‏تىموتىي 3:‏16،‏ 17.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى باشقىلارغا يە‌تكۈزۈڭ

8.‏ نېمە سىزنى ئۆگە‌نگە‌ن بىلىملىرىڭىزنى باشقىلارغا سۆزلە‌شكە ئۈندە‌يدۇ؟‏

8 قە‌لبىڭىزدە ئىشە‌نچىنىڭ چوڭقۇ‌رلىشىغا ئە‌گىشىپ،‏ ئۆگە‌نگە‌ن بىلىملىرىڭىزنى قە‌لبىڭىزدە ساقلاش تە‌سكە توختايدۇ (‏يە‌رە‌مىيا 20:‏9)‏.‏ ئاشۇ ئىشە‌نچىڭىز،‏ سىزنى خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسى ھە‌ققىدە باشقىلارغا سۆزلە‌شكە ئۈندە‌يدۇ.‏ —‏ 2-‏كورىنتلىقلار 4:‏13.‏

ئىشە‌نچ سىزنىڭ ئۆز ئىمان-‏ئېتىقادىڭىزنى باشقىلار بىلە‌ن ئورتاقلىشىشقا ھە‌رىكە‌ت قىلدۇ‌رىدۇ

9،‏ 10.‏ (‏1)‏ سىز كىملە‌ر بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى ئورتاقلىشىشقا باشلىسىڭىز بولىدۇ؟‏ (‏2)‏ ئە‌گە‌ر سىز يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر يە‌تكۈزۈش ئىشىغا قاتنىشىشنى خالىسىڭىز نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

9 ئاۋۋال،‏ سىز ئۆگە‌نگە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتىنى پە‌م-‏پاراسە‌تلىك بىلە‌ن ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقان،‏ دوست-‏بۇ‌رادە‌ر،‏ قولۇ‌م-‏قوشنا ۋە خىزمە‌تداشلىرىڭىز بىلە‌ن ئورتاقلىشىشقا باشلىسىڭىز بولىدۇ.‏ ۋاقتى كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر توغرىسىدا ۋە‌ز ئېيتىش ئىشىغا قاتنىشىشنى خالىسىڭىز،‏ سىزگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگە‌تگە‌ن گۇ‌ۋاھچى بىلە‌ن ئاشۇ ئىش توغرىسىدا ئە‌ركىن-‏ئازادە پاراڭلاشسىڭىز بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر سىز ۋە‌ز ئېيتىش لاياقىتىگە ئىگە بولغان بولسىڭىز،‏ سىزگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگە‌تگە‌ن گۇ‌ۋاھچى بىلە‌ن بىرلىكتە جامائە‌تچىلىكتىكى ئىككى ئاقساقال بىلە‌ن پاراڭلىشىش ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌لىدۇ.‏

10 مۇ‌شۇ پاراڭلىشىش ئارقىلىق سىز خۇ‌دانىڭ قويلىرىنى باقىدىغان پادىچىلار دە‌پ ئاتالغان جامائە‌تنىڭ ئاقساقاللىرى بىلە‌ن ياخشىراق تونۇ‌شالايسىز (‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏28؛‏ 1-‏پېترۇ‌س 5:‏2،‏ 3)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئاشۇ ئاقساقاللار،‏ سىزنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئاساسىي تە‌لىملىرىنى چۈشە‌نگە‌نلىكىڭىزنى ۋە ئاشۇ تە‌لىملە‌رگە ئىشە‌نگە‌نلىكىڭىزنى،‏ شۇ‌نداقلا يە‌ھۋانىڭ قائىدە-‏قانۇ‌نلىرىغا ئۇ‌يغۇ‌ن ياشاپ راستتىنلا بىر يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌شنى خالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ يە‌تسە،‏ ئۇ‌لار سىزنىڭ تېخى چۆمۈلدۈرۈلمىگە‌ن ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى سۈپىتىدە خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر يە‌تكۈزۈش لاياقىتىگە ئىگە بولغانلىقىڭىزنى سىزگە ئېيتىدۇ.‏

11.‏ چۆمۈلدۈرۈلمىگە‌ن ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شنى ئىلتىماس قىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ قايسى بە‌زى ئىشلارنى ئۆزگە‌رتىش كېرە‌ك؟‏

11 ئە‌مما،‏ سىز خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر يە‌تكۈزۈش لاياقىتىگە ئىگە بولۇ‌ش ئۈچۈن ئېھتىمال بە‌زى تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش ئۇ‌سۇ‌لىڭىز ۋە ئادىتىڭىزنى ئۆزگە‌رتىشىڭىز زۆرۈر بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ باشقىلار بىلمە‌يدىغان بە‌زى ناچار قىلىقلىرىڭىزنى ئۆزگە‌رتىشىڭىز زۆرۈر بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ چۆمۈلدۈرۈلمىگە‌ن ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شنى ئىلتىماس قىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ سىز جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق،‏ ھاراقكە‌شلىك ۋە زە‌ھە‌ر چېكىش قاتارلىق ئېغىر گۇ‌ناھلىق قىلمىشلاردىن چوقۇ‌م قول ئۈزۈشىڭىز كېرە‌ك.‏ —‏ 1-‏كورىنتلىقلار 6:‏9،‏ 10؛‏ گالاتىيالىقلار 5:‏19–‏21.‏

توۋا قىلىش ۋە ئۆزگە‌رتىش

12.‏ نېمە ئۈچۈن توۋا قىلىش زۆرۈر؟‏

12 سۇ‌غا چۆمۈلدۈرلۈش لاياقىتىگە ئىگە بولۇ‌شتىن ئىلگىرى قىلىشقا تېگىشلىك بە‌زى باشقا قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چلار.‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ شاگىرتى پېترۇ‌س:‏ «گۇ‌ناھلىرىڭىز ئۆچۈرۈلسۇ‌ن دە‌پ توۋا قىلىپ راست يولغا يېنىڭلار» دە‌پ ئېيتقان (‏ئە‌لچىلە‌ر 3:‏19)‏.‏ توۋا قىلىش قىلغان بە‌زى ئىشلىرىڭىز ئۈچۈن سە‌مىمىيلىك بىلە‌ن پۇ‌شايمان قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.‏ پە‌قە‌ت ئە‌خلاقسىز تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرگە‌ن كىشىلە‌رلا توۋا قىلىپ قالماي،‏ خېلىلا ئە‌خلاقلىق تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرگە‌نلە‌رمۇ توۋا قىلىشى زۆرۈر.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ بارلىق ئىنسانلار گۇ‌ناھكار ۋە خۇ‌دانىڭ كە‌چۈرۈم قىلىشىغا موھتاج (‏رىملىقلار 3:‏23؛‏ 5:‏12)‏.‏ سىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشتىن ئىلگىرى،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكە‌نلىكىنى بىلمە‌يتتىڭىز.‏ دېمە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىگە ماس ياشىيالمىغان،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ھە‌ممە ئادە‌منىڭ توۋا قىلىشى زۆرۈر.‏

13.‏ ئۆزگە‌رتىش دېگە‌ن نېمە؟‏

13 توۋا قىلغاندىن كېيىن،‏ چوقۇ‌م ئۆزگە‌رتىش يە‌نى راست يولغا مېڭىش كېرە‌ك.‏ پۇ‌شايمان قىلىش يېتە‌رلىك ئە‌مە‌س.‏ سىز ئىلگىرى ئادە‌تلە‌نگە‌ن تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش ئۇ‌سۇ‌لىڭىزنى تاشلاپ،‏ ھازىردىن باشلاپ توغرا ئىش قىلىشنى قە‌تئىي قارار قىلىشىڭىز لازىم.‏ توۋا قىلىش ۋە ئۆزگە‌رتىش سىز چۆمۈلدۈرلۈشتىن ئىلگىرى چوقۇ‌م ئورۇ‌ندايدىغان قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چلار.‏

ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش

14.‏ سىز چۆمۈلدۈرلۈشتىن ئىلگىرى قايسى مۇ‌ھىم قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چنى ئورۇ‌ندىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

14 چۆمۈلدۈرلۈشتىن بۇ‌رۇ‌ن ئورۇ‌ندايدىغان يە‌نە بىر مۇ‌ھىم قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چ بار.‏ سىز چوقۇ‌م ئۆزىڭىزنى تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا بېغىشلىشىڭىز كېرە‌ك.‏

دۇ‌ئا قىلىپ يە‌ھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلىدىڭىزمۇ؟‏

15،‏ 16.‏ ئۆزىڭىزنى خۇ‌داغا بېغىشلاش دېگە‌نلىك نېمە دېگە‌ن گە‌پ؟‏ نېمە سىزنى شۇ‌نداق قىلىشقا ھە‌رىكە‌تلە‌ندۈرىدۇ؟‏

15 ئىخلاس بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلىپ تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغاندا،‏ سىز بارلىقىڭىزنى مە‌ڭگۈ ئۇ‌نىڭغىلا تە‌قدىم قىلىدىغانلىقىڭىزنى ۋە‌دە قىلىسىز (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 6:‏15)‏.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زى ئادە‌ملە‌ر يە‌ھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالايدۇ؟‏ مۇ‌شۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن بىر مىسال قىلايلى،‏ بىر يىگىت بىر قىزغا ئاشىق بولدى ۋە ئاستا-‏ئاستا قىزنى تېخىمۇ چوڭقۇ‌ر چۈشە‌ندى.‏ ئۇ قىزنىڭ ناھايىتى ئېسىل پە‌زىلىتىنى كۆرۈپ،‏ ئاخىرىدا قىز بىلە‌ن مۇ‌ھە‌ببە‌تلە‌شتى.‏ شۇ‌ڭا ۋاقتى كە‌لگە‌ندە،‏ يىگىتنىڭ قىزغا توي قىلىش تە‌كلىپى قويۇ‌شى ناھايىتى تە‌بىئىي ئە‌ھۋال.‏ گە‌رچە يىگىت توي قىلغاندىن كېيىن،‏ ئۆز مە‌سئۇ‌لىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ قىزغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتى ئۇ‌نى ئاشۇ مۇ‌ھىم قە‌دە‌منى بېسىشقا ھە‌رىكە‌ت قىلدۇ‌رىدۇ.‏

16 ئوخشاشلا،‏ سىزنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان تونۇ‌شىڭىز چوڭقۇ‌رلاشقانسېرى،‏ ئۇ‌نىڭغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز كۈچىيىدۇ ۋە ئىككىلانمە‌يلا ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىش ياكى چىن قە‌لبىڭىزدىن ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشقا ھە‌رىكە‌ت قىلىسىز.‏ ھە‌رقانداق كىشى ئە‌يسا مە‌سىھكە ئە‌گىشىپ مېڭىشنى خالىسا،‏ «ئۆزىنى ئىنكار» قىلىشى كېرە‌ك (‏ماركۇ‌س 8:‏34)‏.‏ خۇ‌داغا پۈتۈنلە‌ي بويسۇ‌نۇ‌شمىزغا ئۆز ئارزۇ-‏ھە‌ۋە‌س ۋە مە‌قسە‌ت-‏نىشانلىرىمىزنىڭ توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلماسلىقىغا كاپالە‌تلىك قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق بە‌زىبىر خاھىشىمىزدىن ۋاز كېچىپ ئۆز-‏ئۆزىمىزنى ئىنكار قىلىمىز.‏ سىز چۆمۈلدۈرلۈشتىن ئىلگىرى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداشنى چوقۇ‌م ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىنىڭ ئاساسىي مە‌قسە‌ت-‏نىشانى قىلىشىڭىز كېرە‌ك.‏ —‏ 1-‏پېترۇ‌س 4:‏2.‏

مە‌غلۇ‌پ بولۇ‌ش قورقۇ‌نچىسى ئۈستىدىن غالىب كېلىش

17.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زى كىشىلە‌ر يە‌ھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاشتا ئىككىلىنىپ تۇ‌رۇ‌پ قالىدۇ؟‏

17 بە‌زى كىشىلە‌ر پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاشتا ئىككىلىنىپ تۇ‌رۇ‌پ قالىدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار ئاشۇ‌نداق مۇ‌ھىم قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چنى بېسىشتىن قورقىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۆزىنى خۇ‌داغا بېغىشلىسا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئالدىدىكى مە‌سئۇ‌لىيە‌تنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي ئۇ‌نى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرۈپ قويارمە‌نمىكىن دە‌پ قورقۇ‌پ،‏ ئە‌ڭ ياخشىسى ئۇ‌نىڭغا ئۆزۈمنى بېغىشلىماي دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏

18.‏ نېمە سىزنى يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاشقا ھە‌رىكە‌ت قىلدۇ‌رىدۇ؟‏

18 تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز چوڭقۇ‌رلاشقانسېرى،‏ ئۇ‌نىڭغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش ئىستىكى كۈچىيىدۇ ۋە كۈچىڭىزنىڭ بارىچە ئۇ‌نىڭغا بە‌رگە‌ن ۋە‌دىڭىزگە مۇ‌ۋاپىق ياشاشقا ھە‌رىكە‌ت قىلىسىز (‏ۋە‌ز 5:‏4)‏.‏ ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغاندىن كېيىن،‏ ‹خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە مۇ‌ناسىپ ياشاپ،‏ ھە‌رجە‌ھە‌تتىن ئۇ‌نى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى› جە‌زمە‌ن خالايسىز (‏كولوسىلىقلار 1:‏10)‏.‏ سىزنىڭ خۇ‌داغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىڭىز سە‌ۋە‌بلىك،‏ سىز ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداشنى قىيىن ئە‌مە‌س ھېس قىلىسىز.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ سىز ئە‌يسانىڭ شاگىرتى يۇ‌ھاننانىڭ يازغان مۇ‌نۇ سۆزلىرىگە قوشۇ‌لىسىز:‏ «خۇ‌داغا قىلغان مۇ‌ھە‌ببە‌ت شۇ‌نىڭدا دۇ‌ركى بىز ئۇ‌نىڭ ئە‌مرلىرىنى تۇ‌تقايمىز ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌مىرلىرى ئېغىر ئە‌مە‌ستۇ‌ر».‏ —‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏3.‏

19.‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌داغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاشتىن قورقماسلىقىڭىز كېرە‌ك؟‏

19 سىز خۇ‌داغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش ئۈچۈن مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌شىڭىز ھاجە‌تسىز.‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىزنىڭ چە‌كلىك ئىكە‌نلىكىنى بىلىدۇ ۋە ئۇ ھە‌رگىزمۇ سىزنىڭ قىلىشقا قۇ‌ربىتىڭىز يە‌تمە‌يدىغان ئىشلارنى قىلىشىڭىزنى تە‌لە‌پ قىلمايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏14)‏.‏ ئۇ سىزنىڭ غالىب كېلىشىڭىزنى خالايدۇ ۋە قوللاپ ياردە‌م بېرىدۇ ‏(‏يە‌شايا 41:‏10)‏.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋاغا چىن قە‌لبىڭىزدىن ئىشە‌نچ قىلىڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ ئۇ «ھە‌ممە يوللىرىڭنى جايلايدۇ‌ر» دە‌پ كاپالە‌ت بە‌رگە‌ن.‏ —‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏5،‏ 6.‏

ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغانلىقىڭىزنى چۆمۈلدۈرلۈش ئارقىلىق ئىپادىلە‌ڭ

20.‏ نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى يە‌ھۋا خۇ‌داغا بېغىشلىغانلىقىڭىزنى ئىقرار قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

20 بىز يۇ‌قىرىدا مۇ‌لاھىزە قىلىپ ئۆتكە‌ن ئايە‌تلە‌ر،‏ بە‌لكىم دۇ‌ئالىرىڭىزدا ئۆزىڭىزنى تە‌ڭرى يە‌ھۋاغا بېغىشلاشنى قارار قىلىشىڭىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر بىز ھە‌قىقە‌تە‌ن خۇ‌دانى سۆيسە‌ك چوقۇ‌م ‹ئىقرار قىلىش بىلە‌ن نىجات تاپارمىز› (‏رىملىقلار 10:‏10)‏.‏ سىز قانداق قىلىپ شۇ‌نداق قىلالايسىز؟‏

چۆمۈلدۈرلۈشنىڭ مە‌نىسى ئىلگىرىكى تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش ئۇ‌سۇ‌لىڭىزنىڭ ئۆلگە‌نلىكى ۋە خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداش ئۈچۈن تىرىلگە‌نلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ

21،‏ 22.‏ قانداق قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى ‹ئىقرار قىلىش› ئارقىلىق جاكارلىيالايسىز؟‏

21 سىز چۆمۈلدۈرلۈشنى قوبۇ‌ل قىلىشنى خالىسىڭىز،‏ جامائە‌تچىلىكنىڭ ئاقساقالىرى ئارىسىدىكى رىياسە‌تچى ئاقساقالنى خە‌ۋە‌رلە‌ندۈرۈڭ.‏ ئۇ ئاقساقال سىزنى بىر قانچە ئاقساقاللار بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئاساسىي تە‌لىملىرىنى تە‌كرارلاش ئۈچۈن بە‌زى سوئاللارنى بىرلىكتە مۇ‌زاكىرە قىلىشقا ئورۇ‌نلاشتۇ‌رىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئاشۇ ئاقساقاللار سىزنىڭ لاياقە‌تلىك بولغانلىقىڭىزغا قوشۇ‌لسا،‏ ئۇ‌لار سىزگە كېلە‌ر نۆۋە‌تلىك سۇ‌غا چۆمۈلدۈرلۈش مۇ‌راسىمىدا چۆمۈلدۈرۈلسىڭىز بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.‏a سۇ‌غا چۆمۈلدۈرلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئىلگىرى،‏ چۆمۈلدۈرلۈشنىڭ مە‌نىسى توغرىسىدا نۇ‌تۇ‌ق سۆزلىنىدۇ.‏ نۇ‌تۇ‌ق سۆزلىگۈچى سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلمە‌كچى بولغان بارلىق نامزاتلارنى ئاددىي ئىككى سوئالغا جاۋاب بېرىشكە تە‌كلىپ قىلىدۇ.‏ مۇ‌شۇ ئارقىلىق ئۇ‌لار ئۆز ئىمان-‏ئېتىقادىنى ئېغىز ‹ئىقرارى› ئارقىلىق جاكارلايدۇ.‏

22 سۇ‌غا چۆمۈلدۈرلۈشنىڭ ئۆزى سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىغانلىقىڭىزنى ۋە ئە‌مدى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغانلىقىڭىزنى جامائە‌تچىلىككە ئاشكارا كۆرسىتىدۇ.‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن نامزاتلارنىڭ پۈتۈن بە‌دىنىنىڭ سۇ‌غا چۆمدۈرلۈشى ئۇ‌لارنىڭ ئۆزىنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىغانلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلە‌يدۇ.‏

چۆمۈلدۈرلۈشنىڭ مە‌نىسى

23.‏ ‹ئاتا ۋە ئوغۇ‌ل ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ئىسمى› بىلە‌ن چۆمۈلدۈرلۈشنىڭ مە‌نىسى نېمە؟‏

23 ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىغا:‏ «ئاتا ۋە ئوغۇ‌ل ۋە روھئالقۇ‌ددۇ‌س [مۇ‌قە‌ددە‌س روھ] نىڭ ئىسمى» بىلە‌ن چۆمۈلدۈرۈڭلار دە‌پ بۇ‌يرۇ‌ق قىلغان (‏مە‌تتا 28:‏19‏)‏.‏ بۇ‌نىڭ مە‌نىسى چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن كىشى پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ھوقۇ‌قىنى ئېتىراپ قىلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 83:‏18؛‏ مە‌تتا 28:‏18‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى يە‌نى ھە‌رىكە‌ت كۈچىنىڭ رولىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.‏ —‏ گالاتىيالىقلار 5:‏22،‏ 23؛‏ 2-‏پېترۇ‌س 1:‏21.‏

24،‏ 25.‏ (‏1)‏ چۆمۈلدۈرلۈش نېمىگە سىموۋل قىلىنغان؟‏ (‏2)‏ كېيىنكى باب قايسى سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ؟‏

24 ئە‌مما،‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرلۈش پە‌قە‌ت مۇ‌نداقلا سۇ‌غا چۆمۈلۈپلا چىقىدىغان مۇ‌راسىم ئە‌مە‌س.‏ ئۇ‌نىڭ ناھايىتى مۇ‌ھىم سىمۋوللۇ‌ق مە‌نىسى بار.‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرلۈش بولسا سىزنىڭ ئىلگىرىكى تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش ئۇ‌سۇ‌لىڭىزنىڭ ئۆلگە‌نلىكىگە يە‌نى ئۇ‌نى تاشلىۋە‌تكە‌نلىكىڭىزگە سىموۋل قىلىنسا،‏ سۇ‌دىن چىقىش بولسا خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداش ئۈچۈن تىرىلگە‌نلىكىڭىزگە يە‌نى يېڭى تۇ‌رمۇ‌ش يولى باشلىغانلىقىڭىزغا سىموۋل قىلىنغان.‏ يە‌نە شۇ يادىڭىزدا بولسۇ‌نكى،‏ سىز ھە‌رگىزمۇ مە‌لۇ‌م خىزمە‌ت،‏ غايە-‏نىشان ياكى باشقا ئادە‌ملە‌ر ۋە ياكى تە‌شكىلات ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى بېغىشلىمىدىڭىز،‏ بە‌لكى يە‌ھۋاغا بېغىشلىدىڭىز.‏ سىزنىڭ يە‌ھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاپ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرلۈشنى قوبۇ‌ل قىلىشىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان ناھايىتى يېقىن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنىڭ باشلىنىشىدۇ‌ر.‏ —‏ زە‌بۇ‌ر 25:‏14.‏

25 سۇ‌غا چۆمۈلدۈرلۈش ھە‌رگىزمۇ نىجاتلىق تېپىشقا كاپالە‌ت بە‌رمە‌يدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «قورقۇ‌نچ ۋە تىترە‌ك بىلە‌ن ئۆز نىجاتىڭىز ئۈچۈن جىدۇ جە‌ھد قىلىڭلار [تىرىشىڭلار]» دە‌پ يازغان (‏فىلىپلىكلە‌ر 2:‏12)‏.‏ سۇ‌غا چۆمۈلدۈرلۈش پە‌قە‌تلا باشلىنىشى خالاس.‏ قانداق قىلىپ خۇ‌دانىڭ مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدە قېلىپ ياشاش مۇ‌مكىن بولىدۇ؟‏ بۇ سوئالغا مۇ‌شۇ كىتابنىڭ ئە‌ڭ ئاخىرقى بابى جاۋاب بېرىدۇ.‏

a يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ھە‌ر يىللىق ئاممىۋى چوڭ يىغىلىشلىرىدا ياكى يىغىنلىرىدا چۆمۈلدۈرلۈش مۇ‌راسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقىتى

  • چۆمۈلدۈرلۈش مۇ‌راسىمىدا بە‌دە‌نگە سۇ سېپىلمە‌يدۇ،‏ بە‌لكى بە‌دە‌ن سۇ‌غا پۈتۈنلە‌ي چۆمدۈرلىدۇ.‏ —‏ مە‌تتا 3:‏16‏.‏

  • سۇ‌غا چۆمۈلدۈرلۈش ئۈچۈن باسىدىغان قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چلار بىلىم ئېلىش،‏ ئىمان-‏ئېتىقاد يە‌نى ئىشە‌نچنى ئە‌مە‌لدە كۆرسىتىش،‏ ئاندىن كېيىن توۋا قىلىش،‏ ئۆزگە‌رتىش،‏ ئاخىرىدا يە‌ھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاش.‏ —‏ يۇ‌ھاننا 17:‏3؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 3:‏19؛‏ 18:‏8.‏

  • يە‌ھۋاغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاش ئۈچۈن ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۆزىنى ئىنكار قىلغاندە‌ك چوقۇ‌م ئۆزىڭىزنى ئىنكار قىلىشىڭىز كېرە‌ك.‏ —‏ ماركۇ‌س 8:‏34.‏

  • سۇ‌غا چۆمۈلدۈرلۈش بىر كىشىنىڭ ئىلگىرىكى تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش ئۇ‌سۇ‌لىنىڭ ئۆلگە‌نلىكىگە يە‌نى ئۇ‌نى تاشلىۋە‌تكە‌نلىكىگە ۋە خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداش ئۈچۈن تىرىلگە‌نلىكىگە يە‌نى يېڭى تۇ‌رمۇ‌ش يولى باشلىغانلىقىغا سىموۋل قىلىنغان.‏ —‏ 1-‏پېترۇ‌س 4:‏2.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش