8-باب
خۇدا پاك كىشىلەرنى سۆيىدۇ
«كۆرسىتىسەن پاكلىقىڭنى پاك ئادەملەرگە». — زەبۇر 18:26.
1–3. (1) نېمە ئۈچۈن ئانا پەرزەنتىنىڭ پاكىزلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ؟ (2) نېمە ئۈچۈن يەھۋا ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ پاك بولۇشىنى خالايدۇ؟ نېمە بىزنى پاكلىقنى ساقلاشقا ئۈندەيدۇ؟
بىر ئانا پەرزەنتىنى ئىشىكتىن چىقىرىشتىن بۇرۇن، نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟ ئانا بالىسىنى يۇيۇندۇرۇپ، پاكىزە، رەتلىك كىيىندۈرىدۇ. چۈنكى، ئانا پاكىزلىق بالىسىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە بالىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى، ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئابرويىغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنىمۇ چۈشىنىدۇ.
2 ئەرىشتىكى ئاتىمىز يەھۋا، ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ پاك ۋە پاكىز بولۇشىنى خالايدۇ. مۇقەددەس كىتاب: «كۆرسىتىسەن پاكلىقىڭنى پاك ئادەملەرگە»،a دەيدۇ (زەبۇر 18:26). يەھۋا بىزنى سۆيىدۇ؛ ئۇ پاك-پاكىزلىقنىڭ بىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ گۇۋاھچىسى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزدىن ئۇنىڭ شان-شۆھرىتىنى ئاشۇرۇشىمىزنى كۈتىدۇ. دەرۋەقە، پاكىز-رەتلىك تاشقى كۆرۈنۈش ۋە ياخشى پەزىلەتلىرىمىز، يەھۋا ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىسمىغا ھاقارەت ئەمەس، ئەكسىچە شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. — ھەزقىيال 36:22؛ 1-پېترۇس 2:12.
3 خۇدانىڭ پاك كىشىلەرنى سۆيىدىغانلىقىنى بىلىش، بىزنى پاك ۋە پاكىزە بولۇشقا ئۈندەيدۇ. بىز تۇرمۇشىمىزدا يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىمىز، چۈنكى بىز ئۇنى سۆيىمىز. بىز يەنە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن پاكلىقنى ساقلاش كېرەك؟ پاك بولۇش نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ ئۆزىمىزنى قانداق پاك ساقلىيالايمىز؟ دېگەنلەرنى كۆرۈپ باقايلى. بۇلار تۇرمۇشىمىزنى ھەر جەھەتتىن ياخشىلاشقا ياردەم بېرەلەيدۇ.
نېمە ئۈچۈن پاكلىقنى ساقلاش زۆرۈر؟
4، 5. (1) پاك-پاكىزلىقنى ساقلىشىمىزنىڭ ئاساسىي سەۋەبى نېمە؟ (2) نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ پاكلىقىنى ئۇنىڭ ياراتقان مەۋجۇداتلىرى كۆرسىتىدۇ، دەيمىز؟
4 يەھۋا ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق بىزنى يېتەكلەيدۇ. مۇشۇ سەۋەب، ئۇنىڭ سۆزى بىزنى «خۇدانى ئۈلگە قىلىڭلار»، دەپ ئىلھاملاندۇرىدۇ (ئەفەسلىكلەر 5:1). پاك-پاكىزلىقنى ساقلىشىمىزنىڭ ئاساسىي سەۋەبى: بىز ئىبادەت قىلىدىغان ئاللا يەھۋا ھەرقايسى تەرەپلەردىن پاكىز، پاك ۋە مۇقەددەستۇر. — لاۋىيلار 11:44، 45.
5 يەھۋانىڭ پاكلىقى — ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان باشقا ئېسىل سۈپەتلىرى ۋە ئىش تۇتۇش يوللىرىغا ئوخشاش، ئۇنىڭ ياراتقان مەۋجۇداتلىرى ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن (رىملىقلار 1:20). يەرشارى ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن پاكىزە ماكان قىلىپ لاھىيەلەنگەن. يەھۋا ھاۋا ۋە سۇنى تازىلاپ پاكىزلايدىغان ئېكولوگىيلىك ئايلىنىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. بەزى مىكروبلار خۇددى تازىلىق ئىشچىلىرىغا ئوخشاش، كېرەكسىز چىقىرىندىلارنى زەھەرسىز ماددىلارغا ئايلاندۇرىدۇ. ئالىملار شۇنداق كېرەكسىز چىقىرىندىلارنى يەيدىغان مىكرو جانلىقلارنى ئىشلىتىپ، ئىنسانلارنىڭ ئاچكۆز شەخسىيەتچىلىكى پەيدا قىلغان نېفىت بۇلغىنىشى ۋە باشقا بۇلغىنىشلارنى تازىلىماقتا. ناھايىتى ئېنىقكى، «يەرنى يارىتىپ» ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈچى خۇدا پاكىزلىققا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ (يەرەمىيا 10:12، ب ج). ئەلۋەتتە، بىزمۇ شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك!
6، 7. يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ پاك بولۇشى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى، تەۋرات قانۇنى قانداق تەكىتلىگەن؟
6 پاك-پاكىزلىقنى ساقلىشىمىزنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانىمىز بولغان يەھۋا ئۆزىگە ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ پاك بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. يەھۋانىڭ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن قانۇنىدا، پاكلىق بىلەن ئىبادەتنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بولغان. يەنە شۇ قانۇندا، گۇناھنى يېپىش كۈنىدە باش روھانىينىڭ بىر قېتىم ئەمەس، بەلكى ئىككى قېتىم يۇيۇنۇشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن (لاۋىيلار 16:4، 23، 24). يەھۋاغا قۇربانلىق تەقدىم قىلىشتىن ئىلگىرى، مۇشۇ خىزمەتنى ئورۇندىماقچى بولغان روھانىيلارنىڭ پۇت- قوللىرىنى يۇيۇشى تەلەپ قىلىنغان (چىقىش 30:17–21؛ 2-تارىخنامە 4:6). تەۋرات قانۇنىدا، تەننىڭ ناپاكلىقى ۋە قائىدە-مۇراسىملارغا خىلاپ ناپاكلىق توغرىسىدا تەخمىنەن 70 تۈرلۈك سەۋەب كۆرسىتىلگەن. ئىسرائىل خەلقى ئارىسىدا بىرى ناپاك بولغان ئەھۋالدا، ھەرقانداق ئىبادەت قىلىشقا ھەرگىز قاتناشتۇرۇلمىغان، ئەگەر بىرى بۇيرۇققا قۇلاق سالماي، ناپاك ھالەتتە ئىبادەتكە قاتناشقىنىدا، بەزى قىسمەن ئەھۋاللاردا، ھەتتا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان (لاۋىيلار 15:31). ھەرقانداق كىشى قانۇندا بەلگىلەنگەن پاكلىنىش قائىدە-تەرتىپى بويىچە، ئۆز تېنىنى ۋە كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇپ پاكىزلاشنى رەت قىلسا، «جامائەتتىن كېسىلسۇن»، يەنى ئۆلتۈرۈلسۇن، دەپ بۇيرۇق قىلىنغان. — سانلار 19:17–20، (ب ج).
7 گەرچە بىز تەۋرات قانۇنىنىڭ ئاستىدا بولمىساقمۇ، ئۇ بىزنىڭ ئاللانىڭ پاكلىققا بولغان كۆزقارىشىنى تونۇپ يېتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. ناھايىتى روشەنكى، ئاشۇ قانۇندا ئاللا يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلاردىن پاك بولۇش تەلەپ قىلىنغانلىقى تەكىتلىگەن. يەھۋا ئۆزگەرگىنى يوق (مالاخى 3:6). خۇداغا مەقبۇل بولۇشى ئۈچۈن، ئىبادىتىمىز «پاك ۋە ئەيىبسىز» بولۇشى كېرەك (ياقۇپ 1:27). شۇنىڭ ئۈچۈن، پاك-پاكىزلىق جەھەتتە، يەھۋانىڭ بىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز زۆرۈر.
خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا پاك بولۇش
8. يەھۋا قايسى جەھەتتىن پاكلىقنى ساقلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ؟
8 مۇقەددەس كىتابتىكى، پاكلىق پەقەت بەدەن تازىلىقىنىڭ پاكىز بولۇشىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئاللانىڭ كۆز ئالدىدا پاك بولۇش، تۇرمۇشىمىزدا ھەر تەرەپتىن پاك ۋە پاكىزە بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەھۋا بىزدىن ئىمان- ئېتىقاد، ئەدەب-ئەخلاق، ئوي-پىكىر ۋە جىسمانىي قاتارلىق تۆت جەھەتتە پاكلىقنى ساقلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. تۆۋەندە شۇلارنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ چىقايلى.
9، 10. ئىمان-ئېتىقادتا پاك بولۇش دېگەن نېمە؟ خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى نېمىدىن خالىي بولىدۇ؟
9 ئىمان-ئېتىقادى پاك بولۇش. ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، ئىمان-ئېتىقادتا پاك بولۇش — توغرا، ھەق ئىبادەتكە ساختا-يالغاننى ئارىلاشتۇرماسلىق دېگەنلىكتۇر. ئىسرائىللار بابىلون شەھىرىدىن ئايرىلىپ، يېرۇسالېمغا قايتقىنىدا، ئۇلار خۇدانىڭ: «ئۇندىن ئايرىلىپ چىقىپ، ناپاك نەرسىگە تەگمەڭلار، ... پاك بولۇڭلار»، دېگەن نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىشى زۆرۈر ئىدى (يەشايا 52:11، ب ج). ئىسرائىللارنىڭ يۇرتىغا قايتىشى، ئاساسلىقى يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بولغاچ، ئۇلار توغرا ئىبادەت قىلىشنى، ياراتقۇچىنىڭ شان-شەرىپىگە داغ تەگكۈزىدىغان بابىلونلۇقلارنىڭ دىنىي تەلىم، قائىدە-يۇسۇن ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن بۇلغاپ، ناپاك قىلماسلىقى كېرەك ئىدى.
10 خۇدانىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى خىزمەتچىلىرى بولغان بىزلەرمۇ، يالغان- ساختا ئىبادەتلەرگە ئارىلىشىپ قېلىشتىن چوقۇم ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك (1-كورىنتلىقلار 10:21). مۇشۇ تەرەپتىن پەخەس بولۇش بەكمۇ مۇھىم. چۈنكى، يالغان-ساختا دىنلارنىڭ تەسىرى جاي-جايلارغا تارقالغان. نۇرغۇن دۆلەت، رايونلاردىكى تۈرلۈك ئۆرپ-ئادەتلەر، قائىدە-يۇسۇنلارنىڭ يالغان دىن بىلەن باغلىنىشلىقى بار. مەسىلەن، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ روھى يەنىلا ھايات، دەپ قاراش شۇلارنىڭ بىر مىسالىدۇر (ۋەز 9:5، 6، 10). خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى يالغان دىنىي-ئېتىقادلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۆرپ- ئادەت ياكى قائىدە-يۇسۇنلاردىن خالىي بولىدۇ.b باشقىلار بىزنى مەجبۇرلىغان تەقدىردىمۇ، پاك ئىمان-ئېتىقاد ياكى ئىبادەتلەر توغرىسىدىكى مۇقەددەس كىتاب ئۆلچەم-قائىدىلىرىنى ھەرگىز تاشلىمايمىز. — ئەلچىلەر 5:29.
11. ئەدەب-ئەخلاق پاكلىقى نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مۇشۇ جەھەتتە پاكلىقنى ساقلاش بەك مۇھىم؟
11 ئەدەب-ئەخلاق پاكلىقى — ھەرقانداق ئەخلاقسىز ئىش-ھەرىكەتلەردىن خالىي بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (ئەفەسلىكلەر 5:5). ئەخلاقىي پاكلىقنى ساقلاشمۇ بەك مۇھىم. مۇشۇ كىتابنىڭ كېيىنكى بابىدا شۇنى كۆرۈپ ئۆتىمىزكى، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاش ئۈچۈن، «جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن يىراق بولۇڭلار»، دېگەن بۇيرۇققا چوقۇم قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، توۋا قىلمايدىغان زىناخورلارغا، «خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇرۇن يوق» (1-كورىنتلىقلار 6:9، 10، 18). خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا، شۇنداق كىشىلەر «چىرىك» ناپاكلاردۇر. ئەگەر ئۇلار داۋاملىق ئەخلاقسىزلىق قىلىپ ناپاك يۈرسە، «ئۇلارنىڭ قىسمىتى ... ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر»، يەنى مەڭگۈلۈك ھالاكەتتۇر. — ۋەھىيلەر 21:8.
12، 13. ئوي-پىكىرلەر بىلەن ئىش-ھەرىكەتنىڭ قانداق باغلىنىشلىقى بار؟ قانداق قىلىپ ئوي- پىكىرىمىزنى پاك ساقلىيالايمىز؟
12 ئوي-پىكىر پاكلىقى. ئوي-پىكىرلەر، ئىش-ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئەگەر خاتا ئوي-پىكىرلەرنىڭ ئېڭىمىزدە ياكى قەلبىمىزدە ئورۇن ئېلىشىغا يول قويساق، ھامان ناپاك ئىشنى قىلىپ قېلىشىمىز تۇرغانلا گەپ (مەتتا 5:28؛ 15:18–20). ئەمما، ئېڭىمىزنى ساپ، پاك ئوي-پىكىر بىلەن تولدۇرساق، پاك ئىشلارنى قىلىشتا چىڭ تۇرالايمىز (فىلىپىلىكلەر 4:8). قانداق قىلىپ ئوي-پىكىرىمىزنى پاك ساقلىيالايمىز؟ ئوي-پىكىرىمىزنى پاك ساقلاش ئۈچۈن، ئوي-پىكىرىمىزنى چىرىكلەشتۈرىدىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇن-تاماشىلاردىن يىراق تۇرۇشىمىز زۆرۈر.c ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ سۆزىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق ئېڭىمىزنى پاك ئوي-پىكىرلەرگە تولدۇرالايمىز. — زەبۇر 19:8، 9.
13 خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاش ئۈچۈن ئىمان-ئېتىقاد، ئەدەب-ئەخلاق ۋە ئوي-پىكىر پاكلىقىنى ساقلاش ناھايىتى مۇھىم. مۇشۇ جەھەتلەردىكى پاكلىق توغرىسىدا، بۇ كىتابنىڭ باشقا بابلىرىدا تەپسىلىي مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. ئۇنداقتا، ھازىر تۆتىنچى — جىسمانىي جەھەتتىكى پاكلىق توغرىسىدا كۆرۈپ باقايلى.
جىسمانىي پاكلىقنى ساقلاش
14. نېمە ئۈچۈن جىسمانىي پاكىزلىق پەقەت ئۆزىمىزنىڭ شەخسىي ئىشى ئەمەس؟
14 جىسمانىي پاكلىق — كىشىنىڭ بەدەن تازىلىقى ۋە شۇ كىشىگە تەۋە نەرسىلەرنىڭ پاكىزلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇشۇ جەھەتتىكى پاكىزلىقنى ھەر كىشىنىڭ شەخسىي ئىشى، باشقىلار بىلەن ئالاقىسى يوق، دەپ قاراشقا بولامدۇ؟ يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى ھەرگىزمۇ ئۇنداق دەپ قارىمايدۇ. چۈنكى، يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكەندەك، جىسمانىي پاكىزلىق — تەن ساغلاملىقىمىزغا پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە يەھۋانىڭ شان-شۆھرىتىگە تەسىر قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ بىزنىڭ جىسمانىي پاكىزلىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. مۇشۇ بابنىڭ باشلىنىشىدىكى مىسالنى ئەسلەپ باقايلى. ھەمىشە كىيىم-كېچەكلىرى پاسكىنا ياكى رەتسىز بالىنى كۆرگىنىڭىزدە، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى قانداقراق كىشىلەردۇر، دەپ ئويلاپ قالىدىغانسىز؟ بىزمۇ تاشقى كۆرۈنۈشىمىز ۋە تۇرمۇشتا تۇتقان ھەرقانداق يولىمىزنىڭ ئاسماندىكى ئاتىمىزغا ھاقارەت كەلتۈرۈپ، ۋەز ئېيتىپ كېلىۋاتقان خەۋەرنى يەرگە ئۇرۇشىنى ئەلۋەتتە خالىمايمىز. خۇدانىڭ سۆزى: «باشقىلارنىڭ ئېتىقادىغا توسالغۇ بولىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئەلچىلىك خىزمىتىمىزگە داغ كەلتۈرمەيۋاتمىز. بەلكى ھەممە ئىشتا خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ» كېلىۋاتىمىز، دەيدۇ (2-كورىنتلىقلار 6:3، 4). ئۇنداقتا، قانداق قىلىپ جىسمانىي پاكلىقىمىزنى ساقلىيالايمىز؟
15، 16. ياخشى تازىلىق ئادىتى نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ كىيىنىشىمىز قانداق بولۇشى كېرەك؟
15 شەخسىي تازىلىق ۋە تاشقى كۆرۈنۈش. گەرچە ھەربىر دۆلەت مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش شەرت-شارائىتى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ئۆزىمىز ۋە پەرزەنتىمىزنىڭ يۇيۇنۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن سوپۇن ۋە سۇ ئەلۋەتتە تېپىلىدۇ. ئالايلۇق، تاماق تەييارلاش ۋە يېيىشتىن ئىلگىرى، ھاجەتخانىغا بارغاندىن كېيىن، بوۋاقنى يۇيۇندۇرغاندىن ياكى زاكىسىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، قولنى سوپۇنلاپ يۇيۇش ياخشى تازىلىق ئادىتىدۇر. قولنى سوپۇنلاپ يۇيۇش كېسەللىكتىن ساقلايدۇ. ھەتتا ھاياتنىمۇ قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ. چۈنكى، شۇنداق قىلىش زىيانلىق ۋىرۇسلار ۋە باكتېرىيەلەرنىڭ تارقىلىشنى توسۇپ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كىشىلەرنىڭ قۇرساق ئاغرىتىپ ئىچ سۈرگۈزىدىغان كېسەللىكلەردىن خالىي بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. بەزى دۆلەتلەردە، كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە كېرەكسىز چىقىرىندىلارنى تازىلاپ چىقىرىدىغان سۇ يولى ئومۇملاشمىغاچقا، خۇددى قەدىمقى ئىسرائىللارغا ئوخشاش، چىقىرىندىلارنى يەرنى كولاپ كۆمۈۋەتسە بولىدۇ. — تەكرار قانۇن 23: 12، 13.
16 كىيىم-كېچەكلىرىمىز پاكىز ۋە رەتلىك بولۇشى ئۈچۈن دائىم يۇيۇپ تۇرۇشىمىز كېرەك. خۇداغا ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ قىممەت-باھالىق ياكى ئەڭ مودا بولۇۋاتقان كىيىملەرنى كىيىشى زۆرۈر ئەمەس، ئەمما رەتلىك، پاكىز، ئۆز لايىقىدا بولۇشى لازىم (1-تىموتىي 2:9، 10). مەيلى قانداق جايدا بولسۇن، تاشقى كۆرۈنۈشىمىز دۇرۇس بولسا، «باشقىلارنى قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا توغرىسىدىكى تەلىملەرگە ھەر جەھەتتىن جەلپ قىلالايدۇ». — تىتۇس 2:9، 10.
17. نېمە ئۈچۈن ئۆي-بىسات ۋە تەئەللۇقاتىمىز پاكىز، رەتلىك ۋە كۆركەم بولۇشى كېرەك؟
17 ئۆي ۋە باشقا تەئەللۇقاتلار. تۇرالغۇ ئۆيىمىز ھەشەمەتلىك بېزەلمىگەن بۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما شەرت-شارائىتقا ماس پاكىز ۋە كۆركەم، رەتلىك بولۇشى كېرەك. ئەگەر ماشىنا ھەيدەپ جامائەت يىغىلىشى ياكى ۋەز ئېيتىشلارغا بارساق، ماشىنىمىزنىڭ ئىچى-تېشىنى پاكىز ساقلىشىمىز ھەم زۆرۈر. شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، ئۆيىمىز ۋە تەئەللۇقاتىمىز، بىز ئىبادەت قىلىدىغان خۇدا توغرىسىدا باشقىلارغا ناھايىتى ياخشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، بىز باشقىلارغا، يەھۋا ئۇ پاك خۇدا، ئۇ «يەر يۈزىنى گۇمران قىلغانلارنى ھالاك قىلىش» ئۈچۈن تەييار بولدى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئۇزۇنغا بارماي يەرشارىنى جەننەت ماكانغا ئايلاندۇرىدۇ، دەپ تەلىم بېرىپ كەلمەكتە (ۋەھىيلەر 11:18؛ لۇقا 23:43). شۇنداق ئىكەن، ئۆي-بىسات ۋە تەئەللۇقاتلىرىمىزنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ھەتتا باشقىلارغا، ھازىردىن باشلاپ بىزنىڭ كېلىدىغان يېڭى دۇنياغا ماس پاك-پاكىزلىق ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىشى كېرەك.
جىسمانىي پاكلىق — بەدەن تازىلىقىمىز ۋە ئۆي-بىسات، تەئەللۇقاتلىرىمىزنىڭ پاكىزلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
18. قانداق قىلىش ئارقىلىق يىغىلىش ئۈچۈن جەم بولىدىغان جاينى ئۇلۇغلايدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلىيەلەيمىز؟
18 ئىبادەت جايىمىز. يەھۋا خۇداغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز، توغرا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن جەم بولىدىغان جاي يەنى يىغىلىش زالىغا ھۆرمەت كۆرسىتىشكە ئۈندەيدۇ. مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان بىرى، تۇنجى قېتىم يىغىلىشىمىزغا كەلگىنىدە، ئۇ كىشىنىڭ يىغىلىش قىلىدىغان جايىمىزغا نىسبەتەن ياخشى تەسىراتتا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداق ئىكەن، يىغىلىش جايىنى پاكىز، كۆركەم، ئازادە تۇتۇش ئۈچۈن ھەمىشە تازىلاپ ۋە ئاسراپ، رېمونت قىلىپ تۇرۇشىمىز زۆرۈر. يىغىلىش ئورنىنى پاكىز ساقلاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ئارقىلىق ئىبادەت جايىمىزنى ئۇلۇغلايدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلىيەلەيمىز. شۇڭا، ئىبادەت جايىمىزنىڭ تازىلىنىپ پاكىزلىنىشى ۋە «ئوڭلىنىپ تۈزۈلىشى» ئۈچۈن ۋاقتىمىزنى قۇربان قىلىپ، ياردەم بېرىش شان-شەرەپلىك ئىشتۇر (2-تارىخنامە 34:10، ب ج). چوڭ يىغىلىشلار زالى ياكى باشقا چوڭ يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزىدىغان ئورۇنلارغا نىسبەتەنمۇ شۇنداق كۆزقاراشتا بولۇشىمىز لازىم.
ناپاك ئادەتلەر ۋە قىلمىشلاردىن تازلىنىپ پاك بولۇش
19. جىسمانىي جەھەتتىن پاكىزلىقنى ساقلىشىمىز ئۈچۈن، نېمە ئىشلاردىن خالىي بولۇشىمىز لازىم؟ شۇنداق قىلىشقا، مۇقەددەس كىتاب قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
19 جىسمانىي جەھەتتىن پاكىزلىقنى ساقلاش ئۈچۈن، تەننى بۇلغاپ ناپاك قىلىدىغان، تاماكا چېكىش ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى قالايمىقان ئىستىمال قىلىش ۋە تىببىي داۋالىنىشنى مەقسەت قىلمىغان ھەرقانداق خۇمار قىلىدىغان ياكى مېڭىگە تەسىر قىلىدىغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىشكە ئوخشاش ئادەت ياكى قىلمىشلاردىن خالىي بولۇشىمىز لازىم. مۇقەددەس كىتاب، بۈگۈنكى كۈندە كەڭ تارقالغان بارلىق ناپاك ۋە يىرگىنچلىك ئادەت ۋە قىلمىشلارنىڭ ئىسمىنى بىر-بىرلەپ ئاتاپ ئۆتمىگەن. شۇنداق بولسىمۇ، بەزى قائىدە-پرىنسىپلار يەھۋانىڭ شۇنداق ئىشلارغا قانداق كۆزقاراشتا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ. بىز يەھۋانىڭ كۆزقارىشىنى بىلگەچ، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز، بىزنى ئۇ مەقبۇل قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرىدۈ. تۆۋەندە بەش تۈرلۈك مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرىنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى.
20، 21. يەھۋا نېمە ئىشلاردىن خالىي بولۇشىمىزنى خالايدۇ؟ شۇنداق قىلىشىمىزنىڭ ئاساسىي سەۋەبى نېمە؟
20 «قەدىرلىك قېرىنداشلار، بۇ ۋەدىلەرگە ئېرىشكەنىكەنمىز، تەننى ۋە روھنى بۇلغايدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇپ ئۆزىمىزنى پاك تۇتايلى. خۇدادىن ئەيمەنگەن ھالدا ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي خۇداغا ئاتايلى» (2-كورىنتلىقلار 7:1). يەھۋا، بىزنىڭ تەن ۋە روھىمىزنى بۇلغاپ زەئىپلەشتۈرىدىغان قىلمىشلاردىن يىراق تۇرۇشىمىزنى خالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز چوقۇم جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىمىزغا زىيانلىق دەپ قارالغان، خۇمار قىلىدىغان قىلمىشلاردىن قەتئىي خالىي بولۇشىمىز كېرەك.
21 مۇقەددەس كىتاب، «بۇلغايدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇپ ئۆزىمىزنى پاك» تۇتۇشىمىزنىڭ ئاساسىي سەۋەبىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ. دىققەت قىلساق، 2-كورىنتلىقلار 7:1-ئايەت: «بۇ ۋەدىلەرگە ئېرىشكەنىكەنمىز»، دەيدۇ. ئۇ نېمە ۋەدىلەر؟ ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئايەتلەرگە قارىساق، يەھۋا شۇنداق ۋەدىلەرنى بەرگەن: «مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن. ... سىلەرگە ئاتا بولىمەن» (2-كورىنتلىقلار 6:17، 18). ئويلىنىپ كۆرۈڭە: يەھۋا سىزنى ئۆزىنىڭ قانات ئاستىغا ئېلىپ، قوغدايدىغانلىقى ۋە ئاتا ئوغۇل- قىزلىرىنى سۆيگەندەك، سىزنىمۇ سۆيىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرمەكتە. ئەمما، پەقەت سىز «تەننى ۋە روھنى» بۇلغايدىغان قىلمىشلاردىن يىراق بولغىنىڭىزدىلا، يەھۋا ئاشۇ ۋەدىلىرىدە تۇرىدۇ. ھەرقانداق يىرگىنچلىك ئىشنى قىلىشقا ئادەتلىنىش سەۋەبلىك، يەھۋا بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋەتتىن مەھرۇم قېلىش، نېمە دېگەن ئەخمىقانىلىك، ھە!
22–25. مۇقەددەس كىتابنىڭ قايسى قائىدە-پرىنسىپلىرى، ناپاك ئادەتلەر ۋە قىلمىشلاردىن يىراق تۇرۇشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ؟
22 «پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن» (مەتتا 22:37). ئەيسا مەسىھ بۇنى ئەڭ مۇھىم ئەمر دەپ تەكىتلىگەن (مەتتا 22:38). يەھۋا شۇنداق سۆيۈشىمىزگە مۇناسىپ. ئۇنى پۈتۈن قەلب، جان ۋە زېھىن بىلەن سۆيۈش ئۈچۈن، بىز ئۆمۈرنى قىسقارتىدىغان ياكى ئاللا بەرگەن ئەقىلنى بۇلغاپ، مېڭىنى تورمۇزلايدىغان قىلمىشلاردىن چوقۇم يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك.
23 «[يەھۋا] ئىنسانلارغا ھاياتلىق، نەپەس، شۇنداقلا ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان ھەرقانداق نەرسىنى ئاتا قىلىپ» بېرىدۇ (ئەلچىلەر 17:24، 25). ھاياتلىق — يەھۋادىن كەلگەن سوۋغاتتۇر. بىز سوۋغات بەرگۈچىنى سۆيىمىز، شۇڭا ئۇ بەرگەن سوۋغاتنى ھۆرمەتلەيمىز. بىز ساغلاملىقىمىزغا زىيانلىق ھەرقانداق ناچار ئادەتلەر ياكى ئىشلاردىن قاچىمىز. چۈنكى، شۇنى ئېنىق بىلىمىزكى، شۇنداق ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىش ھاياتلىق سوۋغىتىنى ئازراقمۇ ھۆرمەتلىمىگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. — زەبۇر 36:9.
24 «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» (مەتتا 22:39). ناپاك بولغان ناچار ئادەتلەر ۋە قىلمىشلار، پەقەت شۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگىلا تەسىر قىلىپ قالماستىن، ئەتراپىدىكىلەرگىمۇ تەسىر قىلىدۇ. مەسىلەن، تاماكا چەككۈچىلەر ئۆز-ئۆزىنى زەھەرلەپ قالماي، تاماكا چەكمەيدىغان كىشىلەرنىمۇ زەھەرلەيدۇ. بىر كىشى ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلسا، خۇدانىڭ «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي»، دېگەن ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇ كىشىنىڭ مەن خۇدانى سۆيىمەن، دېگىنى ھەم يالغانچىلىقتۇر. — 1-يۇھاننا 4:20، 21.
25 «ئۇلار ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا بويسۇنسۇن» (تىتۇس 3:1). نۇرغۇن دۆلەتلەردە، كىشىلەرنىڭ بەزى دورا ياكى زەھەرلىك بۇيۇملارنى ساقلىشى ياكى ئىشلىتىشى قانۇنغا خىلاپ ئىش-ھەرىكەتلەردۇر. شۇڭا، يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى بولغان بىزلەر، شۇ قانۇنغا خىلاپ زەھەرلىك نەرسىلەرنى ساقلىمايمىز ۋە ئىشلەتمەيمىز. — رىملىقلار 13:1.
26. (1) خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز زۆرۈر؟ (2) خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۆزىمىزنى پاك ساقلاشنى، نېمە ئۈچۈن ياشاشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى دەيمىز؟
26 يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاش ئۈچۈن، پەقەت بىرنەچچە جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى ھەر جەھەتتىن پاكلىقنى ساقلىشىمىز زۆرۈر. ناپاك ئادەتلەر ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنى تاشلاش ياكى ئۇلاردىن خالىي بولۇش، بەلكىم ئاسانغا چۈشمەيدۇ، لېكىن قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىشمۇ ئەمەس.d ھەقىقەتەن، ياشاشنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق يولى يوقتۇر، چۈنكى يەھۋا ھەمىشە بىزگە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ (يەشايا 48:17). ھەممىدىن مۇھىمى، ئۆزىمىزنى پاك ساقلاش ئارقىلىق ئۆزىمىز سۆيىدىغان ياراتقۇچىغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاشقا مۇيەسسەر بولالايمىز. بۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى قانائەت تاپقۇزىدۇ.
a «پاك»، دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئىبرانىيچە سۆز، پەقەت جىسمانىي تازىلىق ياكى پاكىزلىقنى كۆرسەتمەستىن، ئەخلاقىي ۋە روھىي پاكلىقنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
b مۇشۇ كىتابنىڭ 13-بابى، خۇدا خىزمەتچىلىرى خالىي بولىدىغان تەبرىكلەش ۋە ئۆرپ-ئادەتلەر توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەندۈرىدۇ.
c كۆڭۈل ئاچىدىغان ساغلام ئويۇن-تاماشىلارنى قانداق تاللاش، مۇشۇ توغرىسىدا 6-بابتا مۇلاھىزە قىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق.
d 106 ۋە 109-بەتتىكى «توغرا ئىش قىلىشقا تىرىشىۋاتامدىمەن؟» ۋە يۇقىرىدىكى «ھەر نەرسە خۇداغا مۇمكىندۇر»، دېگەن رامكىلارغا قاراڭ.
e ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن.