2-باب
پاك ۋىجداننى ساقلاش
«ۋىجدانىڭلارنى ساپ تۇتۇڭلار». — 1-پېترۇس 3:16.
1، 2. نېمە ئۈچۈن كومپاس مۇھىم بىر ئەسۋاپ؟ نېمە ئۈچۈن ۋىجداننى كومپاسقا ئوخشىتىش مۇمكىن؟
دېڭىزچى دولقۇنلاپ تۇرغان بىپايان دېڭىز-ئوكيانلارنى كەزگىنىدە؛ تەۋەككۈلچىلەر چۆل-باياۋانلارنى كېسىپ ئۆتكىنىدە؛ ئۇچقۇچى ئايروپىلانىنى ھەيدەپ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ ياتقان بۇلۇتلار ئۈستىدە پەرۋاز قىلغىنىدا، ئۇلار نېمىگە مۇھتاج بولىدىغىنىنى بىلەمسىز؟ ئۇلار ھەممىسى كومپاسقا مۇھتاج. ئۇلار سەپەرلىرىدە كومپاس بولمىسا چوڭ ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىشى، بولۇپمۇ باشقا زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر يوق شارائىت ئاستىدا شۇنداق بولۇشى مۇمكىن.
2 كومپاس ئاددىيغىنا بىر ئەسۋاپ، ئۇ يۆنىلىش گرادۇسلىرى چۈشۈرۈلگەن يۇمىلاق تەخسە ۋە دائىم شىمالنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان ماگنىتلىق تىلدىن تۈزۈلىدۇ. ئۇ توغرا ئىشلىگەندە، بولۇپمۇ ئىشەنچىلىك خەرىتە بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلگەندە، كىشى ھاياتىنى خېيىم-خەتەردىن قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ. يەھۋا قىممەتلىك سوۋغات سۈپىتىدە بەرگەن، يەنى قەلبىمىزگە سالغان ئىنساپ ياكى ۋىجداننى بەزى تەرەپلەردىن كومپاسقا ئوخشىتىشقا بولىدۇ (ياقۇپ 1:17). ۋىجدان بولمىسا، ئېزىقىپ كېتىمىز. ۋىجدانىمىز توغرا سادا چىقارغىنىدا، ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ ئەگەشسەك، يول تېپىپ، كىشىلىك تۇرمۇش مۇساپىمىزدە توغرا يۆلىنىشنى ساقلىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. شۇڭا، ئاۋۋال بىز ۋىجدان دېگەن نېمە؟ ئۇ ئۆز رولىنى قانداق جارى قىلدۇرىدۇ؟ دېگەننى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى. ئاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى: (1) ۋىجدان قانداق تاۋلىنىشى مۇمكىن؟ (2) نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ۋىجدانىنى نەزەرگە ئېلىشىمىز كېرەك؟ (3) پاك ۋىجداننىڭ پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلىشى، دېگەنلەرنى مۇلاھىزە قىلىمىز.
ۋىجدان دېگەن نېمە ۋە ئۇ ئۆز رولىنى قانداق جارى قىلىدۇ
3. ۋىجدان دەپ تەرجىمە قىلىنغان گرېكچە سۆزنىڭ ئۇدۇل مەنىسى نېمە؟ مۇشۇ سۆز ئىنساننىڭ قايسى ئالاھىدە ئىقتىدارىنى كۆرسەتكەن؟
3 مۇقەددەس كىتابتا، «ئىنساپ» ياكى «ۋىجدان»، دەپ تەرجىمە قىلىنغان گرېكچە سۆزنىڭ ئۇدۇل مەنىسى، «ئورتاق بىلىش ياكى ئۆزىنى بىلىش» بولغان. يەر يۈزىدىكى باشقا جانلىقلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى، بىز يەھۋا ئاتا قىلغان ئۆزىنى بىلىش يەنى ئۆز قەلبىنى ئاڭلاش ئەقلى-ئىقتىدارىغا ئىگە. مەسىلەن، بىز ياندا قاراپ تۇرغۇچى سالاھىيىتىدە ئۆزىمىزنى كۆزىتىپ، ئۆز-ئۆزىمىزگە ھۆكۈم قىلالايمىز. ۋىجدانىمىز ئىچىمىزدە بىر گۇۋاھلىق بەرگۈچى ياكى سوت قىلغۇچىدەك ئىش-ھەرىكەت، كۆزقاراش ۋە تاللىشىمىزنىڭ توغرا-خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋىجدانىمىز چىقارغان سادا، توغرا قارار چىقىرىشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە خاتا قارار چىقىرىشتىن ساقلىنىشىمىز ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. يەنە ئۇ ئاقىلانە قارار چىقارغىنىمىز ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى كۆتۈرۈشى ياكى خاتا قارار چىقارغىنىمىز ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەتكە سېلىپ ئازابلىشى مۇمكىن.
4، 5. (1) ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانىنىڭ ۋىجدانى بار بولغىنىنى قانداق بىلىمىز؟ ئۇلار ئاللانىڭ قانۇن-پەرمانىنى كۆزگە ئىلمىغاچ، ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ (2) ساداقەتمەن كىشىلەردە ۋىجداننىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى قايسى مىساللاردىن كۆرۈۋالالايمىز؟
4 دەسلىپىدە ئىنسان يارىتىلغاندا، ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەر ئىككىسى مۇشۇ ئىقتىدارغا ئىگە قىلىنغان. ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانا ئۆزلىرىدە ۋىجدان بار بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ گۇناھ قىلغاندىن كېيىن، نومۇس ھېس قىلىشى دەل ئۇلاردا ۋىجدان بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر (يارىتىلىش 3:7، 8). ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇلار ۋىجدان ئازابى تارتقان بولسىمۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار بەكمۇ كېچىككەن ئىدى. ئۇلار ئاللانىڭ قانۇن-پەرمانىنى قەستەن كۆزگە ئىلمىغان. شۇڭا، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئىسيان كۆتۈرۈپ، پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ دۈشمىنىگە ئايلانغان. ئۇلار مۇكەممەل ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئارقىغا يېنىشقا يول يوقلىقىنى بىلەتتى.
5 نۇرغۇن نامۇكەممەل ئىنسانلار ئادەم-ئاتا ۋە ھاۋا-ئانىغا ئوخشىمىغان. ئۇلار ئۆز ۋىجدانىنىڭ چىقارغان ساداسىغا قۇلاق سالغان. مەسىلەن، ساداقەتمەن كىشى ئايۇپ مۇنداق دېيەلىگەن: «مەن ئادىل ئىكەنمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋېلىپ مۇنى تاشلىماسمەن. كۆڭلۈممۇ ئۆتكەن كۈنلىرىمنىڭ ھېچ بىرى ئۈچۈن مېنى [ئەيىبلىمەيدۇ]»a (ئايۇپ 27:6، ب ج). ئايۇپ ھەقىقەتەن ۋىجدانلىق ئادەم ئىدى. ئۇ ۋىجدانىنىڭ چىقارغان ساداسىغا كۆڭۈل قويۇپ قۇلاق سالغان ھەمدە شۇ چىققان سادانى ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە ۋە قارار چىقىرىشىغا يولباشچىلىق قىلدۇرغان. شۇڭا، ئۇنىڭ ۋىجدانى ئۇنى ئەيىبلەپ نومۇس ھېس قىلدۇرۇپ، ۋىجدان ئازابى تارتقۇزمىغاچ، مەمنۇنلۇق بىلەن يۇقىرىقىدەك سۆزلەرنى قىلالىغان. داۋۇت بىلەن ئايۇپنىڭ قانداق پەرقى بار قاراپ باقايلى: مۇقەددەس كىتاب، داۋۇت، پەرۋەردىگار يەھۋا تەرىپىدىن مەسىھ قىلىنىپ تەيىنلەنگەن پادىشاھ سائۇلغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغاندا، «داۋۇتنىڭ ئىنساپى ئۆزىنى ئۇردى»، دەپ بايان قىلىدۇ (1-سامۇئىل 24:5، ب ج). ئېنىقكى، ۋىجدانىنىڭ ئاچچىق ئازابلىشى، داۋۇتقا جەزمەن پايدىلىق بولغان، يەنى شۇنىڭدىن كېيىن ھۆرمەتسىزلىك قىلىشتىن خالىي بولۇشنى ئۇنىڭغا ئۆگەتكەن.
6. نېمە ۋىجداننىڭ بارچە ئىنسانلارغا بېرىلگەن سوۋغات ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؟
6 ۋىجداندىن ئىبارەت بۇ سوۋغات، پەقەت يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىگە بېرىلگەنمۇ؟ ئەلچى پاۋلۇسنىڭ خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن يازغان مۇنۇ سۆزلىرىنى ئويلاپ كۆرەيلى: «تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر تەبىئىي ھالدا بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن ئىشلارنى قىلسا، ئۇلار گەرچە بۇ قانۇندىن خەۋەرسىز بولسىمۇ، بۇ قانۇن ئۇلارنىڭ ئۆز قانۇنىدەك بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئۆز قەلبىدە نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلەلىشى بۇ قانۇننىڭ ئەمرلىرى قەلبىگە پۈتۈكلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ۋىجدانىمۇ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ۋىجدانى ئۇلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ، توغرا قىلغاندا بولسا ئۇلارنى ئاقلايدۇ» (رىملىقلار 2:14، 15). ھەتتا، يەھۋانىڭ قانۇنىدىن بىخەۋەر يۈرگەن ئىنسانلار بەزى چاغلاردا ۋىجدانى بەرگەن گۇۋاھلىقنىڭ تۈرتكىسىدە، پەرۋەردىگارنىڭ قائىدە-قانۇنلىرىغا مۇۋاپىق ئىش قىلىدۇ.
7. نېمە ئۈچۈن، بەزىدە ۋىجدان خاتا سادا چىقىرىشى مۇمكىن؟
7 بىراق، بەزى ئەھۋالدا ۋىجدان خاتا سادا چىقىرىشى مۇمكىن. نېمە ئۈچۈن؟ بەزىدە، كومپاس ماگنىتلىق مېتال بۇيۇملارغا يېقىن قويۇلغاندا، تەسىرگە ئۇچراپ شىمالدىن باشقا يۆنىلىشنى كۆرسىتىدۇ ياكى كومپاس ئىشەنچىلىك خەرىتە بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلمىگەندە، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ئاساسەن يوقىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر قەلبىمىزدىكى گۇناھكار خاھىشنىڭ تەسىرىگە ھەددىدىن زىيادە ئۇچرىساق، ۋىجدانىمىز چىقارغان سادا بىزگە خاتا يۆنىلىشنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ياكى پەقەت ۋىجدانىمىزنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، مۇقەددەس كىتابنىڭ توغرا كۆرسەتمىسىدىن پايدىلانمىساق، نۇرغۇنلىغان مۇھىم ئىشلاردا توغرا بىلەن خاتانى پەرقلەندۈرەلمەسلىكىمىز تۇرغانلا گەپ. ھەقىقەتەن، ۋىجدانىمىزنىڭ ئۆز رولىنى نورمال جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن يەھۋانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ يولباشچىلىقىغا مۇھتاجمىز. پاۋلۇس مۇنداق يازغان: «مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولغان ۋىجدانىممۇ بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ» (رىملىقلار 9:1). ئۇنداقتا، ۋىجدانىمىزنىڭ يەھۋانىڭ مۇقەددەس روھى بىلەن بىر ئىكەنلىكىگە قانداق جەزم قىلالايمىز؟ بۇ ۋىجدانىمىزنىڭ تاۋلىنىشىغا باغلىق.
ۋىجدان قانداق تاۋلىنىشى مۇمكىن
8. (1) قانداق قىلىپ، قەلبىمىزدىكى ئارزۇ-ھەۋەسلەر ۋىجدانىمىزغا تەسىر قىلالىشى مۇمكىن؟ ئەڭ ئاۋۋال نېمىنى ئويلىشىشىمىز لازىم؟ (2) نېمە ئۈچۈن پاك ۋىجدان بولۇشنىڭ ئۆزى يېتەرلىك ئەمەس؟ (بەت ئاستىدىكى ئىزاھاتىغا قاراڭ).
8 سىز قانداق قىلىپ ۋىجدانىڭىزغا زىت كەلمەيدىغان قارارنى چىقىرىسىز؟ قارىماققا، بەزىلەر پەقەت ئۆزىنىڭ ئوي-خىيالى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىغا ئاساسەن قارار چىقىرىشىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلار: «بۇ ۋىجدانىمغا زىت ئەمەس»، دېيىشىدۇ. كىشىنىڭ قەلبىدىكى ئارزۇ-ھەۋەسلىرى بەك كۈچىيىپ كەتسە، ھەتتا ۋىجدانىغا تەسىر قىلالايدۇ. مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «كۆڭۈل دېگەن ھەممىدىن ھىيلىگەر بولۇپ تولا ياماندۇر. كىم ئۇنى بىلەدۇر؟» (يەرەمىيا 17:9، ب ج). شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەڭ ئاۋۋال ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىزنى قانائەت تاپقۇزۇشنى ئويلىماي، ئەكسىچە يەھۋانى خۇرسەن قىلىشنى ئويلىشىمىز لازىم.b
9. يەھۋادىن ئەيمىنىش دېگەن نېمە؟ ئۇنىڭدىن ئەيمىنىش ۋىجدانىمىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟
9 ئەگەر تاۋلانغان ۋىجدانغا ئاساسەن قارار چىقارساق، ئاشۇ قارارىمىزدا شەخسىي ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىزنى قانائەت تاپقۇزۇش ئەمەس، بەلكى ئاللادىن ئەيمىنىدىغانلىقىمىز ئەكس ئېتىدۇ. قېنى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى. ساداقەتمەن ۋالىي نەھەمىيا يېرۇسالېم خەلقىدىن بەزى ئالۋان-سېلىقلارنى يىغىشقا ھەقلىق بولسىمۇ، ئەمما شۇنداق قىلمىغان. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇ خۇدانىڭ خەلقىگە زۇلۇم قىلىپ، ئۇنى رەنجىتىشنى ئۆچ كۆرۈپلا قالماي، ھەتتا شۇنداق ئوي-خىيالدا بولۇشنىمۇ ئۆچ كۆرگەن. شۇڭا ئۇ: «مەن بولسام خۇدادىن قورقۇپ مۇنداق قىلمىدىم»، دېگەن (نەھەمىيا 5:15، ب ج). پەرۋەردىگاردىن ھەقىقىي ئەيمىنىش، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئاسماندىكى ئاتىمىزنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقۇش دېمەكتۇر. بۇ بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم. چۈنكى، ئاللا يەھۋادىن ئەيمىنىش، قارار چىقارغىنىمىزدا بىزنى ئاللانىڭ سۆزىدىن يولباشچىلىق ئىزدەشكە ئۈندەيدۇ.
10، 11. ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش توغرىسىدا، مۇقەددەس كىتابتا قانداق قائىدە-نىزاملار بار؟ ئاشۇ قائىدە-نىزاملارنى ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىشىمىز ئۈچۈن قانداق قىلىپ يەھۋانىڭ يولباشچىلىقىغا ئېرىشەلەيمىز؟
10 مەسىلەن، ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشنى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرەيلى. نۇرغۇنلىرىمىز ئولتۇرۇش ياكى زىياپەتلەردە، ئىچىش ئىچمەسلىكنى قارار قىلىشقا دۇچ كېلىمىز. ئاۋۋال، ئۆزىمىزنى مۇقەددەس كىتاب تەلىم- تەربىيىسىگە ئىگە قىلىشىمىز زۆرۈر. ئۇنداقتا، مۇقەددەس كىتابتا ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئىچىش توغرىسىدا قانداق قائىدە-نىزاملار بار؟ مۇقەددەس كىتاب، مۇۋاپىق مىقداردا شاراب ئىچىشنى ئەيىبلىمەيدۇ، ئەكسىچە يەھۋانىڭ ئۈزۈم شارابى سوۋغا قىلغىنىنى تەرىپلەيدۇ (زەبۇر 104:14، 15). لېكىن، مۇقەددەس كىتاب كۆپ ئىچىشنى ۋە ئەيىش-ئىشرەت قىلىشنى ئەيىبلەيدۇ (لۇقا 21:34؛ رىملىقلار 13:13). ئۇنىڭدىن باشقا، ھاراقكەشلىك، مۇقەددەس كىتابتا زىناخورلۇق ۋە پاھىشىۋازلىققا ئوخشاش بەك ئېغىر گۇناھلار قاتارىغا تىزىلغان.c — 1-كورىنتلىقلار 6:9، 10.
11 شۇنداق قائىدە-نىزاملار، يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋىجدانىنى تەربىيىلەپ تاۋلىغان ۋە سەزگۈرلەشتۈرگەن. شۇڭا، ئولتۇرۇشلاردا ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئىچىش ياكى ئىچمەسلىكىنى قارار قىلىشقا توغرا كەلگەندە، بىز ئۆز-ئۆزىمىزدىن تۆۋەندىكىدەك سوئاللارنى سورايلى: قانداق ئولتۇرۇش ئۇيۇشتۇرۇلغان؟ ئولتۇرۇش چېكىدىن ئېشىپ، ئەيش-ئىشرەتكە ئۆزگىرىپ كېتەمدۇ؟ ئىچىشكە ئۆزەمنىڭ مەيلى بارمۇ؟ مەن ئىچىشنى ياخشى كۆرۈمەنمۇ؟ كەيپىياتىمنى ۋە سۆز-ھەرىكىتىمنى تەڭشەش ئۈچۈن شاراب ئىچىمەنمۇ؟ كۆپ ئىچمەسلىك ئۈچۈن، ئۆزۈمنى تىزگىنلىشىم كېرەكمۇ؟ بىز مۇقەددەس كىتاب قائىدە-نىزاملىرى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ پىكىر يۈرگۈزگەندە، يەھۋانىڭ كۆرسەتمە بېرىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىشىمىز كېرەك (زەبۇر 139:23، 24). مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق يەھۋانى مۇقەددەس روھى بىلەن بىزگە يولباشچىلىق قىلىشقا تەكلىپ قىلالايمىز ۋە ۋىجدانىمىزنى ياراتقۇچىنىڭ قائىدە-پرىنسىپلىرىغا ماس تەربىيىلەپ تاۋلىيالايمىز. ئەمما، قارار چىقارغاندا ئويلىنىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك يەنە بىر ئىش بار.
نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ۋىجدانىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك؟
مۇقەددەس كىتابقا ئاساسەن تاۋلانغان ۋىجدان، ھاراق-شارابلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ياكى ئىچمەسلىكنى قارار قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ
12، 13. يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ۋىجدانىدا پەرق بولۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ شۇنداق پەرققە نىسبەتەن بىز قانداق مۇئامىلىدە بولۇشىمىز كېرەك؟
12 بەزىدە، يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ۋىجدانىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە پەرق بارلىقىنى بىلگىنىڭىزدە ھەيران قالىسىز. چۈنكى، بەزىلەر مەلۇم بىرخىل ئادەت ياكى قائىدە-يوسۇنلارغا باشقىچە كۆزقاراشتا بولۇشى مۇمكىن. يەنە بەزىلەر ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشى ۋە ھېچقانداق باشقىچە كۆزقاراشتا بولماسلىقى مۇمكىن. مەسىلەن، شاراب ئىچىشنى ئالايلى. بىرى كەچقۇرۇن ئىككى-ئۈچ دوستلىرى بىلەن بىرگە ھاردۇق چىقارغاچ ئولتۇرۇپ، بىرنەچچە رومكا ئىچىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. يەنە بىرى بۇنداق قىلىشنى قوبۇل قىلالمايدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق پەرق بار؟ بۇنداق پەرقلەر سىزنىڭ قارار چىقىرىشىڭىزغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
13 ھەرخىل سەۋەب تۈپەيلى، كىشىلەر ئارىسىدا پەرق بار. كىشىلەرنىڭ كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنۈشى ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، بەزى كىشىلەر ئىلگىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، بەزىدە غالىپ كېلەلمىگەچ، شۇڭا ئاشۇ ئاجىزلىقىغا نىسبەتەن ئالاھىدە ھوشيار بولۇشنى بىلىدۇ (1-پادىشاھلار 8:38، 39). بەزىلەرنىڭ ئاجىزلىقى ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئىچىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندا، ئېھتىمال ئۇلار شۇنداق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە نىسبەتەن ئالاھىدە سەزگۈر بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بىرەيلەننى ئۆيىڭىزگە مېھمان بولۇشقا چاقىرغان بولسىڭىز، ئۇنىڭ ۋىجدانى چىقارغان سادا، سىز ئىچىشكە تەكلىپ قىلغان ئىسپىرتلىق ئىچىملىكنى ئىچىشنى رەت قىلىشقا ھەرىكەت قىلدۇرۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، كۆڭلىڭىزگە ئالامسىز؟ ئۇنى ئىچىشكە زورلامسىز؟ ياق. بەلكىم، مۇشۇ سورۇندا ئۇ كىشى رەت قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىشنى خالىماسلىقى مۇمكىن. لېكىن، سىز سەۋەبىنى بىلىڭ ياكى بىلمەڭ، قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببەت رىشتىسى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ قارارىنى ھۆرمەت قىلىسىز.
14، 15. مىلادى 1-ئەسىردىكى جامائەتچىلىكتە ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ قايسى ئىش توغرىسىدا ۋىجدانىدا پەرق بولغان؟ پاۋلۇس قانداق مەسلىھەت بەرگەن؟
14 مىلادى 1-ئەسىردە، ئەلچى پاۋلۇس ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغانلارنىڭ ۋىجدانىنىڭ پەرق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن. شۇ ۋاقىتتا، بۇتلارغا قۇربانلىققا ئاتالغان بەزى يېمەكلىكلەر توغرىسىدا، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ۋىجدانى ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلغان (1-كورىنتلىقلار 10:25). بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىنىپ، ئاندىن كېيىن بازاردا سېتىلغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش پاۋلۇسنى ۋىجدان ئازابىغا سالمىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە بۇتلار جانسىز، يېمەكلىكلەر ئۇلاردىن كەلگەن ئەمەس، ئەكسىچە يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى يەھۋادىن كەلگەن، ئۇنىڭغىلا تەئەللۇق. ئەمما، پاۋلۇس باشقىلارنىڭ بۇنداق دەپ قارىمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن. بەزىلەر بەلكىم ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى بولۇشتىن ئىلگىرى بۇتپەرەسلىككە چوڭقۇر چۆككەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار ئۈچۈن، ھەتتا بۇتپەرەسلىككە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر كىچىك ئىش ياكى نەرسە يىرگىنچلىك تۇيىلىدۇ. مۇشۇنداق پەرقنى قانداق ھەل قىلىشقا بولىدۇ؟
15 پاۋلۇس مۇنداق دېگەن: «ئېتىقادىمىز كۈچلۈك بولغان بىزلەر ھەرقانداق ئىش قىلغاندا، ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا ئويلىماستىن، ئېتىقادى ئاجىز قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك. ئەيسا مەسىھمۇ ئۆزىنى [ئويلىغان] ئەمەس» (رىملىقلار 15:1، 3). ئەلچى پاۋلۇس بىزنى مەسىھكە ئوخشاش، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقا ئۈندىگەن. پاۋلۇس يەنە بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغان يېمەكلىكلەر توغرىسىدا سۆزلەپ، مەسىھ قويلىرى ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلغاچ، مەسىھنىڭ ھەرقانداق بىر ئەتىۋارلىق قويلىرىنى ئازدۇرسا يەنى گۇناھقا باشلىسا، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىزمۇ گۆش يېمەسلىككە رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. — 1-كورىنتلىقلار 8:13؛ 10:23، 24، 31–33.
16. نېمە ئۈچۈن، باشقىلار ۋىجدانىمىز قىلىشقا يول قويمايدىغان ئىشلارنى قىلسا، ئۇلارنى ھۆكۈم قىلماسلىقىمىز لازىم؟
16 يەنە بىر جەھەتتىن، باشقىلار ۋىجدانىمىز قىلىشقا يول قويمايدىغان ئىشلارنى قىلسا، ئۇلارنى ئەيىبلىمەسلىكىمىز لازىم. چۈنكى، بىز باشقىلارنى ئۆزىمىزگە ئوخشاش بولۇشقا مەجبۇرلىمايمىز (رىملىقلار 14:10). ئەمەلىيەتتە، ھەر كىشىنىڭ ۋىجدانى باشقىلارنى ئەمەس، ئۆز-ئۆزىنى ھۆكۈم قىلىشى كېرەك. ھەزرىتى ئەيسانىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى ئەستە ساقلاڭ: «ھۆكۈم قىلماڭلار تاكى ھۆكۈم قىلىنمىغايسىزلەر» (مەتتا 7:1، ب ج). شۇڭا، جامائەتنىڭ بارچە ئەزالىرى ۋىجداندا پەرق بولۇش توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە قىلماسلىقى كېرەك. ئەكسىچە، ئۆزئارا مېھىر-مۇھەببەتلىك ۋە ئىناق-ئىتتىپاق بولۇپ، بىر-بىرىمىزگە ئازار بېرىشكە ئەمەس، بەلكى ئىلھاملاندۇرۇپ مەدەت بېرىشكە تىرىشىشىمىز لازىم. — رىملىقلار 14:19.
پاك ۋىجداننىڭ پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلىشى
پاك ۋىجدان ھاياتلىق مۇساپىمىزدا بىزگە يولباشچىلىق قىلىپ، خۇشال-خۇراملىق ۋە خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ
17. بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ۋىجدانىغا نېمە بولغان؟
17 ئەلچى پېترۇس: «ۋىجدانىڭلارنى ساپ تۇتۇڭلار»، دەپ يازغان (1-پېترۇس 3:16). ئىنساپ يەنى ۋىجدانىمىزنىڭ يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا پاك بولۇشىنىڭ ئۆزى ئاجايىپ بەخت-سائادەتتۇر! بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ۋىجدانى ئەسلا ئۇنداق ئەمەس. ئەلچى پاۋلۇس: شۇنداق كىشىلەرنى قىزىق تۆمۈر بىلەن «ئىنساپلىرى داغلىنىپ» كەتكەن، دەپ تەسۋىرلىگەن (1-تىموتىي 4:2، ب ج). قىزىتىلغان تۆمۈر بەدەننى كۆيدۈرسە تارتۇق ئىزى قالدۇرۇپ، ئۇ جاينى سەزمەس قىلىپ قويىدۇ. خۇددى سەزمەس بولۇپ كەتكەن تارتۇق ئىزىدەك، كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ خاتا قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن نومۇس ياكى گۇناھكار ھېس قىلدۇرىدىغان ۋىجدانى ئۆلۈك، يەنى ھېچقانداق سادا چىقارماس بولۇپ كەتكەن. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ۋىجدانىنىڭ ئۇلارنى ئاۋارە قىلىشىدىن قۇتۇلغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى خۇشال بولۇپ يۈرۈشمەكتە.
18، 19. (1) نومۇس ياكى گۇناھكار ھېس قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟ (2) بىز ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلغاندىن كېيىنمۇ، يەنىلا ۋىجدان ئازابى ھېس قىلساق، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
18 ئەمەلىيەتتە، گۇناھكار ھېس قىلىشىمىز ۋىجدانىمىزنىڭ سادا چىقىرىپ، خاتا قىلغانلىقىمىزنى ئېيتىپ بېرىشىنىڭ يولى بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق ھېس-تۇيغۇ گۇناھكار كىشىنى توۋا قىلىشقا ئۈندىگەندە، ھەتتا ئېغىر گۇناھلارمۇ پەرۋەردىگارنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىغا ئېرىشىشى مۇمكىن. داۋۇت پادىشاھنى ئالايلۇق، ئۇ ناھايىتى ئېغىر گۇناھ قىلغان، شۇنداقتىمۇ ئاللا ئۇنى كەچۈرگەن. چۈنكى، داۋۇت چىن قەلبىدىن سەمىمىيلىك بىلەن توۋا قىلغان. ئۇ قىلغان خاتا ئىشىدىن نەپرەتلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئاللا يەھۋانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىشنى قارار قىلغىنى ئۈچۈن، يەھۋانىڭ «[سېخى] بولۇپ ئەپۇ قىلغىلى تەييار» ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن (زەبۇر 51:1–19؛ 86:5، ب ج). ئەمما، بىز توۋا قىلىپ گۇناھىمىز كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن، يەنىلا نومۇس ۋە گۇناھكار ھېس قىلساق، ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز؟
19 بەزى چاغدا، ۋىجدانىمىزنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئەيىبلىشى سەۋەبلىك، ئۇزۇنغىچە قەلبىمىز ۋىجدان ئازابى تارتىشى مۇمكىن. لېكىن، داۋاملىق ۋىجدان ئازابى تارتىشنىڭ پايدىسى يوق. شۇنداق ئەھۋالدا، ئىنسانلارنىڭ بارچە ھېس-تۇيغۇلىرىغا قارىغاندا، يەھۋانىڭ كۆپ ئۇلۇغ ئىكەنلىكىگە، توختىماستىن بىزنى ئەيىبلەيدىغان شۇ قەلبىمىزدە ئىشەنچ تۇرغۇزىشىمىز زۆرۈر. خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ۋە كەچۈرۈمىگە ئىشەنچ قىلىپ، ئۇلارنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. شۇندىلا، باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا ئۈندەپ ئىلھاملاندۇرالايمىز (1-يۇھاننا 3:19، 20). يەنە بىر جەھەتتىن، پاك ۋىجدان — قەلبىمىزنى خاتىرجەملىككە ۋە تىنچ-ئامانلىققا ئىگە قىلىپ، بۇ دۇنيادا ئېرىشىش تەس بولغان ئاجايىپ خۇشال-خۇراملىقنى بىزگە ئاتا قىلىدۇ. ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر شۇنداق ئاجايىپ تەسەللىيگە ئېرىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە پاك ۋىجدان بىلەن يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلماقتا. — 1-كورىنتلىقلار 6:11.
20، 21. (1) مۇشۇ كىتاب سىزگە قانداق ياردەم بېرىش مەقسىتىدە يېزىلغان؟ (2) خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى بولغان بىزلەر قانداق ئەركىنلىككە ئىگە؟ ئاشۇ ئەركىنلىكنى قانداق ئىشلىتىشىمىز كېرەك؟
20 بۇ كىتاب، شەيتاننىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى مۇشۇ ئاخىر زامان كۈنلىرىدە، پاك ۋىجداننى ساقلاپ، خۇشال-خۇراملىق تېپىپ ياشىشىڭىزغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە يېزىلغان. ئەلۋەتتە، بۇ كىتاب كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدا ئويلىنىشىڭىزغا ۋە ئەمەلىي قوللىنىشىڭىزغا تېگىشلىك بولغان بارچە مۇقەددەس كىتاب قانۇن-پەرمانلىرى ۋە قائىدە-پرىنسىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋىجدانغا تاقىلىدىغان مەسىلىلەرگە كەلگەندە، ھەمىشە ئېنىق، ئاددىي قائىدە-پرىنسىپلارغا مۇراجىئەت قىلىپ ھەل قىلىشنى ئويلىماسلىق لازىم. بۇ كىتابنىڭ مەقسىتى — خۇدانىڭ سۆزىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزغا قانداق تەتبىقلاشنى ئۆگىنىشىڭىزگە ياردەم بېرىش ئارقىلىق ۋىجدانىڭىزنى تەربىيىلەپ تاۋلاش ۋە سەزگۈرلەشتۈرۈشتۇر. مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنى بىزدىن قانۇننى سۆزمۇ-سۆز ئورۇنداپ ياشاشنى تەلەپ قىلسا، ئەمما ‹مەسىھنىڭ قانۇنى›، بىزنى ۋىجدانىمىزغا ۋە مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن ياشاشقا چاقىرىدۇ (گالاتىيالىقلار 6:2). بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يەھۋا ئۆزىگە ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ئادەتتىن تاشقىرى ئەركىنلىك بەرگەن. ئەمما، ئۇنىڭ سۆزى بىزنى ئاشۇ «ئەركىنلىكنى يامان ئىشلارنى قىلىشنىڭ باھانىسى قىلىۋالماي»، يەنى ئەركىنلىكنى نىقاب قىلىۋېلىپ، ئاستىرتىن يامان ئىش قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ (1-پېترۇس 2:16). ئەمەلىيەتتە، شۇنداق ئەركىنلىك بىزنى يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلەشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان.
21 سىز يەھۋا توغرىسىدا بىلىم ئېلىشنى باشلىغىنىڭىزدا، ھاياتىڭىزدىكى مۇھىم قەدەم-باسقۇچنى باستىڭىز. مۇشۇ يولدا داۋاملىق مېڭىشىڭىز ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتاب قائىدە-قانۇنلىرىنى چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرۈشىڭىز ۋە شۇلارنى قانداق قىلىپ ئەمەلىي تۇرمۇشىڭىزغا تەتبىقلاش ئۈچۈن، ئاللاغا دۇئا قىلىپ ياردەم سورىشىڭىز كېرەك. ئەلۋەتتە، ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى، كىشىنىڭ «ئېڭى يېتىلىش جەريانىدا» ئاشىدۇ (ئىبرانىيلار 5:14). مۇقەددەس كىتاب تەربىيىلەپ تاۋلىغان ۋىجدانىڭىز، كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدا سىزنى كۆپ پايدا-مەنپەئەتكە ئىگە قىلىدۇ. خۇددى كومپاس سەپەر قىلغۇچىلارغا يولباشچىلىق قىلغاندەك، ۋىجدانىڭىز چىقارغان سادا، ئاسماندىكى ئاتىڭىزنى خۇرسەن قىلىدىغان قارارنى چىقىرىشىڭىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ. بۇ دەل خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاشنىڭ ئىشەنچىلىك يولى.
a ئىبرانىي يازمىلارنىڭ (تەۋرات، زەبۇر) ئەسلى تېكىستىدە «ۋىجدان» سۆزىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئەمما، يۇقىرىقىدەك مىساللاردىن ۋىجداننىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئايۇپنىڭ مىسالىدىكى، «كۆڭۈل» سۆزى ئېنىقكى ئادەمنىڭ ۋىجدانىنى كۆرسەتكەن. ئىنجىل تېكىستىدە ۋىجدان دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆزنى 30 قېتىمچە ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
b مۇقەددەس كىتاب شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بەزىدە پەقەت پاك ۋىجدان بولۇش يېتەرلىك ئەمەس. مەسىلەن، پاۋلۇس: «ئۆزۈمدە بىر ئەيىب بىلمىدىم ئەمما مۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئادىل دېمەيمەن بەلكى مېنى ھۆكۈم قىلغۇچى خۇداۋەندە ئۆزىدۇر»، دېگەن (1-كورىنتلىقلار 4:4، ب ج). ھەتتا، پاۋلۇسقا ئوخشاش ئىلگىرى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار، بىز پاك ۋىجدان بىلەن يەھۋا مەقبۇل قىلغان ئىشنى قىلىۋاتىمىز، دەپ ئويلاشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ۋىجدانىمىز ئۆزىمىزنىڭلا ئەمەس، بەلكى ياراتقۇچىنىڭ نەزىرىدىمۇ پاك بولۇشى مۇھىم. — ئەلچىلەر 23:1؛ 2-تىموتىي 1:3.
c كۆپلىگەن دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھاراقكەشلەرنىڭ ئۆزىنى تىزگىنلەپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىشى مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، ئۇنداق ئادەملەر ئۈچۈن «مۇۋاپىق مىقدار»، ئىچمەسلىكتىن ئىبارەت ئىكەن