كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 206-‏ب.‏-‏207-‏ب.‏
  • ئە‌يسانى خاتىرىلە‌ش كە‌چلىك داستىخىنى —‏ خۇ‌داغا شان-‏شە‌رە‌پ ئېيتىدىغان مۇ‌راسىم

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئە‌يسانى خاتىرىلە‌ش كە‌چلىك داستىخىنى —‏ خۇ‌داغا شان-‏شە‌رە‌پ ئېيتىدىغان مۇ‌راسىم
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىنى باشقا دىنلاردىن ئۆزگىچە ئۇ‌سۇ‌لدا خاتىرىلە‌يدۇ؟‏
    يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ھە‌ققىدە كۆپچىلىكنى قىزىقتۇ‌رىدىغان سوئاللار
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 206-‏ب.‏-‏207-‏ب.‏

قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھات

ئە‌يسانى خاتىرىلە‌ش كە‌چلىك داستىخىنى —‏ خۇ‌داغا شان-‏شە‌رە‌پ ئېيتىدىغان مۇ‌راسىم

ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە مە‌سىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلە‌ش بۇ‌يرۇ‌ق قىلىنغان.‏ مۇ‌شۇ مۇ‌راسىم ئە‌يسانى خاتىرىلە‌ش مە‌قسىتىدە ئۆتكۈزىلىدىغان داستىخان دە‌پمۇ ئاتالغان (‏1-‏كورىنتلىقلار 11:‏20)‏.‏ ئۇ قانداق مۇ‌ھىم ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە؟‏ قاچان ۋە قانداق خاتىرىلىنىدۇ؟‏

مىلادى 33-‏يىلى،‏ يە‌ھۇ‌دىيلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى تە‌برىكلە‌يدىغان ئاخشىمى ئە‌يسا مە‌سىھ بۇ مۇ‌راسىمنى ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رغان ئىدى.‏ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان تە‌برىكلە‌ش مۇ‌راسىمى بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۇ‌دىيلار كالېندارى بويىچە نىسان ئېيىنىڭ 14-‏كۈنى تە‌برىكلىنىدۇ.‏ قارىغاندا،‏ مۇ‌شۇ كۈننى ھېسابلاش ئۈچۈن يە‌ھۇ‌دىيلار باھار پە‌سلىدىكى كۈن-‏تۈن تە‌ڭلىشىدىغان كۈننى كۈتكە‌ن.‏ كۈن-‏تۈن تە‌ڭلىشىشكە ئاز قالغاندا،‏ ئاسماندا يېڭى ئاي كۆرۈنگە‌ن 1-‏كۈنى نىسان ئېيى باشلىنىدۇ.‏ نىسان ئېيىنىڭ 14-‏كۈنى قۇ‌ياش پاتقاندا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى تە‌برىكلە‌ش مۇ‌راسىمى باشلىنىدۇ.‏

ئە‌يسا شاگىرتلىرى بىلە‌ن بىرلىكتە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى تە‌برىكلىگە‌ن.‏ ئىشقارى يۇ‌رتلۇ‌ق يە‌ھۇ‌دانى ماڭغۇ‌زۇ‌ۋە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ كە‌چلىك داستىخاننى ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رغان.‏ بۇ كە‌چلىك داستىخان يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئورنىنى ئالغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسانى خاتىرىلە‌ش كە‌چلىك داستىخان مۇ‌راسىمى ھە‌م يىلدا پە‌قە‌ت بىر قېتىم تە‌برىكلىنىشى كېرە‌ك.‏

مە‌تتا بايان قىلغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ردە:‏ «[ئە‌يسا] بىر ناننى ئېلىپ مۇ‌بارە‌كلە‌پ ئوشتۇ‌پ شاگىرتلارغا بىرىپ ئېيتتى:‏ ئېلىپ يە‌ڭلار بۇ مېنىڭ بە‌دىنىمدۇ‌ر.‏ ۋە بىر پىيالىنى ئېلىپ شۈكۈر ئېيتىپ ئۇ‌لارغا بىرىپ ئېيتتى:‏ ھە‌ممىڭىز مۇ‌نىڭدىن ئىچىڭلار.‏ چۈنكى تولىلار [نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌م] ئۈچۈن گۇ‌ناھلارنىڭ ئە‌پۇ‌سىغا تۆكۈلىدىغان قېنىم يە‌نى ئە‌ھدىنىڭ قېنى بۇ‌دۇ‌ر» دە‌پ يېزىلغان.‏ —‏ مە‌تتا 26:‏26–‏28‏.‏

بە‌زى كىشىلە‌ر ئاشۇ ۋاقىتتا ئە‌يسا ھە‌قىقە‌تە‌ن ناننى ۋە شارابنى ئۆزىنىڭ بە‌دىنى ۋە قېنىغا ئايلاندۇ‌رغان دە‌پ ئىشىنىشىدۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ ناننى شاگىرتلىرىغا بە‌رگىنىدە،‏ ئۇ‌نىڭ بە‌دىنى يە‌نىلا بېجىرىم تۇ‌رغان.‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى ھە‌قىقە‌تە‌ن ئۇ‌نىڭ تېنىنى يە‌نى گۆشىنى يە‌پ قېنىنى ئىچىشكە‌نمىدى؟‏ ياق.‏ ئە‌گە‌ر ئاشۇ‌نداق بولسا،‏ ئۇ‌لار ئادە‌م گۆشىنى يە‌پ ۋە قېنىنى ئىچىپ خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىغا خىلاپلىق قىلغان بولاتتى (‏يارىتىلىش 9:‏3،‏ 4؛‏ لاۋىيلار 17:‏10)‏.‏ لۇ‌قا بايان قىلغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر 22-‏​باب 20-‏​ئايە‌تتە،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ:‏ «بۇ پىيالە مېنىڭ سىزلە‌ر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان قېنىم بىرلە بولغان يېڭى ئە‌ھدە‌دۇ‌ر» دېگە‌ن.‏ ئاشۇ پىيالە ھە‌قىقە‌تە‌ن «يېڭى ئە‌ھدە»گە ئايلاندىمۇ؟‏ ئۇ ھە‌رگىزمۇ مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س،‏ ئە‌ھدە بىر كېلىشىم،‏ ئۇ بىر ئە‌مە‌لىي نە‌رسە ياكى بۇ‌يۇ‌م ئە‌مە‌س.‏

شۇ‌ڭلاشقا،‏ نان ۋە شاراب پە‌قە‌ت سىموۋللار خالاس.‏ نان ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل تېنىگە سىموۋل قىلىنغان.‏ ئە‌يسا ئۇ بىر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئېشىپ قالغان ناننى ئىشلە‌تكە‌ن.‏ ئۇ نان بولدۇ‌رۇ‌لمىغان يە‌نى خېمىرتۇ‌رۇ‌چ ئىشلىتىلمىگە‌ن پېتىر نان (‏چىقىش 12:‏8)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خېمىرتۇ‌رۇ‌چ گۇ‌ناھ ياكى چىرىكلىكنىڭ سىموۋلى قىلىنغان.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ پېتىر نان ئە‌يسانىڭ قۇ‌ربان قىلغان گۇ‌ناھدىن خالىي مۇ‌كە‌ممە‌ل تېنىگە سىموۋل قىلىنغان.‏ —‏ مە‌تتا 16:‏11،‏ 12؛‏ 1-‏كورىنتلىقلار 5:‏6،‏ 7؛‏ 1-‏پېترۇ‌س 2:‏22؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏1،‏ 2.‏

قىزىل ئۈزۈم شارابى ئە‌يسانىڭ قېنىغا سىموۋل قىلىنغان.‏ ئاشۇ قان يېڭى ئە‌ھدىنى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆز قېنىنىڭ «گۇ‌ناھلارنىڭ ئە‌پۇ‌سى» ئۈچۈن تۆكۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ ئە‌يسانىڭ تۆككە‌ن قېنى سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئىنسانلار گۇ‌ناھتىن كە‌چۈرۈم قىلىنىپ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ كۆز ئالدىدا پاك بولۇ‌پ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن يېڭى ئە‌ھدە ئورنىتالايدۇ (‏ئىبرانىيلار 9:‏14؛‏ 10:‏16،‏ 17)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ساداقە‌تمە‌ن 144000 ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ئاسمانغا چىقىپ،‏ پادىشاھلار ۋە روھانىيلار بولۇ‌پ،‏ پۈتكۈل ئىنسانىيە‌ت ئۈچۈن بە‌خت-‏سائادە‌ت ئېلىپ كېلىشىنى —‏ بۇ يېڭى ئە‌ھدە يە‌نى كېلىشىم مۇ‌مكىنچىلىكىگە ئىگە قىلىدۇ.‏ —‏ يارىتىلىش 22:‏18؛‏ يە‌رە‌مىيا 31:‏31–‏33؛‏ 1-‏پېترۇ‌س 2:‏9؛‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 5:‏9،‏ 10؛‏ 14:‏1–‏3.‏

خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىدا كىملە‌ر نان يە‌پ،‏ شاراب ئىچىشى كېرە‌ك؟‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ پە‌قە‌ت خۇ‌دا بىلە‌ن يېڭى ئە‌ھدە ئورناتقانلار يە‌نى ئاسمانغا چىقىش ئۈمىدى بار بولغانلار ئاشۇ ناننى يە‌پ،‏ شارابنى ئىچىشى كېرە‌ك.‏ ئاشۇ‌نداق كىشىلە‌رنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاسماندا پادىشاھلار بولۇ‌شقا تاللانغانلىقىنى خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئۇ‌لارغا بىلدۈرىدۇ (‏رىملىقلار 8:‏16)‏.‏ ئۇ‌لار يە‌نە ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن پادىشاھلىق ئە‌ھدىسى ئورناتقان.‏ —‏ لۇ‌قا 22:‏29.‏

ئۇ‌نداقتا،‏ يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بار كىشىلە‌ر قانداق قىلىدۇ؟‏ ئۇ‌لار ئە‌يسانىڭ بۇ‌يرۇ‌قىغا بويسۇ‌نۇ‌پ ھۆرمە‌ت-‏ئېھتىرام بىلە‌ن ئە‌يسانى خاتىرىلە‌ش كە‌چلىك داستىخان مۇ‌راسىمىغا قاتنىشىدۇ،‏ ئە‌مما ناننى يېمە‌يدۇ ۋە شارابنى ئىچمە‌يدۇ.‏ ھە‌ريىلى بىر قېتىم يە‌ھۇ‌دىيلار كالېندارى بويىچە نىسان ئېيىنىڭ 14-‏كۈنى قۇ‌ياش پاتقاندا،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ ھە‌ممىسى ئە‌يسانى خاتىرىلە‌ش كە‌چلىك داستىخان مۇ‌راسىمىنى تە‌برىكلە‌يدۇ.‏ ھازىر دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى ئۆزىدە ئاسمانغا چىقىش ئۈمىدى بار دە‌پ ھېسابلايدىغانلار پە‌قە‌ت نە‌چچە مىڭلا ئادە‌م.‏ بىراق،‏ بۇ تە‌برىكلە‌ش مۇ‌راسىمى بارلىق ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇ‌ھىم ئە‌ھمىيە‌تكە ئىگە.‏ ئاشۇ ۋاقىتتا،‏ ئۇ‌لار تە‌ڭرى يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ ئىنسانىيە‌تكە كۆرسە‌تكە‌ن مېھر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى يادقا ئېلىپ چوڭقۇ‌ر ئويلايدۇ.‏ —‏ يۇ‌ھاننا 3:‏16.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش