كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌ك‌ھ 216-‏ب.‏-‏218-‏ب.‏ 2-‏ئابز.‏
  • 1914-‏يىلى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بېشارىتىدىكى مۇ‌ھىم يىل

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • 1914-‏يىلى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بېشارىتىدىكى مۇ‌ھىم يىل
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھازىر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ!‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
م‌ك‌ھ 216-‏ب.‏-‏218-‏ب.‏ 2-‏ئابز.‏

قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھات

1914-‏يىلى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بېشارىتىدىكى مۇ‌ھىم يىل

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلغۇ‌چىلار 1914-‏يىلدىن نە‌چچە ئون يىل ئاۋۋال،‏ 1914-‏يىلى مۇ‌ھىم ئىشلار يۈز بېرىدۇ دە‌پ جاكارلىغان.‏ قايسى مۇ‌ھىم ئىشلار؟‏ قانداق دە‌لىل-‏ئىسپاتلار 1914-‏يىلنىڭ مۇ‌ھىم بىر يىل ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ؟‏

لۇ‌قا بايان قىلغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر (‏ھ.‏ز.‏)‏ 21:‏24-‏​ئايە‌تتە خاتىرىلە‌نگە‌ن،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ:‏ ئۇ‌لار «خۇ‌دانىڭ يە‌ھۇ‌دىي ئە‌مە‌سلە‌رگە بە‌لگىلە‌پ بە‌رگە‌ن ۋاقتى توشقۇ‌چە،‏ ئۇ‌لار يېرۇ‌سالېمنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ» دېگە‌ن.‏ يېرۇ‌سالېم يە‌ھۇ‌دىي دۆلىتىنىڭ پايتە‌خت شە‌ھىرى قىلىنىپ،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھ ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌خت ۋارىسلىرى مۇ‌شۇ شە‌ھە‌ردە ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزگە‌ن (‏زە‌بۇ‌ر 48:‏1،‏ 2)‏.‏ بىراق،‏ بۇ پادىشاھلار باشقا مە‌ملىكە‌ت پادىشاھلىرىغا قارىغاندا ئالاھىدە.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ ۋە‌كىللىرى بولۇ‌پ «خۇ‌داۋە‌ندىنىڭ تە‌ختىدە» ئولتۇ‌رۇ‌شقان ئىدى (‏1-‏تارىخنامە 29:‏23)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ يېرۇ‌سالېم يە‌ھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا سىموۋل قىلىنغان.‏

خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىنى قاچان ۋە قانداق قىلىپ يات خە‌لقلە‌ر ‹ئاياغ ئاستى قىلىشقا› باشلىدى؟‏ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 607-‏يىلى يېرۇ‌سالېم بابىلونلىقلار تە‌رىپىدىن ئىشغال قىلىنغان.‏ «خۇ‌داۋە‌ندىنىڭ تە‌ختى» قۇ‌رۇ‌ق قالغان،‏ داۋۇ‌تنىڭ ئە‌ۋلادىدىن پادىشاھ تە‌ختى ۋارىسى بولۇ‌ش توختىغان (‏2-‏پادىشاھلار 25:‏1–‏26)‏.‏ خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ‹ئاياغ ئاستى قىلىش› مە‌ڭگۈ داۋاملىشامدۇ؟‏ ياق،‏ ھە‌زقىيال پە‌يغە‌مبە‌ر يېرۇ‌سالېمنىڭ ئە‌ڭ ئاخىرقى پادىشاھى سە‌دىقىيا توغرىسىدا خۇ‌دا سۆزىنى ئالدىن بېشارە‌ت ئېيتقان:‏ «سە‌للە‌ڭنى سېلىپ تاجىڭنى ئېلىپ ئاتقىن .‏.‏.‏ ھە‌قدار بولۇ‌پ مە‌ندىن مۇ‌نى تاپقان كىمە‌رسە [كىشى] كە‌لمىگۈچە بۇ ئىش سابىت [مۇ‌قىم] بولمايدۇ‌ر» (‏ھە‌زقىيال 21:‏26،‏ 27)‏.‏ داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ تاجىغا ئىگە بولغۇ‌چى «ھە‌قدار» كىشى ئە‌يسا مە‌سىھتۇ‌ر (‏لۇ‌قا 1:‏32،‏ 33)‏.‏ شۇ‌ڭا ‹ئاياغ ئاستى قىلىش› ئە‌يسا پادىشاھ بولغاندا ئاياغلىشىدۇ.‏

قاچان ئاشۇ مۇ‌ھىم ئىش يۈز بېرىدۇ؟‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا يە‌ھۇ‌دىي ئە‌مە‌س خە‌لقلە‌رنىڭ بە‌لگىلىك ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تتى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ دانىيال 4-‏​بابى،‏ ئاشۇ بە‌لگىلە‌نگە‌ن ۋاقىتنىڭ قانچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت ئىكە‌نلىكىنى بىلىشتىكى مۇ‌ھىم ھالقا.‏ دانىيال 4-‏​بابىدا،‏ بابىلون پادىشاھى نېبۇ‌قادنىسارنىڭ بىر بېشارە‌تلىك چۈش كۆرگە‌نلىكى بايان قىلىنغان.‏ ئۇ چۈشىدە غايە‌ت زور بىر دە‌رە‌خنىڭ كېسىپ تاشلانغانلىقىنى كۆرگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ كۆتىكى كۆكلە‌پ ئۆسۈپ چىقالمايتتى.‏ چۈنكى كۆتىكى تۆمۈر ۋە مىس زە‌نجىرلە‌ر بىلە‌ن باغلانغان.‏ بىر پە‌رىشتە:‏ «ئۇ‌نىڭ ئۈستىگە يە‌تتە دە‌ۋر ئۆتۈپ كە‌تسۇ‌ن» دە‌پ جاكارلىغان ئىدى.‏ —‏ دانىيال 4:‏10–‏16.‏

بە‌زى چاغلاردا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا دە‌رە‌خ ھۆكۈمرانلىققا سىموۋل قىلىنغان (‏ھە‌زقىيال 17:‏22–‏24؛‏ 31:‏2–‏5)‏.‏ شۇ‌ڭا ئاشۇ دە‌رە‌خنى كېسىپ تاشلاش،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمرانلىقنىڭ توسالغۇ‌غا ئۇ‌چراپ بىر مە‌زگىل توختىغانلىقىغا سىموۋل قىلىنغان بولۇ‌پ،‏ يېرۇ‌سالېمدىكى پادىشاھلارنىڭ سە‌لتە‌نە‌ت قىلىشىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئاشۇ چۈشتىكى بېشارە‌تتە ‹يېرۇ‌سالېمنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشى› ۋاقىتلىق بولۇ‌پ،‏ بۇ ۋاقىت «يە‌تتە دە‌ۋر».‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بۇ يە‌تتە دە‌ۋر زادى قانچە ئۇ‌زۇ‌ن ۋاقىت؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏6،‏ 14-‏​ئايە‌تلىرى ئۈچ يېرىم دە‌ۋر «بىر مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىش كۈن»گە تە‌ڭ دە‌پ بايان قىلغان.‏ دېمە‌ك،‏ «يە‌تتە دە‌ۋر» ئۈچ يېرىم دە‌ۋرنىڭ ئىككى ھە‌سسىسى يە‌نى 2520 كۈن بولىدۇ.‏ بىراق يېرۇ‌سالېم ۋە‌يران بولغاندىن 2520 كۈن كېيىن،‏ يە‌ھۇ‌دىي ئە‌مە‌س خە‌لقلە‌ر خۇ‌دانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ‹ئاياغ ئاستى قىلىش›نى توختاتمىغان.‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ مۇ‌شۇ بېشارە‌ت ئۇ‌زۇ‌ن بىر مە‌زگىل ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى سانلار 14:‏34 ۋە ھە‌زقىيال 4:‏6-‏​ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن «ھە‌ر بىر كۈننى بىر يىل ساناپ» ھېسابلىساق «يە‌تتە دە‌ۋر» بولسا 2520 يىل ۋاقىتقا تە‌ڭ بولىدۇ.‏

2520 يىل ۋاقىت،‏ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 607-‏يىلى ئۆكتە‌بىردە يېرۇ‌سالېم بابىلونلىقلار تە‌رىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ،‏ داۋۇ‌تنىڭ پادىشاھلىق تە‌ختىگە ۋارىسلىق قىلغۇ‌چى پادىشاھلىق تاجىدىن ئايرىلغان ئاشۇ يىلى باشلانغان.‏ ئاشۇ 2520 يىل ۋاقىت 1914-‏يىلى ئۆكتە‌بىردە ئاياغلاشقان.‏ شۇ ۋاقىتتا ‹يە‌ھۇ‌دىي ئە‌مە‌سلە‌رگە بە‌لگىلە‌پ بە‌رگە‌ن ۋاقىت› ئاياغلىشىپ،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئاسماندا پادىشاھلىق تە‌ختىدە ئولتۇ‌رغان.‏a —‏ زە‌بۇ‌ر 2:‏1–‏6؛‏ دانىيال 7:‏13،‏ 14.‏

دە‌ل ئە‌يسا ئالدىن ئېيتقاندە‌ك،‏ ئۇ ئاسماندا پادىشاھ بولغىنىدا،‏ يە‌ر يۈزىدە كىشىنى ھە‌يران قالدۇ‌رىدىغان ئۇ‌رۇ‌ش،‏ ئاچارچىلىق،‏ يە‌ر تە‌ۋرە‌ش،‏ يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للە‌رگە ئوخشاش بىر قاتار ئىشلار يۈز بە‌ردى (‏مە‌تتا 24:‏3–‏8؛‏ لۇ‌قا 21:‏11)‏.‏ ئە‌يسا ئالدىن ئېيتقان ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن يۈز بە‌رگە‌نلىكى،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ 1914-‏يىلى ئاسماندا قۇ‌رۇ‌لغانلىقىنى ۋە مۇ‌شۇ كۆز ئالدىمىزدىكى رە‌زىل زاماننىڭ «ئاخىرقى كۈنلە‌ر»نى باشلىغانلىقىنى ئېنىق ئىسپاتلىغان.‏ —‏ 2-‏تىموتىي 3:‏1–‏5.‏

a مىلادىدىن ئىلگىرىكى 607-‏يىلى ئۆكتە‌بىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1-‏يىلى ئۆكتە‌بىرگىچە 606 يىل،‏ نۆلىنچى يىل بولمىغانلىقتىن،‏ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1-‏يىلىدىن مىلادى 1914-‏يىلى ئۆكتە‌بىرگىچە 1914 يىل.‏ 606 يىلنى 1914 يىلغا قۇ‌شۇ‌ۋە‌تسە‌ك جە‌مئىي 2520 يىل بولىدۇ.‏ يېرۇ‌سالېمنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 607-‏يىلدا ۋە‌يران بولغانلىقى توغرىسىدا بىلىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نە‌شىر قىلغان «مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى چۈشىنىش» دېگە‌ن كىتابنىڭ «يىلنامە» سە‌ھىپىسىگە قاراڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش