16-باب
شەيتانغا ۋە ئۇنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە قارشى تۇرۇش
«شەيتانغا قارشى تۇرۇڭلار. شۇ چاغدىلا، شەيتان سىلەردىن قاچىدۇ». — ياقۇپ 4:7.
1، 2. چۆمۈلدۈرۈش كىملەرنى خۇشال قىلىدۇ؟
يەھۋاغا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقىنىڭىزغا ئۇزۇن يىل بولغان بولسا، شەك- شۈبھىسىزكى، يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ چوڭ يىغىلىشلىرىدا سۇغا چۆمۈلدۈرۈلۈش توغرىسىدا سۆزلەنگەن نۇتۇقلارنى نۇرغۇن قېتىم ئاڭلىدىڭىز. مەيلى قانچە قېتىم شۇنداق يىغىلىشلارغا قاتنىشىڭ، ھەر قېتىم ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا ئولتۇرغانلارنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭىزدە، قەلبىڭىز ھاياجانغا تولۇشى مۇمكىن. ئاشۇ پەيتتە، سورۇندىكىلەر خۇشال-خۇراملىققا چۆمۈپ، چىن قەلبىدىن ئالقىشلار ياڭرىتىشقا باشلايدۇ. يەنە بىر توپ كىشىلەرنىڭ يەھۋا تەرەپتە تۇرۇپ، ئۆز مەيدانىنى كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرگەندە، كۆزلىرىڭىزدىن ئىختىيارسىز ياشلار تۆكۈلىدۇ. شۇنداق پەيتتە، بىز ھەقىقەتەن شاد-خۇراملىققا چۆمىمىز!
2 ھەر يىلى بىز بىرنەچچە قېتىم ئۆزىمىز ياشاۋاتقان جايدا چۆمۈلدۈرۈشكە شاھىد بولساق، پەرىشتىلەر تېخىمۇ كۆپ چۆمۈلدۈرۈشنىڭ شاھىدى بولۇش شان-شەرىپىگە ئىگە. پەرىشتىلەر ھەر ھەپتىسى يەھۋانىڭ يەر يۈزىدىكى چوڭ ئائىلىسىگە قوشۇلۇۋاتقان نەچچە مىڭلىغان كىشىلەرنى كۆرگىنىدە، ئۇلارنىڭ ‹ئەرشتىكى خۇرسەنلىكىنىڭ› نەقەدەر چوڭ بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟! (لۇقا 15:7، 10). شەكسىزكى، شۇنى كۆرۈپ تۇرغان پەرىشتىلەر شاد-خۇراملىققا چۆمۈشىدۇ! — ھەجى 2:7.
‹شەيتان خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن شىردەك قاتراپ يۈرىدۇ›
3. نېمە ئۈچۈن، «شەيتان ئېچىرقاپ كەتكەن شىردەك» قاتراپ يۈرىدۇ؟ ئۇ نېمە قىلماقچى؟
3 ئەمما، شۇنداق روھىي مەۋجۇداتلارمۇ باركى، چۆمۈلدۈرۈشنى كۆرۈپ دەرغەزەپكە كېلىشىدۇ. شەيتان ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن جىنلار، نەچچە مىڭلىغان كىشىنىڭ بۇ رەزىل دۇنيانى تاشلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ غەزەپتىن ھۈرپەيمەكتە. چۈنكى، شەيتان ھېچقانداق بىر ئىنسان ئاللا يەھۋاغا چىن دىلىدىن ئىبادەت قىلمايدۇ، ھەرقانداق بىرى ئېغىر سىناققا دۇچ كەلسە، خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىيالمايدۇ، دەپ داۋراڭ سالغان (ئايۇپ 2:4، 5). ھەر نۆۋەت بىرەر كىشى ئۆزىنى خۇداغا بېغىشلاشنى قارار قىلغاندا، شەيتاننىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. شەيتان يىل بويى، ھەپتىسىگە نەچچە مىڭ تەستەك يېگەچ، مۇقەددەس كىتاب بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «شەيتان خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن شىردەك ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلارنى يۇتماقچى بولۇپ، قاتراپ يۈرىدۇ»، دېگەن (1-پېترۇس 5:8). مۇشۇ ‹شىر›، خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ھەتتاكى ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىش ئارقىلىق، بىزنى روھىي جەھەتتىن يۇتۇۋېتىشنى كۆزلەپ، قاتراپ يۈرىدۇ. — زەبۇر 7:1، 2؛ 2-تىموتىي 3:12.
ھەر نۆۋەت بىرەر كىشى خۇداغا ئۆزىنى بېغىشلاشنى قارار قىلىپ چۆمۈلدۈرۈلگەندە، شەيتاننىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ
4، 5. (1) يەھۋا قايسى ئىككى جەھەتتىن شەيتاننىڭ كۈچىنى چەكلىگەن؟ (2) خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار نېمىگە ئىشەنچ قىلىدۇ؟
4 گەرچە بىز، شۇنداق رەھىمسىز دۈشمەنگە دۇچ كەلسەكمۇ، قورقۇپ كېتىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، يەھۋا ئاشۇ ئېچىرقاپ كەتكەن شىرنىڭ كۈچىنى ئىككى جەھەتتىن چەكلىگەن. ئۇنداقتا، قايسى ئىككى جەھەتتىن؟ بىرىنچىدىن، يەھۋا «زور بىر توپ» خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ «دەھشەتلىك بالايىئاپەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ»، ئامان-ئېسەن كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارەت بەرگەن (ۋەھىيلەر 7:9، 14). خۇدانىڭ بېشارىتى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ! شۇڭا، ھەتتا شەيتان ئۆزى ئاللانىڭ بارچە خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ.
5 ئىككىنچىدىن، خۇدانىڭ قەدىمقى زاماندىكى ساداقەتمەن خىزمەتچىسىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، شەيتاننىڭ بىزنى يۇتۇۋېتەلىشى ناتايىن. يەنى ئەزارىيا پەيغەمبەر پادىشاھ ئاساغا: «سىز خۇداۋەندە بىلەن بولسىڭىز ئۇ سىزلەر بىلەن بولادۇر»، دېگەن (2-تارىخنامە 15:2، ب ج؛ 1-كورىنتلىقلار 10:13). مۇقەددەس كىتابتىكى نۇرغۇن مىساللاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاللانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغىنىدا، شەيتان ئۇلارنى يۇتۇۋېتىشكە ئامالسىز قالغان (ئىبرانىيلار 11:4–40). بۈگۈنكى كۈندىمۇ، بىر ئېتىقادچى يەھۋاغا يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ يولىدا ماڭسا، شەيتانغا قارشى تۇرالايدۇ، ھەتتا شەيتان ئۈستىن غالىپ كېلەلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، خۇدا سۆزى: «شەيتانغا قارشى تۇرۇڭلار. شۇ چاغدىلا، شەيتان سىلەردىن قاچىدۇ»، دەپ بىزگە كاپالەت بېرىدۇ. — ياقۇپ 4:7.
«رەزىل روھىي كۈچلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتىمىز»
6. شەيتان ھەربىر ئېتىقادچى بىلەن تۇتۇشقاندا، ئۆز نىيىتىگە يېتىش ئۈچۈن قانداق ئۇسۇللارنى قوللىنىدۇ؟
6 شەيتاننىڭ بۇ روھىي جەڭدە مەغلۇپ بولىدىغانلىقى ئېنىق، ئەمما ھوشيارلىقىمىزنى ئازراقلا بوشاشتۇرساق، شەيتاننىڭ ئايرىملىرىمىزنى يەر چىشلىتىشىگە بىر نېمە دەپ بولمايدۇ. چۈنكى، شەيتان بىزنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ئاجىزلاشتۇرالىسا، بىزنى يالماپ يۇتۇۋېتەلەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شەيتان بۇ ياۋۇز نىيىتىگە يېتىشكە قانداق ئۇرۇنىدۇ؟ شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىش، ھەربىر كىشى بىلەن تىغمۇ-تىغ تۇتۇشۇش ۋە ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئۇ نىيىتىگە يېتىشكە تىرىشىدۇ. تۆۋەندە شەيتاننىڭ نىيىتىگە يېتىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان ئۇسۇللىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
7. شەيتان، نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ خەلقىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىدۇ؟
7 شىددەتلىك ھۇجۇم. مۇقەددەس كىتابتا: پۈتۈن دۇنيا «شەيتاننىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر»، دەپ بايان قىلىنغان (1-يۇھاننا 5:19). ئۇشبۇ سۆزلەر يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى بولغان بىزلەر ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. شەيتان ئاللىقاچان بۇ رەزىل دۇنيانى يالماپ يۇتۇۋالغان ئىكەن، ھازىر ئۆز ئالقىنىدىن چىقىپ كەتكەن يەھۋانىڭ خەلقىگە خىرىس قىلىپ، بارچە كۈچىنى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ (مىخا 4:1؛ يۇھاننا 15:19؛ ۋەھىيلەر 12:12، 17). ھازىر، شەيتان ئۆز ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلگەچ، ئۇ قەھرى-غەزەپ بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، بارچە قەبىھ ۋاستىلەر بىلەن ئەڭ ئاخىرقى شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتتى. شۇنداق ئىكەن، ھازىر بىز تېخىمۇ بەك «ۋاقىتنى ئويلاپ بىلىپ [ئۆزىمىزنىڭ] نېمە قىلىشنى» كۆرۈپ يېتىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر. — 1-تارىخنامە 12:32، (ب ج).
8. ئەلچى پاۋلۇس نېمىنى كۆزدە تۇتۇپ، رەزىل روھىي كۈچلەر بىلەن «جەڭ» قىلىۋاتىمىز دېگەن؟
8 تىغمۇ-تىغ تۇتۇشماق. ئەلچى پاۋلۇس ئېتىقادچىلارنى: «رەزىل روھىي كۈچلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتىمىز»، دەپ ئاگاھلاندۇرغان (ئەفەسلىكلەر 6:12). نېمە ئۈچۈن پاۋلۇس «جەڭ»، دېگەن سۆز-ئىبارىنى ئىشلەتكەن؟ چۈنكى، جەڭ سۆزى تىغمۇ-تىغ ئېلىشىش ياكى كۈرەش قىلىش دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەچ، پاۋلۇس شۇ سۆز-ئىبارىنى ئىشلىتىپ، شەخسەن ھەربىرىمىزنىڭ رەزىل روھىي كۈچلەر بىلەن تىغمۇ-تىغ تۇتۇشىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلىگەن. بىز ياشاۋاتقان يۇرتلاردا يامان روھلارغا ئىشىنىش كەڭ تارقالغان بولسۇن ياكى بولمىسۇن، شۇنى ھەرگىز ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، يەھۋاغا ئۆزىمىزنى بېغىشلىغاندىن باشلاپ، تىغمۇ-تىغ تۇتۇشماق ئۈچۈن مەيدانغا چۈشكەنمىز. خۇداغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ھەربىر كىشى مۇشۇ جەڭدىن باش تارتىپ بولالمايدۇ. شۇڭا، پاۋلۇسنىڭ ئەفەس شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلارغا، تەكرار-تەكرار مۇستەھكەم «تۇرالىشىڭلار» كېرەك! دەپ ئىلھام-مەدەتلەرنى بەرگەنلىكى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. — ئەفەسلىكلەر 6:11، 13، 14.
9. (1) نېمە ئۈچۈن، شەيتان ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن جىنلار ھەرخىل ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشقا سالىدۇ؟ (2) نېمە ئۈچۈن، شەيتان ئوي-پىكىرىمىزنى چىرىكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ؟ («شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىدىن ئېھتىيات قىلىڭ!» ناملىق رامكىغا قاراڭ). (3) ھازىر قايسى ھىيلە-مىكىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
9 ھىيلە-مىكىرلەر. پاۋلۇس ئېتىقادچىلارنى «شەيتاننىڭ ھىيلە- مىكىرلىرىگە» قەتئىي قارشى تۇرۇشقا دەۋەت قىلغان (ئەفەسلىكلەر 6:11). دىققەت قىلساق، پاۋلۇس ھىيلە-مىكىرلەر، دەپ كۆپلۈك سۆزى ئىشلەتكەن. چۈنكى، يامان روھلار پەقەت بىرخىل ئەمەس، بەلكى خىلمۇ-خىل ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ. چۈنكى، بەزى ئېتىقادچىلار مەلۇم بىر سىناققا دۇچ كەلسە، تەۋرەنمەي مۇستەھكەم تۇرالىغىنى بىلەن، لېكىن باشقا بىرخىل سىناققا چۈشكەندە، بەل قويۇۋەتكەن. شۇ سەۋەبتىن، شەيتان ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن جىنلار، بىزنىڭ ئاجىزلىق نۇقتىمىزنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، سۆز-ھەرىكەتلىرىمىزگە يېقىندىن كۆز-قۇلاق بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇلار ھەرقانداق ئاجىزلىق نۇقتىمىزنى تاپقان ھامان، شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلالايدۇ. خۇشاللىنارلىق يېرى، ھىيلە-نەيرەڭلىرى كۆپ شەيتاننىڭ قەست قىلىش ئۇسۇللىرى، مۇقەددەس كىتابتا ئاللىقاچان پاش قىلىنغاچ، ئۇلارنى ئېنىق پەرق ئېتەلەيمىز (2-كورىنتلىقلار 2:11). مۇشۇ كىتابنىڭ سەل ئىلگىرىكى بابلىرىدا، مال-دۇنيا قوغلىشىشقا، زىيانلىق تەسىرى بولغان بېرىش-كېلىش قىلىشلارغا ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىقلارغا قىزىقتۇرۇشتەك، شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىپ ئۆتكەن. ھازىر شەيتاننىڭ يەنە بىرخىل ھىيلە-مىكىرى بولغان جىنكەشلىك ھەققىدە كۆرۈپ چىقايلى.
جىنكەشلىك قىلىش — خائىنلىقتۇر
10. (1) جىنكەشلىك دېگەن نېمە؟ (2) يەھۋا جىنكەشلىككە قانداق قارايدۇ؟ ئۆزىڭىز قانداق قارايسىز؟
10 جىنكەشلىك — يامان روھلار بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشتۇر. پال ئېچىش، سېھىرگەرلىك، ئەپسۇن ئوقۇپ جادۇگەرلىك قىلىش ۋە ئۆلۈكلەردىن ياردەم سوراشلار جىنكەشلىك قىلىشنىڭ بەزى ئۇسۇللىرىدۇر. بىز بىلىمىزكى، يەھۋا جىنكەشلىكنى ئۆچ كۆرىدۇ (تەكرار قانۇن 18:10–12؛ ۋەھىيلەر 21:8). شۇڭا، بىزمۇ چوقۇم: «يامانلىقتىن يىرگىنىڭلار»، دېگەن بۇيرۇققا بويسۇنۇپ، يامان روھلار بىلەن ئالاقە قىلىشتىن قەتئىي ھەزەر ئەيلىشىمىز كېرەك (رىملىقلار 12:9). جىنكەشلىك قىلىش، ياراتقۇچىمىز يەھۋاغا خائىنلىق قىلغانلىقتۇر. بۇنداق قىلمىش نېمە دېگەن يىرگىنچلىك، ھە!
11. ئەگەر شەيتان بىزنى جىنكەشلىك قىلىشقا ئازدۇرالىسا، نېمە ئۈچۈن ئۇ چوڭ غەلبىگە قىلغان بولىدۇ؟ مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ؟
11 جىنكەشلىك بىلەن مەشغۇل بولۇش، يەھۋاغا خائىنلىق قىلىش قىلمىشىدۇر. مۇشۇ سەۋەب، شەيتان پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئارىمىزدىكى بەزى ئېتىقادچىلارنى جىنكەشلىك قىلىشقا ئېزىقتۇرىدۇ. ئەگەردە، شەيتان ھەر نۆۋەت بىرەر ئېتىقادچىنى جىنكەشلىك قىلىشقا ئازدۇرالىسا، ئۇ چوڭ غەلبە قىلغان بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟ مۇنداق مىسالنى ئويلاپ كۆرەيلى: ئەگەر قوماندان ئۆزىگە قارشى قوشۇندىكى بىر ئەسكەرنى ئۆز قوشۇنىغا قوشۇلۇشقا قايىل قىلالىسا، نەقەدەر خۇشال بولۇپ كېتەر، ھە!؟ ئۆز قوشۇنىغا خائىنلىق قىلىپ، دۈشمەنلەرگە قوشۇلغان ئاشۇ ئەسكەرنى دۈشمەن قوشۇنىنىڭ قوماندانى جەڭ ئولجىسى سۈپىتىدە كۆز-كۆز قىلىپ ماختاش ئارقىلىق، شۇ ئەسكەرنىڭ ئىلگىرىكى قوماندانىنى ھاقارەتلەيدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر خۇداغا ئىبادەت قىلغۇچى جىنكەشلىك قىلسا، ئۆزى خالاپ، مەقسەتلىك ھالدا يەھۋادىن يۈز ئۆرۈپ، شەيتاننىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنغان بولىدۇ. شەيتان يەھۋاغا خائىنلىق قىلغۇچىنى جەڭ ئولجىسىدەك قولغا چۈشۈرگەندە، ئۇنىڭ قانچىلىك كۆرەڭلەپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭە! ئارىمىزدا كىممۇ شەيتاننىڭ جەڭ ئولجىسى بولۇشنى خالايدۇ؟ ئەلۋەتتە ھېچكىم! بىز خائىنلار ئەمەس.
گۇمانىي سوئاللارنى ئوتتۇرغا چىقىرىش
12. بىزنىڭ جىنكەشلىككە بولغان كۆزقارىشىمىزغا تەسىر قىلىش ئۈچۈن، شەيتان قايسى ھىيلە-مىكىرىنى ئىشلىتىدۇ؟
12 پەقەت جىنكەشلىككە نەپرەتلىنىپ، ئۇنى ئۆچ كۆرسەك، شەيتان بۇ ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ بىزگە قارشى تۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. مۇشۇ سەۋەب، شەيتان ئوي-پىكىرىمىزنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن. ئۇ، بۇ مەقسىتىگە قانداق يەتمەكچىدۇ؟ شەيتان، خۇدا خىزمەتچىلىرىنى «ياماننى ياخشى دەپ ياخشىنى يامان» دەيدىغان كۆزقاراشقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، قايمۇقتۇرۇش پۇرسىتى ئىزدەپ يۈرىدۇ (يەشايا 5:20، ب ج). بۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شەيتان كۆپ قېتىم ئۈنۈمگە ئېرىشكەن بىر ھىيلە-مىكىرىنى ئىشلىتىدۇ، يەنى گۇمانىي كۆزقاراشنى پەيدا قىلىدىغان سوئاللارنى ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ.
13. شەيتان گۇمانىي كۆزقاراشنى پەيدا قىلىش ھىيلە-مىكىرىنى قانداق ئىشلىتىپ كەلگەن؟
13 شەيتاننىڭ ئۆتمۈشتە بۇ ھىيلە-مىكىرىنى قانداق ئىشلەتكەنلىكىگە دىققەت قىلىپ باقايلى. جەننەتتە، ئۇ ھاۋا-ئانىدىن: «خۇدا باغدىكى ھەرقانداق دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشىڭلارنى راستتىنلا مەنئى قىلدىمۇ؟»، دەپ سورىغان. ئايۇپ پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا، ئاسماندا پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىدا، شەيتان: «ئايۇپ ئۆزى خۇدادىن بىكار قورقامدۇر؟»، دېگەن سوئالنى ئوتتۇرغا چىقارغان. ھەزرىتى ئەيسا يەر يۈزىدە ۋەز ئېيتىشنى باشلىغىنىدا، ئۇ: «ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشلارنى نانغا ئايلاندۇرۇپ يە!»، دەپ ئەيسانى سىناپ كۆرگەن. يەھۋا ئۆزى: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن!»، دەپ ئالتە ھەپتە ئۆتۈپلا، يەھۋانىڭ ئېغىزدىن چىققان سۆزنى، شەيتاننىڭ مەسخىرە قىلىشقا پېتىنالىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭە! — يارىتىلىش 3:1؛ ئايۇپ 1:9، (ب ج)؛ مەتتا 3:17؛ 4:3.
14. (1) شەيتان بىزنى جىنكەشلىك قىلىشقا ئازدۇرۇش ئۈچۈن، گۇمانىي كۆزقاراش پەيدا قىلىدىغان ھىيلە-مىكىرىنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟ (2) ھازىر نېمە توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىمىز؟
14 بۈگۈنكى كۈندە، جىنكەشلىك توغرىسىدا گۇمانىي كۆزقاراشنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن، شەيتان بارچە كۈچى بىلەن بۇرۇنقىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھىيلە-مىكىرىنى ئىشلەتمەكتە. ئەپسۇسلىنارلىقى، شەيتان بەزى ئېتىقادچىلارنىڭ كاللىسىغا گۇمانى كۆزقاراشنى سىڭدۈرۈشتە غەلبە قازىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بەزىلەر جىنكەشلىكنىڭ بەزى تۈرلىرى راستىنلا شۇنچە بەك رەزىل ياكى رەزىل ئەمەسلىكىگە گۇماندا بولۇشنى باشلاپ، ھەتتا كۆڭلىدە ‹راستىنلا شۇنداقمىدۇ؟›، دەپ سوراشماقتا (2-كورىنتلىقلار 11:3). ئۇلارنىڭ شۇنداق گۇمانىي ئوي-خىياللىرىنى ئۆزگەرتىشىگە قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟ ئۆزىمىزنىڭ شەيتاننىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىقىمىزنى قانداق جەزملەشتۈرەلەيمىز؟ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، شەيتاننىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئىككى تەرەپتىن، يەنى بەزى ئويۇن-تاماشىلار ياكى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق جىنكەشلىك قىلىشقا ئازدۇرىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى.
ئارزۇ-ئىستەك ۋە ئېھتىياجىمىزدىن پايدىلىنىپ كېتىش
15. (1) غەرب ئەللىرىدە، نۇرغۇن كىشىلەر جىنكەشلىككە قانداق قارايدۇ؟ (2) بەزى ئېتىقادچىلار جىنكەشلىك قىلىشقا بولغان كۆزقاراشنىڭ تەسىرىگە قانداق ئۇچرىغان؟
15 بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىدە، پېرىخونلۇق، سېھىرگەرلىك ۋە جىنكەشلىكنىڭ باشقا ئۇسۇللىرىنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق، دەپ قارايدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتتى. كىنو-فىلىملەر، كىتاب-ژۇرناللار، تېلېۋىزىيە نومۇرلىرى ۋە كومپيوتېر ئويۇنلىرى جىنكەشلىك قىلىشنى ئويۇن-تاماشىلار قاتارىدا كۆرسىتىپ، زىيىنى يوق قىلىپ تەسۋىرلىمەكتە. مەركىزى ئىدىيىسى سېھىر-جادۇ قىلىشقا قارىتىلغان بەزى فىلىملەر ياكى كىتابلار ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولۇپ، شۇنداق فىلىملەر ياكى كىتابخۇمارلىرى بىرلىشىپ ئۇيۇشمىلارنى قۇرماقتا. ناھايىتى روشەنكى، شەيتان كىشىلەرنى سېھىر-جادۇ قىلىشنىڭ خەتىرىگە سەل قاراشقا ئازدۇرۇشتا غەلبە قازانغان. ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمۇ شۇنداق سەل قاراشنىڭ تەسىرىگە ئوچرىغانمۇ؟ شۇنداق، بەزى ئېتىقادچىلار تەسىرگە ئۇچرىغان. مەسىلەن، بىر ئېتىقادچى جىنكەشلىك مەركىزى ئىدىيە قىلىنغان فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ: «مەن فىلىمنى كۆردۈم، ئەمما جىنكەشلىك بىلەن مەشغۇل بولمۇدۇم»، دېگەن. نېمە ئۈچۈن شۇنداق كۆزقاراشتا بولۇش خەتەرلىك؟
16. جىنكەشلىك مەزمۇن قىلىنغان ئويۇن-تاماشىلارنى تاللاش، نېمە ئۈچۈن خەتەرلىك؟
16 گەرچە جىنكەشلىك قىلغاننى كۆرۈش بىلەن ئۇنى قول تىقىپ قىلىش ئوتتۇرىسىدا پەرق بولسىمۇ، شۇنداق ئىشلارنى كۆرۈشنىڭ ھەرگىزمۇ خەتىرى يوق، دېگەنلىك ئەمەس. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟ ئويلاپ كۆرسەك، خۇدا سۆزى، شەيتان ياكى ئۇنىڭغا ئەگەشكەن جىنلارنىڭ، بىزنىڭ نېمىنى خىيال قىلىدىغىنىمىزنى بىلەلمەيدىغانلىقىنى ئاشكارا قىلىدۇ.a شۇڭا، تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، يامان روھلار نېمىنى خىيال قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ۋە ئاجىزلىق نۇقتىمىزنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، قانداق ئىش-ھەرىكەتتە بولۇۋاتقانلىقىمىزغا يېقىندىن كۆز-قۇلاق بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ، ئەلۋەتتە ئويۇن-تاماشىلارنى تاللىشىمىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. خۇدا خىزمەتچىسى سېھىر-جادۇ قىلىش، جىن چاپلىشىش، يامان روھلار بىلەن ئالاقىدە بولۇش قاتارلىقلار مەزمۇن قىلىنغان جىنكەشلىك ھەققىدىكى كىنو-فىلىملەرنى كۆرۈش ياكى كىتاب-ژۇرناللارنى ئوقۇش ئارقىلىق كۆڭۈلنى خۇش قىلسا، ئەمەلىيەتتە جىنلارغا خەۋەر بېرىپ، ئۆزىنىڭ قانداق ئاجىزلىقى بارلىقىنى ئاشكارا قىلىدۇ! نەتىجىدە، جىنلار ئېتىقادچىنىڭ ئاشكارىلانغان ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ، تاكى ئېتىقادچىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغۇچە بولدى قىلماسلىقى مۇمكىن. بەزىلەر كۆڭۈلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن كىنو-فىلىم ياكى كىتابلارغا قىزىقىپ كەتكەچ، ئۇلار ئاخىرىدا بېرىپ جىنكەشلىك بىلەن مەشغۇل بولغان. — گالاتىيالىقلار 6:7.
كېسەلگە مۇپتىلا بولغاندا، يەھۋانىڭ ياردەم-مەدەتلىرىگە تايىنامسىز؟
17. شەيتان قانداق ھىيلە-مىكىرنى ئىشلىتىپ كېسەل كىشىلەرنىڭ ئاجىزلىق نۇقتىسىدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن؟
17 شەيتان، پەقەت ئويۇن-تاماشا قىلىش ئارزۇ-ئىستەكلىرىمىزدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇپلا قالماي، ساغلاملىققا بولغان ئېھتىياجىمىزدىنمۇ پايدىلىشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇ، شۇ نىيىتىگە يېتىش ئۈچۈن قانداق قىلىدۇ؟ بىر ئېتىقادچىنىڭ تەن-ساغلاملىقى بارغانسېرى ناچارلىشىپ، بارچە كۈچى بىلەن داۋالاتقان بولسىمۇ، كېسىلىگە شىپالىق تېپىلمىغاچ، ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىشى مۇمكىن (ماركۇس 5:25، 26). شەيتان ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن جىنلار دەل شۇنداق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شۇ كېسەلچان ئېتىقادچىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. چۈنكى، خۇدانىڭ كىشىلەرنى ‹يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ياردىمىگە› تايانماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى يامان روھلار بىلىدۇ (يەشايا 31:2). شۇڭا، جىنلار ئېتىقادچىلارنى ئاشۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سالماسلىققا ئازدۇرۇش ئۈچۈن، كېسەل ئازابىدا روھ چۈشكۈنلەشكەنلەرنى جىنكەشلىك بىلەن باغلىنىشلىقى بار ناھايىتى خەتەرلىك داۋالاش ئۇسۇلىنى سىناپ بېقىشقا قۇترىتىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ مۇشۇ ھىيلە-مىكىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، ئاشۇ كېسەل كىشىنىڭ خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرالىشى مۇمكىن. قانداق ئاجىزلاشتۇرىدۇ؟
18. خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار قانداق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى رەت قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
18 قەدىمقى زاماندا، يەھۋا سېھىر-جادۇ قىلغان خەلقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «قوللىرىڭىزنى كۆتەرگىنىڭىزدە سىزلەردىن كۆزلىرىمنى يوشۇرۇرمەن ... دۇئايىڭىزنى تولا قىلسىڭىزمۇ ئاڭلىماسمەن»، دېگەن (يەشايا 1:13، 15، ب ج). يەھۋاغا قىلغان دۇئالىرىمىزنىڭ توسالغۇغا ئۇچراپ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ياردەم ۋە مەدەتلەردىن ئايرىلىپ قېلىشنى ئەلۋەتتە خالىمايمىز، بولۇپمۇ كېسەلگە مۇپتىلا بولغان چاغلىرىمىزدا تېخىمۇ شۇنداق (زەبۇر 41:3). مۇشۇ سەۋەب، ئەگەر كېسەلنى ئېنىقلاش ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ، ھەتتا جىنكەشلىك بىلەن ئازغىنە باغلىنىشلىق يېرى بولسا، ئاللاغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچى چوقۇم شۇلارنى رەت قىلىشى كېرەكb (مەتتا 6:13). شۇندىلا، يەھۋانىڭ داۋاملىق قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشەلەيدۇ. — «بۇنىڭ جىنكەشلىك بىلەن راستىنلا باغلىنىشى بارمۇ؟»، دېگەن 222-بەتتىكى رامكىغا قاراڭ.
جىنلار ھەققىدىكى ھېكايىلەر كەڭ تارقالغان
19. (1) نۇرغۇن كىشىلەر شەيتانغا ئالدىنىپ كەتكەچ، شەيتاننىڭ كۈچىگە نىسبەتەن قانداق كۆزقاراشتا بولىشىدۇ؟ (2) خۇداغا ئىبادەت قىلغۇچىلار قانداق ھېكايىلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك؟
19 گەرچە غەرب ئەللىرىدە كىشىلەر شەيتاننىڭ كۈچىنى سەل چاغلاپ پەرۋا قىلمىسىمۇ، ئەمما دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. كۆپلىگەن جايلاردا شەيتان نۇرغۇن كىشىلەرنى ئالداپ، شەيتاننىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ تەڭدىشى يوق، دەيدىغان ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈلگەن كۆزقاراشقا ئىشەندۈرگەچ، بەزى ئادەملەر كۈن بويى ماڭغان-تۇرغىنىدا، يېگەن-ئىچكىنىدە، مەيلى ئۇخلىغاندا ياكى ئىشلىگەندە بولسۇن، يامان روھلاردىن قورقۇپلا يۈرىدۇ. بۇنداق جىنلارنىڭ كۈچى توغرىسىدىكى گەپ- سۆزلەر خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان. شۇنداق ۋەقەلەر ھەمىشە قىزىقارلىق قىلىپ، ھېكايە قىلىنىدۇ؛ باشقىلار بولسا بېرىلىپ ئاڭلايدۇ. ئەمما بىز شۇنداق ۋەقەلەرنى ھېكايە قىلىپ، باشقىلارغا تارقىتامدۇق؟ ئەلۋەتتە، ياق! ھەق خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ شۇنداق قىلماسلىقىنىڭ ئىككى مۇھىم سەۋەبى بار.
20. نېمە ئۈچۈن كىشى بىلىپ-بىلمەي، شەيتاننىڭ يالغان-ياۋىداقلىرىنى تارقىتىشى مۇمكىن؟
20 بىرىنچى سەۋەب، شۇنداق ھېكايىلەرنى تارقىتىش، ئەمەلىيەتتە شەيتاننىڭ ئالدىراشچىلىقىغا ياردەم قولىمىزنى سۇنغانلىق بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟ مۇقەددەس كىتاب، شەيتاننىڭ مۆجىزىلىك ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى تەستىقلايدۇ. بىراق، يەنە شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى: ئۇ «ئادەم ئازدۇرىدىغان مۆجىزە» ۋە «ھەر خىل ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ» (2-سالونىكالىقلار 2:9، 10). شەيتان يالغانچىلىقتا ئۇچىغا چىققان ئىكەن، جىنكەشلىك قىلىشقا قىزىقىدىغانلارنىڭ ئوي-پىكىرگە قانداق تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى يالغانغا ئىشەندۈرەلەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئاشۇنداق كىشىلەر كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان بەزى ئىشلىرىغا راستىنلا ئىشىنىپ، بەلكىم ئۇنى ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن ئىشتەك قىلىپ، باشقىلارغا ھېكايە قىلىپ بېرىشى مۇمكىن. ھەتتا، ئۇلارنىڭ ھېكايىسى ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ، قۇلاقتىن قۇلاققا يېتىپ، نەتىجىدە شۇ ئىشلار كۆپتۈرۈلۈپ، چىنلىقىنى يوقىتىدۇ. ئەگەر خۇدا خىزمەتچىسى شۇنداق ھېكايىلەرنى تارقاتسا، ئەمەلىيەتتە «يالغانچىلىقنىڭ پىرىدۇر»، دەپ ئاتالغان ئىبلىس شەيتاننىڭ ئىرادىسىگە بىنائەن ئۇنىڭ يالغان-ياۋىداقلىرىنى تەشۋىق قىلغان بولىدۇ. — يۇھاننا 8:44؛ 2-تىموتىي 2:16.
21. گەپ-سۆزلىرىمىزنى نېمىگە مەركەزلەشتۈرىمىز؟
21 ئىككىنچى سەۋەب، ھەتتا بىر ئېتىقادچى ئۆتمۈشتە ھەقىقەتەن يامان روھلار بىلەن ئالاقىدە بولغان بولسىمۇ، شۇ كەچۈرمىشلىرىنى ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىغا قايتا ھېكايە قىلىپ بېرىشتىن قەتئىي خالىي بولۇشى كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، مۇقەددەس كىتاب بىزنى: «كۆزىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسچىسى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچىسى بولغان ئەيسا مەسىھتە بولسۇن»، دەپ ئاگاھلاندۇرغان (ئىبرانىيلار 12:2). ئەلۋەتتە، بىز نەزىرىمىزنى شەيتانغا ئەمەس، ئەيسا مەسىھكە مەركەزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. شۇنى ئەستە ساقلاشقا ئەرزىيدۇكى، گەرچە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆز شاگىرتلىرىغا، شەيتاننىڭ نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى ياكى قىلالمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېيتىپ بېرىشكە ئىمكانىيىتى بولسىمۇ، ئۇ شۇنداق قىلمىغان. ئەكسىچە، ئۇ نەزىرىنى پادىشاھلىق ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ئېيتىشقا مەركەزلەشتۈرگەن. شۇ سەۋەب، ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، گەپ-سۆزلىرىمىزنى «خۇدانىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئىشلىرىنى» ئېيتىشقا مەركەزلەشتۈرىمىز. — ئەلچىلەر 2:10، 11؛ لۇقا 8:1؛ رىملىقلار 1:11، 12.
22. نېمە قىلىش ئارقىلىق، ئەرىشتىكى خۇرسەنلىككە ئۆز ھەسسىمىزنى قوشالايمىز؟
22 ھەقىقەتەن، شەيتان جىنكەشلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەرخىل ھىيلە-مىكىرلىرىنى ئىشلىتىپ، بىزنىڭ يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنىدۇ. بىراق، يامانلىققا نەپرەتلىنىپ، ياخشىلىققا مەھكەم يېپىشساق، شەيتان جىنكەشلىكنىڭ ھەرخىل تۈرلىرىنى قەتئىي رەت قىلىش قارارىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا پۇرسەت تاپالمايدۇ (ئەفەسلىكلەر 4:27). ئويلاپ كۆرۈڭ، شەيتان يوقىتىلىدىغان كۈنگىچە، «شەيتاننىڭ ھىيلە- مىكىرلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن» قەتئىي تەۋرەنمەي تۇرساق، ‹ئەرشتىكى خۇرسەنلىك› نەقەدەر چوڭ بولار، ھە! — ئەفەسلىكلەر 6:11.
a مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابتا شەيتاننى دۈشمەن، تۆھمەتخور، ئالدامچى، يالغانچى، دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ئاتىغان. بىراق، ھېچقايسى سۆز ئۇنىڭ قەلبىمىزنى ۋە ئوي-پىكىرىمىزنى تەكشۈرۈپ بىلىشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئەكسىچە، مۇقەددەس كىتاب يەھۋا «كۆڭۈللەرنى [كۆزىتىپ] ئىمتىھان قىلادۇر»، دەپ ئاشكارىلاپ، ئەيسانىڭ ‹ئوي-پىكرى ۋە قەلبىنى ياخشى بىلگۈچى ئۆزۈم›، دېگەنلىكىنى بايان قىلغان. — پەندى-نەسىھەت 17:3؛ ۋەھىيلەر 2:23.
b كۆپرەك مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، «كۆزىتىش مۇنارى» (ئۇيغۇر تىلى سانى يوق)، 1994-يىل 12-ئاي 15-كۈن سانى، 19-22-بەتلەردىكى «مۇشۇ ئۇسۇلدا ساغلاملىقنى تەكشۈرۈش ماڭا ماس كېلەمدۇ؟»، دېگەن ۋە «ئويغىنىش!» (ئۇيغۇر تىلى سانى يوق)، 2001-يىل 1-ئاي 8-كۈن سانى، «داۋالاش ئۇسۇللىرىنى خالىغانچە تاللىيالايمەنمۇ؟ — مۇقەددەس كىتابىنىڭ كۆزقارىشى قانداق؟»، دېگەن ماقالىلەرگە قاراڭ.