كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • خ‌م 10-‏باپ 126-‏138 ب.‏
  • نىكاھ —‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك خۇ‌دانىڭ سوۋغىتىدۇ‌ر

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • نىكاھ —‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك خۇ‌دانىڭ سوۋغىتىدۇ‌ر
  • خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئۆي-‏ئوچاقلىق بولۇ‌شنىڭ سە‌ۋە‌بى نېمە؟‏
  • كىم ئۆمۈرلۈك جورىڭىز بولۇ‌شقا ئە‌ڭ مۇ‌ناسىپ؟‏
  • تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قانداق تە‌ييارلىقلارنى كۆرۈش زۆرۈر؟‏
  • نىكاھ رىشتىسىنى قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىيە‌لە‌يسىز؟‏
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بويتاقلىق ۋە نىكاھ ھە‌ققىدە نېمە دە‌يدۇ؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار
خ‌م 10-‏باپ 126-‏138 ب.‏
‏]135-‏به‌تتىكی سوٰره‌ت[‏

10-‏باب

نىكاھ —‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك خۇ‌دانىڭ سوۋغىتىدۇ‌ر

‏«ئۈچ قاتمىلانغان شوينا [ئارغامچا] ئوڭاي ئۈزۈلمە‌يدۇ‌ر».‏ —‏ ۋە‌ز 4:‏12،‏ (‏ب ج)‏.‏

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ يېڭى تۇ‌رمۇ‌شلۇ‌ق بولغانلار توغرىسىدا قانداق ئويلاپ قېلىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ (‏2)‏ مۇ‌شۇ بابتا قايسى سوئاللار توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلىمىز؟‏

سىز توي-‏مە‌رىكىلە‌رگە بېرىشنى ياخشى كۆرە‌مسىز؟‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر ياخشى كۆرىدۇ.‏ چۈنكى،‏ بۇ‌نداق سورۇ‌ن شاد-‏خۇ‌راملىققا تولغان.‏ چىرايلىق كىيىنگە‌ن كېلىن بىلە‌ن كۈيئوغۇ‌لنىڭ چىرايىدىن چىقىپ تۇ‌رغان شادلىق كۈلكىلىرى كىشىنى زوقلاندۇ‌رىدۇ!‏ ئاشۇ توي كۈنىدىكى كېلىن بىلە‌ن كۈيئوغۇ‌لنىڭ خۇ‌شاللىقىدىن —‏ ئۇ‌لارنىڭ كە‌لگۈسى بولغان ئارزۇ-‏ئارمان ۋە ئۈمىدلە‌رگە تولغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇ‌رىدۇ.‏

2 ئە‌مما،‏ شۇ‌نى تە‌ن ئېلىش كېرە‌ككى،‏ بۈگۈنكى كۈندە نىكاھ تۈزۈمى مۈشكۈل ئە‌ھۋالغا چۈشۈپ قالدى.‏ گە‌رچە يېڭى تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رغانلارغا بە‌خت تىلىسە‌كمۇ،‏ يە‌نىلا شۇ‌نداق ئويلاپ قېلىشىمىز مۇ‌مكىن:‏ «ئۇ‌لار بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرە‌لە‌رمۇ؟‏ ئاخىرغىچە چىقىشىپ بىرگە ئۆتۈپ كېتە‌لە‌رمۇ؟‏» مۇ‌شۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى —‏ ئە‌ر-‏خوتۇ‌ن ئىككىسىنىڭ،‏ يە‌ھۋانىڭ نىكاھ توغرىسىدىكى نە‌سىھە‌تلىرىگە ئىشە‌نچ قىلىپ،‏ شۇ‌لارنى ئە‌مە‌لىي تۇ‌رمۇ‌شىغا تە‌تبىقلاپ ياشىشىغا باغلىق (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏5،‏ 6)‏.‏ خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاش ئۈچۈن ئۇ‌لارنىڭ شۇ‌نداق قىلىشى زۆرۈر.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ تۆۋە‌ندىكى تۆت سوئالغا قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:‏ ئۆي-‏ئوچاقلىق بولۇ‌شنىڭ سە‌ۋە‌بى نېمە؟‏ كىمنى ئۆمۈرلۈك جورىڭىز بولۇ‌شقا تاللايسىز؟‏ ئائىلە قۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قانداق تە‌ييارلىقلارنى كۆرۈش زۆرۈر؟‏ نىكاھلىق تۇ‌رمۇ‌شتا خۇ‌شال-‏خۇ‌رام بىرگە ئۆتۈشكە،‏ نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

ئۆي-‏ئوچاقلىق بولۇ‌شنىڭ سە‌ۋە‌بى نېمە؟‏

3.‏ ئۇ‌ششاق-‏چۈششە‌ك سە‌ۋە‌بلە‌ر تۈپە‌يلى تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رۇ‌ش نېمە ئۈچۈن ئە‌قىلسىزلىق بولىدۇ؟‏

3 بە‌زىلە‌ر نىكاھ —‏ بە‌ختنىڭ ئاساسى،‏ ئۆمۈرلۈك ھە‌مراھ تاپمىغۇ‌چە،‏ كىشىلىك تۇ‌رمۇ‌شتا خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىققا چۆمۈپ،‏ قانائە‌ت تېپىپ ياشىغىلى بولمايدۇ،‏ دە‌پ قارايدۇ.‏ بۇ‌نداق دە‌پ قاراش مۇ‌تلە‌ق خاتا!‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ئۆيلە‌نمىگە‌ن،‏ ئۇ بويتاقلىقنى بىر سوۋغات قاتارىدا كۆرگە‌ن ۋە ئۆيلە‌نمە‌ي بويتاق ياشاشنى قوبۇ‌ل قىلالايدىغانلار قوبۇ‌ل قىلسۇ‌ن،‏ دېگە‌ن ئىدى (‏مە‌تتا 19:‏ 11،‏ 12‏)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌سمۇ بويتاق ياشاشنىڭ ئە‌ۋزە‌للىكىنى بايان قىلىپ ئۆتكە‌ن (‏1-‏كورىنتلىقلار 7:‏32–‏38)‏.‏ مە‌يلى ئە‌يسا مە‌سىھ،‏ ياكى ئە‌لچى پاۋلۇ‌س بولسۇ‌ن،‏ ھېچقايسىسى بويتاق ياشاشنى بە‌لگىلىمە ياكى تۈزۈم قىلىپ بېكىتكە‌ن ئە‌مە‌س.‏ ئە‌كسىچە،‏ «جىنلار ۋە ئۇ‌لارنىڭ ساختا تە‌لىملىرىگە» ئە‌گە‌شكۈچىلە‌ر «نىكاھلىنىشنى .‏.‏.‏ مە‌نئى قىلىدۇ» (‏1-‏تىموتىي 4:‏1–‏3)‏.‏ ئە‌مما،‏ كۆڭلىنى باشقا ياققا بۆلمە‌ي،‏ بارلىقى بىلە‌ن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى ئىزدىگۈچىلە‌رگە،‏ تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رماي يالغۇ‌ز ئۆتۈش كۆپ ئىمكانىيە‌ت يارىتىپ بېرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌تراپىمىزدىكى كىشىلە‌رنىڭ تولا سۆزلە‌پ باشنى ئايلاندۇ‌رۇ‌شىغا ئوخشاش،‏ ئۇ‌ششاق-‏چۈششە‌ك سە‌ۋە‌بلە‌ر تۈپە‌يلى تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رۇ‌ش ئە‌قىلسىزلىق بولىدۇ.‏

4.‏ مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىك نىكاھ،‏ پە‌رزە‌نت تە‌ربىيىلە‌ش ئۈچۈن قانداق ئۇ‌ل ئاساس سالىدۇ؟‏

4 ئۇ‌نداقتا،‏ ئۆي-‏ئوچاقلىق بولۇ‌شنىڭ ئاساسلىق سە‌ۋە‌بى بارمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە بار.‏ تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رۇ‌شمۇ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تلىك خۇ‌دا ئاتا قىلغان سوۋغاتتۇ‌ر (‏يارىتىلىش 2:‏18)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ توي قىلىشنىڭ بە‌زى ئە‌ۋزە‌للىكى بار،‏ ھە‌مدە ئۇ كىشىگە بە‌خت-‏سائادە‌تلە‌ر ئېلىپ كېلە‌لە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىك نىكاھ —‏ ئائىلىۋى تۇ‌رمۇ‌شنىڭ ئۇ‌ل ئاساسىدۇ‌ر.‏ پە‌رزە‌نتلە‌ر بىر مۇ‌قىم شارائىتقا،‏ ئاتا-‏ئانا تە‌ربىيىسىگە،‏ ئاسراپ قوغداشقا ۋە نە‌سىھە‌ت بېرىپ يېتە‌كلە‌شلە‌رگە مۇ‌ھتاج (‏زە‌بۇ‌ر 127:‏3؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 6:‏1–‏4)‏.‏ بىراق،‏ پە‌رزە‌نتلىك بولۇ‌پ،‏ پە‌رزە‌نت تە‌ربىيىلە‌ش توي قىلىشنىڭ بىردىن-‏بىر سە‌ۋە‌بى ئە‌مە‌س.‏

5،‏ 6.‏ (‏1)‏ ۋە‌ز 4-‏​باب 9–‏12-‏​ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ يېقىن دوستلۇ‌قنىڭ قانداق ئە‌ۋزە‌للىكى بار؟‏ (‏2)‏ قانداق قىلغاندا،‏ نىكاھ ئۈچ ئۆرۈپ ئېشىلگە‌ن ئارغامچىغا ئوخشاش بولىدۇ؟‏

5 قېنى بىرلىكتە،‏ مۇ‌شۇ بابنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى بولغان ئايە‌تنىڭ ئالدى-‏كە‌ينىدىكى ئايە‌تلە‌رنى كۆرۈپ باقايلى:‏ «بىردىن ئىككىسى ياخشىدۇ‌ر چۈنكى ئىككى كىشى ئۆز ئىشى ئۈچۈن چوڭراق ئە‌جىر تاپادۇ‌ر.‏ ئە‌گە‌ر بىرى يىقىلىپ چۈشسە،‏ يە‌نە بىرى ئاداشىنى قوپارادۇ‌ر لېكىن ۋاي يالغۇ‌زغا چۈنكى يىقىلسا ئۇ‌نى قوپارادۇ‌رغان كىشى يوقتۇ‌ر.‏ ئە‌گە‌ر ئىككى كىشى بىر ئورۇ‌ندا ياتسا ئىسسىق ياتادۇ‌ر لېكىن كىشى يالغۇ‌ز بولسا قانداق ئىسسىق تۇ‌رالايدۇ‌ر؟‏ ئە‌گە‌ر بىر كىشى يالغۇ‌ز تۇ‌رغاننى باسالىسىمۇ ئىككى كىشى [ئۇ‌نىڭغا] زىت تۇ‌رالايدۇ‌ر.‏ ئۈچ قاتمىلانغان شوينا [ئارغامچا] ئوڭاي ئۈزۈلمە‌يدۇ‌ر».‏ —‏ ۋە‌ز 4:‏9–‏12،‏ (‏ب ج)‏.‏

6 مۇ‌شۇ ئايە‌ت بولسا،‏ دوستلۇ‌قنىڭ قە‌دىر-‏قىممىتىنى تىلغا ئالغان.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ نىكاھتا باغلىنىشنىڭ ئۆزىلا ئىچە‌كىشىپ يېقىن دوست بولۇ‌شتۇ‌ر.‏ ئايە‌تتە كۆرسىتىلگە‌ندە‌ك،‏ ئىككى كىشى بىرلە‌شكە‌ندە،‏ ئۆزئارا يادە‌م قىلىپ،‏ تە‌سە‌للىي بېرىشىپ،‏ بىر-‏بىرىنى قوغداپ ئاسرىيالايدۇ.‏ ئىككى قاتمىلانغان يە‌نى ئىككى ئۆرۈپ ئېشىلگە‌ن ئارغامچا ئۈزۈلۈپ كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما ئۈچ ئۆرۈپ ئېشىلگە‌ن ئارغامچىنىڭ ئۈزۈلمىكى تە‌س.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ نىكاھنىڭ ئاساسىي پە‌قە‌ت ئىككى كىشىنىڭ بىرلىشىشى بولسا،‏ خۇ‌ددى ئايە‌تتە تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئۆرۈپ ئېشىلگە‌ن ئارغامچىدە‌ك ئۈزۈلۈپ كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌ر-‏خوتۇ‌ن ھە‌ر ئىككىسى يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشنى ئە‌ۋزە‌ل بىلسە،‏ ئۇ‌لارنىڭ نىكاھى خۇ‌ددى ئۈچ ئۆرۈپ ئېشىلگە‌ن ئارغامچىغا ئوخشاش بولىدۇ.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ يە‌ھۋا ئاشۇ بىر جۈپنىڭ نىكاھىدا مۇ‌ھىم رول ئوينىغاچ،‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرىكىشى ناھايىتى مۇ‌ستە‌ھكە‌م بولىدۇ.‏

7،‏ 8.‏ (‏1)‏ جىنسىي ھە‌ۋە‌سلىرى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىۋاتقان توي قىلمىغان ئېتىقادچىلار ئۈچۈن،‏ پاۋلۇ‌س قانداق نە‌سىھە‌تلىك سۆزنى يازغان؟‏ (‏2)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ ئۆي-‏ئوچاقلىق بولۇ‌شقا نىسبە‌تە‌ن قانداق كۆزقاراشنى ئوتتۇ‌رىغا قويغان؟‏

7 ئۇ‌نىڭ ئۈستىگە،‏ جىنسىي ھە‌ۋە‌سنى پە‌قە‌ت نىكاھ ئارقىلىقلا مۇ‌ۋاپىق تە‌رىقىدە قانائە‌تلە‌ندۈرۈشكە بولىدۇ.‏ شۇ‌نداق ئىكە‌ن،‏ نىكاھلىق ئە‌ر-‏خوتۇ‌ن ئوتتۇ‌رىسىدىكى جىنسىي ئالاقىنى ھە‌قىقىي لە‌ززە‌تلىنىشنىڭ مە‌نبە‌سى دېسە بولىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 5:‏18)‏.‏ توي قىلمىغان يىگىت ياكى قىزنىڭ ياشلىق باھارى ئۇ‌رغۇ‌پ تۇ‌رغان چاغلىرىدا،‏ جىنسىي ھە‌ۋە‌سلىرىنىڭ كۈچىيىشى ناھايىتى تە‌بىئىي ئە‌ھۋال.‏ بە‌لكىم ئۇ‌لار شۇ‌نداق ھە‌ۋە‌سلىرى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ تىزگىنلە‌نمىگە‌ن جىنسىي ھە‌ۋە‌س،‏ ناپاك ياكى نامۇ‌ۋاپىق ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رنى قىلىشقا باشلايدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س،‏ خۇ‌دانىڭ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن توي قىلمىغانلارغا مۇ‌نداق نە‌سىھە‌ت سۆزىنى يازغان:‏ «ئۆزۈڭلارنى تۇ‌تۇ‌ۋالالمىساڭلار،‏ نىكاھلىنىڭلار.‏ چۈنكى،‏ شە‌ھۋە‌ت ئوتىدا كۆيگە‌ندىن كۆرە،‏ نىكاھلىق بولغان ياخشىدۇ‌ر».‏ —‏ 1-‏كورىنتلىقلار 7:‏9؛‏ ياقۇ‌پ 1:‏15.‏

8 كىشى مە‌يلى قانداق مە‌قسە‌تتە ئۆي-‏ئوچاقلىق بولسۇ‌ن،‏ چوقۇ‌م ئە‌مە‌لىيە‌تچان بولۇ‌شى لازىم.‏ خۇ‌ددى ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئېيتقاندە‌ك،‏ «نىكاھلىق بولغانلارنىڭ كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شتا خىلمۇ‌خىل قىيىنچىلىقلىرى بولىدۇ» (‏1-‏كورىنتلىقلار 7:‏28)‏.‏ ئۆي-‏ئوچاقلىق بولغانلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغان قىيىنچىلىقلار،‏ تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رمىغانلارنىڭ بېشىغا كە‌لمە‌يدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ توي قىلىشنى قارار قىلسىڭىز،‏ قانداق قىلىپ تۇ‌رمۇ‌شتىكى قىيىنچىلىقنى ئازايتىپ،‏ ئائىلىنىڭ بە‌رىكىتىنى ئاشۇ‌رۇ‌پ،‏ تېخىمۇ بە‌خت-‏سائادە‌تلىك قىلالايسىز؟‏ شۇ‌نداق قىلىشنىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى،‏ جورا تاللاشتا ئە‌قىللىق بولۇ‌شتۇ‌ر.‏

كىم ئۆمۈرلۈك جورىڭىز بولۇ‌شقا ئە‌ڭ مۇ‌ناسىپ؟‏

9،‏ 10.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغانلار بىلە‌ن باش قوشۇ‌شنىڭ خە‌تە‌رلىك ئىكە‌نلىكىنى،‏ پاۋلۇ‌س قانداق مىسال ئارقىلىق چۈشە‌ندۈرگە‌ن؟‏ (‏2)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ نە‌سىھىتىگە پە‌رۋا قىلماي،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغانلار بىلە‌ن تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رۇ‌شنىڭ ئاقىۋىتى كۆپىنچە ئە‌ھۋالدا قانداق بولىدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

9 ئۆمۈرلۈك جورا تاللاشتا،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س يېزىپ قالدۇ‌رغان مۇ‌نۇ قائىدە-‏ پرىنسىپقا ئاساسە‌ن ئىش تۇ‌تۇ‌ش بە‌ك مۇ‌ھىم:‏ «ئېتىقادسىزلار بىلە‌ن بىر بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌ققا كىرمە‌ڭلار» (‏2-‏كورىنتلىقلار 6:‏14)‏.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ بۇ مىسالى دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ئاساسلانغان.‏ ئە‌گە‌ردە بوي-‏بە‌ستى ياكى كۈچى كۆپ پە‌رق قىلىدىغان ئىككى ئۇ‌لاغ بىر بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌ققا كىرگۈزۈلسە،‏ ھە‌ر ئىككىسىگە جاپا بولىدۇ.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ ئىمان-‏ئېتىقادى ئوخشاش بولمىغانلار توي قىلىپ،‏ بىر بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌ققا كىرسە،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا سۈركىلىش ۋە سوغاقچىلىقنىڭ پە‌يدا بولۇ‌شى تۇ‌رغانلا گە‌پ.‏ ئە‌گە‌ر ئە‌ر-‏خوتۇ‌ننىڭ،‏ بىرى يە‌ھۋانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاشنى ئىزدىسە،‏ شۇ‌نداق ياشاش يە‌نە بىرىنىڭ خىيالىغا كىرىپمۇ چىقمىسا،‏ ئۇ‌نداقتا ئۇ‌لارنىڭ ئوي-‏پىكىرى بىر يە‌ردىن چىقماي،‏ نە‌تىجىدە ھە‌ر ئىككىسى ھە‌سرە‌ت چېكىپ ئىچى سىقىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا پاۋلۇ‌س،‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىسى توي قىلماقچى بولغان «ئۇ كىشى ئېتىقادچى بولۇ‌شى كېرە‌ك»،‏ دە‌پ ئىمانداشلارنى بىر-‏بىرى بىلە‌ن تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رۇ‌شقا ئۈندىگە‌ن.‏ —‏ 1-‏كورىنتلىقلار 7:‏39.‏

10 بە‌زى ئە‌ھۋاللاردا،‏ يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرى ھازىرقىدە‌ك يالغۇ‌زچىلىقتا زېرىكىپ يۈرگە‌ندىن كۆرە،‏ ئىمانداش بولمىسىمۇ بىر بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌ققا كىرسە‌م ياخشىراق ئوخشايدۇ،‏ دېگە‌ندە‌ك ئوي-‏خىيالغا كېلىپ قالىدۇ.‏ بە‌زىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ نە‌سىھە‌تلىرىگە قۇ‌لاق سالماي،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلمايدىغان بىرى بىلە‌ن توي قىلىدۇ.‏ بىراق،‏ ئە‌مە‌لىيە‌ت شۇ‌نى تە‌كرار-‏تە‌كرار ئىسپاتلىدىكى،‏ ئاقىۋە‌تتە كۆڭۈلسىزلىك پە‌يدا بولغان.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ‌لار كىشىلىك تۇ‌رمۇ‌شتىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم ئىشتا ئۆزى بىلە‌ن ئورتاق تونۇ‌شقا كېلە‌لمە‌يدىغان بىرى بىلە‌ن توي قىلغاچ،‏ نە‌تىجىدە ئۇ‌لار يالغۇ‌ز ياشىغان ۋاقىتتىكىدىنمۇ بە‌ك زېرىكىش ھېس قىلىپ كۆڭلى غە‌ش بولغان.‏ كىشىنى خۇ‌شال قىلىدىغىنى،‏ مىڭلىغان،‏ نە‌چچە ئون مىڭلىغان توي قىلمىغان ئېتىقادچىلار،‏ ئۆمۈرلۈك جورا تاللاشتا ئاللانىڭ نە‌سىھىتىنىڭ پايدىلىق ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نچ قىلىپ،‏ ئاشۇ نە‌سىھە‌تنى چىن كۆڭلىدىن قوبۇ‌ل قىلىپ ياشىماقتا (‏زە‌بۇ‌ر 32:‏8)‏.‏ گە‌رچە ئۇ‌لار توي قىلىشنى ئويلىسىمۇ،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىدىغانلار ئارىسىدىن مۇ‌ۋاپىق بىر جورا تاپقۇ‌چە،‏ داۋاملىق يالغۇ‌ز ياشاشنى قارار قىلغان.‏

11.‏ توي قىلىش ئۈچۈن جورا تاللىشىڭىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏«‏ئۆزۈمگە قانداق كىشىنى جورا بولۇ‌شقا تاللىشىم كېرە‌ك؟‏‏» ناملىق رامكىغا ھە‌م قاراڭ)‏.‏

11 ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىدىغان ھە‌ربىر كىشىنىڭ،‏ جورىڭىز بولۇ‌شقا مۇ‌ناسىپ كېلىشى ناتايىن.‏ ئە‌گە‌ر توي قىلىشنى ئويلىشىپ،‏ لايىق ئىزدە‌ۋاتقان بولسىڭىز،‏ مىجە‌ز-‏خۇ‌لقى سىزگە ماس كېلىدىغان،‏ ئاللاغا خىزمە‌ت قىلىش ئورتاق نىشانغا ئىگە،‏ سىزگە ئوخشاش يە‌ھۋانى سۆيىدىغان بىرىنى تاللاڭ.‏ شۇ‌نداق مۇ‌ھىم قارارنى چىقىرىشتىن ئاۋۋال،‏ ئاللاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئىشە‌نچلىك قۇ‌لنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان نە‌سىھە‌تلىرىنى تە‌پسىلىي ئويلىنىپ،‏ ياراتقۇ‌چىنىڭ يولباشچىلىقىغا ئە‌گىشىڭ.‏a —‏ زە‌بۇ‌ر 119:‏105.‏

12.‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئە‌ل،‏ مە‌ملىكە‌تلە‌ردە قانداق نىكاھ ئۆرپ-‏ئادە‌تلىرى بار؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قايسى مىسال ياخشى كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

12 نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئە‌ل،‏ مە‌ملىكە‌تلە‌ردە شۇ‌نداق بىر ئۆرپ-‏ئادە‌ت شە‌كىللە‌نگە‌ن،‏ يە‌نى ئاتا-‏ئانا ئۆز پە‌رزە‌نتلىرى ئۈچۈن لايىق تاللايدۇ.‏ ئاشۇ ئە‌ل خە‌لقلىرى مە‌دە‌نىيىتىدە،‏ ئاتا-‏ئانىلار كۆپ ئىشلارنى كۆرگە‌ن،‏ مۇ‌شۇ‌نداق مۇ‌ھىم تاللاشتا ئاتا-‏ئانا مول تە‌جرىبە ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تكە ئىگە دە‌پ قارىلىپ كە‌لگە‌ن.‏ خۇ‌ددى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب زامانىدىكىگە ئوخشاش،‏ ئاتا-‏ئانا باش بولغان نىكاھ ھە‌مىشە مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىك بولىدۇ.‏ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئوغلى ئىسھاققا ئۆمۈرلۈك جورا تېپىش ئۈچۈن ئۆز خىزمە‌تچىسىنى ئە‌ۋە‌تكە‌نلىكى ھە‌ققىدىكى مىسال،‏ بۈگۈنكى كۈندە پە‌رزە‌نتلىرىگە لايىق تاللايدىغان ئاتا-‏ ئانىلار ئۈچۈن ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگىدۇ‌ر.‏ ئىبراھىم،‏ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چى كىشىلە‌ر ئارىسىدىن ئىسھاققا جورا تېپىشنى بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغان،‏ ھە‌رگىزمۇ كىشىلە‌رنىڭ مال-‏دۇ‌نيا ۋە جە‌مئىيە‌تتىكى تۇ‌تقان ئورنىغا كۆڭۈل بۆلگە‌ن ئە‌مە‌س.‏b —‏ يارىتىلىش 24:‏3،‏ 67.‏

ئۆزۈمگە قانداق كىشىنى جورا بولۇ‌شقا تاللىشىم كېرە‌ك؟‏

قائىدە-‏پرىنسىپ:‏ ‹بىرلىشىپ بىر تە‌ن بولۇ‌ش›.‏ —‏ مە‌تتا 19:‏5‏.‏

ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ

  • ياشلارنىڭ ھە‌ۋە‌سى كۈچلۈك مە‌زگىلنى ئۆتكۈزۈپراق توي قىلىشى نېمە ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏ —‏ 1-‏كورىنتلىقلار 13:‏11؛‏ مە‌تتا 19:‏5،‏ 4‏.‏

  • گە‌رچە توي قىلىش يېشىغا يېتىپ قالغان بولساممۇ،‏ بىر مە‌زگىل يالغۇ‌ز ئۆتۈشنىڭ قانداق پايدىلىق تە‌رىپى بار؟‏ —‏ 1-‏كورىنتلىقلار 7:‏32–‏34،‏ 37،‏ 38.‏

  • ئە‌گە‌ر توي قىلىشنى قارار قىلغان بولسام،‏ بولغۇ‌سى ھە‌مراھىمنىڭ يە‌ھۋاغا ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىپ كېلىۋاتقان بىرى بولۇ‌شى نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏ —‏ 1-‏كورىنتلىقلار 7:‏39.‏

  • ئېتىقادچى ئاچا-‏سىڭىللىرىمىزنىڭ كە‌لگۈسى يولدىشىدا بولۇ‌شقا تېگىشلىك ياخشى ئە‌خلاق-‏پە‌زىلە‌تلە‌رنى كۆرۈپ يېتىشىگە،‏ تۆۋە‌ندىكى ئايە‌تلە‌ر قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ —‏ زە‌بۇ‌ر 119:‏97؛‏ 1-‏تىموتىي 3:‏1–‏7.‏

  • پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 31:‏10–‏31-‏​ئايە‌تلە‌ر،‏ ئېتىقادچى بۇ‌رادە‌رىمىزنىڭ ئاقىلانىلىك بىلە‌ن ئۆمۈرلۈك بىر رە‌پىقە تاللىشىغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قانداق تە‌ييارلىقلارنى كۆرۈش زۆرۈر؟‏

13–‏15.‏ (‏1)‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 24:‏27-‏​ئايە‌تتىكى قائىدە-‏پرىنسىپ،‏ ئۆي-‏ئوچاقلىق بولۇ‌شنى ئويلاشقان يىگىت ئۈچۈن قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ (‏2)‏ قىز ياتلىق بولۇ‌شقا قانداق تە‌ييارلىق كۆرسە بولىدۇ؟‏

13 ئە‌گە‌ر توي قىلىشنى راستىنلا ئويلاشقان بولسىڭىز،‏ ئە‌ڭ ياخشىسى  ئۆز-‏ ئۆزىڭىزدىن شۇ‌نداق سوراپ بېقىڭ:‏ «مە‌ن راستىنلا تە‌ييارلىنىپ بولدۇ‌ممۇ؟‏» جاۋابىڭىز،‏ پە‌قە‌ت جىنسىي ئېھتىياج،‏ ياندا بىر ھە‌مراھ بولۇ‌ش ياكى پە‌رزە‌نت تە‌ربىيىلە‌ش ئارزۇ-‏ئىستە‌كلىرىگە ئاساسلانمىسۇ‌ن.‏ چۈنكى،‏ تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رۇ‌ش تە‌ييارلىقى كۆرۈۋاتقان ھە‌ربىر قىز-‏يىگىت،‏ نىكاھتىكى مە‌سئۇ‌لىيە‌تلىرى توغرىسىدا تە‌پسىلىي ئويلىنىشى كېرە‌ك.‏

14 ئۆمۈرلۈك جورا ئىزدە‌پ يۈرگە‌ن يىگىت،‏ تۆۋە‌ندىكى قائىدە-‏پرىنسىپنى ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن ئويلاپ كۆرۈشى لازىم:‏ «ئۆز ئىشىڭنى تاشقىرىدا تە‌ييارلاپ ئۇ‌نى ئېتىزلىقتا راسلىغاندىن كېيىن ئۆزۈڭگە ئۆي ياسىغىن» (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 24:‏27،‏ ب ج)‏.‏ مۇ‌شۇ ئايە‌تتە نېمە تە‌كىتلە‌نگە‌ن؟‏ ئاشۇ زامانلاردا،‏ «ئۆي» ياساشنى يە‌نى ئوي-‏ئوچاقلىق بولۇ‌شنى ئويلاشقان يىگىت ئۆز-‏ئۆزىدىن سوراپ بېقىشى كېرە‌ك ئىدى:‏ «مە‌ن تە‌ييار بولدۇ‌ممۇ؟‏ خوتۇ‌نۇ‌منى بېقىش ئىقتىدارىم بارمۇ؟‏ كە‌لگۈسىدە پە‌رزە‌نتلىك بولسام،‏ ئۇ‌لاردىن خە‌ۋە‌ر ئالالايمە‌نمۇ؟‏» ئاۋۋال ئۇ تىرىشىپ جاپالىق ئىشلە‌پ،‏ ئېتىزلىقتىكى زىرائە‌تلە‌ردىن خە‌ۋە‌ر ئېلىشى كېرە‌ك.‏ مۇ‌شۇ قائىدە-‏پرىنسىپنى،‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئە‌مە‌لىي قوللىنىشقا بولىدۇ.‏ ئۆي-‏ئوچاقلىق بولۇ‌شنى ئويلىغان يىگىت،‏ ئۆز مە‌سئۇ‌لىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشقا تە‌ييار بولۇ‌شى لازىم.‏ جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن ساغلاملا بولىدىكە‌ن،‏ چوقۇ‌م خىزمە‌ت قىلىشى كېرە‌ك.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب شۇ‌نداق بايان قىلىدۇ‌كى،‏ ئائىلىسىدىكىلە‌رنىڭ جىسمانىي،‏ ھېسسىي ۋە روھىي ئېھتىياجلىرىدىن خە‌ۋە‌ر ئالمىغان ئە‌ر،‏ ھە‌تتا ئىمانسىز كىشىدىنمۇ بە‌تتە‌ر!‏ —‏ 1-‏تىموتىي 5:‏8.‏

15 ياتلىق بولۇ‌شنى قارار قىلغان قىزمۇ بىر قاتار مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى زۆرۈر.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئايال ئائىلە ئىشلىرىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىپ،‏ ئېرىگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ماختاپ تە‌رىپلىگە‌ن،‏ بە‌زى ماھارە‌ت ۋە پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈپ تە‌ييارلىق كۆرسە بولىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 31:‏10–‏31)‏.‏ تېگىشلىك مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تېخى تە‌ييارلىقى پۈتمە‌يلا تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رۇ‌شقا ئالدىرىغان قىز-‏يىگىتلە‌ر،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ناھايىتى شە‌خسىيە‌تچى،‏ ئۇ‌لار كە‌لگۈسى ھە‌مراھىنىڭ غېمىنى يېمە‌يدۇ.‏ تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رۇ‌شنى ئويلاشقانلار ئۈچۈن،‏ ھە‌ممىدىن مۇ‌ھىمى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب قائىدە-‏پرىنسىپلىرىنى نىكاھلىق تۇ‌رمۇ‌شىدا ئە‌مە‌لىي قوللىنالايدىغان بولۇ‌شتۇ‌ر.‏

16،‏ 17.‏ تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رۇ‌شقا تە‌ييارلىق كۆرۈۋاتقانلار،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ قايسى قائىدە-‏پرىنسىپلىرىنى چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشى زۆرۈر؟‏

16 تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رۇ‌شقا تە‌ييارلىق كۆرۈش —‏ ئاللا،‏ ئە‌ر ۋە ئايال ئۈچۈن بە‌لگىلىگە‌ن مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌ر توغرىسىدا چوڭقۇ‌ر ئويلىنىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ ئە‌ر،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىدىغان ئائىلىنىڭ بېشى بولۇ‌ش نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىشى زۆرۈر.‏ بۇ ئائىلىدە زورلۇ‌ق-‏زومبۇ‌رلۇ‌ق قىلىشقا ھوقۇ‌ق بېرىلدى،‏ دېگە‌ننى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ ئە‌كسىچە،‏ يىگىت چوقۇ‌م ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ باش بولۇ‌ش ئىش ئىزلىرىنى ئۈلگە قىلىشى لازىم (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏23)‏.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىدىغان قىزمۇ نىكاھلىق ئايالنىڭ قانداق مە‌سئۇ‌لىيىتى بارلىقىنى چۈشىنىشى كېرە‌ك.‏ ئۇ ‹ئېرىنىڭ شە‌رىئىتىگە›،‏ يە‌نى قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نالامدۇ؟‏ (‏رىملىقلار 7:‏2،‏ ب ج)‏.‏ ئۇ ئاللىقاچان،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نىغا ئىتائە‌ت قىلماقتا (‏گالاتىيالىقلار 6:‏2)‏.‏ ئېرىنىڭ ئائىلىدىكى باش بولۇ‌ش ھوقۇ‌قىنىڭ ئۆزى يە‌نە بىر قانۇ‌ندۇ‌ر.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئايال مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌مە‌س ئېرىنىڭ ھوقۇ‌قىغا ئىتائە‌ت قىلىپ،‏ ئۇ‌نى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىيە‌لە‌مدۇ؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق قىلىشنى قىيىن كۆرسە،‏ ئە‌ڭ ياخشىسى توي قىلمىسۇ‌ن!‏

17 ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ توي قىلغانلار چوقۇ‌م ئۆز جورىسىنىڭ ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە تە‌ييار تۇ‌رۇ‌شى لازىم (‏فىلىپىلىكلە‌ر 2:‏4)‏.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س:‏ «ھە‌ممىڭلار ئايالىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆيۈڭلار،‏ ئاياللارمۇ ئە‌رلىرىنى ھۆرمە‌تلىسۇ‌ن»،‏ دە‌پ يازغان بولۇ‌پ،‏ خۇ‌دانىڭ ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شى بىلە‌ن ئە‌لچى پاۋلۇ‌س،‏ ئە‌ر ئايالىنىڭ چوڭقۇ‌ر ھۆرمە‌تلىشىگە،‏ ئايال ئېرىنىڭ سۆيگۈ-‏ مۇ‌ھە‌ببىتىگە ئالاھىدە مۇ‌ھتاج بولىدىغانلىقىنى تە‌كىتلىگە‌ن.‏ —‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏21–‏33.‏

ئارىلىشىپ يۈرۈۋاتقان قىز-‏يىگىتلە‌رنىڭ ئۇ‌چرىشىشلارغا چىققىنىدا،‏ يالغۇ‌ز قالماسلىقى ئۈچۈن باشقىلارنى بىللە چىقىشقا تە‌كلىپ قىلىشى ئاقىلانىلىقتۇ‌ر

18.‏ قىز-‏يىگىتلە‌ر ئارىلىشىپ يۈرگە‌ن چاغلاردا،‏ نېمە ئۈچۈن ئۆز-‏ئۆزىنى تىزگىنلە‌شنى چېنىقتۇ‌رۇ‌پ كۈچە‌يتىشى كېرە‌ك؟‏

18 شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ كۆيۈشۈپ دوستلىشىپ يۈرۈش خۇ‌شال-‏خۇ‌رام،‏ ئويۇ‌ن-‏ كۈلكىلە‌ر بىلە‌ن ئۆتكۈزىدىغان چاغلار بولۇ‌پلا قالماي،‏ يە‌نە قىز-‏يىگىت بىر-‏ بىرى بىلە‌ن قانداق چىقىشىپ ئۆتۈشنى ئۆگىنىدىغان،‏ ئە‌گە‌ردە توي قىلسا،‏ بىر-‏بىرى بىلە‌ن ماسلىشىپ ئۆي تۇ‌تۇ‌پ كېتە‌لە‌يدىغان ياكى كېتە‌لمە‌يدىغانلىقىغا ئاقىلانە قارار چىقىرىدىغان مە‌زگىلدۇ‌ر.‏ ئۇ يە‌نە ئۆز-‏ئۆزىنى تىزگىنلە‌شنى چېنىقتۇ‌رۇ‌پ كۈچە‌يتىدىغان ۋاقىت!‏ ئارىلىشىپ يۈرۈۋاتقان قىز-‏يىگىتلە‌ر،‏ بە‌لكىم بىر-‏بىرىگە جىسمانىي جە‌ھە‌تتە يېقىنچىلىق قىلىشنى ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ شۇ‌نداق مايىللىقنىڭ بولۇ‌شى ناھايىتى تە‌بىئىي.‏ ئە‌مما،‏ بىر-‏بىرىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغانلار،‏ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىشىنىڭ خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىگە زىيان يە‌تكۈزۈشى مۇ‌مكىن بولغان ھە‌رقانداق ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ردىن خالىي بولىدۇ (‏1-‏سالونىكالىقلار 4:‏6)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌گە‌ر سىز بىرسى بىلە‌ن ئارىلىشىپ يۈرۈۋاتقان بولسىڭىز،‏ ئۆزىڭىزنى تىزگىنلە‌شنى كۈچە‌يتىڭ؛‏ مۇ‌شۇ پە‌زىلە‌ت،‏ مە‌يلى توي قىلىڭ ياكى قىلماڭ،‏ سىزنى بىر ئۆمۈر تۇ‌رمۇ‌شىڭىزدا پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئىگە قىلىدۇ.‏

نىكاھ رىشتىسىنى قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىيە‌لە‌يسىز؟‏

19،‏ 20.‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ نىكاھقا بولغان كۆزقارىشى،‏ بۇ دۇ‌نيادىكى كۆپچىلىك كىشىلە‌ردىن قانداق پە‌رقلىنىشى كېرە‌ك؟‏ مىسال ئارقىلىق چۈشە‌ندۈرۈڭ؟‏

19 ئە‌گە‌ر ئە‌ر-‏خوتۇ‌ن نىكاھلىق تۇ‌رمۇ‌شىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىمە‌كچى بولسا،‏ تېگىشلىك مە‌سئۇ‌لىيە‌تلە‌رنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىشقا توغرا كۆزقاراشتا بولۇ‌شى زۆرۈر.‏ ئادە‌تتە،‏ كىشىلە‌ر ئۈمىد قىلغاندە‌ك،‏ رومان ۋە كىنولار ھە‌مىشە ئىككى ياشنىڭ تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رۇ‌پ،‏ مۇ‌راد-‏مە‌قسىتىگە يېتىشى بىلە‌ن ئاياغلىشىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ رېئال تۇ‌رمۇ‌شتا،‏ نىكاھ —‏ ئۇ ئاخىرلىشىش ئە‌مە‌س؛‏ بە‌لكى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ نە‌زىرىدىكى ئۆمۈرلۈك ئە‌ر-‏خوتۇ‌نلۇ‌ق تۇ‌رمۇ‌شنىڭ باشلىنىشىدۇ‌ر (‏يارىتىلىش 2:‏24)‏.‏ ئە‌پسۇ‌سلىنارلىقى،‏ بۈگۈنكى كۈندە ھە‌ممە ئادە‌م يە‌ھۋاغا ئوخشاش كۆزقاراشتا ئە‌مە‌س.‏ بە‌زى ئە‌ل خە‌لقى مە‌دە‌نىيىتىدە،‏ كىشىلە‌ر ئىككى ياشنىڭ نىكاھ رىشتىسى بىلە‌ن باغلىنىشىنى ئارغامچىنى تۈگۈچ قىلىشقا ئوخشاتقان.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار مۇ‌شۇ ئوخشىتىشنىڭ،‏ بۈگۈنكى كۈندە كۆپچىلىك كىشىلە‌رنىڭ نىكاھقا بولغان كۆزقارىشىنى تە‌سۋىرلە‌شتە،‏ دە‌لمۇ-‏دە‌ل توغرا كېلىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دە‌يمىز؟‏ چۈنكى،‏ ياخشى چىگىلگە‌ن ئارغامچا تۈگۈچىنى،‏ كېرە‌ك بولغاندا چىڭىتىپ يېشىلىپ كە‌تمە‌س قىلىشقا بولىدۇ،‏ يە‌نە ئۇ‌نى چىگىش ئاسان بولغاندە‌ك،‏ ئۇ‌نى يېشىپ بوشاتماق ھە‌م ئاسان.‏

20 بۈگۈنكى كۈندە،‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر نىكاھنى ۋاقىتلىق،‏ دە‌پ قارىشىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۆز ئېھتىياجلىرىنى قانائە‌ت تاپقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن توي قىلىشقا ئالدىرايدۇ.‏ ھە‌مدە توي قىلىپ،‏ تۇ‌رمۇ‌شىدا قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ دە‌رھال نىكاھتىن ئاجرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.‏ بىراق،‏ شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىق كېرە‌ككى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ ئىككى كىشىنىڭ بىرلىشىشى ئارغامچىغا مىسال قىلىنغان.‏ دېڭىزچىلارنىڭ كېمىسىدە ئىشلىتىلىدىغان ئارغامچا ياكى ئارقان چىداملىق قىلىپ ئېشىلگە‌چ،‏ ھە‌تتا كۈچلۈك دېڭىز بوران-‏چاپقۇ‌نلىرىدا،‏ ھە‌رگىز سۈركىلىپ ئۇ‌پرىمايدۇ ياكى چۇ‌ۋۇ‌لۇ‌پ يېشىلمە‌يدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ خۇ‌دا،‏ نىكاھنى بۇ‌زۇ‌لمايدىغان بىرلىشىش قىلىپ بېكىتكە‌ن.‏ ئېسىڭىزدە بولسا،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ:‏ «خۇ‌دا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇ‌ن»،‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 19:‏6‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر سىز توي قىلسىڭىز،‏ چوقۇ‌م شۇ‌نىڭغا ئوخشاش كۆزقاراشتا بولۇ‌شىڭىز كېرە‌ك.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ شۇ‌نداق مە‌سئۇ‌لىيە‌ت نىكاھنى ئېغىر يۈككە ئايلاندۇ‌رامدۇ؟‏ ياق.‏

21.‏ ئە‌ر-‏خوتۇ‌نلار بىر-‏بىرىگە نىسبە‌تە‌ن قانداق كۆزقاراشنى ساقلىشى لازىم؟‏ ئۇ‌لارنىڭ شۇ‌نداق قىلىشىغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

21 ئە‌ر-‏ئايال،‏ بىر-‏بىرىگە نىسبە‌تە‌ن توغرا كۆزقاراشنى ساقلىشى لازىم.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ‌لار كۆزقارىشىنى بىر-‏بىرىنىڭ ياخشى ئە‌خلاق-‏پە‌زىلىتى ۋە كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىغا مە‌ركە‌زلە‌شتۈرۈشكە ئىنتىلسە،‏ ئۇ‌لارنىڭ نىكاھلىق تۇ‌رمۇ‌شى خۇ‌شال-‏خۇ‌راملىق ۋە كۆڭۈل خاتىرجە‌ملىكىنىڭ مە‌نبە‌سى بولىدۇ.‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل جورىسىنىڭ ياخشىلىق تە‌رىپىنىلا كۆرۈش،‏ رېئاللىققا كۆز يۇ‌مۇ‌شمۇ؟‏ يە‌ھۋا ھە‌رگىزمۇ يامانلىقلىرىمىزنى كۆرمە‌سكە سالمايدۇ.‏ ئە‌مما بىز،‏ يە‌ھۋانىڭ نە‌زىرىنى ياخشىلىق تە‌رىپىمىزنى كۆرۈشكە مە‌ركە‌زلە‌شتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسىدىن بىرى:‏ «ئە‌گە‌ر سە‌ن ئە‌ي خۇ‌داۋە‌ندە [يامانلىقنى] ھېساب قىلساڭ ئە‌ي خۇ‌داۋە‌ندە كىم [ئالدىڭدا] تۇ‌رالايدۇ‌ر؟‏»،‏ دە‌پ سورىغان (‏زە‌بۇ‌ر 130:‏3،‏ ب ج)‏.‏ ئە‌ر-‏خوتۇ‌نلارمۇ خۇ‌دانى ئۈلگە قىلىپ،‏ بىر-‏بىرىنىڭ ياخشى تە‌رە‌پلىرىنى كۆرۈپ،‏ ئۆزئارا ئە‌پۇ قىلىشى لازىم.‏ —‏ كولوسىلىقلار 3:‏13.‏

22،‏ 23.‏ ئىبراھىم بىلە‌ن سارە،‏ بۈگۈنكى كۈندىكى ئە‌ر-‏خوتۇ‌نلارغا قانداق ئۈلگىلە‌رنى قالدۇ‌رغان؟‏

22 يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئە‌گىشىپ،‏ ئە‌ر-‏خوتۇ‌نلۇ‌ق تۇ‌رمۇ‌ش كۆپ بە‌رىكە‌تلە‌رنى ئېلىپ كېلىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ خوتۇ‌نى سارە‌نىڭ قېرىلىق مە‌زگىللىرىدىكى تۇ‌رمۇ‌شى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئۇ‌لار تۇ‌رمۇ‌شنىڭ ئىسسىق-‏سوغاقچىلىقى ۋە غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىدىن پۈتۈنلە‌ي خالىي بولالىغان ئە‌مە‌س.‏ سارە ئە‌سلىدە گۈللە‌پ روناق تاپقان شە‌ھە‌ر ئۇ‌ردا ئولتۇ‌راتتى.‏ ئە‌مما 60 يېشىغا يە‌تكە‌ندە،‏ راھە‌ت ئۆيىدىن ئايرىلىپ،‏ قالغان ھاياتىنى چېدىردا ئۆتكۈزگە‌ن.‏ ئاشۇ ۋاقىتتا سارە‌نىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىش قىيىن ئە‌مە‌س.‏ بىراق،‏ ئۇ ئېرىنىڭ باشچىلىق ھوقۇ‌قىغا بويسۇ‌نغان.‏ ئۇ ئىبراھىمنى ھۆرمە‌تلە‌پ،‏ قارارىنىڭ ئوڭۇ‌شلۇ‌ق بولۇ‌شى ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا مە‌دە‌ت بېرىپ،‏ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌ن.‏ سارە كۆرۈنۈشكىلا ئىتائە‌تچان بولغان ئە‌مە‌س،‏ ھە‌تتا «سارە ئىچىدە» ئېرىنى خوجايىن،‏ دە‌پ ئاتىغان (‏يارىتىلىش 18:‏12c‏؛‏ 1-‏پېترۇ‌س 3:‏6)‏.‏ ئۇ ئېرىنى چىن كۆڭلىدىن چوڭقۇ‌ر ھۆرمە‌ت قىلغان.‏

23 ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۇ ھە‌رگىزمۇ ئىبراھىم بىلە‌ن سارە‌نىڭ ھە‌رقانداق ئىشلاردا ئوي-‏پىكىرى بىر يە‌ردىن چىققان،‏ دېگە‌نلىك ئە‌مە‌س.‏ بىر نۆۋە‌ت،‏ سارە ئىبراھىمنى «ئىنتايىن قايغۇ‌غا» سالىدىغان تە‌كلىپنى ئوتتۇ‌رغا قويغان.‏ گە‌رچە شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ كۆرسە‌تمىسى بىلە‌ن،‏ ئىبراھىم كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ئايالىنىڭ پىكىرىنى ئىلىك ئېلىپ،‏ شۇ بويىچە ئىش تۇ‌تقاچ،‏ نە‌تىجىدە ئائىلىسى بە‌رىكە‌تلە‌شكە ئېرىشكە‌ن (‏يارىتىلىش 21:‏9–‏13)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ ھە‌تتا ئۆي تۇ‌تقىنىغا نە‌چچە ئون يىل بولغان ئە‌ر-‏خوتۇ‌نلار،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىگە كىرىپ ياشىغان ئۇ‌شبۇ بىر جۈپتىن كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏

24.‏ قانداق نىكاھلىق تۇ‌رمۇ‌ش يە‌ھۋاغا شە‌ن-‏شە‌رە‌پ ئېلىپ كېلىدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

24 ئېتىقادچىلار جامائىتىدە،‏ خوتۇ‌نى ئېرىنى چوڭقۇ‌ر ھۆرمە‌تلە‌پ،‏ ئېرى خوتۇ‌نىنى سۆيۈپ قە‌دىرلە‌پ،‏ بىرلىكتە خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداشنى تۇ‌رمۇ‌شىدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويۇ‌پ،‏ خۇ‌شال-‏خۇ‌رام،‏ بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈۋاتقان نە‌چچە ئون مىڭلىغان ئە‌ر-‏خوتۇ‌نلار بار.‏ ئە‌گە‌ر ئۆي-‏ئوچاقلىق بولۇ‌شنى قارار قىلغان بولسىڭىز،‏ جورا تاللاشتا ئاقىلانە بولۇ‌ڭ،‏ تۇ‌رمۇ‌ش قۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن پۇ‌ختا تە‌ييارلىق كۆرۈپ،‏ خاتىرجە‌ملىككە ۋە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە تولغان ئىناق ئائىلىنى قۇ‌رۇ‌شقا تىرىشىڭ.‏ شۇ‌نداق نىكاھلىق تۇ‌رمۇ‌ش يە‌ھۋا خۇ‌داغا شان-‏شە‌رە‌پ ئېلىپ كېلىدۇ‏،‏ ۋە خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە داۋاملىق ياشىشىڭىزغا جە‌زمە‌ن ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏

a يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى نە‌شىر قىلغان «‏بە‌ختلىك ئائىلە تۇ‌رمۇ‌شىنىڭ سىرى‏» (‏ئۇ‌يغۇ‌ر تىلى نە‌شىرى يوق)‏،‏ دېگە‌ن كىتابنىڭ 2-‏​بابىغا قاراڭ.‏

b قە‌دىمقى زاماندا،‏ بە‌زى ساداقە‌تمە‌ن قە‌بىلە باشلىقلىرى بىرنە‌چچە خوتۇ‌ن ئالغان.‏ ئاللا ئاشۇ قە‌بىلە باشلىقلىرى ۋە ئىسرائىل خە‌لقىنىڭ كۆپ خوتۇ‌ن ئېلىشىغا يول قويغان.‏ ئاللا كۆپ خوتۇ‌نلۇ‌ق نىكاھ تۈزۈمى ئورناتمىغان.‏ لېكىن شۇ‌نداق قىلىشنى تىزگىنلە‌ش ئۈچۈن بە‌زى قانۇ‌ننى چۈشۈرگە‌ن.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ ئېتىقادچىلار شۇ‌نى ئە‌ستە ساقلىشى كېرە‌ككى،‏ پە‌رۋە‌ردىگار ئۆزىگە ئىبادە‌ت قىلغۇ‌چىلارنىڭ كۆپ خوتۇ‌نلۇ‌ق بولۇ‌شىغا يول قويمايدۇ.‏ —‏ مە‌تتا 19:‏9؛‏ 1-‏تىموتىي 3:‏2.‏

c مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھازىرقى زامان ئۇ‌يغۇ‌رچە تە‌رجىمىسى،‏ يارىتىلىش 18:‏12-‏​ئايىتىدە،‏ سارە ئىبراھىمنى «ئېرىم»،‏ دە‌پ چاقىرغان.‏ 1-‏پېترۇ‌س 3:‏6-‏​ئايە‌ت،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئۇ‌نىڭ «خوجايىن»،‏ دە‌پ چاقىرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش