21-دەرس
بەيتەل قانداق جاي؟
گۈزەل-سەنئەت بۆلۈمى، ئامېرىكا
گېرمانىيە
كېنىيە
كولۇمبىيە
بەيتەل ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ، مەنىسى «خۇدانىڭ ئۆيى» (يارىتىلىش 28:17، 19). يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا تەسىس قىلغان تارماق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى ۋە ئىمارەت-ئەسلىھەلىرىنى «بەيتەل»، دەپ ئاتاش بەكمۇ مۇۋاپىق. شۇ تارماق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە كۆرسەتمە بېرىدۇ ۋە شۇ خىزمەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. مەركىزى يېتەكچى كېڭەش ئامېرىكا نىيويورك شتاتىدىكى بەيتەلدە، كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى تارماق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بەيتەلدە خىزمەت قىلىدىغان ئېتىقادچى قېرىنداشلار بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق-ئىتتىپاق بىرگە ياشاپ، بىرگە خىزمەت قىلىدۇ، بىرلىكتە غىزالىنىدۇ ۋە مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىدۇ. شۇڭا، ئۇلار بەيتەل ئائىلىسى، دەپ ئاتالغان. — زەبۇر 133:1.
ئۆزىنى بېغىشلىغانلارنىڭ ئۆزگىچە ئۆيى. بەيتەل ئائىلىسىدە خۇدا پادىشاھلىقىنى قوللاش ئۈچۈن تولۇق ۋاقىت خىزمەت قىلىدىغان ئەر ۋە ئايال ئېتىقادچىلار بار، ئۇلار خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان (مەتتا 6:33). ئۇلارغا ئىش ھەققى ياكى مائاش بېرىلمەيدۇ، ئەمما تۇرالغۇ جاي، يېمەك-ئىچمەك ۋە شەخسىي لازىمەتلىكلەر ئۈچۈن تۇرمۇش خىراجىتى بېرىلىدۇ. بەيتەلدە ھەممە كىشىگە ۋەزىپە تاپشۇرۇلغان. بەزىلەر ئىشخانا، ئاشخانا، باسمىخانىلاردا ئىشلەيدۇ. يەنە بەزىلەر كىتاب تۈپلەش، تازىلاش، كىر يۇيۇش، رېمونت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ.
پادىشاھلىق ۋەز خىزمىتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغان ئالدىراش جاي. بەيتەلنىڭ ئاساسىي نىشانى، ئىمكانىيەتنىڭ بارچە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىش. بۇ كىتابچە دەل شۇنىڭ مىسالىدۇر. كىتابچە مەركىزى يېتەكچى كېڭەشنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا يېزىلىپ، ئېلېكترونلۇق ھۆججىتى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى تەرجىمە گۇرۇپپىلىرىغا يوللانغان، بىر نەچچە بەيتەللەرنىڭ باسمىخانىسىنىڭ تېز سۈرەتلىك مەتبەئە ماشىنىسىدا بېسىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، 118000 دىن ئارتۇق جامائەتچىلىكلەرگە ئەۋەتىلگەن. شۇ ھەربىر قەدەم باسقۇچلار ئارقىلىق، بەيتەللەر ئەڭ جىددىي ۋەزىپە، يەنى خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتىنى زۆرۈر ياردەملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. — ماركۇس 13:10.
كىملەر بەيتەلدە خىزمەت قىلىدۇ؟ ئۇلار قانداق تەمىنلەشكە ئېرىشىدۇ؟
ھەربىر بەيتەلدىكى خىزمەتلەر قانداق جىددىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا ياردەم بېرىدۇ؟