كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 195-‏ب.‏-‏197-‏ب.‏ 3-‏ئابز.‏
  • مۇ‌قە‌ددە‌س ئىسىم —‏ ئۇ‌نىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە مە‌نىسى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • مۇ‌قە‌ددە‌س ئىسىم —‏ ئۇ‌نىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە مە‌نىسى
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • يە‌ھۋا كىم؟‏
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا تېگىشلىك سوئاللار
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 195-‏ب.‏-‏197-‏ب.‏ 3-‏ئابز.‏

قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھات

مۇ‌قە‌ددە‌س ئىسىم —‏ ئۇ‌نىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە مە‌نىسى

سىزنىڭ قولىڭىزدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ زە‌بۇ‌ر 83-‏​باب 18-‏​ئايىتى قانداق تە‌رجىمە قىلىنغان؟‏ مۇ‌شۇ ئايە‌ت چاغاتاي ئۇ‌يغۇ‌ر تىلى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌رجىمە نۇ‌سخىسىدا:‏ «ئۇ‌لار سېنىڭ بارە‌ڭدە [سە‌ن توغرىسىدا] يالغۇ‌ز ئۇ يە‌ھۋا ئاتۇ‌نۇ‌ر دە‌پ ئۇ‌قۇ‌پ سېنىڭ تامام يە‌ر يۈزىنىڭ ئۈستىگە ھە‌قتائالا [يۇ‌قىرى مە‌رتىۋىلىك ئاللا] ئىكە‌نىڭنى بىلگە‌ي» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان.‏ كۆپلىگە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌رجىمە نۇ‌سخىلىرى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تە‌رجىمە قىلىنغان.‏ ئە‌مما،‏ نۇ‌رغۇ‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌رجىمە نۇ‌سخىلىرىدا يە‌ھۋا دېگە‌ن ئىسىم ئىشلىتىلمىگە‌ن،‏ ئۇ‌نىڭ ئورنىغا «پە‌رۋە‌ردىگار» ياكى «مە‌ڭگۈ بار بولغۇ‌چى» دېگە‌ن نام-‏ئۇ‌نۋانلار ۋە سۈپە‌تلە‌ر ئىشلىتىلگە‌ن.‏ مۇ‌شۇ ئايە‌تتە قايسىسى قوللىنىلىشى كېرە‌ك؟‏ مۇ‌شۇ ئايە‌تتە نام-‏ئۇ‌نۋانلار ۋە سۈپە‌تلە‌ر ئىشلىتىلىشى كېرە‌كمۇ ياكى يە‌ھۋا دېگە‌ن ئىسىم ئىشلىتىلىشى كېرە‌كمۇ؟‏

خۇ‌دانىڭ ئىسمىنىڭ ئىبرانىي يېزىقىدا ئىپادىلىنىشى

بۇ ئايە‌تتە ئىسىم توغرىسىدا سۆزلە‌نگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئە‌سلى نۇ‌سخىسىنىڭ كۆپ بۆلىكى ئىبرانىي تىلىدا يېزىلغان بولۇ‌پ،‏ ئە‌سلى نۇ‌سخىسىدا ئاشۇ يالغۇ‌ز خاس ئىسىم ئىشلىتىلگە‌ن.‏ ئۇ ئىبرانىي تىلىدا יהוה (‏يھۋ ھ)‏ دە‌پ يېزىلىدۇ.‏ ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا «يە‌ھۋا» دە‌پ تە‌لە‌پپۇ‌ز قىلىنىدۇ.‏ ئاشۇ ئىسىم پە‌قە‌ت بىرلا ئايە‌تتە ئىشلىتىلگە‌نمۇ؟‏ ياق.‏ ئىبرانىي تىلىدا يېزىلغان تە‌ۋرات ۋە زە‌بۇ‌رنىڭ ئە‌سلى تېكىستلىرىدە ئاشۇ ئىسىم 7000 قېتىمغا يېقىن تىلغا ئېلىنغان!‏

خۇ‌دانىڭ ئىسمىنى بىلىش قانچىلىك مۇ‌ھىم؟‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئۈلگىلىك دۇ‌ئاسىدا نېمە دېيىلگە‌نلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئۇ دۇ‌ئا مۇ‌نداق باشلىنىدۇ:‏ «ئە‌ي ئاسمانلاردىكى ئاتىمىز!‏ سېنىڭ ئىسمىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س بولغاي» (‏مە‌تتا 6:‏9‏)‏.‏ يە‌نە بىر ۋاقىتلاردا ئە‌يسا مە‌سىھ خۇ‌داغا:‏ «ئاتا ئۆز ئىسمىڭنى ئۇ‌لۇ‌غلاندۇ‌رغىن» دە‌پ دۇ‌ئا قىلغىنىدا،‏ خۇ‌دا ئاسماندىن:‏ «ئۇ‌نى ئۇ‌لۇ‌غلاندۇ‌ردۇ‌م ۋە يە‌نە ئۇ‌لۇ‌غلاندۇ‌رۇ‌رمە‌ن» دە‌پ جاۋاب قايتۇ‌رغان (‏يۇ‌ھاننا 12:‏28)‏.‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ ئاللانىڭ ئىسمى بە‌كلا مۇ‌ھىم.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زى تە‌رجىمانلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ تە‌رجىمە نۇ‌سخىلىرىدا،‏ ئاللانىڭ ئىسمىنى چىقىرىپ تاشلاپ ئۇ‌نىڭ ئورنىغا نام-‏ئۇ‌نۋانلارنى ۋە سۈپە‌تلە‌رنى ئىشلىتىدۇ؟‏

قارىماققا،‏ ئىككى ئاساسلىق سە‌ۋە‌ب بار.‏ بىرىنچى،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئاشۇ ئىسىمنى ئىشلە‌تمە‌سلىك كېرە‌ك دېيىشىدۇ،‏ چۈنكى بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ ئىسىمنىڭ ئە‌سلى قانداق تە‌لە‌پپۇ‌ز قىلىنىدىغانلىقى نامە‌لۇ‌م.‏ بۇ‌نداق بولۇ‌شى قە‌دىمكى ئىبرانىي تىلىدا يېزىق ئىپادە قىلىنغاندا سوزۇ‌ق تاۋۇ‌ش يېزىلمىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھېچكىم بۈگۈنكى كۈندە يھۋ ھ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب زامانىدا قانداق تە‌لە‌پپۇ‌ز قىلىنغانلىقىغا ئېنىق بىر نېمە دېيە‌لمە‌يدۇ.‏ بۇ بىزنى ئاللانىڭ ئىسمىنى ئىشلىتىشتىن توسۇ‌پ قالالامدۇ؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب زامانىدا ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئىسمى يە‌شۇ‌ا ياكى يە‌ھوشۇ‌ا دە‌پ تە‌لە‌پپۇ‌ز قىلىنغان دە‌پ ھېچكىم جە‌زملە‌شتۈرۈپ ئېيتالمايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى كىشىلە‌ر ئە‌يسا دېگە‌ن ئىسىمنى ھە‌رخىل شە‌كىلدە ئىشلىتىپ كە‌لمە‌كتە،‏ ھە‌رقايسى مىللە‌ت ئۆز تىلىدا ئومۇ‌ملاشقان بويىچە تە‌لە‌پپۇ‌ز قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار 1-‏ئە‌سىردە ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئىسمىنىڭ قانداق تە‌لە‌پپۇ‌ز قىلىنغانلىقىنى ئېنىق بىلمىسىمۇ،‏ ئۇ‌لار ئاشۇ ئىسىمنى ئىشلىتىشتە ئىككىلە‌نمىگە‌ن.‏ ئوخشاشلا،‏ ئە‌گە‌ر سىز چە‌تئە‌لگە ساياھە‌تكە بارسىڭىز،‏ ئۆز ئىسمىڭىزنىڭ باشقا مىللە‌ت تىلىدا تە‌لە‌پپۇ‌ز قىلىنغاندا ئۆز ئانا تىلىڭىزدا تە‌لە‌پپۇ‌ز قىلىنغانغا قارىغاندا ناھايىتى چوڭ پە‌رق بارلىقىنى بايقايسىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دانىڭ ئىسمىنىڭ قە‌دىمدە قانداق تە‌لە‌پپۇ‌ز قىلىنغانلىقى ئېنىق بولماسلىقى ئۇ‌نىڭ ئىسمىنى ئىشلە‌تمە‌سلىككە سە‌ۋە‌ب بولالمايدۇ.‏

كىشىلە‌رنىڭ ئاللانىڭ ئىسمىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن چىقىرىپ تاشلىشىنىڭ ئىككىنچى تۈرلۈك سە‌ۋە‌بى يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ قە‌دىمكى ئۆرپ-‏ئادە‌تلىرىگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك.‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر خۇ‌دانىڭ ئىسمى ھە‌رگىزمۇ تىلغا ئېلىنماسلىقى كېرە‌ك دە‌پ قارىشىدۇ.‏ بۇ‌نداق دە‌پ قاراش ناھايىتى روشە‌نكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مۇ‌نۇ قانۇ‌نىنى خاتا ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان:‏ «رە‌ب خۇ‌دايىڭنىڭ ئىسمىنى بىھۇ‌دە ئىشلە‌تمىگىن چۈنكى خۇ‌داۋە‌ندە ئۇ‌نىڭ ئىسمىنى بىھۇ‌دە ئىشلە‌تكۈچىگە جازا بە‌رمە‌ي قويماس» —‏ چىقىش 20:‏7.‏

بۇ قانۇ‌ن خۇ‌دانىڭ ئىسمىنى قالايمىقان ئىشلىتىشنى چە‌كلە‌ش قانۇ‌نى،‏ ئە‌مما بۇ قانۇ‌ن ئۇ‌نىڭ ئىسمىنى ھۆرمە‌ت قىلىپ ئىشلىتىشنى چە‌كلە‌مدۇ؟‏ ھە‌رگىز ئۇ‌نداق ئە‌مە‌س.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئىبرانىي تىلىدا يېزىلغان تە‌ۋرات ۋە زە‌بۇ‌رنىڭ يازغۇ‌چىلىرى خۇ‌دانىڭ قە‌دىمكى ئىسرائىل خە‌لقىگە چۈشۈرگە‌ن قائىدە-‏قانۇ‌نلىرى بويىچە ياشىغان ئادە‌ملە‌ر بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لار دائىم خۇ‌دانىڭ ئىسمىنى ئىشلىتىپ ئۇ‌نى چاقىرغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار نۇ‌رغۇ‌ن شېئىر-‏قوشاقلىرىدا خۇ‌دانىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ كۆپچىلىك يۇ‌قىرى ئاۋازدا بىرلىكتە خۇ‌داغا دۇ‌ئا-‏ئىبادە‌ت قىلىپ ھە‌مدۇ‌سانا ئوقۇ‌شقان.‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر تە‌ۋراتتا خۇ‌دانى مە‌دھىيىلە‌پ مۇ‌نداق ناخشا ئېيتقان:‏ «ئۇ مېنىڭ خۇ‌دايىم دە‌پ ئۇ‌نىڭغا ئىززە‌ت قىلاي .‏.‏.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ ئىسمىدۇ‌ر» (‏چىقىش 15:‏2،‏ 3)‏.‏ يە‌ھۋا ھە‌تتا ئۆزىگە دۇ‌ئا-‏ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارغا ۋە ساداقە‌تمە‌ن كىشىلە‌رگە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىشىنى بۇ‌يرۇ‌غان ئىدى.‏ يوئېل پە‌يغە‌مبە‌ر مۇ‌نداق يازغان:‏ «ھە‌ر كىم خۇ‌داۋە‌ندە [يە‌ھۋا] نىڭ ئىسمىنى قىچقىرسا نىجات تاپادۇ‌ر» (‏يوئېل 2:‏32؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 2:‏21)‏.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ بۈگۈنكى كۈندە خۇ‌داغا ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار ئىككىلە‌نمە‌ستىن ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىپ ھۆرمە‌ت بىلە‌ن خۇ‌دانىڭ ئىسمىنى ئىشلىتىدۇ.‏ —‏ يۇ‌ھاننا 17:‏26.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌رجىمە قىلغۇ‌چىلار خۇ‌دانىڭ ئىسمى ئورنىغا نام-‏ئۇ‌نۋانلارنى ئالماشتۇ‌رۇ‌پ ئىشلىتىپ ناھايىتى ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزدى.‏ ئۇ‌لار ئاللانى قارىماققا ئىنسانلاردىن ناھايىتى يىراق ۋە نامە‌لۇ‌م قىلىپ كۆرسە‌تتى.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئىنسانلارنى ئاللا يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن بولۇ‌شقا ئۈندە‌يدۇ (‏ياقۇ‌پ 4:‏8)‏.‏ يېقىن بىر دوستىڭىز بار دە‌پ پە‌رە‌ز قىلايلى.‏ ئە‌گە‌ر سىز ئاشۇ دوستىڭىزنىڭ ئىسمىنى بىلمىسىڭىز،‏ سىزنى ئاشۇ دوستىڭىز بىلە‌ن قانداقمۇ يېقىن دېگىلى بولىدۇ؟‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ كىشىلە‌رگە ئاللانىڭ ئىسمى —‏ يە‌ھۋا ئىكە‌نلىكى بىلدۈرۈلمىسە،‏ ئۇ‌لار قانداقمۇ يە‌ھۋاغا يېقىنلىشالىسۇ‌ن؟‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ كىشىلە‌ر ئاشۇ ئىسمىنى ئىشلە‌تمىسە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س ئىسىمنىڭ مە‌نىسى توغرىسىدا قانداقمۇ بىر نە‌رسە بىلە‌لە‌يدۇ؟‏ ئۇ‌نداقتا مۇ‌قە‌ددە‌س ئىسىمنىڭ نېمە مە‌نىسى بار؟‏

پە‌رۋە‌ردىگار ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ مە‌نىسىنى ئۆزنىڭ سادىق خىزمە‌تكارى مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە چۈشە‌ندۈرگە‌ن ئىدى.‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌ر خۇ‌دانىڭ ئىسمى توغرىسىدا سورىغاندا،‏ يە‌ھۋا جاۋاب بېرىپ:‏ «مە‌ن كىم بولۇ‌شنى خالىسام،‏ شۇ بولىمە‌ن» دېگە‌ن (‏چىقىش 3:‏14،‏ ي.‏د.‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا ئۆز ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن كىم بولۇ‌شنى خالىسا،‏ شۇ بولىدۇ.‏

سىزنى كىم بولۇ‌شنى خالىسا شۇ بولالايدۇ دە‌پ پە‌رە‌ز قىلايلى.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يېقىن دوست-‏بۇ‌رادە‌رلىرىڭىز ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرە‌تتىڭىز؟‏ ئە‌گە‌ر بىر دوستىڭىز ناھايىتى ئېغىر ئاغرىپ قالسا،‏ ئۇ‌ستا بىر دوختۇ‌ر بولۇ‌پ دوستىڭىزنى داۋالايسىز،‏ ئە‌گە‌ر بىرسى ئىقتىسادتا قىينالسا،‏ سېخى باي بولۇ‌پ ئۇ‌نىڭ قىيىنچىلىقىنى ھە‌ل قىلىشقا ياردە‌م بېرىسىز.‏ ئە‌مما ئە‌مە‌لىيە‌ت شۇ‌كى،‏ سىزنىڭ ياكى ھە‌رقانداق بىرىمىزنىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى چە‌كلىك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌نسىڭىز يە‌ھۋانىڭ ئۆز ۋە‌دىلىرىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قانداق قىلىپ ھە‌ركىم بولالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئە‌جە‌بلىنىسىز.‏ ئۇ خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئۆز كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنى سۆيىدىغانلارغا ياردە‌م قىلىدۇ (‏2-‏تارىخنامە 16:‏9)‏.‏ خۇ‌دانىڭ ئىسمىنى بىلمە‌يدىغانلار ئۇ‌نىڭ گۈزە‌ل ئە‌خلاق-‏پە‌زىلە‌ت،‏ ئېسىل سۈپە‌تلىرىنى تونۇ‌پ يېتە‌لمە‌يدۇ.‏

ناھايىتى روشە‌نكى،‏ خۇ‌دانىڭ ئىسمى چوقۇ‌م مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ تە‌رجىمە نۇ‌سخىلىرىدا بولۇ‌شى كېرە‌ك.‏ ئىسىمنىڭ مە‌نىسىنى بىلىش ۋە ئۆز دۇ‌ئا-‏ئىبادە‌تلىرىمىزدە ئە‌ركىن-‏ئازادە ئاشۇ ئىسمنى ئىشلىتىپ خۇ‌دانى چاقىرىش ئە‌رشتىكى ئاتىمىز يە‌ھۋاغاa يېقىنلىشىشىمىز ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ياردە‌م بېرىدۇ.‏

a خۇ‌دانىڭ ئىسمى،‏ ئۇ‌نىڭ مە‌نىسى ۋە نېمە ئۈچۈن دۇ‌ئا-‏ئىبادە‌ت قىلغاندا ئاشۇ ئىسىم ئىشلىتىلىشى كېرە‌كلىكى توغرىسىدا كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌ماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نە‌شىر قىلغان «مۇ‌قە‌ددە‌س ئىسىم مە‌ڭگۈ مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رار» دېگە‌ن كىتابچىگە قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش