5-دەرس
سامۇئىل دائىم توغرا ئىش قىلغان
سامۇئىل كىچىكىدىن مۇقەددەس چېدىردا ياشاپ، خىزمەت قىلاتتى. ئادەملەر مۇقەددەس چېدىرغا يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن كېلەتتى. سامۇئىل مۇقەددەس چېدىرغا قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى بىلەمسىز؟ كېلىڭ، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئانىسى ھانناھ توغرىسىدا بىلىۋالايلى.
ئۇزاق ۋاقىت داۋامىدا ھانناھنىڭ بالىسى بولمىغان. ئۇ بالىلىق بولۇشنى بەك خالىغانلىقتىن، يەھۋاغا دۇئادا يالۋۇرۇپ ياردەم سورىدى. ئەگەر ئوغلۇم بولسا، ئۇنى مۇقەددەس چېدىرغا خىزمەت قىلىشقا بېرىمەن دەپ ۋەدە قىلدى. يەھۋا ھانناھنىڭ دۇئاسىغا جاۋاب بېرىپ، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى. ھانناھ ئۇنىڭ ئىسمىنى سامۇئىل دەپ قويدى. ھانناھ ۋەدىسىنى ئورۇنلاپ، سامۇئىل ئۈچ-تۆرت ياشقا تولغاندا، خۇداغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنى مۇقەددەس چېدىرغا ئاپاردى.
مۇقەددەس چېدىردا ئەلى ئىسىملىك كىشى باش روھانىي بولغان. ئۇنىڭ بىلەن ئىككى ئوغلى خىزمەت قىلاتتى. مۇقەددەس چېدىر خۇدانىڭ ئۆيى بولغانلىقتىن، خىزمەت قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ئىشلارنى قىلىشى كېرەك ئىدى. بىراق ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ناھايىتى يامان ئىشلارنى قىلاتتى. سامۇئىل ئۇلارنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى كۆرگەن. سامۇئىل ئەلىنىڭ ئوغۇللىرىغا ئوخشاش يامان ئىشلارنى قىلغانمۇ؟ – ياق، ئۇ ئاتا-ئانىسى ئۆگەتكەندەك، دائىم توغرا ئىش قىلاتتى.
قانداق ئويلايسىز، ئەلى ئىككى ئوغلىنى نېمە قىلىشى كېرەك ئىدى؟ – ئۇ ئۇلارنى جازىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆيىدە خىزمەت قىلىشقا رۇخسەت بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇ بۇنداق قىلمىدى. شۇڭا يەھۋانىڭ ئەلىگە ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىغا ئاچچىقى كەلدى. ئۇ ئۇلارنى جازىلىماقچى بولدى.
سامۇئىل ئېلىغا يەھۋانىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزدى
بىر كۈنى سامۇئىل ئۇخلاۋاتقاندا، كىمدۇ بىرى ئۇنى: «سامۇئىل!»،— دەپ چاقىردى. سامۇئىل دەررۇ ئەلىنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ باردى. ئۇ بولسا: «مەن سېنى چاقىرمىدىم»،— دىدى. بۇ يەنە ئىككى قېتىم قايتىلاندى. ئۈچىنچى قېتىم ئەلى سامۇئىلغا «يەھۋا، سۆزلىگىن، سېنى تىڭشاۋاتىمەن» دەپ ئېيتىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈردى. سامۇئىل شۇنداق قىلدى. يەھۋا سامۇئىلغا: «ئەلىغا ئائىلىسى قىلغان يامان ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى جازالايمەن دەپ ئېيتقىن»،— دىدى. قانداق ئويلايسىز، بۇ خەۋەرنى ئەلىغا ئېيتىش سامۇئىلغا ئاسان بولغانمۇ؟ – ياق، ئاسان بولمىغان. سامۇئىل قورقسىمۇ، يەھۋانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدى. كېيىن يەھۋانىڭ ئېيتقانلىرى ئورۇنلاندى. ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى ھالاك بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئۆلدى.
سامۇئىل بىزگە ياخشى ئۈلگە قالدۇردى. ئۇ ھەتتا باشقىلارنىڭ يامان ئىشلارنى قىلغانلىقىنى كۆرسىمۇ، دائىم توغرا ئىش قىلغان. سىزچۇ؟ سىز سامۇئىلغا ئوخشاش دائىم توغرا ئىش قىلامسىز؟ شۇنداق قىلسىڭىز، يەھۋا خۇدانىمۇ، ئاتا-ئانىڭىزنىمۇ خوشال قىلىسىز.
مۇقەددەس كىتابىڭىزدىن ئوقۇڭ
سامۇئىلنىڭ 1-يازمىسى 2:22—26؛ 3:1—21