كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ھ‌ئي 13-‏بۆل.‏ 30-‏31 ب.‏
  • ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد مە‌ڭگۈلۈك بە‌خت-‏سائادە‌تكە يېتە‌لە‌يدۇ

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد مە‌ڭگۈلۈك بە‌خت-‏سائادە‌تكە يېتە‌لە‌يدۇ
  • بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇ‌چى —‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد!‏
  • كىچىك ماۋزۇلار
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • ئىمان-‏ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتىلىش
  • ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد دېگە‌ن نېمە؟‏
    بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇ‌چى —‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد!‏
  • تـىـنـچ يېڭى دۇ‌نيا
    تېنچ يڭېى دۇ‌نيا كېلە‌مدۇ؟‏
بە‌ختلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇ‌چى —‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد!‏
ھ‌ئي 13-‏بۆل.‏ 30-‏31 ب.‏

13-‏بۆلۈم

ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد مە‌ڭگۈلۈك بە‌خت-‏سائادە‌تكە يېتە‌لە‌يدۇ

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار:‏ «ئادىل كىشى ئىمانى تۈپە‌يلى ياشايدۇ»،‏—‏ دە‌يدۇ (‏رىملىقلار 1:‏17)‏.‏ مۇ‌شۇ سۆزلە‌ر سىز بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئاجايىپ ۋە‌دىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دە‌يمىز؟‏

ئە‌يسا مە‌سىھ يە‌ر يۈزىدىكى ئىشلىرىنى ئاياغلاشتۇ‌رغاندىن كېيىن،‏ خۇ‌دا بىلە‌ن بىللە بولۇ‌ش ئۈچۈن «يۇ‌قىرىغا كۆتۈرۈلدى».‏ ئۇ‌نىڭ شاگىرتلىرى ئۇ‌نىڭغا قاراپ تۇ‌رغىنىدا،‏ «ئۇ‌نى بىر بۇ‌لۇ‌ت ئۇ‌لارنىڭ نە‌زىرىدىن ئېلىپ كە‌تتى» (‏ئە‌لچىلە‌ر 1:‏9)‏.‏ ئاسماندا،‏ خۇ‌دا ئۇ‌نى پادىشاھ قىلىپ تە‌يىنلىگە‌ن.‏ يېقىن كە‌لگۈسىدە،‏ ئە‌يسا «ئىنسان ئوغلى ئۆز ئۇ‌لۇ‌غلىقى ئىچىدە بارچە پە‌رىشتىلە‌ر بىلە‌ن بىرلىكتە كە‌لگە‌ندە،‏ ئۆزىنىڭ ئۇ‌لۇ‌غ تە‌ختىدە ئولتۇ‌رىدۇ.‏ پۈتكۈل مىللە‌تلە‌ر ئۇ‌نىڭ ئالدىدا توپلىنىدۇ.‏ ئۇ خۇ‌ددى بىر پادىچى قويلىرىنى ئۆچكىلە‌ردىن ئايرىغاندە‌ك،‏ ئادە‌ملە‌رنى بىر-‏بىرىدىن ئايرىيدۇ» (‏مە‌تتا 25:‏31،‏ 32‏)‏.‏ بۇ ئىش قاچان يۈز بېرىدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار،‏ دۇ‌نيانىڭ ھە‌ممىلا جايلىرىدا بىر مە‌زگىل قالايمىقانچىلىقنىڭ يۈز بېرىشى —‏ مە‌سىھ پۈتكۈل خە‌لقلە‌رنى ھۆكۈم قىلىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنىڭ ئالامىتى،‏ دە‌پ ئالدىن ئېيتقان.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ شۇ ئالامە‌تنىڭ نېمىلە‌رنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈپ:‏ «مىللە‌ت مىللە‌تكە قارشى،‏ پادىشاھلىق پادىشاھلىققا قارشى قوپىدۇ.‏ شىددە‌تلىك يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر يۈز بېرىدۇ.‏ بىر جايدىن كېيىن يە‌نە بىر جايدا يۇ‌قۇ‌ملۇ‌ق كېسە‌للە‌ر تارقىلىدۇ ۋە ئاچارچىلىقلار بولىدۇ.‏ قورقۇ‌نچلۇ‌ق كۆرۈنۈشلە‌ر ۋە ئاسماندىن ھە‌يۋە‌تلىك ئالامە‌تلە‌ر كۆرۈنىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن ئىدى‏.‏‏—‏ لۇ‌قا 21:‏7،‏ 10،‏ 11.‏

بۈگۈنكى مە‌سىلىلە‌ر جىنايە‌ت ،‏ كېسە‌للىك ،‏ ئۇ‌رۇ‌ش ،‏ زوراۋانلىق ۋە يېمە‌كلىك يېتىشمە‌سلىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

بۈگۈنكى كۈندە رە‌زىل ئىشلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى —‏ پات ئارىدا مە‌سىھنىڭ بارچە خە‌لقلە‌رنى ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن كېلىدىغانلىقىدىن خە‌ۋە‌ر بېرىدۇ

بۈگۈنكى كۈندە،‏ بىز ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلە‌ن كۆرە‌لە‌يمىز.‏ پات يېقىندا،‏ ئە‌يسا رە‌زىللىكلە‌رنى يوق قىلىدۇ.‏ ھە‌تتا،‏ ئە‌ڭ ئاخىرىدا شە‌يتاننى مە‌ڭگۈلۈككە ھالاك قىلىدۇ!‏ پۈتۈن يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تكە ئايلىنىدۇ.‏ بارچە كىشىلە‌ر بىر-‏بىرى بىلە‌ن،‏ ھە‌تتا ھايۋاناتلار بىلە‌ن تىنچ-‏ئىتتىپاق تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرىدۇ.‏ «ئۇ ۋاقىت،‏ بۆرە بىلە‌ن قوزا بىللە تۇ‌رىدۇ.‏ يىلپىز بىلە‌ن ئوغلاق بىللە ياتىدۇ،‏ موزاي بىلە‌ن شىر ئارسلىنى بىللە ئوتلايدۇ،‏ كىچىك بالا ئۇ‌لارنى يېتىلە‌پ يۈرىدۇ.‏ .‏ .‏ .‏ نە زىيانكە‌شلىك بولماس،‏ نە خاراب قىلىش بولماس» (‏يە‌شايا 11:‏6،‏ 9)‏.‏ «ھېچكىم:‏ «مە‌ن كېسە‌ل»،‏—‏ دېمە‌يدۇ.‏ .‏ .‏ .‏ ئۇ چاغدا قارىغۇ‌لارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىدۇ،‏ گاسلارنىڭ قۇ‌لاقلىرى ئاڭلايدۇ» (‏يە‌شايا 33:‏24؛‏ 35:‏5)‏.‏ ھە‌تتاكى ئۆلۈكلە‌ر ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلىدۇ.‏ «يە‌ھۋا ھە‌ممىسىنىڭ كۆزلىرىدىن يېشىنى سۈرتىدۇ» ۋە «ئۆلۈم يە‌نە بولمايدۇ،‏ نە ماتە‌م،‏ نە پە‌رياد ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت باشقا بولمايدۇ» (‏يە‌شايا 25:‏8؛‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 21:‏4)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ خۇ‌دانىڭ يە‌رشارىغا بولغان دە‌سلە‌پكى مە‌قسىتى ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ.‏ نېمە دېگە‌ن گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ك بىزنى كۈتۈپ تۇ‌رغان-‏ھە!‏

ئىمان-‏ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتىلىش

خۇ‌دانىڭ مۇ‌كاپاتىغا،‏ يە‌نى جە‌ننە‌تتىكى ھاياتلىققا قانداق كىشىلە‌ر ئېرىشە‌لە‌يدۇ؟‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقادلىق كىشىلە‌ر!‏

ئېسىڭىزدە بولسا،‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقاد —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردىكى توغرا بىلىمگە ئاساسلانغان بولىدۇ.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ!‏

ھە‌ر خىل ئىرقتىكى كىشىلە‌ر جە‌ننە‌تتىكى تۇ‌رمۇ‌شتىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىۋاتىدۇ

ئىمان-‏ئېتىقادلىق كىشىلە‌ر جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ بە‌خت-‏سائادە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرىدۇ!‏

ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقادنى ھە‌ققانىي ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏ خۇ‌دا سۆزى:‏ «ئىش-‏ھە‌رىكە‌تسىز ئىمان ھە‌م ئۆلۈكتۇ‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن (‏ياقۇ‌پ 2:‏26)‏.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك توغرا ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق،‏ سىز خۇ‌دانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درە‌ت،‏ ئادىللىق،‏ دانالىق ۋە مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ئوخشاش ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىنى ئە‌كس ئە‌تتۈرە‌لە‌يسىز.‏ شۇ‌نداق ئېسىل پە‌زىلە‌تلە‌رنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن توختىماي تىرىشىڭ!‏

ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقادنى يېتىلدۈرۈش،‏ سىزنى مول بە‌رىكە‌تلە‌شكە ئىگە قىلىدۇ.‏ دە‌رھە‌قىقە‌ت،‏ بۈگۈنكى كۈندە ۋە كېلە‌چە‌كتىكى جە‌ننە‌تتە بە‌خت-‏سائادە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشىشىڭىزنىڭ ئاچقۇ‌چى —‏ ھە‌قىقىي ئىمان-‏ئېتىقادتۇ‌ر!‏

سىز قانداق جاۋاب بېرىسىز؟‏

  • ھازىر ئە‌يسا مە‌سىھ قە‌يە‌ردە؟‏

  • يېقىن كە‌لگۈسىدە،‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ بارچە خە‌لقلە‌رنى ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن كېلىدىغانلىقىنى قانداق بىلە‌لە‌يمىز؟‏

  • ئە‌يسا ئۇ كە‌لگە‌ندە،‏ نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟‏

  • قانداق قىلىپ ئىمان-‏ئېتىقادتا داۋاملىق ئۆسۈپ يېتىلە‌لە‌يسىز؟‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش