كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ھ‌ئي 4-‏بۆل.‏ 10-‏11 ب.‏
  • خۇ‌دا كىم؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • خۇ‌دا كىم؟‏
  • بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇ‌چى —‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد!‏
بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇ‌چى —‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد!‏
ھ‌ئي 4-‏بۆل.‏ 10-‏11 ب.‏

4-‏بۆلۈم

خۇ‌دا كىم؟‏

ئادە‌ملە‌ر نۇ‌رغۇ‌ن ئىلاھلارغا ئىبادە‌ت قىلىشىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پە‌قە‌ت بىرلا ھە‌ق ئاللا بار،‏ دە‌پ تە‌لىم بېرىدۇ.‏ ئۇ يېگانە تە‌ڭدىشى يوق،‏ ئە‌ڭ ئۇ‌لۇ‌غ ۋە مە‌ڭگۈ بار بولغۇ‌چىدۇ‌ر.‏ ئۇ ئاسمان ۋە يە‌ردىكى بارلىق مە‌ۋجۇ‌داتلارنى ياراتقان،‏ بىزلە‌رگە ھاياتلىق بە‌رگە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ يالغۇ‌ز ئۇ‌نىڭغىلا ئىبادە‌ت قىلىش خاستۇ‌ر.‏

مۇ‌سا ئون قانۇ‌ننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاش تاختايلارنى تۇ‌تتى

قە‌دىمقى ئۆلۈك دېڭىز قول يازمىلىرى خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى كۆرسىتىدۇ

ئاللانىڭ نۇ‌رغۇ‌ن نام-‏ئۇ‌نۋانلىرى بار،‏ ئە‌مما ئۇ‌نىڭ خاس ئىسىمى يە‌ھۋا.‏ ئۇ مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە:‏ «ئىسرائىل ئوغۇ‌للىرىغا مۇ‌نداق ئېيتقىنكى،‏ مېنى سىلە‌رگە ئاتا-‏بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇ‌داسى،‏ ئىبراھىم،‏ ئىسھاق ۋە ياقۇ‌پنىڭ خۇ‌داسى يە‌ھۋا ئە‌ۋە‌تتى.‏ بۇ مېنىڭ مە‌ڭگۈلۈك ئىسىمىمدۇ‌ر ۋە ئە‌ۋلادتىن ئە‌ۋلادقىچە مە‌ن بۇ ئىسىم بىلە‌ن يادقا ئېلىنىمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ بۇ‌يرۇ‌ق قىلغان (‏چىقىش 3:‏15)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا يە‌ھۋا دېگە‌ن ئىسىم 7000 قېتىمچە ئۇ‌چرايدۇ.‏ زە‌بۇ‌ر 83:‏18-‏ئايە‌تتە خۇ‌دا ھە‌ققىدە،‏ «ئىسىمى يە‌ھۋا بولغان سە‌ن،‏ پۈتكۈل يە‌ر يۈزى ئۈستىدە ئە‌ڭ ئۇ‌لۇ‌غ بولغۇ‌چىدۇ‌رسە‌ن»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏

خۇ‌دانىڭ ئىسمى كۆرسىتىلگە‌ن ئۆلۈك دېڭىز قوليازمىسى

‏«پە‌رىشتىلە‌ر ئارقىلىق مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە» تە‌ۋرات قانۇ‌نى چۈشۈرۈلگە‌ن

ھېچبىر ئىنسان خۇ‌دانى كۆرگىنى يوق.‏ خۇ‌دا مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە:‏ «سە‌ن يۈزۈمنى كۆرە‌لمە‌يسە‌ن.‏ چۈنكى،‏ مېنى كۆرگە‌ن ھېچبىر كىشى تىرىك قالمايدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏چىقىش 33:‏20)‏.‏ خۇ‌دا ئاسمانلاردا ئورۇ‌ن ئالغان ۋە ئىنسانلار ئۇ‌نى كۆرە‌لمە‌يدۇ.‏ خۇ‌داغا ۋە‌كىللىك قىلىدۇ،‏ دە‌پ بۇ‌تلار ۋە سۈرە‌تلە‌رنى ياساپ،‏ ئۇ‌نىڭغا چوقۇ‌نۇ‌ش خاتا.‏ يە‌ھۋا ئاللا مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە:‏ «ئۆزۈڭ ئۈچۈن يۇ‌قىرىدا ئاسماندا،‏ تۆۋە‌ندە يە‌ردە ۋە يە‌ر ئاستىدىكى ياكى سۇ‌دىكى ھېچقانداق بىر نە‌رسىنىڭ شە‌كلىدە ئويما بۇ‌ت ياكى سۈرە‌تلە‌رنى ياسىما.‏ ئۇ‌لارغا سە‌جدە ياكى خىزمە‌ت قىلما.‏ چۈنكى مە‌ن،‏ خۇ‌دايىڭ يە‌ھۋا،‏ مۇ‌تلە‌ق ساداقە‌تنى تە‌لە‌پ قىلىدىغان خۇ‌دادۇ‌رمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ بۇ‌يرۇ‌ق بە‌رگە‌ن (‏چىقىش 20:‏2–‏5)‏.‏ كېيىنچە،‏ خۇ‌دا يە‌نە يە‌شايا پە‌يغە‌مبە‌رگە:‏ «مە‌ن يە‌ھۋامە‌ن،‏ بۇ مېنىڭ ئىسىمىمدۇ‌ر.‏ ئۆز ئۇ‌لۇ‌غلۇ‌قۇ‌منى باشقا بىرىگە،‏ ماڭا سۇ‌نۇ‌لغان ھە‌دھىيىلە‌رنى ئويما بۇ‌تلارغا بە‌رمە‌يمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن‏.‏‏—‏ يە‌شايا 42:‏8.‏

گە‌رچە بە‌زىلە‌ر خۇ‌داغا ئىشە‌نسىمۇ،‏ ئۇ توغرىسىدا بىلىش ۋە ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشىش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س،‏ دە‌پ قاراپ،‏ ئۇ‌نى سۆيۈشنىڭ ئورنىغا،‏ ۋە‌ھىمىگە چۈشۈپ قورقىشىدۇ.‏ سىز ئۆزىڭىز قانداق قارايسىز؟‏ خۇ‌دا شە‌خسە‌ن سىزگە كۆڭۈل بۆلە‌مدۇ؟‏ سىز ئۇ توغرىسىدا بىلىمگە ئىگە بولالامسىز؟‏ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭغا يېقىنلىشالامسىز؟‏ تۆۋە‌ندە مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنىڭ،‏ خۇ‌دانىڭ خاسلىقى توغرىسىدا نېمە دە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

سىز قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • نېمە ئۈچۈن بىز خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

  • ئاللانىڭ ئىسىمى نېمە؟‏

  • خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلغاندا،‏ نېمە ئۈچۈن بۇ‌تلارنى ۋە باشقا سىموۋۇ‌للۇ‌ق نە‌رسىلە‌رنى ئىشلە‌تمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك؟‏

  • خۇ‌دا ئۆز ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ۋە پە‌رىشتىلىرىنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟‏

خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ۋە پە‌رىشتىلىرى

خۇ‌دا ئۆز ئىرادىسىنى قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رغان؟‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى ئە‌ۋە‌تىش ئارقىلىق ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رغان.‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئۇ شە‌خس ياكى بىر پە‌رىشتە ئە‌مە‌س.‏ بە‌لكى،‏ ئۇ ھە‌رىكە‌ت كۈچ بولۇ‌پ،‏ خۇ‌دا ئىرادە قىلغان بارچە ئىشلارنى ۋۇ‌جۇ‌تقا چىقىرىشتا،‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاسمان بىلە‌ن يە‌رنى ياراتقىنىدا،‏ مۇ‌شۇ ھە‌رىكە‌ت كۈچنى ئىشلە‌تكە‌ن.‏ زە‌بۇ‌ر 33:‏6-‏ئايە‌تتە:‏ «ئاسمانلار يە‌ھۋانىڭ سۆزى بىلە‌ن يارىتىلدى،‏ ئۇ‌نىڭدىكى بارچە نە‌رسىلە‌ر ئېغىزىدىن چىققان نە‌پە‌ستىن پە‌يدا بولدى»،‏—‏ دە‌پ خاتىرىلە‌نگە‌ن.‏ يارىتىلىش 1:‏2-‏ئايە‌ت،‏ يە‌ر يۈزى سۇ‌لار بىلە‌ن قاپلانغان شۇ ۋاقىتلاردا،‏ خۇ‌دا يە‌ر يۈزىنى ئىنسانلارغا ماكان قىلىش ئۈچۈن تە‌ييار قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشە‌ندۈرىدۇ:‏ «خۇ‌دانىڭ روھى سۇ‌لارنىڭ ئۈستىدە ھە‌رىكە‌ت قىلاتتى».‏ شۇ چاغدا،‏ خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى ئىشلىتىپ،‏ يە‌ر يۈزىدىكى بارلىق مە‌ۋجۇ‌داتلارنى ياراتقان.‏

خۇ‌دا ئۆز ئىرادىسىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شتا پە‌رىشتىلە‌رنىمۇ ئىشلە‌تكە‌ن.‏ ئۇ پە‌رىشتىلە‌رنى ئاسماندا ئۆزى بىلە‌ن بىللە ياشاشقا ياراتقان.‏ پە‌رىشتىلە‌ر زور كۈچ-‏قۇ‌درە‌تكە ئىگە بولۇ‌پ،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانىڭ سۆزلىرىنى يە‌تكۈزگە‌ندىن باشقا،‏ يە‌نە مۇ‌ھىم ۋە‌زىپىلە‌رنى ئورۇ‌ندىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار،‏ پە‌رىشتىلە‌ر ئارقىلىق مۇ‌سا پە‌يغە‌مبە‌رگە تە‌ۋرات قانۇ‌نىنىڭ چۈشۈرۈلگە‌نلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ پە‌رىشتىلە‌ر خۇ‌دانىڭ يە‌ر يۈزىدىكى خىزمە‌تچىلىرىگە ياردە‌م قىلغان.‏ شۇ ھە‌قتە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب:‏ «ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لۇ‌شنى مىراس ئالىدىغانلارغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن ئە‌ۋە‌تىلگە‌ن روھلار» ئىكە‌نلىكىنى بايان قىلىدۇ‏.‏ —‏ ئىبرانىيلار 1:‏14؛‏ 2:‏2.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش