كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • ي‌ئو 15-‏دە‌رس
  • ئاقساقاللار جامائە‌ت ئۈچۈن قانداق خىزمە‌ت قىلىدۇ؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ئاقساقاللار جامائە‌ت ئۈچۈن قانداق خىزمە‌ت قىلىدۇ؟‏
  • بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداۋاتىدۇ؟‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • جامائە‌ت قانداق تە‌شكىللە‌نگە‌ن؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • ئاقساقاللار،‏ داۋاملىق ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنى ئۈلگە قىلىڭلار
    ئە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە جاكارلايدۇ (‏تە‌تقىق نە‌شرى)‏.‏ 2022
بۈگۈنكى كۈندە كىملە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداۋاتىدۇ؟‏
ي‌ئو 15-‏دە‌رس

15-‏دە‌رس

ئاقساقاللار جامائە‌ت ئۈچۈن قانداق خىزمە‌ت قىلىدۇ؟‏

فىنلاندىيە

تە‌لىم بېرىش

پادىدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىش

تە‌شكىلاتىمىزدا مۇ‌ئاش ئالىدىغان دىنىي ئۇ‌ستازلار يوق.‏ ئە‌كسىنچە،‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى جامائىتىگە ئوخشاش،‏ بۈگۈنكى كۈندە تە‌لە‌پكە لايىق بولغان يېتە‌كچىلە‌ر ‹خۇ‌دانىڭ جامائە‌تچىلىكىنى بېقىشقا› تە‌يىنلە‌نگە‌ن (‏ئە‌لچىلە‌ر 20:‏28)‏.‏ شۇ ئاقساقاللار ئىمان-‏ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگە‌ن ئە‌ر ئېتىقادچىلاردۇ‌ر.‏ ئۇ‌لار «مە‌جبۇ‌رە‌ن ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى .‏ .‏ .‏ رازىمە‌نلىك بىلە‌ن قىلىڭلار؛‏ پۇ‌ل تېپىش ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ قىزغىنلىق بىلە‌ن قىلىڭلار» دېگە‌ن نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ كۆيۈمچان پادىچىلاردە‌ك جامائە‌تنى باقىدۇ ۋە يېتە‌كلە‌يدۇ (‏1-‏پېترۇ‌س 5:‏1–‏3)‏.‏ ئۇ‌لار بىز ئۈچۈن قانداق خىزمە‌ت قىلىدۇ؟‏

ئۇ‌لار بىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە بىزنى ھىمايە قىلىدۇ.‏ ئاقساقاللار جامائە‌تنى روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتە‌كلە‌يدۇ ۋە ھىمايە قىلىپ ياردە‌م بېرىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لارغا ئىشىنىپ بۇ مۇ‌ھىم خىزمە‌تنى تاپشۇ‌رغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئاقساقاللار خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ،‏ ئە‌كسىچە ئۇ‌لارنىڭ بە‌خت-‏سائادە‌ت ۋە خۇ‌شاللىق تېپىشىغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏2-‏كورىنتلىقلار 1:‏24)‏.‏ خۇ‌ددى بىر پادىچى ئېھتىيات بىلە‌ن ھە‌ربىر قويىدىن خە‌ۋە‌ر ئالغىنىدە‌ك،‏ ئاقساقاللار جامائە‌تتىكى ھە‌ربىر ئېتىقادچىنى ئوبدان بىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.‏ —‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 27:‏23.‏

ئۇ‌لار بىزگە خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى قانداق ئورۇ‌نداشنى ئۆگىتىدۇ.‏ ئاقساقاللار ھە‌ر ھە‌پتىسى جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش ئۈچۈن تە‌لىم بېرىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 15:‏32)‏.‏ شۇ جان كۆيدۈرە‌ر ئە‌ر قېرىنداشلار خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر يە‌تكۈزۈشكە باشچىلىق قىلىپ،‏ ۋە‌ز خىزمىتىدە ھە‌ر جە‌ھە‌تتىن تە‌ربىيىلىنىشىمىز ئۈچۈن بىز بىلە‌ن بىرگە خىزمە‌ت قىلىدۇ.‏

ئۇ‌لار بىزگە ئىلھام بېرىدۇ.‏ ئاقساقاللار روھىي ئېھتىياجلىرىمىزدىن خە‌ۋە‌ر ئېلىش ئۈچۈن بىزنى ئۆيىمىزدە ياكى پادىشاھلىق زالىدا يوقلاپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسە‌ن بىزگە تە‌سە‌للىي ۋە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ —‏ ياقۇ‌پ 5:‏14،‏ 15.‏

كۆپلىگە‌ن ئاقساقاللارنىڭ جامائە‌تتىكى خىزمە‌تتىن باشقا،‏ تۇ‌رمۇ‌شىنى قامدايدىغان خىزمىتى ۋە ئائىلە مە‌سئۇ‌لىيە‌تلىرى بار.‏ شۇ‌لارمۇ ئۇ‌لارنىڭ ۋاقىت چىقىرىشىنى ۋە ئېتىبار بېرىشنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ شۇ جاپاكە‌ش قېرىنداشلىرىمىز ھە‌قىقە‌تە‌ن چوڭقۇ‌ر ھۆرمىتىمىزگە سازاۋە‌ر.‏ —‏ 1-‏سالونىكالىقلار 5:‏12،‏ 13.‏

  • جامائە‌تتە ئاقساقاللار نېمە ئىش قىلىدۇ؟‏

  • ئاقساقاللار ھە‌ربىرىمىزدىن قانداق خە‌ۋە‌ر ئالىدۇ؟‏

كۆپرە‌ك ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

كىملە‌ر بۇ خىزمە‌تنى قىلىشقا لايىق بولالايدۇ؟‏ ئاقساقاللار ۋە ياردە‌مچى خىزمە‌تچىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ قانداق تە‌لە‌پلىرىگە لايىق بولۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى،‏ 1-‏تىموتىي 3:‏1–‏10،‏ 12 ۋە تىتۇ‌س 1:‏5–‏9-‏ئايە‌تلە‌ردىن ئوقۇ‌يالايسىز.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش