كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • خ‌م 4-‏باپ 40-‏55 ب.‏
  • ھوقۇ‌قلۇ‌ق كىشىلە‌رنى ھۆرمە‌تلە‌ش

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ھوقۇ‌قلۇ‌ق كىشىلە‌رنى ھۆرمە‌تلە‌ش
  • خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • نېمە ئۈچۈن ھوقۇ‌قدارلارغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش ئاسان ئە‌مە‌س؟‏
  • نېمە ئۈچۈن ھوقۇ‌قدارلارنى ھۆرمە‌تلە‌ش كېرە‌ك؟‏
  • ئائىلىدە ھە‌قلىق ھوقۇ‌قدارلارنى ھۆرمە‌تلە‌ش
  • جامائە‌تتە ھە‌قلىق ھوقۇ‌قدارلارنى ھۆرمە‌تلە‌ش
  • بۇ دۇ‌نيانىڭ ھۆكۈمران-‏ھوقۇ‌قدارلىرىنى ھۆرمە‌تلە‌ش
  • جامائە‌تتىكى باشچىلىققا بولغان كۆز قاراش
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2021
خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
خ‌م 4-‏باپ 40-‏55 ب.‏
‏]46،‏ 47-‏به‌تله‌ردىكی سوٰره‌ت[‏

4-‏باب

ھوقۇ‌قلۇ‌ق كىشىلە‌رنى ھۆرمە‌تلە‌ش

‏«بارلىق ئىنسانلارنى ھۆرمە‌تلە‌ڭلار».‏ —‏ 1-‏پېترۇ‌س 2:‏17.‏

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ ھوقۇ‌قدارلارنى ھۆرمە‌تلە‌شتە،‏ قانداق ئە‌ھۋالغا دۇ‌چ كېلىمىز؟‏ (‏2)‏ قايسى سوئاللار توغرىسىدا ئويلىنىپ كۆرۈشىمىز كېرە‌ك؟‏

ئاتا-‏ئانا بولغۇ‌چى بالىسىدىن،‏ ئۇ قىلىشنى خالىمايدىغان مە‌لۇ‌م بىر ئىشنى قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلغاندا،‏ بالىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىدىغانلىقىغا دىققە‌ت قىلىپ باققانمۇ‌سىز؟‏ ئاتا-‏ئانىسى تە‌لە‌پ قىلغان ئىشنى قىلىشقا بالىنىڭ قارشى ئىكە‌نلىكىنى،‏ بالىنىڭ چىرايىدىن ئېنىق كۆرۈۋالالىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ بالا ئاتا-‏ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا،‏ ئۆزىنىڭ ئاتا-‏ئانىسىنىڭ باشقۇ‌رۇ‌ش ھوقۇ‌قىنى ھۆرمە‌تلىشى كېرە‌كلىكىنى بىلىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بويسۇ‌نۇ‌شنى خالىمايدۇ.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ بىز ھە‌ممىمىز يۇ‌قارقىدە‌ك ئە‌ھۋالغا دۇ‌چ كېلىمىز.‏

2 بىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا،‏ ھوقۇ‌قلۇ‌ق كىشىلە‌رنى ھۆرمە‌تلە‌ش ھە‌مىشە ئاسان ئە‌مە‌س.‏ سىزمۇ بە‌زىدە شۇ‌نداق ھېس قىلامسىز؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق ھېس قىلسىڭىز،‏ شۇ‌نداق قىيىن ھېس قىلىدىغان يالغۇ‌ز سىزلا ئە‌مە‌س.‏ ھازىر ھوقۇ‌قدارلارنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلار يوق دېيە‌رلىك بىر زاماندا ياشاۋاتىمىز.‏ لېكىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب شۇ‌نداق دە‌يدۇ‌كى،‏ بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۈستىدىكى ھە‌قلىق ھوقۇ‌قدارلارغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 24:‏21)‏.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ بىز خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاشنى خالىساق،‏ شۇ‌نداق قىلىشىمىز زۆرۈر.‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ تۆۋە‌ندىكىدە‌ك بە‌زى سوئاللارنىڭ تۇ‌غۇ‌لۇ‌شى ناھايىتى تە‌بىئىي.‏ ھوقۇ‌قدارلارغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش نېمە ئۈچۈن بىزگە شۇ‌نچە تە‌س؟‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا بىزدىن شۇ‌نداق قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ؟‏ شۇ‌نداق قىلىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بىز قايسى ئۇ‌سۇ‌لدا ھوقۇ‌قدارلارغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

نېمە ئۈچۈن ھوقۇ‌قدارلارغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش ئاسان ئە‌مە‌س؟‏

3،‏ 4.‏ گۇ‌ناھ ۋە نامۇ‌كە‌ممە‌للىك قانداق باشلانغان؟‏ نېمە ئۈچۈن گۇ‌ناھكار تە‌بىئىتىمىز،‏ ھوقۇ‌قدارلارنى ھۆرمە‌تلىشىمىزگە قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ؟‏

3 بە‌زىدە ھوقۇ‌قدارلارغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش،‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە قىيىنغا توختايدىغانلىقىنىڭ ئىككى مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بى توغرىسىدا قىسقىچە مۇ‌لاھىزە قىلىپ باقايلى.‏ بىرىنچى،‏ بىز مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س؛‏ ئىككىنچى،‏ بىزنى باشقۇ‌رۇ‌ش ھوقۇ‌قى بار كىشىلە‌رمۇ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س.‏ ئۇ‌زۇ‌ن زامانلار ئىلگىرى،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا خۇ‌داغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىغا بويسۇ‌نمىغان.‏ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ،‏ ئىنسانلار گۇ‌ناھكار ۋە نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئىسيان كۆتۈرۈش بىلە‌ن گۇ‌ناھ مە‌يدانغا كە‌لگە‌ن.‏ شۇ سە‌ۋە‌ب،‏ بۈگۈنكى كۈنگىچە بىز ئىنسانلار ئىسيان كۆتۈرۈشكە مايىل بولۇ‌پ تۇ‌غۇ‌لغانمىز.‏ —‏ يارىتىلىش 2:‏15–‏17؛‏ 3:‏1–‏7؛‏ زە‌بۇ‌ر 51:‏5؛‏ رىملىقلار 5:‏12.‏

4 بىز تۇ‌غۇ‌لۇ‌شىمىزدىن گۇ‌ناھكار تە‌بىئە‌تكە ئىگە بولغاچ،‏ كۆپچىلىكىمىز ئاسانلا تە‌كە‌ببۇ‌ر ۋە ماختانچاق بولۇ‌پ كېتىمىز.‏ ئە‌مما،‏ كە‌متە‌رلىكنى يېتىلدۈرۈش ۋە ھە‌مىشە كە‌متە‌رلىكنى ساقلاش ئۈچۈن بارچە كۈچىمىز بىلە‌ن تىرىشىشىمىز كېرە‌ك.‏ نۇ‌رغۇ‌ن يىللار ئاللاغا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلغاندىن كېيىنمۇ،‏ بە‌لكىم بىز جاھىل ۋە تە‌كە‌ببۇ‌ر بولۇ‌پ كېتىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كوراھنى ئېلىپ ئېيتساق،‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى نۇ‌رغۇ‌ن قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ كوراھ ئۇ‌لار بىلە‌ن بىرلىكتە يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌ن بولغان.‏ بىراق،‏ ئۆزىدە چوڭراق ھوقۇ‌ق بولۇ‌شنى ئارزۇ قىلغاچ،‏ تە‌پ تارتماستىن ئاشۇ زاماندىكى ئە‌ڭ مۇ‌لايىم كىشى مۇ‌ساغا قارشى چىقىپ،‏ ئىسيانچىلارغا باشچى بولغان (‏سانلار 12:‏3؛‏ 16:‏1–‏3)‏.‏ پادىشاھ ئۇ‌زىيە توغرىسىدىمۇ ئويلاپ بېقىڭ.‏ ئۇ ھاكاۋۇ‌رلۇ‌قى سە‌ۋە‌بلىك،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىبادە‌تخانىسىغا كىرىپ،‏ پە‌قە‌ت روھانىيلار قىلىشقا ھوقۇ‌قلۇ‌ق بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س خىزمە‌تنى قىلغان (‏2-‏تارىخنامە 26:‏16–‏21)‏.‏ ئاشۇ كىشىلە‌ر ئۆزلىرىنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈش ھە‌رىكىتى ئۈچۈن ئېغىر بە‌دە‌ل تۆلىگە‌ن.‏ ئاشۇ‌لارنىڭ خاتالىقلىرىدىن ساۋاققا ئىگە بولالايمىز.‏ تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق روھى،‏ ھە‌قلىق ھوقۇ‌قدارلارنى ھۆرمە‌تلىشىمىزگە قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ شۇ‌نداق ھاكاۋۇ‌رلۇ‌ققا قە‌تئىي قارشى تۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏

5.‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل كىشىلە‌ر ھوقۇ‌قىنى قانداق قالايمىقان ئىشلىتىدۇ؟‏

5 يە‌نە بىر جە‌ھە‌تتىن،‏ ھوقۇ‌ق تۇ‌تقۇ‌چىلارمۇ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانلار بولغاچ،‏ ئۇ‌لارنىڭ قىلغان ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى كىشىلە‌رنىڭ ئاشۇ ھوقۇ‌ق تۇ‌تقان ئە‌مە‌لدارلارغا بولغان ھۆرمىتىنى سۇ‌سلاشتۇ‌رۇ‌ۋە‌تكە‌ن.‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئە‌مە‌لدارلار رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تسىزلىك ۋە زوراۋانلىق بىلە‌ن ھوقۇ‌ق يۈرگۈزۈپ كە‌لگە‌چ،‏ ئىنسانىيە‌ت تارىخى ئاساسلىقى ھۆكۈمران-‏ئە‌مە‌لدارلارنىڭ ھوقۇ‌قىنى قالايمىقان ئىشلىتىشتىن ئىبارە‌ت تارىخى خاتىرىلە‌ر بىلە‌ن تولۇ‌پ كە‌تكە‌ن (‏ۋە‌ز 8:‏9)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ھۋا،‏ سائۇ‌لنى پادىشاھ بولۇ‌شقا تاللىغاندا،‏ ئۇ كە‌متە‌ر،‏ ناھايىتى ئېسىل كىشى ئىدى.‏ بىراق ئۇ،‏ كېيىنچە ھە‌سە‌تخور ۋە تە‌كە‌ببۇ‌ر بولۇ‌پ كە‌تكە‌چ،‏ ساداقە‌تمە‌ن كىشى داۋۇ‌تقا زىيانكە‌شلىك قىلغان (‏1-‏سامۇ‌ئىل 9:‏20،‏ 21؛‏ 10:‏20–‏22؛‏ 18:‏7–‏11)‏.‏ كېيىنرە‌ك،‏ داۋۇ‌ت ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغانلار ئارىسىدىكى ئە‌ڭ شۆھرە‌تلىك پادىشاھ بولغان بولسىمۇ،‏ ئۇ ئۆز ھوقۇ‌قىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ،‏ خىتلاردىن بولغان ئۇ‌رىيا ئىسىملىك كىشىنىڭ ئايالىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان،‏ ھە‌تتا شۇ گۇ‌ناھسىز كىشىنىڭ جە‌ڭدە ئۆلۈشى ئۈچۈن ئۇ كىشىنى قە‌ستە‌ن ئالدىنقى سە‌پكە ئە‌ۋە‌تكە‌ن (‏2-‏سامۇ‌ئىل 11:‏1–‏17)‏.‏ يۇ‌قىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ‌كى،‏ نامۇ‌كە‌ممە‌للىك سە‌ۋە‌بلىك،‏ كىشىلە‌رنىڭ ھوقۇ‌قىنى توغرا ئىشلىتىشى تە‌س.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ شۇ ھوقۇ‌ق تۇ‌تقانلار ياراتقۇ‌چىنى ھۆرمە‌تلىمىسە،‏ نە‌تىجىدە تېخىمۇ يامان ئىشلارنى قىلىدۇ.‏ ئە‌نگلىيىلىك بىر سىياسىيون كاتولىك دىنىنىڭ بە‌زى دىنىي يېتە‌كچىلىرىنىڭ كە‌ڭ كۆلە‌مدە زىيانكە‌شلىك قىلىش ھە‌رىكىتىنى باشلىغانلىقى توغرىسىدا تە‌سۋىرلىگە‌ن ۋە ئاخىرىدا:‏ «ھوقۇ‌ق ھە‌مىشە چىرىكلىشىدۇ،‏ مۇ‌تلە‌ق ھوقۇ‌ق كىشىنى مۇ‌تلە‌ق چىرىكلە‌شتۈرىدۇ»،‏ دە‌پ يازغان.‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ تۆۋە‌ندىكى سوئالنى مۇ‌لاھىزە قىلىپ باقايلى:‏ نېمە ئۈچۈن ھوقۇ‌قدارلارنى ھۆرمە‌تلە‌يمىز؟‏

نېمە ئۈچۈن ھوقۇ‌قدارلارنى ھۆرمە‌تلە‌ش كېرە‌ك؟‏

6،‏ 7.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋاغا بولغان مۇ‌ھە‌ببىتىمىز،‏ بىزنى نېمە قىلىشقا ئۈندە‌يدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ (‏2)‏ ئىتائە‌تچان بولۇ‌ش نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟‏ ئىتائە‌تچانلىقنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

6 ھوقۇ‌قدارلارنى ھۆرمە‌تلە‌شتىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌ب —‏ مۇ‌ھە‌ببە‌ت يە‌نى ئاللا يە‌ھۋاغا ۋە باشقىلارغا بولغان،‏ ھە‌تتا ئۆز-‏ئۆزىمىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر.‏ يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز ھە‌ممىدىن يۇ‌قىرى ئورۇ‌ندا تۇ‌رغاچ،‏ بىز ئۇ‌نىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى خالايمىز (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏11؛‏ ماركۇ‌س 12:‏29،‏ 30)‏.‏ بىز شۇ‌نى بىلىمىزكى،‏ ئېرە‌م باغدىكى ئىسيان كۆتۈرۈشتىن باشلاپ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئە‌ڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىغا يە‌نى پۈتكۈل ئالە‌مگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇ‌قىغا يە‌ر يۈزىدە داۋاملىق شە‌ك كە‌لتۈرۈلگە‌ن ۋە كۆپلىگە‌ن كىشىلە‌ر شە‌يتان تە‌رە‌پتە تۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌ھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇ‌قىنى رە‌ت قىلغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ ھوقۇ‌قىنى قوللاپ،‏ خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئۇ تە‌رە‌پتە تۇ‌رۇ‌شنى خالايمىز.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 4:‏11-‏​ئايە‌تنى ئوقۇ‌غىنىمىزدا،‏ ئاشۇ ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر قە‌لب تارىمىزنى تىترىتىدۇ.‏ ناھايىتى ئېنىقكى،‏ يە‌ھۋا پۈتكۈل ئالە‌منىڭ ھە‌قدار ھۆكۈمرانىدۇ‌ر!‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا ئۇ‌نىڭ باشقۇ‌رۇ‌شىغا بويسۇ‌نىمىز.‏

7 خۇ‌دانى ھۆرمە‌تلە‌ش،‏ ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌شنى ھە‌م ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ بىز ياراتقۇ‌چىغا ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلە‌ن بويسۇ‌نىمىز.‏ چۈنكى،‏ بىز ئۇ‌نى سۆيىمىز.‏ بىراق،‏ بە‌زىدە بويسۇ‌نۇ‌شنى ناھايىتى قىيىن ھېس قىلىمىز.‏ شۇ‌نداق ۋاقىتلاردا،‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكە‌ن كىچىك بالىغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ ئىتائە‌ت قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ‌نى ئە‌ستە ساقلايلىكى،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا،‏ ھە‌تتا ناھايىتى قىيىن ئە‌ھۋالدىمۇ،‏ ئۆزىنىڭ ئە‌رىشتىكى ئاتىسىنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇ‌نغان.‏ ئۇ ئاتىسىغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مېنىڭ ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى سېنىڭ ئىرادە‌ڭ بويىچە بولسۇ‌ن».‏ —‏ لۇ‌قا 22:‏42.‏

8.‏ (‏1)‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ يە‌ھۋانىڭ ھوقۇ‌قىغا بويسۇ‌نۇ‌ش ئۈچۈن ھە‌مىشە نېمە ئىش قىلىمىز؟‏ مۇ‌شۇ توغرىسىدا،‏ قايسى ۋە‌قە يە‌ھۋانىڭ كۆزقارىشىنى كۆرسىتىپ بە‌رگە‌ن؟‏ (‏2)‏ نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ تە‌نبىھنى قوبۇ‌ل قىلىشمىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏‏«‏نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ تە‌نبىھنى قوبۇ‌ل قىلىش‏»‏ ناملىق ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏

8 ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋا ھە‌ربىرىمىزگە شە‌خسە‌ن يۈزمۇ-‏يۈز سۆز قىلمايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۆز سۆزى بولغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە يە‌ر يۈزىدىكى ئۇ‌نىڭغا ۋە‌كىللىك قىلغۇ‌چىلار ئارقىلىق،‏ ئۇ بىز بىلە‌ن ئالاقە قىلىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا تاللاپ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە قويغان كىشىلە‌رنى ھە‌مىشە ھۆرمە‌تلە‌ش ئارقىلىق ئۇ‌نىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىغا بويسۇ‌نغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ ئە‌گە‌ر،‏ بىز ئاشۇ كىشىلە‌رگە قارشى چىقساق،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لارنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان نە‌سىھە‌ت ۋە تۈزىتىشلىرىنى قوبۇ‌ل قىلىشنى رە‌ت قىلساق،‏ ئاللاغا قارشى گۇ‌ناھ قىلغان بولىمىز.‏ ئۆتمۈشتە ئىسرائىل خە‌لقى نارازىلىق بىلدۈرۈپ،‏ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە قارشى چىققاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ شۇ‌نداق قىلمىشلىرىنى يە‌ھۋا ئۆزىگە قارشى چىققانلىق،‏ دە‌پ قارىغان ئىدى.‏ —‏ سانلار 14:‏26،‏ 27.‏

9.‏ نېمە ئۈچۈن باشقىلارغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز،‏ بىزنى ھوقۇ‌قدارلارنى ھۆرمە‌تلە‌شكە ئۈندە‌يدۇ؟‏ مىسال ئارقىلىق چۈشە‌ندۈرۈڭ؟‏

9 بىز ھوقۇ‌قدارلارنىمۇ ھۆرمە‌تلە‌يمىز،‏ شۇ‌نداق قىلىشىمىز باشقىلارغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز سە‌ۋە‌بلىكتىندۇ‌ر.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دە‌يمىز؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىزنى بىر قوشۇ‌ننىڭ ئە‌سكىرى دە‌يلى.‏ قوشۇ‌ننىڭ غە‌لبە قىلىشى،‏ ھە‌تتا مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ قېلىشى ھە‌ربىر ئە‌سكە‌رنىڭ ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى ئە‌مە‌لدارلار بىلە‌ن ھە‌مكارلىشىشى،‏ ئۇ‌لارنى ھۆرمە‌تلىشى ۋە بۇ‌يرۇ‌قلىرىغا بويسۇ‌نۇ‌شى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك.‏ ئە‌گە‌ر تە‌شكىلنىڭ بۇ‌يرۇ‌قىغا بويسۇ‌نمىسىڭىز،‏ مۇ‌شۇ قوشۇ‌ندىكى بارلىق جە‌ڭچى سە‌پداشلىرىڭىزنى خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌رگە دۇ‌چار قىلىشىڭىز مۇ‌مكىن.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ بۇ دۇ‌نيادىكى ھە‌ربىي قوشۇ‌نلار نۇ‌رغۇ‌نلىغان بالايىئاپە‌ت،‏ قانلىق پاجىئە‌لە‌رنى پە‌يدا قىلىۋاتىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ قوشۇ‌نلىرى ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىگە ماس ھە‌ققانىي ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خۇ‌دانىڭ قوشۇ‌نلىرى نە‌چچە يۈز قېتىملاپ تىلغا ئېلىنغان (‏1-‏سامۇ‌ئىل 1:‏3)‏.‏ ئۇ كۈچ-‏قۇ‌درە‌تلىك روھىي قوشۇ‌ننىڭ باش سە‌ركە‌ردىسى.‏ بە‌زىدە،‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ يە‌ر يۈزىدىكى خىزمە‌تچىلىرىنى ھە‌ربىي قوشۇ‌نلارغا ئوخشىتىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 68:‏11؛‏ ھە‌زقىيال 37:‏1–‏10)‏.‏ ئە‌گە‌ردە بىز،‏ يە‌ھۋا ئۈستىمىزگە قويغان ھە‌قلىق ھوقۇ‌قدار كىشىلە‌رگە قارشى چىقساق،‏ روھىي جە‌ڭچى سە‌پداشلىرىمىزنى خە‌ۋپ-‏خە‌تە‌رگە دۇ‌چار قىلغان بولمايمىزمۇ؟‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ بىر ئېتىقادچى جامائە‌تكە يېتە‌كچىلىك قىلىدىغان ئاقساقالغا قارشى چىقسا،‏ جامائە‌تتىكى باشقا كىشىلە‌ر زىيان-‏زە‌خمە‌تكە دۇ‌چار بولۇ‌شى تۇ‌رغانلا گە‌پ (‏1-‏كورىنتلىقلار 12:‏14،‏ 25،‏ 26)‏.‏ بالا ئاتا-‏ئانىسىغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ،‏ ئۇ‌لارغا قارشى چىقسا،‏ پۈتۈن ئائىلە زىيان-‏زە‌خمە‌ت تارتىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ھۆرمە‌ت قىلىش ۋە ھە‌مكارلىشىش روھىنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق باشقىلارغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ئىپادىلىيە‌لە‌يمىز.‏

10،‏ 11.‏ نېمە ئۈچۈن،‏ ھوقۇ‌قدارلارنى ھۆرمە‌تلە‌ش بىزگە پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تلە‌رنى ئېلىپ كېلىدۇ،‏ دە‌يمىز؟‏

10 بىز ھوقۇ‌قدارلارنى ھۆرمە‌تلە‌يمىز.‏ چۈنكى،‏ شۇ‌نداق قىلىش ئۆزىمىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇ‌ر.‏ يە‌ھۋا بىزنى ھوقۇ‌قدارلارنى ھۆرمە‌تلە‌شكە بۇ‌يرۇ‌غاندا،‏ ئۇ‌لارنى ھۆرمە‌تلە‌شنىڭ بىزگە پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ بالىلارنى ئاتا-‏ئانىسىغا بويسۇ‌نۇ‌شقا بۇ‌يرۇ‌غاندا،‏ ئۇ‌لار شۇ‌نداق قىلسا ئۇ‌زۇ‌ن ئۆمۈر كۆرۈپ،‏ بە‌ختلىك ياشايدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏تە‌كرار قانۇ‌ن 5:‏16؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 6:‏2،‏ 3)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنى جامائە‌ت ئاقساقاللىرىنى ھۆرمە‌تلە‌شكە بۇ‌يرۇ‌يدۇ،‏ شۇ‌نداق قىلىشىنىڭ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ‌لارنى ھۆرمە‌تلىمە‌سلىك يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزگە زىيان-‏زە‌خمە‌ت يە‌تكۈزىدۇ (‏ئىبرانىيلار 13:‏7،‏ 17)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنى قوغداش ئۈچۈن بۇ دۇ‌نيانىڭ ھوقۇ‌قدارلىرى،‏ يە‌نى ھۆكۈمە‌تلىرىگە بويسۇ‌نۇ‌شقا بۇ‌يرۇ‌يدۇ.‏ —‏ رىملىقلار 13:‏4.‏

11 يە‌ھۋانىڭ نېمە ئۈچۈن بىزنى ھە‌قلىق ھوقۇ‌قدارلارغا بويسۇ‌نۇ‌شقا بۇ‌يرۇ‌يدىغانلىقىنى چۈشىنىش،‏ بىزنىڭ ئاشۇ‌لارنى ھۆرمە‌تلىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ تۆۋە‌ندە،‏ تۇ‌رمۇ‌شىمىزدا قايسى ئۈچ تە‌رە‌پتىن ھوقۇ‌قدارلارنى ھۆرمە‌تلە‌شنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

ئائىلىدە ھە‌قلىق ھوقۇ‌قدارلارنى ھۆرمە‌تلە‌ش

12.‏ يە‌ھۋا،‏ ئائىلىدە ئە‌ر كىشى يە‌نى ئاتا بولغۇ‌چىغا قانداق ھوقۇ‌ق بە‌رگە‌ن؟‏ ئە‌ر كىشى ئاشۇ ھوقۇ‌قنى قانداق يۈرگۈزۈشى كېرە‌ك؟‏

12 ئۆي-‏ئوچاقلىق بولۇ‌پ،‏ ئائىلە قۇ‌رۇ‌شنى يە‌ھۋا شە‌خسە‌ن ئۆزى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان.‏ يە‌ھۋا ئۇ،‏ قائىدە-‏تە‌رتىپلىك خۇ‌دا بولغاچ،‏ ئۇ ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان ئائىلە راۋاج تېپىپ بە‌رىكە‌تلىك بولىدۇ (‏1-‏كورىنتلىقلار 14:‏33)‏.‏ ئاللا ئائىلىگە باشچىلىق قىلىش ھوقۇ‌قىنى،‏ ئە‌ر كىشى يە‌نى ئاتا بولغۇ‌چىغا بە‌رگە‌ن.‏ باشچىلىق قىلىش ھوقۇ‌قىنى يۈرگۈزۈشتە،‏ ئە‌ر كىشى چوقۇ‌م ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ جامائە‌تكە يېتە‌كچىلىك قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى ئۈلگە قىلىشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نداق قىلىش ئارقىلىق ئە‌ر كىشى،‏ ئۆز بېشى يە‌نى ئە‌يسا مە‌سىھكە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىيە‌لە‌يدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏23)‏.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئە‌ر كىشى ئۆز مە‌سئۇ‌لىيىتىنى تاشلىماي،‏ ئە‌رلىك غۇ‌رۇ‌رى بىلە‌ن مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىشى كېرە‌ك.‏ زوراۋان،‏ قوپال بولماي،‏ ئە‌كسىچە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك،‏ كۆيۈمچان ۋە غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان بولۇ‌شى لازىم.‏ شۇ‌نىمۇ ئە‌ستە ساقلىشى كېرە‌ككى،‏ ئۇ‌نىڭ ھوقۇ‌قى يە‌ھۋانىڭ ھوقۇ‌قىدىن مە‌ڭگۈ تۆۋە‌ن ئورۇ‌ندا تۇ‌رىدۇ.‏

ئاتا بولغان ئېتىقادچى باشچىلىق قىلىشتا ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىدۇ

13.‏ ئايال يە‌نى ئانا بولغۇ‌چى،‏ ئائىلىدە قانداق قىلىش ئارقىلىق يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلغان ئاساستا،‏ ئۆز مە‌سئۇ‌لىيىتىنى ئادا قىلالىشى مۇ‌مكىن؟‏

13 ئايال يە‌نى ئانا بولغۇ‌چى،‏ ئۆز ئېرىنىڭ چېۋە‌ر ياردە‌مچىسىدۇ‌ر.‏ ئائىلىدە ئايالغىمۇ ھوقۇ‌ق بېرىلگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئاناڭنىڭ تە‌لىمىنى تاشلىمىغىن» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 1:‏8،‏ ب ج)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئايالنىڭ ھوقۇ‌قى ئېرىنىڭ ھوقۇ‌قىدىن تۆۋە‌ن ئورۇ‌ندا تۇ‌رىدۇ.‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغان ئايال،‏ ئېرىنىڭ ئائىلىدە باش بولۇ‌ش مە‌سئۇ‌لىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ياردە‌م بېرىش ئارقىلىق ئېرىنىڭ ھوقۇ‌قىنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئايال ئېرىنى كە‌مسىتىپ غۇ‌رۇ‌رىنى سۇ‌ندۇ‌رماسلىقى ياكى تىزگىنلىمە‌سلىكى،‏ ئېرىنىڭ باش بولۇ‌ش ھوقۇ‌قىنى تارتىۋالماسلىقى،‏ ئە‌كسىچە ئايال ئېرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشى ۋە ماسلىشىشى كېرە‌ك.‏ ئايال ئېرىنىڭ چىقارغان قارارىغا قوشۇ‌لمىسا،‏ ھۆرمە‌ت بىلە‌ن ئۆزىنىڭ ئوي-‏پىكىر،‏ كۆزقارىشىنى ئوتتۇ‌رىغا قويسا بولىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئېرىگە چوقۇ‌م بويسۇ‌نۇ‌شى كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر ئېرى مە‌سىھنىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولمىسا،‏ ئايال قىيىن ئە‌ھۋالغا دۇ‌چ كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ ئايال ئىتائە‌تچان بولۇ‌ش ئارقىلىق ئېرىنى تە‌سىرلە‌ندۈرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋا خۇ‌دانى ئىزدىشىگە تۈرتكە بولالىشى مۇ‌مكىن.‏ —‏ 1-‏پېترۇ‌س 3:‏1.‏

14.‏ پە‌رزە‌نت بولغۇ‌چىلار،‏ قانداق قىلىش ئارقىلىق يە‌ھۋا خۇ‌دانى ۋە ئاتا-‏ئانىسىنى خۇ‌رسە‌ن قىلالايدۇ؟‏

14 پە‌رزە‌نت بولغۇ‌چىلار ئاتا-‏ئانىلىرىغا ئىتائە‌تچان بولۇ‌ش ئارقىلىق يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلالايدۇ ۋە ئاتا-‏ئانىلىرىغا شان-‏شە‌رە‌پ ۋە خۇ‌شاللىق ئېلىپ كېلە‌لە‌يدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 10:‏1)‏.‏ ئاتىسىز ياكى ئانىسىز ئائىلىدە،‏ پە‌رزە‌نت بولغۇ‌چىلار ئوخشاشلا ئىتائە‌تچان بولۇ‌پ،‏ ئاتىسى ياكى ئانىسىنىڭ،‏ پە‌رزە‌نتلىرىنىڭ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشى ۋە ماسلىشىشىغا مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىشى كېرە‌ك.‏ ئائىلىنىڭ ھە‌ربىر ئە‌زاسى،‏ يە‌ھۋا ئۆزلىرى ئۈچۈن بە‌لگىلىگە‌ن مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى ئادا قىلسا،‏ ئائىلە راۋاج تېپىپ،‏ تىنچ-‏ئامانلىق ۋە خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىققا تولىدۇ ۋە ئائىلە قۇ‌رۇ‌شنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغۇ‌چى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ شان-‏شە‌رىپى ئۇ‌لۇ‌غلىنىدۇ.‏ —‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 3:‏14،‏ 15.‏

جامائە‌تتە ھە‌قلىق ھوقۇ‌قدارلارنى ھۆرمە‌تلە‌ش

15.‏ (‏1)‏ جامائە‌تتە،‏ يە‌ھۋانىڭ ھوقۇ‌قىنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتىمىز؟‏ (‏2)‏ يېتە‌كچىلىك قىلغۇ‌چىلارغا بويسۇ‌نۇ‌شىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏يېتە‌كچىلىرىڭلارغا «ئىتائە‌ت قىلىپ ئۇ‌لارغا بويسۇ‌نۇ‌ڭلار»‏ ناملىق ئىزاھاتقا قاراڭ)‏.‏

15 يە‌ھۋا،‏ ئۆز ئوغلىنى ئېتىقادچىلار جامائە‌تچىلىكىگە باش قىلىپ تە‌يىنلىگە‌ن (‏كولوسىلىقلار 1:‏13)‏.‏ ئە‌يسا ھە‌م «ئىشە‌نچلىك ۋە زېرە‌ك چاكار [قۇ‌ل]» تاللاپ،‏ خۇ‌دانىڭ يە‌ر يۈزىدىكى خە‌لقىنىڭ روھىي ئېھتىياجىنى قامداشقا ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان (‏مە‌تتا 24:‏45–‏47‏)‏.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يېتە‌كچى كېڭە‌ش ئە‌زالىرى مۇ‌شۇ قۇ‌ل توپىغا ۋە‌كىللىك قىلىدۇ.‏ 1-‏ئە‌سىردىكى ئېتىقادچىلار جامائە‌تچىلىكىگە ئوخشاش،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش ئە‌زالىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك يە‌نى جاي-‏جايلاردىكى جامائە‌تچىلىكنى يوقلاپ،‏ ئۇ‌لاردىن خە‌ۋە‌ر ئالىدىغان ئاقساقاللار ئارقىلىق جامائە‌تچىلىكنىڭ ئاقساقاللىرىغا مە‌سلىھە‌ت ۋە كۆرسە‌تمە بېرىدۇ.‏ بىز جامائە‌تچىلىكنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ يېتە‌كچىلىك قىلىش ھوقۇ‌قىغا ھۆرمە‌ت قىلىش ئارقىلىق يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌ۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز‏.‏ —‏ ئىبرانىيلار 13:‏17.‏

16.‏ نېمە ئۈچۈن،‏ ئاقساقاللار مۇ‌قە‌ددە‌س روھ تە‌رىپىدىن تە‌يىنلە‌نگە‌ن دە‌يمىز؟‏

16 جامائە‌تچىلىكنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلىرى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س.‏ ئۇ‌لارنىڭ بىزگە ئوخشاش يېتە‌رسىزلىكى بار.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئاقساقاللار خۇ‌دانىڭ ئادە‌ملە‌رگە بە‌رگە‌ن ھە‌دىيە‌سى بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لار جامائە‌تنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادتا تە‌ۋرە‌نمە‌ي تۇ‌رالىشى ئۈچۈن ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏8)‏‏.‏ ئاقساقاللار مۇ‌قە‌ددە‌س روھ تە‌رىپىدىن تە‌يىنلە‌نگە‌ن (‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏28)‏.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دە‌يمىز؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار ئە‌ڭ ئاۋۋال خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ ئىلھامى بىلە‌ن بولغان سۆزىدە خاتىرىلە‌نگە‌ن ئۆلچە‌ملە‌رگە چوقۇ‌م لايىق بولۇ‌شى كېرە‌ك (‏1-‏تىموتىي 3:‏1–‏7،‏ 12؛‏ تىتۇ‌س 1:‏5–‏9)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىر ئە‌ر قېرىنداشنىڭ شۇ‌نداق ئۆلچە‌ملە‌رگە لايىق بولغانلىقىنى باھالايدىغان ئاقساقاللار،‏ ئىخلاس بىلە‌ن دۇ‌ئا قىلىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ يولباشچىلىق قىلىشىنى تىلە‌يدۇ.‏

17.‏ ئاياللار جامائە‌تتە بە‌زى ئىشلارنى قىلغاندا،‏ نېمە ئۈچۈن بېشىغا بىرنە‌رسە ئارتىشى كېرە‌ك؟‏

17 بە‌زى ۋاقىتتا،‏ جامائە‌تتە ئاقساقاللار ۋە ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر يوق بولۇ‌پ قېلىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق ئە‌ھۋال ئاستىدا،‏ باشقا سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتكە‌ن ئە‌ر قېرىنداش،‏ ئاددە‌تتە ئاقساقاللار ياكى ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغا،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ۋە‌ز ئېيتىشقا چىقىشتىن ئاۋۋال ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇ‌ھاكىمىگە يېتە‌كچىلىك قىلسا بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن ئە‌ر قېرىنداش يوق بولسا،‏ تە‌قۋادار ئايال قېرىنداش ئاشۇ ئىشلارنى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رسا بولىدۇ.‏ لېكىن،‏ ئايال قېرىنداش ئادە‌تتە چۆمۈلدۈرۈلگە‌ن ئە‌ر قېرىنداش قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلسا،‏ چوقۇ‌م بېشىغا بىرنە‌رسە ئارتىشى كېرە‌كa (‏1-‏كورىنتلىقلار 11:‏3–‏10)‏.‏ بۇ‌نداق تە‌لە‌پ ئاياللارنى كە‌م سۇ‌ندۇ‌رغانلىق ئە‌مە‌س.‏ ئە‌كسىچە،‏ بۇ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى بولغان ئاياللارنىڭ مە‌يلى ئائىلىدە ياكى جامائە‌تتە بولسۇ‌ن،‏ يە‌ھۋانىڭ باش بولۇ‌ش ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شىنى ھۆرمە‌تلىشىنىڭ ئە‌ڭ ياخشى پۇ‌رسىتىدۇ‌ر.‏

بۇ دۇ‌نيانىڭ ھۆكۈمران-‏ھوقۇ‌قدارلىرىنى ھۆرمە‌تلە‌ش

18،‏ 19.‏ (‏1)‏ رىملىقلار 13:‏1–‏7-‏گىچە ئايە‌تلە‌ردىكى قائىدە-‏پرىنسىپلارنى قانداق چۈشە‌ندۈرىسىز؟‏ (‏2)‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ھۆكۈمران-‏ھوقۇ‌قدارلىرىغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى قانداق كۆرسىتىمىز؟‏

18 ئە‌يسانىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ۋىجدانىغا ئاساسە‌ن،‏ رىملىقلار 13:‏1–‏7-‏گىچە ئايە‌تلە‌ردىكى قائىدە-‏پرىنسىپلارغا ئە‌مە‌ل قىلىدۇ.‏ سىز مۇ‌شۇ بىرقانچە ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌غىنىڭىزدا،‏ شۇ يە‌ردە ئېيتىلغان ‹ھۆكۈمە‌ت›،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ھۆكۈمە‌تلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايسىز.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ھۆكۈمە‌تلىرىنىڭ مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رۇ‌شىغا رۇ‌خسە‌تلا قىلىدىكە‌ن،‏ مۇ‌شۇ ھۆكۈمە‌ت داۋاملىق مۇ‌ھىم رولىنى جارى قىلدۇ‌رۇ‌پ،‏ جە‌مئىيە‌ت تە‌رتىپىنى ساقلاپ،‏ كىشىلە‌رنى ئۇ‌لارغا كېرە‌كلىك مۇ‌لازىمە‌تلە‌ر بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ دۆلە‌ت قانۇ‌نىغا رىئايە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ھۆكۈمە‌ت ئە‌مە‌لدارلىرىنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ بىز تۆلە‌شكە تېگىشلىك بولغان باجنى تۆلە‌پ،‏ ھۆكۈمە‌ت تە‌لە‌پ قىلغان ھە‌رقانداق جە‌دۋە‌ل ياكى ھۆججە‌تلە‌رنى تولدۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۆزىمىز،‏ ئائىلىمىز،‏ سودا-‏سېتىق ۋە ئىگىلىكىمىزگە چېتىلىدىغان بارلىق قانۇ‌ن-‏نىزاملارغا بويسۇ‌نۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌مما،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ھۆكۈمران-‏ھوقۇ‌قدارلىرى،‏ بىزدىن خۇ‌داغا ئىتائە‌ت قىلماسلىقنى تە‌لە‌پ قىلسا،‏ ئۇ‌لارغا بويسۇ‌نمايمىز.‏ ئە‌كسىچە،‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئە‌لچىلە‌رگە ئوخشاش:‏ «بىز ئىنسانغا ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌داغا بويسۇ‌نۇ‌شىمىز كېرە‌ك!‏»،‏ دە‌پ جاۋاب قايتۇ‌رىمىز.‏ —‏ ئە‌لچىلە‌ر 5:‏28،‏ 29؛‏ «‏كىمنىڭ ھوقۇ‌قىغا بويسۇ‌نۇ‌شۇ‌م كېرە‌ك؟‏‏»،‏ دېگە‌ن 48-‏بە‌تتىكى رامكىغا قاراڭ.‏

كىمنىڭ ھوقۇ‌قىغا بويسۇ‌نۇ‌شۇ‌م كېرە‌ك‏؟‏

قائىدە-‏پرىنسىپ:‏ «خۇ‌داۋە‌ندە ھۆكۈم قىلغۇ‌چىمىز بولۇ‌پ خۇ‌داۋە‌ندە ئۆزى شە‌رىئە‌ت بە‌رگۈچىمىزدۇ‌ر.‏ .‏.‏.‏ خۇ‌داۋە‌ندە پادىشاھىمىز».‏ —‏ يە‌شايا 33:‏22،‏ (‏ب ج)‏.‏

ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ

  • ئە‌گە‌ر بىراۋ مېنىڭدىن يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە زىت كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تە‌لە‌پ قىلسا،‏ قانداق قىلىشىم كېرە‌ك؟‏ —‏ مە‌تتا 22:‏37–‏39؛‏ 26:‏52؛‏ يۇ‌ھاننا 18:‏36.‏

  • ئە‌گە‌ر بىراۋ مېنى يە‌ھۋانىڭ ئە‌مر-‏پە‌رمانلىرىغا ئە‌مە‌ل قىلىشنى توختىتىشقا بۇ‌يرۇ‌سا،‏ قانداق قىلىشىم كېرە‌ك؟‏ —‏ ئە‌لچىلە‌ر 5:‏27–‏29؛‏ ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25.‏

  • ھە‌قلىق ھوقۇ‌قدارلارغا بويسۇ‌نۇ‌شۇ‌مغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ —‏ رىملىقلار 13:‏1–‏4؛‏ 1-‏كورىنتلىقلار 11:‏3؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 6:‏1–‏3.‏

19 بىز سۆز-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىز ئارقىلىقمۇ،‏ بۇ دۇ‌نيانىڭ ھۆكۈمران-‏ھوقۇ‌قدارلىرىنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ بە‌زىدە،‏ ھۆكۈمە‌ت ئە‌مە‌لدارلىرى بىلە‌ن يۈز تۇ‌رانە ئالاقىدە بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سمۇ پادىشاھ ھىرود ۋە ۋالىي فېستۇ‌س بىلە‌ن شۇ‌نداق ئالاقىدە بولغان.‏ ئاشۇ كىشىلە‌رنىڭ كۆپ يېتە‌رسىزلىكى بولسىمۇ،‏ پاۋلۇ‌س ئۇ‌لارغا يە‌نىلا ھۆرمە‌ت بىلە‌ن سۆز قىلغان (‏ئە‌لچىلە‌ر 26:‏2،‏ 25)‏.‏ بىز پاۋلۇ‌سنى ئۈلگە قىلىپ،‏ مە‌يلى ھۆكۈمە‌ت ئە‌مە‌لدارى ياكى ئادە‌تتىكى ساقچى بولسۇ‌ن،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن ئالاقىدە بولغاندا،‏ ھۆرمە‌ت بىلە‌ن سۆز قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ مە‌كتە‌پتە،‏ ياش ئېتىقادچىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇ‌تقۇ‌چىلىرى،‏ مە‌كتە‌پ مۇ‌دىرى ۋە باشقا خىزمە‌تچىلە‌رنى ئوخشاشلا ھۆرمە‌تلىشى كېرە‌ك.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز ئۆزىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئېتىراپ قىلغان كىشىلە‌رنى ھۆرمە‌تلە‌ش بىلە‌ن چە‌كلىنىپ قالماستىن،‏ ھە‌تتا يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىغا دۈشمە‌نلىك قىلىدىغانلارنىمۇ ھۆرمە‌تلە‌يمىز.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ باشقىلارنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىمىزنى ئېتىقادچى ئە‌مە‌سلە‌رگە ھېس قىلدۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ —‏ رىملىقلار 12:‏17،‏ 18؛‏ 1-‏پېترۇ‌س 3:‏15.‏

20،‏ 21.‏ ھوقۇ‌قدارلارغا لايىقىدا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش بىزگە قانداق بە‌رىكە‌ت ئېلىپ كېلە‌لە‌يدۇ؟‏

20 باشقىلارغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ھۆرمە‌ت كۆرسىتىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س مۇ‌نداق يازغان:‏ «بارلىق ئىنسانلارنى ھۆرمە‌تلە‌ڭلار» (‏1-‏پېترۇ‌س 2:‏17)‏.‏ باشقىلار بىزنىڭ ئۇ‌لارنى چىن كۆڭلىمىزدىن ھۆرمە‌تلە‌يدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلسا،‏ ئۇ‌لارنىڭ قە‌لبىدە چوڭقۇ‌ر تە‌سىر قالدۇ‌رۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ يادىڭىزدا بولسۇ‌نكى،‏ بۈگۈنكى كۈندە باشقىلارنى ھۆرمە‌تلە‌شنى بىلىدىغان ئادە‌ملە‌رنى ئۇ‌چرىتىش بارغانسېرى تە‌س بولۇ‌پ كە‌تتى.‏ بىز شۇ‌نداق ئېسىل ئە‌خلاق-‏پە‌زىلە‌تنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ،‏ «سىلە‌رنىڭ نۇ‌رۇ‌ڭلار ئىنسانلار ئالدىدا شۇ‌نداق چاقنىسۇ‌نكى،‏ ئۇ‌لار سىلە‌رنىڭ قىلغان ياخشى ئە‌مە‌للىرىڭلارنى كۆرۈپ،‏ ئە‌رشتىكى ئاتاڭلارغا مە‌دھىيىلە‌ر ئوقۇ‌سۇ‌ن»،‏ دېگە‌ن نە‌سىھىتىگە قۇ‌لاق سالغانلىقىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ —‏ مە‌تتا 5:‏16‏.‏

21 مۇ‌شۇ قاراڭغۇ دۇ‌نيادا،‏ روھىي يورۇ‌قلۇ‌ق ساپ دىل كىشىلە‌رنى ئۆزىگە تارتىدۇ.‏ شۇ‌ڭا ئائىلىدە،‏ ئېتىقادچىلار جامائە‌تچىلىكىدە ۋە جە‌مئىيە‌تتە باشقىلارنى ھۆرمە‌تلىسە‌ك،‏ بۇ‌نداق ئە‌خلاق-‏پە‌زىلىتىمىز بە‌زى كىشىلە‌رنى تە‌سىرلە‌ندۈرۈشى،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لارنى بىز بىلە‌ن بىرگە روھىي يورۇ‌قلۇ‌قتا مېڭىشقا ھە‌رىكە‌ت قىلدۇ‌رۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق بولسا،‏ ئۇ نېمە دېگە‌ن خۇ‌شاللىق ئىش،‏ ھە!‏ باشقىلار گە‌رچە ئېسىل ئە‌خلاق-‏پە‌زىلىتىمىز سە‌ۋە‌بلىك ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلمىسىمۇ،‏ ئە‌مما شۇ نە‌رسە بىزگە ئېنىقكى،‏ باشقىلارنى ھۆرمە‌تلە‌ش —‏ يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدۇ ۋە خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشىشىمىز ئۈچۈن ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بۇ‌نىڭدىنمۇ كاتتا مۇ‌كاپات بارمىدۇ!‏؟‏

a مۇ‌شۇ قائىدە-‏نىزامنى ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىش توغرىسىدا،‏ «‏قاچان ۋە نېمە ئۈچۈن بېشىغا بىرنە‌رسە ئارتىش كېرە‌ك؟‏‏» ناملىق قۇ‌شۇ‌مچە ئىزاھاتتە بە‌زى مە‌لۇ‌مات بېرىلدى.‏

‏«نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ تە‌نبىھنى قوبۇ‌ل قىلىش»‏

بۈگۈنكى كۈندە،‏ شە‌يتانغا ئوخشاش ئىسيان كۆتۈرۈپ،‏ تالاش-‏تارتىش قىلىش روھى بۇ دۇ‌نيانى قاپلىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ شە‌يتاننى ‹ھاۋادىكى ھۆكۈمە‌تنىڭ ئە‌مىرى›،‏ دە‌پ ئاتىغان ۋە ‹ئىتائە‌تسىزلىكنىڭ بالىلىرىدا ئىشلە‌پ تۇ‌رغان روھ›،‏ يە‌نى بويسۇ‌نماسلىق خاھىشىنىڭ شە‌يتاندىن كېلىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 2:‏2،‏ ب ج)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئادە‌ملە‌ر ھوقۇ‌قدارلارنىڭ باشقۇ‌رۇ‌شىغا پۈتۈنلە‌ي ئىتائە‌ت قىلماسلىقنى ئارزۇ قىلىدۇ.‏ ئېچىنارلىق يېرى شۇ‌كى،‏ شۇ‌نداق ئىتائە‌تسىزلىك روھى،‏ ھە‌تتا ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى جامائىتىدىكى بە‌زى كىشىلە‌رگە تە‌سىر قىلىپ كە‌لمە‌كتە.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاقساقال مېھرىبانلىق بىلە‌ن ئە‌خلاقسىز ۋە زوراۋانلىققا تولغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيە‌تلىرىنىڭ خە‌تىرى توغرىسىدا نە‌سىھە‌ت بە‌رسە،‏ ئە‌مما بە‌زىلە‌ر ئاشۇ نە‌سىھە‌تنى رە‌ت قىلىشى،‏ ھە‌تتا يامان كۆرۈشى مۇ‌مكىن.‏ ھە‌ربىرىمىز پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 19:‏20-‏​ئايە‌تتىكى (‏ب ج)‏،‏ تۆۋە‌ندىكى سۆزلە‌رگە قۇ‌لاق سېلىشىمىز زۆرۈر:‏ «دانا بولماق ئۈچۈن نە‌سىھە‌ت ئاڭلاپ ئە‌دە‌بنى قوبۇ‌ل قىلغىن».‏

مۇ‌شۇ نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىشىمىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ ئاۋۋال نېمە ئۈچۈن ئادە‌ملە‌رنىڭ نە‌سىھە‌ت ۋە تە‌نبىھكە قارشى تۇ‌رىدىغانلىقىنىڭ ئۈچ ئاساسىي سە‌ۋە‌بىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئاندىن كېيىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئاشۇ ئۈچ سە‌ۋە‌ب توغرىسىدا نېمە دە‌يدىغانلىقىغا دىققە‌ت قىلىپ باقايلى.‏

  • «مېنىڭچە ئۇ نە‌سىھە‌ت مۇ‌ۋاپىق ئە‌مە‌س».‏ بە‌لكىم بىز ئاشۇ نە‌سىھە‌ت بىزنىڭ ئە‌ھۋالىمىزغا ماس كە‌لمە‌يدۇ ياكى نە‌سىھە‌ت بە‌رگۈچى ئە‌ھۋالدىن پۈتۈنلە‌ي خە‌ۋە‌ردار ئە‌مە‌س دە‌پ قارايمىز.‏ ھە‌تتا دە‌رھال ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌پ،‏ نە‌سىھە‌تكە پە‌رۋا قىلماسلىقىمىز مۇ‌مكىن (‏ئىبرانىيلار 12:‏5)‏.‏ بىز ھە‌ممىمىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىكە‌نمىز،‏ بە‌زىدە كۆزقارىشىمىزنى ئۆزگە‌رتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 19:‏3)‏.‏ سىزگە بېرىلگە‌ن نە‌سىھە‌تنىڭ ئازراقمۇ ئورۇ‌نلۇ‌ق يېرى يوقمىدۇ؟‏ ئورۇ‌نلۇ‌ق يېرى بولسا،‏ ئۇ‌نداقتا ئورۇ‌نلۇ‌ق بولغان يېرىنى قوبۇ‌ل قىلىڭ.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مېنىڭ نە‌سىھىتىمنى چىڭ تۇ‌تۇ‌پ قويۇ‌پ بە‌رمە‌ي ئۇ‌نى ساقلىغىن چۈنكى ئۇ سېنىڭ ھاياتىڭ بولۇ‌ر».‏ —‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 4:‏13،‏ (‏ب ج)‏.‏

  • «شۇ‌نداق ئۇ‌سۇ‌لدا بېرىلگە‌ن نە‌سىھە‌تنى ياقتۇ‌رمايمە‌ن».‏ باشقىلارغا قانداق نە‌سىھە‌ت بېرىش توغرىسىدا،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى ھە‌قىقە‌تە‌ن يۇ‌قىرى ئۆلچە‌م بېكىتكە‌ن (‏گالاتىيالىقلار 6:‏1)‏.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ھە‌ممە ئادە‌م گۇ‌ناھ سادىر» قىلغان،‏ دە‌يدۇ (‏رىملىقلار 3:‏23)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ پە‌قە‌ت مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانلا ئە‌ڭ مۇ‌ۋاپىق ئۇ‌سۇ‌لدا،‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل نە‌سىھە‌تنى بېرە‌لە‌يدۇ (‏ياقۇ‌پ 3:‏2)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا،‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانلارنى ئىشلىتىپ بىزگە نە‌سىھە‌ت بېرىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ نە‌سىھە‌تنىڭ قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا بېرىلىشىگە ھە‌ددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلۈشتىن خالىي بولۇ‌ش ئاقىلانىلىقتۇ‌ر.‏ ئە‌كسىچە،‏ نە‌سىھە‌تنىڭ مە‌زمۇ‌نىغا قاراش ۋە ئۇ‌نى ئۆزىمىزگە قانداق تە‌تبىقلاش توغرىسىدا ئويلىنىش ۋە دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏

  • «ئۇ‌نىڭ ماڭا نە‌سىھە‌ت قىلىشقا سالاھىيىتى يوق!‏» ئە‌گە‌ر بىز،‏ نە‌سىھە‌ت بە‌رگۈچىنىڭ ئۆزىدە كە‌مچىلىك بار دە‌پ قاراپ،‏ ئۇ كىشىنىڭ نە‌سىھىتىگە قۇ‌لاق سالمىساق،‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكە‌ن ئىككى نۇ‌قتىنى ئويلاپ كۆرۈشىمىز زۆرۈر.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ ئە‌گە‌ر يېشىمىز،‏ تە‌جرىبىمىز ياكى جامائە‌تتىكى مە‌سئۇ‌لىيىتىمىز سە‌ۋە‌بلىك،‏ باشقىلارنىڭ نە‌سىھىتىگە مۇ‌ھتاج ئە‌مە‌سمە‌ن دە‌پ ئويلىساق،‏ شۇ‌نداق ئوي-‏خىيالىمىزنى چوقۇ‌م ئۆزگە‌رتىشىمىز كېرە‌ك.‏ قە‌دىمدە ئىسرائىل پادىشاھى ئە‌ڭ يۇ‌قىرى مە‌رتىۋىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ،‏ پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر،‏ روھانىيلار ۋە ئۆز قول ئاستىدىكى باشقا كىشىلە‌رنىڭ نە‌سىھە‌تلىرىنى قوبۇ‌ل قىلىشى كېرە‌ك ئىدى (‏2-‏سامۇ‌ئىل 12:‏1–‏13؛‏ 2-‏تارىخنامە 26:‏16–‏20)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى نامۇ‌كە‌ممە‌ل كىشىلە‌رنى نە‌سىھە‌ت بېرىشكە تە‌يىنلە‌يدۇ.‏ ئىمان-‏ئېتىقادتا يېتىلگە‌ن ئېتىقادچىلار خۇ‌شاللىق بىلە‌ن نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىدۇ ۋە ئۆزىگە تە‌تبىقلايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىزنىڭ باشقىلارغا سېلىشتۇ‌رغاندا مە‌سئۇ‌لىيىتىمىز كۆپ،‏ تە‌جرىبىمىز مول بولسىمۇ،‏ نە‌سىھە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىش ۋە ئۇ‌نى ئۆزىمىزگە تە‌تبىقلاش ئارقىلىق غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان ۋە كە‌متە‌ر بولۇ‌ش جە‌ھە‌تتە ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىشىمىز كېرە‌ك.‏ —‏ 1-‏تىموتىي 3:‏2،‏ 3؛‏ تىتۇ‌س 3:‏2.‏

روشە‌نكى،‏ ھە‌ممىمىز نە‌سىھە‌تكە مۇ‌ھتاج.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ نە‌سىھە‌ت يە‌ھۋانىڭ بىزگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ ئىپادىسىدۇ‌ر (‏ئىبرانىيلار 12:‏6–‏11)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈستىگە،‏ بىز خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاشنى خالايمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ نە‌سىھە‌تنى ئۆز ئىختىيارىمىز بىلە‌ن قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ئىتائە‌تچانلىق بىلە‌ن ئۇ‌نى ئۆزىمىزگە تە‌تبىقلايلى ۋە يە‌ھۋانىڭ ھاياتىمىزنى قۇ‌تقۇ‌زىدىغان مۇ‌شۇ سوۋغىتىغا چىن كۆڭلىمىزدىن رە‌ھمە‌ت ئېيتايلى!‏

يېتە‌كچىلىرىڭلارغا «ئىتائە‌ت قىلىپ ئۇ‌لارغا بويسۇ‌نۇ‌ڭلار»‏

قە‌دىمدە ئىسرائىلار جىددىي تە‌شكىللە‌شكە مۇ‌ھتاج بولغان ئىدى.‏ چۈنكى،‏ مىليونلىغان كىشىلە‌رنىڭ بىرلىكتە خە‌تە‌رلىك چۆل-‏باياۋاننى كېسىپ ئۆتىشىگە،‏ مۇ‌سا ئۆزى يالغۇ‌ز يېتە‌كچىلىك قىلىپ بولالمىغان.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئۇ قانداق قىلغان؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ مۇ‌سا،‏ «ئۇ ئىسرائىللار ئىچىدىن قابىلىيە‌تلىك كىشىلە‌رنى تاللاپ،‏ مىڭبېشى،‏ يۈزبېشى،‏ ئە‌للىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تە‌يىنلىدى»،‏ دە‌يدۇ.‏ —‏ چىقىش 18:‏25.‏

بۈگۈنكى كۈندە،‏ ئېتىقادچىلار جامائىتى ھە‌م شۇ‌نىڭدە‌ك تە‌شكىللە‌شكە مۇ‌ھتاج.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌ربىر جامائە‌تتىن خە‌ۋە‌ر ئالىدىغان بىرقانچە ئاقساقاللار،‏ نە‌چچە ئون جامائە‌تچىلىكنى يوقلاپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌ھۋالىدىن خە‌ۋە‌ردار بولۇ‌پ تۇ‌رىدىغان رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال،‏ بىرنە‌چچە رايوندىكى جامائە‌تچىلىكلە‌رنى يوقلاپ،‏ ئە‌ھۋالىدىن خە‌ۋە‌ردار بولۇ‌پ تۇ‌رىدىغان دائىرىگە مە‌سئۇ‌ل ئاقساقال ۋە بىر دۆلە‌تتە،‏ بىر يە‌رلىك ئىش بېجىرىش كومىتېتى ياكى تارماق ئىش بېجىرىش كومىتېتى بار.‏ مۇ‌شۇ‌نداق تە‌شكىللە‌ش سە‌ۋە‌بلىك،‏ ھە‌ربىر روھىي پادىچى ئۆزلىرى خە‌ۋە‌ر ئالىدىغان يە‌ھۋانىڭ قويلىرىغا يېقىندىن كۆز-‏قۇ‌لاق بولالايدۇ.‏ ئاشۇ پادىچىلار يە‌ھۋاغا ۋە مە‌سىھكە ھېساب بېرىدۇ.‏ —‏ ئە‌لچىلە‌ر 20:‏28.‏

مۇ‌شۇ‌نداق تە‌شكىللە‌پ ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌ش،‏ ھە‌ربىرىمىزنى بويسۇ‌نۇ‌شقا ۋە ئىتائە‌تچان بولۇ‌شقا چاقىرىدۇ.‏ بىز ھە‌رگىزمۇ دىئوتىرىپدە‌ك بولۇ‌شنى خالىمايمىز.‏ ئۇ ئۆز زامانىدا،‏ جامائە‌تكە يېتە‌كچىلىك قىلغۇ‌چىلارنى قىلچىمۇ ھۆرمە‌تلىمىگە‌ن (‏3-‏يۇ‌ھاننا 9،‏ 10)‏.‏ ئە‌مما،‏ بىز ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ:‏ يېتە‌كچىلىرىڭلارغا «ئىتائە‌ت قىلىپ ئۇ‌لارغا بويۇ‌نسۇ‌نۇ‌ڭلار چۈنكى ئۇ‌لار جانلىرىڭىز ئۈچۈن ئويغاق تۇ‌رۇ‌پ ھېساب بە‌رگۈچىلە‌ردە‌ك خە‌ۋە‌ر ئېلىپ تورۇ‌رلار.‏ شۇ‌نى خۇ‌شلۇ‌ق بىلە‌ن قىلغايلار ئۇ‌ھ تارتىش بىلە‌ن ئە‌مە‌س چۈنكى شۇ سىزلە‌رگە پايدىلىق بولمايدۇ‌ر»،‏ دېگە‌ن (‏ئىبرانىيلار 13:‏17،‏ ب ج)‏.‏ بە‌زى كىشىلە‌ر يېتە‌كچىلە‌رنىڭ كۆرسە‌تمىسىنى پە‌قە‌ت ماقۇ‌ل كۆرگە‌ن چاغدىلا،‏ ئۇ‌لارغا ئىتائە‌ت قىلىدۇ.‏ لېكىن،‏ كۆرسە‌تمىنى ماقۇ‌ل كۆرمىسە ياكى كۆرسە‌تمىنىڭ سە‌ۋە‌بىنى چۈشىنە‌لمىسە،‏ بويسۇ‌نۇ‌شنى رە‌ت قىلىدۇ.‏ شۇ‌نى ئە‌ستە ساقلاش كېرە‌ككى،‏ بويسۇ‌نۇ‌ش ھە‌تتا ئۆزىمىز خالىمىغاندىمۇ ئىتائە‌ت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھە‌ممىمىز ئۆز-‏ ئۆزىمىزدىن شۇ‌نداق سورىشىمىز كېرە‌ك:‏ ‹مە‌ن يېتە‌كچىلە‌رگە ئىتائە‌ت قىلىپ،‏ ئۇ‌لارغا بويسۇ‌نىمە‌نمۇ؟‏›‏

ئە‌لۋە‌تتە،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى جامائە‌تنىڭ ئىش-‏پائالىيە‌تلىرىدىكى ھە‌ربىر ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌ش ياكى مە‌شغۇ‌لات تە‌رتىپىنى بىر-‏بىرلە‌پ تىلغا ئالمايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ھە‌ممە ئىش تە‌رتىپ-‏قائىدىلىك بولسۇ‌ن»،‏ دە‌يدۇ (‏1-‏كورىنتلىقلار 14:‏40)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ يېتە‌كچى كېڭە‌ش ئە‌زالىرى مۇ‌شۇ ئايە‌تتىكى كۆرسە‌تمىگە بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ جامائە‌تنىڭ ئىش-‏پائالىيە‌تلىرىنىڭ راۋان ۋە تە‌رتىپ-‏نىزام بىلە‌ن ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالە‌تلىك قىلىش ئۈچۈن ھە‌رخىل كېرە‌كلىك بولغان مە‌شغۇ‌لات تە‌رتىپلىرى ۋە كۆرسە‌تمىلە‌رنى تۈزۈپ كە‌لگە‌ن.‏ مە‌سئۇ‌لىيىتى بار ئە‌ر ئېتىقادچى قېرىنداشلار (‏يە‌نى ئاقساقاللار ۋە ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر)‏،‏ شۇ‌نداق ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شلار بويىچە ئىش قىلىپ،‏ ئىتائە‌تچان بولۇ‌شنىڭ ئۈلگىسىنى قالدۇ‌رىدۇ.‏ ئۇ‌لارمۇ ئۆزلىرىنىڭ «غە‌رە‌ز ئۇ‌قىدىغان،‏ ئىتائە‌ت قىلىشقا تە‌ييار» ئىكە‌نلىكىنى،‏ ئۆزىگە يېتە‌كچىلىك قىلىدىغانلارغا كۆرسىتىدۇ (‏ياقۇ‌پ 3:‏17،‏ ي د)‏.‏ مۇ‌شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ جامائە‌ت،‏ رايون،‏ دائىرە ۋە دۆلە‌ت بە‌رىكە‌ت تېپىپ،‏ بىر توپ ئېتىقادچىلار ئىتتىپاقلىشىپ،‏ قائىدە-‏تە‌رتىپ بىلە‌ن مۇ‌بارە‌ك خۇ‌داغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرىدۇ.‏ —‏ 1-‏كورىنتلىقلار 14:‏33؛‏ 1-‏تىموتىي 1:‏11.‏

يە‌نە بىر جە‌ھە‌تتىن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئىبرانىيلار 13:‏17-‏​ئايە‌تتە (‏ب ج)‏،‏ نېمە ئۈچۈن ئىتائە‌تسىزلىك روھى يە‌نى بويسۇ‌نماسلىق خاھىشىنىڭ بولۇ‌شىنىڭ زىيانلىق ئىكە‌نلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ مە‌سئۇ‌لىيىتى بار قېرىنداشنىڭ «ئۇ‌ھ تارتىش بىلە‌ن»،‏ ئۆز مە‌سئۇ‌لىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ئىتائە‌تسىزلىك روھى سە‌ۋە‌بچى بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ جامائە‌تتە ماسلاشماسلىق،‏ ئىسيان كۆتۈرۈش روھى يە‌نى خاھىشى مە‌ۋجۇ‌ت بولسا،‏ يېتە‌كچىلىك قىلىدىغان قېرىنداش،‏ ئە‌سلىدە خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىپ،‏ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىغا ياردە‌م بېرىدىغان مۇ‌شۇ ئالاھىدە ئىمتىيازنى ئېغىر يۈكتە‌ك ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ نە‌تىجىدە،‏ «سىزلە‌رگە پايدىلىق بولمايدۇ‌ر»،‏ يە‌نى جامائە‌تنىڭ ھە‌ربىر ئە‌زالىرىغا زىيان يېتىدۇ.‏ ئىلاھىي ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شنى رە‌ت قىلىشنىڭ يە‌نە بىر زىيانلىق تە‌رىپى،‏ كىشى تە‌كە‌ببۇ‌رلۇ‌ق قىلىپ بويسۇ‌نمىسا،‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىگە زىيان يېتىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 138:‏6)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ كۆپچىلىك ھە‌ممىمىز ئىلاھىي ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شلارغا بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ ئىتائە‌تچان بولايلى!‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش