كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌خ 4-‏بۆل.‏ 7-‏ب.‏
  • خۇ‌دانىڭ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر بىلە‌ن ئە‌ھدە تۈزۈشى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌دانىڭ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر بىلە‌ن ئە‌ھدە تۈزۈشى
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ،‏ ئاشكارا قىلغان خە‌ۋە‌ر
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئۇ‌لى مۇ‌ستە‌ھكە‌م سېلىنغان شە‌ھە‌رنى كۈتۈۋاتامسىز؟‏
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ.‏ 2020
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ،‏ ئاشكارا قىلغان خە‌ۋە‌ر
م‌خ 4-‏بۆل.‏ 7-‏ب.‏

4-‏بۆلە‌ك

خۇ‌دانىڭ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر بىلە‌ن ئە‌ھدە تۈزۈشى

ئىبراھىمنىڭ ئىشە‌نچ بىلە‌ن خۇ‌داغا ئىتائە‌ت قىلىشى،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نى بە‌رىكە‌تلە‌يدىغانلىقى ۋە ئە‌ۋلادلىرىنى كۆپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋە‌دە بېرىشى

نۇ‌ھ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ كۈنىدىكى توپان سۈيىدىن كېيىن،‏ تە‌خمىنە‌ن 350 يىل ئۆتۈپ كە‌تتى.‏ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر گۈللە‌نگە‌ن ئاۋات شە‌ھە‌ر ئۇ‌ر يە‌نى بۈگۈنكى كۈندىكى ئىراق دۆلىتى زېمىنىدا ياشايتتى.‏ ئىبراھىم ئۇ،‏ ئىمان-‏ئېتىقادى كۈچلۈك كىشى ئىدى.‏ لېكىن،‏ ئە‌مدى ئۇ‌نىڭ ئىمان-‏ئېتىقادى سىناققا دۇ‌چ كە‌لدى.‏

يە‌ھۋا،‏ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئۆزى تۇ‌غۇ‌لغان يۇ‌رتىدىن ئايرىلىشىنى ۋە يات-‏ئە‌لگە كۆچۈپ بېرىشىنى ئېيتتى.‏ ئىبراھىم ئىككىلە‌نمە‌ستىنلا بۇ‌يرۇ‌ققا بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ ئايالى سارە،‏ جىيە‌نى لۇ‌ت ۋە نۇ‌رغۇ‌ن چاكارلىرىنى ئېلىپ ئۇ‌زۇ‌ن سە‌پە‌ر قىلغاندىن كېيىن،‏ يات بىر يۇ‌رت قانانغا كېلىپ چېدىر تىكىپ ئولتۇ‌راقلاشتى.‏ پە‌رۋە‌ردىگار،‏ ئىبراھىم بىلە‌ن ئە‌ھدە تۈزۈپ،‏ ئىبراھىمنىڭ ئۇ‌لۇ‌غ بىر مىللە‌تنىڭ ئاتىسى بولىدىغانلىقى،‏ ئۇ ئارقىلىق يە‌ر يۈزىدىكى بارچە مىللە‌ت بە‌خت-‏سائادە‌تكە ئېرىشىدىغانلىقى ۋە يە‌نە ئۇ‌نىڭ ئە‌ۋلادلىرىنىڭ قانان زېمىنىغا ئىگە بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ۋە‌دە بە‌رگە‌ن ئىدى.‏

ئىبراھىم ۋە لۇ‌ت راۋاج تېپىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ مال-‏چارۋا پادىسى كۆپە‌يدى.‏ ئىبراھىم كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن،‏ لۇ‌تنىڭ ئۆزى قايسى زېمىننى خالىسا،‏ شۇ‌نى تاللىشىغا قويۇ‌پ بە‌ردى.‏ لۇ‌ت ئىئوردان دە‌رياسىنىڭ مۇ‌نبە‌ت زېمىنىنى تاللىدى ۋە سودوم شە‌ھىرىگە يېقىن جايغا ئولتۇ‌راقلاشتى.‏ ئە‌مما،‏ سودوم شە‌ھە‌ردىكى كىشىلە‌رنىڭ ئە‌خلاقسىز قىلمىشلىرى چىكىگە يېتىپ،‏ ئۇ‌لار پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋانىڭ ئالدىدا ئېغىر گۇ‌ناھكار بولدى.‏

كېيىنچە،‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا قايتا ۋە‌دە بېرىپ،‏ ئىبراھىمنىڭ ئە‌ۋلادلىرى ئاسمانلاردىكى سان-‏ساناقسىز يۇ‌لتۇ‌زدە‌ك كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.‏ ئىبراھىم ئاشۇ ۋە‌دىگە ئىشە‌نچ قىلدى.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌نىڭ ئايالى سارە‌نىڭ تېخى بالىسى يوق ئىدى.‏ كېيىن خۇ‌دا،‏ ئىبراھىم 99 ياش ۋە ئايالى سارە بولسا 90 ياشقا يېقىنلاشقاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ بىر ئوغۇ‌ل پە‌رزە‌نتلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى ئە‌مە‌لگە ئېشىپ،‏ سارە ئىسھاقنى تۇ‌غدى.‏ ئىبراھىمنىڭ باشقا بالىلىرىمۇ بار ئىدى،‏ بىراق ئېرە‌م باغدا ۋە‌دە قىلىنغان قۇ‌تقۇ‌زغۇ‌چى نىجاتكار ئىسھاق ئارقىلىق مە‌يدانغا كېلە‌تتى.‏

ئاشۇ ۋاقىتتا،‏ لۇ‌ت ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسى سودوم شە‌ھىرىدە ياشىغان بولسىمۇ،‏ بىراق ھە‌ققانىي كىشى لۇ‌ت،‏ ئاشۇ شە‌ھە‌رنىڭ ئە‌خلاقسىز كىشىلىرىگە ئوخشىمىغان ئىدى.‏ يە‌ھۋا سودوم شە‌ھىرىنى ھالاك قىلىشنى قارار قىلغاندا،‏ لۇ‌تنى ھالاكە‌ت خە‌ۋپىدىن ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن پە‌رىشتىلە‌رنى ئالدىن ئە‌ۋە‌تتى.‏ پە‌رىشتىلە‌ر لۇ‌ت ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىنى سودوم شە‌ھىرىدىن قېچىپ چىقىشقا ئالدىراتقان ھە‌مدە ھە‌رگىز كە‌ينىگە قارىماسلىقنى ئېيتقان ئىدى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ سودوم ۋە ئۇ‌نىڭغا قوشنا بولغان رە‌زىللىككە تولغان گومورا شە‌ھىرىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن خۇ‌دا ئاسماندىن ئوت بىلە‌ن گۈڭگۈرت ياغدۇ‌ردى.‏ لۇ‌ت ۋە ئۇ‌نىڭ ئىككى قىزى قېچىپ قۇ‌تۇ‌لدى.‏ بىراق،‏ لۇ‌تنىڭ ئايالى كە‌ينىگە قارىدى.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ تاشلاپ ماڭغان نە‌رسىلىرىگە كۆزى قىيمىغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئاشۇ ئىتائە‌تىسزلىكى ئۈچۈن ئۇ ئۆلگە‌ن ئىدى.‏

‏—‏يارىتىلىش 11:‏10–‏19:‏38-‏ئايە‌تلە‌ر گە ئاساسە‌ن.‏

  • نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر قانان زېمىنىغا كۆچۈپ باردى؟‏

  • خۇ‌دا،‏ ئىبراھىم بىلە‌ن قانداق ئە‌ھدە تۈزدى؟‏

  • نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا،‏ سودوم بىلە‌ن گومورا شە‌ھە‌رلىرىنى ھالاك قىلدى؟‏

خۇ‌دا ئە‌ھدە تۈزگۈچىدۇ‌ر

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب زامانىدا،‏ ئە‌ھدە بولسا بىر توختام يە‌نى رە‌سمىي كېلىشىم بولغان ئىدى.‏ پە‌رۋە‌ردىگار يە‌ھۋا،‏ ئېرە‌م باغدا ۋە‌دە قىلغان قۇ‌تقۇ‌زغۇ‌چى نىجاتكار تە‌رىپىدىن پە‌رۋە‌ردىگارنىڭ مە‌قسىتى،‏ قانداق قىلىپ ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لىدىغانلىقى كە‌سكىن ۋە‌دىلە‌ر دە‌پ قارالغان بىر قاتار ئە‌ھدىلە‌ر ئارقىلىق بىر-‏بىرلە‌پ ئاشكارا قىلىنغان.‏ ئىبراھىم پە‌يغە‌مبە‌ر بىلە‌ن تۈزۈلگە‌ن ئە‌ھدە،‏ ۋە‌دە قىلىنغان كىشىنىڭ ئىبراھىمنىڭ ئە‌ۋلادى ئارىسىدىن مە‌يدانغا كېلىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ كېيىن تۈزۈلگە‌ن ئە‌ھدىلە‌ر بولسا ۋە‌دە قىلىنغان قۇ‌تقۇ‌زغۇ‌چى نىجاتكارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشقا تېخىمۇ كۆپ ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش