مۇقەددەس كىتابقا بولغان كۆزقارىشىڭىز قانداق؟
سىزنىڭچە ئۇ كىتاب . . .
ئىنساننىڭ ئەقىل-پاراسىتى ئاساسىدا يېزىلغانمۇ؟
ئەپسانىلەر ياكى رىۋايەتلەرمۇ؟
خۇدانىڭ سۆزىمۇ؟
مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ
«پۈتۈن مۇقەددەس يازمىلار خۇدانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېزىلغان». — تىموتىيغا 2-خەت 3:16.
بۇنى بىلىش سىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك
كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مۇھىم سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپالايسىز. — پەندى-نەسىھەت 2:1–5.
كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىز ئۈچۈن ئىشەنچلىك يولباشچىلىققا ئېرىشەلەيسىز. — زەبۇر 119:105.
كەلگۈسىگە ھەقىقىي ئۈمىد باغلىيالايسىز. — رىملىقلارغا 15:4.
مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغانلارغا راستتىنلا ئىشىنەلەيمىزمۇ؟
شۇنداق، ئىشىنىشنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ سەۋەبى بار:
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ماس كېلىشچانلىق. مۇقەددەس كىتاب 1600 يىل جەريانىدا، 40قا يېقىن كىشىلەر تەرىپىدىن يېزىپ خاتىرىلەنگەن. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى ھېچقاچان بىر-بىرى بىلەن كۆرۈشۈپ باققان ئەمەس. ئەمما، مۇقەددەس كىتاب باشتىن-ئاخىرغىچە ئۆزئارا ماس كەلگەن بولۇپ، بىر باش تېما ئاساسىدا يېزىلغان.
سەمىمىي يازغۇچىلار. بۇ دۇنيادىكى تارىخشۇناسلار دائىم ئۆز خەلقىنىڭ جەڭ مەغلۇبىيەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنىشىدۇ. دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، مۇقەددەس كىتابنى يېزىپ خاتىرىلىگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ سەۋەنلىكى ۋە ئۆز خەلقىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئوچۇق تىلغا ئالغان. —تارىخنامە 2-يازما 36:15، 16؛ زەبۇر 51:1–4.
ئىشەنچلىك بېشارەت. قەدىمقى بابىلون شەھىرىنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق تەخمىنەن 200 يىل ئاۋۋال مۇقەددەس كىتابتا ئالدىن بېشارەت بېرىلگەن (يەشايا 13:17–22). بېشارەتتە پەقەت بابىلوننىڭ قانداق مەغلۇپ قىلىنىشىلا ئەمەس، ھەتتا يەنە شۇ شەھەرنى ئىشغال قىلغۇچىنىڭ ئىسمىمۇ تىلغا ئېلىنغان.— يەشايا 45:1–3.
يەنە مۇقەددەس كىتابنىڭ كۆپلىگەن باشقا بېشارەتلىرى ئەڭ كىچىك تەپسىلاتلىرىغىچە ئەمەلگە ئاشقان. خۇدادىن كېلىدىغان كىتاب چوقۇم شۇنداق بولۇشى كېرەك، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ — پېترۇسنىڭ 2-خېتى 1:21.
ئويلاپ كۆرۈڭ
خۇدانىڭ سۆزى تۇرمۇشىڭىزنى ياخشىلىشىڭىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتىكى ئايەتلەر بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ: يەشايا 48:17، 18 ۋە تىموتىيغا 2-خەت 3:16، 17.