8-دەرس
يوشىيانىڭ ياخشى دوستلىرى بولغان
قانداق ئويلايسىز، توغرا ئىش قىلىش قىيىنمۇ؟ – كۆپ ئادەملەر قىيىن دەپ ئويلايدۇ. مۇقەددەس كىتابتا يوشىيا ئىسىملىق بىر بالىغا توغرا ئىش قىلىش ناھايىتى قىيىن بولغانلىقى يېزىلغان. بىراق ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ياخشى دوستلىرى بار ئىدى. كېلىڭ، يوشىيا ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى توغرىسىدا كۆپرەك بىلىۋالايلى.
يوشىيانىڭ دادىسى ئامون يەھۇدانىڭ پادىشاھى بولغان ئىدى. ئامون ناھايىتى يامان كىشى بولۇپ، بۇتلارغا ئىبادەت قىلاتتى. دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن، يوشىيا يەھۇدانىڭ پادىشاھى بولدى. شۇ چاغدا ئۇ پەقەت سەككىز ياشلا ئىدى! يوشىيا دادىسىغا ئوخشاش يامان ئادەم بولدىمۇ؟ – ياق، ئۇ ياخشى پادىشا بولغان.
سەفانىيا خەلىقكە بۇتلارغا ئىبادەت قىلماسلىق كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى
يوشىيا بەك ياش بولسىمۇ، يەھۋاغا قۇلاق سېلىشنى خالىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پەقەت يەھۋانى ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەر بىلەنلا دوست بولغان. ئۇلار يوشىياغا توغرا ئىش قىلىشقا ياردەم بەردى.كىم ئۇنىڭ دوستلىرى بولغانلىقىنى بىلىۋالايلى.
ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ بىرى سەفانىيا ئىدى. ئۇ پەيغەمبەر بولغان. سەفانىيا ئىسرائىللىقلارغا بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشنى توختاتمىسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى يامان بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. يوشىيا سەفانىياغا قۇلاق سېلىپ، بۇتلارغا ئەمەس، يەھۋاغا ئىبادەت قىلغان.
يوشىيانىڭ يەنە بىر دوستى يەرەمىيا بولغان. ئۇ يوشىيا بىلەن بىر ياشلىق بولۇپ، ئۇلار كىچىكىدىن بىر-بىرىگە يېقىن جايدا ياشىغان. ئۇلار شۇنچىلىك قويۇق ئارىلاشقانكى، يوشىيا ئۆلگەندە، يەرەمىيا ئۇنى ناھايىتى سېغىنىپ، ئۇنىڭغا بېغىشلاپ ناخشا يازغان. يەرەمىيا بىلەن يوشىيا بىر-بىرىگە توغرا ئىش قىلىشقا ۋە يەھۋاغا قۇلاق سېلىشقا ياردەم بەرگەن.
يەرەمىيا ۋە يوشىيا بىر-بىرىگە توغرا ئىش قىلىشقا ياردەم بەرگەن
يوشىيانىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايسىز؟ – يوشىيا ھەتتا كىچىك بولغاندىمۇ، توغرا ئىش قىلىشنى خالىغان. ئۇ يەھۋانى ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەر بىلەن دوست بولۇش كېرەكلىكىنى بىلگەن. سىزمۇ دوستلارنى يەھۋانى ياخشى كۆرىدىغان ۋە سىزگە توغرا ئىش قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن ئىزدەڭ!
مۇقەددەس كىتابىڭىزدىن ئوقۇڭ
تارىخنامە 2-يازما 33:21—25؛ 34:1، 2؛ 35:25