5-باب
سىلەر بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەس!
«بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەسسىلەر». — يۇھاننا 15:19.
1. ئۆلۈشتىن ئىلگىرىكى كېچىسى ئەيسا مەسىھ نېمىنى ئېنىق كۆرسەتكەن؟
ئۆلۈشتىن ئىلگىرىكى ئەڭ ئاخىرقى كېچىدە، ئەيسا مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ غېمىنى يېگەن. ئۇ ئۇلارنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا دۇئا قىلىپ، ئاسماندىكى ئاتىسىدىن مۇنداق تىلىگەن: «ئۇلارنى بۇ دۇنيادىن ئايرىۋەت دەپ ئەمەس، شەيتاندىن ساقلا، دەپ تىلەيمەن. مەن بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەستۇر» (يۇھاننا 17:15، 16). ھەزرىتى ئەيسا ئۇشبۇ چىن قەلبىدىن قىلغان دۇئاسىدا، ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە بولغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن ۋە شۇ كېچىسى، سەل ئىلگىرى ئۇلارغا قىلغان: «بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەسسىلەر»، دېگەن سۆزلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتكەن (يۇھاننا 15:19). شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولماي ياشىشى، ئەيسا ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم بولغان، ھە!
2. ھەزرىتى ئەيسا ئىشلەتكەن «بۇ دۇنيا» سۆز-ئىبارىسى نېمىنى كۆرسەتكەن؟
2 ھەزرىتى ئەيسا، «بۇ دۇنيا» دېگەن سۆز-ئىبارىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق خۇدادىن يىراقلىشىپ، شەيتاندىن كەلگەن تەكەببۇرلۇق ۋە شەخسىيەتچىلىك روھىغا قۇل بولۇپ، شەيتاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاۋاتقان بارلىق ئىنسانلارنى كۆرسەتكەن (يۇھاننا 14:30؛ ئەفەسلىكلەر 2:2؛ 1-يۇھاننا 5:19). مۇقەددەس كىتابمۇ: «ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتماقچى بولساڭلار، خۇدانىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىسىلەر»، دەيدۇ (ياقۇپ 4:4). ئەمما، خۇدانىڭ مېھىر- مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاشنى خالايدىغان كىشىلەر، بۇ دۇنيادا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئىكەن، بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولماي ياشاش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۆۋەندە بەش جەھەتتىن مۇلاھىزە ئېلىپ بارىمىز: مەسىھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان خۇدا پادىشاھلىقىغا ساداقەتمەن بولۇپ، دۇنيانىڭ سىياسىي ئىشلىرىدا بىتەرەپلىكنى ساقلاش؛ بۇ دۇنيانىڭ روھىغا قارشى تۇرۇش؛ ئۆز لايىقىدا كىيىنىش ۋە ياسىنىش؛ نەزەر كۆزىمىزنى ئىلاھىي ئىشلارغا تىكىش؛ روھىي ھاياتلىقىمىز ئۈچۈن قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن قوراللىنىش.
ساداقەتمەنلىكنى ۋە بىتەرەپلىكنى ساقلاش
3. (1) ھەزرىتى ئەيسا ئۆز زامانىدا سىياسىي ئىشلارغا قانداق كۆزقاراشتا بولغان؟ (2) نېمە ئۈچۈن، ئەيسانىڭ مەسىھ قىلىنغان شاگىرتلىرىنى ‹ئەلچىلەر›، دەپ ئاتاشقا بولىدۇ؟ (بەت ئاستىدىكى ئىزاھاتىغا قاراڭ).
3 ھەزرىتى ئەيسا ئۆز زامانىدا سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشماستىن، ئەكسىچە ئۆز نەزىرىنى كەلگۈسىدە ئۆزى پادىشاھ بولىدىغان ساماۋى ھۆكۈمەت، يەنى خۇدا پادىشاھلىقى توغرىسىدا ۋەز ئېيتىشقا قاراتقان (دانىيال 7:13، 14؛ لۇقا 4:43). شۇڭا، ئەيسا مەسىھ رىملىق ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا: «مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەس»، دېگەن ئىدى (يۇھاننا 18:36). مەسىھنىڭ ساداقەتمەن ئەگەشكۈچىلىرى، مەسىھ ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا سادىق بولۇش ئارقىلىق مەسىھنىڭ نەمۇنىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، شۇ پادىشاھلىق توغرىسىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋەز ئېيتىشىپ كەلمەكتە (مەتتا 24:14). شۇ سەۋەب، ئەلچى پاۋلۇس: «مەسىھ ئۈچۈن ئەلچىلەردۇرمىز ... . خۇدا بىلەن يارىشىڭلار، دەپ مەسىھنىڭ ئورنىدا يالۋۇرۇمىز»، دەپ يازغان.a — 2-كورىنتلىقلار 5:20، (ب ج).
4. ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى خۇدا پادىشاھلىقىغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى قانداق كۆرسىتىپ كەلمەكتە؟ («ئەيسا مەسىھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىتەرەپلىكنى ساقلىغان» ناملىق رامكىغا قاراڭ).
4 ئەلچىلەر چەتئەل ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە ئۇلار ئۆزلىرى ئەلچىلىك قىلىپ تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ؛ ئۇلار بىتەرەپلىكنى ساقلايدۇ. لېكىن، ئەلچىلەر ئۆزلىرى ۋەكىللىك قىلىدىغان دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ پايدا-مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، «ۋەتىنىمىز ئاسماندا»، دەپ ئاللا يەھۋاغا خىزمەت قىلىۋاتقان مەسىھ قىلىنغان ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمۇ ئەلچىلىك قىلماقتا (فىلىپىلىكلەر 3:20، ب ج). ئۇلار قىزغىنلىق بىلەن پادىشاھلىق ھەققىدە ۋەز ئېيتىپ، مەسىھنىڭ ‹باشقا قويلىرى› نى «خۇدا بىلەن يارىشىڭلار»، دەپ مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ يەھۋاغا يېقىنلىشىشىغا ياردەم بەرمەكتە (يۇھاننا 10:16؛ مەتتا 25:31–40). ئاشۇ باشقا قويلارمۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ مەسىھ قىلىنغان قېرىنداشلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار بىرلىكتە ماسلىشىپ، مەسىھ پادىشاھلىقىنى ھىمايە قىلىپ، بۇ دۇنيانىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلاشماي، قەتئىي بىتەرەپلىكنى ساقلاشماقتا. — يەشايا 2:2–4.
5. ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى قەدىمقى ئىسرائىل خەلقىدىن قانداق پەرقلىنىدۇ؟ شۇ سەۋەبلىك، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى نېمە قىلىشى كېرەك؟
5 ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ بىتەرەپلىكنى ساقلىشى، پەقەت مەسىھكە ساداقەتمەن بولغانلىقى سەۋەبلىكلا ئەمەس. قەدىمدە ئاللا يەھۋا ئىسرائىل خەلقىگە يەر-زېمىن بۆلۈپ بەرگەن. ئەمما، بىز ئىسرائىل خەلقىگە ئوخشىمايمىز. بىز بولساق دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى ئىمانداش ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلار چوڭ بىر ئائىلەدۇرمىز (مەتتا 28:19؛ 1-پېترۇس 2:9). شۇ سەۋەبتىن، ئەگەر بىز سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلارنى قوللىساق، خۇدا پادىشاھلىقى ئىنسانىيەتنىڭ بىردىن-بىر ئۈمىدى ئىكەنلىكى ھەققىدە پاك ۋىجدان بىلەن ۋەز ئېيتالمايمىز ۋە بىر ئائىلىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى بۇزۇلۇشى مۇمكىن (1-كورىنتلىقلار 1:10). ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر بىتەرەپلىكنى ساقلىمىساق، ئۇرۇش بولغاندا، مۇقەددەس كىتاب بىزنى سۆيۈشكە بۇيرۇغان ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا قارشى جەڭ قىلىشىمىز تۇرغانلا گەپ (يۇھاننا 13:34، 35؛ 1-يۇھاننا 3:10–12). مۇشۇ سەۋەب، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا قىلىچ كۆتۈرمەسلىكىنى ئېيتقان. ھەتتا، ئۇ شاگىرتلىرىنى ئۆز دۈشمەنلىرىنى سۆيۈشكە بۇيرۇغان. — مەتتا 5:44؛ 26:52؛ «بىتەرەپلىكنى ساقلاۋاتامدىمەن؟»، دېگەن 61-بەتتىكى رامكىغا قاراڭ.
6. ئۆزىڭىزنى خۇداغا بېغىشلاش، سىزنىڭ «قەيسەر» يەنى ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
6 ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىسى بولۇش سۈپىتىدە، بىز ھاياتىمىزنى ھەرگىزمۇ بىر ئىنسان ياكى بىر مىللەت ۋە ياكى بىر تەشكىلاتقا ئەمەس، بەلكى ياراتقۇچى يەھۋاغا بېغىشلىغانمىز. كورىنتلىقلارغا 1-خەت 6:19، 20-ئايەتلەر: «سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا مەنسۇپسىلەر»، دەيدۇ. شۇڭا، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان بىزلەر، «خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار»، دېگەن بۇيرۇققا بويسۇنىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىز «قەيسەرگە» يەنى ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇپ، ھۆرمەت كۆرسىتىمىز ۋە تۆلەشكە تېگىشلىك باجنى تۆلەيمىز (ماركۇس 12:17؛ رىملىقلار 13:1–7). ‹خۇدانىڭ ھەققى› — خۇداغا قىلغان ئىبادەتنى، پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن خۇدانى سۆيۈشنى ۋە ئۇنىڭغا ساداقەتمەنلىك بىلەن بويسۇنۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەردە زۆرۈرىيەت تۇغۇلسا، يەھۋا خۇدا ئۈچۈن ئۆز ھاياتىمىزدىن كېچىشكە تەييارمىز. — لۇقا 4:8؛ 10:27؛ ئەلچىلەر 5:29؛ رىملىقلار 14:8.
«بۇ دۇنيانىڭ روھىغا» قارشى تۇرۇش
7، 8. ‹بۇ دۇنيانىڭ روھى› دېگەن نېمە؟ بۇ روھ كىشىلەردە قانداق «ئىشلەپ» تۇرىدۇ؟
7 ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولماي ياشىشىنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى — بۇ دۇنيانىڭ رەزىل روھىغا قارشى تۇرۇشتۇر. ئەلچى پاۋلۇس: «بىزگە دۇنيانىڭ روھى بېرىلمىدى بەلكى ... خۇدادىن بولغان روھ بىزگە بېرىلدى»، دەپ يازغان (1-كورىنتلىقلار 2:12، ب ج). ئۇ يەنە ئەفەس شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلارغا: «سىزلەر بىر ۋاقىت بۇ دۇنياۋى زامانچە يۈرۈپ ھاۋادىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئەمرىگە يەنى ئىتائەتسىزلىكنىڭ بالىلىرىدا ئىشلەپ تۇرغان روھقا ئەگەشتىڭىز»، دېگەن ئىدى. — ئەفەسلىكلەر 2:2، 3، (ب ج).
8 بۇ دۇنيانىڭ ‹ھاۋاسى› يەنى روھى — كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان تەسىر كۈچ بولۇپ، كىشىلەرنى خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، «جىسمانىي ھەۋەس، ئاچكۆزلۈك» دېگەندەك ئىشلارغا قۇل بولۇشقا ئۈندەيدۇ (1-يۇھاننا 2:16؛ 1-تىموتىي 6:9، 10). بۇ دۇنيانىڭ روھى ‹ھۆكۈمىتى›، كىشىلەرنىڭ ئۈستىدىن قانداق ھۆكۈمرانلىق قىلالايدۇ؟ بۇ روھ — كىشىلەرنى گۇناھ قىلدۇرىدىغان جىسمانىي ھەۋەسكە قۇل بولۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىدۇ؛ داۋاملىق كىشىنى چىرىكلەشتۈرسىمۇ، ئۇنىڭ تەسىرىنى ھېس قىلماق تەس. بۇ روھ خۇددى ھاۋاغا ئوخشاش دۇنيانىڭ بارچە جايلىرىنى قاپلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ روھ، كىشىلەردە «ئىشلەپ تۇرغان»دا، كىشى ئاستا-ئاستا ئۆزىدە پەرۋەردىگار ياقتۇرمايدىغان — مەسىلەن، شەخسىيەتچىلىك، ھاكاۋۇرلۇق، شۆھرەتپەرەسلىك، ئۆز ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە ئىسيان كۆتۈرۈشكە ئوخشاش ناچار ئادەتلەرنى يېتىلدۈرىدۇ.b ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، بۇ دۇنيانىڭ رەزىل روھى ئاستا-ئاستا، كىشىلەردە ئىبلىسنىڭ يامانلىقلىرىنى يېتىلدۈرىدۇ. — يۇھاننا 8:44؛ ئەلچىلەر 13:10؛ 1-يۇھاننا 3:8، 10.
9. دۇنيانىڭ روھى قانداق ئۇسۇلدا، قەلبىمىزدە يىلتىز تارتىپ، ئىدىيىمىزنى زەھەرلەيدۇ؟
9 ئۇنداقتا، بۇ دۇنيانىڭ روھى قەلبىڭىزدە يىلتىز تارتىپ، ئىدىيىڭىزنى زەھەرلىيەلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە! ئەگەر سىز ھوشيارلىقىڭىزنى بوشاشتۇرۇپ قويىدىغانلا بولسىڭىز، سىزنى زەھەرلەپ قويىدۇ (پەندى-نەسىھەت 4:23). ئادەتتە، ئاشۇ روھ سەزدۈرمەستىن تەسىر قىلىشقا باشلايدۇ. مەسىلەن، بەزى خىزمەتداش ۋە باشقا ئالاقە قىلىدىغان كىشىلەر قارىماققا ياخشىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار يەھۋانى سۆيمەيدۇ (پەندى-نەسىھەت 13:20؛ 1-كورىنتلىقلار 15:33). ئۇنىڭدىن باشقا، ئېتىقادچىلارغا ماس كەلمەيدىغان ئوقۇشلۇقلارنى ئوقۇش، شەھۋانىي تور بەت ياكى يەھۋادىن يۈز ئۆرۈپ قارشىلاشقۇچىلارنىڭ تور بەتلىرىنى تاماشا قىلىش، ساغلام بولمىغان كۆڭۈل ئېچىش ۋە كۈچلۈك رىقابەت تۈسىنى ئالغان تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئارقىلىق، ئۆزىڭىزنى ئاشۇ رەزىل روھ تەرىپىدىن زەھەرلەپ قويىسىز. دەرۋەقە، شەيتان ۋە ئۇنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى بۇ رەزىل دۇنيانىڭ ئوي-پىكىرىنى تەرغىپ قىلىدىغان ھەرقانداق كىشى ياكى نەرسە سىزگە تەسىر قىلالايدۇ.
10. بۇ دۇنيانىڭ روھىغا قانداق قارشى تۇرالايمىز؟
10 قانداق قىلىپ، سەزدۈرمەستىن تەسىر قىلىدىغان بۇ دۇنيانىڭ روھىغا قارشى تۇرۇپ، داۋاملىق يەھۋانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشىيالايمىز؟ پەقەت يەھۋا بىزنىڭ روھىي يەنى مەنىۋى ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن تەمىنلىگەن بارچە ياردەمدىن تولۇق پايدىلىنىش ۋە خۇدادىن مۇقەددەس روھنى ئەۋەتىشىنى تىلەپ داۋاملىق دۇئا قىلىش ئارقىلىقلا شۇنداق قىلالايمىز. چۈنكى يەھۋا خۇدا، ئىبلىس شەيتان ۋە ئۇنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى بۇ رەزىل دۇنيانىڭ روھىدىن كۆپ ئۇلۇغدۇر (1-يۇھاننا 4:4). شۇنىڭ ئۈچۈن، دۇئا ئارقىلىق يەھۋاغا يېقىن بولۇشىمىز ناھايىتى مۇھىم!
ئۆز لايىقىدا كىيىنىش ۋە ياسىنىش
11. بۇ دۇنيانىڭ روھى كىشىلەرنىڭ كىيىنىش ئۆلچىمىگە قانداق تەسىر كۆرسەتمەكتە؟
11 بىر ئادەمنىڭ كىيىنىشى، ياسىنىشى ۋە تازىلىقى ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇنلىغان ئەل خەلقى ئارىسىدا كىيىنىش ئۆلچىمى شۇنداق تۆۋەنلەپ كەتتىكى، مۇشۇ توغرىسىدا بىر تېلېۋىزىيە ئوبزورچىسى: ھازىر كۆپلىگەن قىزلارنىڭ كىيىنىشىگە، ئۇزۇنغا بارماي بىچارە پاھىشىلەر كىيىدىغانغا نەرسە تاپالمايدىغان بولدى، دەپ ئېيتقان. يەنە، بىر گېزىت مۇخبىرى: «زامانغا ئەگىشىپ مودا كىيىنىپ، كىشىنى ئۆزىڭگە قارىتاي دېسەڭ، ئۇياتلىق جايلىرىڭنى ئېچىۋەت»، دېگەن يۈزلىنىش خاھىشى، ھەتتا قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارغا تەسىر قىلماقتا، دەپ يازغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۈگۈنكى كۈندە مودا كىيىنىشنىڭ يەنە بىر يۈزلىنىشى، ئىسيانكارلىق ۋە ھۆرمەتسىزلىك روھىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن پەل- پەتىش، چاكىنا كىيىنىش بولۇپ قالدى.
12، 13. كىيىنىش ۋە ياسىنىشىمىز نېمىنى ئىپادىلىشى كېرەك؟
12 يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇش سۈپىتىدە، سىرتقى كۆرۈنۈشىمىزگە ئېتىبار بېرىپ رەتلىك، پاكىزە، كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان ۋە سورۇنغا مۇۋاپىق كىيىنىشنى ئەلۋەتتە خالايمىز. خۇدادىن ئەيمىنسەك، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولايلى، ھەرقانداق ۋاقىتتا ‹مۇۋاپىق كىيىنىپ›، سىرتقى كۆرۈنۈشىمىز ئەدەپ-ئەخلاقىمىزنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ‹ياخشى ئەمەللەرنى› قىلىشىمىز زۆرۈر. ئەلۋەتتە، بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز دىققەت ئېتىبارىمىزنى ئۆز- ئۆزىمىزگە قارىتىش ئەمەس، بەلكى ‹ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ساقلاپ ياشاشتۇر› (1-تىموتىي 2:9، 10؛ يەھۇدا 21). دەرھەقىقەت، بىز مۇقەددەس كىتابنىڭ گۈزەللىكىڭلار بولسا، «قەلبىڭلاردىكى ئۆچمەس گۈزەللىك، ... بولسۇن»، دېگەن نەسىھىتى بويىچە ئۆزىمىزنى زىننەتلەشنى ئۈمىد قىلىمىز. «چۈنكى، بۇنداق گۈزەللىك خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر». — 1-پېترۇس 3:3، 4.
13 شۇنىمۇ ئەستە ساقلايلىكى، كىيىنىش ۋە ياسىنىشىمىز باشقىلارنىڭ ھەقىقىي ئىبادەت قىلىشقا قانداق كۆز قاراشتا بولۇشىغا تەسىر قىلالايدۇ. ‹مۇۋاپىق كىيىنىش›، دەپ تەرجىمە قىلىنغان گرېكچە سۆز، ئەخلاق-پەزىلەت تەرەپتىن ئىشلىتىلگەندە، ئۇلۇغلىماق ۋە ئەيمەنمەك، دېگەن مەنىلەرنى كۆرسەتكەندىن سىرت، باشقىلارنىڭ ئوي-پىكىر ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىغا ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلدۈرۈشنىمۇ كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، باشقىلارنىڭ ۋىجدانىنى نەزەرگە ئېلىش، بىزنىڭ قانداق كىيىنىشنى تاللاش ئەركىنلىكىمىزدىن بەكرەك مۇھىمدۇر. ئەڭ مۇھىمى، ھەممىمىز يەھۋا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە شان-شەرەپ كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداق ئىكەن، مۇقەددەس كىتابنىڭ «قانداقلا ئىش قىلىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر، ئۇنى پەقەت خۇدانىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار»، دېگەن سۆزلىرىگە قۇلاق سالساق، ئۆزىمىزنىڭ خۇدانىڭ خىزمەتكارى ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتەلەيمىز. — 1-كورىنتلىقلار 4:9؛ 10:31؛ 2-كورىنتلىقلار 6:3، 4؛ 7:1.
تاشقى قىياپىتىم يەھۋاغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلەمدۇ؟
14. تاشقى قىياپەت ۋە شەخسىي تازىلىقىمىز توغرىسىدا، ئۆز-ئۆزىمىزدىن قايسى سوئاللارنى سورىشىمىز كېرەك؟
14 بىز ۋەز ئېيتىش خىزمىتىنى قىلغاندا ياكى ئېتىقادچىلار يىغىلىشلىرىغا قاتناشقاندا كىيىنىش، ياسىنىش ۋە تازىلىقىمىزغا دىققەت قىلىشىمىز بەكمۇ مۇھىم. ئۆز-ئۆزىمىزدىن مۇنداق سوراپ باقايلى: مېنىڭ تاشقى قىياپىتىم ۋە شەخسىي تازىلىقىم كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتىپ قالامدۇ؟ باشقىلارنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويارمۇ؟ مەن كىيىنىشتە ئۆزۈمنىڭ تاللاش ئەركىنلىكىنى، جامائەت تاپشۇرغان خىزمەتنى قىلىش ئىمتىيازدىنمۇ بەك مۇھىم ئورۇنغا قويىمەنمۇ؟ — زەبۇر 68:6؛ فىلىپىلىكلەر 4:5؛ 1-پېترۇس 5:6.
15. نېمە ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتابتا كىيىنىش، ياسىنىش ۋە تازىلىق توغرىسىدا بىر قاتار قائىدە-قانۇنلار تەپسىلىي كۆرسىتىلمىگەن؟
15 ئاللا يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتابتا كىيىنىش، ياسىنىش ۋە تازىلىق توغرىسىدا، بىر قاتار قائىدە-قانۇنلار تەپسىلىي كۆرسىتىلمىگەن. يەھۋا بىزنى تاللاش ئەركىنلىكىمىزدىن مەھرۇم قىلىپ، تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىمىزنى چەكلەشنى خالىغان ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ، بىزنىڭ مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن قارار چىقىرالايدىغان، پىشىپ يېتىلگەن كىشىلەردىن بولۇشىمىزنى خالايدۇ. چۈنكى، ئۇنداق كىشىلەرنىڭ «ئېڭى يېتىلىش جەريانىدا ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە كۆنگەندۇر» (ئىبرانىيلار 5:14). ھەممىدىن مۇھىمى، پەرۋەردىگارنى ۋە باشقىلارنى سۆيۈشتۇر. ئۇ بىزدىن مۇشۇ بۇيرۇققا ئاساسەن ئىش قىلىشىمىزنى كۈتىدۇ (ماركۇس 12:30، 31). گەرچە بەزى قائىدە-پرىنسىپلار بىزگە مەلۇم دائىرىدە چەك قويسىمۇ، ئەمما كىيىنىش ۋە ياسىنىشتا، بىز يەنىلا كۆپ ئەركىنلىككە ئىگە. بىز بۇنى، يەھۋانىڭ خەلقى يەرشارىنىڭ قايسى بۈرجىكىدە ياشىسۇن، ئۇلارنىڭ ھەرخىل رەڭدار كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشىپ، شاد- خۇراملىققا تولۇپ ياشاۋاتقانلىقىدىن ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.
«ساپ» كۆزىمىز بىلەن نەزىرىمىزنى ئىلاھىي ئىشلارغا تىكەيلى!
16. بۇ دۇنيانىڭ روھى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىمى ئوتتۇرىسىدا قانداق قارىمۇ-قارشىلىق بار؟ ئۆز-ئۆزىمىزدىن قايسى سوئاللارنى سوراپ بېقىشىمىز كېرەك؟
16 بۇ دۇنيانىڭ روھى يالغانچىدۇر. ئۇ بەخت-سائادەت بايلىق ۋە ماددىي نەرسىلەر ئارقىلىق كېلىدۇ، دەپ مىليونلىغان كىشىلەرنى ئازدۇرماقتا. ئەمما، ئەيسا مەسىھ: «كىشى ھەرقانچە باي بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ ھاياتى مال-مۈلكىنىڭ كۆپلۈكىگە باغلىق ئەمەس»، دېگەن ئىدى (لۇقا 12:15). ئەيسا مەسىھ: «ئۆزىنىڭ خۇداغا مۇھتاجلىقىنى تونۇپ يەتكەنلەر» ۋە «ساپ» كۆز بىلەن نەزىرىنى ئىلاھىي ئىشلارغا تىككەنلەر ھاياتلىق ۋە ھەقىقىي بەخت- سائادەتكە ئېرىشىدۇ، دەپ تەلىم بەرگەن. بىراق، ئۇنىڭ تەلىملىرى ھەرگىزمۇ ھەممىدىن ۋاز كېچىپ، تەركىدۇنياچىلىق يولىغا مېڭىشنى كۆرسەتمەيدۇ (مەتتا 5:3؛ 6:22، 23، ب ج). ئۇنداقتا، ئۆز-ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ: مەن ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىگە ھەقىقەتەن ئىشىنىمەنمۇ؟ ياكى ‹يالغانچىلىقنىڭ پىرى› ماڭا تەسىر قىلدىمۇ؟ (يۇھاننا 8:44). مېنىڭ گەپ-سۆز، ئارزۇ-نىشان، قارارلىرىم ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش يولۇم زادى نېمىنى ئاشكارا قىلىدۇ؟ — لۇقا 6:45؛ 21:34–36؛ 2-يۇھاننا 6.
17. نەزەر كۆزىنى ئىلاھىي ئىشلارغا تىككەنلەر ئېرىشىدىغان پايدا-مەنپەئەتلەردىن بىرقانچىنى ئېيتىپ بېرىڭ؟
17 ھەزرىتى ئەيسا: «ھېكمەت بەرگەن مېۋىسى بىلەن تونۇلىدۇ»، دېگەن ئىدى (مەتتا 11:19). ساپ كۆزىنى ئىلاھىي ئىشلارغا تىككەنلەرنىڭ ئېرىشكەن بەزى پايدا-مەنپەئەتلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى. خۇدا پادىشاھلىقىغا خىزمەت قىلىپ — ئۇلار ھەقىقىي كۆڭۈل ئاراملىقى تاپىدۇ (مەتتا 11:29، 30). نۇرغۇنلىغان ئارتۇقچە غەم-ئەندىشىلەر ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن خالىي بولالايدۇ (1-تىموتىي 6:9، 10). ئۇلار زۆرۈر بولغان تۇرمۇش لازىمەتلىرىگە ئىگە بولسىلا، شۇنىڭغا شۈكۈر-قانائەت قىلغاچ، كۆپ ۋاقتىنى ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە سەرپ قىلىدۇ. شۇندىلا، ئۇلار شىرىن-تاتلىق ئۇخلىيالايدۇ (ۋەز 5:12). ھەمدە «بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەخت»، دېگەن قائىدە-پرىنسىپ بويىچە، قولىدىن كەلگىنىچە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزىگە خۇشاللىق تاپالايدۇ (ئەلچىلەر 20:35). شۇ ئارقىلىق، ئۇلار «ئۈمىدكە تولۇپ»، خاتىرجەملىك ۋە شۈكۈر-قانائەت تېپىپ ياشايدۇ (رىملىقلار 15:13؛ مەتتا 6:31، 32). مانا بۇلار مال-دۇنياغا سېتىۋالغىلى بولمايدىغان بەخت-سائادەتتۇر!
قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن قوراللىنىش
18. مۇقەددەس كىتاب دۈشمىنىمىزنى، ئۇنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇللىرىنى ۋە قىلىدىغان جېڭىمىزنى قانداق تەسۋىرلىگەن؟
18 خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشىغانلارنى، ئۇ ھىمايە قىلىپ، شەيتاننىڭ ھۇجۇملىرىدىن قوغدايدۇ. چۈنكى، شەيتاننىڭ قارا نىيىتى بولسا، ئاللا يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشتىن توسۇپ، ئۇلارنى خۇشال-خۇراملىقتىن، ھەتتاكى مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتىن مەھرۇم قىلىشتۇر (1-پېترۇس 5:8). ئەلچى پاۋلۇس: «بىز ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى يامان روھىي كۈچلەر دۇنياسىدىكى ھۆكۈمرانلارغا، ھوقۇقدارلارغا، بۇ قاراڭغۇ دۇنيانىڭ كۆرۈنمەس كۈچلىرىگە ۋە باشقا رەزىل روھىي كۈچلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتىمىز»، دېگەن (ئەفەسلىكلەر 6:12). «جەڭ» دېگەن سۆز، بىزنىڭ يىراق ئارىلىقتا تۇرۇپ ياكى ئىستىھكام ئىچىگە يۇشۇرۇنۇپ، يىراقتىكى دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ، ئەكسىچە يېقىن ئارىلىقتا تىغمۇ-تىغ تۇرۇپ جەڭ قىلىشىمىزنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، «ھۆكۈمرانلار»، «ھوقۇقدارلار» ۋە «بۇ قاراڭغۇ دۇنيانىڭ كۆرۈنمەس كۈچلىرى»، دېگەن سۆز-ئىبارىلەرمۇ روھلار دۇنياسىنىڭ ناھايىتى تەشكىللىك ۋە مەقسەتلىك ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
19. ئېتىقادچىلارنىڭ روھىي قوغدىنىش قوراللىرىنى تەسۋىرلەپ بېرىڭ؟
19 گەرچە ئىنسان ئاجىز ۋە كۈچى چەكلىك بولسىمۇ، بىراق بىز غەلبە قىلالايمىز. قانداق قىلىپ دەمسىز؟ «خۇدا ئاتا قىلغان قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن تولۇق» قوراللىنىش ئارقىلىق غەلبە قىلالايمىز (ئەفەسلىكلەر 6:13). ئاشۇ قوراللار تىلغا ئېلىنغاندا، ئەفەسلىكلەر 6:14–18-ئايەتلەر مۇنداق دەيدۇ: «بۇ جەڭدە پۇت تىرەپ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن، بېلىڭلارغا ھەقىقەت كەمىرىنى، كۆكسۈڭلارغا ھەققانىيلىق ساۋۇتىنى تاقاڭلار. خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇش توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر چورۇقىنى كىيىپ، تەييار تۇرۇڭلار. مانا بۇلارغا قوشۇپ، شەيتاننىڭ بارلىق ئوت تۇتاشتۇرۇلغان ئوقلىرىنى توسۇپ قالالايدىغان ئېتىقاد قالقىنىنى قولۇڭلارغا ئېلىڭلار. خۇدا ئاتا قىلغان قۇتقۇزۇلۇش دۇبۇلغىسىنى [ياكى، ئۈمىدىنى] كىيىڭلار ۋە مۇقەددەس روھ قىلىچى، يەنى خۇدانىڭ سۆزىنى مەھكەم تۇتۇڭلار. ھەمىشە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، ئىلتىماسىڭلارنى ئېيتىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىڭلار».
20. بىز ھەقىقىي ئەسكەرلەردىن قانداق پەرق قىلىمىز؟
20 يەھۋا خۇدا، روھىي قوغدىنىش قوراللىرىنى بىزگە ئاتا قىلغان ئىكەن، ھەمىشە ئاشۇ قوراللار بىلەن قوراللانساق، ئۇلار بىزنى قوغدايدۇ ۋە ھەرگىز مەغلۇپ بولمايمىز. ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار، ھەقىقىي ئەسكەرلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئەسكەرلەر تىنچلىق دەۋىردە ئۇرۇش قىلماي تۇرغىندا، ئارام ئالىدۇ. لېكىن، خۇدا تاكى شەيتاننىڭ رەزىل دۇنياسىنى ۋەيران قىلىپ، ھەممە يامان روھلارنى تېگى يوق ھاڭغا تاشلىۋەتكۈچە، خۇداغا ئىبادەت قىلغۇچىلار ھەمىشە ھايات-ماماتلىق جەڭ قىلىدۇ (ۋەھىيلەر 12:17؛20:1–3). شۇڭا، ئەگەر ئۆز كەمچىلىكىڭىز ۋە خاتا ئارزۇ-ھەۋىسىڭىز بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان بولسىڭىز، ھەرگىز بەل قۇيۇۋەتمەڭ! چۈنكى، ‹تېنىمىزنى ئېتىقاد يولىدا ياشاشقا قاتتىق كۆندۈرۈپ، ئۆزىمىزنى تىزگىنلەش› ئارقىلىقلا، ياراتقۇچىمىزغا بولغان ساداقەتمەنلىكنى ساقلىيالايمىز (1-كورىنتلىقلار 9:27). ئەگەر بىز جەڭ قىلمىساق، شۇندىلا خاتىرجەمسىزلىنىپ ئەنسىرىشىمىز كېرەك.
21. نېمە ئىش قىلىش ئارقىلىق روھىي جەڭدە غەلبىگە ئېرىشەلەيمىز؟
21 بىراق، بۇ جەڭدە ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ غەلبە قىلالمايمىز. شۇ سەۋەب، ئەلچى پاۋلۇس بىزنى «ھەمىشە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، ئىلتىماسىڭلارنى ئېيتىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىڭلار»، دەپ يەھۋادىن تىلەشكە چاقىرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەھۋانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭ سۆزىنى تەتقىق قىلىشىمىز ۋە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «بىز بىلەن بىللە كۈرەش قىلغان» قېرىنداشلىرىمىز بىلەن يىغىلىپ جەم بولۇپ تۇرۇشىمىز كېرەك. چۈنكى، بىز يالغۇز جەڭ قىلمايمىز (فىلىمۇن 2؛ ئىبرانىيلار 10:24، 25). يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلارنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئورۇندىغان كىشىلەر پەقەت جەڭدە غەلبە قىلىپلا قالماي، يەنە ئىمان-ئېتىقادى سىناققا دۇچ كەلگەندە، مۇستەھكەم قوغداشقا تەييار تۇرالايدۇ.
ئىمان-ئېتىقادنى مۇستەھكەم قوغداشقا تەييار تۇرۇش
22، 23. (1) ئىمان-ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەم قوغداش ئۈچۈن نېمىشقا چوقۇم تەييار تۇرۇشىمىز زۆرۈر؟ ئۆز-ئۆزىمىزدىن قايسى سوئاللارنى سوراپ بېقىشىمىز كېرەك؟ (2) كېيىنكى بابتا نېمە توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىمىز؟
22 ھەزرىتى ئەيسا: «بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەسسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ»، دېگەن ئىدى (يۇھاننا 15:19). شۇڭلاشقا، ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى ھەر دائىم ئىمان-ئېتىقادىنى مۇستەھكەم قوغداشقا چوقۇم تەييار تۇرۇپ، مۇلايىملىق ۋە ھۆرمەت بىلەن ھەقىقەتنى ياقلايدۇ (1-پېترۇس 3:15، 16). ئۆز-ئۆزىڭىزدىن تۆۋەندىكى سوئاللارنى سوراپ بېقىڭ: ‹يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ بەزىدە دۇنيا كىشىلىرىگە ئوخشىمايدىغان مەيداندا تۇرۇشنى قارار قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەمدىمەن؟ شۇنداق مەيداندا تۇرۇشنى قارار قىلىش تەسكە چۈشكەندە، مەن مۇقەددەس كىتاب ۋە ئىشەنچىلىك قۇل كۆرسەتكەن يولباشچىلىقنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە پۈتۈنلەي ئىشىنىمەنمۇ؟ (مەتتا 24:45؛ يۇھاننا 17:17). يەھۋانىڭ نەزىرىدە ھەق، دەپ سانالغان ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كەلگەندە، دۇنيا كىشىلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرۇشقا تەييار بولۇپلا قالماي، ھەتتا شۇنداق پەرقلىنىپ تۇرۇشنى شان-شەرەپ دەپ قارامدىمەن؟›. — زەبۇر 34:2؛ مەتتا 10:32، 33.
23 گەرچە بىز، بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولماي ياشاشنى نىيەت قىلغان بولساقمۇ، مۇشۇ قارارىمىز ھەمىشە سەزدۈرمەستىن كېلىدىغان سىناقلارغا دۇچ كېلىدۇ. مەسىلەن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، ئىبلىس شەيتان، ئاللا يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىنى كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇن-تاماشىلار ئارقىلىق ئۆزى قۇرغان بۇ دۇنيانىڭ قاپقىنىغا دەسسىتىش ئۈچۈن ئېزىقتۇرۇشقا تىرىشماقتا. ئۇنداقتا، پاك ۋىجدان بىلەن، كۆڭۈل ئارامى ئۈچۈن كۆڭۈل ئاچىدىغان ساغلام ئويۇن-تاماشىلارنى قانداق تاللىيالايمىز؟ كېيىنكى بابتا مۇشۇ توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىمىز.
a مىلادى 33-يىلىدىن باشلاپ، ئەيسا مەسىھ ئۆزىنىڭ يەر يۈزىدىكى مەسىھ قىلىنغان ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتىگە پادىشاھلىق قىلىپ كەلگەن (كولوسىلىقلار 1:13). 1914-يىلى، ئەيسا مەسىھكە «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى» ئۈستىگە پادىشاھ بولۇش ھوقۇقى بېرىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەسىھ قىلىنغان ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ مەسىھ پادىشاھلىقىنىڭ ئەلچىلىرى بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. — ۋەھىيلەر 11:15.
b يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلغان «مۇقەددەس كىتابقا ئاساسەن ئەقلىي خۇلاسە قىلىش»، (ئۇيغۇر تىلى نەشىرى يوق)، دېگەن كىتابنىڭ 389–393-بەتلىرىگىچە قاراڭ.
c «بايراققا سالام بېرىش، ئاۋاز بېرىش ۋە ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەت» ناملىق قوشۇمچە ئىزاھاتقا قاراڭ.