كۈزىتىش مۇنارى تور كۈتۈپخانىسى
كۈزىتىش مۇنارى
تور كۈتۈپخانىسى
ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
  • مۇقەددەس كىتاب
  • نەشىرى ماتېرىياللار
  • يىغىلىشلار
  • خ‌خ 2-‏دە‌رس 1-‏5 سۇ‌ئال.‏
  • ھە‌ق خۇ‌دا كىم؟‏

بۇ تاللانغان مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان فىلىم يوق

كەچۈرۈڭ، فىلىمنى ئوقۇشتا بىر خاتالىق كۆرۈلۈۋاتىدۇ

  • ھە‌ق خۇ‌دا كىم؟‏
  • خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • ئوخشاش مەزمۇن
  • خۇ‌دا توغرىسىدىكى ھە‌قىقە‌ت دېگە‌ن نېمە؟‏
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
  • كىم ھە‌ق خۇ‌دا؟‏
    مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئۆگىنىشنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش
  • قانداق قىلىپ خۇ‌داغا يېقىنلىشالايسىز؟‏
    خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
  • مۇ‌قە‌ددە‌س ئىسىم —‏ ئۇ‌نىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە مە‌نىسى
    مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا زادى نېمە ھە‌قىقە‌ت بار؟‏
خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر!‏
خ‌خ 2-‏دە‌رس 1-‏5 سۇ‌ئال.‏

2-‏دە‌رس

ھە‌ق خۇ‌دا كىم؟‏

1.‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

ھە‌ق خۇ‌دا بارلىق مە‌ۋجۇ‌داتلارنىڭ ياراتقۇ‌چىسىدۇ‌ر.‏ ئۇ‌نىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى يوقتۇ‌ر (‏زە‌بۇ‌ر 90:‏2)‏.‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنىڭ مە‌نبە‌سىدۇ‌ر (‏1-‏تىموتىي 1:‏11)‏.‏ خۇ‌دا بىزگە ھاياتلىق بە‌رگە‌نىكە‌ن،‏ بىز پە‌قە‌ت ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏​‏—‏​ۋە‌ھىيلە‌ر 4:‏11-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

2.‏ خۇ‌دا،‏ ئۇ زادى قانداق شە‌خس؟‏

ھېچ بىر ئىنسان خۇ‌دانى كۆرگە‌ن ئە‌مە‌س،‏ چۈنكى ئۇ روھتۇ‌ر.‏ بۇ خۇ‌دا يە‌ر يۈزىدىكى جىسمانىي تە‌نگە ئىگە جانلىقلاردىن يۇ‌قىرىراق تۇ‌رىدىغان مە‌ۋجۇ‌تلۇ‌ق دېگە‌نلىكتۇ‌ر (‏يۇ‌ھاننا 1:‏18؛‏ 4:‏24)‏.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ ياراتقان مە‌ۋجۇ‌داتلاردىن،‏ ئۇ‌نىڭ خۇ‌سۇ‌سىيە‌تلىرىنى كۆرۈپ يېتە‌لە‌يمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھە‌رخىل مېۋە-‏چېۋە ۋە رە‌ڭ گارە‌ڭ گۈل-‏گىياھلار ياراتقۇ‌چىنىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە ئە‌قىل-‏پاراسىتىنى ئايان قىلىدۇ.‏ ھە‌مدە بىپايان ئالە‌م بوشلۇ‌قى ئۇ‌نىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتىنى ئاشكارا قىلىدۇ.‏​‏—‏​رىملىقلار 1:‏20-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ش ئارقىلىق خۇ‌دانىڭ خۇ‌سۇ‌سىيە‌تلىرى ھە‌ققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۆگۈنە‌لە‌يمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دانىڭ نېمىنى ياخشى كۆرۈپ،‏ نېمىنى ياخشى كۆرمە‌يدىغانلىقى؛‏ كىشىلە‌رگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىدىغانلىقى ۋە ھە‌رخىل ئە‌ھۋاللارغا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رىدىغانلىقىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ.‏ ​‏—‏​زە‌بۇ‌ر 103:‏7–‏10-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

3.‏ خۇ‌دانىڭ ئىسمى بارمۇ؟‏

هه‌رتوٰرلوٰك تىلردا يېزىلغان خوُدانىڭ «يه‌هۋا» دېگه‌ن ئىسمی

ھە‌زرىتى ئە‌يسا خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلغاندا:‏ «سېنىڭ ئىسمىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س بولغاي»،‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 6:‏9‏،‏ ب ج)‏.‏ بە‌زىلە‌ر خۇ‌دانىڭ ئىسىملىرى كۆپ،‏ رە‌ب،‏ پە‌رۋە‌ردىگار ياكى ئاللا،‏ دېيىشىدۇ.‏ ئە‌مما ئۇ‌لار ئىسىم ئە‌مە‌س،‏ نام-‏ئۇ‌نۋانلاردۇ‌ر.‏ خۇ‌دانىڭ پە‌قە‌ت بىرلا خاس ئىسمى بار.‏ ھە‌رخىل تىللاردا،‏ پە‌رقلىق تە‌لە‌پپۇ‌ز قىلىنىدۇ.‏ ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا بولسا «يە‌ھۋا»،‏ دە‌پ تە‌لە‌پپۇ‌ز قىلىنىدۇ.‏​‏—‏​زە‌بۇ‌ر 83:‏18-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ نۇ‌رغۇ‌نلىغان تە‌رجىمە نۇ‌سخىلىرىدا خۇ‌دانىڭ يە‌ھۋا،‏ دېگە‌ن ئىسمى ئىشلىتىلمە‌ي،‏ ئورنىغا پە‌رۋە‌ردىگار ياكى مە‌ڭگۈ بار بولغۇ‌چى،‏ دېگە‌ن نام-‏ئۇ‌نۋانلار ئىشلىتىلگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئە‌سلى تېكىستلىرىدە ئاشۇ ئىسىم 7000 قېتىمغا يېقىن تىلغا ئېلىنغان.‏ ئە‌يسا كىشىلە‌رگە خۇ‌دا توغرىسىدا تە‌لىم بە‌رگە‌ندە،‏ خۇ‌دانىڭ ئىسمىنى ئۇ‌لارغا بىلدۈرگە‌ن.‏​‏—‏ يۇ‌ھاننا 17:‏26-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

‏«‏خۇ‌دانىڭ ئىسمى بارمۇ؟‏‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ

4.‏ يە‌ھۋا بىزگە كۆڭۈل بۆلە‌مدۇ؟‏

اغرىپ قالغان بالىسىغا غه‌مخورلوُق قىلىۋاتقان ئاتا-‏ئانا

مۇ‌شۇ مېھرىۋان ئاتىدە‌ك،‏ خۇ‌دا كېلە‌چە‌كتە بىزنىڭ بە‌ختلىك بولۇ‌شىمىز ئۈچۈن بارلىق نە‌رسىلە‌رنى ھازىر قىلىۋاتىدۇ

شۇ‌نچە كۆپ كىشىلە‌ر ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى تارتىۋاتىدۇ.‏ بۇ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىز ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلمە‌يدۇ،‏ دېگە‌نلىكمۇ؟‏ بە‌زىلە‌ر خۇ‌دا بىزنى سىناش ئۈچۈن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە دۇ‌چار قىلىدۇ،‏ دېيىشىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ شۇ‌نداق دېيىش خاتا.‏​‏—‏​ياقۇ‌پ 1:‏13-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌ڭ.‏

خۇ‌دا بىزنى شان-‏شە‌رە‌پكە ئىگە قىلىپ،‏ بىزگە تاللاش ئە‌ركىنلىكىنى بە‌رگە‌ن.‏ بىز خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشنى تاللاش ئە‌ركىنلىكىمىز ئۈچۈن مىننە‌تدار بولماي تۇ‌رالايمىزمۇ؟‏ (‏يە‌شۇ 24:‏15)‏.‏ لېكىن،‏ نۇ‌رغۇ‌نلار رە‌زىل ئىشلارنى قىلىشنى تاللىغاچ،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت تارتىۋاتقانلار كۆپىيىپ كە‌تتى.‏ شۇ‌نداق ناھە‌قچىلىكنى كۆرۈش يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى ئازابلايدۇ.‏​‏—‏​يارىتىلىش 6:‏5،‏ 6-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

يە‌ھۋا بىز ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان خۇ‌دادۇ‌ر.‏ ئۇ بىزنىڭ شاد-‏خۇ‌رام تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشىمىزنى خالايدۇ.‏ پات-‏ئارىدا،‏ ئۇ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى ۋە ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر پە‌يدا قىلغۇ‌چىلارنى ھە‌م يوق قىلىدۇ.‏ ئە‌مما ۋاقىت-‏سائىتى كە‌لگىچە،‏ خۇ‌دانىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنىڭ يۈز بېرىشىگە ۋاقتىنچە يول قويۇ‌شىدا ئالاھىدە سە‌ۋە‌ب بار.‏ بۇ كىتابچىنىڭ 8-‏دە‌رسىدە‏،‏ شۇ سە‌ۋە‌ب توغرىسىدا ئۆگىنىمىز.‏​‏—‏​2-‏پېترۇ‌س 2:‏9؛‏ 3:‏7،‏ 13-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

5.‏ قانداق قىلىپ خۇ‌داغا يېقىنلىشالايمىز؟‏

خوُداغا دوُئا قىلىۋاتقان ئايال

يە‌ھۋا بىزنى دۇ‌ئالىرىمىزدا ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن پاراڭلىشىپ،‏ ئۆزىگە يېقىنلىشىشقا چاقىرىدۇ.‏ ئۇ ھە‌ر بىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 65:‏2؛‏ 145:‏18)‏.‏ ئۇ كە‌چۈرۈم قىلىشقا تە‌يياردۇ‌ر.‏ بىز ھە‌مىشە خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نساقمۇ،‏ بە‌زىدە شۇ‌نداق قىلالمايمىز.‏ شۇ‌نداقتىمۇ،‏ ئۇ كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقلىرىمىزغا نە‌زە‌ر سالىدۇ.‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولساقمۇ،‏ بىز خۇ‌دا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌پ،‏ خۇ‌شاللىق تاپالايمىز.‏​‏—‏​زە‌بۇ‌ر 103:‏12–‏14؛‏ ياقۇ‌پ 4:‏8-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

يە‌ھۋا بىزگە ھاياتلىق بە‌رگە‌نىكە‌ن،‏ بىز ئۇ‌نى ھە‌رقانداق بىرىدىن ئارتۇ‌قراق سۆيۈشىمىز زۆرۈر (‏ماركۇ‌س 12:‏30)‏.‏ خۇ‌دا ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىپ‏،‏ ئۇ تە‌لە‌پ قىلغان ئىشلارنى ئورۇ‌نداش ئارقىلىق ئۇ‌نىڭغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىڭىزنى ئىپادىلىگە‌نسېرى،‏ ئۇ‌نىڭغا تېخىمۇ يېقىنلىشالايسىز.‏​‏—‏ 1-‏تىموتىي 2:‏4؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏3-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ.‏

    ئۇ‌يغۇ‌ر تىلىدا نە‌شىر قىلىنغان ماتېرىياللار (‏2003-‏2025)‏
    چېكىنىپ چىقىش
    تىزىملىتىپ كىرىىش
    • ئۇيغۇر تىلى ‏(‏ئەرەب يېزىقى‏)‏‏‏‏
    • ھەمبەھىرلەش
    • تەڭشەكلەرنى بەلگىلەش
    • Copyright © 2025 Watch Tower Bible and Tract Society of Pennsylvania
    • ئىشلىتىش شەرتلىرى
    • مەخپىيەتلىك چارە-تەدبىرى
    • مەخپىيەتلىك تەڭشەكلىرى
    • JW.ORG
    • تىزىملىتىپ كىرىىش
    ھەمبەھىرلەش