15-باب
تارتقان مۇشەققىتىڭنىڭ ھالاۋىتىنى كۆر!
«كىشى تارتقان ھەممە مۇشەققىتىدە يەپ ئىچىپ لەززەت تاپسا بۇ ھەم خۇدانىڭ ھەدىيەسىدۇر». — ۋەز 3:13، (ب ج).
1–3. (1) نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز خىزمىتىگە نىسبەتەن قانداق ھېسسىياتتا بولىشىدۇ؟ (2) مۇقەددەس كىتاب، ئىش-ئەمگەككە قانداق كۆزقاراشتا بولۇشقا ئۈندەيدۇ؟ مۇشۇ بابتا، قايسى سوئاللارنى مۇلاھىزە قىلىمىز؟
ھازىرقى زاماندا نۇرغۇن كىشىلەر قىلغان ئىش-ئەمگىكىدىن مەمنۇنلۇق ئەمەس، ئەكسىچە زېرىكىش ھېس قىلىشىدىغان بولۇپ كەتتى. سەۋەبى، ھەر كۈنى سائەت-سائەتلەپ ئۆزى ياقتۇرمايدىغان خىزمەتنى قىلغاچ، خىزمەتكە بېرىشقا ئۆچ بولۇپ كەتكەن. خىزمەتكە شۇنداق كۆزقاراشتا بولىدىغانلار، قانداقمۇ خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىپ، تەر تۆككىنىگە يارىشا، شۈكۈر-قانائەت تېپىپ مەمنۇنلۇق ھېس قىلالىسۇن؟
2 مۇقەددەس كىتاب، قان-تەر تۆكۈپ ئەمگەك قىلىشقا توغرا كۆزقاراشتا بولۇشقا ئۈندەيدۇ. مۇشۇ ھەقتە سۇلايمان پەيغەمبەر: «كىشى تارتقان ھەممە مۇشەققىتىدە يەپ ئىچىپ لەززەت تاپسا بۇ ھەم خۇدانىڭ ھەدىيەسىدۇر»، دەپ يازغان (ۋەز 3:13، ب ج). يەھۋا بىزنى سۆيىدۇ ۋە ھەمىشە غېمىمىزنى يەيدۇ، قىلغان ئىش-ئەمگىكىمىزدىن مەمنۇن بولۇپ، تارتقان مۇشەققىتىمىزنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرۈشىمىزنى خالايدۇ. خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاش ئۈچۈن ئىش-ئەمگەك قىلىشقا بولغان كۆزقارىشىمىزنى، ئۇنىڭ كۆزقارىشى ۋە قائىدە-پرىنسىپلىرىغا ماسلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. — ۋەز 2:24؛ 5:18.
3 مۇشۇ بابتا، بىز تۆت سوئال ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىمىز. قانداق قىلىپ تارتقان مۇشەققىتىمىزگە يارىشا ئۇنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرەلەيمىز؟ قانداق خىزمەتلەر ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قىلىشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ؟ جاھاندارچىلىق يولىدىكى ئىش-ئەمگەكلەرگە ۋە ئاللا يەھۋاغا قىلىدىغان ئىبادەت پائالىيەتلىرىمىزگە قانداق قىلىپ تەڭ ئېتىبار بېرەلەيمىز؟ يەنە قانداق مۇھىم خىزمەتنى قىلالىشىمىز مۇمكىن؟ مۇشۇ سوئاللارنى مۇلاھىزە قىلىشتىن ئاۋۋال، ئەڭ ئۇلۇغ مېھنەتكەشلەر بولغان ئاللا يەھۋا بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈلگىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
ئەڭ ئۇلۇغ مېھنەتكەش ۋە ئۇستا ھۈنەرۋەن
4، 5. مۇقەددەس كىتاب، يەھۋانىڭ ئۈزلۈكسىز ئەجىر-مېھنەت قىلىۋاتقانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
4 ئۇلۇغ مېھنەتكەش پەرۋەردىگار يەھۋا، بارچە كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى بولغاچ، يارىتىلىش 1:1-ئايەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: «خۇدا ھەممىدىن بۇرۇن پۈتۈن ئالەمنى ياراتتى». يەر يۈزىدىكى يارىتىش ئىشىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، «خۇدا ياراتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى» (يارىتىلىش 1:31). باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يەر يۈزىدىكى مەۋجۇداتلارنى يارىتىش ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجىر-مېھنىتىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغان ئىدى. يەھۋا، ئۇ شاد-خۇراملىقنىڭ مەنبەسىدۇر. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۆز قولىنىڭ ئىشىدىن خۇشاللىق تاپقىنى شەك-شۈبھىسىزدۇر. — 1-تىموتىي 1:11.
5 مېھنەتكەش خۇدايىمىز توختىماي ئىش-ئەمگەك قىلىۋاتىدۇ. يەر يۈزىدىكى بارچە يارىتىش ئىشى تامام بولۇپ، نۇرغۇن ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن، ئەيسا مەسىھ: «خۇدائاتام تا ھازىرغىچە توختىماستىن ئىش قىلىپ كەلمەكتە»، دېگەن (يۇھاننا 5:17). ئۇنداقتا، ئۇ زادى نېمە ئىشلارنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ؟ ئاسماندىكى ئاتىمىز ئۈزلۈكسىز ئىنسانىيەتكە يولباشچىلىق قىلىپ، ئۆز غەمخورلۇقىنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ، «يېڭىدىن يارالغان» بىر قىسىم خىزمەتچىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن، يەنى ئۇلار مۇقەددەس روھدىن قايتا تۇغۇلغان بولۇپ، كەلگۈسىدە ئەيسا مەسىھ بىلەن ئاسماندا پادىشاھلار بولىدۇ (2-كورىنتلىقلار 5:17). يەھۋانى سۆيىدىغان ئىنسانلارنى، يېڭى دۇنيادا مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىنسانىيەت ئۈچۈن كۆڭلىگە پۈككەن ئۇلۇغ مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاللا يەھۋا داۋاملىق ئەجىر-مېھنەت قىلىۋاتىدۇ (رىملىقلار 6:23). يەھۋا ئۆزىنىڭ ئىش-ئەمگىكىدىن چوقۇم مەمنۇن بولىدۇ. چۈنكى، مىليونلىغان كىشىلەر پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىگە قۇلاق سېلىپ، خۇدا يولىغا قايتىپ، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاش ئۈچۈن تۇرمۇشىدا تېگىشلىك ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشماقتا. — يۇھاننا 6:44.
6، 7. نېمە ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنى مېھنەتكەشلەرنىڭ ئۈلگىسى دەيمىز؟
6 ئەيسا بۇرۇندىنلا ئىش-ئەمگەك قىلىشنىڭ مېھنەتكەش ئۈلگىسى بولغان. ئۇ يەر يۈزىدە ئىنسان بولۇپ ياشاشتىن ئىلگىرى، خۇدانىڭ قول ئاستىدا «[ھۈنەر-] سەنئەت قىلغۇچى» سۈپىتىدە خىزمەت قىلغاچ، مۇقەددەس كىتابتا، «مەيلى يەر يۈزىدە ياكى ئەرشتە بولسۇن، مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق يارىتىلغان»، دەپ خاتىرىلەنگەن (پەندى-نەسىھەت 8:22–31، ب ج؛ كولوسىلىقلار 1:15–17). ئۇ يەر يۈزىدە بولغىنىدىمۇ، تەر تۆكۈپ داۋاملىق ئەمگەك قىلغان. كىچىكىدىن باشلاپ، ئۆي-ئىمارەت قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئۆگەنگەچ، ‹ياغاچچى›، دەپ ئاتالغانa (ماركۇس 6:3). شۇ زامانلاردا، شال-تاختاي تىلىدىغان ئورۇن، لازىمەتلىك سايمانلارنى ساتىدىغان دۇكانلار ۋە توك بىلەن ئىشلەيدىغان ئەسۋاب-جابدۇقلار يوق بولغاچ، ياغاچچىلىق كەسپى كۆپ قان-تەر ئاققۇزۇشنى ۋە ئۇستا ماھارەتنى تەلەپ قىلاتتى. ئەيسانىڭ ئۆزى دەرەخ كېسىپ، ياغاچنى ئىش ئورنىغا سۆرەپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭە؟! ھەمدە ئۇنىڭ ئۆي سېلىش ئۈچۈن تۈۋرۈك، جەگە ۋە ۋاسا ياغاچلارنى تەييار قىلىپ، ئىشىكلەرنى ۋە ئۆي جاھازلىرىنى ياسىغانلىقىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرەلەمسىز؟ ئەيسا كۆڭۈل قويۇپ، ئۇستا ماھارەت بىلەن قىلغان ئىشلىرىدىن مەمنۇن بولغان ئىدى.
7 ئەيسا مەسىھ ۋەز ئېيتىش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر-مېھنەت سىڭدۈرگەن. ئۈچ يېرىم يىل جەريانىدا، شۇ مۇھىم خىزمەتنى جان پىدا قىلىپ ئورۇندىغان. نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن سەھەر تۇرۇپ كەچ يېتىپ، بىر كۈن ۋاقتىنىمۇ بوش ئۆتكۈزمىگەن (لۇقا 21:37، 38؛ يۇھاننا 3:2). ئۇ «شەھەر، يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى» تارقاتقان ئىدى (لۇقا 8:1). خەلق ئارىسىدا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئەيسا نەچچە يۈز چاقىرىم ئەگرى-توقاي، توپا-چاڭ يوللارنى باسقان ئىدى.
8، 9. قايسى جەھەتتىن، ھەزرىتى ئەيسا تارتقان جاپا-مۇشەققىتىنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرگەن؟
8 ھەزرىتى ئەيسا ۋەز ئېيتىش خىزمىتىدە تارتقان جاپا-مۇشەققىتىنىڭ ھالاۋىتىنى كۆردىمۇ؟ ئەلۋەتتە! ئۇ پادىشاھلىق توغرىسىدىكى ھەقىقەتنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىپ، سارغىيىپ ھوسۇل ئېلىشقا تەييار بولغان زىرائەتلەرنى، ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ يىغىشى ئۈچۈن ئېتىزدا قالدۇرغان. خۇدا تاپشۇرغان خىزمەتنى ئورۇنداش ئەيساغا كۈچ-قۇۋۋەت ۋە روھىي ئوزۇقلۇق ئاتا قىلغاچ، ھەتتا ئاشۇ خىزمەتنى تاماملاش ئۈچۈن ئۇ غىزا يېيىشتىنمۇ ۋاز كەچكەن (يۇھاننا 4:31–38). ئەيسا يەر يۈزىدىكى خىزمىتىنى تاماملاش ئالدىدا، ئاسماندىكى ئاتىسىغا: «مەن سەن ماڭا بۇيرۇغان ھەممە ئىشلارنى ئورۇنداش بىلەن سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭنى يەر يۈزىدە ئايان قىلدىم»، دېگەن ئىدى (يۇھاننا 17:4).
9 ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، پەرۋەردىگار يەھۋا ۋە ھەزرىتى ئەيسا، ئىش- ئەمگەككە سىڭدۈرگەن ئەجىر-مېھنەتنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسىنى قالدۇرغان. يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز، بىزنى «خۇدانى ئۈلگە قىلىڭلار»، دېگەن نەسىھەتكە قۇلاق سېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ (ئەفەسلىكلەر 5:1). ئەيساغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىز بولسا، بىزنى ئەيسانىڭ «ئىزىدىن» ئەگىشىپ مېڭىشقا ھەرىكەتلەندۈرىدۇ (1-پېترۇس 2:21). ئۇنداقتا، ھازىر قانداق قىلىپ تارتقان مۇشەققىتىمىزگە يارىشا ھالاۋەت كۆرەلەيمىز، مۇشۇ توغرىسىدا كۆرۈپ باقايلى.
تارتقان مۇشەققىتىمىزگە لايىق ھالاۋەت كۆرۈش
مۇقەددەس كىتاب قائىدە-پرىنسىپلىرىنى تۇرمۇشىمىزغا تەتبىقلاش، ئىش-ئەمگىكىمىزنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرۈشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ
10، 11. ئىش-ئەمگەك قىلىشتا ئۈمىدۋار بولۇشنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
10 ئىش-ئەمگەك قىلىش، خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى. بىز ئىش-ئەمگىكىمىزدىن خۇشاللىق تېپىپ، تارتقان جاپا-مۇشەققىتىمىزگە يارىشا شۈكۈر-قانائەتكە ئېرىشىشنى ئىزدەيمىز. ئەمما، ئۆزىمىز ياقتۇرمايدىغان خىزمەتنى قىلىۋاتقان بولساق، شۇنداق ھېسسىياتتا بولالىشىمىز ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. شۇنداق ئەھۋالدا، قانداق قىلىپ سىڭدۈرگەن ئەجىر-مېھنىتىمىزنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرەلەيمىز؟
11 ئۈمىدۋار بولۇش. گەرچە شەرت-شارائىتىمىزنى ھەمىشە ئۆزگەرتەلمىسەكمۇ، ئەمما ئۆز كۆزقارىشىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز. يەھۋانىڭ كۆزقارىشى توغرىسىدا تەپەككۈر قىلىپ چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرۈش، ئىش-ئەمگەك قىلغاندا ئۈمىدۋار بولۇشنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. مەسىلەن، ئائىلىگە باش بولغان بولسىڭىز، ھەتتا ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان ئىشنى قىلسىڭىزمۇ، ئەمما شۇ خىزمەت ئائىلىڭىزنى ماددىي جەھەتتىن تەمىنلىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئائىلىڭىزدىكىلەردىن خەۋەر ئېلىشىڭىز، يەھۋانىڭ نەزىرىدە ھەرگىزمۇ كىچىك ئىش ئەمەس. مۇقەددەس كىتاب ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىشتىن باش تارتقانلارنى، «ھەتتا ئېتىقادسىزلارچىلىكمۇ بولالمايدۇ»، دېگەن (1-تىموتىي 5:8). ئەگەر قىلغان ئىش-ئەمگىكىڭىزنىڭ، يەھۋا تاپشۇرغان مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلىسىڭىز، شۇ خىزمىتىڭىزدە، بەلكىم خىزمەتداشلىرىڭىز ئېرىشەلمىگەن شۈكۈر-قانائەتكە، سىز ئازدۇر- كۆپتۇر ئېرىشىپ، مەمنۇنلۇق ھېس قىلالىشىڭىز مۇمكىن.
12. ئىشچان ۋە سەمىمىي بولۇش قانداق پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ؟
12 ئىشچان ۋە سەمىمىي بولۇش. ئەمگەك سۆيەر، ئىشىغا پۇختا چىۋەر كىشىلەر ئۆز ئىشىدا بەرىكەت تاپىدۇ ۋە ئۇنداق كىشىلەرنى خوجايىنى ھەمىشە ئەزىز كۆرۈپ، ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدۇ (پەندى-نەسىھەت 12:24؛ 22:29). بىز ئاللاغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار، ئىشىمىزدا سەمىمىي بولۇپ، خوجايىننىڭ پۇلى، مال-مۈلكى ۋە ۋاقتىنى ئوغرىلىماسلىقىمىز كېرەك (ئەفەسلىكلەر 4:28). ئالدىنقى بابتا كۆرۈپ ئۆتكەندەك، سەمىمىي بولۇش كۆپ پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ. كىشى سەمىمىي بولسا، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەيدۇ. تىرىشىپ ئىشلىگەنلىكىمىزگە خوجايىن دىققەت قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، «ۋىجدانىمىزنىڭ پاك» ئىكەنلىكى ۋە ئۆزىمىز سۆيىدىغان ئاللانى خۇرسەن قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئويلىساق، مەمنۇنلۇق ھېس قىلىپ، كۆڭلىمىز شۈكۈر-قانائەت تاپىدۇ. — ئىبرانىيلار 13:18؛ كولوسىلىقلار 3:22–24.
13. ئىش ئورنىدىكى ياخشى ئۈلگىلىرىمىز قانداق نەتىجە ئېلىپ كېلەلەيدۇ؟
13 سۆز-ھەرىكىتىمىزنىڭ ئاللاغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىش. ئىش ئورنىمىزدا، ئاللا يەھۋانىڭ ئۆلچەم-تەلەپلىرىگە ماس سۆز-ھەرىكەتتە بولساق، باشقىلار چوقۇم دىققەت قىلماي قالمايدۇ. ھەتتا، ياخشى سۆز-ھەرىكىتىمىز «باشقىلارنى قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا توغرىسىدىكى تەلىملەرگە ھەر جەھەتتىن جەلپ قىلالايدۇ» (تىتۇس 2:9، 10). ئەگەر خىزمەتداشلىرىڭىزدىن بىرى، ئىش ئورنىدا كۆرسەتكەن ياخشى ئۈلگىلىرىڭىز سەۋەبلىك مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىنى بىلىشكە قىزىقسا، كۆڭلىڭىز قانچىلىك خۇشال بولۇپ كېتەر، ھە! ئەڭ مۇھىمى، سۆز-ھەرىكىتىمىزنىڭ يەھۋاغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتمەكتىنمۇ ئارتۇق شۈكۈر-قانائەت ھاسىل قىلىش يوقتۇر! — پەندى-نەسىھەت 27:11؛ 1-پېترۇس 2:12.
خىزمەت تاللاشتا پايدا-زىياننى مۆلچەرلەش
14–16. خىزمەت تاللىغاندا، قايسى ئىككى مۇھىم سوئالنى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ؟
14 كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئىش-ئەمگەككە كەلسەك، قايسى خىزمەتلەرنى قىلساق بولىدۇ ياكى بولمايدۇ، دېگەنلەر مۇقەددەس كىتابتا تەپسىلىي كۆرسىتىلمىگەن. لېكىن، بۇ ھەرقانداق خىزمەتنى قىلساق بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. مۇقەددەس كىتاب، خۇدانى رەنجىتىدىغان ئىش-ئەمگەكتىن خالىي بولۇپ، ياراتقۇچىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئەھمىيەتلىك، توغرا ئىشنى تاللىشىمىز ئۈچۈن ياردەم بېرەلەيدۇ (پەندى-نەسىھەت 2:6). خىزمەت تاللىغاندا، تۆۋەندىكى ئىككى مۇھىم سوئالنى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
15 مۇشۇ خىزمەت، مۇقەددەس كىتاب ئەيىبلەيدىغان ئىشنى قىلىشقا ئۈندەمدۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا ئوغرىلىق، يالغانچىلىق ۋە بۇتلارنى ياساش قاتتىق ئەيىبلەنگەن (چىقىش 20:4؛ ئەلچىلەر 15:29؛ ئەفەسلىكلەر 4:28؛ ۋەھىيلەر 21:8). بىزدىن شۇنداق ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ھەرقانداق خىزمەتنى چوقۇم رەت قىلىشىمىز لازىم. بىز يەھۋانى سۆيسەك، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە خىلاپلىق قىلىشقا ئۈندەيدىغان ئىشلارنى قەتئىي قىلمايمىز (1-يۇھاننا 5:3).
16 مۇشۇ خىزمەتنى قىلىش گۇناھقا شېرىك بولغانلىقىمنى ياكى باشقىلارنى خاتا ئىشلارنى قىلىشقا دەۋەت قىلغانلىقىمنى كۆرسىتەمدۇ؟ مەسىلەن ئالايلۇق، مۇلازىمەتچى بولۇپ ئىشلەشنىڭ ئەمەلىيەتتە خاتا يېرى يوق. ئۇنداقتا، ئاللاغا ئىبادەت قىلغۇچى دوختۇرخانىنىڭ بالا چۈشۈرۈش بۆلۈمىدە مۇلازىمەتچى بولۇپ ئىشلىسىچۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بالا چۈشۈرۈشكە بىۋاستە ياردەم بېرىش بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما، خۇداغا ئىبادەت قىلغۇچى بالا چۈشۈرىدىغان بۆلۈمدە خىزمەت قىلسا، شۇ بۆلۈمنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى، يەنى مۇقەددەس كىتابنىڭ قائىدە- پرىنسىپلىرىغا خىلاپ ئىشلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن بولمامدۇ؟ (چىقىش 21:22–24). بىز يەھۋانى سۆيگەچ، مۇقەددەس كىتابنىڭ قائىدە-پرىنسىپىغا خىلاپ ئىشلارغا ئارىلىشىپ قېلىشنى ھەرگىزمۇ خالىمايمىز.
17. (1) خىزمەت تاللاشتا قايسى ئامىللارنى ئويلىنىپ كۆرۈشىمىزگە بولىدۇ؟ («مۇشۇ خىزمەتنى قىلىشىم كېرەكمۇ؟» ناملىق رامكىغا قاراڭ). (2) خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ۋىجدانىمىز قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
17 يۇقىرىدىكى، 15، 16-ئابزاسلاردا كۆرۈپ ئۆتكەن ئىككى مۇھىم سوئالنىڭ جاۋابلىرىنى تەپسىلىي مۇلاھىزە قىلىپ كۆرسەك، خىزمەت تاللاشتا دۇچ كېلىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايمىز. ئۇنىڭدىن سىرت، خىزمەت تاللاشتا ئويلىنىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك باشقا بەزى ئامىللار بار.b بىز دۇچ كېلىدىغان ھەربىر مەسىلە ئۈچۈن ئىشەنچلىك قۇل كۆرسەتمە بېرىدىغان قائىدە-نىزاملارنى بېكىتىپ بېرىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئۆز-ئۆزىمىز مۆلچەرلەپ كۆرۈشىمىز زۆرۈر. 2-بابتا ئۆگەنگەندەك، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزغا قانداق تەتبىقلاشنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ۋىجدانىمىزنى تەربىيىلەپ تاۋلىشىمىز لازىم. كىشىنىڭ «ئېڭى يېتىلىش جەريانىدا ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە» كۆنگەچ، ۋىجدانىمىزنىڭ ياردىمىدە توغرا تاللاش قىلىپ، يەھۋا خۇدانى خۇرسەن قىلالايمىز ۋە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشىيالايمىز. — ئىبرانىيلار 5:14.
ئىش-ئەمگەك ۋە ئىبادەتكە تەڭ ئېتىبار بېرىش
18. نېمە ئۈچۈن، بۈگۈنكى كۈندە ھەر ئىشتا يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان قارارنى چىقىرىشىمىز ئاسان ئەمەس؟
18 «ئاخىر زاماندا ئېغىر كۈنلەر»، يەنى تەس ۋاقىتتا ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، ھەر ئىشتا يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان قارارنى چىقىرىشىمىز ئاسان ئەمەس (2-تىموتىي 3:1). خىزمەت تېپىپ، تاپقان خىزمەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۆزى، ھەقىقەتەن قىيىن بولماقتا. يەھۋاغا ئىبادەت قىلغۇچىلار سۈپىتىدە، قان-تەر تۆكۈپ ئىشلەپ ئائىلىنى بېقىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىمىز. بىراق، ئېھتىيات قىلمىساق، خىزمەتنىڭ بېسىمى ياكى بۇ دۇنيانىڭ مال-دۇنيا قوغلىشىش ئىدىيىسى ئاللا يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىشى تۇرغانلا گەپ (1-تىموتىي 6:9، 10). شۇڭا، قانداق قىلىپ ‹خۇدانىڭ نېمىدىن خۇرسەن بولۇپ، نېمىدىن خۇرسەن بولمايدىغانلىقىنى پەرق ئېتىشنى› بىلسەك، ئۇنى دەپ بۇنىڭدىن قۇرۇق قالمايمىز. — فىلىپىلىكلەر 1:10.
19. نېمە ئۈچۈن، يەھۋاغا پۈتۈنلەي ئىشەنچ قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ؟ شۇنداق قىلىش، نېمە ئىشتىن خالىي بولۇشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ؟
19 پۈتۈن قەلبىڭىزدىن يەھۋاغا ئىشەنچ قىلىڭ (پەندى-نەسىھەت 3: 5، 6). يەھۋا پۈتۈنلەي ئىشەنچ قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. چۈنكى، ئۇ بىزگە غەمخورلۇق قىلىدۇ، ئەمەسمۇ؟ (1-پېترۇس 5:7). نېمىگە مۇھتاجلىقىمىزنى، ئۇ بىزدىن ياخشىراق بىلىدۇ ۋە بىزگە غەمخورلۇق قىلىشقا تامامەن قادىردۇر (زەبۇر 37:25). شۇڭا، مۇقەددەس كىتابنىڭ: «ئۆزۈڭلارنى مال-دۇنياغا ئۇرماڭلار. بارىغا قانائەت قىلىڭلار. تەۋراتتا خۇدا مۇنداق دېگەن: «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن.»»، دېگەن نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىشىمىز دانالىق بولىدۇ (ئىبرانىيلار 13:5). خۇداغا تولۇق ۋاقىت خىزمەت قىلىدىغان نۇرغۇن ئېتىقادچىلار، پەرۋەردىگارنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تەمىنلەشكە قادىر ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرەلەيدۇ (مەتتا 6: 25–32). كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئىش-ئەمگەك، خىزمەتلەرنىڭ ئىبادەت قىلىشىمىزغا يەنى خۇش خەۋەرنى ۋەز ئېيتىش ۋە يىغىلىشقا قاتنىشىشقا توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويمايمىز. — مەتتا 24:14؛ ئىبرانىيلار 10:24، 25.
20. ساپ كۆزنى ساقلاش، دېگەن نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ قانداق قىلىپ ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرەلەيسىز؟
20 ساپ كۆزنى ساقلاش (مەتتا 6:22، 23). ساپ كۆز، دېگەنلىك ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. خۇدا خىزمەتچىسى ساپ كۆزىنى يەنى نەزەر كۆزىنى بىر نىشانغا — خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداشقا مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئەگەر نەزەر كۆزىمىز توغرا مەركەزلەشكەن بولسا، يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتنى ۋە ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى قوغلىشىشقا ئۆزىمىزنى ئۇرمايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇشاللىق — ئەڭ ياخشى، ئەڭ يېڭى پاسۇندىكى قىممەت باھالىق نەرسىلەردىن كېلىدۇ، دەپ تەشۋىق قىلىدىغان سودا ئېلانلىرىنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتمەيمىز. قانداق قىلىپ ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرەلەيسىز؟ ئورۇنسىز قەرزگە بوغۇلۇشتىن خالىي بولۇپ، ھەددىدىن زىيادە ۋاقىت ۋە كۈچىڭىزنى خورىتىدىغان نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇڭ. مۇقەددەس كىتابنىڭ: «يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچىكىمىز تولۇق بولسىلا، رازى بولۇشىمىز كېرەك»، دېگەن نەسىھىتىگە قۇلاق سېلىپ، ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن بارچە تىرىشچانلىقىڭىزنى كۆرسىتىڭ. — 1-تىموتىي 6:8.
21. نېمە ئۈچۈن ھاياتىمىزدا، نېمە مۇھىم، نېمە مۇھىم ئەمەسنى ئېنىق ئايرىشىمىز لازىم؟ قايسى ئىش ھەممىدىن مۇھىم؟
21 ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى نىشانلاش ۋە ئۇلارغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىش. ۋاقتىمىز ۋە كۈچىمىز چەكلىك بولغاچ، نېمە مۇھىم، نېمە مۇھىم ئەمەسنى ئېنىق ئايرىشىمىز لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا، مۇھىم ئەمەس ئىشلار قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى ئېلىۋېلىپ، مۇھىم ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋاقىت چىقىرالمايمىز. ئۇنداقتا، ھاياتىمىزدا قايسى ئىش ھەممىدىن مۇھىم؟ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، مۇھىم ئىش بولسا، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم-پەن ئۆگىنىپ، جەمئىيەتتە يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتكە ئېرىشىشتۇر. بىراق، ئەيسا مەسىھ ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى: «ھەممىدىن مۇھىمى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ... ھەققىدە ئىزدىنىڭلار»، دەپ ئۈندىگەن (مەتتا 6:33). بىز ئەيسانىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچىلىرى سۈپىتىدە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى ھاياتىمىزدا تۇنجى ئورۇنغا قويىمىز. شۇڭا، كىشىلىك تۇرمۇشتا قىلغان تاللىشىمىز، مەقسەت-نىشانىمىز ۋە ئىش-ھەرىكىتىمىز — بۇ دۇنيانىڭ مال-دۇنيا ۋە باشقا نەرسىلىرىنى قوغلىشىۋاتقانلىقىمىزنى ئەمەس، بەلكى ئەڭ مۇھىم بولغان خۇدانىڭ ئىرادىسى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىشى كېرەك.
ۋەز ئېيتىش خىزمىتىدە ئەجىر-مېھنەت سىڭدۈرۈش
تۇرمۇشىمىزدا ۋەز ئېيتىش خىزمىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلىيەلەيمىز
22، 23. (1) خۇدا خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم خىزمەت نېمە؟ مۇشۇ خىزمەتنىڭ بىز ئۈچۈن مۇھىملىقىنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ («تاللىغان يولۇم مېنى خۇشاللىق ۋە شۈكۈر-قانائەتكە ئېرىشتۈردى» ناملىق رامكىغا قاراڭ). (2) نېمىگە قەتئىي يول قويماسلىقىمىز لازىم؟
22 ئاخىرقى زامان كۈنلىرىنىڭ ئاخىرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلگەچ، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان بىزلەر زېھىن-كۈچىمىزنى مۇھىم خىزمەتكە، يەنى ۋەز ئېيتىشقا ۋە باشقىلارنىڭ ئەيسانىڭ شاگىرتى بولىشىغا ياردەم بېرىشكە مەركەزلەشتۈرىۋاتىمىز (مەتتا 24:14؛ 28:19، 20). بىزگە ئۈلگە قالدۇرغان ھەزرىتى ئەيساغا ئوخشاش، جاننى قۇتقۇزىدىغان خىزمەت ئۈچۈن بارچە كۈچىمىزنى چىقىرىشنى خالايمىز. مۇشۇ خىزمەتنىڭ بىز ئۈچۈن مۇھىملىقىنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا، نۇرغۇنلار جامائەتتە ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ، تىرىشىپ باشقىلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزمەكتە؛ بەزىلىرى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى ياكى يات ئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا؛ كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار خۇداغا خىزمەت قىلىشتا نىشان بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەچ، پەرزەنتلىرىنى ئاللا يەھۋاغا تولۇق ۋاقىت خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە. قىزغىنلىق بىلەن پادىشاھلىق خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگەنلەر سىڭدۈرگەن ئەجىر-مېھنىتىنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، كۆرىدۇ! چۈنكى، چىن قەلبىمىزدىن يەھۋاغا خىزمەت قىلىش، تۇرمۇشىمىزغا خۇشاللىق، شۈكۈر-قانائەت ۋە مول بەرىكەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. — پەندى-نەسىھەت 10:22.
23 كۆپچىلىكىمىز ئائىلىمىزنى تەمىنلەش ئۈچۈن سائەت-سائەتلەپ قان-تەر تۆكۈپ ئىش-ئەمگەك قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەمما، شۇمۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، پەرۋەردىگار يەھۋا تارتقان مۇشەققىتىڭىزنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، كۆزقارىشىمىز ۋە باسقان ھەربىر قەدىمىمىزنى يەھۋانىڭ كۆزقارىشى ۋە قائىدە-پرىنسىپىغا ماسلاشتۇرساق، قىلغان ئىش-ئەمگىكىمىزدىن شۈكۈر-قانائەت تاپالايمىز. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ھەممىدىن مۇھىم خىزمەتتۇر. شۇڭا، بۇ دۇنيانىڭ ئىش-ئەمگەكلىرىنىڭ مۇھىم خىزمەتكە دەخلى يەتكۈزۈشىگە قەتئىي يول قويماسلىقىمىز لازىم! ھاياتىمىزدا ھەممىدىن مۇھىم ئىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىقلا، يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ- مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلىيەلەيمىز ۋە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە داۋاملىق ياشىيالايمىز.
a «ياغاچچى»، دەپ تەرجىمە قىلىنغان گرېكچە سۆز بولسا، «مەيلى ئۆي سالسۇن، ئۆي جاھازلىرى ياكى ياغاچتىن باشقا ئەسۋابلارنى ياسىسۇن، ھەممە ياغاچچىلىق ئىشلىرىنى قىلىدىغان ھۈنەرۋەنلەرنى كۆرسەتكەن».
b خىزمەت تاللاشتا ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئامىللار توغرىسىدا كۆپرەك مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، «كۆزىتىش مۇنارى» (ئۇيغۇر تىلى سانى يوق)، 1999-يىل 4-ئاي 15-كۈن سانى 28-30-بەتلىرى ۋە 1982-يىل 7-ئاي 15-كۈن سانى 26-بېتىگە قاراڭ.