كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • م‌خ 15-‏بۆل.‏ 18-‏ب.‏
  • بىر پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ كە‌لگۈسى توغرىسىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلە‌رنى كۆرۈشى

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • بىر پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ كە‌لگۈسى توغرىسىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلە‌رنى كۆرۈشى
  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ،‏ ئاشكارا قىلغان خە‌ۋە‌ر
مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ،‏ ئاشكارا قىلغان خە‌ۋە‌ر
م‌خ 15-‏بۆل.‏ 18-‏ب.‏

15-‏بۆلە‌ك

بىر پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ كە‌لگۈسى توغرىسىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلە‌رنى كۆرۈشى

دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ۋە مە‌سىھنىڭ كېلىشى توغرىسىدا بېشارە‌ت بېرىشى؛‏ بابىلوننىڭ ئىشغال قىلىنىشى

دانىيال يېرۇ‌سالېم ۋە‌يران قىلىنىشتىن ئىلگىرى بابىلونغا ئە‌سىر قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگە‌ن،‏ خۇ‌داغا بولغان ساداقىتى ئالاھىدە بىر ياش ئىدى.‏ ئۇ ۋە بە‌زى باشقا يە‌ھۇ‌دىيلار جە‌ڭدە مە‌غلۇ‌پ بولغان جە‌نۇ‌بىي پادىشاھلىقتىن ئە‌سىرلىككە تۇ‌تۇ‌پ كېتىلگە‌ن ئىدى.‏ بىراق،‏ ئە‌سىرلىككە تۇ‌تۇ‌پ كە‌تكۈچىلە‌ر ئۇ‌لارغا بە‌زى ئە‌ركىنلىكلە‌رنى بە‌ردى.‏ دانىيال ئە‌سىر بولۇ‌پ ياشىغان ئۇ‌زۇ‌ن يىللار داۋامىدا،‏ ئۇ خۇ‌دا تە‌رىپىدىن كۆپ بە‌رىكە‌تلە‌شكە ئېرىشتى.‏ ھە‌تتا،‏ شىر ئۆڭكۈرىدە ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇ‌تۇ‌لدى ۋە خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن يىراق كە‌لگۈسى توغرىسىدىكى غايىبانە كۆرۈنۈشلە‌رنى كۆردى.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم بېشارە‌تلىرى ئاساسلىقى مە‌سىھ ۋە ئۇ‌نىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا مە‌ركە‌زلە‌شكە‌ن ئىدى.‏

دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ،‏ مە‌سىھنىڭ قاچان مە‌يدانغا كېلىشىدىن خە‌ۋە‌ردار بولۇ‌شى.‏ يېرۇ‌سالېمنىڭ شە‌ھە‌ر تاملىرىنى قايتا قوپۇ‌رۇ‌ش بۇ‌يرۇ‌قى چۈشكە‌ندىن باشلاپ،‏ 69 يىل ھە‌پتىسى ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى كۈتۈپ كە‌لگە‌ن مە‌سىھنىڭ مە‌يدانغا كېلىدىغانلىقى دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رگە ئاشكارا قىلىنغان ئىدى.‏ ئادە‌تتە،‏ بىر ھە‌پتە يە‌تتە كۈن بولغاندە‌ك،‏ بىر يىل ھە‌پتىسى يە‌تتە يىل بولغان.‏ دانىيال ئۆلۈپ نۇ‌رغۇ‌ن يىللار ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌نى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 455-‏يىلى ئاشۇ بۇ‌يرۇ‌ق چۈشۈرۈلگە‌ن.‏ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ،‏ 483 يىل يە‌نى 69 «ھە‌پتە» ئۆتۈپ،‏ مىلادى 29-‏يىلدا ئاخىرلاشقان.‏ ئاشۇ يىلى نېمە ئىش يۈز بە‌رگە‌نلىكى توغرىسىدا،‏ كېيىنرە‌ك مۇ‌شۇ كىتابچىدا كۆرۈپ ئۆتىمىز.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر يە‌نە گۇ‌ناھنىڭ يۇ‌يۇ‌لۇ‌شى ئۈچۈن مە‌سىھنىڭ ‹يوقىتىلىشى› يە‌نى ئۆلتۈرۈلىشى ھە‌ققىدە بېشارە‌ت ئېيتقان ئىدى.‏—‏دانىيال 9:‏24–‏26.‏

مە‌سىھنىڭ ئاسماندا پادىشاھ بولۇ‌شى.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر،‏ ئاسماندىكى ئاجايىپ بىر غايىبانە كۆرۈنۈشتە،‏ خۇ‌دانىڭ تە‌ختىگە يېقىنلاشقان «ئىبن ئادە‌مگە [ئىنسان ئوغلىغا] ئوخشاش بىر كىمە‌رسە [كىشى]» دە‌پ تىلغا ئېلىنغان مە‌سىھنى كۆرگە‌ن ئىدى.‏ يە‌ھۋا مە‌سىھكە «سە‌لتە‌نە‌ت،‏ جالال [ئۇ‌لۇ‌غلۇ‌ق] ۋە پادىشاھلىق» بە‌رگە‌ن ئىدى.‏ ئاشۇ پادىشاھلىق مە‌ڭگۈ مە‌ۋجۇ‌ت بولىدۇ.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر،‏ مە‌سىھنىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا باشقا بىر ئاجايىپ تە‌پسىلاتلارنى،‏ يە‌نى پادىشاھ بىلە‌ن ‹ھە‌قتائالا [يۇ‌قىرى مە‌رتىۋىلىك ئاللا] نىڭ مۇ‌قە‌ددە‌سلىرى› دە‌پ تىلغا ئېلىنغان بىر توپ كىشىلە‌رنىڭ بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يە‌تكە‌ن ئىدى.‏—‏دانىيال 7:‏13،‏ 14،‏ 27.‏

پادىشاھلىقنىڭ بۇ دۇ‌نيادىكى بارچە ھۆكۈمە‌تلە‌رنى يوق قىلىشى‏.‏ خۇ‌دا دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رگە،‏ بابىلون پادىشاھى نېبۇ‌قادنىسارنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلغان بىر چۈشكە تە‌بىر بېرىش قابىلىيىتىنى بە‌رگە‌ن ئىدى.‏ پادىشاھ چۈشىدە بېشى ئالتۇ‌ن،‏ كۆكرە‌ك ۋە بىلە‌كلىرى كۈمۈش،‏ قۇ‌رساق ۋە يوتىلىرى مىس،‏ پاچاقلىرى تۆمۈر،‏ پۇ‌تلىرى تۆمۈر ۋە لاينىڭ ئارىلاشمىسى بولغان بىر ھە‌يكە‌لنى ۋە تاغدىن دومىلاپ چۈشكە‌ن بىر تاشنىڭ ئاشۇ ھە‌يكە‌لنىڭ ئاسان سۇ‌نىدىغان پۇ‌تىغا سوقۇ‌لۇ‌پ،‏ ئۇ‌نى كۇ‌كۇ‌م تالقان قىلىۋە‌تكە‌نلىكىنى كۆرگە‌ن.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر ھە‌يكە‌لنىڭ ھە‌رقايسى بۆلە‌كلىرى،‏ ئالتۇ‌ن باش بولغان بابىلوندىن باشلانغان دۇ‌نيا كۈچلىرىنىڭ ئالمىشىشىغا سىموۋول قىلىنغان دە‌پ چۈشە‌ندۈرگە‌ن ئىدى.‏ دانىيال يە‌نە بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانىڭ ئە‌ڭ ئاخىرقى كۈچلىرى ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگە‌ن دە‌ۋردە،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ ھە‌رىكە‌تكە كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۈپ يە‌تكە‌ن ئىدى.‏ ئۇ پادىشاھلىق بۇ دۇ‌نيادىكى بارچە ھۆكۈمە‌تلە‌رنى يوق قىلاتتى.‏ شۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ ئۇ پادىشاھلىق مە‌ڭگۈ ھاكىمىيە‌ت يۈرگۈزە‌تتى.‏—‏دانىيال 2-‏​باب.‏

دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر ناھايىتى قېرىپ كە‌تكە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ بابىلوننىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرگىچە ھايات ياشىغان ئىدى.‏ دە‌ل پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر بېشارە‌ت بە‌رگە‌ندە‌ك،‏ پادىشاھ كۇ‌رس بابىلون شە‌ھىرنى ئىشغال قىلدى.‏ ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ دە‌ل بېشارە‌تتە ئېيتىلغاندە‌ك ئۇ‌لارنىڭ يۇ‌رتى 70 يىل قاقاس-‏چۆل تاشلىۋېتىلگە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌ھۇ‌دىيلار ئە‌سىرلىكتىن ئازاد قىلىندى.‏ ساداقە‌تمە‌ن ۋالىيلار،‏ روھانىيلار ۋە پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنىڭ يول باشچىلىقى ئاستىدا،‏ يە‌ھۇ‌دىيلار ئە‌ڭ ئاخىردا يېرۇ‌سالېمنى قايتا بىنا قىلىپ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىبادە‌تخانىسىنى قايتا ياسىغان ئىدى.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ ئاشۇ 483 يىل ئۆتۈپ كە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ نېمە ئىش يۈز بە‌ردى؟‏

‏—‏دانىيال كىتابىغا ئاساسە‌ن.‏

  • دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر مە‌سىھ ۋە خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا نېمىلە‌ردىن خە‌ۋە‌ردار بولغان ئىدى؟‏

  • خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى مۇ‌شۇ دۇ‌نيانىڭ ھۆكۈمە‌تلىرىنى قانداق بىر تە‌رە‌پ قىلىدۇ؟‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش