14-باب
ھەر ئىشتا سەمىمىي بولۇش
«ھەر جەھەتتە توغرا يولدا مېڭىشنى ئۈمىد قىلىمىز». — ئىبرانىيلار 13:18.
1، 2. نېمە ئۈچۈن، يەھۋا سەمىمىي بولۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسە، كۆڭلى خۇرسەن بولىدۇ؟ مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈڭ؟
بىر ئانا كىچىك ئوغلى بىلەن دۇكاندىن چىققاندا، تۇيۇقسىز بالا چۆچۈگىنىچە توختاپ قالدى. ئۇ بالىغا نېمە بولدى؟ ئەسلىدە، بالىنىڭ قولىدا دۇكاندىن ئېلىپ چىققان ئويۇنچۇق بار ئىدى. ئۇ ئويۇنچۇقنى ئويناپ، ئۆز ئورنىغا قويۇپ قويۇشنى ياكى ئانىسىدىن ئۇنى سېتىۋالغان ياكى سېتىۋالمىغانلىقىنى سوراشنى ئۇنتۇغان ئىدى. بالا نېمە قىلىشىنى بىلمەي ھودۇقۇپ تۇرغىنىدا، ئانا بالىسىنى بەزلەپ، دۇكانغا كىرىپ ئويۇنچۇقنى ئۆز ئورنىغا قويۇپ قويغاندىن كېيىن، دۇكان ئىگىسىدىن كەچۈرۈم سوراشنى ئوغلىغا ئېيتتى. ئۇ بالا شۇنداق قىلغىنىدا، ئانىنىڭ قەلبى خۇشاللىقىدىن سۆيۈنۈپ كەتتى. نېمە ئۈچۈن؟
2 پەرزەنتلىرىنىڭ سەمىمىي بولۇشنى ئۆگەنگەنلىكىنى كۆرگىنىدە، ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆڭۈللىرى سۆيۈنۈپ مەمنۇنلۇق ھېس قىلىشىدۇ. دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ئاسماندىكى ئاتىمىز «بەرھەق تەڭرى خۇداۋەندە»، ئىمان-ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىپ، سەمىمىي بولۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسە، ئۇنىڭ كۆڭلىمۇ خۇرسەن بولىدۇ (زەبۇر 31:5، ب ج). خۇدانى خۇرسەن قىلىپ، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاشنى ئىزدىسەك، ئەلچى پاۋلۇسنىڭ: «ھەر جەھەتتە توغرا يولدا مېڭىشنى ئۈمىد قىلىمىز»، دېگەن سۆزىگە قوشۇلىمىز (ئىبرانىيلار 13:18). ئۇنداقتا، ئاساسلىقى قايسى تۆت جەھەتتىن، بەزىدە كىشىلىك تۇرمۇشتا سەمىمىي بولۇشنىڭ بەك قىيىن بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئاندىن كېيىن، سەمىمىي بولۇشنىڭ قانداق بەرىكەتلەش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىمىز.
ئۆز-ئۆزىگە سەمىمىي بولۇش
3–5. (1) ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالداپ خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدانىڭ سۆزى بىزنى قانداق ئاگاھلاندۇرىدۇ؟ (2) ئۆز-ئۆزىمىزگە سەمىمىي بولۇشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
3 ئاۋۋال ئۆز-ئۆزىمىزگە سەمىمىي بولۇشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. سەمىمىي بولۇش ئاسان ئەمەس. چۈنكى، ھەممىمىز نامۇكەممەل ئىنسانلار بولغاچ، ناھايىتى ئاسانلا ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالدايمىز. مەسىلەن، ئەيسا مەسىھ، لائودىكىيادىكى ئېتىقادچىلار ئۆزلىرىنى باي، دەپ ئۆز-ئۆزىنى ئالدايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ناھايىتى بىچارە، ئىمان-ئېتىقاد جەھەتتە «نامرات، كور ۋە يالىڭاچ»، دېگەن (ۋەھىيلەر 3:17). ئۇلار ئۆز-ئۆزىنى ئالداپ، ئاقىۋەتتە ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.
4 مۇقەددەس كىتابتىكى مۇنۇ سۆزمۇ يادىڭىزغا يېتىشى مۇمكىن: «ئۆزىنى خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەم دەپ قارىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن كىشى ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ. بۇنداق ئىخلاسمەنلىكنىڭ قىلچە قىممىتى يوقتۇر» (ياقۇپ 1:26). ئەگەر تىلىمىزنى قالايمىقان ئىشلەتسەك ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەھۋاغا قىلغان ئىبادىتىم مەقبۇل بولىدۇ، دەپ ئويلىساق، ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز. يەھۋاغا قىلغان ئىبادىتىمىزنىڭ قىلچە قىممىتى بولمايدۇ، پۈتۈنلەي بىكار بولىدۇ. شۇنداق ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
5 يەنە بىر قاتار ئايەتلەردە، خۇدانىڭ سۆزلىرىدىكى ھەقىقەت، ئوبرازنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەينەككە ئوخشىتىلغان. ياراتقۇچىنىڭ مۇكەممەل قانۇن-پەرمانلىرىغا تەپسىلىي قاراپ، ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىشىمىز لازىم (ياقۇپ 1:23–25). مۇقەددەس كىتاب، ئۆز-ئۆزىمىزگە سەمىمىي بولۇشىمىز ۋە قايسى جەھەتتە ئۆزگەرتىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز ئۈچۈن ياردەم بېرەلەيدۇ (مەرسىيە 3:40؛ ھەجى 1:5). ئۇنىڭدىن باشقا، ئاللا يەھۋانىڭ بىزنى تەكشۈرۈشى ئۈچۈن دۇئا قىلساق بولىدۇ. شۇنداق قىلىش، ئارقىلىق ئېغىر خاتالىقىمىزنى كۆرۈپ يېتىپ، ئۇلارنى بوينىمىزغا ئېلىپ، تىرىشىپ تۈزىتىشىمىزگە ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىيەلەيمىز (زەبۇر 139:23، 24). سەمىمىيەتسىزلىك ئاسان بايقىغىلى بولمايدىغان كەمچىلىك. سەمىمىيەتسىزلىككە بولغان كۆزقارىشىمىز ئاسماندىكى ئاتىمىز بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك. پەندى-نەسىھەت 3:32-ئايەت (ب ج): «ئەگرى كىشى خۇداۋەندىنىڭ نەزىرىدە [يامان] دۇر لېكىن توغرا كىشىلەر بىلەن ئۇنىڭ خۇش [رازىلىقى] باردۇر»، دەيدۇ. يەھۋا، بىزنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشاش ھېس-تۇيغۇدا بولۇشىمىزغا ۋە ئۆزىمىزنى ئۇ بىزنى كۆرگەندەك كۆرۈشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. يادىڭىزدا بولسا، ئەلچى پاۋلۇس: «ھەر جەھەتتە توغرا يولدا مېڭىشنى ئۈمىد قىلىمىز»، دېگەن. گەرچە، بىز ھازىر مۇكەممەل بولالمىساقمۇ، ئەمما سەمىمىي راستچىل بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە چىن دىلىمىزدىن ئىزدەيمىز.
ئائىلىدە سەمىمىي بولۇش
سەمىمىي بولۇش يوشۇرۇنچە ئىشلارنى قىلىشقا ئازدۇرۇلۇشتىن يىراق بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ
6. نېمە ئۈچۈن ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە چوقۇم سەمىمىي بولۇشى كېرەك؟ شۇنداق قىلغىنىدا، ئۇلار قانداق خەتەرلىك ئاقىۋەتتىن خالىي بولالايدۇ؟
6 سەمىمىي بولۇش — يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى ئائىلىسىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىدۇر. شۇڭا، ئەر-خوتۇنلار ھەر ئىشتا بىر-بىرىگە چوقۇم ئوچۇق ئاشكارا ۋە سەمىمىي بولۇشى لازىم. ئۆز جورىسى ئەمەس كىشىگە قاش-كۆز ئوينىتىش، ئىنتېرنېت تورىدا يۇشۇرۇن ئالاقە قىلىشقا ئادەتلىنىش ياكى ھەرقانداق شەھۋانىيلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان نەرسىلەرنى تاماشا قىلىشتەك ھەرقانداق كۆڭۈلگە ئازار بېرىدىغان ۋە ناپاك قىلمىشلارغا، خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئائىلىسىدە ئورۇن يوق. توي قىلغان بەزى ئېتىقادچىلار ئۆز جورىسىگە بىلدۈرمەي، يوشۇرۇنچە شۇنداق خاتا ئىشلارنى قىلىشقان. بۇنداق قىلىش — سەمىمىيەتسىزلىكتۇر. ساداقەتمەن پادىشاھ داۋۇتنىڭ سۆزىگە قاراپ باقساق، ئۇ: «شېرىك بولمايمەن يالغانچىلارغا، ئارىلاشمايمەن ساختىپەزلەرگە»، دېگەن (زەبۇر 26:4). ئەگەر ئۆي-ئوچاقلىق بولغان بولسىڭىز، نىكاھلىق جورىڭىزدىن يۇشۇرۇن ئىش قىلىشتىن قەتئىي ھەزەر ئەيلەڭ!
7، 8. مۇقەددەس كىتابتىكى قايسى مىساللار، بالىلارنىڭ سەمىمىي بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
7 ئاتا-ئانىلار مۇقەددەس كىتابتىكى مىساللارنى ئىشلىتىپ، پەرزەنتلىرىگە سەمىمىيلىكنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆگەتسە، ئاقىلانىلىك بولىدۇ. سەمىمىيەتسىزلىك توغرىسىدا بىرقانچە مىسال كۆرسەك: مەسىلەن، ئەكان نەرسىلەرنى ئوغرىلىغان ۋە ئوغرىلىق قىلغانلىقىنى يۇشۇرۇشقا ئۇرۇنغان؛ گېھاز بايلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن يالغانچىلىق قىلغان؛ يەھۇدا ئىشقارىيوت ئوغرىلاپ قالماستىن، ئەيسانىڭ دوستى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ھەتتا ئەيسانى سېتىۋەتكەن. — يەشۇ 6:17–19؛ 7:11–25؛ 2-پادىشاھلار 5:14–16، 20–27؛ مەتتا 26:14، 15؛ يۇھاننا 12:6.
8 سەمىمىي بولۇش توغرىسىدا بىرنەچچە مىسالنى كۆرۈپ ئۆتسەك، مەسىلەن، ياقۇپ ئوغۇللىرىنى تاغارلىرىغا سېلىپ قويۇلغان پۇللارنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇغان. چۈنكى، ئۇ خاتا سېلىنىپ قالغان چېغى دەپ ئويلىغان؛ يىفتاخ ۋە ئۇنىڭ قىزىنى ئالساق، يىفتاخنىڭ قىزى ئاتىسىنىڭ قىلغان قەسىمىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ قۇربانلىق بېرىشكە رازى بولغان؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيسا مەسىھ باتۇرلۇق بىلەن قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ كەلگەنلەرگە ئۆزىنى ئاشكارا قىلىپ، ئۆز دوستلىرىنى ھىمايە قىلىپ بېشارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغان (يارىتىلىش 43:12؛ ھاكىملار 11:30–40؛ يۇھاننا 18:3–11). مۇقەددەس كىتابنىڭ ياردىمىدە، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە سەمىمىيلىكنى سۆيۈشنى ۋە سەمىمىي بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆگىتىشى ئۈچۈن، مۇشۇ بىر قاتار مىساللار ئاتا-ئانىلارنى مول تەجرىبە-ساۋاقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
9. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا سەمىمىي بولۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىشتە، قانداق ئىشلاردىن ساقلىنىشى كېرەك؟ ئۇلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىشى نېمە ئۈچۈن بەك مۇھىم؟
9 پەرزەنتلىرىگە سەمىمىي بولۇشنى ئۆگىتىش، ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ باش تارتسا بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. ئەلچى پاۋلۇس مۇنداق سورىغان: «سەن باشقىلارغا خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭگە بەرمەمسەن؟ باشقىلارغا ئوغرىلىق قىلما دەپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ ئوغرىلىق قىلامسەن؟» (رىملىقلار 2:21). بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا سەمىمىي بولۇشنى ئۆگىتىپ، ئۆزلىرى سەمىمىي بولماي، پەرزەنتلىرىنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. ئاتا-ئانىلار بەلكىم كىچىك نەرسىنى ئوغرىلاپ، ئارقىدىن ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن «ئۇلار باشقىلارنىڭ ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ، شۇ يەرگە قويۇپ قويغان»، دەيدۇ. بەزىدە يالغان گەپ قىلىپ، باھانە كۆرسىتىپ، «بۇ بەك كىچىك يالغانچىلىق، ھېچ ۋەقەسى يوق»، دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئوغرىلىقنىڭ چوڭ- كىچىكى يوق، ھەممىسى ئوغرىلىق. يالغانچىلىققا باھانە يوق، قىچا ئۇرۇقىدەك كىچىككىنە يالغان ئارىلاشقان بولسىمۇ، ھەممىسى يالغانچىلىقتۇرa (لۇقا 16:10). بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئىككى يۈزلىمىلىكىنى تېزلا كۆرۈپ يېتىدۇ، بەلكىم ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ يامان تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن (ئەفەسلىكلەر 6:4). بىراق، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا سەمىمىي بولۇشتا ئۈلگە كۆرسەتسە، پەرزەنتلىرىنىڭ سەمىمىي بولۇشنى ئۆگىنىپ، بۇ سەمىمىيەتسىزلىككە تولغان دۇنيادا، يەھۋاغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدىغان كىشى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلگىنىنى كۆرەلىشى مۇمكىن. — پەندى-نەسىھەت 22:6.
جامائەتتە سەمىمىي بولۇش
10. ئېتىقادچى قېرىنداشلار پاراڭ قىلىشقىنىدا، قايسى نەسىھەتلەرگە دىققەت قىلىشى لازىم؟
10 ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن باردى-كەلدى قىلىش سەمىمىيلىكنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە كۆپ پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ. 12-بابتا ئۆگىنىپ ئۆتكىنىمىزدەك، سۆز قىلىشتا كۆپ ئېھتىياتچان بولۇشىمىز، بولۇپمۇ ئىمانداشلىرىمىز ئارىسىدا شۇنداق قىلىشىمىز بەكمۇ مۇھىم. قىلىشقان پاراڭلار ئاسانلا غەيۋەت-شىكايەتكە، ھەتتا تۆھمەتكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن! ئەگەر راست-يالغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىش-ۋەقەلەرنى باشقىلارغا بايان قىلساق، بىلىپ-بىلمەي يالغان گەپنى تارقىتىشقا ياردەم بېرىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا، تىلىمىزنى تىزگىنلەپ لەۋلىرىمىزنى چىڭ ساقلىغىنىمىز ياخشىراق (پەندى-نەسىھەت 10:19). بەلكىم، مەلۇم ئىشنىڭ راستلىقىنى بىلىشىمىز مۇمكىن، گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بۇ ئۇنى باشقىلارغا ئېيتىش كېرەك، دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ئىشنىڭ بىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق بولۇشى ياكى ئۇنى تارقاتساق باشقىلار ئۈچۈن ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن (1-سالونىكالىقلار 4:11). بەزىلەر سەمىمىي بولۇشنى باھانە قىلىپ، قوپال گەپ-سۆزلەرنى قىلىدۇ، ئەمما بىزنىڭ گەپ-سۆزلىرىمىز، ھەمىشە يېقىملىق ۋە مۇلايىم بولۇشى لازىم. — كولوسىلىقلار 4:6.
11، 12. (1) بەزى ئېغىر گۇناھ قىلغانلار، قانداق قىلىپ گۇناھى ئۈستىگە گۇناھ ئۆتكۈزىدۇ؟ (2) ئېغىر گۇناھ قىلىشقا باشلايدىغان شەيتان تەرغىپ قىلىدىغان يالغانچىلىق قايسىلار؟ ئالدىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز لازىم؟ (3) يەھۋانىڭ تەشكىلاتىغا سەمىمىي بولغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
11 بولۇپمۇ جامائەتكە يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارغا سەمىمىي بولۇشىمىز بەك مۇھىم. بەزىلەر ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەندە، ئاقساقاللار ئىشنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا سورىسا، ئۇلار گۇناھىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن ئاقساقاللارغا يالغان سۆزلەپ، گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئىككى يۈزلىمىلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلاپ، يەھۋاغا خىزمەت قىلغاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا داۋاملىق ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتى يالغانچىلىققا تولىدۇ (زەبۇر 12:2). يەنە بەزىلەر ئىشنىڭ مەلۇم تەپسىلاتىنى ئېيتىپ، ئاچقۇچلۇق بولغان مۇھىم تەرىپىنى يۇشۇرىدۇ (ئەلچىلەر 5:1–11). كىشىلەر شەيتان تەرغىپ قىلغان يالغانچىلىقلارغا ئىشەنگەنلىكى سەۋەبلىك، شۇنداق سەمىمىيەتسىزلىك قىلىشىدۇ. — «ئېغىر گۇناھلار ھەققىدە شەيتان تەرغىپ قىلىدىغان يالغانچىلىقلار»، دېگەن 188–189-بەتلەردىكى رامكىغا قاراڭ.
12 شۇنىڭدەك، سوئاللارغا يازمىچە جاۋاب بەرگەندە، يەھۋانىڭ تەشكىلاتىغا سەمىمىي بولۇشىمىز ھەم بەك مۇھىم. مەسىلەن، خۇش خەۋەرنى ۋەز ئېيتىش خىزمىتىمىزدىن سانلىق مەلۇمات بەرگەندە، يالغانچىلىق ئارىلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك. يەنە پەرۋەردىگار يەھۋا يولىدا ئالاھىدە خىزمەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلساق، سالامەتلىك ئەھۋالىمىز ۋە باشقا ھەرقانداق تولدۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان مەلۇماتلار ھەقىقىي بولۇشى، قىلچىمۇ يالغان ئارىلاشماسلىقى لازىم. — پەندى-نەسىھەت 6:16–19.
13. ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن سودا-سېتىق ئالاقىسىدە بولساق، قانداق قىلىپ سەمىمىيلىكنى ساقلىيالايمىز؟
13 ئېتىقادچى قېرىنداشلار بىلەن بولغان سودا-سېتىق ئىشلىرىدىمۇ سەمىمىي بولۇش كېرەك. بەزى چاغلاردا، ئېتىقادچى بۇرادەرلەر ۋە ھەدە-سىڭىللار شېرىكلىشىپ سودا-سېتىق قىلىشى مۇمكىن. ئۇلار ئېھتىيات قىلىشى كېرەككى، سودا ئىشلىرىنى خۇداغا ئىبادەت قىلىش ۋە ۋەز ئېيتىش خىزمەتلىرىگە ئارىلاشتۇرماسلىقى، چەك-چېگرىنى ئېنىق ئايرىشى لازىم. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ياللىغۇچى بىلەن ياللانغۇچىلىق مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بىز ئېتىقادچى بۇرادەر ياكى ھەدە-سىڭىللارنى خىزمەتكە ياللىساق، كېلىشىپ بېكىتىلگەن ھەقنى ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدا بېرىش ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىمتىيازلارغا ئىگە قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم (1-تىموتىي 5:18؛ ياقۇپ 5:1–4). ئەكسىچە بولغاندا، ئەگەر بىز ئېتىقادچى قېرىنداش تەرىپىدىن ياللانغان بولساق، ئىش ھەققىمىزگە مۇناسىپ خىزمەتنى تامام ئورۇندىشىمىز كېرەك (2-سالونىكالىقلار 3:10). بىزنى ياللىغۇچى ئىمانداش قېرىندىشىمىز بولغاچ، باشقا خىزمەتچىلەرگە قارىغاندا، كۆپرەك ئارام ئېلىش ياكى باشقا پايدا-مەنپەئەتلەر، دېگەندەك ئالاھىدە مۇئامىلىگە ئىگە قىلارمىكى دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك. — ئەفەسلىكلەر 6:5–8.
14. ئېتىقادچى قېرىنداشلار شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلغاندا، ئاقىلانىلىك بىلەن قانداق ئىش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؟ نېمە ئۈچۈن؟
14 ئەگەر ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلىش ئۈچۈن بىرلىشىپ مەبلەغ سالغان ياكى قەرز ئالغان بولساق، ئۇنداقتا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ مۇقەددەس كىتاب ناھايىتى مۇھىم ۋە قوللىنىشچان قائىدە-پرىنسىپ بىلەن تەمىنلەيدۇ: ئۇ دەل شېرىكلەشكەنلىك يازما ھۆججىتى ئىمزالاشتۇر! مەسىلەن، يەرەمىيا پەيغەمبەر بىر پارچە يەر سېتىۋالغاندا، گۇۋاھچىلارنىڭ ئالدىدا ئىككى پارچە ھۆججەت ئىمزالاپ، كېيىنچە ئىسپات قىلىش ئۈچۈن بىخەتەر جايدا ساقلاپ قويغان (يەرەمىيا 32:9–12؛ ھەمدە يارىتىلىش 23:16–20 گە قاراڭ). ئېتىقادچى قېرىندىشىمىز بىلەن ئېلىم-سېتىم قىلىشقاندا، سودا رەسمىيەتلىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن، تەپسىلىي يېزىپ تەييارلاپ، گۇۋاھچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، شۇلارنىڭ ئالدىدا ھۆججەت ئىمزالىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلىش ھەرگىزمۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلارنىڭ بىر-بىرىگە ئىشەنمىگەنلىكى ئەمەس. ئەكسىچە، شۇنداق قىلىش خاتا چۈشىنىپ قېلىش، رايى قايتىش، تالاش-تارتىش قىلىش، ھەتتا بۆلۈنۈشتىن ساقلىنىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئېتىقادچىلار بىر-بىرى بىلەن تىجارەتتە شېرىك بولۇشقاندا، شۇنى ئەستە ساقلىشى كېرەككى، مەيلى قانداق سودا قىلسۇن، ئەگەر جامائەتنىڭ تىنچ-ئىتتىپاقلىقىغا خەۋپ كەلتۈرسە، شۇنداق سودىنى قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ.b — 1-كورىنتلىقلار 6:1–8.
دۇنيا كىشىلىرىگە سەمىمىي بولۇش
15. يەھۋا، ئېلىم-سېتىم تىجارەت ئىشلىرىدا، سەمىمىيەتسىز بولۇشقا نىسبەتەن قانداق ھېسسىياتتا بولىدۇ؟ يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى تىجارەت ئىشلىرىدا سەمىمىيەتسىزلىككە قانداق كۆزقاراشتا بولىدۇ؟
15 يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ سەمىمىي بولۇشى پەقەت جامائەت بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئەلچى پاۋلۇس: «ھەر جەھەتتە توغرا يولدا مېڭىشنى ئۈمىد قىلىمىز»، دېگەن (ئىبرانىيلار 13:18). پەرۋەردىگار، بىزنىڭ دۇنيا كىشىلىرى بىلەن ئېلىم-سېتىم تىجارەت ئىشلىرىدا سەمىمىي بولغان ياكى بولمىغانلىقىمىزغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. يالغان تارازا ھەققىدە پەندى-نەسىھەت كىتابىنىڭ ئۆزىدىلا تۆت قېتىم تىلغا ئېلىنغان (پەندى-نەسىھەت 11:1؛ 16:11؛ 20:10، 23). قەدىمقى زاماندا، ئېلىم-سېتىم قىلىشقاندا، ماللارنى ساتقاندا ياكى سېتىۋالغاندا تۆلەنگەن كۈمۈشلەر تارازىدا ئۆلچەنگەن. سەمىمىيەتسىز سودىگەرلەر خېرىدارلارنى ئالداش ئۈچۈن ئىككى خىل تارازا تېشى ۋە ئۆلچەمسىز تارازا ئىشلەتكەن.c يەھۋا شۇنداق قىلمىشنى ئۆچ كۆرىدۇ! خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاش ئۈچۈن، تىجارەت ئىشلىرىدا ھەرقانداق سەمىمىيەتسىزلىك قىلىشتىن قەتئىي خالىي بولۇشىمىز لازىم.
16، 17. قايسى سەمىمىيەتسىز ئىشلارنى، بۈگۈنكى كۈندە كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ؟ يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى نېمە ئىش قىلىشنى قەتئىي قارار قىلغان؟
16 بۇ دۇنيا شەيتاننىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولغاچ، ئەتراپىمىزنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكلەرگە تولۇپ كەتكەنلىكى ئانچە ھەيران قالارلىق ئەمەس. ھەر كۈنى سەمىمىيەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇرۇلۇشىمىز تۇرغانلا گەپ. كىشىلەر خىزمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆز-ئۆزىنى چۈشەندۈرۈپ تەرجىمىھال يازغاندا، يالغانچىلىق قىلىپ كۆپتۈرۈشى، ساختا گۇۋاھنامە ياكى ئويدۇرما خىزمەت تارىخى ياسىشى مۇمكىن. شۇنىڭدەك، چېگردىن كىرىش، باج-سېلىق، سۇغۇرتا قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك جەدۋەل ياكى تالۇنلارنى تولدۇرغاندا، ئۆز مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ يالغان مەلۇماتلارنى يېزىشى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلانغان. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىشىدۇ، ماقالە ياكى باشقا مەلۇماتلارنى يازغىنىدا، ئىنتېرنېت تورىدىن كۆچۈرۈپ، باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ. كىشىلەر ئىش بېجىرگەندە، ھەمىشە خىيانەتچى ئەمەلدارلارغا پارا بېرىش بىلەن مەقسەتلىرىگە يېتىشىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەر «ئۆزىنىلا ئويلايدىغان پۇلپەرەس» بولۇپ كەتكەچ، شۇنداق سەمىمىيەتسىزلىكلەرگە ھەيرانلىق ھېس قىلمايمىز. — 2-تىموتىي 3:1–5.
17 يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلار ھەرقانداق سەمىمىيەتسىز ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقنى قەتئىي قارار قىلىشقان. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ دۇنيادا سەمىمىيەتسىز ئادەملەر ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، گۈللەپ روناق تاپقاچ، بەزى چاغلاردا سەمىمىي بولۇش ھەقىقەتەن قىيىن بولماقتا (زەبۇر 73:1–8). ئۇنىڭدىن باشقا، ئاللا يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى «ھەر جەھەتتە» سەمىمىي بولۇشنى ئىزدىگەچ، ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. شۇنداق قۇربانلىقلارنى بېرىشكە ئەرزىمدۇ؟ ئەلۋەتتە، ئەرزىيدۇ! نېمە ئۈچۈن؟ سەمىمىي بولۇش قانداق بەرىكەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
سەمىمىيلىك ئېلىپ كېلىدىغان بەرىكەتلەر
18. نېمە ئۈچۈن سەمىمىي ئادەم، دېگەن نام-ئاتاق بەكمۇ قەدىر-قىممەتلىك؟
18 كىشىلىك ھاياتتا، سەمىمىي، ئىشەنچىلىك ئادەم، دېگەن نام-ئاتاقتىنمۇ ئارتۇق قەدىر-قىممەتلىك نەرسە كۆپ يوق («مەن قانچىلىك سەمىمىي ئادەم؟»، دېگەن 191-بەتتىكى رامكىغا قاراڭ). ئويلاپ كۆرسەك، ھەرقانداق كىشى شۇنداق نام-ئابرويغا ئىگە بولالايدۇ! ئەمما، ئۇ نام-ئابروينى تىكلەش كىشىنىڭ قابىلىيىتى، مال-دۇنياسى، تاشقى كۆرۈنۈشى، جەمئىيەتتىكى خىزمەت ئورنى قاتارلىق ئامىللارغا باغلىق ئەمەس. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، نۇرغۇن ئادەملەر شۇنداق ئېسىل نام-شۆھرەتكە ئىگە بولالمىغان. شۇڭا، بۈگۈنكى كۈندە سەمىمىي كىشىلەرنى ئۇچراتماق تەس (مىخا 7:2). بەزىلەر سەمىمىيلىكىڭىزنى مەسخىرە قىلسىمۇ، ئەمما كۆپلىگەن كىشىلەر سەمىمىيلىكىڭىزنى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىسىز. نۇرغۇن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى، ھەتتا شۇنى ھېس قىلىشقانكى، ئۇلارنىڭ سەمىمىيىتى، ئۇلارغا ئىقتىسادى جەھەتتىن پايدا ئېلىپ كەلگەن. مەسىلەن، سەمىمىيەتسىز ئىشچى-خىزمەتچىلەر خىزمەتتىن بوشىتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇلار خىزمەت ئورنىنى يەنىلا ساقلاپ قالغان ياكى سەمىمىي كىشىلەرنى ياللايدىغان خوجايىنلار ئۇلارنى خىزمەتكە قوبۇل قىلغان.
19. كىشىلىك تۇرمۇشتا سەمىمىي بولۇش ۋىجدانىمىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
19 شۇنداق ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇڭ ياكى بولماڭ، سەمىمىي بولۇشنىڭ، ھەتتا كۆپ پايدا-مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىسىز. ۋىجدانىڭىزنىڭ پاكلىقىدىن مەمنۇن بولىسىز. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابتا: «ۋىجدانىمىزنىڭ پاك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز»، دېيىلگەن (ئىبرانىيلار 13:18). ئۇنىڭدىن باشقا، ئاسماندىكى مېھىر-شەپقەتلىك ئاتىمىز شۇنداق ئېسىل پەزىلىتىڭىزگە دىققەت قىلماي قالمايدۇ. چۈنكى، ئۇ سەمىمىي كىشىلەرنى سۆيىدۇ (زەبۇر 15:1، 2؛ پەندى-نەسىھەت 22:1). سەمىمىي بولۇش، ھەقىقەتەن خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. بىز ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان مۇكاپات دەل شۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا، كېيىنكى بابتا يەھۋانىڭ ئەجىر-مېھنەت قىلىشقا قانداق كۆزقاراشتا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى.
a ئەگەر جامائەتتە، بىر كىشى قەستەن يالغان سۆزلەپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش مەقسىتىدە بولسا، ئاقساقاللار شۇنداق كىشىگە چارە-تەدبىر كۆرۈشى مۇمكىن.
b تىجارەتتە مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە ياكى مەغلۇپ بولغاندا، قانداق قىلىش كېرەك؟ «تىجارەت ئىشلىرىدا پەيدا بولغان تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش» ناملىق قۇشۇمچە ئىزاھاتقا قاراڭ؟
c سودىگەرلەر ساتقاندا بىرخىل تارازا تېشى، سېتىۋالغاندا باشقا بىرخىل تارازا تېشى ئىشلىتىپ، ئىككى تەرەپتىن پايدىغا ئېرىشكەن. ئۇلار يەنە تەڭپۇڭ بولمىغان تارازا ئىشلىتىپ، يەنى بىر تەرىپى يەنە بىرىدىن ئۇزۇنراق ياكى ئېغىرراق تارازىدا ئۆلچەپ ھەربىر خېرىدارنى ئالدىغان.