كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 204-‏ب.‏-‏205-‏ب.‏ 3-‏ئابز.‏
  • ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئىبادە‌ت قىلغاندا كرېست ئىشلە‌تمە‌يدۇ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئىبادە‌ت قىلغاندا كرېست ئىشلە‌تمە‌يدۇ
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئىبادە‌ت قىلغاندا،‏ كرېستنى ئىشلە‌تمە‌يدۇ؟‏
    يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ھە‌ققىدە كۆپچىلىكنى قىزىقتۇ‌رىدىغان سوئاللار
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 204-‏ب.‏-‏205-‏ب.‏ 3-‏ئابز.‏

قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھات

ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئىبادە‌ت قىلغاندا كرېست ئىشلە‌تمە‌يدۇ

دۇ‌نيادا مىليونلىغان كىشىلە‌ر كرېستقا چوقۇ‌نىدۇ ۋە ھۆرمە‌تلە‌يدۇ.‏ «ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى»دا كرېست «خرىستىئان دىنىنىڭ تېۋىنىش سىموۋلى» دە‌پ ئىزاھلانغان.‏ بىراق،‏ ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئىبادە‌ت قىلغاندا كرېستنى ئىشلە‌تمە‌يدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

مۇ‌ھىم بىر سە‌ۋە‌بى،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ كرېستتا ئۆلمىگە‌ن.‏ ئادە‌تتە «كرېست» دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان گېرىكچە سۆز «سىتائۇ‌روس» (‏stau·rosʹ‏)‏.‏ بۇ سۆزنىڭ ئاساسىي مە‌نىسى «بىر تۈۋرۈك ياكى قۇ‌زۇ‌ق».‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ (‏The Companion Bible‏)‏ نە‌شرى:‏ «[سىتائۇ‌روس] سۆزى ھە‌رگىزمۇ ئىككى لىم ياغاچ بىر-‏بىرى بىلە‌ن ھە‌رقانداق بۇ‌لۇ‌ڭ ياساپ كېسىشتۈرۈلگە‌ن دېگە‌ن مە‌نىنى بىلدۈرمە‌يدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن .‏.‏.‏ [ئىنجىلنىڭ] ئە‌سلى گېرىكچە تېكىستىدە ھە‌تتا ئىككى لىم ياغاچ دېگە‌ندە‌ك گە‌پلە‌ر ھېچقانداق يە‌ردە خاتىرىلە‌نگە‌ن ئە‌مە‌س».‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يازغۇ‌چىلىرى بە‌زى ئايە‌تلە‌ردە،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا خاتىرىلىگە‌ندە يە‌نە باشقا بىر گېرىك سۆزى ئىشلە‌تكە‌ن بولۇ‌پ،‏ ئۇ سۆز «كسىلون» (‏xyʹlon‏)‏ ئىدى (‏ئە‌لچىلە‌ر 5:‏30؛‏ 10:‏39؛‏ 13:‏29؛‏ گالاتىيالىقلار 3:‏13؛‏ 1-‏پېترۇ‌س 2:‏24)‏.‏ مۇ‌شۇ سۆزنىڭ مە‌نىسى «لىم ياغاچ» ياكى «تۈۋرۈك،‏ تاياق ياكى دە‌رە‌خ».‏

ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغاندا نېمە ئۈچۈن دائىم تۈۋرۈك ياغاچ ئىشلىتىش توغرىسىدا «كرېست ۋە كرېستقا مىخلاش» دېگە‌ن كىتابنىڭ ئاپتۇ‌رى خېرمان فۇ‌لدا:‏ «خە‌لق ئاممىسى ئالدىدا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغان جاينىڭ ھە‌ممىسىدە دە‌رە‌خ بار بولىشى مۇ‌مكىن بولمىغان،‏ شۇ‌ڭا كىشىلە‌ر بىر ياغاچنى يە‌رگە قاداپ،‏ جىنايە‌تچىنىڭ ئىككى قولىنى يۇ‌قىرىغا قىلىپ باغلىغان ياكى مىخلىغان،‏ بە‌زىدە ئىككى پۇ‌تى ھە‌م باغلانغان ياكى مىخلانغان» دە‌پ چۈشە‌ندۈرگە‌ن.‏

مە‌يلى قانداق بولسۇ‌ن،‏ ئە‌ڭ ئىشە‌نچىلىك دە‌لىل-‏ئىسپاتلار خۇ‌دانىڭ سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن كېلىدۇ.‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتى پاۋلۇ‌س:‏ «مە‌سىھ بىزنىڭ ئۈچۈن لە‌نە‌ت قىلىنىپ بىزنى شە‌رىئە‌تنىڭ لە‌نىتىدىن ئازاد قىلدى چۈنكى ھە‌ركىم ياغاچقا ئېسىلسا مە‌لئۇ‌ندۇ‌ر [لە‌نىتى] دە‌پ پۈتۈلۈپتۇ‌ر» دېگە‌ن (‏گالاتىيالىقلار 3:‏13)‏.‏ پاۋلۇ‌س بۇ يە‌ردە تە‌كرار قانۇ‌ن 21-‏​باب 22،‏ 23-‏​ئايە‌تنى نە‌قىل كە‌لتۈرگە‌ن.‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ مۇ‌شۇ ئايە‌تلە‌ردە تىلغا ئېلىنغىنى تۈۋرۈك ياغاچ،‏ ھە‌رگىز كرېست ئە‌مە‌س.‏ ئاشۇ شە‌كىلدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگە‌ن كىشىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى «لە‌نىتى» يە‌نى قارغىشقا ئۇ‌چرىغان ئادە‌ملە‌ر تۇ‌رسا،‏ ھە‌ق خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار ئۆيلىرىنى مە‌سىھ مىخلانغان سۈرە‌ت ۋە شە‌كىللە‌ر بىلە‌ن بېزە‌ش مۇ‌ۋاپىق بولمايدۇ.‏

ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى 300 يىل جە‌ريانىدا،‏ ئۆزىنى ئە‌يسانىڭ دە‌سلە‌پكى ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئىبادە‌ت قىلغاندا كرېست ئىشلە‌تكە‌نلىكى ھە‌ققىدە ھېچقانداق دە‌لىل-‏ئىسپات يوق.‏ مىلادى 4-‏ئە‌سىردە غە‌يرى دىندىكى رىم ئېمپىراتۇ‌رى كونىستانتىن دىنىنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ ئە‌يسانىڭ تە‌لىمىگە ئاسىيلىق قىلغۇ‌چىلارغا قوشۇ‌لغان ۋە كرېستنى خرىستىئان دىننىڭ سىموۋلى قىلىپ ئىشلىتىشنى تە‌شۋىق قىلغان.‏ كونىستانتىننىڭ بۇ‌نداق قىلىشىدىكى مە‌قسە‌ت-‏مۇ‌ددىئاسى قانداق بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ كرېستنىڭ ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن ھېچقانداق باغلىنىشى يوق.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ كرېستنىڭ مە‌يدانغا كېلىشى غە‌يرى دىن بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك.‏ «يېڭى كاتولىك قامۇ‌سى» (‏New Catholic Encyclopedia‏)‏:‏ «ئە‌يسا ياشىغان زامانلاردىن ئىلگىرىكى مە‌دە‌نىيە‌ت ۋە خرىستىئان ئە‌مە‌سلە‌رنىڭ مە‌دە‌نىيىتىدە كرېست تېپىلغانلىقىنى» ئېتىراپ قىلىدۇ.‏ يە‌نە نۇ‌رغۇ‌ن ئىشە‌نچىلىك مە‌نبە‌لە‌رنىڭ كۆرسىتىشىچە،‏ كرېست تە‌بىئە‌تكە چوقۇ‌نۇ‌ش ۋە جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك غە‌يرى دىنىي مۇ‌راسىملار بىلە‌ن باغلىنىشلىق بولغان.‏

ئۇ‌نداقتا،‏ نېمە ئۈچۈن غە‌يرى دىننىڭ بۇ سىموۋلى كە‌ڭرى تە‌شۋىق قىلىندى؟‏ قارىماققا،‏ غە‌يرى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇ‌چىلارنىڭ خرىستىئان دىنىنى ئاسانراق قوبۇ‌ل قىلىشى ئۈچۈن شۇ‌نداق قىلىنغان.‏ بىراق،‏ ھە‌رقانداق غە‌يرى سىموۋللارغا چوقۇ‌نۇ‌ش مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ناھايىتى ئېنىق ئە‌يىبلە‌نگە‌ن (‏2-‏كورىنتلىقلار 6:‏14–‏18)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يە‌نە ھە‌رخىل شە‌كىلدىكى بۇ‌تقا چوقۇ‌نۇ‌شنى چە‌كلىگە‌ن (‏چىقىش 20:‏4،‏ 5؛‏ 1-‏كورىنتلىقلار 10:‏14)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ يۇ‌قىرىدىكىدە‌ك سە‌ۋە‌بلە‌ر تۈپە‌يلى خۇ‌داغا ھە‌قىقىي ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلار كرېست ئىشلە‌تمە‌يدۇ.‏a

a كرېست توغرىسىدىكى ئېلىپ بېرىلغان بە‌س-‏مۇ‌نازىرە ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك تە‌پسىلاتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نە‌شىر قىلغان «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسە‌ن ئە‌قلىي خۇ‌لاسە قىلىش» دېگە‌ن كىتابنىڭ 89–‏93-‏بېتىگىچە قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش