6-بۆلەك
ئايۇپ پەيغەمبەرنىڭ ئۆز توغرىلىقىنى ساقلىشى
شەيتاننىڭ، خۇدانىڭ ئالدىدا ئايۇپنىڭ توغرىلىقىنى ئەيىبلىشى ۋە ئايۇپنىڭ پەرۋەردىگار يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكنى ساقلىشى
ئەگەر كىشى ئەڭ ئېغىر سىناققا دۇچار بولۇپ، ئىمان-ئېتىقادتا تەۋرەنمەي تۇرۇش قارىماققا ماددىي جەھەتتە پايدا-مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلمىسە، ئۇنداقتا كىشى خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكنى ساقلىمايدۇ؟ مۇشۇنداق ئەيىبلەش ئوتتۇرغا چىقىپ ھەمدە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئايۇپ پەيغەمبەر بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ئىدى.
ئىسرائىللار يەنىلا مىسىردا ياشاۋاتقاندا، ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ تۇغقىنى ئايۇپ ھازىرقى ئەرەبىستان زېمىنىدا ياشايتتى. ئاشۇ ۋاقىتتا، پەرىشتىلەر ئاسماندا خۇدانىڭ ئالدىغا يىغىلىشتى. ئىسيانچى شەيتان ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بار ئىدى. ئاشۇ توپلانغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىدا، تەڭرى يەھۋا ئۆزىنىڭ ساداقەتمەن بەندىسى ئايۇپ پەيغەمبەرگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى. ئەمەلىيەتتە، يەھۋا ھېچ كىشىدە ئايۇپقا ئوخشاش توغرىلىق يەنى ساداقەتمەنلىك يوق دېگەن ئىدى. بىراق، شەيتان ئايۇپنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىشى، خۇدا ئايۇپنى بەرىكەتلەپ ئۇنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈندۇر، دەپ جار سالدى. شەيتان ھەمدە ئەگەردە ئايۇپ بارچە نەرسىلىرىدىن مەھرۇم قىلىنسا، ئۇ چوقۇم خۇداغا لەنەت ئوقۇپ ئۇنىڭدىن تانىدۇ، دەپ داۋراڭ سالدى.
شەيتاننىڭ ئايۇپنى مال-دۇنياسىدىن ۋە پەرزەنتلىرىدىن مەھرۇم قىلىشىغا، ھەتتا ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا قىلىشىغا خۇدا رۇخسەت قىلدى. مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە شەيتان قار قولىنى سالغانلىقىدىن بىخەۋەر بولغان ئايۇپ، نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق سىناقلارغا دۇچار بولىشىغا خۇدانىڭ يول قويغانلىقىنى چۈشىنەلمىگەن ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئايۇپ ھەرگىز خۇداغا لەنەت ئوقۇمىدى ھەم ئۇنىڭدىن تانمىدى.
ئايۇپنىڭ ئۈچ ساختا دوستى ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇلار، ئايۇپ يۇشۇرۇن قىلغان گۇناھى ئۈچۈن خۇدا ئۇنى جازالىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ قىلغان نۇرغۇن خاتا گەپ-سۆزلەرنى ئايۇپ كىتابىدىن تېپىشقا بولىدۇ. ئۇلار ھەتتا، خۇدا ھېچقاچان ئۆز بەندىلىرىدىن خۇرسەن بولمايدۇ ھەم ئۇلارغا ئىشەنمەيدۇ، دېيىشكەن ئىدى. ئايۇپ ئۇلارنىڭ ئۇنداق خاتا يەكۈنلەشلىرىنى رەت قىلدى. ئىشەنچ بىلەن، ئۇ شۇنداق دەپ جاكارلىغان ئىدى: ئۆلگۈچىلىك توغرىلىقىمنى ئۆزۈمدىن كەتكۈزمەسمەن!
بىراق، ئايۇپ خاتالىق سادىر قىلدى يەنى ئۆزىنى ئاقلاشقا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بارچە تالاش-تارتىشلىرىنى باشتىن-ئاياغ ئاڭلاپ تۇرغان ئېلىھۇ ئىسىملىك ياش كىشى، ئايۇپ ۋە ئۇنىڭ ساختا دوستلىرىنى تۈزىتىپ تەنبىھ بەردى. ھەرقانداق بىر ئىنساننى قوغداشقا قارىغاندا، خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ياقلاشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئايۇپ پەيغەمبەرنىڭ چۈشەنمىگەنلىكىنى ئېلىھۇ ئەيىبلىدى. ئۇ ئايۇپنىڭ ساختا دوستلىرىنى ھەم كۈچلۈك تەنقىدلىدى.
تەڭرى يەھۋا ، شۇنىڭ بىلەن ئايۇپقا سۆز قىلىپ، ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى تۈزەتتى. ياراتقان نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ مەۋجۇداتلىرىنى ئايۇپ پەيغەمبەرگە كۆرستىش ئارقىلىق ئاللانىڭ ئۇلۇغلىقى ئالدىدا ئىنساننىڭ شۇنچە كىچىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاللا يەھۋا، ئايۇپقا ساۋاق بەردى. خۇدانىڭ تۈزۈتىشىنى ئايۇپ كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلدى. يەھۋا «تولا مەرھەمەتلىك ۋە مېھرىبانلىق» كۆرسىتىپ، ئايۇپنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئايۇپقا ئىلگىرى مەھرۇم قىلىنغان مال-دۇنياسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك مال-دۇنيانى بەردى ۋە ئۇنى بەرىكەتلەپ ئون پەرزەنتكە ئىگە قىلدى (ياقۇپ 5:11). ئايۇپ ئېغىر سىناق ئاستىدا، خۇداغا بولغان توغرىلىقىنى يەنى ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاش ئارقىلىق شەيتاننىڭ، ئىنسان سىناققا دۇچار بولسا، خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكنى ساقلىمايدۇ، دەپ جار سېلىپ ئەيىبلىشىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلىغان ئىدى.
—ئايۇپ كىتابىغا ئاساسەن.